title
stringlengths
7
341
content
stringlengths
19
117k
link
stringlengths
44
49
تۇرپاننىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ℃75قا يەتتى
تۇرپاندا يېقىنقى بىر قانچە كۈندە تېمپېراتۇرا ئۇدا يۇقىرى بولدى، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ℃75قا يەتتى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃40تىن ئېشىپ كەتتى. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/y0njLd5swWxKRfX_xAWp9g
https://www.nur.cn/news/2024/06/26672878.shtml
چاغاندا دەم ئالمايمىز
2025-يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چاغان مەزگىلىدىكى ئەشيا ئوبوروتى، تېز يوللانما توشۇش مەسىلىسىگە قارىتا، شۈنفېڭ، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق شىركەتلەر توشۇشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/vvOdZI-IHNSatD22SfAEog
https://www.nur.cn/news/2025/01/27553670.shtml
تېز يەتكۈزگۈچى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ!
تېز يەتكۈزگۈچى لۈەن يۈشۈەي بۇ يىلقى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش ئامما گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، لۈەن يۈشۈەي تاغدا چوڭ بولغان، تاغقا چىقىپ دورا يىغىش، توشقان قوغلاش جەريانىدا يۇرتىدىكى تاغ يولى ئۇنىڭ يۈگۈرۈش باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. تېز يەتكۈزگۈچى بولغاندىن كېيىن، ئۇ مارافونچە يۈگۈرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. بەدەن ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ پۇتىغا قۇم خالتىسى باغلاپ مال يەتكۈزگەن، ئامال بار لىفىتقا چىقماي پەلەمپەيدە ماڭغان، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە كېچىدە يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغان. مانا ھازىر ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ! ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز! مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/mrMQelnMFAYiGwavCA02qA
https://www.nur.cn/news/2024/07/26781153.shtml
موڭغۇلكۈرە ⇋ ئونسۇ تاشيولى قۇرۇلۇشىغا ئائىت يېڭى ئۇچۇر
مەنبە: 天山之声 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/uQ9-vPekSEtTwTtuulpG5Q
https://www.nur.cn/news/2024/09/26982572.shtml
كېلىڭ! بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىمىز
ياز كىرىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە غۇلجىنىڭ ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى ئەڭ گۈزەل پەيتىنى كۈتۈۋالدى. قېنى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھەممەيلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى! مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/k916Ty-9jeCglguS9QlMaQ
https://www.nur.cn/news/2024/06/26683098.shtml
قەشقەردىكى بۇ كاۋاپچى تورداشلارنى جەلپ قىلدى!
يېقىندا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىر يىگىت ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىغاچ كاۋاپ پىشۇردى، ئۇنىڭ قېشىنى ئېتىپ، بوينىنى تولغاپ كاۋاپقا زىرە سېپىۋاتقان يۇمۇرىستىك قىياپىتى نۇرغۇن مېھماننى جەلپ قىلدى. تورداشلار بەس-بەستە: «كاۋاپ سېتىشقىمۇ ماھارەت كېتىدىكەن، ئۇنىڭ بوينى بەك ئەۋرىشىمكەن»، دېيىشتى. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/q4PPbgucrxl-laymCsTfYg
https://www.nur.cn/news/2024/09/27068541.shtml
بالام يۈرەك سوقۇشىڭىز توختاپ قالمىسۇن!
شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىكى تۇغۇلغىنىغا 100 نەچچە كۈن بولغان ئۇيغۇر بوۋاق ئون نەچچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ، قىزىتمىسى يانماسلىق، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بوۋاقنى چوقۇم تېزدىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالاش كېرەك ئىكەن. ئەمما بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دادىسى ئەما، ئانىسى مېيىپ بولۇپ، ئۇلار بالىنى يىراققا ئاپىرالمايتتى. ئاخىرىدا كۆپ تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بوۋاق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن چېڭدۇغا جىددىي يۆتكەلدى. نۇرغۇن كىشى بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بەس-بەستە بالىغا پۇل ئىئانە قىلدى. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/tzSaJDmI0vcOaTTItbEqaA
https://www.nur.cn/news/2024/10/27177082.shtml
شىنجاڭدىكى شوپۇرلار 10 مىليوندىن ئاشتى!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش باش ئەترىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 9 مىليون 130 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل 7 مىليون 176 مىڭغا يەتكەن؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى 10 مىليون 233 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى 9 مىليون 695 مىڭغا يەتكەن. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/bEt_7v6wT0X6BoyaiwYltg
https://www.nur.cn/news/2026/02/28574367.shtml
بۇ ھەپتە شىنجاڭدا 3 قېتىم قار ياغىدۇ
قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ! بۇ ھەپتە شىنجاڭدا 3 قېتىم قار ياغىدۇ مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى «تېز توڭلاش» ئەندىزىسىگە كىردى بۇ ھەپتە (1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە) پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن ئاستا ئۆرلىدى لېكىن قار، بوران يەنىلا «باش رولچى» بولىدۇ مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قار ياغىدىكەن شىمالىي شىنجاڭدا بىر قېتىم رايون خاراكتېرلىك قىيپاش شەرق شامال چىقىدۇ شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ تۇمان (قار) كۆرۈلىدۇ مەنبە: خەلق تورى ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/g1qPj883eSunwjw8ZZxKEw
https://www.nur.cn/news/2026/01/28536132.shtml
شىنجاڭدىكى تۆمۈر يوللاردا «تىنچ ۋاگون» مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ
2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى لەنجۇۋ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتنايدىغان خېشيې ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ كارىۋاتلىق ۋاگونىدىن باشقا ۋاگونلىرىدا «تىنچ ۋاگون» مۇلازىمىتىنى بىر تۇتاش ئومۇملاشتۇرىدۇ، ھەر بىر ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدا بىر «تىنچ ۋاگون» تەسىس قىلىپ، ۋاگون ئىچىگە قېلىپلاشقان، بىرلىككە كەلگەن «تىنچ» بەلگىسى ۋە مۇلازىمەت ئەسكەرتىش كارتىسى ئورنىتىپ، پويىزنىڭ ئۈن- سىن، رادىيو ئاۋازىنى تەڭشەش، يولۇچىلارنىڭ ئاۋاز چىقارماي ھەرىكەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، يولۇچىلارنى نىسبەتەن تىنچ بولغان پويىز ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، يولۇچىلارنىڭ پەرقلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، راھەت ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرىدۇ. مۇھەررىر: زۇمرەت مۇتەللىپ مەسئۇل مۇھەررىر: مەۋلۇت ئىبراھىم، مىرئادىل ناسىر نازارەتچى: ئابدۇرېشىت ئابدۇغېنى مەنبە: ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/35tSC5eRdkfoKCJp-kq6FQ
https://www.nur.cn/news/2026/01/28550014.shtml
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنىڭ پويىز بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلىدى
2026-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى 2-ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدۇ. 2026- يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى (يەنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، يەكشەنبە)دىن 2- ئاينىڭ 23- كۈنى (يەنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، دۈشەنبە)گىچە، جەمئىي توققۇز كۈن بولىدۇ. نۆۋەتتىكى تۆمۈر يول يولۇچىلار بېلىتىنى 15 كۈن ئالدىن سېتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يولۇچىلار 1- ئاينىڭ 23- كۈنى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى قايتىش سەپىرىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋېلىشنى ئەسكەرتىمىز. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى (يەنى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى)نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ؛ 2- ئاينىڭ 9- كۈنى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ 7- كۈنى (يەنى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى)نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ؛ 2- ئاينىڭ 17- كۈنى يۈەنشياۋ بايرىمى (يەنى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى)نىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. مۇھەررىر: ئايقۇت مەھمۇت مەسئۇل مۇھەررىر: مەۋلۇت ئىبراھىم، گۈلناز يارمەمەت نازارەتچى: ئابلىكىم ئابلىمىت مەنبە: ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/i_vijq8VaiX9HGCAi09adw
https://www.nur.cn/news/2026/01/28544722.shtml
جىددىي ئەسكەرتمە
ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى سالياركا يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللاردا كۆرۈلىدىغان ماي قېتىشىۋېلىش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا جىددىي ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى. كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، يوللاردا مۇز تۇتۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. بولۇپمۇ سالياركا يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللاردا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سالياركا قېتىشىۋېلىش، ماي يولى توسۇلۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، يول يۈرۈش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى جۇدۇنلۇق كۈنلەردە، كېچىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا «قېتىش نۇقتىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىدىن 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ماي تاللاش كېرەك: كېچىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا مىنوس 35- نومۇرلۇق سالياركىنى تاللاپ ئىشلىتىش، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغاندا مىنوس 20- نومۇرلۇق سالياركىنى تاللاپ ئىشلىتىش، ھەرگىزمۇ 0- نومۇرلۇق سالياركىنى ئىشلىتىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق كېرەك. رايون ھالقىپ ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىققاندا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق يول بۆلىكىدە سالياركىنىڭ تۇيۇقسىز قېتىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەن نومۇرلۇق سالياركىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. مۇھەررىر: زۇمرەت مۇتەللىپ مەسئۇل مۇھەررىر: مىرئادىل ناسىر ،گۈلناز يارمەمەت نازارەتچى: ئابلىكىم ئابلىمىت مەنبە: ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/3CzU83ro0npjp3gyYknXWA
https://www.nur.cn/news/2026/01/28534147.shtml
شىنجاڭدىكى كۆپ جايلاردا قار ياغىدۇ
شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىككى قېتىم قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا داۋاملىق تۇمانلىق (قار) ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تېمپېراتۇرا داۋالغۇش شەكلىدە ئاستا - ئاستا ئۆرلەيدىكەن. يېقىندا ئالتاي ۋىلايىتىدە ياغقان قار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قارـ مۇز ساياھىتى، قاتناش قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئالاقىدار تارماقلار كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. 27-يانۋار ۋە 30-يانۋار شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ تۇمان كۆرۈلىدۇ ياكى تۇمانلىق قار ياغىدۇ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، قاتناش ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Wv71hPynhMZCgEUO6RRaxw
https://www.nur.cn/news/2026/01/28553472.shtml
ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەننىڭ ئۈچ ھەسسە مائاشنى قانداق ھېسابلايدۇ؟
قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەننىڭ ئۈچ ھەسسە مائاشنى قانداق ھېسابلايدۇ؟ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مائاشىنى قانۇن بويىچە بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئەمگەكچىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن سائەتلىك ياكى كۈنلۈك مائاش ئۆلچىمىنىڭ %300دىن تۆۋەن بولمىغان مائاشىنى ئايرىم بېرىشى كېرەك. مەنبە: خەلق تورى بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت مەنبە: ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/FJ94ND9OtixcJS6eA-9Vew
https://www.nur.cn/news/2026/01/28544725.shtml
كىملىك سۈرىتىڭىزنى ئۆزىڭىزلا تارتالايسىز
ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكىڭىزنىڭ ۋاقتى توشتىمۇ؟ كىملىك سۈرىتىڭىزنى «ئۆزىڭىزلا» تارتالايسىز. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى 20 يىل بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 2-ئەۋلاد كىملىكنىڭ ۋاقتى 2026-يىلى 7-ئايدا مەركەزلىك توشىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كىملىك ئالماشتۇرۇش مەزگىلىگە قەدەم قويغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بېجىرىلىدىغان ئومۇمىي كىملىك سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، كىملىك ئالماشتۇرۇش بېسىق مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گوڭئەن ئىدارىسى خەلققە قولايلىق بەش چوڭ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. كىملىك ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىملىك ئالماشتۇرۇش ۋاقتى-مۇددىتى توشۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن بېجىرىشتىن مۇددىتى توشۇشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن بېجىرىشكە زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈلۈپ، ئامما (كىملىك ئالماشتۇرۇش) بېسىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ بېجىرىشكە يېتەكلەندى. شەھەر ئاھالىلىرى تور سىرتىدا كىملىك ئالماشتۇرماقچى بولسا، كونا كىملىكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا بېرىپ ئالماش تۇرسا بولىدۇ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامما توردا «شىنجاڭ گوڭئەن ۋېيشىن ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسى ئارقىلىق پۈتۈن مۇساپىدە توردا بېجىرسە بولىدۇ. ئۈرۈمچى گوڭئەن ئورگانلىرى يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزىنىڭ «ئەڭ گۈزەل كىملىك سۈرىتى»نى ئۆزى تارتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، «شىنجاڭ توردا كىنىشكا بېجىرىش» ۋېيشىن ئەپچىسى ئارقىلىق يان تېلېفوندا كۆرسەتمە بويىچە ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن سۈرىتىنى بۇلۇت تېرمىنالىدا ساقلىۋېلىپ، بېجىرگەندە بىۋاستە يۆتكەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەكتەپ، كارخانا ۋە ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا، ئالدىن كېلىشىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مەركەزلىك بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كىملىكنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ، ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ، تەۋەلىكتىكى گوڭئەن شۆبە ئىدارىسى ياكى مەھەللە ساقچىلىرى ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گوڭئەن ئورگانلىرى كۆزنەك مەخسۇس بەنى تەسىس قىلىپ، خادىملارنى تەربىيەلەپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىملىك ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە راۋان بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. مۇھەررىر: دىلرابا ئەنۋەر مەسئۇل مۇھەررىر:مەۋلۇت ئىبراھىم، مىرئادىل ناسىر نازارەتچى: ئابدۇرېشىت ئابدۇغېنى مەنبە: ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/6nnx3jAO61J3wKmgQ12wdg
https://www.nur.cn/news/2026/01/28532752.shtml
بۇ يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ
يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى! 13 خىل يېمەكلىكنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. بىرىنچىدىن، ساختا، ناچار، ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەسىلە بار يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە ئېقىپ كىرىش؛ ئىككىنچىدىن، ساختا تەشۋىق قىلىش، ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈش، مەسىلەن، ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرنى ساغلاملىق يېمەكلىكى قىلىپ كۆرسىتىش، كېسەل داۋالاش ئىقتىدارىدىن بېشارەت بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، يېمەكلىك تۈرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۇچۇرى ھەقىقىي بولماسلىق، ئىستېمالچىلارنى خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتا خاتا يېتەكلەش قاتارلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ئەڭ گەۋدىلىك، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئۈچ چوڭ ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا: «بەلگىلىمە»دە ئىككى چوڭ يادرولۇق مەنئى قىلىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە سېتىش مەنئى قىلىنغان 13 خىل يېمەكلىك ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھايات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار قوشۇلغان يېمەكلىكلەر؛ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزم، ئېغىر مېتاللار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛ ۋاقتى ئۆتكەن، چىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، كۆكىرىپ قۇرتلاپ كەتكەن يېمەكلىكلەر؛ كېسەل تېگىپ ئۆلگەن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، گۆش تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى؛ بەلگىسى يوق، ئالدىن ئورالغان يېمەكلىكلەر؛ دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى ئېنىق مەنئى قىلغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار. بۇ بەلگىلىمىلەر ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى مەسىلىسىگە بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى يېمەكلىكلەرگە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەپ بەردى. مەنبە: خەلق تورى بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى مۇھەررىر:مەلىكەم مەمەت ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Zx3MTWElQ-gBQFIGHM9WvA
https://www.nur.cn/news/2026/01/28532755.shtml
شىنجاڭدىكى كۆپ جايلاردا قار ياغىدۇ
شىنجاڭ ھاۋارايى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە، 3-فېۋرال كېچىدىن 4- فېۋرال كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قار ياغىدىكەن. ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قار مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ، يول تېيىلغاق بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، يول قاتنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تۇمانلىق، قار-شىۋىرغانلىق كۈنلەردە ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىققاندا چوقۇم سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاڭ. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/dX9F30OUMrU6gcDL7R03Hg
https://www.nur.cn/news/2026/02/28578249.shtml
شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 32 مىڭ 881 يۈەن!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 5202-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5202-يىلى شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 23 مىڭ 188 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %4.6 بولغان. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/EFzoDl8TbOUPxaJ0FoxlgA
https://www.nur.cn/news/2026/01/28574360.shtml
ئەگەشكۈچىدىن باشلامچىغىچە، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل شامال ئېلېكتىرى كەسىپ زەنجىرىگە ئىگە بولدى
14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەگەشكۈچىدىن باشلامچىغا ئۆتۈپ، مەيلى ھاۋا بوشلۇقىدا ياكى دېڭىزدا بولسۇن قوش لىنىيەدە چېچەكلەپ، كۆپ تۈرلۈك يادرولۇق كۆرسەتكۈچلەردە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى زادى قانچىلىك قالتىس؟ 2026-يىلى 5-يانۋار سىچۈەن يىبىندىكى S2000 دۇنيا بويىچە تۇنجى شەھەر مېگاۋات دەرىجىلىك لەيلىمە شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش سىستېمىسى 2000 مېتىر ئېگىزلىكتە مۇقىم مەشغۇلات قىلىپ، بىر كۈندە 385 كىلوۋات سائەت كۈچ چىقىرىپ، كەسىپ رېكورتىنى يېڭىلىدى. 2025-يىلى سېنتەبىردە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان 5000 كىۋادرات مېتىرلىق ھاۋا بوشلۇقىدا شامال كۈچى بىلەن توك چىقىرىش كۈنلۈكى ئىچكى موڭغۇلدا سىناق قىلىنىپ، كۆلەملەشكەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى! ھاۋا بوشلۇقى شامال كۈچى ئېلېكتىر ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېگىزلىك دەرىجىسى 3000 مېتىردىن 5000 مېتىرغا قاراپ يۈرۈشتى. جۇڭگونىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قەدىمى داۋاملىق تېزلەشتى، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يىللىق بىرىكمە ئېشىش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ، جەمئىي 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىنغان ھەم 57 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىرى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى ئۇدا 15 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل شامال ئېلېكتىرى كەسپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېلېكتىرى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 100 مىليون كىلوۋاتتىن يۇقىرى بولغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Di70mgcSQ8oDyfwM0InJAA
https://www.nur.cn/news/2026/02/28574350.shtml
شىنجاڭدا قار يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ!
بۈگۈن چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا قار يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدا كەڭ دائىرىدە يامغۇر ياغىدىكەن. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Mv_5h4qu1NJkOqYRz0dCkA
https://www.nur.cn/news/2026/02/28665645.shtml
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە ئامبىرىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە ئامبىرىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاسىيا-ياۋروپا ھاسىلىي تېبابەت غول ھۈجەيرە گۇرۇھى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە ئامبىرىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ھەم شىنجاڭ يىپەك يولى ئىنسانىيەت ئېرسىيەت بايلىقى ھۈجەيرە ئامبىرىنىڭ ھاياتلىقنى تاۋلاش پىلانىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇدۇڭخابا رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە ئامبىرى شىنجاڭدىكى تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئورتاق مەبلەغ سېلىپ قۇرغان مۇھىم تۈر بولۇپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھۈجەيرىگە ئالاقىدار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە زالى، ھۈجەيرە ئامبىرى، GMP تەجرىبىخانىسى، ھاسىلىي تېبابەت تەتقىقات مەركىزى بىر گەۋدىلەشكەن، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان بىيو تېبابەت پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ. ھۈجەيرە ئامبىرىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ ھۈجەيرە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، داۋالاش، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ئاسىيا-ياۋروپا ھاسىلىي تېبابەت غول ھۈجەيرە گۇرۇھىنىڭ لىدىرى سۈن خېيۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ھۈجەيرە بايلىقىنى ساقلاش ۋە ئىشلىتىش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇ ھۈجەيرىنىڭ «ھاياتلىق بانكىسى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ بىيو تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى موتورغا ئايلىنىدۇ. ئىلغار تېخنىكا بىلەن كەسپىي كوللېكتىپنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يەر يۇقىرى سۈپەتلىك ھۈجەيرە ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. كەلگۈسىدە بىز پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى-ئالىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھۈجەيرە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھۈجەيرە پەن-تېخنىكىسى ئېلىپ كەلگەن بەخت-سائادەتتىن مەنپەئەتلەندۈرىمىز.
https://www.nur.cn/news/2025/06/28015714.shtml
رونالدو: خانلىق مادرىدتا بولغان بولسام مىباپپېغا قانداق توپ تېپىشنى ئۆگىتىپ قوياتتىم
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى مىباپپې خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ توپ تېپىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، بۇ ئۇنىڭ كىرىستىيانو رونالدونىڭ يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بەلگىلىك ھالدا بىردۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى كىرىستىيانو رونالدومۇ ئەڭ بۇرۇن يان ھۇجۇمچى بولغان، كېيىن ئاستا-ئاستا ئوتتۇرا ھۇجۇمچىغا ئۆزگەرتىلگەن. يېقىندا رونالدو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئوخشاشلا مىباپپېنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى: «مېنىڭچە، مىباپپې ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولۇشقا ماھىر ئەمەس، ئۇ ئۇنىڭغا تونۇش ئورۇن ئەمەس، ئەگەر مەن خانلىق مادرىدتا بولغان بولسام ئۇنىڭغا 9-نومۇرلۇق ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىشنى ئۆگىتىپ قوياتتىم، مىباپپې ئەنئەنىۋى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بولماسلىقى، بەلكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە توپ تېپىش ئۇسۇلىنى تېپىشى كېرەك.» مىباپپېنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ناچار ئەمەس بولۇپ، ئۇ مەيدانغا چىققان 31 مەيدان مۇسابىقىدە 38 توپ كىرگۈزگەن، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەربىر مەيداندا بىردىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن، بولۇپمۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزدى، ئەگەر خانلىق مادرىد بۇ مۇسابىقە پەسلىدە تېخىمۇ يىراققا بارالىسا، ئۇ ھەتتا رونالدونىڭ 17 توپ كىرگۈزۈشتەك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن ئۈمىد بار. پارىژ سانت گېرمان دەۋرىدىكى توپ تېپىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، مىباپپې خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئورنى ھەقىقەتەن بەلگىلىك تەڭشەلدى، ۋىنىسىئۇسنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن، مىباپپې تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا يولدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كىرىستىيانو رونالدو ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن ۋاقىتتىمۇ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندىنىڭ سەپ شەكلى ۋە تاكتىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، ئۇسلۇبىمۇ چوقۇم ئوخشىمايدۇ. لېكىن، پۇتبول دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن رونالدونىڭ تەكلىپى ئوخشاشلا ئىنتايىن قۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە، مىباپپې ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇسلۇبىنى تېپىشى كېرەك، ئەگەر خانلىق مادرىدنىڭ سەپ شەكلىگە چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمىسا، ۋىنىسىئۇس بىلەن ئۇ يەنىلا بىر كوماندىدا بولسىلا مىباپپې داۋاملىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبنى ئىزدىشى كېرەك، ھېچ بولمىغاندا ئۇ ھازىر ئاستا-ئاستا يۆنىلىشنى تاپتى. مىباپپې ئوخشاشلا ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئەمەس، بۇ نۇقتىدا ئۇ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئوخشاش، مەيلى تېخنىكا ئالاھىدىلىكى بولسۇن ياكى بەدەن شارائىتى بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش. مىباپپېنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ۋە توپ تېپىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما كاللا توپ، بەدەن تىركىشىشى ۋە توپ ئېلىش ئىقتىدارى ئەنئەنىۋى ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلار بىلەن پەرقلىنىدۇ، ئېھتىياجلىق بولغان پاس بېرىش تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئىقتىدارى جەھەتتە، ئۇمۇ خاررى كېنغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئەگەر مىباپپېنى رونالدونىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۈكسەكلىكىگە يەتمەكچى دېسەك، خانلىق مادرىدنىڭ ھازىرقى سەپ شەكلى بىلەن ئۇنىڭغا يېتىش ناھايىتى تەس. كىرىستىيانو رونالدونىڭ خانلىق مادرىدتىكى ۋاقتىدا توختىماي توپ كىرگۈزەلىشى بېنزېمانىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك، فىرانسىيەلىك بۇ مەرگەن رونالدونى ئوتتۇرا يولدا توسۇش ۋە قوغداش بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، لېكىن ھازىر خانلىق مادرىدنىڭ سەپ شەكلىدە بېنزېمادەك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى يوق، مىباپپې پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. ئەگەر مىباپپېنىڭ قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرماقچى بولسا، ئەڭ ياخشى يان سەپ شەكلى بىلەن ئۇنىڭغا بىر يان ھۇجۇمچى سەپلەپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بېنزېمانىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نۇسخىلاپ كەلگىلى بولىدۇ، بۇ مىباپپېنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىگە پايدىلىق.
https://www.nur.cn/news/1970/01/28659576.shtml
دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2026- يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇۋ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن تەبىئىي جىپسىلاشتۇرىلىدۇ. چىڭمىڭ بايرىمىدا: 4- ئاينىڭ 4- كۈنى (شەنبە)دىن 4- ئاينىڭ 6- كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا: 5- ئاينىڭ 1- كۈنى (جۈمە)دىن 5- ئاينىڭ 5- كۈنى (سەيشەنبە)گىچە خىزمەت ۋاقتى تەڭشىلىپ جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمىدا: 6- ئاينىڭ 19- كۈنى (جۈمە)دىن 6- ئاينىڭ 21- كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. جۇڭچيۇ بايرىمىدا: 9- ئاينىڭ 25- كۈنى (جۈمە)دىن 9- ئاينىڭ 27- كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. دۆلەت بايرىمىدا: 10- ئاينىڭ 1- كۈنى (پەيشەنبە)دىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنى (چارشەنبە)گىچە خىزمەت ۋاقتى تەڭشىلىپ جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. مەنبە: 新疆广播电视台1074交通文艺广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/PjwLijlsINEQM_tWlwsZEg
https://www.nur.cn/news/1970/01/28672560.shtml
بىخەتەر بولغان ئاددىي جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ
بىخەتەر بولغان ئاددىي جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيەنىڭ تەسىرىدىن، نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ، جىنىس، جىنسىي تۇرمۇش ۋە ئاياللار كېسىلى ھەم جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولىدىغان ئىشلىرى ھېلىھەممۇ يوق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، جىنسىيەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان تەبىئي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت، نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئىنىسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ھەم كۆپىيىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبنىڭ بىرى. بىز توغرا بولغان <جىنسىي كۆز قاراش>نى تىكلىگەندىلا، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. 1. بىخەتەر بولمىغان جىنسىي ھەرىكەتتىن ساقلىنىش: جىنسىي جۆرىسىنى دائىم ئالماشتۇرغاندا، ھەم جىنسىي جۆرىسى كۆپ بولغان كىشلەر بىلەن جىنسىي ھەرىكەتتە بولغاندا، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرىلىتىۋېتىدۇ؛ 2. گاندون (بىخەتەرلىك قاپچۇقى)نى توغرا ئىشلىتىش: گاندون يالغۇز ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش رولىنى ئۆتەپلا قالماستىن، ئۇنى ئىشلەتكەندە جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يۇقۇپ قېلىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ 3. مۇۋاپىق بولغان جىنسىي قوغداش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆگىنۋېلىش: ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئارىدىن بىرەسىنىڭ جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان، جىنسىي تۇرمۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، دوختۇرنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان ھالدا جىنسىي تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش (گاندون) ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش لازىم، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ كېسەلنى داۋالاشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئاياللار جىنسىي زورلۇققا ياكى جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغاندا، ئۆزىنى قوغداش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراش دەرىجىسىنى ئامال بار ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ 4. تازىلىققا دىققەت قىلىش؛ ئاياللارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئاناتومىيە قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاسانلىقچە يۇقۇملىنىدۇ، شۇڭلاشقا، ھەرقېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتىن ئىلگىرى-كېيىن ئىككىلا تەرەپ ئۆز ۋاقتىدا تاشقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىمۇ، ئاياللار جىنسىي لەۋنىڭ پاكىز قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم، بۇ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئومۇمەن، بىز توغرا بولغان جىنس كۆز قارىشىنى تىكلىشىمىز، توغرا مۇئامىلىدە بولۇشىمىز لازىم. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاياللار كېسىلىنى بايقىغان ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىش، نوپۇزلۇق مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى تاللاشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش، يوشۇرۇپ ئولتۇرۇپ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى تەرجىمىگە تەمىنلىگەن.
