Dataset Viewer
Auto-converted to Parquet Duplicate
title
large_stringclasses
1 value
text
large_stringlengths
1
2.84k
No Title
# ئاكتىپ مەزلۇملۇق ۋە پاسسىپ سىياسەتۋازلىق **ئاپتورى:** بۇرھان مۇھەممەد **ۋاقتى:** 2020-يىل 17-ئاۋغۇست ## -1- ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنىڭ، ھەمدەمچىلىك ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىرقىي ئايرىمىسى، سىنىپىي تەۋەسى، پارتىيە ياكى تەشكىلات ئايرىمىسى بولمايدۇ.
No Title
ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سىياسىي ھەرىكەت تەجرىبىلىرىنىڭ ئورتاق يەكۈنى شۇ: جەڭ شىددەتلەنگەندە سەپلەر بىرلىككە كېلىدۇ.
No Title
دۈشمەننىڭ ياقىسىغا قول ئۇزاتقىنىدەك ھال يوق چاغدا ئۆستەڭدىن ئېرىقلارغا بۆلۈپ تاشلانغان ئاقار سۇدەك ئېقىمدىن ئېقىنلارغا ئاجراپ، بۆلۈنۈپ ۋە كۆپىيىپ ماڭدۇق.
No Title
پەرقلىق شوئارلار ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن تەشكىلاتچىلىق مودىسى ھۈجەيرە مىسالى غولداپ كەلدى ۋە بۇ ئارقىلىق گاھ توقۇنۇش، گاھ رەقىبلىشىش، گاھ ھەمكارلىشىش شەكلىدە كۆپ خىللىشىشقا ۋە پەرقلىق شوئارلار ئارقىلىق ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە تۇتۇندۇق.
No Title
نېمە ئۈچۈن؟
No Title
چۈنكى، ۋەزىيەت، شارائىت شۇنى تەقەززا قىلدى.
No Title
چۈنكى دۈشمەن كۈچلۈك.
No Title
تارقىلىپ ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر بولدى.
No Title
چۈنكى، بىرىمىزنىڭ يولى تاقالسا، يەنە بىرىمىزنىڭ ئېچىلغان يولى ئارقىلىق كۈرەشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك بولاتتى.
No Title
چۈنكى، دۈشمەن رەزىل، بىرىمىز يىقىلساق، يەنە بىرىمىز دەرھال قەددىنى تىكلەپ لەپىلدەۋاتقان بايراقنى يەنىمۇ ئېگىز كۆتۈرىدىغان، دۈشمەننىڭ غەلىبە چۈشىنى بەربات قىلىشقا يارايدىغان ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ تۈگەپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى كېرەك.
No Title
بۇلارنى نەزەرگە ئالدۇق-يۇ، كۆپىيىش ۋە تۈركۈملىشىشنىڭ دۈشمەننىڭ ياقىسىغا قول ئۇزىتىپلا قالماي يەنە سانسىزلىغان قوللارنىڭ تېگىش قىلىدىغان پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋاقتى كەلگەندە بىرلا چاقىرىق بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن چىقىپ دۈشمەننى بوغۇشقا يارايدىغان ئەۋزەللىك ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقى ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ئىس...
No Title
## -2- كۈنلەر، ئايلار ۋە يىللار ئۆتتى.
No Title
ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغىنىمىزنى، ئاتلانغان بۇ يولدا دۈشمەننى رەسۋا قىلىش، مىللەتنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك تۈپ غايە ئەمەلگە ئاشمىغۇچە ھېچنەرسىنىڭ بىزنى سۈكۈتكە مەھكۇم قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ھېچبىر كۈچنىڭ نىيەت - ئىقبالدىكى بىرلىكىمىزنى بۇزالمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇدۇق.
No Title
تۈركۈملىشىشمىز، تۈرلۈك پارتىيە ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشىمىزنىڭ پەرقلىق ئىمكانىيەتلەردىن كۈچ يىغىش، پۇرسەت ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ھەر ئىمكانىيەتنى مونوپوللۇق شەكلىدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە دەۋانى مۈلۈكلەشتۈرۈش خىرىسى كۆزىمىزنى كور قىلىپ تاشلىدى.
