audio audioduration (s) 1.2 65.6 | sentence stringlengths 11 748 |
|---|---|
ئىلگىرى يامغۇر ياغسىلا پۈتۈن يەر پاتقاق بولۇپ كېتەتتى | |
سىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن | |
مېتېئورولوگىيە گېدرولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن ئۆلچىشىچە بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى شەرقىي شىنجاڭ ۋە تەڭرىتېغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھۆل يېغىن يىللاردىكىدىن كۆپرەك بولىدىكەن شىنجاڭ بويىچە كۆپ قىسىم جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولىدىكەن يازدا شىنجاڭ بويىچە ئاساسلىق چوڭ دەريالارغا سۇ كۆپرەك كېلىدىكەن | |
ئۇلار ئىككىسى سۇبيېكتىپراق شۇڭا ئارىسىدا ئاسانلا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ | |
تىنىشېف قاتارلىق روسىيە ئالىملىرى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايونىمىزدا تەكشۈرۈشتە بولغان | |
ئەتىسى ئارسلان مۇزلاتقۇدىن سۈت ئالماقچى بولۇپ كۈتۈلمىگەندە بىر دانە خام تۇخۇمنى پولغا چۈشۈرۈۋېتىدۇ | |
كونا تاڭنامە ئۈچىنچى جىلد پادىشاھ تەيزۇڭ ھەققىدە خاتىرە دە خاتىرىلىنىشچە جېنگۇەن يىگىرمە ئىككىنچى يىلى تۆتىنچى ئايدا گوبى سىرتىدىكى تۈركلەر يايلاق چېگرىسى تالىشىپ جەڭگى جىدەل قىلغاندا پادىشاھ شەخسەن ئۆزى ۋاقىتلىق ھۆكۈم چىقىرىۋىدى ھەممىسى قوبۇل قىلدى | |
موڭغۇل پارتىزانلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن يىرلېگىلېن موقدۇر سىرىم قاتالىقلار ۋە بىرقانچە موڭغۇل يىگىتلىرىمۇ تەييارلىقتا تۇرغان ئىكەن دەرھال ھەرىكەتلىنىپ بىزگە ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتى | |
بۇ جاينىڭ ھەممە يېرى ئەخلەتكە توشۇپ كېتىپتۇ تازىلىقى تولىمۇ ناچار ئىكەن | |
خوتەن ساك يېزىقىدىكى ۋەسىقىدە كاداكا تۈبۈتچە يادىكارلىقلاردا كاداگ دەپ يېزىلغان | |
جەنۇبىي ۋوڭ دەۋرىدىكى شائىر ۋاڭ ساقلىغان تاڭ دەۋرىدىكى يۇيۇنۇۋاتقان بالا رەسىمىگە بېغىشلىما سوڭ نەزمىلىرىدىكى خاتىرىلەر قىرىق بەشىنچى جىلىد دېگەن شېئىرىدا چېكىت گۈللۈك بۇ پىستىنى سىلاپ يۇيساڭ ياتىدۇ ئويناتسا گەر ئادەملەر ھېچقاچاندا قاچمايدۇ دەپ تەرىپلىگەن | |
چاقچىقىڭنى قۇيۇپ بول تىز ئۇ ئالتە يېرىمدە ئاقيولنىڭ ئايرىمخانىسىدا بىزنى ساقلاپ تۇرىدىغان بولدى | |
تايلور ۋە فرېيزېر ئۈچۈن بارلىق سەزگۈلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش | |
ئىلگىرى كېسەل تارقالغان رايونلاردا ھەر يىلى ئەتىيازدا كالىلارغا كالا پاستېرېلليوز كېسىلىنىڭ ئاليۇمىن ھىدروكسدلىق ۋاكسىنىسىنى بىر ياكى ئىككى قېتىمدىن ئۇدا ئۈچ تۆت يىل ئەملەش كېرەك | |
شۈمىڭرۈيگە ئوخشاش شېن شەنمۇ كۇلۇب ئەزالىق كارتىسىنى ئېلىپ ئەرز قىلدى | |
ئاھ ئىشىك قۇياشلىق دۇنيا بىلەن قاراڭغۇ زىنداننى ئايرىپ تۇرغۇچى سۆيۈملۈك ئىشىك ئىنسان بالىسىنى خۇدا بەرگەن ئەركىنلىكدىن مەھرۇم قىلغۇچى يۈزى قېلىن لەنىتى ئىشىك ناۋادا سەن توسۇۋالمىغان بولساڭ قۇرت قوڭغۇز ھەتتا ئەخلەت چاۋالارمۇ ئەركىن بەھرىمەن بولالايدىغان قۇياش نۇرىدىن مەھرۇم بولۇپ سەككىز ئايدىن بېرى مۇشۇ قاراڭغۇ زىندانغا بەنت بولارمىدىم | |
پەھلىۋى ھاكىمىيىتىنىڭ غەربپەرەس سىياسىتى شىئەلەرنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان | |
ئاپېلسىن پوستىدىن بەش گرام قوڭغۇراقگۈلدىن بەش گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ياشانغانلاردىكى يۆتەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ | |
مۆيدىن بۇيەردە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئوفىتسېرلىرىنى يىغىپ مامۇت سىجاڭنىڭ ئورنىغا بىرەيلەننى سايلاشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ | |
ئۇ گۈرۈچتىكى ئۇششاق تاشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تېرىپ چىقتى | |
شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ بېيجىڭدىكى قۇمۇل سارىيى نىڭ ئورنى بېيجىڭ شۈنۋومىن ئىچىدىكى تەيپىڭخۇ شىخۇما كوچىسىدا ئىدى | |
چىن ۋە سەمىمىي ئېتىقادى روھىي ھالەتلىرى ھەم مەدەنىيەت پسىخىك خۇغلانمىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ | |
شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ بېيجىڭدىكى قۇمۇل سارىيى نىڭ ئورنى بېيجىڭ شۈنۋومىن ئىچىدىكى تەيپىڭخۇ شىخۇما كوچىسىدا ئىدى | |
دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئالماس چاققانلىق بىلەن تاغارنىڭ ئاغزىنى بوغدى ئالا بويناق دەسلەپتە بىر ئىككىنى غىڭشىغاندەك قىلدىيۇ تاغار ئىچىگە ئالدىن سېلىپ قويغان يېڭى چوققىنىڭ پۇرىقىنى سىزىپ چوققا غاجاش بىلەن بولۇپ كەتتى | |
ھېرىپ كەتكەن ھوشۇرمۇ ئاتنىڭ چۇلىۋۋۇرىنى بىر تاشقا چىرماپ قويۇپ ئۆزى يەرگە سوزۇلۇپ يېتىۋالدى | |
كۈز كۈنلىرى ئاقارغان قومۇش پۆپۈكلىرى مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى | |
پۇتىننىڭ ئەتراپىدىكى بەزى كىشىلەر زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ | |
ۋاڭلېچۇەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەنجىنىڭ ھەمراھلىقىدا چۆچەك قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەرگە كېلىپ كانلارغا چۈشۈپ سىخلارغا كىرىپ توسمىلارغا چىقىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ بايرام مەزگىلىدىمۇ خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار ئىشچى خىزمەتچىلەر قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر جەڭچىلەرنى يوقلىدى | |
ئۇلار سۈنەن ۋە مۇسنەد دىگەن ناملار بىلەن تونۇلدى | |
بۇنىڭدا قەلەمپۇر لاچىندانە جۆزنىڭ ھەربىرى ئون گرامدىن تەڭشەلسە بولىدۇ | |
دادام ياماقچى كەچ كىرگۈچە موكىدەك مىدىرلاپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ دىرەج بىلەن يىڭنىسىگە گەپ قىلىدۇ | |
زاھىر بۇرھان سەنئەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ كەلدى | |
مۇھىم شەھەرلەردىن گاگرا قاتارلىقلار بار | |
مەن دائىم باغچىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرىمەن | |
كامىل ئىستېداتلىق راستچىل پاساھەتلىك ئىمام ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇل غاپپار ئۆزىنىڭ تارىخى كاشىغەر دېگەن ئەسىرىدە سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ئەمىر رەشىد ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ تۈرك ئەللىرىدە ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دىنىغا كىرگىنى شاش ئېلى ئىدى دېگەن | |
ئەرەپلەر نېفىت كۆپ چىقىدىغان رايونلارنىڭ كۇرتلار قولىدا مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ غودراۋاتىدۇ | |
دەريا يۈزىنى تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە كېمىلەر توختاشقا مەجبۇر بولدى | |
زىياۋۇدۇن نەزەرخان غوجامنىڭ گۈمبەزلىك قەبرىسىگە كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ تىزلىنىپ ئولتۇردى ۋە ئەلھەمدۇ بىلەن قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد نى ئوقۇپ قىرائەت قىلدى | |
ئۇ ئۆزىچە يوشۇرغىنىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ يۈرگەنىدى نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى سېزىپ قالدى | |
