id int64 1 10.6k | text stringlengths 21 32.1k |
|---|---|
1 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كەلپىن ناھىيەسىدە17مىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەننىڭ پايدىسىنى كۆردى غەيرەت جاسارەت، تالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەسى بۇلتۇر شەھەر، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىزچىل سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئۇلارغا سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشتىن ئىلگىرى تۈرلۈك ئىش ئورنى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. يۇرچى يېزىسىنىڭ ئۈستۈن قۇمئېرىق كەنتىدىكى كامىل ئاللابەردى مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىكى يەتتە جان ئىلگىرى 15 مو يەردىن قىلغان كىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزدا تۈزۈكرەك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىغانىدۇق. بۇلتۇر ئۆيدىكى ئالتە جان سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، ئائىلە كىرىمىمىزنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. ئۇقۇشىمىزچە، بۇ ناھىيە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەتتە ئورۇن بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش ئىشلىتىش ھەمكارلىقى ئورناتقان. ئەمگەكچىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە تۈرتكە بولغان. نەتىجىدە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن 17 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 27 مىليون 593 يۈەنگە يەتكەن. |
2 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى نىلقا ناھىيەسىدە مېيىپلەر ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇققا ئېرىشتى نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسى مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مېيىپلەرگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ناھىيە بۇلتۇردىن بۇيان مېيىپلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىن تۈر مەبلىغى ھەل قىلىش، ناھىيە مالىيەسىدىن مەبلەغ ئاجرىتىش، ناھىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 687 مېيىپكە تۇرمۇش ياردەم پۇلى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىنغان 45 مېيىپ ئوقۇغۇچىغا 155 مىڭ 500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالغان 23 مېيىپ ئائىلىسىگە 24 مىڭ 500 يۈەندىن ئەمىن ئۆي تولۇقلىمىسى بەرگەندىن باشقا، 11 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەر بىر ئائىلىگە 5000 يۈەندىن ئالاھىدە تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنى بىخەتەر، ئازادە، ئىسسىق ئۆيگە ئىگە قىلدى. 2834 مېيىپنى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن قىلدى. |
3 | پەن مائارىپ يېڭى مەھەللىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مېھىر شەپقەتكە ئېرىشتى پەرھاد مىجىت، رىزۋانگۈل راخمان خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازارلىق مەركىزىي مەكتىپىدە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش غېمىنى يېنىكلىتىپ، قىشتىن تىنچ ئامان چىقىۋېلىشى ۋە ئوقۇشىنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن، مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە بۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە ناھىيەدىكى كارخانىچىلار ياردەم قىلغان 31 مىڭ 668 يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم كېچەك، ئاياغ، سومكا قاتارلىق تۇرمۇش ۋە ئوقۇش بۇيۇملىرى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ تېرىشىپ ئوقۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلدى. يېڭىمەھەللە بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇمەريەم مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن نېمىنىڭ ئىللىقلىق ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاتا ئانام ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن. |
4 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى سەندىخوزا دېھقانلىرى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: قورغاس ناھىيەسىنىڭ سەندىخوزا يېزىسى تارجى كەنتىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار زوراگۈل تۇرسۇن بۇلتۇر 9 ئاينىڭ ئاخىرى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن 60 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. چۈنكى ئۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەچكە، ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا رەھبەرلىرى ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇلتۇر 60 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، كونا ئۆيىمىزنىڭ ئورنىغا 60 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە ئىككى يۈرۈش ئۆي سېلىپ بەردى. يېڭى توي قىلغان ئوغلۇم بۇ ئۆينىڭ بىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. بىز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. سەندىخوزا يېزىسى بۇلتۇر 417 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلاپ، بۇ قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىدى. قۇرۇلۇش سۈپىتى، سۈرئىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە پىلاننى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلاش بۆلۈمىدىكى ئالتۇنبەك غوجاي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر تارجى كەنتىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويدۇق، ھازىر بۇ كەنتتىكى 404 ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. ھەر بىر ئائىلىگە مەركەزنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن 10 مىڭ 500 يۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن 8000 يۈەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 10 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 60 كىۋادرات مېتىردىن، ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە 80 كىۋادرات مېتىردىن ئۆي سېلىپ بەردۇق. |
5 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقانلار ئۆيىنىڭ يېنىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى ئالتۇنگۈل ھاشىم خەۋەر قىلىدۇ: 2015 يىل 9 دېكابىر ئەتىگەندە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرىدىكى 17 ياشلىق روشەنگۈل داۋۇت سەھەر تۇرۇپ، ئۆيىنىڭ يېنىدىكى پايپاق زاۋۇتىغا ئىشقا ماڭدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: بۇ زاۋۇتتىكى ئىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالدىم، بۇ ئىشنى قىلىش ئاسان ئىكەن،ئىش ھەققىمۇ يۇقىرى ئىكەن، زاۋۇت ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن. بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ھازىر بۇ بازاردىكى نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەكچى ئۆيىگە يېقىن جايدا قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرماقتا. ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇلتۇر يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى. ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى نىشانلىق تەربىيەلەش بىلەن بىللە، خەنزۇ تىلى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاساس سالدى. باھار شامىلى ھەرىكىتى ، 1000 يېزا، 10 مىڭ كەنت ھەرىكىتى پىلانى قاتارلىق مەخسۇس خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. قوشنا جايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش يوللىرىنى ھازىرلىدى. بۇ ۋىلايەت يەنە ئۆزگىچە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتتى. نەتىجىدە، 2015 يىلى 11 ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ۋىلايەت بويىچە يېزىلاردىكى 77 مىڭ 378 ئېشىنچا ئەمگەكچى قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. |