https://www.nur.cn/news/2017/09/419874.shtml
جىنسىي پاراكەندىچىلىككە يولۇققاندا، سۈكۈتتە تۇرىۋېلىش توغرىمۇ؟
جىنسىي پاراكەندىچىلىككە يولۇققاندا، سۈكۈتتە تۇرىۋېلىش توغرىمۇ؟ كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمىتىمىزدە، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ، قىزلارنىڭ، ھەتتا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ يېشىدىكى نارىسىدىلارنىڭمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان توغرىلىق خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەمما بىزدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن، ئائىلىنىڭ يۈز-ئابرويىدىن، ئۇ قىزنىڭ كەلگۈسى خىزمەت، تۇرمۇشلىرىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن، ياكى ئۆزىمىزنى قوغداش(بۇيەردە دىيىلگىنى قۇرامىغا يەتكەن بولسىمۇ) ئېڭىمىزنىڭ سۇس بولغانلىقىدىن سۈكۈتتە تۇرىۋېلىپ ئاچچىق يۇتۇشنى تاللايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، قىزلار جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچىرىغاندا ئىتائەتچىلىك بىلەن بويسۇنۇش پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىدە ئېغىر دەرىجىدە پىسخىكىلىق جاراھەتنى پەيدا قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، جىنسىي پاراكەندىچىلىك تۈپ ئۆزىدىنلا بىر بېسىم مەنبەسى. ئۇزۇن مۇددەتلىك قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر بېسىم مۇھىتى ئادەمنى بوغۇپ ياكى بېكىنمىچىلىك كەيپىياتىغا چۆمدۈرىدۇ بۇنىڭ بىلەن پىسخىكا توسالغۇسى پەيدا بولىدۇ، بۇ تەشۋىشلىنىش، ئەسەبىيلىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىزلارنىڭ نورمال بولغان ئالاقە، بېرىش كېلىشلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، يات جىنىستىكىلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىپ، بىرخىل ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا ئائىلە مۇناسىۋېتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا قىزلار جىنسىي پاراكەندىچىلىككە دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ بىرىنچى قېتىمدىلا، جەسۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرىشى، ئۈنلۈك ئاۋازدا "ياق" دىيىشى، قورققىنىدىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماسلىقى، قارشى تەرەپنىڭ ئىنساپسىزلىق قىلمىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن بار كۈچى بىلەن ساقلىنىشى كېرەك. خاراكتېرى ئېغىرراق بولغان جىنسىي پاراكەندىچىلىككە دۇچ كەلگەندە، ئىسپات توپلاشقا دىققەت قىلىشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، قانۇنىي قورال ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىۋېلىشى زۆرۈردۇر. قىزلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەنمۇ، كىيىم-كېچەك جەھەتتىن بولۇپمۇ كەچلىك يىغىلىشلارغا ياكى بەزى پىنھان جايلارغا بارغاندا، ھەددىدىن زىيادە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسسى مۇنداق ئەسكەرتمە بېرىدۇ: جىنسىي پاراكەندىچلىك يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشى، ئۆز ۋاقتىدا ئەڭ يېقىنلىرىغا كۆڭۈل سىرلىرىنى دەپ ئىچى-پۇشۇقىنى چىقىرۋېلىشى، پىسخىكا دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئېلىشى، ئۆزىمۇ كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، چېنىقىش، ساياھەتكە چىقىش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەپ، بىرقەدەر تۇراقلىق پوزىتسىيە ھالىتىنى ساقلاشقا تىرىشىشى كېرەك. مۇتەخەسىسىمىز يەنە مۇنۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى: جىنسىي پاراكەندىچىلىك دېسىلا، كىشىلەر غەيرىي جىنىسلىقلار(قىز-ئوغۇللار) ئارىسىدىكى ئىشنى ئويلايدۇ، راستىنى ئېيتقاندا ئەرلەر، ئوغۇل ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئېيتقاندا، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشكۈچىلەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خېلى كۆپ ساندىكى ئوغۇللار ئۆزى خالىمىغان ئەھۋالدا باشقا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن جىنسىي ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىك ھېسابلىنامدۇ-يوق؟ ئادەتتە قىزلار ئوغۇللار دۇنياسىدىمۇ بۇ خىل خەتەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشقا ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان شەخسلەر ئىچىدە، ئاياللار (قىزلار)نىڭ سانى ھەقىقەتەنمۇ، ئەرلەر (ئوغۇللار)دىن كۆپ. شۇڭا، ئاياللار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاكتىپ قارشى تۇرۇشقا تېگىشلىك. جىنسىي پاراكەندىلچىككە ئۇچرىغانلار ئىچىدە ئەرلەرمۇ بار، ئەرلەرنىڭمۇ جىنسىي پارەكەندىچلىككە قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتۋازلىرىنىڭ ئوخشاش جىنىستىكى باشقىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتېرىيالغا تەييارلىغان.
https://www.nur.cn/news/2017/02/364705.shtml
ياشلارغا بىر سېگىنال---يەنە سېرىق فىلىم كۆرەمسىز؟!
ياشلارغا بىر سېگىنال---يەنە سېرىق فىلىم كۆرەمسىز؟! ** مەلۇم تورداشنىڭ سۇئالى: سېرىق فىلىم، رەسىملەرنى كۆرسىمۇ كېسەل بولامدۇ؟! بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق جاۋاب تاپالىسىڭىز ئەجەپ ئەمەس. مەزمۇنى ساغلام بولمىغان (ئاممىباپ تىلىمىز بىلەن ئېيتقاندا سېرىق فىلىم دەپ ئاتايلۇق) فىلىم، رەسىملەرنى كۆرسىمۇ كېسەل بولىدۇ. بۇ ئۆز ئالدىمىزغا ئۇستاتلىق بىلەن ياكى قانداقتۇر ياش يىگىتلەرگە تەھدىت سۈپىتىدە ئاغزاكى ئېيتىلغان جاۋاب ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانا ئەرلەر بۆلۈمىمىزنىڭ كىلىنىكىلىق سىتاتىستىكا نەتىجىسىنىڭ كۆرسەتمىسى. بۇ ئىشقا ئۇزۇن مۇددەت بېرىلىپ كەتكەندە يەنە مەزى بېزى ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى ۋە ئۇرۇق يوق بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار---دىدى شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسىسى، ئەرلەر دائىم سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق "ئۆزى تەرىپىدىن" بەدىنىنى ھاياجانلاندۇرۇپ قوزغاتقاندا،  قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشى ھەتتا ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ. **بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئۇنىڭدا سىيگەندە ئاغرىيدىغان، سۈيدۈك قىستايدىغان "غەيرىي" ئالامەتلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان، دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرگەندىلا ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. بىز ئالىي مەكتەپ ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ يېشى كىچىك تۇرۇپلا مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى كۆپ ئۇچىراتتۇق، بۇلار بىلەن ئۇچىراشقاندا تەكرار سوراش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ بىرقىسىم سېرىق تور بېكەتلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئۇلار ئۆزىچە مۇنداقلا كۆرۈپ قويغانغا نىمە بولاتتى دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا، يىگىتلەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇتەخەسىسىسىمىز مۇنداق دەيدۇ: نۇرغۇنلىغان ئەرلەر كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىرلا ئولتۇرسا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ سېرىق فىلىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆز ئارزۇسىنى قاندۇردىغان بۇ خىل سەزگۈ ئەزالىرىنى قوزغىتىشقا كۆنۈپ قالغاندا، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىرىشىپ كېتىپ ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ قېلىش سەۋەبتىن مەزى بېزى بېسىلىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرراق بولغىنى، مۇشۇنداق سېرىق مەزمۇندىكى تور بەتلەرنى دائىم كۆرگەندە بۇ تەبىئي ھالدا يىگىتلەردە فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس پەيدا قىلىپ، "ئۆزى" نىڭ پەيدا قىلىشىدىن مەزى بېزىگە ئادەتتىن تاشقىرى قان تولۇش كېلىپ چىقىپ، ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا مەزى بېزىدا مېكروبسىز ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى بولسا ئىسپىرمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ياكى جىنسىي ھاياجانلانغاندا، مەزى بېزىغا قان تولۇپ ئىششىيدۇ، ئاجراتما ماددىلار كۆپىيىدۇ، "ياشلارنىڭ سېرىق تور بەتلەرنى، فىلىملەرنى كۆرگەندە ئېلىپ كېلىدىغان بىۋاستە زىيىنىنىڭ بىرسى مەزى بېزىگە قان تولۇشتىن ئىبارەت"،-دىدى بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسىسى. يىگىتلەر جىنسىي ھاياجان ھالىتىدە، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ئارقا سۈيدۈك يولىغا يىغىلىپ، چىقىپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما مەزى بېزى توختىماي سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، غىدىقلاش يېتەرلىك بولمىغاندا، سۇيۇقلۇق چىقىپ كېتەلمەيدۇ، بىراق يەنە توختىماي غىدىقلاش بەرگەندە، يەنە مۇشۇنداق ئەھۋال توختىماي تەكرارلىنىپ، ئارقا سۈيدۈك يولىدىكى مىكروبلار كۆپىيىپ،تۇغۇندى  خىمىيۋىلىك ياللۇغ يەنى، ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ياكى ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسىسى يەنە مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلىدى: بىر بىمارىمىز كەلگەن بولۇپ، توي قىلىپمۇ ئۇزۇن مۇددەتكىچە پەرزەنتلىك بولالمىغان، مەنىي سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇق يوقلۇقى مەلۇم بولغان، سالامەتلىك تەكشۈرگەندە دوختۇر ئۇنىڭ قوشۇمچە ئۇرۇقداندا قاتتىق تۈگۈرچەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئۇ بۇرۇن قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان. بۇ بىمار بىلەن تەپسىلىي ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بۇ يىگىتنىڭ بۇرۇن بىرمەزگىل سېرىق تور بەتلەرگە قاتتىق بېرىلىپ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان تارىخىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىدۇق، بۇنىڭغا ئوخشاش يىگىتلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس، بەزەنلىرىنىڭ ئانانىزىم ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇقنىڭ كۆپىنچىسى ھاياتىي كۈچى يوق ئۆلۈك ئۇرۇق، بەزەنلەرنىڭ ئۇرۇق نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىشتىن ئۇرۇقسىز قالغان ئەھۋال...بۇ ھەقىقەتەنمۇ پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىنىڭ بىرى. گەرچە سېرىق فىلىم، سېرىق رەسىملەرنى كۆرۈش بىلەن بىۋاستە سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما كلىنىكىغا نسىبەتەن، بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ چەتكە قاقمايمىز. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتېرىيالغا تەييارلىغان.
https://www.nur.cn/news/2017/02/364713.shtml
2020 ـ يىللىق خەلقئارا مەنزىرە فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر
توۋتياۋ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى بۈك ـ باراقسان يېشىل ئورمانلىقتىن ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغان كېچە ئاسمىنىغىچە، 2020 ـ يىللىق خەلقئارا مەنزىرە فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى!
https://www.nur.cn/news/2020/12/15916256.shtml
رومانتىكا مەڭگۈلۈك تېمىدۇر
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: «قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە پېتىشى، رومانتىكىلىقنىڭمۇ مەڭگۈلۈك تېما بولۇشى ھەقىقەتتۇر». تۆۋەندە Digital Collageنىڭ بىر گۇرۇپپا قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇراشتۇرما سۈرەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى:
https://www.nur.cn/news/2021/01/16151020.shtml
باش نازارەتچىسى مېسسىنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن رېپىرلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى
جىبوبا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، لوس ئانژېلېس FC كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن مەيئامى خەلقئارا كوماندىسىنى يەڭدى. مۇسابىقىدىن كېيىنكى ۋىدېيودىن مېسسىنىڭ غەزەپ بىلەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادەم تېپىپ مۇنازىرىلەشمەكچى بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ESPNنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېسسى رېپىرلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرمىگەن. ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول چوڭ بىرلەشمىسى مېسسىنىڭ رۇخسەتسىز رېپىرلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرگەنلىك ئىشىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. تارقىلىپ يۈرگەن سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيئامى خەلقئارا كوماندىسىنىڭ بۇ كاپىتانى قىسقا ۋاقىت رېپىرلار رايونى ئەتراپىدا پەيدا بولغان، بىرلەشمە ئارقىدىنلا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان. بىراق، كەسپىي رېپىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت باش نازارەتچىسى كىرىس رىۋېت ESPNغا مېسسىنىڭ رېپىرلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرمىگەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى رېپىر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ بۇ رايونغا كىرمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق.» ئامېرىكا ئىنتىزام كومىتېتى ئادەتتە كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن بۇرۇن بارلىق جازالاش قارارىنى ئېلان قىلىدۇ، لېكىن تەكشۈرۈش ۋاقتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. توپچىلارمۇ بۇ كېسىمگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، بۇ بەلكىم نەتىجىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى يەنىمۇ كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن. مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ جازاسىدىن نارازى بولغان-بولمىغانلىقى سورالغاندا، مەيئامى خەلقئارا كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى خاۋىيېر ماسچېرانو مېسسىنىڭ ھاياجانلانغانلىقىنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىم. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەن بىۋاستە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قايتتىم.»
https://www.nur.cn/news/1970/01/28665348.shtml
كۈلكىلىك! بۇ ئادەم رونالدونى ئەسلا توپ تېپىشنى بىلمەيدۇ دېدى...
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى كاسانو مەيلى مەيدان ياكى مەيدان سىرتىدا بولسۇن ئىزچىل تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە شۇنداق. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «DC»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيەلىك بۇ توپچىنى 2006-يىلى فىلورېنتىنو خانلىق مادرىدقا تونۇشتۇرغان، ئەينى ۋاقىتتا فىلورېنتىنو ئۇنى ئىتالىيەلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى دەپ ئاتىغان. لېكىن، ئۇ يېقىندا يەنە بىر قېتىم رونالدونى يامان گېپىنى قىلدى، چۈنكى ئۇ رونالدونى ئۆز كۆڭلىدىكى ئون چوڭ چولپان تىزىملىكىگە كىرگۈزمىدى. كاسانو رونالدونىڭ ئەسلا توپ ئوينىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىرىستىيانو رونالدو ئەسلا توپ تېپەلمەيدۇ. 3000 توپ كىرگۈزگەن ھالەتتىمۇ، مەن بەك پىسەنت قىلمايمەن. ھىگۇايىن، ئاگۈيرو، بېنزېما، ئىبراھىموۋىچ ۋە سۇئارېز قاتارلىقلار كوماندا بىلەن قانداق ماسلىشىشنى بىلىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدۇ، رونالدوغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى توپ كىرگۈزۈش.» كاسانونىڭ بۇ سۆزى رونالدونىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. كاسانو «BSMT» پىروگراممىسىدا، رونالدونىڭ ئۆزىگە قىسقا ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئىككىيلەننىڭ تېلېفوندا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن رونالدونى بىرىنچى دېيىشىم كېرەككەن، كىرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ، چۈنكى مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، توپچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىش.» ئارقىدىن ماڭا بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى، قىسقا ئۇچۇردا ئۇنىڭ بارلىق لوڭقا، توپ كىرگۈزۈش ۋە ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئاندىن ئۇ ماڭا يەنە ئاۋازلىق سۆز قالدۇرۇپ، سەن مېنى ھۆرمەتلىمەيسەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلما، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدىم: «سۆيۈملۈكۈم كىرىستىيانو، گېپىمنى ئاڭلاڭ. سىزنىڭچە مەن سىزنى ھۆرمەتلىمەيمەنكەن، لېكىن مەن پەقەت سىزنىڭ توپ تېپىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن خالاس. بىرەر مەسىلە بارمۇ؟» شۇنى دېمەي تۇرالمايمىزكى، كاسانو ھەقىقەتەن بىر قىزىقچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ رونالدوغا تايىنىپ ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ تالاش-تارتىشقا تولغان ئادەمنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى نورمال ئىش، ئۇ بۇنداق قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن چوقۇم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن گەپ قىلىش كېرەك، ئادەم باشقىلارنى ياقتۇرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن كەمسىتمەسلىك كېرەك. رونالدونىڭ ئىنكاسىغا كەلسەك، بۇمۇ كاسانونىڭ ئۆزى دەۋالغان گەپ. قانداقلا بولمىسۇن رونالدونىڭ بۇنداق گەپلەرگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. يەنىلا سېلىشتۇرۇپ باقايلى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن، لېكىن خانلىق مادرىد مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار چوقۇم ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ! كاسانونىڭ خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەن ۋاقتى پەقەت بىر يىلدىن ئاشقان، گەرچە ئۇ دەسلەپتە كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا كىشىلەر ئۇنىڭ ئىنتىزامچانلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ ئۇنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى رىقابەت كۈچىدىكى بىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەمەلىيەتتە، كاپېللو ئىككىنچى قېتىم خانلىق مادرىدقا تىرېنېر بولغان مەزگىلدە (2006 / 2007)، كاسانو نەق مەيداندا باش تىرېنېرنىڭ بۇيرۇقىدىن گۇمانلىنىپ، نەچچە ئاي مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن. ئاخىرىدا ئۇ خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن پەقەت 29 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، تۆت توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر 41 ياشلىق رونالدو يەنىلا توپ تېپىۋاتىدۇ، ئۇ 1000 توپ ئۆتكىلىگە يېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. رونالدو خانلىق مادرىدتىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق رىۋايەت. 7-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيگەن بۇ توپچى 438 مەيدان رەسمىي مۇسابىقىدە 451 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، خانلىق مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان رېكورتى ھازىرغىچە بېرنابۇ توپ مەستانىلىرىنى ھەۋەس قىلدۇرماقتا. رونالدونىڭ رەھبەرلىك كۈچى، ئۇلۇغۋار ئىرادىسى، تۆھپە قوشۇش روھى ۋە شەخسىي سېھرىي كۈچى، ئۇ خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ توپ مەستانىلىرىنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى، كىشىلەر بۇ ھۇجۇمچىنىڭ تارىخ يارىتىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلىپ بولدى … لېكىن ئۇمۇ ھەقىقەتەن قىلالىدى.
https://www.nur.cn/news/1970/01/28669207.shtml
ئاپتوموبىلىڭىز 100 مىڭ كىلومېتىر ماڭغان بولسا بۇ يەرلەرنى تەكشۈرۈڭ
نۇر تورى تەرجىمىسى ھازىرقى ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكىسى بارغانسېرى ئىلغارلاشماقتا، ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللاردىمۇ ئاسانلىقچە كاشىلا كۆرۈلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر يۈرۈش ئومۇمىي مۇساپىسى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇزۇن يوللۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مېڭىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك، بولۇپمۇ 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارنى. نېمىلا دېگەن بىلەن يۈرۈش مۇساپىسى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا، ئاپتوموبىلنىڭ بەزى زاپچاسلىرىدا ئاسانلا كونىراش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاپچاسلارنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىدە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ، ئەگەر نورمال يول يۈرگەندە تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ قالسا، بىر تەرەپ قىلىش ئاۋارىچىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن خەتەرلىك. شۇڭا، ئاپتوموبىل 100 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز، بۇزۇلۇپ قالمىغان ھالەتتىمۇ، زىيان تارتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، ئالدى بىلەن نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغىنى ھەر خىل قاپلىمىلار قاپلىما ئاسان كونىراپ كېتىش سەۋەبىدىن مەسىلە كۆرۈلىدىغان زاپچاس، بولۇپمۇ يېرىم ئوقلۇق چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش قاپلىمىسى ۋە ئۈچ بۇلۇڭلۇق قاپلىما. يېرىم ئوقلۇق چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش قاپلىمىسى ئەمەلىيەتتە شارسىمان تور ئىچىدىكى سىلىقلاش مېيىنى ھىملاشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مېخانىكىلىق سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلىتىش ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. ئەگەر چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش قاپلىمىسى كونىراپ كەتسە، ھەتتا بۇزۇلۇپ كەتسە، تەبىئىي ھالدا ھىملاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ماي ئېقىپ كېتىشى، گاز يەتكۈزۈش تورى ئاسانلا بۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۈچ بۇلۇڭلۇق قاپلىما ئادەتتە تىزگىنلەش يەلكىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى رېزىنكە قاپلىمىنىڭ ئاساسلىق رولى سوقۇلۇشنى پەسەيتىش بولۇپ، ئاپتوموبىل ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا يۈرگەندە ئېغىر سىلكىنىپ كەتسە، رېزىنكە قاپلىما سوقۇلۇشنى پەسەيتىش رولىنى ئويناپ، تەۋرىنىپ بۇزۇلۇشنى ئازايتىدۇ. قاپلىما ئادەتتە كاۋچۇكتىن ياسىلىدۇ، ۋاقىت قانچە ئۇزارسا شۇنچە كونىرايدۇ، 100 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەندە بۇزۇلۇپ قالمىغان ھالەتتىمۇ تەكشۈرۈپ ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەنە سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇكى، سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچ ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭغۇل-دوڭغۇل يول بۆلەكلىرىدە يۈرۈشىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىدۇ، ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرى-تۆۋەن سىلكىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچتە مەسىلە كۆرۈلسە، ئادەتتە ماي ئېقىپ كېتىش ۋە ھەيدەش تەسىراتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماي ئېقىش ئىنتايىن ئاددىي، بىۋاسىتە كۆز بىلەن كۆزەتكەندە، ماي سۇيۇقلۇقىنىڭ قارىماققا ئىنتايىن مەينەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، چۈنكى ماي سۇيۇقلۇقىغا چاڭ-توزان چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، ئوخشاشلا ماي ئېقىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچتە مەسىلە كۆرۈلسە، ھەيدەش راھەتلىكىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرگەندە بىر قەدەر چوڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت، يۇقىرى چەكتە ئېغىر دەرىجىدە قىيسىيىش، ھەتتا ئۆرۈلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تورمۇز دىسكىسىنى تەكشۈرىمىز ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇز سىستېمىسىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ سۆزلەشنىڭ لازىمى يوق، بولۇپمۇ تورمۇز تەخسىسى ۋە تورمۇز دىسكىسى، تورمۇز تەخسىسى ئاسان ئۇپرايدىغان دېتالغا تەۋە، ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تورمۇز دىسكىسىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈركىلىشنىڭ ھەممىسى نىسپىي بولىدۇ، ئەگەر تورمۇز تەخسىسىنى ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولسا، بۇ تورمۇز دىسكىسىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ بەزى ئاپتوموبىلنى بىر قەدەر كۈچەپ ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 20-30 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرسىلا تورمۇز تەخسىسىنى ئالماشتۇرىدۇ، 100 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن تورمۇز دىسكىسىنىڭ ئۇپراش دەرىجىسىنى تەكشۈرىدۇ. كۆپ ھاللاردا، ئەگەر ئىككى-ئۈچ قېتىم تورمۇز تەخسىسى ئالماشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا تورمۇز دىسكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ. بولمىسا ئۇزۇن داۋاندىن ئۆتكەندە، ئۇزۇن ۋاقىت تورمۇزلاش سەۋەبىدىن ئاسانلا تورمۇز دىسكىسى زىيادە قىزىپ، ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا تورمۇز ئىشلىمەسلىك خەۋپى كۆرۈلىدۇ. تۆتىنچىدىن، تاسمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ دەل پەيتلىك تاسما ۋە قوشۇمچە تاسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيتلىك تاسما ئىشلىتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن، 100 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەندە ئەمەلىيەتتە تەكشۈرۈشنىڭ لازىمى يوق، ئاساسىي جەھەتتىن بىۋاسىتە ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكىنى پەيتلىك زەنجىر بولسا، ئۇنداقتا ئاساسلىقى قوشۇمچە تاسمىنى تەكشۈرىمىز، ئۆمرى تەخمىنەن 100 مىڭ كىلومېتىر بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە ئادەتتىكى ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئادىتى ۋە يىل چەكلىمىسىنى ئويلىشىش كېرەك، ۋاقىت قانچە ئۇزۇن، مۇساپە قانچە ئۇزۇن بولسا، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە، كۆز ئارقىلىق قوشۇمچە تاسمىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۈستىدە ئىنچىكە يېرىقلار پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر كۆپ بولسا، روشەنكى بەك كونىراپ كەتكەن بولىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر يۈرۈش جەريانىدا ئۈزۈلۈپ قالسا، گەرچە ئۇنچە خەتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئاپتوموبىل بۇزۇلغانلىقتىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە ئامالسىز قېلىپ، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەشىنچىسى، ماي ھىملىغۇچ (سالنىك) ماي ھىملىغۇچنى تەكشۈرۈشتە، ئاساسلىق قىلىپ ئاپتوموبىلدا ماي ئېقىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىش كېرەك، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك جايلار بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن، ئەگرى ئوق، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىمقڭ ماي ھىملىغۇچىسى، يەنە كىلاپانخانا قاپقىقىنى كۆزىتىش، تورمۇز شىلانكىسى ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ كەتكەنمۇ-يوق دېگەنلەرنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئاپتول ئېقىپ كېتىشكە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەگەر تورمۇز مېيى، رول ياردەمچى ياپراقچىسى سۈيى ئېقىپ كەتسە، بۇ سۇيۇقلۇق ئالاقىدار زاپچاسلارنى چىرىتىدۇ، ئەگەر ئېقىپ كېتىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولسا، ماي قالدۇقلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ئىسسىق شامال ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرىپ، شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىز ھازىر قانچە كىلومېتىر مېڭىپ بولدى؟
https://www.nur.cn/news/1970/01/28667195.shtml
سۇئارېز تارتىپ تارتىپ بولالمىدى! مېسسى غەزەبلىنىپ رېپىرلار تۇرۇشلۇق رايونغا باردى
جىبوبا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، لوس ئانژېلېس FC كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن مەيئامى خەلقئارا كوماندىسىنى يەڭدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، ESPN بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى، تاراتقۇلار مېسسىنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن غەزەپ بىلەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە بارغانلىقىنى، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشمەكچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىر جوس ئارماندونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كەسپىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى چوقۇم تەكشۈرىدىكەن. مېسسى ناھايىتى غەزەپلەنگەن، ئەڭ ئاخىرىدا سۇئارېز ئۇنى تارتىۋېلىپمۇ تارتىپ بولالمىغان، مېسسىنىڭ كىرمەكچى بولغىنى رېپىرلار تۇرۇشلۇق رايون ئىكەن.