شىمالىي قەبرىستانلىق توپى ئارىسىدا ئالتۇنلۇق دېگەن بىر مازار بولۇپ بۇ جايدا شەرقىي چاغاتاي خاقانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئەخمەتخان ۋە شۇلارنىڭ پەرزەنت نەۋرە ئەۋرە چەۋرىلىرىنىڭ قەبرە شەرەفلىرى بار | |
بېشىغا سوكنا شەپكە پۇتىغا كونا تەتۈر باشلىق باجىنگىر كىيگەن ئوقۇغۇچى يىگىت دېھقان ئاتلىرى بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ئۇزۇن تۈزنى تۈگەتتى | |
بۇ ياتاقتىن خەلقئارالىق چوڭ بازارنى كۆرگىلى بولىدىكەن ھەقىقەتەن گۈزەل | |
يىگىرمە ئۈچىنچى ئاۋغۇست قىرغىزىستاننىڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى رامكىسىدا قازاقىستاندا چېگرا ئىككى مىڭ ئالتە ناملىق كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۈنسېرى قۇتراۋاتقان ئېكستىرمىستلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەشىق قىلدى | |
بەلكىم بۇنى يەنە كارل گۇستاف بورخېس كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق نەزەرىيىسى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرھلىگىلى بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇنىڭدىن كۈتىدۇ ياكى باغلايدۇ | |
قاسىم ئورگان گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ بېرگېبروكېللېر پىۋىخانسىدا نۇتۇق سۆزلەپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان | |
مەن ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن ھەق تەبىئىيىتىمىگە بەخشەندە قىلغان غارايىبچانلىق ئەستايىدىللىق ۋە مۇشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم | |
تەجرىبىلىك پېشقەدەم دېھقانلار دائىم ئاسماندىكى بۇلۇتقا قاراپ ھاۋارايى ئەھۋالىنى مۆلچەرلەيدۇ | |
يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھ رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇ باش ئىلاھىنىڭ ھۇزۇرىدىن ئىنسانلارغا ئوت ئوغىرلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالىنىپ كافكاز تاغلىرىغا مىخلاپ ئۇچار قاناتلارغا يەم قىلىپ بېرىلگەنمىش | |
ئەپلاتوندەك گەپ قىلدىڭىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھۇببۇل ۋە تەنۇل مىنەل ئىمان يەنى ۋەتەننى سۆيمەك ئىمماننىڭ جۈملىسىدىندۇر دېگەن | |
مەن بۇ خەۋەرگە يىل ئاخىرىدا قەلەم ھەققىنى ئوبدان ھېسابلاش كېرەك دەپ ماۋزۇ قويۇلغانلىقىدىن مەمنۇن ئەلۋەتتە | |
ئاپئاق غوجا ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇ ئىلىمدارلارنى ئۆلتۈرىۋەتمىگەن بولسا بەلكىم بىزنىڭ ئارىمىزدىن نىيوتون ئېينىشتىيىنلار چىقىپ ئاتوم بومبىسى ياساپ پارتلىتىپ دۇنيانى ۋەيران قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى | |
بۇ سېلىقنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى قوبدۇ قەبىلىسىگە چۈشتى | |
پېد دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ | |
سۇلتان ئەبۇسەئىدمىرزا بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك سەككىزىنچى يىلى پايتەخت ھىراتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن شاھروخ ۋە ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ئەربابلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆيلىرىنى ھەر جايغا سۈرگۈن قىلغان | |
بۇ كىتاب قازاقىستانلىق تۈركولوگ ئاسقار ئېگېۋبايېۋ تەرىپىدىن قازاقچىغا تەرجىمە قىلىندى | |
بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلى شىمالىي بېنگالدىن ئالاۋۇددىن ئەلى ۋە فەخرۇددىن مۇبارەكلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان | |
ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى خاررى ۋاۋگان بىلەن جامېس ۋاردامان ئۇنى پەلەمپەيدە كۈتۈۋالدى | |
شۇ يىلى يازدا ھېنرى فرانسىيىدە ئاخىرقى قېتىم بوركىت بىلەن كۆرۈشكەن | |
ئۇ دېڭىزدا داۋالغۇيتتى گاھ چۆكۈپ گاھ لەيلەپ بىھۇشلانغان بېلىقتەك ئېقىپ يۈرەتتى بۇنىڭ راستىنلا توۋلاش ياكى جۆيلۈش ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىدى | |
ئۇ مەلىكە روشەن ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئوردىدىكى ۋەكىلى ئىسھاقبەگنىڭ مال مۈلكى دارانىڭ تەكشۈرۈپ پېچەتلىشىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ھەمدە ئەگەر ئۇ دېككاندىن ئەسكەر باشلاپ چىقسا جودپۇر شاھى جاسۋانتنىڭ قوشۇن تارتىپ زەپكە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان | |
دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى پاۋلو ۋولفورۋېز پارىژ سادا گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى | |
ھازىرقى كۈندە تېپىلغان مانى دىنىغا دائىر كىتاب ھۆججەتلەردىن يورۇقلۇق ۋە جاھالەتنى شەرھلەيدىغان كىتاب ھەمدە توۋا ئىستىغپار دۇرۇتلىرى دورىگەرلىك كىتابى پالنامە قاتارلىقلار بار | |
بەش يۈز ئەللىك ئالتىنچى نومۇرلۇق قارۇشتىچە پۈتۈكتە مۇنداق بايانلار بار بۇرۇچ بالدۇرقىسى سىچقان كۈنىدۇر بۇ كۈندە نېمىلا ئىش قىلسا بولىدۇ ھەممە ئىش خەيرلىك بولۇر | |
ئىش تېرىشتىن قورقساڭ ھۆكۈمەت بىلەن قانداق سوقۇشىسەن مىلتىق ئاتقىنىڭ نېمىسى ھوي يۈرىكىنى موجۇپ قويمىساق بولمايدۇ | |
ئۇ ماشىنىغا چىقىش ئالدىدا ئانىسىغا بىر نەچچە ئېغىز تەسەللى سۆزى قىلدى | |
ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىدىكى پەن تېخنىكا خادىملىرى بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ گۈلجېت يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنى قىش پەسلىدە چارۋىچىلىقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر چارۋىلارنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇش كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىدى | |
قەدىرسىزلىك خارلىق ساڭا ۋە ماڭا ھەرگىز خاس ئەمەس شۇنداق ئىكەن قەددىڭنى كۆتۈر ئەتراپىڭغا قاراپ باق قەلبىڭگە ئەقىدە چىرىغىنى ياق مانا بۇ نۇسرەت قەدىمىنىڭ ئىپتىداسى غالىپ ۋە مەنىلىك ھاياتنىڭ بىسمىللاسى | |
ئۇخلاتقۇچى دورىلاردىن لۇمىنال مورفىن قاتارلىق دورىلارمۇ خۇمار قىلىدۇ | |
كېيىن داليەندە ئەينى چاغدىكى دوئوگلاس ناملىق داڭلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چاۋشيەن ھاۋا تەۋەلىكى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى خاباروۋسكى شەھىرىگە ئاندىن چىتا يېڭى سىبېرىيە سىۋىلدروۋىسكى ئارقىلىق بەش ئالتە كۈن سەپەر قىلىپ ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى موسكۋاغا بارغان | |
شۇنىڭ بىلەن ئەل يۇرت يىغلاپ قاخشاپ ھەر كۈنى بىر قىزنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بېرىدىغان بوپتۇ | |
ئىراقنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نېگىردىن ئۇران سېتىۋالماقچى بولۇش ئېھتىمالى يوق ئەمەس | |
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۇكوس شىركىتىنىڭ سابىق لىدىرى ئالېكساندىر شۇنداقلا مارۇئېرۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىلەر بار | |
موڭغۇل كىشى خۇاڭ كاتىپنڭ سۆزىنى ئۆرۈپ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئاقلانىلىك ئامالنىڭ بارىچە تەن جازاسىدىن قۇتقۇزۇش دىدى | |