6 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مەبلىغى مېيىپلەرنىڭ بېيىشىغا يول ئاچتى گۈزەلنۇر ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يۆلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. توققۇزتارا بازىرىنىڭ قازاق مەھەللە كومىتېتىدىكى تۇرسۇننىڭ كۆزى ئاجىز بولسىمۇ، تېلېفون رېمونت قىلىش، كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، شۇ تىجارەت بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلتۇر ئۇ ناھىيەنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە تىجارىتىنى كېڭەيتىپ، كىچىك تاللا بازىرى ئېچىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولدى، 2014 يىلىدىن باشلاپ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىشنى باشلىغانىدىم. ھازىر تىجارىتىم ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بۇ تاللا بازىرىنى ئېچىۋالدىم، ھۆكۈمەتنىڭ بىز مېيىپلەرنى قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت. بۇ ناھىيە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا، كەنتلەردە تاللا بازىرى ئېچىش قۇرۇلۇشى غا ياردەم بېرىش تۈرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قىيىنچىلىقى بار 45 مېيىپ ئائىلىسىگە 90 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. |
7 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئەل غېمىنى يېگەن كارخانىچى مۇيەسسەر ئاباھامىت، ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ بۇ يىل بورتالا شەھەرلىك 8 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىياۋ زىلۇ خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد سودا كەسپىگە ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى قولىغا ئېلىپ، بۇ خۇشاللىقىنى ئۇزاق يىلدىن بۇيان ئۆزىگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان تۇرغۇن مۇھەممەدكە ئېيتتى. تۇرغۇن مۇھەممەد بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىنى باسالماي، دىياۋ زىلۇغا: ـ بەك ياخشى بوپتۇ، چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇڭ، خىراجەتتىن ھەرگىز غەم قىلماڭ دەپ، 5000 يۈەننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. بۇنى كۆرگەن دىياۋ زىلۇنىڭ دادىسى تۇرغۇن مۇھەممەدنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: ـ سىزگە كۆپ رەھمەت! سىز ئۇزاقتىن بۇيان ئائىلىمىزگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولمىغان بولسا، قىزىم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىغان بولاتتى، دېدى. تۇرغۇن مۇھەممەد بورتالا ئالتۇن دىيار ئۆي مۈلۈك شىركىتى نىڭ لىدىرى، تۇرغۇن سودا سارىيى نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ بىرى. ئۇ پۇل تاپقاندا يۇرتىنى، يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇماي، ئەل يۇرتقا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. تۇرغۇن مۇھەممەد ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىدىكى ئون بالىنىڭ چوڭى بولۇپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي، ئوقۇشتىن چېكىنگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۇرغۇننى بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل يېزىسىدىكى چوڭ دادىسى ئابدۇراخمان ئاكا بېقىپ چوڭ قىلدى ھەم 1978 يىلى 17 يېشىدىلا ئۇنى تۆمۈرچىلىككە شاگىرتلىققا بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ بىر نەچچە يىل تۆمۈر تەسەك بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۇرغۇن بارا بارا جەمئىيەتنى چۈشەندى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە جاپالىق ئىزدىنىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولدى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى تۇرغۇن مۇھەممەدنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى ھەم شاگىرتلىرىنى كۆپەيتىپ، بۇرۇنقى ئاددىي ھالدىكى كاناي، چېلەك قاتارلىقلارنى ياساشتىن، پىلتە مەش، تۆمۈر دەرۋازا، تام مەش قاتارلىقلارنى ياساشقا يۈزلەندى. 1992 يىلى ئالاتاۋ پورتى ئېچىۋېتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پولات تۆمۈر بازىرى جانلىنىشقا باشلىدى. تۇرغۇن مۇھەممەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنى شاگىرتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى پولات تۆمۈر تىجارىتى قىلىشقا باشلىدى. جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ تىجارەت يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، سودىسى جانلىنىپ، تېز روناق تاپتى. ھازىر ئۇ ئىلگىرىكى ئاددىي بىر تۆمۈرچىدىن مىليونېرغا ئايلاندى. ھايات تولىمۇ قىسقا، تولىمۇ قىممەتلىك. ئاشۇ قىممەتلىك ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىرادىسى ۋە غايىسىگە باغلىق. ھەش پەش دېگۈچە ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۇرغۇن مۇھەممەدنىڭ ھايات مۇساپىسى تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولدى. 1999 يىلى ئۇ 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا تۆت قەۋەتلىك ئۇنىۋېرسال سودا مۇلازىمەت بىناسى سالدى ھەم جەمئىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە مېيىپلەردىن بولۇپ 150 دەك كىشىنى سودا سارايغا ئورۇنلاشتۇردى. سودا سارىيىنىڭ بىر قەۋىتىدە يەسلى ئېچىپ، ئەتراپتىكى يەسلى يېشىغا توشقان بالىلارنى قوبۇل قىلدى. تۇرغۇن مۇھەممەد 2003 يىلى ئالتۇن دىيار ئۆي مۈلۈك شىركىتى نى قۇرۇپ، يېڭىدىن پۈتكەن ئولتۇراق رايونىغا ئىلگىرى ئاخىر 370 ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. تۇرغۇن مۇھەممەد بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقاچقا، بېيىغاندا ئالدى بىلەن مائارىپنى قوللىدى. ئۇ بورتالا شەھىرى چىندېل يېزىلىق 7 باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۇمدە كىيىم كېچەك ئېلىپ بەردى، تۇرغۇن مۇھەممەد ئوقۇش مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىپ، بورتالا شەھەرلىك 1 ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 7 ئوتتۇرا مەكتەپكە 30 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى، ھەر يىلى ئۈچ ئۇيغۇر، ئىككى خەنزۇ بالىنىڭ ئالىي مەكتەپنى تاماملىغىچە بولغان بارلىق ئوقۇش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدى. يېقىندا تۇرغۇن مۇھەممەد خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان دىياۋ زىلۇنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن 4000 يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. تۇرغۇن مۇھەممەد مۇنداق دېدى: ئاز تولا ياخشى ئىش قىلىپ، جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالىسام، ئاندىن مېنى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەن خەلقىمگە يۈز كېلەلەيمەن، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، مېنىڭ يىلتىزىم خەلق، مەن خەلق بىلەن تەقدىرداش. تۇرغۇن مۇھەممەد ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاچقا، 2005 يىلىدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى دېگەن شەرەپكە، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، شەھەر بويىچە ئىلغار كارخانىچى دېگەن شەرەپكە، 2000 يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار يەككە سودا سانائەتچى ، بورتالا ئوبلاستى بويىچە ئون مۇنەۋۋەر يەككە تىجارەتچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 2012 يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بورتالا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئوبلاستلىق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر كۆكلەر، دېگەندەك تۇرغۇن مۇھەممەد ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغانسېرى تىجارىتى كۈندىن كۈنگە روناق تېپىپ، يولى تېخىمۇ داغدام بولدى. |