https://www.nur.cn/news/1970/01/28665354.shtml
سوۋغا بەرسە موك-موك يەپ، ئارقىدىن «جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالدى» دەپ تۇرۇۋالدى
چېلىشىش تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى جانېل گىرانت WWEنىڭ سابىق خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2019-يىلى شىركەتكە كىرگەن، توختام ماسلاشتۇرغۇچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا جانېل گىرانت WWEنىڭ سابىق رەئىسى ۋىنس مەكمەن، جون لاۋرىناتىس ۋە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننى ئەرز قىلىپ، ئۆزىگە ئۇزاق مۇددەت جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلغان، دەپ ئەيىبلىگەن، بۇ ئىش چېلىشىش مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. ئامما پىكرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن، ۋىنس مەكمەن WWEدىكى بارلىق ئورنىدىن ئىستېپا بەرگەن. يېقىندا سۇنۇلغان ئەڭ يېڭى سوت ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ بۇ ئىشنى چۈشىنىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ 2026-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىشقا قوشۇلغان ھەمدە بىرلىكتە بىر قۇرۇلمىلىق دېلو بايانىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ، ئاغزاكى مۇنازىرىگە تەييارلىق قىلغان، بۇ ئىككىيكەب 6-ئايدا يۈزتۇرانە تىركىشىپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك دېلوسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىندا، جانېل گىرانت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋىنس مەكمەن ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە، دائىم خىزمەتچىلەرگە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئەينى يىلى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئاشكارىلانماي، ئەدلىيە تەرتىپىگە ئارىلىشىشنى قىيىنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇمۇ ۋىنس مەكمەن ۋە ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا خالىغانچە ئىش قىلىشىغا، ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. «خىزمەت سورۇنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئاشكارىلىققا باغلىق، چۈنكى خىزمەتچىلەر كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشمىسا، مەسىلىنى بايقىيالمايدۇ. ئەگەر مەسىلىنى بايقىغىلى بولمىسا، مەسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسقىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەسىلىنى توسقىلى بولمىسا، زىيان يامراپ كېتىدۇ. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى خەتەرلىك قىلمىشلارنى يوشۇرۇشقا ئىشلىتىلگەندە، ئۇ پەقەت زەخىملىنىشنى كېيىنكى خىزمەتچى، كېيىنكى ئىشخانا، كېيىنكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا يۆتكەيدۇ. ھەرقانداق ئادەم سۈكۈت قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق خىزمەت سورۇنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئۈستۈن تۇرماسلىقى، بەلكى ئاپپاراتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك.» جانېل گىرانت يەنە جىنسىي پاراكەندىچىلىك دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، WWEنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئاتالمىش تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پۈتۈنلەي ئامما پىكرىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تەكشۈرۈش جەريانىدا قەستەن ۋىنس مەكمەنگە يان بېسىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زور زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىنس مەكمەننىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيانكەشلىكىمۇ ئۇ ئۆمرىدە يولۇققان ئەڭ ناچار ئىش بولۇپ، ئۇ نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپلا قالماي، يەنە قارا چاپلانغان، بۇ ئىش ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆلۈۋالماقچى بولغان. بىراق جانېل گىرانتنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن سۆزىگە قارىتا، ئاندرېۋ تېيت (داڭلىق بىلوگگېر، سودىگەر، شۇنداقلا سابىق كەسپىي ئەركىن مۇشتلىشىش تەنھەرىكەتچىسى) يېقىنقى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان، شۇنداقلا بىر خىل مەسخىرە ھەم كۈلكىلىك تەلەپپۇزدا بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئاندرېۋ تېيت مەكمەننىڭ جانېل گىرانتقا بەرگەن ھەشەمەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى تىزىملىكىنى ئوقۇپ چىققان، ھەر بىر سوۋغاتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندرېۋ تېيت «بۇ پەقەت قاملاشماپتۇ» دەپ ۋارقىرىغان. «ۋىنسنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى گىرانتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن! بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىش، ئاياللار بىلەن مىلياردېرلار ئالاقە قىلغاندا، ئەڭ ئارزۇ قىلمايدىغىنى سوۋغات! ئاياللار ۋە مىلياردېرلار ئۇچرىشىشقا چىقىپ، ئاندىن نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىشتىنمۇ يامان ئىش بارمۇ! بۇ ھەقىقەتەن جىنايەت!» ئاندرېۋ تېيتنىڭ قارىشىچە، جانېل گىرانت تۈپتىن ھالدا «مەخپىي كېلىشىم» ۋە «جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق دېلوسى»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ۋىنس مەكمەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھەشەمەتلىك سوۋغات ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ھەققىنى تۆلىگەن، بۇ سوۋغاتلارنى قوشقاندا سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ۋىنس مەكمەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل خەجلىگەن. ھازىر جانېل گىرانت ۋىنس مەكمەن ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى يامان ئىش قىلغانلىقىنى دېگەن، لېكىن ئۆزى بولسا بۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلىپ، ۋىنس مەكمەن تەمىنلىگەن ھەشەمەتلىك چوڭ داچىدا تۇرغاندا، ئوتتۇرىغا چىقىپ يىغلىمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاندرېۋ تېيت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «جانېل گىرانت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشقا ئىزچىل جۈرئەت قىلالمىدى، ئاساسلىقى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، ئۇنداقتا سوۋغىلارنى تولۇق قايتۇرۇشى كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ مال-مۈلۈكلەر لىندا مەكمەن بىلمىگەن ئەھۋالدا جانېل گىرانتقا تۆلەنگەن بولۇپ، بۇ ئورتاق مال-مۈلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر راستتىنلا ئادالەتنى ياقلىماقچى بولسا، بارلىق ئىچكى ئەھۋاللارنى ئېلان قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ ۋىنس مەكمەنگە يازغان مۇھەببەت خەتلىرى ۋە ۋىنس مەكمەندىن زادى قانچە پۇل يىغقانلىقى بار.
https://www.nur.cn/news/1970/01/28665177.shtml
تېپىلغۇسىز گۈزەل سۈرەتلەر
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
https://www.nur.cn/news/2020/06/8813159.shtml
مۇنداق بولۇپ قالسىڭىز، جىنسىيەت جەھەتتە قېرىپسىز
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى بەزى كىشىلەرنىڭ يېشى 80گە يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، جىنسىي تۇرمۇشى يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولىدۇ؛ ئەمما بەزى كىشىلەر 40-50 ياشقا كىرىپلا جىنسىي تۇرمۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن توختىتىدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنى جىنسىي جەھەتتىن قېرىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۆۋەندە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتىن قېرىش ئالامەتلىرى: 1. ئىككى قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئارىلىقى ئۈزۈكسىز ئۇزىراش جىنسىي قېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەش، ئىسپېرما مىقدارى ئازىيىش، ھەتتا ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا مەنىي چىقىرىش مۇمكىن بولماسلىق. بۇنى بەلكىم كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، بېسىم ئېغىر بولۇش، تۇرمۇش ئالدىراش بولۇش، ھەمراھى بىلەن بولغان ھېسسىياتتا مەسىلە كۆرۈلۈش قاتارلىقلارنى كۆپ تەرەپتىن باشلاپ ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنىيەتلىك جىنسىي مۇناسىۋەتتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش توختىغان ھامان، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ «قېرىشى» تېخىمۇ تېز بولىدۇ. 2. تىكلىنىش مەسىلىسى گەۋدىلىنىپ قېلىش تەكشۈرۈشلەردىن بايقىلىشىچە، %75 ياشانغان ئەرلەر جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىكەن. ئەگەر تىكلىنىشنى ساقلاش ۋاقتى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، تىكلىنىشنىڭ قاتتىقلىقى ناچارلىشىپ، نورمال جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتسە، ئۇنداقتا ھوشيار بولۇش كېرەك، چۈنكى بۇ بەلكىم تىكلىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى بولۇشى مۇمكىن. تىكلىنىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى بەدەننىڭ قېرىشى ۋە ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرۈشى، يەنە بەزى دورىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك-ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. 3. جىنسىي ئەزانىڭ «قىسقىراپ» كېتىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان ئارىلىق ماددا ھۈجەيرىسى تەدرىجىي قېرىيدۇ ھەمدە چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېستوستېروننىڭ ئاجرىتىلىشى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، زەكەر تۈكى بارغانسېرى شالاڭلىشىدۇ، ئۇرۇقدان نىسبەتەن كىچىكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەزالاردا ئۆزگىرىش بولغاندا ئالاقزادە بولۇشنىڭ لازىمى يوق، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەرلىك ھورمۇننى مۇۋاپىق تولۇقلىسا بولىدۇ. 4. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھەمىشە ھېرىش جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قىسقا ۋاقىتلىق چارچاش مەزگىلى بولۇش نورمال ئەھۋال، لېكىن ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش ئاخىرلىشىپ 24 سائەتتىن كېيىنمۇ يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلسا، ھەتتا بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولسا، بۇ جىنسىي قېرىشنىڭ ئىپادىسى. بۇ ۋاقىتتا، ئەرلەر بەزى يوشۇرۇن كېسەللىكلەر، مەسىلەن، قان ئازلىق، يېنىك دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلى قاتارلىق خەۋپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى، يەنە ئارام ئېلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ مەنىي چىققاندىن كېيىن، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش كېرەك. 5. جىنسىي تۇرمۇشتا تىت-تىت بولۇش جىنسىيەت ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ مەنبەسى، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇش سەۋەبىدىن تەشۋىشلەنسە ياكى كۈن بويى خاۋاتىرىسە، بۇ ئۇنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى تېخىمۇ مۇھىم، مۇشۇ ئارقىلىق ئەر تەرەپنىڭ ئەينى چاغدىكى قايناق ھېسسىياتىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ. ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى: 1. جىنسىي ھاياجانلىنىشقا سەرپ بولىدىغان ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزىراش ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى چېكىنىش ئېھتىماللىقى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن. جىنسىي ئىنكاسنىڭ ئاستىلىشى، «بەدەن قىزىتىش» ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى جىنسىي قېرىشنىڭ بەلگىسى. مۇناسىۋەتتىن بۇرۇنقى باسقۇچنى كۆپەيتىش ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، ياكى ئانانىزم ئارقىلىق جىنسىي ھاياجانلىنىشنى سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. 2. ھەيز توختاش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئاياللاردا جىنسىي تۇيغۇ تۆۋەنلەش، يۇقىرى پەللە تېخىمۇ ئاز، تېخىمۇ ئاجىز بولۇش ۋە جىنسىي ئالاقە ئاغرىش قاتارلىق جىنسىي مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھورمۇن بىلەن داۋالاش ياكى باشقا دورىلار بىلەن داۋالاش. 3. جىنسىي يول قۇرغاقلىشىش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ جىنسىي يول دىۋارى نېپىزلەپ، جىنسىي يولنىڭ سىلىقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، كېڭىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، جىنسىي يول قۇرغاقلىشىش تەدرىجىي ھالدا ئاياللارنىڭ جىنسىي ئالاقىسىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇغا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىلىقلاش مېيى ئىشلىتىپ بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلىشى كېرەك. يەنە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، مۇقىم بولغان جىنسىي تۇرمۇش قۇرغاقلىشىش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىدىكەن. 4. يۇقىرى پەللە نۇقتىسىنىڭ تۆۋەنلىشى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ماھىيەتلىك ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، پەقەت %25 ئاياللا يۇقىرى پەللىنى ھېس قىلالايدىكەن، ياشنىڭ چوڭىيىشى ۋە جىنسىي ئىقتىدارنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ نىسبەت يەنە تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئاياللار ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك، دىلچىقىنى غىدىقلاش ئارقىلىق يۇقىرى پەللىنىڭ كېمىيىش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. 5. سىرتقى قىياپىتىگە دىققەت قىلماسلىق ئەگەر ئاياللار ئۆزىنىڭ يات جىنسلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلمىسا، چېچىلاڭغۇ بولۇپ كەتسە، بۇ ئۇنىڭ جىنسىي پىسخىكا جەھەتتىكى قېرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم گىرىم قىلىش، كىيىم-كېچەكنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەنناز ئىچ كىيىملەرنى تاللاش ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئاشۇرۇپ، جىنسىي پىسخىكا جەھەتتە تېخىمۇ ياش قىلىدۇ.
https://www.nur.cn/news/1970/01/28668036.shtml
كەچتە تۈنەپ ئۇخلىمىغاننىڭ ئورنىنى قانداق تولۇقلايمىز؟
بېيجىڭ ۋاقىت گېزىتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى. «يۈز لازىم بولمىسا كەچ سائەت 11:00گىچە ئۇخلىماڭ، جان لازىم بولمىسا كەچ سائەت 12:00دىمۇ ئۇخلىماڭ!» بۇ گەپنى ھەممەيلەن دېگۈدەك ئاڭلاپ باققان. دېمەك، ناھايىتى روشەنكى، كېچە سائەت 12:00دە ئۇخلاشنى كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەپ چىققانغا ھېساب دېيىشكە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە كەچ سائەت 11:00دىن كېيىن ئۇخلاشنىڭ ھەممىسىلا كېچىدە ئۇخلىماي تۈنەپ چىققانلىق بولىدۇ. بىز ھەممىمىز بىر كۈننىڭ 24 سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بىز بۇ 24 سائەت ۋاقىتتىن ھەر ئىككى سائەتنى بىر قىلىپ بىر ۋاقىت بۆلىكى دەپ ئاتىساق، ئۇنداقتا كەچتە بىز ئۇخلايدىغان بۇ بىر قانچە ۋاقىت بۆلىكى بىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم. ئۇنداقتا يېرىم كېچە سائەت 11:00دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 05:00كىچە ئۇخلىماسلىقنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك چوڭ؟ كېچىسى ئۇخلىماي كەم قالغان ئۇيقۇنى كۈندۈزى ئۇخلاپ تولۇقلىۋالساق بولمامدۇ؟ 1. كېچىنىڭ سائەت 11:00دىن 01:00گىچە بولغان بۆلىكىدە، بىزنىڭ ئۆتىمىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئادەم يەنىلا ئارام ئالماي باشقا ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، بۇ ئادەمنىڭ ئۆتىگە ناھايىتى زىيانلىق. ئۆتنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرسى شۇكى، ئۇ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلاشقا ۋە سۈزۈپ چىقىرىشقا مەسئۇل. ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلاش ۋە سۈزۈپ چىقىرىش جەريانى بولسا ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئادەم ۋاقتىدا ئارام ئالمىسا، ئۆتنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلاش ۋە سۈزۈپ چىقىرىش ئىقتىدارىمۇ نورمال ئىشلىمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ۋاقىت يەنە تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئەڭ جانلانغان پەيت بولۇپ، ئادەم ئۇخلىمىغاندا تېرە ئ‍ۆز-ئۆزىنى ئوڭشىيالمايدۇ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئادەم كېچىسى ئۇخلىماي يۈرسە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەمنىڭ يۈزى تاتىرىپ، نۇرسىزلىشىپ كېتىدۇ، كۆزنىڭ ئەتراپىغا قارا سىزىقچىلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. 2. كېچىنىڭ سائەت 01:00دىن 03:00كىچە بولغان بۆلىكى بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەر تازىلايدىغان ئەڭ مۇھىم بىر پەيتى. جىگەر ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئەزا، ئۇ بەدەندە ئوكسىدلاش، گىلۇكوگېننى ساقلاش، ئاقسىل ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. جىگەرمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. جىگەر ئادەم بەدىنىكى ئەڭ چوڭ زەھەر تازىلاش زاۋۇتى. ئەگەر كېچىنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئادەم ئۇخلىمىسا، جىگەرمۇ نورمال خىزمەت قىلالماي، بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىش خىزمىتىنى ئورۇندىيالماي قالىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئادەمنىڭ چىرايى نۇرسىزلىنىپ، يۈزىگە جىگەر دېغى (سارغۇچ قوڭۇر داغ) ئۆرلەپ كېتىپ، چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىگەرنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمىسا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن باشقا جىگەرنىڭ ياخشى بولماسلىقى يەنە ئادەمنىڭ كۆزىگىمۇ زىيانلىق، جۇڭگو تىبابىتىدە: «جىگەر كۈچەيسە كۆز روشەنلىشىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. كۆزدە كۆرۈلگەن بارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك يەنىلا جىگەردىكى مەسىلە بولۇپ چىقىدۇ. 3. كېچىنىڭ سائەت 03:00تىن 05:00كىچە بولغان بۆلىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم، بۇ ۋاقىتتا ئادەم ئەگەر ئۇخلىمىسا بىۋاسىتە يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆپكە يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان ساپ قانلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سىز ئويغاق بولسىڭىز، ئۆپكىڭىز بۇ خىزمەتنى ياخشى ئورۇنداشقا ئامالسىز قالىدۇ. ھەر قايسى ئەزالار يېڭى قانغا ئېرىشەلمىگەندە سىزچە ئادەمنىڭ كەيپىياتى قانداق بولار؟ بۇنداق بولغاندا ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە قانلار يىغىلىپ قالىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق داۋاملاشسا يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئەگىشىپلا كېلىدۇ. ئۇنداقتا كېچىدە ئۇخلىيالمىساق ئورنىنى قانداق تولۇقلايمىز؟ 1. تەييار چۆپنى جىق يەۋېلىپ قورساقنى توشقۇزىۋەتمەڭ، بولمىسا قۇرۇق سەپرا بولۇپ قالىسىز. ئەڭ ياخشىسى مېۋە-چېۋە، بولكا، كۆكتات ئۇمىچى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ. 2. ئىچىملىككە كەلسەك، ئەڭ ياخشىسى چاينى كۆپ ئىچىڭ. 3. كېچىسى تۈنەشتىن بۇرۇن بىر دانە ۋىتامىن B قۇۋۋەت ئوزۇقلۇق كومىلىچى يەۋېلىڭ. ۋىتامىن B بەدەننىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش، ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق رولغا ئىگە. 4. كېچىسى تۈنەشتىن بۇرۇن چوقۇم گىرىملىرىڭىزنى يۇيۇۋېتىڭ، بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ، بولمىسا قېنىق گىرىملىرىڭىز كېچىچە يۈزىڭىزنى داغ سەپكۈنگە توشقۇزىۋېتىدۇ. 5. كېچىچە ئۇخلىماي تۈنەپ چىققان بولسىڭىز، ئەتىسى چۈشتە چوقۇم ئازراق ئۇخلىۋېلىڭ. خۇلاسە شۇكى، كېچىدە ئۇخلىماسلىقنىڭ زىيىنىلا باركى، ئازراقمۇ پايدىسى يوق، بۇنداق قىلمىش ئادەم بەدىنى ئۈچۈن تولىمۇ خەتەرلىك، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كېچىدە چوقۇم ئۇخلىشىنى، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇشتەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
https://www.nur.cn/news/2017/10/429298.shtml
روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئېلان قىلغان 2026-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 21-مارت (شەنبە) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روزا ھېيت، 20-مارت (جۈمە)دىن 22-مارت (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. مەنبە: 中央广播电视总台维吾尔语 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/hPc8sHTvxDnEZoeelY24FA
https://www.nur.cn/news/1970/01/28670801.shtml
رونالدونىڭ پۇرسىتى يەنە كەلدى! رىياد يېڭى ئاي تەڭلىشىپ ئەۋزەللىك رىياد غەلىبىسىگە ئۆتتى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى خۇشخەۋەر! بۇ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن رىياد غەلىبىسىگە نىسبەتەن مۇتلەق ياخشى خەۋەر! بۈگۈن سەھەردە ئوينالغان سەئۇدى بىرلەشمىسىنىڭ 10-ئايلانما تولۇقلىما مۇسابىقىسىدە، رىياد يېڭى ئاي كوماندىسى مېھمان مەيداندا برايد كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. نۆۋەتتە بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان رىياد يېڭى ئاي بىلەن رىياد غەلىبىسى ئوخشاشلا 55 نومۇرغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەتە سەھەردىكى مۇسابىقىدە رىياد غەلىبىسى غەلىبە قىلسىلا رىياد يېڭى ئايدىن ئۈچ نومۇر ئېشىپ كېتەلەيدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى بولغان نومۇر ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولۇپ، ئەتە سەھەر سائەت 3:00تە رىياد غەلىبىسى مېھمان مەيداندا يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندا ناجاما بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. گەرچە بۇ رەقىبى ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن رىياد غەلىبىسى ھەرگىز سەل قارىسا بولمايدۇ! رىياد يېڭى ئاي كوماندىسى يەنىلا مەغلۇپ بولمىدى، لېكىن ئۇلارمۇ غەلىبە قىلالمىدى، ئىلگىرىكى ئۇدا ئۈچ مەيدان تەڭلىشىشتىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۇدا ئىككى مەيدان تەڭلەشتى. رىياد غەلىبىسى ئۇدا 8 مەيدان غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئەمما رىقابەت يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ھازىرقى رىقابەتچىلىرى رىياد يېڭى ئاي بولۇپلا قالماي، جىد پۇقرالىرى كوماندىسىنىڭمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈكتەك قىلىدۇ. يېقىنقى 13 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، جىد پۇقرالىرى كوماندىسى 12 مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلەشتى. پەقەت ئىككى نومۇرلا كەتكۈزدى، ئوخشاش مەزگىلدىكى رىياد غەلىبىسى بولسا 10 نومۇر كەتكۈزدى. ئەقلىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىرىنچى ئورۇندىكى تۆت كوماندىنىڭ نومۇر پەرقى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن رىياد غەلىبىسى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ ئۇتتۇرۇپ قويغان. قالغان ئۈچ كوماندىنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ تەڭلىشىپ، ئاز دېگەندە بەش مەيدان تەڭلەشكەن، جىد پۇقرالىرى كوماندىسى بىلەن رىياد يېڭى ئاي كوماندىسى بۇ ئۈچ كۈچلۈك كوماندا بىلەن بولغان تۇنجى ئۇچرىشىشتا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇڭا غەلىبە قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جۇغلانما نومۇر ئۈستۈنلۈكىنى تىكلىشى، ئاندىن بىرلەشمىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدىكى كۈچلۈكلەر رىقابىتىدە يېتەرلىك ياخشى ھالەتنى نامايان قىلىشى كېرەك. خېسۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن تېخى رونالدونى ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ تاللىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ بىز چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن. رونالدو ئاساسلىق زېھنىنى بىرلەشمىگە قاراتتى، ئۇنىڭ ھالىتى ناھايىتى ياخشى، يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولدى. ئۇ ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولدى.» ناجاما بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەمدىلا سەئۇدى بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ 10-ئايلانمىدىكى تولۇقلىما مۇسابىقە بولغاچقا، بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ تۇنجى قېتىم بۇ كوماندا بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، يەنە بىر يېڭى كوماندىغا رونالدو توپ كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كىرىستىيانو رونالدو توپ كىرگۈزگەن كوماندىلار يەنە كۆپىيىدۇ، نۆۋەتتە رونالدو بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 20 توپ كىرگۈزۈپ، مەرگەنلەر تىزىملىكىدە 3-ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئالدىدا 23 توپ كىرگۈزگەن تونى بىلەن 22 توپ كىرگۈزگەن كىنھو بار. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە، جىد پۇقرالىرى كوماندىسى 1:4 نەتىجە بىلەن ناجامانى مەغلۇپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە تونى قالپاق ئويۇنى ئوينىغان. ھازىر رونالدونىڭ مەيدانغا چىقىش نۆۋىتى كەلدى، پەقەت بىر «قالپاق ئويۇنى» ئوينىسىلا بولىدۇ، رونالدو تونىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ، رىياد غەلىبىسى رىياد يېڭى ئاي كوماندىسىدىن ئېشىپ ئۈچ نومۇر بىلەن رەت تەرتىپتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرالايدۇ!