No Title
«مونوپول قىلغان بىزدىن ئەمەس»، دېگەن مۇقەددەس تەلىمات قۇلىقىمىزغا تەسىر قىلمىغۇدەك دەرىجىدە پاڭ بولدۇق.
No Title
خىيالىمىزچە مۈلۈكلەشتۈرۈۋالغان، ئاللىبۇرۇن ئاتالمىشقا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان ۋە ھەقىقىتى ئۆچۈرۈلۈپ شەكلىيلەشتۈرۈۋېتىلگەن ۋە ئاللىبۇرۇن روھىنى جىمىقتۇرۇپ ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن «دەۋا» ئاتلىق تاۋارنى قوغداپ قىلىش، ھەمدە تىكلىگەن سىياسىي ماركىمىزغا ئىگە چىقىش يولىدا ئۈنىمىزنى بوغۇلغىدەك دەرىجىدە جاراڭلاتتۇقكى، جاراڭ...
No Title
قىسقىسى، تىلىمىز ھەقىقەت ئۈچۈن كېكەچ بولۇۋالىدىغان، ئەمما مۈلۈكلەشتۈرۈلگەن ماركا ئۈچۈن سايرايدىغان ھالغا كەلدى.
No Title
نە ھەقىقەتنى ئويلايدىغان قەلبتىن، نە ئۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغان ئاڭلىقلىقتىن، نە ئۇنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان پاراسەتتىن ئەسەر قالمىغىلى تۇردى.
No Title
## 3 مانا بۇ خىل رېئاللىقلار ماھىيەتتە توپلۇمنىڭ ئاڭلىق زېھىنىيەتلىك ۋەزىيەتتىن چىرىگەن زېھنىيەتكە قەدەم قويۇشقا قاراپ مېڭىشى بولۇپ، سەھنىدە بوي كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ غايە بىلەن ۋاسىتىنى، ۋەزىپە بىلەن نىشاننى پەرق قىلالمايدىغان سەۋىيەگە چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقى، شەخسىي مايىللىقى بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىنى ئىلغا قىل...
No Title
تەشكىلاتلىنىشنىڭ كۆپ قىرلىشىشى، تۈركۈملەرگە ئايرىلغان ۋە ئېقىنلارغا ئاجرالغان ھالدا پەرقلىق گۇرۇپپىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋاسىتە.
No Title
پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۈشمەننى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىش ۋە غەلىبە يولىنى ئىزدەش بولسا ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى.
No Title
ھەر تەرەپ غايىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ.
No Title
بۇنىڭغا چىن پۈتكىنىمىزدە، دەرۋەقە بۇ يەردە ۋەزىپىنى ئورۇنداش شەكىللىرى، غايىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاسىتىلەر پەرقلىق.
No Title
ئەمما ۋەزىپىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش.
No Title
غايە بىر.
No Title
كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، بۇ قەدەر كۆپلەپ تۈركۈملەرگە ئايرىلىشلار ئەسلىدىكى شەكىللىنىشىنىڭ تەقەززاسى ۋە تەلىپىنى ئۇنتۇماقتا.
No Title
پۇرسەتلەر ۋە ئىمكانىيەتلەر شەخسىي ئىستەكلەر ئاساسىدا پايدىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
No Title
مەلۇم بولدىكى، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش مۇددىئا قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار دۈشمەننىڭ كۈچ ۋە ھىيلە - نەيرەڭ ئاساسىدا تىكلىگەن ئوبرازىغا زەربە بېرىش، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش دەرىجىسىگە ئۆرلىگەن ھەمدە بۇ خۇسۇستا بەزى ئىمكانىيەتلەر قولغا كېلىۋاتقان ۋاقىتتا، بىرىلىرىنىڭ پاسسىپلىق كېسىلى قوزغىلىپ كېتىۋاتقاندەك، تەرەپ - تەرەپلەرگە تې...
No Title
ئەتراپنى بولسا بىرخىل پاسسىپ ۋەزىيەت قاپلاپ ئۈلگۈرمەكتە.