8 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تىرىشچان بىر جۈپلەر ئابلىمىت ئابلىز، ئامانگۈل ئىسلام قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى خادىملاردىن پالۋانتۇر كەنتىدىكى ئايەتگۈل مۆمىننىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزى بېيىش بىلەن بىللە كەنتتىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئېرىنىڭمۇ تۆمۈرچىلىك كەسپىدىن يول تېپىپ ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلاۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن گۈلچەشمە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا باردۇق. ئايەتگۈل مۆمىننىڭ قورۇسىدىلا قۇرۇلغان كوپىراتىپ ئىشخانىسىدا ئۇ بىرنەچچە ھەمراھى بىلەن رەختلەرگە گۈل كەشتىلەۋاتقان ئىكەن. ئايەتگۈل مۆمىننىڭ ئاپىسى مەھەللىسىدە نامى بار كەشتىچى بولۇپ، ئايەتگۈل كىچىكىدىن باشلاپلا ئاپىسىنىڭ تەسىرىدە كەشتە تىكىشنى ئۆگىنىپتۇ. 1990 يىلى ئالاقىدار تارماقلار كەنتتە ئۇيۇشتۇرغان تىككۈچىلىك كۇرسىغا قاتنىشىپ، تىككۈچىلىكنىڭ ئاساسىي ماھارەتلىرىنى ئىگىلەپتۇ. 1994 يىلى مەھەللىسىدە كىچىك بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ كىيىم تىكىش بىلەن بىللە كەشتە بۇيۇملىرى ئىشلەشكە باشلاپ، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ خېلى ياخشى كىرىم قىپتۇ. كېيىن ئۇ ئۆي ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، 2007 يىلى تۆت كوچا سودا بازىرىدا كەشتە بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلغان گۈلچەشمە دۇكىنى ئېچىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ. ئۇ دەسلەپتە توي تۆكۈن، ھەر خىل مەرىكىلەرگە كەشتە بۇيۇملىرى ئىشلەپ، دەسلەپكى يىلى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىپتۇ. ئۇ يېڭىلىق ياراتمىسا كەسكىن بازار رىقابىتىدە شاللىنىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يوتقان كۆرپە، چەينەك ياپقۇچ، تېلېفون قېپى، سومكا، قەغەز قويغۇچ ۋە ئائىلە ئاپتوموبىلى بېزەكلىرىنى كەشتىلەپ، خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. كېيىنچە كارىۋات بېزەكلىرى، كېلىنچەك توي يۈرۈشلۈكلىرىنى ئىشلەپ، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپتۇ. 2007 يىلى قوغۇن بايرىمىدا ئۇ ئىشلىگەن كەشتە بۇيۇملىرى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، بىر ساياھەتچى بىر قېتىمدىلا چەينەك ياپقۇچتىن 45نى زاكاس قىپتۇ. 2013 يىلى ئۇ كەشتىلىگەن قوغۇنچى قىزنىڭ مودېلى قوغۇن بايرىمىدىكى كەشتە بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىدە 1 دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ. 2006 يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە ئۇ ئىشلىگەن كەشتە بۇيۇمى 2 دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ. ئالاقىدار تارماقلار 2014 يىلى 4 ئايدا ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كەشتە تىكىش ماشىنىسى سەپلەپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپتۇ. شۇ يىلى ئۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن گۈلچەشمە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئېرى يۈسۈپ خالىقمۇ ئۇنى پائال قوللاپتۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى بولمىغىنىدا بۈگۈنكى نەتىجىلىرىم بولمايتتى، دېدى ئايەتگۈل مۆمىن، مەن ئىگىلىكىمنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، يەنىمۇ كۆپ ئىشسىز ياشنى كوپىراتىپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچەيمەن. ئايەتگۈل مۆمىننىڭ ئېرى يۈسۈپ خالىق 2005 يىلى مەھەللىدە بىر تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، دەرۋازا، ئىشىك دېرىزە ياساپ كىرىم قىلىشقا باشلاپتۇ. ھازىر ئۇنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، تىجارەت تۈرىمۇ كۆپىيىپ، يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەنگە يېتىپتۇ. |
9 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر پىچان ناھىيەسى 13 بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلدى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنى قوزغاپ، يىغىن روھىنى 13 بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە يېتەكچى قىلدى. ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، 13 بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ۋە بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش بىلەن بىللە، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، سانائەت ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ قىشلىق ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئاساس قىلىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ قانۇن، مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈردى؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ئاساس سالدى. پىچان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەركىن مۇھەممەت مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تىنچ ئامان، بەختىيار پىچان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز. |
10 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت، يەرلىك باج ئىدارىلىرى يېشىل كارىدور تەسىس قىلىپ، بىر تاختا شاھمات نى تەڭ ئوينىدى مۇختەرجان ئوبۇلقاسىم خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر ئەلگە قۇلايلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باج بېجىرىش زالىغا كىرسىڭىزلا يېتەكچى خادىم خىزمىتىڭىزگە تەييار بولىدۇ، دۆلەت بېجى ياكى يەرلىك باجغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيىتىڭىز بىردەمدە بېجىرىلىدۇ . بۇ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت، يەرلىك باج ئىدارىلىرىنىڭ باج بېجىرىشتە يېشىل كارىدور تەسىس قىلىپ، بىر تاختا شاھمات نى تەڭ ئوينىغىنىدىن رازى بولغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى. قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى بىلەن يەرلىك باج ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە قېلىپلاشقان باج تاپشۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دۆلەت، يەرلىك باج بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر باج زالىدىن تەڭ پايدىلىنىپ، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت رايونى، مەسلىھەت بېرىش يېتەكلەش رايونى، ئاپتوماتىك باج بېجىرىش رايونى ۋە ئارام ئېلىش رايونى تەسىس قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدى. كۆزنەكتە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى %30 ئۆستۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى %40 قىسقارتتى. بۇنىڭ بىلەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئېشىپ، باج مەنبەلىرى كېڭەيدى. بۇلتۇر ۋاكالىتەن يىغىلغان باج سوممىسى 11 مىليون 862 مىڭ يۈەندىن، ۋاكالىتەن كېسىلگەن باج تالونى 6000 پارچىدىن ئاشتى. |