https://www.nur.cn/news/1970/01/28672327.shtml
جىنسىي تۇرمۇشتىكى غەلىتە ئىپادىلەر
جىنسىي تۇرمۇشتىكى غەلىتە ئىپادىلەر ئىنسانلارنىڭ ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى ھەققىدىكى تونۇشىدا شۇنداق بىر ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەڭ ئېغىر خاتا چۈشەنچە باركى، ئۇ بولسىمۇ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئەندىزىسى بار، شۇ ئەندىزىگە قاراپ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ئايرىغىلى بولىدۇ دەپ قاراشتۇر. بىراق ئېلىمىزنىڭ شارائىتىدا، ئادەتتە كىشىلەر باشقا ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى راستىنلا بىلەلمەيدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ «نورمال» دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ خيالىچە دېگىنى ياكى توقۇپ چىققىنى، ئاتالمىش «نورمال ئەمەس» مۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى ياكى تاقەت قىلىپ تۇرالمىغانلىقىدىن بولغان. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەلۇم بىر خىل جىنسىي ھەرىكەتنى نورمال ياكى نورمالسىز دەيدىغانغا ھېچقانداق ئاساس يوق. پەندە پەقەت بىرىنچىدىن، بۇ خىل ھەرىكەت بىرەيلەن ياكى ئىككەيلەنگە زىيان يەتكۈزمەمدۇ يوق؛ ئىككىنچىدىن، بۇ خىل ھەرىكەتنى زادى كۆپ سانلىق كىشىلەر قوللىنىۋاتامدۇ ياكى ئاز سانلىق كىشىلەر قوللىنىۋاتامدۇ، دېگەننىلا ئېيتقىلى بولىدۇ. شۇڭا بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، جىنسىيەتشۇناس ئەركىن ھاشىم ھەممە ئائىلىلەر بىلىدىغان ھېكمەتلىك سۆزنى قىلغان ئىدى: «مۇكەممەل بولمىغان جىنسىي ھەرىكەتلا بىردىنبىر نورمالسىز جىنسىي ھەرىكەتتۇر». مەسىلەن، بىز  دائىم ئېيتىدىغان ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلالماسلىقى قاتارلىقلار مۇشۇنىڭغا كىرىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئاددىي، چۈشىنىشلىك قائىدە بىزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭمىدى. بوغدا دوختۇرخانىسىدىن مەسلىھەت سورايدىغانلار دائىم كېلىپ تۇرىدۇ: جۈپتى ياكى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر خىل جىنسىي ئالاقە ھەرىكەت ئۇسۇلى «غەيرىي ھالەت» ياكى «كېسەل»مۇ-ئەمەسمۇ؟ تېخىمۇ كۆپ كىشى كېلىپ مەسلىھەت سورىماي، ئىچىدە گۇمان قىلىدۇ ھەتتا ئەر-خوتۇن كېلىشەلمەيدۇ. مەسىلەن، بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ سىلاپ قوپۇرۇپ قويۇشىنى ياخشى كۆرسە، بەزى خوتۇنلار جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن جۈپتىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالمىغۇچە پۇخادىن چىقمايدۇ. ئۇلارنىڭ جورىسى ئۇلاردىن سەۋەبسىز گۇمانلىنىدۇ-يۇ، ئوچۇق ئېيتىشنى خالىمايدۇ، تا زىددىيەت كەسكىنلەشكەندە، ئاندىن كېلىپ مەسلىھەت سورايدۇ، بىكاردىن بىكار كۆڭلى بۇزۇلىدۇ، مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەر-خوتۇنلار مۇنداق بىر نەچچە قائىدىنى چۈشەنسىلا خاپىچىلىق تارتمايدۇ. بىرىنچى، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدە جىنسىي غىدىقلىنىشقا ئالاھىدە سەزگۈر جايلار بولىدۇ، بىراق ھەممە ئادەمنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوخشىمايلا قالماستىن، ئوخشاش جىنىستىكى كىشىلەرنىڭ پەرقىمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ. ھەممە ئادەم جۈپتىنىڭ ئۆزىنىڭ جىنسىي سەزگۈر رايونىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن غىدىقلىشىغا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا، قارىماققا تولىمۇ غەلىتە تەلەپلەرنى قويىدۇ ياكى جۈپتى خىيايلىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بەزى بەدەن ھەرىكەتلىرىنى قىلىدۇ. بۇلارنى ھەممە ئادەمدە بولىدىغان ھېسسىيات، دەپ ئېيتىش كېرەك، ئۇنى زورىغا باسسا ئەكسىچە نورمال ھېسابلانمايدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، تەلەپ قىلغان كىشىمۇ بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى شەرت. ئۆزى ياخشى كۆرگەننى جۈپتىنىڭمۇ ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، شۇڭا، جۈپتىنى مەجبۇرلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئىككەيلەننى ياخشى ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جۈپتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلغا قىزىقىشىنى پەقەت يۇمشاق كۆكۈللۈك بىلەن پەيدىنپەي يېتىلدۈرۈشكىلا بولىدۇ. ئادەمنىڭ جىنسىي سەزگۈر رايونى تۇغما بولماستىن، ئىشق-مۇھەببەتنىڭ ئىلھامىدا ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، بوغدا دوختۇرخانىسى 515 خوتۇننى تەكشۈرۈپ شۇنى بايقىغانكى، ئەر - خوتۇن ئىككەيلەننىڭ دائىم سۆيۈشۈپ تۇرۇش-تۇرماسلىقى شۇنىڭدەك سۆيۈشۈشنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن باشلىنىشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى قەدەمدە جىنسىي ئالاقە ماھارىتىنى قوللىنىشنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشىدا ئىنتايىن زور رول ئوينايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خوتۇنىنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ دائىم يۇقىرى پەللىگە يېتىش-يەتمەسلىكى جىنسىي ئالاقە ماھارىتىنى قوللىنىشتا 1-مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. جىنسىي قوزغىلىشى تولا يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان خوتۇنلار كۆپىنچە باشقا ھەر قانداق بىر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بەدەن ھەرىكەتلىرىنى تەبىئىيلا قىلىدىكەن. ئىككىنچى، جىنسىي تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق بىر بەدەن ھەرىكىتى، ئىنكاس ۋە چىراي ئىپادىسىنىڭ مۇھەببەتلەشكەن ئەر-خوتۇنلارغا بولغان گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە جەزبىدارلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ مۇھەببەنتىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى. ئەگەر بىز ئۇنى بەزىبىر ھېچ چۈشىنىپ بولمايدىغان ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن ئۆلچەيدىغان بولساق، جۈپتىمىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بىئارام قىلىپ مۇھەببەتنىڭ ئاساسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ قويىمىز ھەتتا شۇ سەۋەبلىك جۈپتىمىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالىمىز. مەسىلەن، نۇرغۇن خوتۇنلارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، ئىختىيارسىز ھالدا سىلكىنىش، چىراي ئىپادىسى غەلىتە بولۇش ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس غەلىتە بولۇش (ئوسۇرۇۋېتىش، شۈك بولۇش) ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئېرى بۇنى «قاملاشمىغانلىق» دەپ قارىسا ياكى خوتۇنى ئۆزىنى «بەك شاللاق» دەپ قارىسا، مۇقەررەر ھالدا پسىخىك بېسىم پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار «تۈگىتىلسە»، ئىككەيلەننىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر جىنسىي ئالاقە ماھارىتىگە قىزىقسىنىپ، بەدەن ھالىتىنى ياكى غىدىقلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خوتۇنى ئەگەر ئەخلاق جەھەتتە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان بولسا، ئىككەيلەننىڭ ئورتاق ھېسسىياتىغا زىيان يېتىدۇ. جىنسىي ساۋاتلارنى تارقىتىىش بۈگۈنكى كۈنگە يەتكەندە، رايونىمىزدىكى ئەر-خوتۇنلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، مۇۋاپىق ئەھۋالدا مۇۋاپىق جىنسىي ئالاقە ماھارىتىنى قوللانسا، بەك غەلىتە بولغان ھالەتتىمۇ، ئادەتتە بەھىر ئالالمايدىغان بەزى گۈزەل تۇيغۇ ۋە ئادەتتە ئۇرغۇپ چىقالمايدىغان جەزبىدارلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ئەخلاق بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتسىز. ئۈچىنچى، جىنسىي تۇرمۇشتىكى غەلىتە ئىپادىلەر دائىم يېڭى كەچۈرمىش ۋە يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، لېكىن ئەگەر سىز بەك جىددىي پوزىتسىيە تۇتسىڭىز، بۇ خىل تۇيغۇنى مەينەت، ئۇياتسىزلىق، ئىپلاسلىق ۋە جاپا دەپ قالسىڭىز، ئەمما ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى بىلىدىغانلار بولسا «خىلمۇ خىل ھېسسىيات» دەپ قارايدۇ ھەم بۇنىڭدىن تېخىمۇ زور، تېخىمۇ چوڭقۇر قايناق ھېسسىيات ۋە ئىشق- مۇھەببەت ئۇرغۇپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئوخشاشلا ئېغىز بىلەن غىدىقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بەزى ئەر ياكى خوتۇنلار ئىنتايىن مەينەتلىك دەپ قارايدۇ، «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى» دىن ئەنسىرەيدۇ، يەنە بەزى ئەر ياكى خوتۇنلار ئىنتايىن لەززەتلىك ھېس قىلىپ، مۇشۇنداق قىلمىسا ئۇنۇمايدۇ. بۇنىڭدا تامامەن ئۆزىنىڭ قانداق چۈشىنىشىگە قارىلىدۇ. بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دىدى: مەن 515 خوتۇننى تەكشۈرۈپ مەلۇم بولدىكى، مەلۇم بىر بەدەن ھەرىكىتىنى قانچە قىلغانسېرى، ئەر-خوتۇن ئۆز ئارا قىلىشقانسېرى، رازىمەنلىك دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولغان، ئۇنى شۇنچە ئازاب دەپ قارىماستىن كۆڭۈللۈك دەپ قارىغان. بۇ «تەبىئىي ئىشتەك ئادەتلىنىپ قېلىش» بولماستىن، جىنسىي تۇرمۇشنى تەدرىجىي ئۆگىنىش جەريانى ۋە پسىخىك جەھەتتىن تەڭشەش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەر قانداق بىر خىل جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن جىنسىي غىدىقلىنىش سىگنالىنى مېڭە پوستىلاق قەۋىتىدىكى جىنسىي روھلىنىش مەركىزىگە يەتكۈزۈش بولغاچقا، قايناق ھېسسىيات ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق جىنسيەتتىن زىيادە قورققان ياكى يىرگەنگەندە، باشقا بىر بېسىم مەركىزى شەكىللىنىپ، جىنسىي روھلىنىش ۋە قايناق ھېسسىياتنى باسىدۇ ھەتتا قارشى يۆنىلىشكە بۇرايدۇ، بىۋاستە ئالاقىدارلار ئازاب ھېس قىلىدۇ. بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى مۇنداق يىغىنچاقلىدى:  ھەر قانداق بىر غەلىتە ئىپادىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ياخشى - يامانلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان بارلىق خاپىلىق ۋە زىددىيەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى غەلىتە ئىپادىدىن بولغان بولماستىن، ئىككەيلەننىڭ ئىشتىن بۇرۇن تولۇق ئالماشتۇرماي ۋە ماسلاشتۇرماي، ئىشتىن كېيىن يەنە ھەر قايسىسىنىڭ تۇيغۇسىنى بىللە تۇرۇپ يەكۈنلىمىگەنلىكتىن بولىدۇ. ئەر دائىم خوتۇنىنىڭ پسىخىك قارشىلىقىغا سەل قارايدۇ، خوتۇن يەنە دائىم تاقەت قىلىپ بىر نېمە دېمەيدۇ، زىددىيەت ۋە تراگېدىيە شۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى، ئۆزىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىكى كونكرېت سېزىمىنى دائىم دەپ تۇرىدىغان ياكى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان خوتۇننىڭ قوللىنىدىغان جىنسىي ئالاقە ماھارىتى ۋە يېڭىچە ئۇسۇللىرى شۇنچە كۆپ بولغان شۇنداقلا شۇنچە رازى بولغان. بۇ باشقا ئەر-خوتۇنلارغا ئىنتايىن ياخشى ئىلھام بولۇشى كېرەك.
https://www.nur.cn/news/2017/03/374608.shtml
كىملىك بېجىرىش مۇددىتى 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ
مەنبە: 天山之声 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/ZS2-wsJ8fVbPiu1zJezOGQ
https://www.nur.cn/news/2023/02/24059385.shtml
«يەر شارى كەنتى»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى
سۈرەتلەر توۋتياۋ تورىدىن ئېلىنغان:
https://www.nur.cn/news/2023/01/23939049.shtml
تۇغما يۈرەك كېسىلىنى چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟ تۇغما يۈرەك كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىش بىخەتەرمۇ؟
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇغما يۈرەك كېسىلى تۆرەلمە يېتىلىش مەزگىلىدە، يۈرەك ۋە چوڭ قان تومۇرلارنىڭ شەكىللىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى يېتىلىشى بىنورمال بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەكنىڭ ئاناتومىيە قۇرۇلمىسىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ قالغان يولنىڭ ئېتىلىپ قالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاز ساندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەش ياشتىن بۇرۇن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش پۇرسىتى بولىدۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلار ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىنىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كېسەلنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر قەدەر بىخەتەر بولدى. ئوپېراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلار نەپەس يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. تۇغما يۈرەك كېسىلىنى چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكمۇ؟ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ناھايىتى ئاز ساندىكى بىمارلار ئۆزى ئاستا-ئاستا ساقىيىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك دالانچە ئارىلىق كەمتۈكلۈكى، ئۆپكە ئارتېرىيە كىلاپانى تارىيىپ كەتكەن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولمىغان بىمارلارنى داۋالىماي، ئۆمۈرۋايەت كۆزەتسىمۇ بولىدۇ؛ باشقا تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، ئەگەر چوڭ بۆلمە كەم بولسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك. تۇغما يۈرەك كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىش بىخەتەرمۇ؟ گەرچە يېشى كىچىك، كېسىلى ئېغىر بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ ئوپېراتسىيە خەتىرى سەل چوڭ بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، تەن سىرتىدا قان ئايلىنىش تېخنىكىسى، ناركوز قىلىش تېخنىكىسى، ئوپىراتسىيە تېخنىكىسى ۋە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى كۆزىتىش تېخنىكىسى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلى ئوپىراتسىيەسى ئومومەن بىخەتەر بولدى، ئۈنۈمىمۇ ئېنىق بولدى. تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بوۋاقلارنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلار ئادەتتە ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىشى، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىقى، بولۇپمۇ يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، چۈنكى بالىلاردا يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كىچىك بالىلار مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالانسا، ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىنى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ۋە مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى بەلگىلەيدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئادەم كۆپ جايلارغا بارماسلىققا دىققەت قىلىپ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكى، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلارغا بارماسلىق كېرەك.
https://www.nur.cn/news/2022/10/22899009.shtml
كېلىڭلار! گۈزەل تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنايلى
سۈرەتلەر توۋتياۋ تورىدىن ئېلىنغان:
https://www.nur.cn/news/2023/01/23889221.shtml
تۇغما يۈرەك كېسىلىنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟ 6 چوڭ كۈتۈنۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك!
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇغما يۈرەك كېسىلى ئىرسىيەت، خىمىيە، رادىياتسىيە قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ، ئۇنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇ بىر خىل ئېغىر يۈرەك كېسىلى بولۇپ، بىزنىڭ ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ كېسەلنىڭ پەرۋىشى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى. تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى قانداق پەرۋىش قىلىش لازىم؟ 1. زۇكامدىن ساقلىنىش مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا يۈرەك قېرىنچىسى ئارىلىقى كەمتۈك بولۇش، ئارتېرىيە تومۇرى ئېتىلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بىمارلارنىڭ ئۆپكىسىگە قان تولۇپ، ئاسانلا زۇكام بولۇپ ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ قىش پەسلى ياكى زۇكام پەسلىدە ئاسانلا نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمار ئاغرىپ قالغاندا، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى بىمارنى ئاپتاپقا سېلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈرۈپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. ئادەتتە ئادەم كۆپ جايلارغا، بولۇپمۇ تارقىلىشچان زۇكام تارقالغان پەسىللەرگە ئىمكانقەدەر ئاز بېرىپ، سىرتقا چىقىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. 2. ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش كۆپ ساندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى بىمارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغاندىلا ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلىنىدۇ. لېكىن ئادەتتە بىمارلارغا ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى بەرسە، بىمارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئورۇق، ئاجىز ھالىتىنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەللىك ئەھۋالى ئانچە ئېغىر بولمىغان بەزى بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوزۇقلۇق دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ ئۆزگەرتسىمۇ بولىدۇ. 3. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ئادەتتە يۈرەك ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تولۇق بولمىغان ياكى ئالاھىدە خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە چەك قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارنىڭ مۇۋاپىق چېنىقىشى ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلەمچى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق. لېكىن بىمارنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ ياخشىسى مۇۋاپىق بولۇشى، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇقىملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز. 4. ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە تاقابىل تۇرۇش يېشى كىچىكرەك بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەسىلەن، بوۋاق مەزگىلىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئۇزاق مۇددەت يىغلىسا، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا مۇناسىپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم، مەسىلەن، بىمارنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىنى ئېگىش، كۆكرەك ۋە تىز قىسمىنى تۈز ياتقۇزۇش قاتارلىقلار. يېقىن ئەتراپتا ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئۈسكۈنىسى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ئىشلىتىش لازىم. 5. ۋاكسىنا ئەملەش بىمارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل ۋاكسىنىلارنى ئەملەپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، كالمېت گېرىن ۋاكسىنىسى، كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى، قىزىل ۋاكسىنىسى قاتارلىقلار، يۇقۇملانغاندىن كېيىن بەدەنگە، بولۇپمۇ يۈرەككە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. لېكىن ۋاكسىنا ئەملەشكە نىسبەتەن، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بىمار قىزىش ۋە ئۆپكە ياللۇغى مەزگىلىدە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئەملەش لازىم. 6. دورا يېيىشكە دىققەت قىلىش تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ دورا ئىشلىتىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ، خالىغانچە دورا ئىشلىتىشكە ياكى دورا مىقدارىنى كۆپەيتىشكە ياكى ئازايتىشقا بولمايدۇ، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە چوقۇم تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم، چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر توپىدا يۈرەكتە مەسىلە بار، نەتىجىدە بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى بىلەن مۇناسىپ ئەزا توقۇلمىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىدا زور پەرق پەيدا بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر كۆپ قىسىم كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. شۇڭا، كېسەللىكنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىمارلار تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئاسراش ۋە قوغداشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
https://www.nur.cn/news/2022/09/22335451.shtml
چىرايلىق مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇلۇق
سۈرەتلەر توۋتياۋ تورىدىن ئېلىنغان:
https://www.nur.cn/news/2023/01/23848146.shtml
يان تېلېفونىڭىزدىلا كىملىك بېجىرەلەيسىز
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىدىكىلەرنىڭ كىملىك كەسپىنى بېجىرىش ۋاقىت چېكى 10 خىزمەت كۈنىگە، باشقا جاي نوپۇسىدىكىلەرنىڭ كىملىك بېجىرىش ۋاقىت چېكى 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى. كىملىك يىتۈپ كەتسە، قانداق قىلغاندا يان تېلېفون ئارقىلىق تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولىدۇ؟ بارماق ئىزىنى تىزىملاتقان ھەمدە سۈرەت ئالماشتۇرۇشى ھاجەتسىز بولغان شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر توردا كىملىك كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ. ئامما ئۈندىدار ئەپچىسىدىن «شىنجاڭ ج خ ئۈندىدار ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسىنى ئىزدىسە ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ «تىنچ-ئامان تىيانشان» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ، «ئۇچۇر يوللاش» (发消息) ياكى «مۇلازىمەت» (服务) تۈرىنى چېكىپ، «ئۈندىدار ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسىنى تاللاپ بېجىرسە بولىدۇ. «شىنجاڭ ج خ ئۈندىدار ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسىگە كىرگەندىن كېيىن، يان تېلېفون نومۇرى ۋە دەلىللەش نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، «مەن ئوقۇدۇم ھەم <شەخسىي سىر كېلىشىمى> گە قوشۇلىمەن» (我已阅读并同意《隐私协议》) دېگەن كۆزنەكنى چېكىپ كىرىش كېرەك. «ئالقىشلىق مۇلازىمەت» (热门服务) دېگەن كۆزنەكتىن «كىملىك يىتۈپ كەتسە تولۇقلاپ ئېلىش» (居民身份证丢失补领) كۆزنىكىنى چېكىپ، ئاندىن «كەسىپ بېجىرىش» (业务办理) تۈرىنى چېكىپ، توردا ئىلتىماس قىلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن <ئوقۇدۇم ھەم قوشۇلىمەن> (我已阅读并同意) دېگەن كۆزنەكنى چېكىپ، كېيىنكى باسقۇچقا كىرىدۇ. ئارقىدىن كۆرسەتمە بويىچە سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، نەق مەيداندا سۈرەتكە چۈشۈپ، يەتكۈزۈپ بېرىش ئادرېسىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئۇچۇرىنى تاپشۇرسا بولىدۇ. سىستېمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈندىدار ياكى چىقىمدان ئارقىلىق ھەق تۆلىگىلى، كىملىكنى پوچتا ئارقىلىق ئۆيگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. مەنبە: 新疆1074交通文艺广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/I0sDpGcToqNo3-ERGxel4A
https://www.nur.cn/news/2023/02/24070384.shtml
ياشلىقنى «توڭلىتىپ قويىدىغان» كېسەل دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەگەر ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا پۇراش سېزىمى كۆرۈنەرلىك ناچار بولسا ياكى 15-16 ياشقىچە يەنىلا جىنسى يېتىلمەيۋاتقان بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ ياخشى تەكشۈرتۈش كېرەك، بەلكىم «كالمان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى»گە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. كالمان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئاتا-ئانىسىدىن ئىرسىيەت قېلىشى مۇمكىن، تۆرەلمە مەزگىلىدە گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئاساسلىقى ئەرلەردە كۆرۈلىدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى 10:1 بولىدۇ. ئەرلەردە كۆپىنچە كىچىك ئۇرۇقدان، جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، ئەرلەردىكى پەرزەنتلىك بولالماسلىق قاتارلىقلار ئىپادىلىنىدۇ؛ ئاياللاردا بولسا سۈت بېزى يېتىلمەسلىك ۋە بىرلەمچى ھەيز توختاش قاتارلىقلار ئىپادىلىنىدۇ. «كالمان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» نىڭ ئىپادىسى بىلەن تونۇشۇش كالمان سىندرومى بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئىرسىي كېسەللىك بولۇپ، قوزغىلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ 1/8000، ئاياللارنىڭ 1/40000 ئەتراپىدا بولىدۇ. بىماردا پۇراش سېزىمى كەمچىل بولۇش ياكى «بۇرۇن ياللۇغى» كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇراش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەر-ئايال بىمارلاردا ئوخشىمىغان كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ : ئەرلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى گۆدەكلىك ھالىتىدە بولىدۇ، ئۇرۇقدانى كىچىك ياكى يوشۇرۇن ئۇرۇقدان بولىدۇ، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەت بولمايدۇ (ساقال-بۇرۇت، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى بولمايدۇ، ئاۋاز ئۆزگىرىشى بولمايدۇ)؛ ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئەمچەك يېتىلىشى بولمايدۇ، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى بولمايدۇ، ھەيز كەلمەيدۇ؛ ئاز ساندىكى بىمارلاردا كالپۇك يېرىقى، تاڭلاي يېرىقى، يوشۇرۇن ئۇرۇقدان، گاس، رەڭ قارىغۇسى قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ ئاز ساندىكى بىمارلاردا تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار بار؛ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىمارلاردا جاھىل تەمرەتكە، تۇتقاقلىق كېسىلى ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى تولۇق ئەمەس. ئەمما كالمان يىغىندى كېسەللىكىنى پۈتۈنلەي داۋالىغىلى بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھورمۇنىنى ئالماشتۇرۇپ داۋالىغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، نورمال ئەرلىك تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ. كالمان يىغىندى كېسىلى بىمارى پەرزەنت كۆرەلەمدۇ؟ ئەگەر پەرزەنتلىك بولماقچى بولسا، قوشۇمچە ياردەم بېرىش كېرەك، مەسىلەن، ئۇرۇقدان بىئوپسىيەسىدىن كېيىن، ئىسپېرما بولسا پىروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرسە بولىدۇ؛ ئەگەر ئىسپېرما بولمىسا، پەقەت سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش كېرەك. كالمان يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەر بىمارلار پۈتۈنلەي يېتىلمەيدۇ ئەمەس، پەقەت يېتىلىش سەۋىيەسى نورمال ئەرلەرنىڭكىدىن سەل تۆۋەن، شۇڭا دورا ئارقىلىق جىنسىي بەزلەرنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ،%50 بىمار داۋالاش ئارقىلىق قايتا پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما پۇراش نېرۋىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ئەمدى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىككى خىل كېسەلنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ ئەگەر قىزلارنىڭ يېشى 17 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، ئوغۇللارنىڭ يېشى 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا، گونادوتروپىننىڭ ئاجرىتىلىشى يېتەرلىك بولمىغان جىنسىي بەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئىپادىسى بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇراش سېزىمى نورمالسىزلاشسا، ئۇ كالمان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولىدۇ؛ لېكىن، ئەگەر پۇراش سېزىمى يوقالسا ياكى تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ «ئالاھىدە خاراكتېرلىك گونادوتروپىن خاراكتېرلىك جىنسىي بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كېسىلى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل بىمارلاردا گونادوتروپىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان كېچىكىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان تۇغماسلىق كېسەللىكى ئومۇميۈزلۈك ئىپادىلىنىدۇ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئاپتوماتىك خروموسوم ئاشكارا خاراكتېرلىك، ئاپتوماتىك خروموسوم يوشۇرۇن خاراكتېرلىك، X خروموسوم يوشۇرۇن ئىرسىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىرسىيەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
https://www.nur.cn/news/2022/11/23376369.shtml
چاغاندا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى توختىتىلامدۇ؟
چاغانلىق دەم ئېلىش يېقىنلاپ قالدى، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىمۇ «چاغانلىق ھالەت»كە كىردى. يېقىندا تارقىتىلغان «شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ 2023-يىللىق چاغاندا ئىشنى توختاتماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا مۇنداق دېيىلدى: چاغان مەزگىلىدە پوسۇلكا زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شېنتۇڭ شىركىتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئەۋەتىلگەن تېز يوللانمىلارغا قارىتا ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرامدىن ئاشمىغانلىرىغا ئەسلىدىكى باھا ئاساسىدا 1.5 يۈەن قوشۇپ ھەق ئالىدۇ؛ تېز يوللانما ئېغىرلىقى بىر كىلوگىرامدىن ئاشسا، دەسلەپكى ئېغىرلىقىنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلگەندىن سىرت، ئاشقان ئېغىرلىقىنىڭ ھەر كىلوگىرامىغا 0.5 يۈەن قوشۇپ ھەق ئېلىنغان. يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ «2023-يىللىق چاغانلىق ئەشيا ئوبوروتى ئورۇنلاشتۇرۇشى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، 3-تەرەپ ئەشيا ئوبوروتى لىنىيەسىدە قاتناش ۋاقتىنچە توختىتىلغاچقا ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئارقا-ئارقىدىن يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزگەچكە، شۇ كۈندىن باشلاپ مەشغۇلات ھەققى تەڭشەلگەن. مەسىلەن: ئېغىرلىقى 0~1 كىلوگىرام كېلىدىغان ماللارنىڭ توشۇش ھەققىگە ئەسلىدىكى باھا ئاساسىدا 0.5 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ. شۈنفېڭ شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېز يوللانما ۋە بايلىقنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەڭشەپ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قىسمەن مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىنى جانلىق تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولغان چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شۈنفېڭ شىركىتى يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدە بايلىق تەڭشەش ھەققى ئالىدۇ. 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتى 20 كىلوگىرامدىن چوڭ (20 كىلوگىرامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئادەتتىكى يوللانما قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ھەر كىلوگىرامغا 0.2 يۈەندىن 0.5 يۈەنگىچە بايلىق تەڭشەش ھەققى ئالىدۇ. چاغان مەزگىلىدە بايلىق تەقسىملەشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ناچار ھاۋا رايى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلارنىڭ ۋاقىت چېكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. 2021-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ھالدا ئىشنى توختاتماسلىقنى قارار قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نورمال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغانىدى. ئەينى چاغدا بەزى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يېتەكچى باھاسى بىلەن تەمىنلەپ، تېز يەتكۈزۈش ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتا ئەڭ يۇقىرى چەكنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، نۇرغۇن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى چاغاندا ئىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. جۇڭتۇڭ شىركىتى ۋە يۈندا شىركىتى 19-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە «ئارامسىز چاغان مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، باشقا ۋاقىتلاردا نورمال تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەملىكەت بويىچە چەت، يىراق رايونلاردىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى نورمال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، مۇلازىمەت دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 300دىن ئارتۇق ئاساسلىق شەھەرنى قاپلايدۇ. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى مەخسۇس بەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ چېڭگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، تۈرلۈك داۋالاش-يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى، بايراملىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئېنېرگىيە، ئاشلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر، يېزا رايونلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە يەتكۈزۈش ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى سەپتىكى كەسىپكارلارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىشى ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كەڭ كۆلەملىك يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئىش ئورنىدا نورمال ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر يېتىشمەسلىك، قىسمەن رايونلاردا ئاخىرقى يەتكۈزۈش راۋان بولماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى ۋە قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش بىر قەدەر زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. مەلۇم تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مۇتلەق كۆپ ساندىكى تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسى سىرتتا بولغاچقا، يەنە كېلىپ بۇ يىل چاغان بالدۇر يېتىپ كەلگەچكە، چاغاندا يۇرتىغا قايتىش دولقۇنى تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىگە قىسقا مۇددەتلىك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئەشيا ئوبوروتىدا مۇلازىمەت زەنجىرى ئۇزۇن، ھالقىلار كۆپ بولغاچقا، بۇ خىل بېسىم ئاخىرقى يەتكۈزۈشتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلاپ توشۇش، توشۇش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق ھالقىلاردىمۇ ئىپادىلىنىپ، تىجارەت تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا توشۇش باھاسىمۇ مۇناسىپ تەڭشىلىشى مۇمكىن. شېنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ «چاغاندا ئىشنى توختاتماسلىق» تۈرىنىڭ مەسئۇلى، ئاخىرقى يەتكۈزۈش نۇقتىسى تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ شيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش شىركەتتە ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا چاغاندا ئىشنى توختاتماسلىق بويىچە مەخسۇس كاپالەت گۇرۇپپىسى قۇردۇق، پۈتۈن تور بايلىقىنى بىرتۇتاش تەقسىملەپ، «تاۋباۋ، پىندودو، دوۋيىن، كۈەيشوۋ» قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ ئاساسىي ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا قارىتا كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، تىجارەت تورى، يول پىلانى، بازار مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە مەخسۇس تۈر بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلارنى 365 كۈن توختىماي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز. شۈنفېڭ شىركىتى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغاندىن بۇرۇن ئادەم كۈچى زاپىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، شۈنفېڭ شىركىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا خادىم قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. چاغاندىن بۇرۇن بىرىنچى سەپتىكى تېز يوللانما خادىملىرىدىن ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 350 مىڭ خادىمنىڭ ئىش ئورنىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەسىپ مىقدارىغا ئاساسەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي بايلىقىنى ماسلاشتۇرىدۇ. ئادەم كۈچى كاپالىتى جەھەتتە، 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق چاغانلىق مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈش بولىقى تەسىس قىلىدۇ، شىركەت يەنە 200 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، تور نۇقتىسى، ئۇلاپ توشۇش مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى دىجورنى خادىملارنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدۇ. سەينياۋ گوگو شىركىتى 9-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركىتىمىز داۋاملىق چاغان مەزگىلىدە ئىشنى توختاتمايدۇ. 14-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە ئىستېمالچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 103 شەھەردە نورمال تالون كەستۈرۈپ تېز يوللانما ئەۋەتەلەيدۇ. سەينياۋ گوگو خادىملىرى داۋاملىق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە، شىركىتىمىز تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ، ئىستېمالچىلار چاغان مەزگىلىدە تېز يوللانما ئەۋەتسە ئايرىم باھا قوشمايدۇ. چاغاندا ئىشنى توختاتمىغان مەزگىلدە، شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشقان تور نۇقتىلىرىغا قارىتا ئون مىليون يۈەنلىك رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/ixqqzSYpMRRqWYuhQOboNg
https://www.nur.cn/news/2023/01/23853903.shtml
كىرىڭ، چاقپەلەك دۆلىتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بىللە تاماشا قىلايلى!