No Title
دۈشمەننىڭ ئۆزىگە قارشى ئۆكتە قوپقان كۈچلەردىن كۈتىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرىمۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى توپنىڭ بۆلۈنۈشى ئەمەس، بەلكى مەزكۇر كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشكە تېگىشلىك پەيتتە بىرلىشەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىدۇر.
No Title
مەلۇم بىر ئەمەلىي ھەرىكەت، ياكى يېڭىچە بىر قەدەم قاچانكى دۈشمەننىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرسا، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزىگە قارشى چىقىۋاتقانلارنىڭ ئامال بار سۈكۈت قىلىپ بېرىشىنى ئىستەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە، دېمەك بۇ دۈشمەندىكى مەغلۇبىيەت قورقۇنچىدىن كېلىۋاتقان ئەنسىز تېپىرلاشلارنىڭ ئىپادىسىدۇر.
No Title
بۇنداق چاغدا ھە دېگەندە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقنى، دۈشمەنگە قارشى ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەرنى ئىزدەۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلارنىڭ دەۋاسىغا سەمىمىي بولۇشى، ھەر تەرەپلىمە مەشغۇلىيەتلىرىنى تاشلاپ دۈشمەننى ھالسىرىتىدىغان ئورتاق نۇقتىغا تەرەپ - تەرەپتىن تېگىش قىلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى، مەسئۇلىيەتنىڭ تەقەززاس...
No Title
چۈنكى، جەڭ قىزىشقاندا سەپلەر بىرلىككە كېلىدۇ.
No Title
بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى بولغان ئىمام غەززالىينىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا: «شىددەت ھۆكۈم سۈرگەندە ئىچكى توقۇنۇشلار بىر ياقتا تۇرۇپ تۇرىدۇ».
No Title
ئەمما كۆرمەكتىمىزكى، ۋەتەننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى، مىللەتنىڭ خارلىقتىكى ھالىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان جاي، دەردىنى سوراپ قويىدىغان ئورۇن ئىزدەپ ھارمىغانلار، نەچچە مىڭلاپ ئاۋامنى ھۇرراغا ئاتلاندۇرۇپ قوزغىيالىغان بىر تالاي تەشكىلات، بىرلىك، دەرنەك ۋەھاكازالارنىڭ كۆپ سانلىقى بۈگۈنكىدەك كۈچ ۋە ھەمدەملىكنى بىر نۇقتىغا ي...
No Title
گويا مەسىلە ھەققىدە سۆزلىمەسلىككە قەسەم قىلىۋەتكەندەك سۈكۈتتە.
No Title
دۈشمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جىمى جاھان ئەھلى كۆتۈرۈلۈۋاتقان داد - پەريادلارغا قۇلاق يوپۇرۇۋالغان زامانلاردا، يەنە كېلىپ دۈشمەنگە قارشى زەربىنىڭ ئېنېرگىيە كۈچى بولغان ئادەم كۈچى، ئىقتىسادىي ۋە تەشۋىقات كۈچلىرىنى ئايىماي سەرپ قىلغان، دۈشمەننىڭ دېرىزە ئارقىسىدىكى مەسخىرىلىك قاراشلىرىغا قارشى ئەڭ ئەمەلىي ئىنكاسنىڭ دۈش...
No Title
بۈگۈن دۈشمەننى بىئارام قىلالايدىغان ئەمەلىي قوللاش ۋە ھەمدەملەشكەن ھالدا مەسىلىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتقاندا، «ئۆلىما» ئاتىقى كەيگەن توپنىڭ «چەمبەرچەس سېلىنغان بىنادەك بىر گەۋدە ھالدا شەرتسىز ئاللاھ يولىدا ئاتلىنىشنىڭ ئاللاھقا سۆيۈملۈك ئەمەل ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئەسكە ئالغان ھالدا قوللاش ئىپادىسى بە...
No Title
بىر تەرەپتىن ئىمان قايغۇسى ھەققىدە سۆز قىلىنسا ئىشتانغا پاتمىغۇدەك چىڭقىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا مىللەتنىڭ زۇلۇمىنى كۆتۈرۈۋېتىش يولىدا كىم ياردەم قىلسا ئۇنىڭ دىنىغا كىرىدىغانلىقى بىلەن جار سالىدىغان ئاتالمىش مىللەتچىلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى سەپەرۋەرلىكى ياكى مەزكۇر ھەرىكەتكە دائىر پائال چاقىرىقى كۆزگە چېلىققىنى ...