11 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قاغىلىق ناھىيەسىدە مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىشلىرى جانلاندى مۇساجان ياسىن خەۋەر قىلىدۇ: قاغىلىق ناھىيەسى بۇ يىل سۇ ئۈزۈش سارىيى، تەنتەربىيە سارىيى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ ئاممىغا ئېچىۋەتكەندىن سىرت، 100 كەنتكە ۋاسكېتبول مەيدانى سېلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. بۇ ناھىيە 2 مىليون 55 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا بازارلارغا 65 يۈرۈش گار، 100 يۈرۈش تىكتاك توپ جازىسى، 150 يۈرۈش بىليارت ئۈستىلى، 200 يۈرۈش چېنىقىش ئۈسكۈنىسى تارقىتىپ بەردى. يېزا بازارلاردىكى دېھقانلار تەشۋىقات ئەترەتلىرى 215 سەنئەت نومۇرى ئىجاد قىلىپ، يېزا، كەنتلەردە 2300 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئويۇن قويدى. 30 ئورۇندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى نۇقتىسىغا قوغداش بەلگىسى ئورناتتى ھەم ناھىيە بويىچە 46 مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان سەككىز مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتتى. |
12 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كەلپىن ناھىيەسى پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا مەنىۋى ئوزۇق تەقدىم قىلدى تۇرسۇن قۇربان، مۇتەللىپ رېشىت خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ناھىيەدىكى پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە ئۇلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، قانۇن نىزام، بەلگىلىمىلىرى ۋە ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن 49 مىڭ 628 يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇلارنى خەلق گېزىتى ، ئىزدىنىش ، شىنجاڭ گېزىتى ، بۈگۈنكى شىنجاڭ قاتارلىق پارتىيە گېزىت ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى قىلدى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەھەتجان ئاماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەلپىن ناھىيەسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەر يىلى پېشقەدەم كادىرلارغا پارتىيە گېزىت ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇقۇشىمىزچە، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئىككى تۈرلۈك تەمىناتىنى ۋاقتىدا تارقىتىشتىن سىرت، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلتۇر ناھىيەگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجو شەھىرىنىڭ ياردىمىدە 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۈچ قەۋەتلىك ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى سېلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە، تۆت ئاھالىلەر رايونىدا ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلغان ۋە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى سەپلەپ بەرگەن. |
13 | ئۈرۈمچى غەربىي شىمال بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو رايونى ئارىسىدىكى تىرانسپورت ۋاقتى قىسقاردى ئۈرۈمچىدىن نەننىڭغا ئالاھىدە تېز پويىز قاتنايدۇ يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن نەننىڭغا ئىككى كۈندە بىر قېتىم 1 284 قېتىملىق، نەننىڭدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا 3 282 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ، بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن نەننىڭغا قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى شياڭشى مياۋزەي، جاڭجياجيې قاتارلىق داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىكەن، بۇ پويىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، يولبويى جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشىدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتىدىكەن. بۇ جەرياندا ئاساسلىقى لەنجۇ، شىئەن، شاڭياڭ، جىڭمېن، جاڭجياجيې، ليۇجۇ، نەننىڭ قاتارلىق 35 ۋوگزالدا توختايدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 4608 كىلومېتىر بولۇپ، يولۇچىلار پويىز ئالماشمايلا جاڭجياجيې مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، شىمالدىكى يېشىل شەھەر دەپ نام ئالغان نەننىڭ شەھىرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن بەھرىلىنەلەيدىكەن. ئىلگىرى، ساياھەتچىلەر نەننىڭغا بېرىش كېلىشتە شىئەن ياكى جېڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا پويىز ئالمىشىشقا توغرا كەلگەچكە، ساياھەتچىلەرگە قولايسىز ئىدى. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن نەننىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى چېگرا رايون ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قاتناش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قامداپ، غەربىي شىمال رايونى بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو رايونى ئارىسىدىكى تىرانسپورت ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ ھەم غەربىي شىمال بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى رايوننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىدا پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. |
14 | شىنجاڭ ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى مۇبارەك ئىسمائىل، ئېلنارە ئېلشات خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر 2015 يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرى 30 دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇقۇشىمىزچە، شىنجاڭ ماركا تەتقىقات ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ماركا ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا، ماركا تەبىرى، ماركىدىن قانداق پايدىلىنىش، قانداق قىلغاندا ماركىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، بازاردا ئىناۋەت تىكلەشكە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار پىلانلاپ باھالاشقا سۇنغان قەشقەر ئانىرى ، مەكىت دولان قويى ، خوتەن چىلىنى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 27 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى نامىغا ئېرىشىپتۇ. بۇ يىلقى ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى ج ك پ 18 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ماركا ئىناۋىتى سىستېما قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەدبىر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. مۇھاكىمە يىغىنىدا شىنجاڭ ليەنباڭ ئىناۋەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋاڭ خەيمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئۆلچەم باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئازات فېردەۋىس قاتارلىق سەككىز كىشى ماركا ئىناۋىتى، ماركا تەرەققىياتى، ماركىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىلقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سەككىز مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ماركا ئىناۋىتى مۇھاكىمە مۇنبىرى شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن. |