سۈرەتلەر توۋتياۋ تورىدىن ئېلىنغان:
https://www.nur.cn/news/2023/01/23832323.shtml
يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالسا...
يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى بالىلارنىڭ كىملىك ئىسپاتى بولمىسا قانداق رەسمىيەت بېجىرىپ ئايروپىلانغا چىقىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، بالىلىرىنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكى، تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىۋالمىغان بولسا ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر كىملىكىنى ئېلىۋالمىغان، يۈتتۈرۈپ قويغان بولسا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا رەسمىيەت بېجىرىپ ئايروپىلانغا چىقسا بولىدۇ: ئايرودرۇمغا بارغاندىن كېيىن ئايرودرۇم ساقچىخانىسىغا كىرىپ قەغەز نۇسخىسىدىكى كىملىك ئىسپاتىنى چىقارسا بولىدۇ. يەنە ئۈندىداردىن خەلق ئاۋىياتسىيەسى كىچىك ئەپچاقىدىن ۋاقىتلىق ئايروپىلانغا چىقىش ئىسپاتىنى تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلسا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. بۇ ئەپچاقتا مەشغۇلات قىلىش قولاي ھەم ناھايىتى ئىشلىتىشچان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ئىسپات چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈندىدار ئەپچاقنىڭ ئىزدەش ئىككىلىك كودىنىڭ سۈرىتى ئايرودرۇمدىكى ھەرقايسى زاللارغا قويۇپ قويۇلغان، ئامما ناھايىتى ئاسانلا تاپالايدىكەن. مەنبە: 乌鲁木齐维吾尔语广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/9OOV_XhW_6SxLAxI4DzfuA
https://www.nur.cn/news/2023/02/23990650.shtml
​تۆت خىل قورۇمىنى 1500 يۈەنگە ساتقان ئاشخانا جازالاندى
بېيخەي شەھىرى «تۆت خىل قورۇمىغا 1500 يۈەن ئېلىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر تورداش دوۋيىندا «بېيخەيدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يېگەندە 4 خىل قورۇمىغا 1500 يۈەن ئالدى» دېگەن تېمىدا بىر سىن ئېلان قىلدى. بۇ سىن توردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، بېيخەي شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللىدى. بۇ سىننى ئېلان قىلغان ئىستېمالچى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇلار تۆت كىشى بولۇپ، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن بېيخەي شەھىرىدىكى مەلۇم باغچىدا سەيلە قىلغاندىن كېيىن، تاكسى شوپۇرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن «چياۋگاڭ بېلىقچىلىق كەنتى تائاملىرى» ئاشخانىسىدا كەچلىك تاماق يېمەكچى بولغان، ئۇلار ئاشخانا خوجايىنىغا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاشخانا خوجايىنى ئۇلارغا تۆت خىل دېڭىز مەھسۇلاتىنى تەۋسىيە قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئۆلچەپ، ئاندىن ئۆلتۈرۈپ تازىلىغان. قورۇما تىزىملىكىگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ئىمزا قويۇپ جەزملەشتۈرگەن. قورۇما تىزىملىكىگە مۇچتا قورۇلغان مايلىق قۇلۇلە 3.8 جىڭ، 1 جىڭى 168 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 638 يۈەن؛ چىپار بېلىق دۈملەنمىسى 3.1 جىڭ، 1 جىڭىنىڭ باھاسى 168 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 520 يۈەن؛ تاقا قۇلۇلىسى 3.5 جىڭ، 1 جىڭىنىڭ باھاسى 68 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 238 يۈەن؛ مۇچتا قورۇلغان خانىش قۇلۇلىسى 3.7 جىڭ، 1 جىڭىنىڭ باھاسى 48 يۈەن، ئومۇمىي سوممىسى 177 يۈەن، دەپ يېزىلغان. تۆت خىل دېڭىز مەھسۇلاتى قورۇمىسى جەمئىي 1573 يۈەن بولغان، ئۇنىڭغا مىفەن، تازىلىق قەغىزى ئۈچۈن ئالغان 14 يۈەننى قوشقاندا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىستېمال چىقىمى جەمئىي 1587 يۈەن بولغان، ئاشخانا خوجايىنى ئۇلاردىن 1500 يۈەن ئالغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاشخانىنىڭ «تىجارەت كىنىشكىسى»، «يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» قاتارلىق قانۇنلۇق گۇۋاھنامىلىرى تولۇق ئىكەن، گۇۋاھنامىگە «بېيخەي شەھىرى يىنخەي رايونى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش شەھەرچىسى» دەپ يېزىلغان. بۇ ئاشخانا ئىشلەتكەن ئېلېكتىرونلۇق تارازىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولۇپ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان. بۇ ئاشخانىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى كۆلچىكىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق باھا قويۇلغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار بۇيرۇتقان تۆت دېڭىز مەھسۇلاتىنىڭ تاماق تىزىملىكىدىكى باھاسى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى كۆلچىكىدىكى باھاسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئاشخانا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى كۆلچىكىگە «چوڭ راك، بولكىسىمان قىسقۇچپاقا، مايلىق قۇلۇلە، چىپار بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بىر قىسىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا قېپى ئېلىۋېتىلىدۇ، گۆشىمۇ قورۇلۇپ كىچىكلەپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان قىسمى ئازلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئوبدان ئويلىنىپ سېتىۋېلىڭ» دېگەن ئەسكەرتىش يېزىلغان. شەھەردىكى باشقا ئوخشاش دەرىجىدىكى ئاشخانىلار بىلەن باھا جەھەتتە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئاشخانىنىڭ بېكىتكەن باھاسى چاغان مەزگىلىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال باھاسىغا ئاساسەن ئۇيغۇن ئىكەن؛ بېيخەي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ شۇ كۈنلۈك باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئاشخانىدىكى يۇقىرىقى تۆت خىل دېڭىز مەھسۇلاتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش، پىشۇرۇشتىن كېيىنكى باھاسى مۇۋاپىق دائىرىدە ئىكەن . ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ تۆت خىل دېڭىز مەھسۇلاتىنىڭ پىشۇرغاندىن كېيىنكى مىقدارى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇ تۆت خىل قورۇمىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تاماق تىزىملىكىدە ئەسكەرتىلگەن ئېغىرلىق بويىچە، بىر - بىرلەپ جىڭلاپ ئاندىن قورۇما قورۇتقان. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئۇلارغا باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بايقالمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە: چىپار بېلىق تەخمىنەن 3.1 جىڭ بولۇپ، قورۇما قورۇغاندىن كېيىن ئىستېمالچىلار توردا كۆرسەتكەن قورۇمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولغان؛ مايلىق قۇلۇلە تەخمىنەن 3.8 جىڭ بولۇپ، قېپىنى چىقىرىۋېتىپ، يالپاقلاپ، مۇچ بىلەن قورۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان قىسمى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتكەن، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مىقدارى ئىستېمالچىلار كۆرسەتكەن قورۇما مىقدارى بىلەن ئاساسەن بىردەك ئىكەن، ئەمما ئىستېمالچىلار كۆرسەتكەن تاقا قۇلۇلىسى ۋە خانىش قۇلۇلىسىنىڭ مىقدارى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قورۇتقان قورۇمىدىن بىرئاز ئاز ئىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئاشخانىدا تاكسى شوپۇرلىرىغا ئۈستەك بېرىپ خېرىدار جەلپ قىلىش، ئىستېمالچىلار بىلەن تولۇق پىكىرلەشمەي تۇرۇپلا قورۇمىغا تۇتۇش قىلىش، بىر قىسىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرغاندا مىقدارىنى ئازايتىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى ئېنىقلاندى. بېيخەي شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بۇ ئاشخانىنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، سۈرۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ جازا بەردى. ئاشخانا ئىگىسى ئىستېمالچىلاردىن كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە ئارتۇق ئېلىۋالغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەگە چېتىشلىق تاكسى شوپۇرى ھەققىدە ئالاقىدار تارماقلار تاكسى شىركىتىنى تاكسى شوپۇرى بىلەن سۆزلىشىش، جەرىمانە قويۇش ۋە سۈرۈك ئىچىدە توختىتىش جازاسى بېرىشكە بۇيرۇدى. چاغانلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن، بېيخەي شەھىرى بۇ يىلقى ساياھەت بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ساياھەتچىلەرنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ساياھەت بازىرى ئىستېمالىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال ماجىرالىرىنى مەخسۇس تۈزەش توغرىسىدا پۈتۈن شەھەردىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەسكەرتىش بەردى ھەمدە ئۇلارنى «سەمىمىي تىجارەت قىلىش ۋەدىنامىسى» ئىمزالاتتى؛ تىجارەتچىلەرنىڭ خېرىدارلارنى بوزەك قىلىش ئەھۋاللىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بەردى. يېقىندا، قاتناش تارماقلىرى پۈتۈن شەھەردىكى تاكسى شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە تاكسى شىركىتى شوپۇرلىرىغا ۋەدىنامە ئىمزالىتىپ، يولۇچىلارنى ئىستېمال قىلىشقا قىزىقتۇرۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، تاكسىچىلىق كەسپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. بېيخەي شەھىرى ساياھەت ئىستېمال بازىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، ئىستېمالچىلارنى بوزەك قىلىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويمايدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىر قىسىم ناچار تىجارەتچىلەرنىڭ بېيخەي ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ياخشى نامىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، شەھەر ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/ft4lmHzFiHZwpUcAwbAERQ
https://www.nur.cn/news/2023/01/23942085.shtml
2023-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى باشلاندى
2023-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۆمۈر يول، تاشيول تارماقلىرى قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى؟ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى «قىشلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى»نى يولغا قويدى، 30دىن ئارتۇق پىدائىي ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلدارلار، ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، يۇرتىغا قايتقان ئىشلەمچىلەرنى يول كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، تەرتىپ ساقلاش، نۇقتىلىق ياردەم بېرىش، جىددىي مۇلازىمەت قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىش، ئالاھىدە يولۇچىلار مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك 32 خىل مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، يولۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك ئاۋىياتسىيە سەپەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى «تولۇق تەييارلىق كۆرۈش، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىش كۆرۈش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، جىددىي ئەھۋاللارغا قارىتا تەييارلىق بولۇش» تەپەككۇرى بويىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش لايىھەسىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇردى. يولۇچى ئېقىمى ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭدىن چىقىدىغان تۆمۈر يول لىنىيىسى ۋە شىنجاڭ ئىچىگە قاتنايدىغان لىنىيەلەرگە قارىتا ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلار ئېقىمى ئېھتىياجىنى ئىلمىي ماسلاشتۇرۇپ، يولۇچى توشۇش كۈچىنى پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ھەر كۈنى بىر خەرىتە» بويىچە توشۇش، تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. مەنبە: 乌鲁木齐维吾尔语广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/wUKFNBSDAKtfPDjdh8jZVA
https://www.nur.cn/news/2023/01/23803017.shtml
كىملىك بېجىرىش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ!
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىل تىجارەت سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىر 50 تۈرلۈك تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «50 تۈرلۈك تەدبىر» دېيىلىدۇ)دە، كىملىك كەسپى بېجىرىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كىملىك بېجىرىش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 20 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/RbUrm8OkXuQCdcBRcYxRyw
https://www.nur.cn/news/2023/02/24017060.shtml
سايرام كۆلىدە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە پەيدا بولدى
تېمپېراتۇرىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سايرام كۆلىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى، ئېرىگەن كۆل سۈيى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، زور مىقداردىكى سۇ پارى ھاسىل بولدى. قۇياش نۇرىدا قار-مۇزلار ئېرىشكە باشلىغان سايرام كۆلى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/mzBObAzVmdUfqKmZF1KQrg
https://www.nur.cn/news/2023/02/23984607.shtml
پويىزدا ئۇنتۇلۇپ قالغان سومكا ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يېقىندا، بىر ئايال 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل سېلىنغان سومكىسىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سۇپىسىدا ئۇنتۇپ قالغان، ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ ئاندىن دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن غەملىگەن پۇلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئۈرۈمچى ۋوگزالى شىمالىي مەيدان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش B رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ چارلاۋاتقاندا، 8-نومۇرلۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە بىر ئايالچە سومكىنى بايقىغان ھەم دەرھال بېرىپ تەكشۈرگەن. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسى ئۈرۈمچى ج خ باشقارمىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالى ساقچىخانىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1-ئەترىتىنىڭ ساقچىسى يىن خۇەن مۇنداق دېدى: «سومكىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىچىدە 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل، بانكا كارتىسى، بىر قانچە گۇۋاھنامە، بىر نۇسخا كېسەللىك ئارخىپى بارلىقىنى بايقىدۇق ھەم كېسەللىك ئارخىپىدىكى ئالاقىلىشىش نومۇرى ئارقىلىق، سومكىنىڭ ئىگىسى خاۋ خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق، خاۋ خانىم شۇندىلا ئاندىن سومكىسىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ.» خەلق ساقچىلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئارقىلىق ئىگىلىنىشىچە، ئەسلىدە سومكىنىڭ ئىگىسى خاۋ خانىم ۋوگزالغا كىرىشكە ئالدىراپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سومكىلىرىنى تولۇق ئالمايلا ئالدىراپ ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىققان، ئۇنىڭ دادىسى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇپ جىددىي داۋالىنىشقا موھتاج بولغاچقا، سومكىسىدىكى 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسى ئۈرۈمچى ج خ باشقارمىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالى ساقچىخانىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1-ئەترىتىنىڭ ساقچىسى يىن خۇەن مۇنداق ئەسكەرتتى: يولۇچىلار سەپەرگە چىققاندا، چوقۇم ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە ياكى پويىز بېلىتىنى تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئۆزىنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى تولۇق ئېلىپ ئاندىن شۇ ئورۇندىن ئايرىلىشى كېرەك. مەنبە: 新疆1074交通文艺广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/2ARVqyW5nR_QbAeuKhOwcA
https://www.nur.cn/news/2023/02/24056704.shtml
كۆك ئاسمان، ياپيېشىل چىم، كۆڭۈلنى مەستخۇش قىلغۇدەك تاغۇ-دەريالار
سۈرەتلەر توۋتياۋ تورىدىن ئېلىنغان:
https://www.nur.cn/news/2023/02/23971378.shtml
چاغاندىن كېيىن بۇ بەش خىل كەسىپ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى
چاغاندىن كېيىنكى مەزگىل خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ كەسمە سۈرىتىسانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاغاندىن كېيىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە كومپيۇتېر/ئىنتېرنېت تورى/خەۋەرلىشىش، كادىرلار ئىشلىرى/مەمۇرىيەت/ئارقا سەپ، يېمەك-ئىچمەك، ئادەتتىكى ئىش/تېخنىكىلىق ئىش، مال سېتىش قاتارلىق بەش خىل ساھە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كومپيۇتېر/ئىنتېرنېت تورى/خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى %10.1نى ئىگىلىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا، كادىرلار ئىشلىرى/مەمۇرىيەت/ئارقا سەپ، يېمەك-ئىچمەك ساھەلىرى ئېھتىياج يۇقىرى بولۇش ۋە خىزمەت جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن نۆۋەتتە كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ساھە قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، بۇ ئىككى ساھەنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.4 ۋە %7نى ئىگىلىگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاغاندىن كېيىن خىزمەت ئىزدىگەنلەر ئىچىدە مال ساتقۇچىلار، ئادەتتىكى ئىشچىلار/تېخنىك ئىشچىلار ۋە يەرلىك مۇلازىمەتچىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %35 تىن يۇقىرى بولغان. كومپيۇتېر/ئىنتېرنېت تورى/خەۋەرلىشىش، ئائىلە تازىلىقى/ئامانلىق ساقلاش، كىنو-تېلېۋىزىيە/كۆڭۈل ئېچىش/ئارام ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/4e3u2uj7ERHmYY-Nz84xvg
https://www.nur.cn/news/2023/02/23991297.shtml
دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! مەنبە: خەلق تورى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «2023-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى (شەنبە، ھارپا كېچىسى)دىن 27-كۈنى (جۈمە، چاغاننىڭ 6-كۈنىگى)چە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە)، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى «2023-يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە چاغاندا 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە)، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ، دېيىلگەن. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/-GIiutKO0mxH-XS62fAUWA
https://www.nur.cn/news/2023/01/23776272.shtml
چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولى چاغاندىن كېيىنكى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى
سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول شاڭخەي ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈن چاغاننىڭ 3-كۈنى بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولى چاغاندىن كېيىنكى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ كۈنى يولۇچى توشۇيدىكەن يولۇچى 1 مىليون 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. تۆمۈر يول تارماقلىرى نەنچاڭ، ۋۇخەن، چاڭشا، جېڭجۇ، شۈجۇ، خېفېي، ئەنچىڭ، فۇياڭ رايونلىرىدىن شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ ۋە جېجياڭنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىدىن 19نى كۆپەيتىپ، 105 پويىزنى تەشكىللەشنى پىلانلىغان. 7-يانۋار چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچى 25 مىليون 322 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 1 مىليون 489 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %27.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە چاغاندىن بۇرۇن 23 مىليون 848 مىڭ ئادەم (قېتىم)، چاغاندىن كېيىن 1 مىليون 478 مىڭ ئادەم (قېتىم) توشۇلغان. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولىدا توشۇلغان يولۇچى 1 مىليون 920 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيانقى تاق كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا يېڭى رىكورت يارىتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىللىق تۆمۈر يول چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولۇپ، بايرامدىن 15 كۈن بۇرۇن، بايرامدىن 25 كۈن كېيىن، جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن. چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا ئاساسىي ئېقىم، تۇغقان يوقلاش ئېقىمى، ئىشلەمچىلەر ئېقىمى ۋە ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئاساس قىلىنىدىكەن، ھازىر چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ 40 كۈنىدە 60 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئېشىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىكەن.
https://www.nur.cn/news/2023/01/23907168.shtml
بۇ كۈنى شىنجاڭدا 3789 جۈپ قىز-يىگىت تىزىملىتىپ توي قىلدى
14-فېۋرال شىنجاڭدا 3789 جۈپ قىز-يىگىت تىزىملىتىپ توي قىلدى 14-فېۋرال، بۇ يىللىق ئۆيلىنىشكە تىزىملاشنىڭ تۇنجى يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، نۇرغۇن قىز-يىگىت بۇ كۈندە مۇھەببەتكە تولغان «قىزىل دەپتەر» ئېلىشنى تاللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى سائەت 21 گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 3789 جۈپ ياش ئۆيلىنىشكە تىزىملاتقان. تىزىملاش يۇقىرى پەللىسىدە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ ئۆيلىنىشكە تىزىملاش ئورۇنلىرى خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ ياكى كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىنى كۆپەيتىپ ياكى ۋاقىتنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىزىملاش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى پەللىدىكى ئادەم كۆپ بولۇشتەك نەق مەيدان خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى توي قىلغانلارنىڭ ئوڭۇشلۇق توي خېتى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. «مەيلى ئالدىن كېلىشىپ قويغان-قويمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىز يېڭى توي قىلغانلار ئۈچۈن ئۆيلىنىشكە تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردۇق، خىزمەتچى خادىملار ئىككى سائەت بۇرۇن ئىش ئورنىغا كېلىپ، چۈشتىمۇ دەم ئالماي، شۇ كۈنى ئۆيلىنىش تىزىملىتىشقا كەلگەن 80 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ ھەممىسىگە توي خېتى بەردى» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆيلىنىشكە تىزىملاش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جاقسىگۈل ماناپ تونۇشتۇرۇپ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل نۇرغۇن ئۆيلىنىشكە تىزىملاش ئورۇنلىرى ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى توي قىلغانلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى قوغداشقا، يېڭى توي قىلغانلارنى توغرا ئۆيلىنىش، مۇھەببەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆيلىنىشكە تىزىملاش نەق مەيدانىدا «ئۆيلىنىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرايلى» دېگەن تەشەببۇسنامە ۋە ئىمزا تېمى تەسىس قىلىپ، يېڭى توي قىلغانلارنى «مۇھەببەت خىتابنامىسى» ئىمزالاشقا يېتەكلىدى. سانجى شەھىرىمۇ «يۇقىرى باھالىق تويلۇقنى رەت قىلىش، مەدەنىي يېڭى ئىستىل تىكلەش» باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى توي قىلغانلارنى ناچار كەيپىياتقا ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ساغلام، ئاددىي، مەدەنىي، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان توي ئادىتى يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/BxYWXzB0RLBrhUoSJUud8A
https://www.nur.cn/news/2023/02/24078891.shtml
ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدى
ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش جەريانىدا، ئىشنى ئامما يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىدىن باشلاپ، «كۆپەيتىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىكار تۇرغان يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى «تېپىپ» چىقىرىپ، ئاممىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشىغا قولايلىق ياراتتى. مۇخبىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) تيەنيۆ لۇڭتىڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 100 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ تېخى تولۇق توشمىغانلىقىنى كۆردى. شەھەر ئاھالىسى جۇ زۇمىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ئەتراپتا خىزمەت قىلىمەن، بۇ جايغا مەكتەپ، دۇكان، خىزمەت بىنالىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولغاچقا، ئىلگىرى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تاپماق تەس ئىدى، يول ياقىسى، پىيادىلەر يولى «ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى»غا ئايلىنىپ قالغانىدى، 2022-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت بۇ يەردە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىشنى كۆپ قولايلاشتۇردى». شەھىرىمىز تەكشىلىكتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتكەندىن باشقا، يەنە «بوشلۇقتىن ئورۇن چىقىرىپ»، چوڭ تىپتىكى سودا رايونى ئەتراپىغا ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇردى، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت يەنە بوش يەر، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى نۇرغۇن يول بۆلىكىدە خەلققە قولايلىق يول بۆلىكى قىلىپ تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى سائەت 13دىن 15دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، سائەت 21دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە ئاپتوموبىللارنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا رۇخسەت قىلدى. 2020-يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە، شەھىرىمىزدە جەمئىي 36 مىڭ 132 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 2020-يىلى 13 مىڭ 266 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى، 2021-يىلى 11 مىڭ 363 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى، 2022-يىلى 11 مىڭ 503 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى تاماملاندى. 2021-يىلى شەھىرىمىز 14 ئاۋات سودا چەمبىرىكى ۋە ئاسما كۆۋرۈك ئاستىغا 81 ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەسىس قىلىپ، 5916 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتتى. دوختۇرخانا، مەكتەپ، سودا بازىرى، ئىش بېجىرىش ئورنى، باغچە ۋە مەدەنىيەت كەسپى نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن 179 تارماق يولدا 9196 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىندى. شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شەھىرىمىزدە باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر مەركەزلىك بولغان قىيىن نۇقتا مەسىلىسى، شۇنداقلا شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق ئىش. ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى قىيىنچىلىقتىن كۆپ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، بىر تۈركۈمىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، بىر تۈركۈمىنى پىلانلاپ، يەر يۈزىدىكى بىكار بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى)نى كۆپەيتىپ، كۆۋرۈك ئاستىدىكى بوشلۇقنى جانلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى زورايتتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ كېيىنكى تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاخىرىدا چوڭ-كىچىك ئاپتوموبىللارنى «ئۆز ئورنىغا توختىتىش» ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاپتوموبىل توختىتىشنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. مەنبە: 乌鲁木齐维吾尔语广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/7icjyIGdRouqZOxuWLBz-w
https://www.nur.cn/news/2023/03/24267219.shtml
دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش
دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2023-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» بويىچە بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىغا 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلمايدۇ. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Dx86GvyAOq-OcLfISynl5A
https://www.nur.cn/news/2023/03/24345653.shtml
تويلۇق «ئادەم سودىسى»غا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك
گۈزەل توي تۇرمۇشىنى تويلۇق ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولمايدۇ مەنبە: خەلق تورى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تويلۇق بەزى جايلاردا بەسلىشىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ، ئەسلىدە مۇھەببەتنى ئاساس قىلىشى كېرەك بولغان تويلىشىش تويلۇقنى ئالدىنقى شەرت قىلىشقا ئۆزگىرىپ، توي تۇرمۇشىنىڭ شېرىنلىكىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. توي تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى تويلۇقنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، ھېسسىياتنى ۋاسىتە قىلغان توي تۇرمۇشى «بىر قولدا ئادەمنى تاپشۇرۇش، بىر قولدا پۇل تاپشۇرۇش»تەك سودىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بەزى يېزىلاردا «شارائىت قانچە ناچار بولسا تويلۇق شۇنچە يۇقىرى بولۇش، ئائىلىدە قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسا تويلۇق شۇنچە يۇقىرى بولۇش» ئەھۋالى مەۋجۇت، ئايرىم ئائىلىلەر ھەتتا «توي سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتتى». يەنە بەزى ئائىلىلەر ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ، قىزلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك قالاق قاراش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، قىزنى ياتلىق قىلىپ ئېرىشكەن تويلۇقنى ئوغلىغا ئۆيلەشكە ئىشلىتىپ، رايون خاراكتېرلىك تويلۇقنىڭ سوممىسى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدىغان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى باھالىق تويلۇق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توي قىلىش يېشىدىكى ياشلار توي قىلىشقا پېتىنالمايدۇ ياكى ئەسلىدە توي قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يىگىت-قىزلارنىڭ ھېسسىياتى بۇزۇلىدۇ، ھەتتا ئۆچەكىشىپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «ئادەم ۋە مال-مۈلۈكتىن بىراقلا قۇرۇق قېلىش»تىن ئىبارەت تىراگېدىيەلەرنى پەيدا قىلىدۇ. توي قىلسىمۇ، يۇقىرى باھالىق تويلۇق زىددىيەت يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تېخى مۇقىملاشمىغان توي مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىمۇ تويدىن پايدىلىنىپ مال-مۈلۈك ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەنئى قىلىش ئېنىق بەلگىلەندى. كۆپ تارماق يۇقىرى باھالىق تويلۇق قاتارلىق ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى... بىر قاتار تۈزۈم لايىھەسى تويلۇقنىڭ «تېمپېراتۇرىسى»نى تۆۋەنلىتىپ، «مۇھەببەتنىڭ يۈكى»نى يېنىكلىتىۋاتىدۇ. لېكىن، كىشىلەرنى يۇقىرى سوممىلىق توي-تۆكۈن، ناچار ئادەتلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن چۆرۈپ تاشلىتىش ئۈچۈن، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ۋە يولىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ يېتەكچى خاراكتېرلىك توي-تۆكۈن ئۆلچىمىنى بېكىتىش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سوممىلىق توي-تۆكۈننى توسۇش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كىشىلەرنى توغرا توي-تۆكۈن، تۇغۇت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يەنىمۇ يېتەكلەش كېرەك. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/79GsX2WwbJz52Q9cRBJ3aA
https://www.nur.cn/news/2023/03/24233702.shtml
بۇ ھەپتە خىزمەت ۋاقىتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ
مەنبە: 天山之声 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/2Kb-hEGe-t2MvPdTUb_biA
https://www.nur.cn/news/2023/04/24457136.shtml
1-ماي بايرىمىدا 9 كۈن دەم ئالالايدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟
ئەمگەكچىلەر بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، بۇ يىل 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ. ئەگەر سىز 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن رۇخسەت سورىسىڭىز، بۇنىڭغا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنىنى قوشسىڭىز توققۇز كۈن دەم ئالالايسىز. 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە چىڭمىڭ بايرىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر نۆۋەتلىك ساياھەت يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بېلەتلەرنى ئىككى ئاي بۇرۇنلا زاكاز قىلىشقا باشلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي ساياھەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %390 ئاشىدىكەن، دۆلەت ئىچى ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %292 ئاشىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتىمۇ ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن. 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن باشقا بۇ يىل يەنە تۆۋەندىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى بار! قېنى بىرلىكتە دەم ئېلىش پىلانى تۈزەيلى! دۈەنۋۇ بايرىمىدا 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ. ئەگەر سىز 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن رۇخسەت سورىسىڭىز، ئۇنىڭغا 6-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنى يەنى شەنبە، يەكشەنبە قوشۇلۇپ، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشىڭىز 8 كۈنگە ئۇزرايدۇ. بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش بىلەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يەنە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە 8 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە ئۇزۇن سەككىز كۈنلۈك ئالتۇن ھەپتە ھاسىل بولىدۇ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى (شەنبە) ۋە 8-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت كۈنى بولىدۇ. ئەگەر دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ئۇلاپ يەتتە كۈن رۇخسەت سورىسىڭىز، كېيىنكى ھەپتە ئاخىرى قېتىلىپ 17 كۈنلۈك دەم ئېلىش بولىدۇ، يەنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە دەم ئالالايسىز. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دەم ئېلىشتا توغرا ئۇسۇلنى تاللاڭ، ئامال بار مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى ئىشلىتىڭ، بۇنداق بولغاندا ھەم ئۇزۇن دەم ئالالايسىز، ھەم كىرىمىڭىزگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنالايسىز. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/9G1MCxLqnq51ARC5GV2Cng
https://www.nur.cn/news/2023/04/24410659.shtml
ئېلىمىزدە باھارنىڭ شەپىسى كۆرۈلدى
يېقىندا، ئېلىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىللىق ھاۋا ئېقىمى كۈچىيىپ، قۇياش نۇرى ھەممە يەرنى ئىللىتىپ، بىر قېتىملىق ئىللىق دولقۇن ھاسىل قىلدى. 4-مارتتىن 8-مارتقىچە، شىمالىي جۇڭگو نىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ئۆرلەپ 20 گىرادۇستىن ئېشىپ، كۆپلىگەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىدۇ، نۇرغۇن جايلار نورمال يىللاردا 4-ئاي، ھەتتا 5-ئاينىڭ باشلىرىدا بولىدىغان ئىللىق ھاۋانى ھېس قىلىدۇ، قىسمەن جايلار ھەتتا تارىختىكى ئەڭ ئىللىق ھاۋا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان ھاۋا ئوچۇق بولغانلىقتىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولدى، فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلار ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك. ئېلىمىزدە نۇرغۇن جايلار نورمال يىللاردا 4-ئايدا بولىدىغان ئىللىق ھاۋانى ھېس قىلىدۇ، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا بالدۇرلا باھارنىڭ شەپىسى كۆرۈلدى 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، سوغۇق ھاۋانىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ئىللىق ھاۋا كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېلىمىزدە تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە ئۆرلەشكە باشلاندى. تۈنۈگۈن قۇياش نۇرى كەڭ زېمىنغا ئىللىق نۇرىنى داۋاملىق چاچتى، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 4 گىرادۇستىن ئارتۇق ئۆرلىدى. يېقىندا بېيجىڭغا ئىللىق قۇياش نۇرى ھەمراھ بولدى، كۈنيۈخې دەرياسى بويىدىكى ئاق ماگنولىيە غۇنچىلىرى ئېچىلاي دەپ قالدى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن 8-مارتقىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى ۋە جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 گىرادۇستىن ئاشىدۇ، تېمپېراتۇرا 25 گىرادۇستىن ئاشىدىغان رايونلارنىڭ دائىرىسىمۇ كېڭىيىدۇ، نۇرغۇن جايلار نورمال يىللاردا 4-ئاي، ھەتتا 5-ئاينىڭ باشلىرىدا بولىدىغان ئىللىق ھاۋانى ھېس قىلماقتا. مەسىلەن، شېنياڭدا 7-مارتتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 16 گىرادۇسقا چىقىپ، شۇ جاينىڭ تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ئىللىق ھاۋا رېكورتىغا يېقىنلىشىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئادەتتىكى يىللاردا 3-ئاينىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 1 گىرادۇسقا يەتمەيتتى، بۇ يىل 7-مارتتىن 8-مارتقىچە ئۇدا 10 گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ، 8-مارت ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 16 گىرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن، نورمال يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئىللىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جېڭجۇ، جىنەنلەردە كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 26 گىرادۇستىن 27 گىرادۇسقىچە بولىدۇ، بۇمۇ شۇ جايدىكى ئوخشاش مەزگىلدە ئاز كۆرۈلىدىغان ئىللىق ھاۋا ھېسابلىنىدۇ. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىن، باھار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالغا قاراپ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بارىدۇ. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى نورمال يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يېرىم ئاي بۇرۇن باھارغا قەدەم قويىدۇ، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ باھار پەسلى بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار، شىجياجۇاڭ بەلكى ئەڭ بالدۇر باھارغا كىرىش رېكورتىنى يارىتىشى مۇمكىن، تيەنجىنمۇ كېلەر ھەپتە بەلكى باھارغا قەدەم قويۇشى مۇمكىن. ئەمما سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاجىزلاش ھالىتىدە تۇرغاچقا، بۈگۈندىن باشلاپ شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئاتموسفېرانىڭ تارقىلىش شارائىتى تەدرىجىي ناچارلىشىدۇ، يېنىك ياكى ئوتتۇراھال تۇمان-تۈتەك پەيدا بولىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. 6- ۋە 8-مارت ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە شىمالىي جۇڭگو رايونىدا تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋا رايى سەل پەسىيىدۇ. ھاۋا ئىللىش جەريانىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى نۇرغۇن جايلاردا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 15 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھەتتا 20 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، كۈندۈزى ئىللىق، ئەتىگەن ۋە كەچتە سوغۇق بولىدۇ، شۇڭا ئەتىگەن-ئاخشىمى سىرتقا چىققاندا قېلىنراق كىيىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى ۋادىلىرىدا تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋارايى بىرئاز كۆپىيىدۇ، ئامما سىرتقا چىققاندا ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەپتە ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئوت ئاپىتىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك يېقىندىن بۇيان ھاۋا ئوچۇق بولغانلىقتىن مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاقلاشتى، ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇدا يامغۇر ياغىدىغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىمۇ مۇشۇنداق بولدى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ ھاۋاسىنىڭ نىسپىي نەملىكى %30 ئەتراپىدا بولدى. ھەپتە ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ۋە قار ئاز ياغىدۇ، ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى غەربىي جەنۇب رايونىغا مەركەزلىشىدۇ. مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 5-مارت شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، شىزاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمى، چىڭخەينىڭ جەنۇبىي قىسمى، غەربىي سىچۈەن ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق رايونلاردا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ئالتاي قاتارلىق جايلىرىدا قېلىن قار ياغدىكەن. سىچۈەننىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى، گۇيجۇنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى، يۈننەننىڭ شەرقىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئازراق ۋە ئوتتۇرا ھال يامغۇر ياغىدىكەن. ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ھاۋا قۇرغاق، يامغۇر ئاز بولغاچقا، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى زورىيىدۇ، فۇجيەننىڭ جەنۇبىي قىسمى، جياڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي قىسمى، سىچۈەننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمى، يۈننەننىڭ شىمالىدا ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئامما ئوت، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/XNsnZw2unCq3_GcfyABX7A
https://www.nur.cn/news/2023/03/24188213.shtml
خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بۇ تەدبىر يولغا قويۇلدى
شاڭخەي ساقچىلىرى خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بۇ تەدبىرىنى يولغا قويدى يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پۇدۇڭ شۆبە ئىدارىسى كاڭچياۋ ساقچىخانىسىنىڭ مەھەللە ساقچىسى جاۋ لىنجۈن تەۋەلىكتىكى ۋاڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلدى. بوۋاي كىملىكى يۈتۈپ كەتكەنلىكتىن تولۇقلاپ بېجىرمەكچى ئىدى، لېكىن ئۇ كېسەل بولۇپ قالغاچقا، سىرتقا چىقىپ كىملىك سۈرىتى چۈشۈش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. جاۋ لىنجۈن بوۋاينىڭ ئۆيىدە ئۈندىدار ئەپچىقى «شاڭخەي رەقەملىك كىنىشكا سۈرىتى مەركىزى» ئارقىلىق بوۋاينىڭ سۈرەتكە چۈشۈشىگە ياردەم بەردى. ئاھالىلەرنىڭ كىملىك بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ يانفوندا ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىش ئۈندىدار ئەپچىقى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاھالىلەر يانفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ياكى ئۈندىداردىكى «شاڭخەي رەقەملىك كىنىشكا سۈرىتى مەركىزى»نى ئىزدەپ تېپىپ، كۆرسەتمە ئارقىلىق كىملىك سۈرىتىنى ئاپتوماتىك تارتىپ يوللىسا بولىدىكەن. بۇ ئەپچاق «نامسىز نومۇر ئېلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىسىم –فامىلىسى، يانفون نومۇرى، سۈرەتكە تارتىش نومۇرى ۋە ئادەم سۈرىتىنى يىغىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى «شاڭخەي ج خ نوپۇس باشقۇرۇش» ئارقىلىق كىملىك نومۇرى بىلەن سۈرەتكە تارتىش نومۇرىنى ئارقا سۇپىغا باغلىۋالسا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەپچاق مەملىكەت بويىچە ج خ سالاھىيەت ئىسپات بېرىش سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سۇپىدا «بىرگە بىر» ئادەم يۈزىنى ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، «ۋاكالىتەن سۈرەتكە چۈشۈش» مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/mFOshEXPxso_qR2hHZNzqw
https://www.nur.cn/news/2023/03/24331242.shtml
تويلۇق ئارقىلىق ئەر تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى سىناشقا بولمايدۇ
يۇقىرى باھالىق تويلۇقنى رەت قىلىش لازىم مەنبە: خەلق تورى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، لېكىن ئايرىم جايلاردا تويلۇقنىڭ سوممىسىمۇ كۆپىيىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توي قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالدى. بەزى ياشلار تويلۇق سەۋەبلىك ئۆيلىنەلمىدى؛ بەزى ئائىلىلەردە تويلۇق سەۋەبلىك ئارازلىق كۆرۈلدى؛ ھەتتا تويلۇق سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىش ئەھۋاللىرىمۇ پات-پات يۈز بەرمەكتە. يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق كۆپىنچە ئەگىشىش بىلەن بەسلىشىشتىن كېلىدۇ. بەزى جايلاردا تويدىن بۇرۇنقى تويلۇقنىڭ ئاز-كۆپلۈكى «توغرا كىشىگە ياتلىق بولغان-بولمىغانلىقى»غا باھا بېرىش ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ، تويلۇقنىڭ سوممىسىمۇ بۇ سەۋەبلىك ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى. بەزى جايلاردا تويلۇق توي تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى دەپ قارىلىپ، تويلۇق قانچە يۇقىرى بولسا، قىز ياتلىق بولغاندىن كېيىن شۇنچە ئەتىۋارلىنىدۇ، دەپ قارالدى. يەنە بەزى ئائىلىلەر قىزىنى ياتلىق قىلغاندا يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق تەلەپ قىلىپ، ئاندىن ئوغلىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىدىغان بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى ناچار توي ئۆرپ-ئادىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا ئىستىلى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇدىغان توسالغۇ بولۇپ قالدى. كونا قائىدە، ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقنى توسۇشنىڭ ئاچقۇچى كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشتە. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، تويلۇقنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىشى لازىم، توينى ھەرگىز ئېلىم-سېتىم قىلىۋالماسلىقى، ئۆمۈرلۈك بەختىنى نابۇت قىلماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شامالغا ئەگىشىش، بەسلىشىش پىسخىكىسىنى يېڭىش لازىم، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق بىلەن ئەر تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى سىناشقا بولمايدۇ، تويلۇقنى «يۈز-خاتىرە» دەپ قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆپرەك ئويلاپ، ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقتىن ئىبارەت بۇ ناچار كەيپىياتنى توسۇشتا ئاممىۋى پىكىرنىڭ پائال يېتەكلىشىگە تايىنىش كېرەك. مول، كۆپ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاددىي، مۇۋاپىق توي-تۆكۈن قائىدە-يوسۇنلىرىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىي، ئالغا ئىنتىلىدىغان توي-تۆكۈن ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ توغرا توي-تۆكۈن قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق قاتارلىق ناچار ئىستىل، ناچار ئادەتلەرنى ئاڭلىق توسۇش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەپ، ياخشى تويلىشىش ئۆرپ-ئادىتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقنى چەكلەشنى كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ھەمدە يېزىلاردىكى توي-دەپنە ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، تويلۇق ئۆلچىمىنى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈشنى توسۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكى كاپالەتتۇر. جايلار ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقنىڭ مەۋجۇد بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، توي ئادىتى يېڭى ئىستىلىنى مودىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەختىنى ياخشى قوغداش كېرەك. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/ZzaXoSx8cuKGncc3OozkPQ
https://www.nur.cn/news/2023/03/24171081.shtml
بۇ كىشىلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
مەنبە: 天山之声 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/9bTYiJ5xs8D0D9LV3II2ow
https://www.nur.cn/news/2023/03/24201353.shtml
جىگىرىنى كېسىپ قىزىنى قۇتقۇزغان 27 ياشلىق دادا
جىگىرىنى كېسىپ قىزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 27 ياشلىق دادا 40 جىڭ ئورۇقلىدى جېڭجوۋ شەھىرىدىكى 27 ياشلىق جاڭ دېجۇاڭنىڭ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن قىزى شياۋ نونو جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي بىر مەھەل تۈگىشىپ كەتكەن ئىدى. جىگىرىنى ماي قاپلاپ كەتكەن جاڭ دېجۇاڭ جىگىرىنىڭ قىزىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆچۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىپ قىزىنى تېزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئون نەچچە كىلومېتىر يۈگرەپ، سەككىز ئاي گۆش يېمەي، 40 جىڭ ئورۇقلاپ، جىگىرى قىزىغا ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلدى. جاڭ دېجۇاڭ قىزىنىڭ تىنچ-ئامان چوڭ بولۇشىنى، سىرتلارنى كۆپرەك كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/xaRT4icapoB2kkGVHtRShg
https://www.nur.cn/news/2023/03/24337585.shtml
35 ياش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لۈ گوچۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى. ئىدارە ئورگانلار باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ 35 ياش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا ياشلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە ئاكتىپ پىسخىكىلىق مۆلچەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/nzMlAXA8IOaGjGyxrIJxTg
https://www.nur.cn/news/2023/03/24184330.shtml
ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ۋاقتى كۈنىگە بىر سائەتتىن ئاشسا بولمايدۇ
خەلق تورى ئوبزورى: چېن x لۇڭ پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلىقتىن قولغا ئېلىندى، لېكىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەسىلىسىگە توغرا قاراش كېرەك مەنبە: خەلق تورى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، سىچۇەن دېياڭ ساقچى تەرەپ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، توردا تارقالغان جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ئورۇنغا چېتىشلىق ساختا ئۇچۇر ۋەقەسى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، چېن xلۇڭنىڭ قەستەن پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى تور ئاممىۋى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، چېن xلۇڭ جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، باش سۈرىتىنى تەقلىد قىلىپ، «رەھبەرلەرگە غەزەپلىنىپ ئاچچىقىنى چىقارغان» ئۈندىدار پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ھەم تور ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلىپ، قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى. قانۇننىڭ نوپۇزىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. «رەھبەرلەرگە غەزەپلىنىپ ئاچچىقىنى چىقارغان» ئۈندىداردا پاراڭلىشىش خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۈرىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش گەرچە پۇخادىن چىقارغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇنداق پۇخادىن چىقىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك. بۇ ئىشنى قايتا ئويلىغاندا، مۇنداق بىر ئاساسىي پاكىتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز كېرەك، يەنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش يەنىلا خىزمەت مەيدانىدىكى مۇھىم مەسىلە، بولۇپمۇ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاش تېخىمۇ ئاسان بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ. ئەمگەك قانۇنىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار، يەنى: «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ، ئادەتتە كۈنىگە بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتى كۈنىگە ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، لېكىن ئېيىغا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئېلىپ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ. چېن xلۇڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان پاراڭلىشىش خاتىرىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى قوزغاپ، ئاممىۋى ھېسسىياتنى ئىستېمال قىلغان، بۇ مۇقەررەر ھالدا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. لېكىن، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەسىلىسىگە توغرا قاراش كېرەك، خىزمەت بېسىمىنى قانداق پەسەيتىش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىكى كونا ئىللەتلەرنى قانداق پەسەيتىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/5CNGYD4sfkCIZUKeV-5dpA
https://www.nur.cn/news/2023/04/24410949.shtml
قىسمەن جايلاردا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى ياش چەكلىمىسى تەڭشەلدى
نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 30غا يېقىن ئۆلكە 2023- يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 27 ئۆلكە مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىمتىھان ئېلىشنى باشلايدۇ. ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى «35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن» بولۇش ياش چەكلىمىسىدە بۇ يىل كۆپ جايلاردا ئۆزگىرىش بولغان. بىر قانچە ئۆلكە قىسمەن ئىش ئورنىنىڭ يېشىنى 40 ياشتىن تۆۋەن قىلىپ تەڭشىگەن. مەنبە: 乌鲁木齐维吾尔语广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/Vd2tufEYX-SdsSVbV3RK-w
https://www.nur.cn/news/2023/03/24176288.shtml
بۇ جاي ئاجرىشىشنى زور دەرىجىدە تۈگەتتى
يېقىندا سۇچيەن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئاجرىشىشنى تىزىملاشتا تەخىر قىلىش مەزگىلىدىكى مۇرەسسە تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جاي 2021-يىلى 5-ئايدا بۇ تۈزۈمنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «تەخىر قىلىش مەزگىلى»نى «مۇرەسسە قىلىش مەزگىلى»گە ئۆزگەرتكەندىن بۇيان، نۆۋەتتە 1719 ئاجرىشىشنى تىزىملاتقان ئەر-ئايال «تەخىر قىلىش مەزگىلى» ئىچىدە مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئاجرىشىشتىن يېنىپ، قايتىدىن يارىشىپ، ئاجرىشىش ھادىسىسى زور دەرىجىدە تۈگىتىلگەن، شۇنداقلا ئاجرىشىش ماجىراسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زوراۋانلىق توقۇنۇش ياكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن ساقلانغان. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/_GK2ysVZLbinKik1R5KayA
https://www.nur.cn/news/2023/02/24138588.shtml
ئۇ مەستچىلىكتە تاكسىغا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۆلىدى
يېقىندا، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە بىر يولۇچى تاكسىغا ئولتۇرۇپ چۈشىدىغان چاغدا پۇل تۆلىگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن 9.5 يۈەن كىرا ھەققى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۆلىۋەتتى. تاكسى شوپۇرىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكىتى تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يېرىم كېچىدە، تاكسى شوپۇرى كۇڭ دېۋۇ چاڭئەن رايونى خوۋجياۋەن كەنتىدە بىر ئەر يولۇچىنى ئېلىپ ماڭدى. يولۇچى مەست بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ۋېيچۈ شىمالىي كوچىسىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، يولۇچى ئويلىمىغان يەردىن ئۈندىدار ئارقىلىق 9.5 يۈەن كىرا ھەققى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۆلىۋەتتى. كۇڭ دېۋۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن شۇ چاغدا دەرھال ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇنىڭغا پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۈندىداردا سومما چەكلىمىسى بولغانلىقتىن پۇل ئۇنىڭ ھېساباتىغا ماڭماي قالدى، بۇ چاغدا ئۇ يولۇچى ئالدىراپلا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ كەتتى. مەن شۇ چاغدا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم، مەست كىشىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەم جىدەللىشىپ قالارمىزمۇ دەپ ئەنسىرىدىم، دەرھال تاكسى ئەترىتى، ئاممىۋى قاتناش شۆبە ئىدارىسى ۋە باشقۇرۇش ئورنىغا بۇ ئەھۋالنى ئەنگە ئالدۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇڭ دېۋۇ يەنە ئۈندىدارنىڭ پۇل تۆلەش بېتى ئارقىلىق بۇ يولۇچىغا ئۇچۇر يوللىدى، لېكىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇ يولۇچىدىن ئۇچۇر كەلمىدى. كۇڭ دېۋۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇنچە كۆپ پۇلنى خاتا تۆلەپ قويغان بۇ يولۇچى قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپ كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمىدى». 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خۇش خەۋەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش شۆبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ يولۇچىنى تاپتى. يولۇچى جاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شۇ كۈنى كەچتە بىپەرۋالىق قىلىپ پۇل تۆلىگەندە پۇل سوممىسىنى تولدۇرىدىغان جايغا مەخپىي شىفىرىمنى كىرگۈزۈپتىمەن. بۇ ئىشتىن كېيىن تاكسى شوپۇرى ماڭا ئۈندىداردا سۆز قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىققەت قىلماپتىمەن، يېقىندىن بۇيان بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنىمۇ تەكشۈرۈپ باقماپتىمەن. ساقچىلار ماڭا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىنلا كۆپ پۇل تۆلىۋەتكەنلىكىمنى بىلدىم». ئارقىدىن جاڭ ئەپەندى كۇڭ دېۋۇغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ رەھمەت ئېيتتى، كۇڭ دېۋۇ نەق مەيداندا ئارتۇق تۆلەنگەن كىرا ھەققىنى جاڭ ئەپەندىگە قايتۇرۇپ بەردى. كۇڭ دېۋۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يولۇچىنىڭ تېپىلغىنىدىن خۇش بولدۇم، ئەمدى تۇرمۇشۇم نورماللىشىدىغان، ياخشى ئۇخلىيالايدىغان بولدۇم.» مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/PMUWAFDm7wXqvQ-4_L2rfw
https://www.nur.cn/news/2023/04/24452093.shtml
2023-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى: «گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەت بويىچە بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى > گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (گوۋۇيۈەننىڭ 644-نومۇرلۇق پەرمانى)، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2023-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب [2022] 16-نومۇرلۇق) ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ < شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت-بايراملاردا دەم ئېلىش چارىسى > گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174-نومۇرلۇق پەرمانى)غا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2023-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش، دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش ۋە قىش، ياز پەسىللىك مەشغۇلات ۋاقتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى: ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە: روزا ھېيت: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى روزا ھېيت بولۇپ، 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (شەنبە كۈنىدىكى نورمال دەم ئېلىش ۋاقتى بىلەن قوشۇلۇپ، 4-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ). ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى (شەنبە) تولۇقلاپ خىزمەت قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەنبە: http://www.xinjiang.gov.cn/xinjiang/tzgg/202212/837bf486d47f4734a58c33837ec8a124.shtml
https://www.nur.cn/news/2023/04/24463705.shtml
پۇلنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندە...