No Title
ئەكسىچە سۈنئىي كۈن تەرتىپ ياساش بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
No Title
شۇنداقلا بىز يەنە دەۋانىڭ سىستېمىلىشىشىنى ۋە بىر گەۋدە ھالىتىدە پەرقلىق تەرەپتىن ئورتاق ئاۋازدا قارشى ھەرىكەتنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، سىستېمىلىشىش چاقىرىقلىرىدىن ئەندىكىدىغان، ئەمما ئاتاقتىكى تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدا ھەممە بىر ئوبدان بىرلىشىپ قانداقتۇر مىللەتكە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ ھارمايدىغان ئاتالمىش بىرلى...
No Title
بۈگۈنكىدەك بىرلىشىشكە ۋە ھەمدەملىشىشكە سىگنال چېلىنىۋاتقاندا چاغدا قەيەرگىچە ھەمدەم بولۇش ۋە قانداق مېتودتا بىرلىشىشنى بىلمەيدىغان پاسسىپ توپلارنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئېھتىماللىققا يول ئاچىدۇ.
No Title
بۇنىڭ بىرى دەۋانىڭ ئىدېئاللىقىنى يوقىتىپ مۈلۈكلىشىشكە، بىباھالىقتىن باھالىق تاۋارغا ئايلىنىپ قالغانلىقى.
No Title
يەنە بىرى بولسا، ھەرقايسى گۇرۇپپا ۋە توپلارنىڭ تاسمىلىق كۆندۈرۈلگەن تىپلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغانلىقى.
No Title
ئۈچىنچى ئېھتىماللىق بولسا، كوللېكتىپ زېھنىيەت چىرىشكە مۇپتىلا بولغانلىقى.
No Title
پاسسىپلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە قارىتا يۇقىرىقى ئېھتىماللىقلارنىڭ قايسىسى سەۋەب بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر؛ بۈگۈنكىدەك مىللەتنىڭ تەسۋىرلەشكە سۆز ئىجاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى خارلىق ۋە زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشىغا مىڭدە بىر يولى بولۇپ، ئۇ يولنىڭ بېرىش نۇقتىسى «خىيانەت»كە تۇتاشمايدىغانلا بولسا، ھەممە تەرەپتىن ھ...
No Title
ئەسكەرتكىنىمىزدەك، ۋەتەن ئازادلىقى ھەمدە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى دۈشمەنگە قارشى زەربە ھەرىكەتلىرى مەلۇم پارتىيە ياكى تەشكىلات ياكى شەخسلەر بىر - بىرىگە دۆڭگىشىپ قويۇشسا بولىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ ئاڭلىماسلىققا، كۆرمەسلىككە سېلىۋالسا بولىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن ئەمەس.
No Title
قانداقلا پۇرسەت ياكى ئىمكانىيەت مەۋجۇت تەشكىلىي گۇرۇپپىلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ قولىدا ئەمەلگە ئاشقان بولسۇن، بۇنداق بىر ھەرىكەتتە پۈتۈن تەرەپلەرنىڭ دولقۇن مىسالى يوپۇرۇلۇپ كېلىشى زۆرۈر.
No Title
شۇنداقلا مەزكۇر پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى قوللاش ھەرىكىتى ماھىيەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئادىمىيلىك سىناق تېشىدۇر.
No Title
چۈنكى، بۇنداق بىر ئەقەللىي ھەرىكەتكە پاسسىپلىق قىلىش ۋە ئېرەنشىمەسلىك ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق، مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزەرلىرىدىنمۇ ھالقىغان، بەلكى ئادىمىيلىككە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىدۇر.
No Title
مەلۇم بولغىنىدەك، «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىدە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت مەسىلىسى زۇلۇمنى بىۋاسىتە ياشاۋاتقان بىز ئۈچۈن پاكىتقا، ئىسپاتقا ئېھتىياجلىق ئەمەس.