15 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن جىڭ بو، جاڭ يەنلى، ياڭ شۇخەن، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى جۇ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىمۇ كۈندىن كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلار تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ساھىبخانا ئورۇن بولۇش خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. يىلدا تاغدا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، يېڭى يىلنى ھەم مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالدى. شەھەر ئاھالىسى نيې پېييىڭ ئەر خوتۇن قىزىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى يىللىق تاغقا چىقىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ: بىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغقا چىقىپ، تەنھەرىكەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندۇق. يېڭى يىلدا ھەممە كىشىنىڭ ساغلام، خۇشال خۇرام ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز، دېدى. 58 ياشلىق جاڭ سەيشيا يامالىق تېغىدىكى تاغقا چىقىش كۇلۇبىنىڭ ئون نەچچە ئەزاسى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇ خۇشال ھالدا: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، دېدى. خوتەن ۋىلايەتلىك 2 ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جېنرۈي: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش . مەملىكەت بويىچە 2016 يىلىنى كۈتۈۋېلىش، تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش يىغىنى دا پىلاكاتقا ئىمزا قويۇۋېتىپ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پات ئارىدا شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، 10 مىڭ كىشىلىك قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان كاتتا مۇسابىقە قىلىپ ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن، شۇنداقلا ھەر قايسى جايلاردىكى تەنھەرىكەتچىلەر ۋە دوستلارنىڭ شىنجاڭغا، خوتەنگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمەن، دېدى. يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى مەملىكەت بويىچە يېڭى يىللىق تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ 5 نۆۋەتلىك قار مۇز مەنزىرىسى بايرىمى تۇرغۇن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما قويۇق مىللىيچە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قارشى ئالدى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ جۈەنجۈەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنيانى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قار مۇز ساياھەت بايلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، مەن شىنجاڭدىن پەخىرلىنىمەن، شىنجاڭغا مەدەت بېرىمەن. مارافونچە يۈگۈرۈپ قار مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش يېڭى يىلدا ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى قار مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن نۇرغۇن دوستلارنى جەلپ قىلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملار بويىچە ئۈچ مەيدان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۈچ قوشتى. ماھىر تاۋ يۈەنيى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قار مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن. نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇستا يۈگۈرۈش جىسمانىي قۇۋۋىتىمگە نىسبەتەن بىر سىناق بولدى، لېكىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، دېدى. ئۇ يەنە: شىنجاڭنىڭ مول قار مۇز بايلىقى ۋە قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ بەك ياخشى بولدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆزگىچە قار مۇز مەنزىرىسىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. جاڭ تاۋ يېرىم مۇساپىلىك قار مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش يولىدا بولغۇسى ئايالى ۋاڭ يۆنىڭ قولىنى تۇتۇپ، بىللە يۈگۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى چېڭدۇدا توي قىلىمىز، بىز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئالغان مېدالنى توي سوۋغىسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەقدىم قىلماقچىمىز، كىچىككىنە تىرىشچانلىقىمىزنىڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە خۇشاللىق بېغىشلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. شاڭخەيدىن كەلگەن ليۇ دەن قار مۇز تەنتەربىيەسىنى شەرقىي شىمالدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن، بۇ قېتىم ئۇ قار مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى چۈشەنمەكچى بولدى. ليۇ دەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىپايان، گۈزەل ماكان ئىكەن، ئېگىز تاغ ۋە قارلىق جايلار دەرۋەقە ئويلىغىنىمدىن ياخشى ئىكەن، بۇ جاينىڭ قار مۇز مۇھىتى ۋە قار مۇز بايلىقى خەلقئارالىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىكەن. مەشئەل ئارقىلىق قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئىپتىخارلىقنى يەتكۈزۈش مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش مۇراسىمى 2015 يىلى 8 ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭدىن كېيىن تۆت ئايلىق مەملىكەتلىك تور ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، 9 دېكابىر شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى. 2016 يىلى 1 يانۋارغىچە مەشئەل يەتكۈزگۈچىلەر 6 مىليون 390 مىڭدىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما توردا مەشئەل يەتكۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بەس بەستە توردا مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىپ، ئانا يۇرتى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش كەسپىنىڭ ئاسپىرانتى جيا تىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن ناھايىتى ئىپتىخارلانماقتىمىز. بىز ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەدىكى سەرخىل مۇسابىقە تۈرلىرىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ھەر بىرىمىز مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتۇق. توردا مەشئەل يەتكۈزۈش ھەممەيلەننىڭ مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تېجەشلىك بولىدۇ. توردا مەشئەل يەتكۈزۈش تور بېتىنى ئاچسىڭىز كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي دېگەن ناخشا ياڭرايدۇ. شىنجاڭ بويەن سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر مۇھىتى پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: بۇ ناخشىدا شىنجاڭلىقلارنىڭ ساھىبخان بولۇشتىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ چوڭ تىپتىكى قار مۇز مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ھەر بىر شىنجاڭلىق ساھىبخانلىق پوزىتسىيەسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن دوستلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. شىنجاڭلىق قىزچاق خې يۆ نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1 يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تەنتەربىيەنى، بولۇپمۇ قار تېيىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يەتكۈزگىنىمىز مەشئەل بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭغا، تەنتەربىيە چېنىقىش ھەرىكىتىگە بولغان قىزغىن سۆيگۈدۇر. ئاقتۇ ناھىيەسىدە يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش بويىچە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ياڭ گوخۇا بەش ياشلىق نەۋرىسىنى ئېلىپ ئىمزا قويغىلى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاقتۇدىكى ھەممەيلەن توردا مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۈگۈن نەۋرەمنى مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆرسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم، پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلەن شىنجاڭنىڭ قار مۇز مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەرسەم دەيمەن. |