ئالتە مىڭ يۈەن نەق پۇلنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندە، بىر نەچچە بانكا خادىمى شامال بىلەن بەسلىشىپ، ھەرتەرەپكە چېچىلغان پۇلنى يىغىشقا باشلىغان، يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ياردىمىدە پۇلنىڭ كۆپ قىسمى يىغىۋېلىنغان. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/mK46vQmR-_zrsus-Qc_1sw
https://www.nur.cn/news/2023/04/24483034.shtml
چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى
بېيجىڭ چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى! بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2023 ـ يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى رەسمىي ئېلان قىلدى. 2023-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھازىر 2023-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز: 2023-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (چارشەنبە) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ،جەمئىي بىر كۈن. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى ئالدىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەدەنىي، تەرتىپلىك قەبرە سۈپۈرۈپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن باشقا ۋاقىتتا يېشىل سەپەرگە چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2023-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/QzCXiEZEKiU3hWipPh73jw
https://www.nur.cn/news/2023/03/24248340.shtml
بالىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى ياكى تۇتقاقلىق كېسىلى بولسا ۋاكسىنا ئۇرغۇزسا بولامدۇ؟
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ۋاكسىنا ئەملەش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تېجەشلىك ئۇسۇل. ئەمما زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى ياكى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاكسىنا ئەملەش-ئەملىمەسلىك ئاتا-ئانىلارنى قىينايدىغان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى «مەملىكەتلىك بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە سالامەتلىك ئەھۋالى بار بالىلارغا قارىتا ئىممۇنىتېتلاش پىلانى كوللېكتىپى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەپسىلىي جاۋاب بەردى. بالىدا زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بولسا ۋاكسىنا ئۇرغۇزسا بولامدۇ؟ كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بار بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش مۇتلەق مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار بولسا: ۋاكسىنا ئەملىگۈچىنىڭ بۇ خىل ۋاكسىنا تەركىبىگە زىيادە سېزىمچانلىقى بارلىقى مەلۇم بولغان بولسا؛ ئىلگىرى بۇ خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەندە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلسە، يەنە بىر قېتىم مۇناسىۋەتلىك ۋاكسىنا ئەملەش مەنئى قىلىنىدۇ. زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى: 1) زىيادە سەزگۈرلۈك جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە ۋاكسىنا ئەملىمەسلىك، چوقۇم يېنىكلەش مەزگىلى، نىسپىي تۇراقلىشىش مەزگىلى ياكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ئاندىن ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. 2) يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىدىغان بالىلارغا، جىددىي خاراكتېرلىك بولمىغان مەزگىلدە نورمال ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدۇ؛ جىددىي خاراكتېرلىك رېئاكسىيە مەزگىلى ( مەسىلەن، جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما، زىققا، قانلىق تەرەت ) ياكى ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئورۇندىكى تېرە نورمالسىزلىقى (مەسىلەن، ھۆل تەمرەتكە، ئالاھىدە سېزىمچان تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار)گە ۋاكسىنا ئەملەشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش كېرەك. تۇخۇم رېئاكسىيە قىلىدىغانلارغا، سېرىق قىزىتما ۋاكسىنىسى ئەملەش مەنئى قىلىنىدۇ. 3) ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ھۆل تەمرەتكە چىققان ئورۇندىن يىراق تۇرۇپ ئەملىسە بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆزىنى چەتكە ئالالمىسا، ئەملەشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش كېرەك. ھەر بىر بالىنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى ( زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى بۆلۈمى دوختۇرى ۋە بالىلار ئىممۇنىتېت پىلانى دوختۇرى ) نىڭ تەكلىپىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ۋاكسىنا ئەملەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە بولامدۇ؟ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن ياكى ئىممۇنىتېتنى تورمۇزلاپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بالىلارغا زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ، لېكىن مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى ( ئىممۇنىتېت بۆلۈمى دوختۇرى ۋە بالىلار ئىممۇنىتېت پىلانى دوختۇرى ) باھالىغاندىن كېيىن پاسسىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئەملىسە بولىدۇ. زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنا ئەملىگەندە ئەسلىدە ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى، ئېغىر ھەتتا جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم بالىلاردا تۇغما ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك (يەنى بىرلەمچى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلى) ئەمەس، بەلكى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككىلەمچى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلى بار. بۇ تۈردىكى بالىلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، تېببىي جەھەتتىن باھالىغاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ زەھىرى ئازايتىلغان تىرىك ۋاكسىنا ئەملەشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. تۇتقاقلىق كېسىلى بار بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرسا بولامدۇ؟ ۋاكسىنا ئەملەش يۇقۇملۇق / يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە، قايتا-قايتا قوزغىلىشنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، نېرۋا سىستېمىسىدا جىنسىي كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆپ بولغان تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. داۋالاشتىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشى كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى كۆپ خىل، كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش-ئەملىمەسلىك، قانداق ئەملەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى (نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋە بالىلار ئىممۇنىتېت پىلانى دوختۇرى) تەپسىلىي باھالىغاندىن كېيىن، ئاندىن قارار چىقىرىش كېرەك. تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىسە بولامدۇ؟ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر تۇغما يۈرەك كېسىلى پەقەت يۈرەك ۋە چوڭ قان تومۇر قۇرۇلمىسىدىكى نورمالسىزلىق بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بولمىسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى بولۇپ، روشەن كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، يۈرەك ئىقتىدارى نورمال ئەھۋالدا، ۋاكسىنا ئەملەشكە تەسىر يەتمەيدۇ. ئەكسىچە، تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆپكە ئارتېرىيەسى يۇقىرى بېسىمى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈپ، كۆپ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى، ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە،ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملەشنى كېچىكتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش-ئەملىمەسلىكنى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى (يۈرەك مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى ۋە بالىلار ئىممۇنىتېتلاش پىلانى دوختۇرى) باھالىغاندىن كېيىن قارار قىلىش كېرەك. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە بولامدۇ؟ ھامىلە يېشى 37 ھەپتىگە توشمىغان بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار، مەسىلەن، تېببىي باھالاش مۇقىم ھەمدە سىجىل ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە (داۋاملىق داۋالىتىشقا تېگىشلىك ئېغىر يۇقۇملىنىش، مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى يوق)، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نېرۋا ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار) تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئايلىق يېشىغا ئاساسەن ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ. ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنى كېچىكتۈرۈپ، دەسلەپكى كېسەللىك ياخشىلانغاندا، تېببىي باھالاشتىن كېيىن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ۋاكسىنا ئەملەشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
https://www.nur.cn/news/2023/04/24501628.shtml
بۇ ۋاقىتتا كىملىكنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق قىلىمىز؟
ئايروپىلانغا، پويىزغا ئولتۇرغاندا كىملىكنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق قىلىمىز؟ ئايروپىلانغا، پويىزغا ئولتۇرغاندا كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە: ئايروپىلانغا، پويىزغا ئولتۇرغاندا كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ پويىزغا قايسى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ؟ يۈك-تاق يىتۈپ كەتسە كىمنى ئىزدەش كېرەك تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. 01 كىملىكنى ئۇنتۇپ قالغاندا جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، نەق مەيداندا تولۇقلاپ بېجىرىش ناھايىتى قولايلىق پويىزغا ئولتۇرغاندا كىملىكنى ئۇنتۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆمۈر يول 12306 ئەپ دېتالىدا «ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق پويىزغا ئولتۇرۇش سالاھىيەت ئىسپاتى»نى تېز سۈرەتتە بېجىرگىلى بولىدۇ، مەشغۇلات ئىنتايىن قولايلىق: (1) ئەپ دېتالى باش بېتىدىن «سەمىمىي مۇلازىمەت» كۆزنىكىنى تېپىپ، «يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى»نى تاللايسىز؛ (2) يان تېلېفوندا ئورۇننى بېكىتىپ، ئىسىم-فامىلە، كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلىسىز؛ (3) «ھەقىقىي ئادەمنى تەكشۈرۈش» مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار بېلەتلەرگە ئاساسەن بېكەتكە كىرسىڭىز بولىدۇ. دىققەت: ھەربىر يولۇچى بىر ئاي ئىچىدە، ۋاقىتلىق پويىزغا ئولتۇرۇش سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار كىنىشكا ياساش كەسپىنى ۋوگزال كۆزنىكىدە بېجىرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئايروپىلانغا چىققاندا كىملىكنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، «خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق ئايروپىلانغا چىقىش ئىسپاتى» ئۈندىدار كىچىك ئەپچىسىنى ئىزدەپ، ئەسكەرتىش بويىچە ئىسىم-فامىلە، كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۇچۇرلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، پەرقلەندۈرگەندىن كېيىن كىملىكنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك كودىنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. 02 پويىزغا ئۈلگۈرەلمىسە پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ ئەگەر پويىزغا ئۈلگۈرەلمىسىڭىز، شۇ كۈنىدىكى كېيىنكى پويىزغا ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ. بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، بېلەتتىكى ۋاقىت، پويىز قېتىمى، پويىز قوزغىلىش ۋاقتىدىن بۇرۇن بېجىرىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، يولۇچىلار بېلەتتىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، پويىز قېتىمى بويىچە يېرىم يولدا پويىزغا چىقسا بولىدۇ، لېكىن ئارىلىقتا ئولتۇرمىغان بېلەت باھاسى قايتۇرۇلمايدۇ. 03 پويىزغا تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن يۈك-تاقلىرىڭىزنى تەكشۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ، قاتتىق ئىسپىرت، پوجاڭزا، ھىدروگېن شارى قاتارلىق ئاسان خەتەر پەيدا قىلىدىغان بۇيۇملارنى پويىزغا ئېلىپ چىقماڭ↓ بىراق، قىسمەن ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى «ئاستا پويىز»لاردا يولۇچىلارنىڭ ئاز ساندا ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە كۈندىلىك سايمان، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. 04 ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈك-تاقلىرىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز مۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېپىۋېلىڭ پويىزغا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزى، پويىز كۈتۈش زالى ۋە پويىزنىڭ يۈك-تاق جازىسىدا ئاسانلا يۈك-تاقلارنى خاتا ئېلىپ قېلىش، چۈشۈرۈپ قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ماڭىدىغان چاغدا چوقۇم ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈك-تاقلىرىڭىز يىتۈپ كەتسە، 12306 ئەپ دېتالىدا يىتكەن بويۇمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش مەشغۇلاتىنى قىلسىڭىز بولىدۇ: (1) ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، «سەمىمىي مۇلازىمەت»-«يىتكەن بويۇم»نى چېكىپ، «يىتكەن بويۇمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش»نى تاللايسىز. (2) ئەگەر پويىزدا نەرسە-كېرەكلەر يىتۈپ كەتسە، «پويىز قېتىمى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش»نى تاللايسىز؛ ئەگەر نەرسە-كېرەكلەر ۋوگزالدا يىتۈپ كەتسە، «ۋوگزال بويىچە سۈرۈشتۈرۈش»نى تاللايسىز؛ (3) ئەگەر يىتۈپ كەتكەن نەرسىڭىزگە ئۇيغۇن ئۇچۇرنى بايقىسىڭىز، 12306 مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ؛ (4) ئەگەر ئىگىسىنى ئىزدەش ئۇچۇرىدا ئۆزىڭىزنىڭ يىتكەن نەرسىڭىزنى بايقىمىسىڭىز، «يىتكەن نەرسىنى تىزىملاش» بېتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ ئىزدەش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/bTTZeuzipYZmUdMLll_uhw
https://www.nur.cn/news/2023/04/24540208.shtml
مەنزىرە رايونىدا ھاجەتخانىغا كىرسە 55 يۈەنگە بېلەت ئالامدۇ؟
30-ئاپرېل كەچتە، گۇيلىن شەھىرى ساياھەت بازىرىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ساياھەتچىلەر گۇيلىن مەنزىرە رايونىدا ھاجەتخانىغا كىرسە 55 يۈەنگە بېلەت ئالىدۇ» دېگەن ۋىدېيوغا چېتىشلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سىچۈەن گۇاڭئەنلىك ساياھەتچى شياۋ ئەپەندى قاتارلىق تۆت كىشى 28-ئاپرېل سائەت 17دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە مۇلوڭ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت تەكشۈرۈش ئورنىغا كېلىپ، باغچىغا ھەقسىز كىرىپ ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان، ساياھەتچىلەر باغچىغا كىرىش ئۈچۈن 55 يۈەنلىك بېلەت سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بېلەت تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان. كېيىن مەنزىرە رايونىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۇلارنى ئاجراتقان ھەمدە ساياھەتچىلەرگە يېقىن ئەتراپتىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئورنىنى دەپ بەرگەن. نۆۋەتتە مەنزىرە رايونى تەرەپ بۇ ساياھەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدى. بۇ مەنزىرە رايونى 30-ئاپرېلدىن باشلاپ تاقىلىپ رەتكە سېلىنىدۇ. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/HdwIUBAHWocx3Mr7FaRlag
https://www.nur.cn/news/2023/05/24562299.shtml
گۈزەل شەھەرلەردىن ھۇزۇرلىنىڭ
سۈرەتلەر توۋتياۋ تورىدىن ئېلىنغان:
https://www.nur.cn/news/2023/05/24750411.shtml
دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلار، قانچىسىنى بىلىدىكەنسىز؟
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 10 ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنى تونۇشتۇرىمىز، بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلار ھەشەمەتلىك بېزەك ۋە ئەسلىھەلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىممىتى زور، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت سۈرەت ۋە سىن قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ گۈزەل ئىمارەتلەرنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. ئانتىليا (antilia) ھىندىستاننىڭ بومباي شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئانتىليا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تۇرالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ. بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ھىندىستانلىق مىلياردېر مۇكەش ئامبانىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، جەمئىي 27 قەۋەت، ئالتە ماشىنا توختىتىش مەيدانى، ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، 9 لېفىت ۋە كۆپ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىقلار بار. ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا كۆپلىگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش سىستېمىسى، تېمپېراتۇرا تەڭشەش سىستېمىسى، ئوغرىدىن ساقلىنىش سىستېمىسى قاتارلىقلار. بۇككىنھام ئوردىسى بۇككىنھام ئوردىسى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق خان ئوردىلىرىنىڭ بىرى. بۇ ساراي لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، 19 ئاساسلىق ئۆلكە ۋە 50 نەچچە ئىككىلەمچى ئۆلكىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى 77 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بۇككىنھام ئوردىسى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت خان ئوردىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەشەمەتلىك ئاشخانا، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، كىنوخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. ئامېرىكا ئاقساراي ئامېرىكا ئاقسارىيى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ سارىيى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان. ئاقساراي ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن، مەسىلەن، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، گولف توپ مەيدان، بولىڭ توپ سارىيى قاتارلىقلار. خامپتون قورۇقى خامپتون قورۇقى نيۇيورك شىتاتىنىڭ شەرقىي ئۇچىدىكى بىر ھەشەمەتلىك ئۆي بولۇپ، قىممىتى 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. بۇ داچىنى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارخىتېكتور جامېس بېنسون لايىھەلىگەن بولۇپ، جەمئىي 12 ياتاق ئۆي، 16 مۇنچا، ئۈچ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە بىر شەخسىي دېڭىز ساھىلى بار. بۇ داچىنىڭ ئىچىگە ئىتالىيە مەرمەر تاش، فارفۇر بۇيۇملىرى قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك بېزەك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەن. تامپا قولتۇقى سارىيى تامپا قولتۇقى تۇرالغۇسى ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر دېڭىز ساھىلى داچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئالتە ياتاق ئۆي، 14 مۇنچا ۋە بىر شەخسىي پىرىستان بار. بۇ داچىغا ئىتالىيەنىڭ مەرمەر تاش، بىرازىلىيەنىڭ كۋارتس تېشى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك بېزەك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەن ھەمدە ھەشەمەتلىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئۇۋۇلاش ۋاننىسى، ھاراق گەمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 85 مىليون دوللار تىن ئاشىدۇ. بېرمۇدا سارىيى (Bermuda Mansion) بېرمۇدا سارىيى بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىدىكى تاغ چوققىسىدىكى داچىغا جايلاشقان بولۇپ، 360 گىرادۇسقا يېقىن ھەيۋەتلىك دېڭىز مەنزىرىسى بار. بۇ داچىنى ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئارخىتېكتور مىك پېرس لايىھەلىگەن بولۇپ، جەمئىي بەش ياتاق ئۆي، توققۇز مۇنچا ۋە بىر شەخسىي پىرىستان بار. بۇ داچىنىڭ ئىچكى قىسمىغا نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك بېزەك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن، قىزىل ياغاچ، مارجان تاش، موزايكا فارفور خىش قاتارلىقلار، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 78 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بېل ئەير قورۇقى (Bel Air Estate) بېل ئايېر قورۇقى ئامېرىكا لوس ئانجىلىستىكى بىر تاغ چوققىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەيۋەتلىك شەھەر ۋە دېڭىز مەنزىرىسى بار. بۇ داچىنى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارخىتېكتور ئوسكار نىمېيېر لايىھەلىگەن بولۇپ، جەمئىي ئالتە ياتاق ئۆي، 11 مۇنچا، ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە بىر شەخسىي ئۆي بار كىنوخانا. بۇ داچىنىڭ ئىچكى قىسمىغا نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك بېزەك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەن، مەسىلەن، ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىنغان مەرمەر تاش، ئىتالىيە ساپال بۇيۇملىرى قاتارلىقلار، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. ئالتا ھاراق زاۋۇتى (Alta Vista Winery) ئالتا ھاراق زاۋۇتى ئامېرىكىنىڭ ناپا جىلغىسىغا جايلاشقان بىر ئۈزۈم ھارىقى قورۇقى بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بۇ ھاراق زاۋۇتىنى ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئارخىتېكتور جامېس مۇردوچ (James Murdoch) ۋە فىرانسىيەلىك لايىھەلىگۈچى فرانسىس ماركو (Francis Mako) لايىھەلىگەن ئورتاق لايىھەلەنگەن، ھەشەمەتلىك ياتاق، يىغىن زالى، ئاشخانا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى بار، ھەمدە ئىلغار ھاراق ئېچىتىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە نۇرغۇن قىممەتلىك ئۈزۈم سورتلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق ئالىي دەرىجىلىك ھاراق زاۋۇتى ماركىسى ھېسابلىنىدۇ.
https://www.nur.cn/news/2023/06/24860531.shtml
ئۇلاپ ئالتە كۈن ئىشلەيمىز
31-ماي، 2023-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى قىزىق ئىزدەلگەن تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 2023-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا رەسمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. يەنى 22-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 25-ئىيۇن (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان 2023-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.2023-يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى تۆۋەندىكىچە↓↓↓ گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنە تۆۋەندىكى بايراملار بار↓↓↓جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى: 29-سېنتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 7-ئۆكتەبىر (شەنبە)، 8-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/6lo1EGXfNCJeFELvuaJHJw
https://www.nur.cn/news/2023/06/24767222.shtml
خۇشخەۋەر! ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدۇ
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەزنىڭ 2023-يىللىق 7 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغى چۈشۈردى مەنبە: خەلق تورى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ مەركەزنىڭ 2023-يىللىق 7 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغىنى تەستىقلاپ چۈشۈرگەن، بۇ، يىللىق مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 20 نەچچە ئۆلكە يېزىلىرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئەمگەك ھەققى تارقىتىلىپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2023-يىللىق قالدۇق ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تېزدىن چۈشۈرۈپ، ئالاقىدار ئۆلكىلەرنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىۋى ئىشلەمچىلەر تەشكىلاتى ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققىنى تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىكەن. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/NV6Q-3ZVVcIETCe7TkapfQ
https://www.nur.cn/news/2023/06/24849085.shtml
ئۈستىقۇددۇس تاماشاسى شىنجاڭ ئىلىدا
↓↓↓ مەنبە: 天山之声 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/OeAkTsEJgQ7t0GBPqng-Fg
https://www.nur.cn/news/2023/05/24755680.shtml
كىملىكىمىز يىتۈپ كەتسە تېپىۋالغۇچى نامىمىزدا قەرز ئالالامدۇ؟
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئىلگىرى بىرەيلەن مېنىڭدىن «كىملىكنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ناۋادا باشقىلار تېپىۋالسا بىزنىڭ كىملىكىمىزدىن پايدىلىنىپ قەرز ئالالامدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، كېيىن مەن بۇ توغرىسىدا ئۇزۇن يىل بانكا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بىر دوستۇمدىن مەسلىھەت ئالدىم. شۇڭا ھازىر مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئېنىق ئېيتىپ بەرمەكچى، يەنى باشقىلار سىزنىڭ كىملىكىڭىز بىلەنلا قەرز ئالالمايدۇ، قەرز ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە : بىرىنچىدىن، ھازىر قەرز ئېلىشتا چىراي تونۇتۇش ۋە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن دەلىللەش كېرەك، يەنى قەرز بەرگۈچى ئاپپاراتلار سىزنىڭ ئىلگىرى قەرز ئالغان-ئالمىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ ساختا ئىسىم بىلەن قەرز ئېلىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۆزى ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇل بولمىسا، قەرز بەرگۈچى ئاپپارات قەرز بەرگەن بولسا، كېيىن قەرىز ئالغۇچى پۇلنى قايتۇرمىسا، قەرز بەرگۈچى تەرەپ بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقالمايدۇ، چۈنكى بۇ قەرىز ئى؛تىماس قىلغۇچى ئۆز نامىدا ئىلتىماس قىلغان قەرز پۇل ئەمەس. شۇڭا، ھازىر قەرز بەرگۈچى ئاپپاراتلار چوقۇم يۈز پىرسەنت ھالدا شۇ كىشىنىڭ ئۆزى قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن كېيىنكى قەدەمدىكى تەستىقلاشنى ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچى، قەرز ئالغاندا، پۇل پەقەت ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكىلىدۇ. يەنى كىم قەرز ئالسا شۇ كىشىنىڭ بانكا كارتا نومۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېيىن قەرز پۇل مۇشۇ بانكا كارتىسىغا كىرىدۇ ۋە بىكىتىلگەن ۋاقىتتا قەرز قايتۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ بانكا كارتىسىدىن پۇل تۇتىدۇ، ئىشقىلىپ ھەممىسى قەرىز ئالغۇچىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىغا باغلانغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ئېلىپ قەرز ئالسا، پۇل سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزغا يۆتكەلسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزنىڭ نامىڭىزدا قەرىې ئالغانلىقىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدا سىزنىڭ بانكا كارتا نومۇرىڭىز بولۇشى ناتايىن. ئۈچىنچى، قەرز ئېلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بىز قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بىر كىملىككە تايىنىپلا قەرز ئالغىلى بولمايدۇ، قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش، چىراي پەرقلەندۈرۈش، دەلىللەش كودى قاتارلىقلار. قەرز بېرىش ئاپپاراتلىرىمۇ قەرزنى قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، چۈنكى قەرز پۇل بېرىشتە زىيان تارتماي، پۇل تېپىش مەقسەت قىلىنىدۇ. قىسقىسى، بىز كىملىك، بانكا كارتىسى، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ياخشى ساقلىشىمىز، خالىغانچە ئاشكارىلىماسلىقىمىز، قالايمىقان ئۇلانمىلارنى بېسىپ كىرمەسلىكىمىز كېرەك.
https://www.nur.cn/news/2023/05/24723131.shtml
​دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل 10 دېڭىز ساھىلى شەھىرى، سىز قەيەرلەرگە بېرىپ باققان؟
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئالدىراش، چېچىلاڭغۇ كۈنلەردە، قۇياش نۇرى ئىللىق، مەنزىرىسى ئۆزگىچە دېڭىز ساھىلى شەھىرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى. چۈنكى بۇ چاغدا سىز شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ئەركىن-ئازادە مېڭىپ، دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئەركىن كەيپىياتىنى ھېس قىلالايسىز. بۈگۈن بىز بىرلىكتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل دېڭىز ساھىلى شەھەرلىرىدىن 10 كۆرۈپ باقايلى: 1. خەينەن سەنيا ئەڭ يېقىملىق ھاۋا، ئەڭ ساپ ھاۋا، ئەڭ ئىللىق قۇياش نۇرى، ئەڭ كۆپكۆك دېڭىز سۈيى، ئەڭ يۇمشاق دېڭىز ساھىلى، ئەڭ تەملىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ خەينەن ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلى ساياھەت شەھىرى سەنياغا سوۋغا قىلىنغان. سەنياغا بارغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى دېڭىزدىن تەسىرلەنمەيدىغان ئادەم يوق، بۇ يەردە، سىز ئۆزىڭىزنى ئەركىن ئازادە تۇتۇپ، سىرلىق دېڭىز-ئوكيان دۇنياسى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشالايسىز. سەنيانىڭ ئەڭ گۈزەل پەسىلى: سەنيا ئىسسىق بەلباغ دېڭىز-ئوكيان مۇسسۇن شامىلى كىلىمات رايونىغا تەۋە، كىلىمات ئالاھىدىلىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، شۇڭا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغان 10-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سەنيادىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. 2. گۇاڭشى بېيخەي بېيخەيدە يىل بويى قىش بولمايدۇ، يىل بويى دېڭىز بويىدىكى شەھەرنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىنى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي دېڭىز يىل بويى ياپيېشىل، ھاۋاسى ساپ. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: شىمالىي دېڭىز سۈيىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىنىڭ ھەممىسىدە سۇ ئۈزۈشكە بولىدۇ، ھەر يىلى 4-ئايدىن 11-ئايغىچە شىمالىي دېڭىز ساياھىتىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى (بۇنىڭ ئىچىدە يازلىق تەتىل ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى)، بۇ مەزگىلدە قۇياش نۇرى يېتەرلىك، دېڭىز سۈيى ئىللىق، كۈمۈش ساھىلدىكى ساياھەتچىلەر سان-ساناقسىز. بېيخەي، بۇ بىر رومانتىك شەھەر، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىشلىق. قۇياش نۇرى، قۇملۇق ساھىلى، دېڭىز سۈيى شىمالىي دېڭىزنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن ئەڭ چوڭقۇر تەسىرى. 3. شەندۇڭ چىڭداۋ بەزىلەر چىڭداۋنىڭ ياز پەسلىدە دېڭىز سۈيى ئىللىق بولىدۇ، دېيىشىدۇ. «چىڭداۋ پىۋىسى»نى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، «ياز» ۋە «چىڭداۋ» دېگەن ئىككى سۆز بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلايدىغىنى چوقۇم چىڭداۋدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا ھەم قىزغىن خەلقئارا پىۋا بايرىمى بولىدۇ. پىۋا شەھىرى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ھاراقنى چۈشىنىدىغانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۇ يەرگە يىغىلىپ قايناق ھېسسىيات، دېڭىز شامىلى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. پىۋا چىڭداۋنىڭ بارلىق ئىستىراھەت ئامىللىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: ئەتىيازدا چىڭداۋ گۈزەل گۈل شەھىرى، يازدا چىڭداۋنىڭ سۈيى ئىللىق، دېڭىز ساھىلى يۇمشاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك ئاپتاپ ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا يوق، دېڭىز ساھىلى ساياھىتىنىڭ ئالتۇن پەسلى. بۇ چاغدا چىڭداۋدا يەنە پىۋا بايرىمى، كىيىم-كېچەك بايرىمى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە چىڭداۋنىڭ كۈز پەسلى گۈزەل بولىدۇ. 4. فۇجيەن شيامېن شيامېننىڭ گۈزەل «دېڭىز باغچىسى» دېگەن نامى بار. بۇ جاينىڭ قۇرۇلۇشلىرى چەت ئەلنىڭ ئىمارەتلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان؛ تۆت پەسىلنىڭ باھاردەك كىلىماتى دېڭىزنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرغان؛ سىز ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى يانتۇ چۆپلۈكتە ئۆزىڭىز يالغۇز تۇرۇپ، تونۇش ۋە ناتونۇش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسمىنى ساناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: شيامېن سۇبتروپىك بەلباغ دېڭىز-ئوكيان مۇسسۇن شامىلى كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، مۆتىدىل، يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ. يىل بويى ئىللىق. 5. شەندۇڭ ۋېيخەي ۋېيخەينىڭ مەنزىرىسى، گۈزەللىكى ئۇنىڭ تاغ ۋە سۇلىرىدا. تاغ ۋە سۇلارنىڭ خىلمۇخىل قىياپەتلىرى ۋېيخەيدىكى تۆت پەسىلنىڭ ئەڭ مول چىراي ئىپادىسىنى ھەمدە ئەڭ يېقىملىق ناخشا ئاۋازىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. تاغ ۋە سۇلار پارقىراپ تۇرىدىغان تاج بولۇپ، ۋېيخەيدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك كىيىمگە ئايلانغان. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: ۋېيخەيدە قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېيخەينىڭ ياز پەسلى ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان، دەم ئالىدىغان، ئارام ئالىدىغان ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. 6. گۇاڭدۇڭ جۇخەي بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى ئاجايىپ كۆك، ھاۋاسى رومانتىك پۇراققا تولغان، ئاشىق-مەشۇقلار يولىدىكى بەخت پۇرىقىمۇ خالىغانچە يامرىغان؛ تاڭ نۇرى ۋە شەپەق نۇرىدا، دېڭىز شامىلى دېڭىز-ئوكياننىڭ خۇش ھىدىنى ئېلىپ، كىشىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. سىز يەنە دېڭىزنىڭ ئىللىقلىقىغا چۆمۈلۈپ، تەبىئەتنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز، شاۋقۇن-سۈرەنلىك شەھەردىن يىراق تۇرالايسىز، بەدىنىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى بوشاشتۇرالايسىز. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: 3-ئايدىن 4-ئايغىچە، 10-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئىككى ۋاقىتنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇمۇ جۇخەيدىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى، شۇنداقلا دەل باش باھار ۋە باش كۈزنىڭ ۋاقتى، بۇ چاغدا بۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتى بىر قەدەر يېقىشلىق. 7. گۇاڭدۇڭ جەنجياڭ جەنجياڭ ئۆزگىچە سۇبتروپىك بەلباغ كېلىماتى بىلەن ھەر قايسى جايلاردىكى كىشىلەرنى جەلپ قىلغان، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، كۆپكۆك دېڭىز، يەلكەن سايىسى، يېشىل دەرەخ، قىزىل گۈل ھەممە يەرنى خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ھەم ساپ دېڭىز شامىلىدىن نەپەس ئالغىلى، زۇمرەتتەك دېڭىز، كۈمۈش قۇملار ئۈستىدە سەيلە قىلغىلى، قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغىلى، ھەم دېڭىزدا سەيلە قىلغىلى بولىدۇ، سۈپسۈزۈك دېڭىز سۈيى بۇ يەرنى سۇغا شۇڭغۇش ھەۋەسكارىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرغان. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆۋەن كەڭلىك رايونىغا جايلاشقان، ئىسسىق بەلباغ ۋە سۇبتروپىك بەلباغ مۇسسۇن شامىلى كىلىماتىغا تەۋە، يىل بويى دېڭىز-ئوكيان كىلىماتىنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ساياھەت قىلىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ. 8. لياۋنىڭ داليەن داليەننى تىلغا ئالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇنجى ئىنكاسى شۇكى، داليەننىڭ پايانسىز كۆپكۆك دېڭىزى. داليەننىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. داليەندە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي قىسىمدىكى شاخېكۇ رايونى ۋە شەرقىي شىمالدىكى جىنجۇ رايونىغا تارقالغان، ئورۇن تەرتىپى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەيجىيۈن باغچىسى، باڭچۈي ئارىلى، كەھرىۋا قولتۇقى، لاۋخۇتەن دېڭىز ساھىلى يۈەن، بىنخەي يولى، يەنۋولىڭ، فۇجياجۇاڭ، شىڭخەيۋەن چوڭ كۆۋرۈكى، خېيشىجياۋ باغچىسى قاتارلىقلار. ئەگەر سىزنىڭ داليەنگە كېلىش پۇرسىتىڭىز بولسا، چوقۇم بۇ جايلارنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: داليەن شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ ئىللىق جاي بولۇپ، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، لېكىن تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلىدۇ. 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئەڭ ياخشى ساياھەت مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ، داليەن دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق يازلىق ئارامگاھ، ياز پەسلى داليەننىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت ۋاقتى. 9. خېبېي چىنخۇاڭداۋ بېيدەيخېدىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، كۆك دېڭىز، ئالتۇن قۇم، يېشىل قارىغاي، يېشىل ئارچا، يېشىل دەرەخ، قىزىل تاملار كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ جايدا كىشىلەر دېڭىزنىڭ ئىللىقلىقى ۋە تەسەللىيسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ ياكى يالاڭ ئاياغ دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ، قۇمغا كۆمۈلەلەيدۇ. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: ئەتىياز پەسلى يامغۇر ئاز ھەم قۇرغاق، ياز پەسلىدە تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، كۈز پەسلى سالقىن، ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، قىش پەسلى ئۇزۇن، لېكىن قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ. ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت يەنىلا 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولسا ئەڭ ياخشى. ئالاھىدە تەۋسىيە 10. خەينەن سەنشا شەھىرى بۇ يەرنىڭ ئاپئاق قۇملۇق ساھىلى، سىلىق قۇم دانچىلىرى، سۈزۈك دېڭىز سۈيى ئىنتايىن داڭلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىشا تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەسىدە يەنە نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان مارجان خادا تاشلىرى ۋە ھەر خىل رەڭدىكى دېڭىز-ئوكيان ئۆسۈملۈكلىرى بار بولۇپ، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز. ئەڭ گۈزەل پەسىلى: 2-ئايدىكى شىشا تاقىم ئاراللىرى تىپتىنچ، ھاۋاسى راھەت بولۇپ، سۇغا شۇڭغۇشنىڭ ياخشى پەسلى ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز بويىدىكى گۈزەل شەھەر ھەمىشە كىشىنى چەكسىز ئارزۇ-ئارمانلارغا چۆمدۈرىدۇ، نەم ھاۋا، مەززىلىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۈزەل مەنزىرە، ھەممە نەرسە شۇنداق يېقىملىق، راھەت كۆرۈنىدۇ. سوئال: سىز يەنە قايسى گۈزەل دېڭىز ساھىلى شەھەرلىرىنى بىلىسىز؟ ئىنكاس رايونىغا قارىشىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ.