No Title
شۇڭا بۇنىڭ ئۈستىمىزدىكى ۋەزنىمۇ، ھۆكمىمۇ ھەرقانداق مىللەت ۋە خەلقتىن پەرقلىق.
No Title
بۇ پەرقنى ھېس قىلماستىن ئۆزىنى ئۇيغۇر، ياكى مۇسۇلمان ۋە ياكى مىللەتچى دەپ يۈرگۈچىنىڭمۇ ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسانلىقىدىن گۇمانلىنىش، ئادىمىيلىكىدىن شۈبھىلىنىش لازىم.
No Title
زار - زار قاقشاشلارغا، داد - پەريادلارغا بىرىلىرى ئىگە چىقىپ باقماقچى بولۇۋاتقان، ئەزر - شىكايەتلەرنى ئاقتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقاندا، يەنە كېلىپ پارتىيەسى، دەرنىكى ۋە تەشكىلىي تەۋەلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئورتاق ھەمدەم كۈچى شەكىللىنىشى تەقەززا بولۇۋاتقان بۇنداق پەيتلەردە پاسسىپلارچە سۈكۈتلەر، ئەت...
No Title
شۇنىڭدەك، بىرىلىرىنىڭ قاپىقىغا قاراپ سادا چىقىرىشقا ئادەتلىنىۋاتقان قالپاقلىقلارمۇ، ھەمدە مىللەتكە خىزمەت، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكارلىقلىرىنى پەش قىلىشتىن، ھەممىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈشتىن ئارام تاپمايۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلارمۇ باشنى ئىچىگە تىقىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
No Title
پاسسىپ مەزلۇملۇق ئومۇملاشقاندەك، پاسسىپ سىياسەتۋازلىقمۇ ئەۋج ئالماقتا.
No Title
بۇ قەدەر بولۇۋېلىش ۋە تەرەپبازچە سىياسىيەتۋازلىقنى ئويناۋاتقان ھەر قايسى گۇرۇپپىلار قاچانغىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ؟
No Title
قاچان سۈكۈتنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ، قوللاشقا تېگىشلىكنى قاچان قوللاشقا ئاتلىنالايدۇ؟
No Title
ئۇيغۇرلۇق سايىسى ئاستىغا جەملەنگەن ئىنسانلار توپىدىن تەركىپ تاپقان ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ ئەزالىرى قاچان مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قەدەم ئالىدۇ؟
No Title
قايسى توپ ھەققانىي بولالايدۇ ۋە قايسىسى پاسسىپىلىقنى پەرقلىق ئۇسۇللاردا داۋام قىلىدۇ؟
No Title
بۇنى كۈنىمىز ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
No Title
ئەجەبا تارىخ مۇشۇنداق چاغلارنى خاتىرىلىمىسە، يەنە نېمىنى خاتىرىلىسۇن!
No Title
# چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى ھۆكۈمالاردىن بىرىگە «كىشىنىڭ ۋاپادارلىقى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە بۇنى نېمىگە ئاساسلىنىپ بىلگىلى بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى.
No Title
ھۆكۈما جاۋاب بەردى: «ئۇنىڭ ۋەتىنىگە (يۇرت - ماكانلىرىغا) بولغان ئوتتەك سېغىنىشىدىن، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىغا قاراپ ئۆكۈنۈشىدىن بىلگىلى بولىدۇ».
No Title
دەرۋەقە، كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىنى باغلاپ تۇرىدىغانلارغا ۋاپاسىنى ئىپادىلىشى، ۋاپادار كۆرۈنەلىشى تەبىئىي ئەھۋال.
No Title
چۈنكى مۇناسىۋەت زەنجىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىق رىشتى، دوست - بۇرادەرلىك قائىدە - يوسۇنلىرى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
No Title
شۇڭا بۇ خىل شارائىتلارغا بېقىنغان ھالدا كۆرسىتىلگەن ۋاپانى سىناقتىن ئۆتكەن، سەمىمىيلىكىگە شەك چۈشمىگەن، رىيادىن خالىي بولغان ۋاپا دېگىلى بولمايدۇ.