16 | شىنجاڭ قورغاس پورتى ئاشلىق ئىمپورت قىلىش تەستىقىغا ئېرىشتى خاسىيەت جۈمەنىڭ شىنجاڭ چېگرا كارانتىن پىرىيوم ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېقىندا مەملىكەت بويىچە چېگرادىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتا بېكىتىلگەن پورتلار ۋە تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، قورغاس پورتى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتا بېكىتىلگەن پورتقا ئايلاندى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن قورغاس پورتىدىن تۈركۈملەپ ئاشلىق ئىمپورت قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، قورغاس پورتى بىلەن چېگرالىنىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان 6 چوڭ دۆلەت ئىكەن، ئۇلارنىڭ بۇغدىيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش سۈپەتتىكى بۇغدايغا سېلىشتۇرغاندا باھا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ يەر ھۆددىگە ئېلىپ ياكى بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىشىغا، ئاندىن مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ كېلىپ ئىنچىكە پىششىقلىشىغا ئىلھام بەرگەن، شۇنداقلا ئاشلىق ئىمپورت سودىسىغا مۇقىم كاپالەتلىك قىلغان. قورغاس تۆمۈريول پورتى ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، ئۇ يەرگە دۆلىتىمىز سىرتقا ئېچىۋەتكەن تۆمۈريول پورتلىرى ئىچىدە بىردىنبىر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان مەخسۇس لىنىيە ئېچىلغان ۋە يۈرۈشلەشكەن ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئەسلىھەسى سېلىنغان. ئاشلىق ئىمپورت قىلىشتا بېكىتىلگەن پورت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قورغاس تاشيول، تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى ۋە ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروت زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق ساقلاش توشۇش، پىششىقلاش، يەم خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى قورغاسقا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ، شۇنداقلا قورغاس خەلقئارا سودا، ئەشيا ئوبوروت كەسىپلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. |
17 | شىنجاڭ ئالاتاۋ پويىز ئىستانسىسىدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزىنىڭ قېتىم سانىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى يۈەن لېي، لى دېيۇڭنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 يىل 12 ئاينىڭ 30 كۈنىگىچە ئالاتاۋ پويىز ئىستانسىسىدىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزى بىر يىلدا 570 قېتىم قاتناپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئالاتاۋ پورتى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدا جۇڭگونىڭ شەرقىي، غەربىي رايونلىرىنى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم لىنىيەگە ئايلانغان. ئىگىلىنىشىچە، ئالاتاۋ پويىز ئىستانسىسىدىن غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلاردا ئاساسلىقى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى توشۇلىدىكەن، يۈك تىرانسپورت ۋاقتى ئومۇمەن 16 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، دېڭىز تىرانسپورتىدىن 20 كۈن تېجىلىدىكەن، تىرانسپورت تەننەرخى ھاۋا تىرانسپورتىنىڭ ئاران تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن. بولۇپمۇ يىۋۇ، چۇڭچىڭ، جېڭجۇ، شىئەن قاتارلىق جايلاردىن ئوتتۇرا ياۋروپاغا بارىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ئارقا ئارقىدىن قاتنىشى بىلەن ئالاتاۋ پورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزلىرى مەركەزلىك يىغىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ۋاقتى قىسقا، ئارىلىقى يېقىن، تەننەرخى تۆۋەن، بازار رىقابەت كۈچى زور يېڭى سودا يولىنى شەكىللەندۈرگەن. |
18 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توققۇزتارا ناھىيەسى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى بۇلتۇر ئۇنىۋېرسال پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش، مەبلەغ سېلىش، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. بۇ ناھىيە بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا، كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى نىشان قىلىپ، ئالاھىدە كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. يەر ئوبوروتى ئارقىلىق، كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈردى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى يېتىشتۈرۈش، كۆكتاتچىلىق، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقى، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك ۋە تېرىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. 284 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمەتلىرىنى جانلاندۇردى. 22 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى. كەنتلەرگە ئۈچ ئەل خىزمىتى بىلەن چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، 22 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى تۈگەتتى ۋە ئىش ھالقىلىرىنى ئاددىيلاشتۇردى. تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمىنى 59 مىڭ مودىن ئاشۇرۇپ، 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېرىق ئۆستەڭنى تازىلىدى، يېڭىدىن 41 كىلومېتىر تاشئۆستەڭ ياسىدى. ناھىيە دەرىجىلىك سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئىلغار كەنتلەرنى 30 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يېزا، كەنتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن، ناھىيە دەرىجىلىك سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت 15كە، ئوبلاست دەرىجىلىك سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت ئۈچكە يەتتى. بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 12 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2014 يىلىدىكىدىن 800 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. |