https://www.nur.cn/news/2023/06/24845286.shtml
بۇ يىلدىكى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنلىرى
مەنبە: 天山之声 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/5ryWEncm0k8GSaiyrmlstQ
https://www.nur.cn/news/2023/05/24755650.shtml
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 10 سەيلە كېمىسى، سىزنىڭ تونۇشىڭىزدىنمۇ ھەشەمەتلىك
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۆۋەندىكىسى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 10 سەيلە كېمىسى، ئۇلار تەننەرخ، ئەسلىھە ۋە ھەشەمەت جەھەتتە دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سەيلە كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. 1.ئاززام قىممىتى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: ئاززام ناملىق پاراخوت نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي سەيلە كېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر، سەككىز پالۇبا، 21 يۈرۈش ئۆي ۋە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك چېنىقىش ئۆيى بار. بۇ سەيلە كېمىسىمۇ سۈرئىتى ئەڭ تېز شەخسىي سەيلە كېمىسىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، سائىتىگە 31 تۈگۈنلۈك سۈرئەت بىلەن ماڭالايدۇ. 2.ئاتلانتىك ئوكيان (Eclipse) قىممىتى 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: «ئاتلانتىك ئوكيان» ناملىق پاراخوت رۇسىيەلىك باي رومان ئابراموۋىچ (Roman Abramovich) نىڭ ئىگىدارلىقىدىكى سەيلە كېمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 162.5 مېتىر، 24 يۈرۈش ئۆيى، ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك چېنىقىش ئۆيى، ياتاق ۋە كىنوخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى بار. 3.كۈن چىقىش (Rising Sun) قىممىتى 335 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: «كۈن چىقىش» ناملىق سەيلە كېمىسى ئامېرىكا تاماشا ماگناتى داۋىد گەيتىس ۋە ئاۋسترالىيەلىك مىلياردېر جامېس پاكېن ئىگە بولغان سەيلە كېمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 138 مېتىر، 18 يۈرۈش ئۆيى بار ، ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە سۇغا چۆكۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر بار. 4.ئاندرومانتى قىممىتى 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: «ئاندرومانتى» ناملىق پاراخوت فىلىپپىنلىق سودىگەر دون ئالوخاينىڭ ئىگىدارلىقىدىكى سەيلە كېمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 107 مېتىر، ئالتە پالۇبا، 18 يۈرۈش ئۆي ۋە بىر شەخسىي كىنوخانا قاتارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بار. 5. سېرېن قىممىتى 224 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: سېرېن ئۇزۇنلۇقى 133 مېتىر كېلىدىغان سەيلە كېمىسى بولۇپ، 12 يۈرۈش ئۆي، ئۈچ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، بىر قۇرۇق ۋە ھۆل پار ئۆيى، بىر دېڭىز ساھىلى كۇلۇبى ۋە ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بار. بۇ سەيلە كېمىسىنى ئىتالىيە كېمىسازلىق زاۋۇتى Fincantieri ياسىغان بولۇپ، رۇسىيەلىك باي سېرگىي پوروزوفنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. 6. كۆك ياقۇت قىممىتى 203 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: كۆك ياقۇتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 162 مېتىر، سەككىز قەۋەت پالۇبا، 21 دانە بار يۈرۈشلۈك ئۆي ۋە كۆپ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە سۇ بىلەن داۋالاش مەركىزى بار. 7. ئال سايىد 199 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: ئال سايىد ئۇزۇنلۇقى 155 مېتىر كېلىدىغان سەيلە كېمىسى بولۇپ، سەككىز پالۇبىسى ۋە 70 يۈرۈش ئۆيى بار. 8. دىلبار قىممىتى 168 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: دىلبار رۇسىيەلىك باي ئالىبوف (Alibev)نىڭ ئىگىدارلىقىدىكى سەيلە كېمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 156 مېتىر، سەككىز قەۋەتلىك پالۇبا، ئىشخانا، شەخسىي مېھمانخانا، كىنوخانا، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بار. 9 ئال مىرقاب قىممىتى 135 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: ئال مىرقاب ئۇزۇنلۇقى 133 مېتىر، 10 يۈرۈش ئۆيى بار ، بىر كىنوخانا، ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسى قاتارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بار. 10 ئوكتوپۇس قىممىتى 125 مىليون ئامېرىكا دوللىرى: ئوكتوپۇس مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى پائۇل ئاللېن (Paul Allen)نىڭ ئىگىدارلىقىدىكى سەيلە كېمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 126 مېتىر، ئىككى دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، سۇغا چۆكۈش ئۈسكۈنىسى، سۇ ئاستى كېمىسى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، مۇزىكا ئۈنگە ئېلىش ئۆيى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر بار. بۇ سەيلە كېمىسى يەنە دېڭىز-ئوكياننىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سەيلە كېمىلىرىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسلىھەلەر ۋە ھەشەمەتلىك بېزەكلەر سەپلەنگەن، مەسىلەن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، چېنىقىش ئۆيى، شەخسىي كىنوخانا، تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، سۇغا شۇڭغۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار تەييارلىق قاتارلىقلار. بۇ سەيلە كېمىلىرى ئىنتايىن يۇقىرى سۈپەت ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، بايلارغا تەڭداشسىز ھەشەمەت ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
https://www.nur.cn/news/2023/05/24599650.shtml
دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بوران، قۇم-بورانلىق ھاۋ رايى بىلەن قوشۇلۇپ دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئىسسىق ھاۋا رايى تېزلىكتە سوغۇق ھاۋا رايىغا ئۆزگىرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا يەنە قايتىدىن يامغۇر يېغىشقا باشلايدۇ، سوغۇق ھاۋا رايىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسى: سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك شىمالدا بوران چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال رايونى، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، شامال كۈچى 4-6 بالغا يېتىدىكەن، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا شامال كۈچى 7-8 بالغا، ئۆتكۈنچى شامال 9-11 بالغا يېتىدىكەن؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، شىمالدا ئالدىنقى مەزگىلدە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى بولغانىدى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلىپ قىسمەن رايونلاردا كۆرۈلگەن تومۇز ئىسسىقنى پەسەيتكەندەك قىلغىنى بىلەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چاڭ-توزان پەيدا قىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، گەنسۇنىڭ شىمالىي قىسمى، نىڭشيانىڭ شىمالىي قىسمى، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، سەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، خېبېينىڭ غەربىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم ياكى چاڭ-توزان كۆتۈرۈلىدىكەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران چىقىدىكەن، بۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بۈگۈندىن باشلاپ جەنۇبتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆل-يېغىن باشلىنىدۇ شىمالدىكى كۆپ قىسىم رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېقىندىن بۇيان ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسلىقى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بولدى، جەنۇبتا بولسا ھاۋانىڭ ئوچۇق بولۇشى ياكى يامغۇر يېغىشى ئاساسلىق ئۆزگىرىشكە ئايلاندى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، جەنۇبتا يامغۇر توختاپ ھاۋا ئوچۇق بولغانىدى، لېكىن بۇ ھەپتە ئاخىرىدىن باشلاپ جەنۇبتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆل-يېغىن باشلىنىدۇ. بۈگۈن (20-ماي)، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، خېيلۇڭجياڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، جىلىننىڭ شەرقىي قىسمى، شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى، چىڭخەينىڭ شەرقىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، خۇاڭخې-خۇەيخېنىڭ شىمالىي قىسمى، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، گۇيجۇنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغدى، بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەننىڭ غەربىي قىسمى، سىچۈەن ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغدى. يامغۇر ۋە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، مەسىلەن چاڭشادا كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ ھەمدە بۇ خىل تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى 2-3 كۈن داۋاملىشىدۇ، كىشىلەر سىرتقا چىققاندا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە يامغۇرلۇق چاپان كىيىشى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/cuEcKgc-D19yy39YeaLF6A
https://www.nur.cn/news/2023/05/24685470.shtml
كەلگۈسى يەتتە كۈندە شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. مۇھىم ھاۋا رايى مەلۇماتى بۈگۈن كېچىدىن ئەتە كۈندۈزگىچە: شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ. 28-ماي كېچىدىن 29-ماي كۈندۈزگىچە: شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدىكى شامال كۈچى 9 بال ئەتراپىدا بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى يەتتە كۈنلۈك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات ئۈرۈمچى: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃9 تۆۋەنلەيدۇ ▼ سانجى: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃27 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃11 تۆۋەنلەيدۇ ▼ ئالتاي: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃22 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃10 تۆۋەنلەيدۇ ▼ غۇلجا: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29 بولىدۇ ▼ تارباغاتاي: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃10 تۆۋەنلەيدۇ ▼ قاراماي: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃27 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃6 تۆۋەنلەيدۇ ▼ كورلا: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃8 تۆۋەنلەيدۇ ▼ شىخەنزە: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃9 تۆۋەنلەيدۇ ▼ بورتالا: بىر كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26 بولىدۇ ▼ كۇيتۇن: ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28 بولىدۇ ▼ قەشقەر: ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃9 تۆۋەنلەيدۇ ▼ قۇمۇل: ئىككى كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃8 تۆۋەنلەيدۇ ▼ ئاتۇش: ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31 بولىدۇ ▼ ئاقسۇ: ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃7 تۆۋەنلەيدۇ ▼ تۇرپان: ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃10 تۆۋەنلەيدۇ ▼ خوتەن: ئۇدا ئۈچ كۈن يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃27 بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ℃7 تۆۋەنلەيدۇ ▼ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ يامغۇر ياغىدۇ، كىيىنىشكە دىققەت قىلىڭ! مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/X5y5chJ0MNBr5HtFHehT2Q
https://www.nur.cn/news/2023/05/24733659.shtml
قورغاس ئۈستىقۇددۇس ساياھەت بايرىمى پات ئارىدا باشلىنىدۇ
2023- يىللىق ئىلى ئوبلاستىدىكى خەلقئارا ساياھەت پائالىيىتى-- قورغاس ناھىيەسىنىڭ 12- نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت بايرىمى-- ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئېسىل نومۇرلار ۋە تۆت چوڭ مەنزىرە رايونى باش تېمىسىدىكى ساياھەت پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قورغاس ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يۈ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ساياھەت بايرىمىنىڭ ئۆلچىمى ئىلگىركىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى، كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن سېرىكچىلەر جەمئىيىتى ساياھەتچىلەر دىققىتىگە نادىر نومۇرلارنى سۇنىدۇ. يەنە قۇملۇقتىكى گۈلخان كېچىلىكى، قەدىمىي شەھەر سەيلىسى، قەدىمىي شەھەرنى نامايەن قىلىش ھەمدە ئۈستىقۇددۇس ئۈزۈش، ئۈستىقۇددۇستىن خۇشپۇراق ماتېرىيال تەڭشەش قاتارلىق ئېسىل مەزمۇنلار ساياھەتچىلەرگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن رايوننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ يىلقى ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە، شۇ جاي يەنە «ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئائىلىۋى مىھمانخانا، مەدەنىيەتنى ھېس قىلدۇرۇش» بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە تۆت ساياھەت لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى. شىنجاڭ «جيۇجوۋ» خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: قورغاس ناھىيەسىدە بىر، ئىككى كۈن ئارتۇق تۇرۇپ، تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇننى سەپەر جەريانىغا سىڭدۈرىمىز. مەسىلەن، فۇشۇشەن تېغى، تۇكاي قۇملۇقى، يەنە خۇاڭخۇاڭ كەنتىدىكى ئائىلىۋى مىھمانخانا ۋە مۇزىكا بايرىمى ئارقىلىق، مېھمانلارغا قورغاسنىڭ ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىمىز.مەنبە: 新疆1074交通文艺广播 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/UFQBrdRgciCVGYPdexkf2Q
https://www.nur.cn/news/2023/06/24781610.shtml
تېمپېراتۇرا يەنە ئۆرلەيدۇ
بۈگۈن (11-ماي)، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى تۇنجى قېتىم 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ (مەسىلەن، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق شەھەرلەر). ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 28 سېلسىيە گىرادۇس، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 15 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. ئۆگۈنلۈكتىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرىلايدۇ. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/9I2bQV9c3XaaWa1LjpkTXg
https://www.nur.cn/news/2023/05/24633876.shtml
بۇ خىل ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ
ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئورۇن يېقىندا «ئاپتوموبىللارنىڭ دۆلەت 6-باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت 6-باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ 6b باسقۇچى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەت 6-باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ 6b باسقۇچىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئەمەلىي بۇلغىما چىقىرىش سىناق دوكلاتىدا «ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە بۇلغىما بايقالدى» دەپ يېزىلغان دۆلەت 6b ئۆلچىمىدىكى يېنىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا يېرىم يىللىق سېتىش ئۆتكۈنچى مەزگىلى بېرىلىدۇ، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللارنى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە سېتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش كارخانىلىرى مۇھىت ئاسراش ۋە ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلىقىنى باشقۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتوموبىل زاۋۇتتىن چىقىش ياكى چېگرادىن كىرىشتىن ئىلگىرى ئاپتوموبىلنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ۋە بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىلغان، ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئىسپات بېرىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت 6-باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ 6b باسقۇچىدىكى تەلەپكە ئاساسەن مەھسۇلات ئىسپاتنامىسى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. ● دۆلەت 6-باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ 6b باسقۇچى دېگەن نېمە ؟ «دۆلەت 6-باسقۇچلۇق ئۆلچىمى»نىڭ تولۇق نامى «دۆلەتنىڭ 6-باسقۇچلۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى» بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن دۆلەت ئۆلچىمى. ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆلچەم تەلىپى «ياۋروپا 6-باسقۇچلۇق ئۆلچىمى»دىن يۇقىرى بولغاچقا، كەسپىي ساھەدىكىلەر بۇ ئۆلچەمنى «يەر شارى بويىچە ئەڭ قاتتىق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى» دەپ ئاتاشتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ 6-باسقۇچلۇق ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش a،b دىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئىجرا قىلىندى، بىرىنچى باسقۇچ 2020-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، دۆلەتنىڭ 6b ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ئاپتوموبىللارنى سېتىش، رويخەتكە ئېلىش ۋە ئۇلارغا نومۇر تاختىسى ئېلىش چەكلەندى. ئىككىنچى باسقۇچ 2023-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ دۆلەتنىڭ 6b باسقۇچىدىكى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىللارنى سېتىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ئۇلارغا نومۇر تاختىسى ئېلىشقا بولمايدۇ. ● ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى چۈشەمدۇ؟ جۇڭگو ئاپتوموبىل ئوبوروتى جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يەن جىڭخۇي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئاساسى ئېقىم ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى دۆلەتنىڭ 6b باسقۇچىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ھازىرلىدى، دۆلەت 6-باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى كونا ئۆلچەمنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئاساسلىقى سېتىش باسقۇچىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر قېتىملىق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى ئىسلاھاتى ۋە ئۆلچەمنى ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە، ئاپتوموبىل بازارلىرى بىر قېتىملىق باھا چۈشۈش دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى جەمئىيىتى ئاقىل تورلاشقان ئاپتوموبىل بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى لىن شېنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ باھا رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، يوشۇرۇن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىككىلىنىش كەيپىياتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. جۇڭشىن ئاكسىيە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېيىلدى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ 6b ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ، بازاردىكى بىر قىسىم كونا ئاپتوموبىللارنىڭ تىپى دۆلەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى ساھەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە مەھسۇلات باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭشىن ئاكسىيە تاراتقۇسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى دۆلەت ئۆلچىمىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىرى ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمايدىكەن، تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىمۇ 2019-يىلىدىكى «دۆلەت 5-باسقۇچلۇق ئۆلچىمى»دىن «دۆلەت 6b ئۆلچىمى»گە ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/1i_fVKs_w75GPfycPCCUzg
https://www.nur.cn/news/2023/05/24634467.shtml
​شىنجاڭلىقلار يەنە ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ! قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش كەلدى
6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە دۈەنۋۇ بايرىمىلىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن باشقا، شىنجاڭلىقلار قۇربان ھېيت مەزگىلىدە يەنە ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ! يەنى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇربان ھېيت بولۇپ، 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ! مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/8OTv6d3QcUpZ_x3_QH-tDQ
https://www.nur.cn/news/2023/05/24711174.shtml
دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى! ئۈچ كۈن دەم ئېلىپ ئالتە كۈن ئىشلەيمىز!
ماي بايراملىق دەم ئېلىش ئاياغلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، كېلەر ئايدا يەنە بىر بايراملىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمىدا 22-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 25-ئىيۇن كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمىدا خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتى ئالماشتۇرۇپ تەڭشىلىپ بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ دۈەنۋۇ بايرىمىدىمۇ 1-ماي بايراملىق دەم ئېلىشىغا ئوخشاش خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتى ئالماشتۇرۇپ تەڭشىلىدۇ↓↓ دۈەنۋۇ بايرىمىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش بىر كۈن، 25-ماي (يەكشەنبە) بىر كۈن خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتى ئالماشتۇرۇپ تەڭشىلىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۇدا ئالتە كۈن نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ. دۈەنۋۇ بايرىمىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ھەقسىز ئېچىۋېتىلمەيدۇ قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان »چوڭ ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول ھەققى كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى« بويىچە، چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت تۆت مۇھىم بايرامدا، يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلمايدۇ، ئەگەر كۆپچىلىك سىرتقا چىقىپ ئويناشنى پىلانلىغان بولسا، سەپەر تەييارلىقىنى ئالدىن پۇختا قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز. بۇ يىل يەنە مۇنداق بايراملار بار مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/k9YldSolGMNt5g86iY33KQ
https://www.nur.cn/news/2023/05/24706243.shtml
بۇ يىل يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قانداق بولىدۇ؟
دۆلەت كىلىمات مەركىزى: بۇ يىل يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن بۇ يىل يازدا شىمالىي رايونلاردا تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولدى، تۈنۈگۈن (15-چېسلا) مەملىكەت بويىچە تېمپېراتۇرا ئەمەلىي ئەھۋالى رەت تەرتىپىدە (TOP10) 36سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلمىدى. ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن بېيجىڭدا يۇقىرى تېمپىراتۇرا يەنە 36 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىدىكەن. شىمالدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر تېخى ياز پەسلى رەسمىي كىرمەي تۇرۇپلا مۇشۇنداق ئىسسىپ كەتسە، بۇ يىل يازدا زادى قانچىلىك ئىسسىق بولىدۇ؟ دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ باش مەلۇماتچىسى گاۋ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يازدا، خېيلۇڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن سەل تۆۋەن بولۇشتىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن سەل يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېنەننىڭ جەنۇبى، ئەنخۇينىڭ غەربى، جياڭشىنىڭ غەربى شىمالى، خۇنەننىڭ شىمالى، خۇبېي، چۇڭچىڭنىڭ كۆپ قىسمى، سىچۈەننىڭ شەرقى، شەنشىنىڭ جەنۇبى، گەنسۇنىڭ غەربى، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى قاتارلىق جايلاردا بىر سېلسىيە گىرادۇستىن ئىككى سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولىدىكەن. بىراق، گاۋ خۇي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇرقى ھاۋا رايى ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرۇما تەھلىل قىلغاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، چوققا قىممىتىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا دائىرىسى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان شەھەرلەر قاتارلىق جەھەتلەردە، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. «ئەمما بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋاقتى ئۇزۇن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا دائىرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكى ياز پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ بولدىكەن». گاۋ خۇي يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ سالامەتلىككە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياز پەسلىدىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بەردى. مېترولوگىيە تارماقلىرى سانلىق قىممەت ئەندىزىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ياز پەسلىدىكى كىلىمات ئەھۋالىغا نەزەر سالغىلى بولسىمۇ، لېكىن مۆلچەردىكى ئېنىقسىزلىقنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەنبە: 人民网维吾尔文版 ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/xezhAF0onZW6SOBlXTJZHA
https://www.nur.cn/news/2023/05/24663806.shtml
توي قىلغانلار سانى 37 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى!
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، 2022-يىلى ئېلىمىزدە توي قىلىشقا تىزىملاتقانلار 6 مىليون 833 مىڭ جۈپكە، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 2 مىليون 100 مىڭ جۈپكە يەتكەن. 2022-يىلى ئېلىمىزدە توي قىلغانلار سانى يەتتە مىليوندىن چۈشۈپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى 1986-يىلى توي قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن. مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/64XmS2vBRFfoHrNsmfhoXw
https://www.nur.cn/news/2023/06/24866345.shtml
ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى: ماراكەش
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئافرىقا دۆلەتلىرى تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى نامراتلىق، قالاقلىق دېگەن سۆزلەر، خۇددى ئافرىقا دۆلەتلىرى بۇ سۆزلەر بىلەن مەھكەم باغلىنىپ قالغاندەك. دەرۋەقە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە، لېكىن پۈتۈن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، مەسىلەن: ماراكەش «ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. ئۇنداقتا ماراكەشنىڭ زادى قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ماراكەشنىڭ تولۇق نامى «ماراكەش پادىشاھلىقى» بولۇپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، نۇرغۇن تەبىئىي پورتلىرى بار، قاتنىشى قولايلىق. بىراق ماراكەشنىڭ قاتناش ئورنى ئەۋزەل بولسىمۇ، لېكىن يەر شەكلى مۇھىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 460 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر (بۇ يەر غەربىي سەھرايى كەبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، نوپۇسى 36 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ يەر شەكلىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ، تاغ، ئېگىزلىك، تۈزلەڭلىك قاتارلىق ھەر خىل يەر شەكلى ئارىلىشىپ كەتكەن، مەسىلەن: ماراكەشنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدا تىك، خەتەرلىك تاغ تىزمىسى بار، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. پەقەت غەربىي شىمال دېڭىز ياقىسى رايونى تار، ئۇزۇن، پەس تۈزلەڭلىك رايون بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆل-يېغىنمۇ دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكىدە بىر قەدەر مول بولۇپ، تەخمىنەن 1000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ماراكەشنىڭ زادى قانداق ئۆزگىچىلىكى بار؟ نېمە ئۈچۈن «ئافرىقىغا ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىناكارلىق جەھەتتە، ماراكەش بىلەن ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەردە خېلى چوڭ پەرق بار. مەسىلەن: بىزنىڭ تەسىراتىمىزدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاخال ئۆيلەر ياكى ئەسكى-تۈسكى تاش ئۆيلەر، ياكى شەھەردىكى ئېگىز بىنالار بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۆزگىچە قۇرۇلۇش. لېكىن ماراكەشنىڭ بىناكارلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى بار، ئۇ ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى بىناكارلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، ماراكەشنىڭ بىناكارلىقى ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ھەمدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە: ماراكەش ئافرىقا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل ئافرىقىدا ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ، دۆلەت فوسفات كىسلاتا تۇزى ئېكىسپورتى، ساياھەتچىلىكتىن ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىكىمۇ ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلغان، پەقەت دۆلەتنىڭ يەر كۆلىمى چەكلىك بولغاچقا، ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالمايدۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى يەنىلا بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، كۆپ قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ. يەنە بىرسىگە ماراكەش دېڭىز-ئوكيانغا يېقىن بولغاچقا، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ناھايىتى ئۇزۇن، شۇڭا بېلىق بايلىقىمۇ بىر قەدەر مول، ھەتتا سانائەتمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەسلەن: ماراكەشنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز. شۇڭا كۆپ تۈرلۈك ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ماراكەشنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 3200 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، نۇرغۇن ئامىللار تۈپەيلىدىن ماراكەش «ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. ئۇنداقتا، ماراكەش قانداق قىلىپ «ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى» بولۇپ قالدى؟ ماراكەشنىڭ تەرەققىي قىلىپ «ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى»گە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى بۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماراكەش ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سودا-ئالاقىدە مۇھىم رول ئويباپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن رىم ئىمپېرىيىسى ماراكەش رايونىدىكى ماۋرىتانىنى يۇتۇۋالغان ھەمدە ماراكەشنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزگەن. دەل شۇ چاغدىن باشلاپ، رىملىقلار ماراكەشكە كېلىپ، ماراكەش رايونىغا نۇرغۇن ئىلغار مەدەنىيەت ۋە تېخنىكىلارنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە ماراكەش رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماراكەش غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىگە بەك چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا، مەيلى مەدەنىيەت ياكى تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە بولسۇن، غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلىشىپ، ئافرىقىدىكى ئەنئەنىۋى دۆلەتلەردىن كۆپ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ماراكەش بىلەن باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرى گەرچە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت ۋە ئىرق جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي ئىككى رايون. شۇڭا ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر «ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان ئافرىقا دۆلىتى» دەپ ئاتىغان.
https://www.nur.cn/news/2023/07/24959002.shtml