No Title
مەرد مەيداندا سىنالغىنى كەبى ۋاپانىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكىمۇ پىراگماتلاشمىغان، مەنپەئەت ياكى رىياغا ياتمايدىغان رەۋىشتە خالىسلىقىنى نامايان قېلىشى زۆرۈر.
No Title
مۇساپىرانە ھايات، سۈرگۈن تۇرمۇش، ھىجرانلىق دەملەر بولسا، خالىسلىقنى نامايان قىلىشنىڭ پۇرسىتى.
No Title
سەمىمىيەتنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان مەزگىل.
No Title
ۋاپا بولسا سەمىمىيەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن كېلىدۇ.
No Title
ۋەتەن مېھرى، قېرىنداشلىق رىشتى ۋە ئۇنىڭدا ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشلەر بولسا، ئۇشبۇ مەزگىلدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، كىشىنىڭ ئەس - خاتىرىسىنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ.
No Title
شۇڭا بۇ چاغدىكى سېغىنىشمۇ، سۆيۈشمۇ، ئەسلەشمۇ چىن بولىدۇ.
No Title
ۋاپا خۇلقى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھىجراندىن كېيىنكى سېغىنىش ئوتىمۇ شۇنچە لاۋۇلداپ تۇرىدۇ.
No Title
تەن ھەرجايدا بولسىمۇ، ئەمما ئوي - خىيال ۋەتەندە، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتتا، ئۇنىڭدىكى ئەسلىمىلەردە، رىشتىلەردە بولىدۇ.
No Title
ئاخىرقى نەپەسنى ئۇنىڭدا بېرىش، ئۇنىڭغا قايتىشنىڭ كويىغا چۈشۈش، ئۇنىڭ تۇپرىقى ئاستىغا كۆمۈلۈش، ھەسرەتتە ياشاش، ھەمدە ئۇنىڭدا ياشناشقا تېگىشلىك ھۆرلۈك ۋە ئىززەتنى، قەدىر - قىممەتنى سېغىنىپ ئۆتۈش ۋە بۇ يولدا تېپىرلاش ئۈزۈلمەيدۇ.
No Title
دانىشمەنلەرنىڭ ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىنى ۋەتەن سۆيگۈسىگە، يۇرت مۇھەببىتىگە، يار - بۇرادەرلەرگە مۇشتاقلىققا باغلاپ تارازىلاشنى تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇنىڭدىندۇر.
No Title
ۋاپا خۇسۇسىدا مەشھۇر ئالىم ئىبنى مۇفلىھ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىرىنىڭ: «ئەھدەمگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ياشىغاندىن چۆلدە سۇسىز قېلىپ ئۆلۈشنى ئەلا بىلىمەن» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان.
No Title
مانا بۇ ۋەھيى ئارقىلىق جاھالەت تامغىسى بېسىلغان بىر جەمئىيەتتىمۇ كىشىلەردە ۋاپا خۇلقىنىڭ بولغانلىقىنى، ھاياتنىڭ ھەربىر دوقمۇشلىرىدا ۋاپا ئەخلاقىدىن ئايرىلىپ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
No Title
دەرۋەقە، ۋاپادارلىق شوئۇرى ئەمەلىي تۇرمۇشتا رولىنى يوقاتسا، پىرىنسىپاللىقى بولمىسا، ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئاجرىسا، سۆزلىنىدىغان ئەمما ئىش - ئەمەلدە، ھەرىكەت ۋە تۇتۇمدا سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خاراكتېرسىزلەشسە بۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ يىمىرىلىشىگە، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان مۇھىم ھالقىنىڭ ...
No Title
چۈنكى، ۋاپادارلىق يالغۇز خۇلق ۋە خاراكتەردىن مەيدانغا كېلىدىغان خىسلەتلا ئەمەس.
No Title
ئۇ يەنە ئىنساننىڭ پېئىل - ئەتۋارلىرىنىڭ ھەممىسىدە يوشۇرۇن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تۈرتكە.
No Title
ئادىمىيلىك ئەخلاق مىزانىدا ئىنساننىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى شەرەپ، ئىززەت، ئۇلۇغۋارلىق، سۇباتلىق، ئىپپەت، ساداقەت، مەردلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە شىجائەت قاتارلىق بىر قاتار ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ھەيدەكچى ئامىلى.