موڭغۇلىيىنىڭ كۇبسۇگۇل ئۆلكىلىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى | |
كۈسەن قەدىمكى دۆلىتى قۇرۇلغان جاي ناھىيە ۋە ئەتراپىدا تەڭرىتاغ سىرلىق چوڭ جىلغىسى قىزىل تاشكېمىرلىرى قۇمتۇرا مېڭئۆيى سۇباش كونا شەھىرى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنىدىن ئوتتۇز نەچچىسى بار | |
ئىنايىتۇللا ھېلىمى ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە يەتتىدىن ئارتۇق خادىمنى دورىگەر فېلدشېر ھەمدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى تىببىي خادىم قىلىپ تەربىيىلىدى ۋە يېتىشتۈردى | |
يېزا بازار ۋە كەنتلەردە مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇپ ئۇلارنىڭ خىزمەت فۇنكسىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى | |
بورداشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە مۇۋاپىق مىقداردا خۇرۇچلارنى قوشۇپ بېرىش لازىم | |
ۋرانگېل باسمىچىلىرىنى تېزدىن تازىلاش ئۈچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي جەنۇب فرونتىنىڭ قىرىم جەڭ مەيدانىنى مۇستەقىل جەنۇبىي فرونىت دەپ ئايرىدى ۋە قارارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ستالىننى مەسئۇل قىلدى | |
كۇلۇجىخاف فېيسىي ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە جۇڭگولۇقلار دۇكانلىرىدا ئادەم يوق ئىدى دېدى | |
ساتراچخانا ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرلۇشى قالايمىقان تازىلىقى ئۆلچەمگە توشمايدۇ | |
ئىلغار كۆمۈر قېزىش تېخنولوگىيىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق چىگشور كۆمۈرچىلىك شىركىتى بايلىقنى ئېچىش نىسبىتىنى ئوتتۇز پىرسەنتتىن سەكسەن پىرسەنتكە يەتكۈزدى | |
دۇڭ سۇنرۇينىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ دۈشمەن پوتىيىنى پارتلىتىشى ئاجايىپ قەھرىمانلىقتۇر | |
قىز بەختى يىگىت دېگەن ھەقىقەت ھەممە يەرگە يېزىلغاندەك ھەممىلا ئادەم ھەتتا قاردىن كىمخاب كىيگەن موسكۋا ۋە ئۇنىڭ گۈزەل قەدىمىي دەرەخلىرىمۇ قىزنى قىينىماقتا دەپ ۋارقىراۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى | |
كۈندىلىك تۇرمۇشتا پەلەمپەيدىن چۈشكەندە پەلەمپەينى سانىسىمۇ خەلق مەيدانىدا خىشنى سانىسا يول ماڭغاندا يول بويىدىكى دەرەخلەرنى سانىسىمۇ بولىدۇ | |
ئوپېراتسىيىدە پىچاق تۇتقان ۋراچ چوقۇم ئېغىر بېسىق بولۇشى لازىم | |
ئۇ جاھىللىق قىلىپ كېتىمەن دەپ تۇرۇپلىۋالدى ھېچكىم ئۇنى ئېپقالمىدى | |
ئۆيدە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ساقلاش چەكلىنىدۇ دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن ئۆينى دېزىنفىكسىيە قىلىشقا قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈشكە چىۋىن يوقىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ | |
بىز جوگڭونىڭ ئايروپىلان ياساش ۋە ئۇچۇش ساھەسىدىكى ئېھتىياتچانلىقىنى قانداق سەۋەبلەرگە يىغىنچاقلىشىمىز كېرەك | |
ئۇ ھەرقانداق بىر ئادەم تەرىپىدىن تونۇلۇشقا موھتاج ئەمەستۇر | |
روژدوستىۋا بايرىمى كۈنى كەيزىشى ئىپىسكوپ مۇزاتنى ئېلىپ ئات ھارۋىسى بىلەن ۋىيبىرنىڭ ئۆيىگە بارماقچى ئىدى چۈنكى بۇ كۈنى ۋىيبىرنىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن ئادەملەر بېرىپ بايرامنى تەبرىكلىشەتتى | |
جەڭگىۋارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشۇنىمىزنى چوقۇم ساغلاملاشتۇرۇشىمىز لازىم | |
ئۇ تۇغما سەپرا مىجەز بولۇپ ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ | |
مېنىڭ قارتامدا تۆت تۇز بىرخېم رامۇسفېلد بوز ۋە ۋوتىسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ | |
يىگىرمە توققۇزىنچى ئىيۇندا سوۋېت ئارمىيىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ ۋىتېبسكى ۋە بۇبرۇيسكدىكى دۈشمەنلەرنى يوقاتتى ھەمدە پورشانى ئازاد قىلدى | |
ئادەم بەدىنىدىكى تۆت بەدەن سۇيۇقلۇقى تەلىماتى پېرىخونلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋالاش كەيپىياتىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇردى | |
ئۇ ئالتە دېۋىزىيىنى مائۇبىۋژىدەك يىراق ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچار قىلىشنىڭ زادىلا زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايتتى | |
شۈي پروفىسسورمۇ ۋاقىت بەلگىلەپ دوختۇرخانىدا ئايلىنىپ كېسەل كۆرىدۇ | |
يۇقىرىقى مۇنىزچنى كۈندە بىر ۋاخ ئىككى تالدىن ئىستېمال قىلسا كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى خىلىت بەدەندىن تازىلىنىپ چىقىدۇ | |
سىلەرگە ساياھەت يېتەكچىسى بولغانلىقىمدىن خۇشالمەن |
End of preview. Expand
in Data Studio
THUYG-20 维吾尔语语音数据集 (Whisper微调版)
为OpenAI Whisper模型微调准备的维吾尔语语音数据集。
数据集信息
- 来源: THUYG-20 (清华大学 & 新疆大学)
- 语言: 维吾尔语 (Uyghur)
- 总样本数: 7,600
- 训练集: 6,840 条 (90%)
- 验证集: 760 条 (10%)
- 音频格式: WAV, 16kHz, 单声道, 16位
- 平均时长: ~10.56 秒
文件结构
.
├── audio/ # 7,600个音频文件 (2.2GB)
│ ├── thuyg20_00000_*.wav
│ ├── thuyg20_00001_*.wav
│ └── ...
├── train.json # 训练集元数据
├── val.json # 验证集元数据
├── dataset_info.json # 数据集统计信息
├── finetune.py # Whisper完整微调脚本
├── quick_train.py # 快速训练演示 (100步)
└── README.md # 本文件
数据格式
train.json / val.json
每个文件包含样本列表:
[
{
"audio": "/path/to/thuyg20_00000_7f9adb1274139590.wav",
"sentence": "بىز نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق ..."
},
...
]
dataset_info.json
{
"dataset": "THUYG-20",
"language": "uyghur",
"total_samples": 7600,
"train_samples": 6840,
"val_samples": 760,
"audio_format": "wav",
"sample_rate": 16000
}
快速开始
安装依赖
pip install transformers torch soundfile datasets
快速训练
# 快速训练演示 (100步, 约5分钟)
python quick_train.py
# 完整训练 (3000步, 约1-2小时)
python finetune.py
加载数据
import json
# 加载训练数据
with open('train.json', 'r', encoding='utf-8') as f:
train_data = json.load(f)
# 加载验证数据
with open('val.json', 'r', encoding='utf-8') as f:
val_data = json.load(f)
# 访问样本
sample = train_data[0]
audio_path = sample['audio']
text = sample['sentence']
加载音频
import soundfile as sf
waveform, sample_rate = sf.read(audio_path, dtype='float32')
print(f"采样率: {sample_rate}")
print(f"时长: {len(waveform)/sample_rate:.2f}秒")
训练说明
快速训练 (演示)
python quick_train.py
- 训练步数: 100
- 训练时间: ~5分钟
- 用途: 验证环境配置
完整训练
python finetune.py
- 训练步数: 3000
- 训练时间: ~1-2小时
- 批次大小: 4
- 学习率: 1e-5
模型输出
训练完成后,模型将保存到:
./output/final/
可以上传到Hugging Face或本地使用。
统计数据
| 指标 | 数值 |
|---|---|
| 总样本数 | 7,600 |
| 训练样本 | 6,840 (90%) |
| 验证样本 | 760 (10%) |
| 音频格式 | WAV |
| 采样率 | 16kHz |
| 声道 | 单声道 |
| 位深 | 16-bit |
| 总时长 | ~22.4 小时 |
| 平均时长 | 10.56秒 |
引用
如果使用本数据集,请引用:
@inproceedings{thuyg20,
title={THUYG-20: A Free Uyghur Speech Corpus},
author={Tsinghua University and Xinjiang University},
year={2016},
url={http://www.openslr.org/22/}
}
许可证
本数据集遵循原始THUYG-20许可证。
致谢
- 原始数据集由清华大学和新疆大学提供
- 为Whisper微调准备
- Downloads last month
- -