19 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى مۇخپۇلجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: قاراشەھەر ناھىيەسى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ۋە دېھقانلار كىرىمىنى كۆپەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. قاراشەھەر ناھىيەسى بۇلتۇر ئۇلنى مۇستەھكەملەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، شەكىل ئۆزگەرتىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش تىن ئىبارەت خىزمەت تەپەككۇرىغا ئاساسەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق رايونلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەسىل ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىش ئېڭىنى ئۆستۈردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ئۆلچەملىك يۈرۈشلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى. يۇڭخۇا ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2012 يىلى 4 ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 5 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ كوپىراتىپ 2013 يىلى ناھىيە مالىيەسىنىڭ 10 مىليون يۈەن مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھازىرغىچە قوتان كۆلىمىنى 8000 كىۋادرات مېتىرغا، پەسىللىك كالا بورداش ئىقتىدارىنى 600 تۇياققا، قوي بورداش ئىقتىدارىنى 1500 تۇياققا يەتكۈزدى. 2014 يىلى 6 ئايدا سويۇش، پارچىلاش، قاچىلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، غەربىي دىيار ئابدۇللا ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، كالا، قوي بورداش، سويۇش، پارچىلاش، قاچىلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 77سى قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزاسى 1130غا، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 76 مىليون 318 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يېزا بازارلاردىكى 2000دىن ئارتۇق دېھقان چارۋىچىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. |
20 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چارۋىچىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى پولات نىياز خەۋەر قىلىدۇ: بايىنغولىن ئوبلاستى بۇلتۇر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارۋامال نەسلىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلىقتا تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئوبلاست بويىچە ھازىرغىچە رويخەتكە ئېلىنغان باقمىچىلىق كارخانىسى 52گە، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى 141گە، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى 238گە، دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلچەملەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش باقمىچىلىق مەيدانى توققۇزغا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۆلچەملەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش باقمىچىلىق مەيدانى ئونغا يېتىپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئوبلاست بويىچە قوتاندا بېقىلىۋاتقان چارۋامال 4 مىليون 500 مىڭ تۇياققا، سېتىپ چىقىرىلغان چارۋامال 5 مىليون 200 مىڭ تۇياققا يېتىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد يۈەنگە يەتتى. سېتىپ چىقىرىلغان كالا 2014 يىلىدىكىدىن 156 مىڭ تۇياق، قوي 903 مىڭ تۇياق، ئۆي قۇشلىرى 3 مىليون 872 مىڭ دانە كۆپىيىپ، %34 ، %28 ۋە %31 ئاشتى. گۆش، تۇخۇم، سۈت ئايرىم ئايرىم 140 مىڭ توننىغا، 30 مىڭ 600 توننىغا، 87 مىڭ 400 توننىغا يەتتى. دېھقان چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىقتىن قىلغان كىشى بېشى كىرىمى 2500 يۈەنگە يېتىپ، 2014 يىلىدىكىدىن 320 يۈەن ئاشتى. |
21 | شىنجاڭ پەن تېخنىكا مۇلازىمىتى ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات 12 بەش يىل دا بورتالا ئوبلاستى دېھقان چارۋىچىلارنى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى يېزىلاردا ئومۇملاشتۇردى. ھازىر يەرلەرنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، يۇقىرى زىچلىقتىكى كەڭ يوپۇقلۇق تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى، تۈجۈپىلەپ تېرىش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋە ماشىنا سايمانلار كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقانلىقتىن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى ئاشتى. جىڭ ناھىيەلىك ئالقاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالىي ئاگرونومى ليۇ فۇئې مۇنداق دېدى: بىز ھەر يىلى تەجرىبە ئېتىزلىرىدا تەجرىبە قىلىپ، سورتلارنىڭ ياخشى يامانلىقى، رايونىمىزغا ماس كېلىش كەلمەسلىكى قاتارلىق ئامىللارنى بېكىتىمىز، ئاندىن دېھقانلارغا تونۇشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرىمىز، دېھقانلارنى تۈرلۈك پەن تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش بىزنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا پەن تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرىمىز، يېزا بازار رەھبىرىي كادىرلىرىمىزمۇ تېرىقچىلىق ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىزدىن ھەمىشە مەسلىھەت سوراپ تۇرىدۇ. ليۇ فۇئېغا ئوخشاش پەن تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرى بورتالا ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىغا ئايلاندى. ھازىر ئوبلاست، ناھىيە، يېزىلاردا يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ پەن تېخنىكا خىزمىتىگە مەسئۇل باشلىقلىرى، پەن تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرى، يېزا ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى، يېزا پەن تېخنىكا باشلامچىلىرىدىن تولۇقلاپ سەپلەنگەن يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى رەسمىي بەرپا قىلىندى. بورتالا ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى مال دوختۇرلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۇردىبېك قاسىمبېك مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە سىستېما قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە چارۋىچىلىق كەسپىي مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، 20دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام چارۋامال داۋالاش پونكىتىنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى ۋە كەنتلەرگە 250تىن ئارتۇق ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرۇش خادىمىنى سەپلىدى. يېقىندا، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە كارتىسى نى تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بىر كەنتتە بىر تىزىملىك دەپتەر بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر كارتا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، رەھبەرلەر تەۋەلىكى بويىچە مەسئۇل بولۇش، تېخنىكلار كەنت ئەترەت لەرگە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ۋاكسىنا ئەملەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تەكشۈرۈشتە ئاساس بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئوبلاستلىق پەن تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ پەن تېخنىكا خىزمىتىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن ئۇقۇشىمىزچە، 12 بەش يىل دا ئوبلاست بويىچە تەكلىپ قىلىنغان پەن تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى 1503 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، چارۋىچىلىق، ئاشلىق، پاختا، ئالقات، كۆكتات تېرىقچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىدىن 103ى يولغا قويۇلغان. 