No Title
ئاتىنى ئەۋلادىغا، ئانىنى بالىغا، بالىنى ئائىلىگە، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە، مەھەللىنى رايونغا، خەلقنى يۇرت - ماكانغا باغلاپ تۇرغۇچى رىشتە ئىنساندىكى ۋاپا خۇلقىدۇر.
No Title
ئائىلىلەردىن تەركىبلەنگەن جەمئىيەتنىڭ زەنجىرسىمان ۋە قاتلاملاشقان چوڭ گەۋدىسىنى مۇستەھكەملىگۈچى ئۇل - پىرىنسىپلاردىن بىرىمۇ دەل مۇشۇ ۋاپا خۇلقىدۇر.
No Title
بىر توپلۇمنىڭ جەمئىيەت ھالىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئارقىسىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدا بىر - بىرىگە ئىگە چىقىش، ھەمدەم بولۇش، ئۇيۇشۇش، پۈتۈنلۈكنى ساقلاش، ئاسايىشلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئورۇندىلىشى بار دېسەك، بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئانا خۇلق مەزكۇر جەمئىيەت روھىدا يىلتىز تارتقان ۋاپا شوئ...
No Title
ئوخشاشلا يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، چۈشكۈنلۈككە پاتقان ۋە پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر جەمئىيەت، بىر ئائىلە، بىر توپلۇم مەيدانغا كەلگىنىدە ئۇنىڭ جەۋھىرىدە ۋاپا خۇلقىنىڭ ھاياتىيلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولىدۇ.
No Title
ۋاپا خۇلقىغا تويۇنمىغان جەمئىيەت ئۆلۈك جەمئىيەتتۇر.
No Title
بۇنداق جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئومۇملاشمىغان، بىر-بىرىگە تارتىشىپ ياشاش، بىر - بىرىگە خىزمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى قامداپ ياشاش ئېڭى بولمايدۇ.
No Title
بىر - بىرىگە موھتاجلىقىنى، ئوخشاش تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى ئاساسىدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندىلا بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت، بىر خەلق سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ياشاشتەك ئەقەللىي بولغان ئىنسانىي روھ يوقىغان، يوقسۇزلاشقان، مەسئۇلىيەتسىزلىك باش كۆتۈرگەن بولىدۇ.
No Title
بۇنداق روھسىز جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت، مەسئۇلىيەت، پىداكارلىق، مۇھەببەت كۈتۈپ بولسۇنمۇ؟!
No Title
دەرھەقىقەت، ۋاپادارلىق كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنىڭ سىناق تېشى.
No Title
ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەنگە خىزمەت، ۋەتەننى ئەزىزلەش بولسا، ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىدۇر.
No Title
بۇنى ئەڭ يارقىن ۋە سەمىمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ۋىجدانىي جاۋابكارلىقلارغا قارىتا رىياسىز ھالدا جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغان مەيدان ۋەتەن ھىجرانىغا مۇپتىلا بولغان زامان - ماكانلاردۇر.
No Title
ناۋادا سىزدە تېپىرلاش توختىغان، ئۆزگە يۇرتنىڭ، ئۆزگە ئىقامەتگاھلارنىڭ قەغەز يۈزىدىكى «ۋەتەنداش» قىلغانلىق رەسمىيەتلىرى، خاتىرجەم بىر ئەلدە قورساق توقلۇقى ياكى شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىگە باغلىنىپ ئۆتۈۋاتقان ئۆمۈر سىزنى ۋەتەنگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتىن توسۇپ قويسا، ئەكسىچە ۋىجدانى مەسئۇلىيەتلىرىڭىزنى سۇسلىتىشتىن باشقىغا يارىمىسا،...
No Title
ئەگەردە ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى ئارا راھەتلىك ئىزدەپ كېتىۋاتقان، ياكى جان ساقلاشتا ئۆتۈۋاتقان بۇ پەيتلەر سىزنى ۋەتەن سېغىنىشىدىن مەشغۇل قىلىۋاتقان، شۇنداق تۇرۇپ سىز بۇنىڭ پەرقىگە بارماستىن جاھاندارچىلىققا كىرىپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ۋەتەننىڭ زىيىنىغا قاراپ قەدەم بېسىۋاتقانلارنىڭ سېپى سىزنى جەلپ قىلىپ كەتكەن، خى...
No Title
ۋەتەندىكى ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقى، ئانا تۇپراقتا ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىىز كەچمىشلەرنىڭ سىزنىڭ پىنھان دەقىقىلىرىڭىزدە يۈرەك تارىڭىزنى چەكمەس بولۇپ قېلىشى، نېمە ئۈچۈن قايتالماس پالاندى - قوغلاندىغا، سۈرگۈندىگە ئايلىنىشقا مەجبۇر قالغانلىقنىڭ ۋاپا تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرەلمەيۋاتقانلىقى، يۇرت - ماكان...
No Title
بولۇپمۇ، رىۋايەتلەردىكى ئايلىق باسىدىغان مۇساپىلەرنى سائەت ۋە دەقىقىلەرگە سىغدۇرىدىغان تىلسىملار يېشىلگەن، رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان بىر زاماندا تۇرۇپ سىز بىلەن ۋەتەن ئارىسىغا ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سىرلىرى سىزنى قىزىقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىشى، يار ۋە قېرىنداشلىقلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئەسلەشكىمۇ ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدىغان ك...
No Title
### خۇلاسە كالام: ۋەتەنگە مەنسۇپلەنمەك ۋاپادارلىقتۇر؛ ۋەتەنگە خىزمەت ۋاپادارلىقتۇر؛ ۋەتەنگە پىداكارلىق ۋاپادارلىقتۇر؛ ۋەتەن بىزگە ئاۋات قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئورۇنباسارلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى بەجا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىپ، ئىنساندەك ياشىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇ...
No Title
ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالماق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەھدى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
End of preview. Expand in Data Studio

🌟 Uyghur AI Corpus: Bridging Heritage & Technology

🌟 ئۇيغۇرچە سۈنئىي ئىدراك خەزىنىسى: مىراس ۋە تېخنىكا كۆۋرۈكى

Status Language Purpose License

🌹 Introduction / كىرىش سۆز

In the era of Artificial Intelligence, language is data, and data is survival.  The Uyghur AI Corpus is an initiative to ensure the Uyghur language thrives in the digital age. This dataset serves as a foundational resource to train Large Language Models (LLMs), enabling them to understand, generate, and translate Uyghur with native-level proficiency.

سۈنئىي ئىدراك (AI) دەۋرىدە، تىل — سانلىق مەلۇمات دېمەكتۇر. بۇ ئامبار — ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەقەملىك دۇنيادىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر كۆڭۈل سوۋغىسىدۇر. بىزنىڭ مەقسىتىمىز: كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئىدراك مودېللىرىنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان چۈشىنىشى، تەرجىمە قىلىشى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى توغرا ئىپادىلىشىگە ھەسسە قوشۇشتۇر.


💎 Source & Collection / مەنبە ۋە توپلىنىشى

This corpus is a carefully curated collection of texts sourced from the open internet. It represents the collective intellectual heritage of the Uyghur people shared on various public platforms, forums, and websites over the years.

  • 🌍 Diverse Origins: Stories, essays, articles, and historical accounts available in the public domain.
  • ⚖️ Respect for Authors: While collected for AI training purposes, we deeply respect the original creators. Metadata such as author and source has been preserved wherever possible to credit the intellectual owners.
  • 🛠️ Cleaned & Processed: The raw web data has been meticulously cleaned, formatted, and structured to meet high-quality AI training standards.

بۇ خەزىنىنىڭ مەنبەسى — كەڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدۇر. بۇ ئامباردىكى ئەسەرلەر يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك تور بەت، مۇنبەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان، خەلقىمىزنىڭ ئەقلىي بايلىقى بولغان ئوچۇق مەنبەلىك ئەسەرلەردىن تاللاپ يىغىلدى.


Downloads last month
73