50 ياشتىن ئاشقان نيې ئەيشياڭ ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ 2007 يىلىدىن باشلاپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئوبلاست بويىچە تېرىقچىلىق لاپىسىدىن 2473ى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسلىقى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يوپۇق ئاستىدىن سۇغىرىش، يازلىق مايسىلارنى يورۇقلۇق توسۇش تورى بىلەن يېپىپ يېتىشتۈرۈش، تاختىدا مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش، يېشىل مۇداپىئە تېخنىكىسى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق لاپاس تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردۇق. ئۇقۇشىمىزچە، بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ جۇكىن كەنتىدىكى چىڭفېڭ پاختىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2012 يىلى 2 ئايدا دەرىجىلىك يېشىل كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەم ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن. 2014 يىلى 2 ئايدا جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى بۇ كوپىراتىپقا شوخلا، تەرخەمەك، مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى دەرىجىلىك يېشىل كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى بەرگەن. بۇ ئارىلىقتا پەن تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان. نەتىجىدە، 2014 يىلى ئوبلاست بويىچە ئۆلچەملىك مەشغۇلات يولغا قويۇلغان دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى كۆلىمى 2 مىليون 430 مىڭ موغا يېتىپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تۈجۈپىلەپ تېرىلغان كۆلەم 1 مىليون 709 مىڭ 700 موغا يەتكەن، يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىۋېلىش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84كە يېتىپ، 2009 يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەشغۇلاتلىرىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %74تىن ئاشقان. كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىن 127سى، باقمىچىلىق رايونىدىن توققۇزى قۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوبلاست بويىچە تۆت باقمىچىلىق مەيدانى دۆلەت دەرىجىلىك باقمىچىلىقتىكى ئۈلگىلىك مەيدان دېگەن نامغا، يەتتە باقمىچىلىق مەيدانى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باقمىچىلىقتىكى ئۈلگىلىك مەيدان دېگەن نامغا ئېرىشكەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئوبلاست بويىچە قويلارنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتىدىن 18ى قۇرۇلۇپ، 100 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي ئۇرۇقلاندۇرۇلغان، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينى ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتىدىن ئىككىسى قۇرۇلۇپ، 2000دىن ئارتۇق ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ئۇرۇقلاندۇرۇلغان، بۇنىڭ بىلەن، ئوبلاست بويىچە چارۋا نەسلىنىڭ ياخشىلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. |
22 | ئۈرۈمچى قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرى يېڭى يىل تەنتەنىسىگە جۆر بولدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىر 1-يانۋار ئۈرۈمچى بىڭخى يولىغا جايلاشقان قىزىلتاغ قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۇلۇبىدا زىيارەتتە بولدى. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ يۈزى مۇز تۇتۇپ، مۇز ئۈستىنى يەنە قېلىن قار قاپلىغانىدى. شۇ كۈنى، 200گە يېقىن قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى قىزىلتاغ قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۇلۇبىغا جەم بولۇپ، قىشلىق سۇ ئۈزۈش بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ قىرغىقىدىكى ئەسكەرتىش تاختىسىدا شۇ كۈنكى تېمپېرتۇرىنىڭ 8-تىن 2-قىچە ئىكەنلىكىنى كۆردى ۋە قولىنى كۆلچەكتىكى سۇغا سېلىپ، سۇنىڭ سوغۇقلۇقىدىن نەچچە سېكۇنتمۇ چىداپ تۇرالمىدى. ئىگىلىنىشىچە، قىزىلتاغ قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۇلۇبى 2000-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 1100 ئەزاسى بار ئىكەن. بۇ ئەزالارنىڭ ئەڭ چوڭى 81 ياش ، ئەك كىچىكى 27 ياش ئىكەن. |
23 | شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئاپتوبۇسى قار كۆچكۈنىدە قاپسىلىپ قالدى ئالتاي ۋىلايىتى 3-يانۋار 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇدا 15 كۈن ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە نۇرچىن ناھىيەسىدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى 2 مېتىرغا يەتتى. 3-يانۋار سائەت 11:25 ئۆتكەندە، قاناس قىشلىق ساياھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوبۇسى قار كۆچكۈنىگە ئۇچراپ، قارغا كۆمۈلۈپ قالغان. ئوفىتسېر-جەڭچىلەر ساياھەتچىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ ئاپتوبۇسنىڭ قارغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى، پەقەت بىرلا ئىشىكىدىن كىرىپ-چىققىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا 21 ئاپتوموبىلدىكى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ۋە تېزلىكتە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئىككى مېتىر قېلىنلىقتىكى قارنى تازىلىغان. ئۇلار نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلتسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، قارلانى تازىلاپ، تۆت سائەتتىن كېيىن قاپسىلىپ قالغانلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋالغان. |
24 | ئۈرۈمچى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتوموبىللىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتوموبىللىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى 2016-يىلى 1-يانۋار ئۆتكۈزۈلدى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بېيجىڭ ئاپتوموبىلى فوتون گۇرۇھى شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 70 دانە بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىلنى ياردەم قىلغان، بۇ ئاپتوموبىللار تەشكىلىي كومىتېت ۋە ھەر قايسى كوماندىلارنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شىنلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، فوتون شىركىتى بۇ قېتىم ياردەم قىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى ئىئانە ئاپتوموبىللار بولۇپ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاساسەن بۇ ئاپتوموبىللارنى مۇۋاپىق تەقسىملەيدىكەن. |
25 | شىنجاڭ شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق كۆردى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى. شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ جىددىي ھالەتتە مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆردى، ئۇلار ساھىبخان مەيداندىن ئىبارەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئارقىلىق يۇرتى ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىن 226 تەنھەرىكەتچى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇز ئۈستى تۈرىگە 137 نەپەر، قار ئۈستى تۈرىگە 89 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 90 نەپىرى ئايال تەنھەرىكەتچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 2-يانۋار سائەت 21:00 غىچە توردا مەشئەل يەتكۈزگەنلەرنىڭ سانى 6 مىليون 400 كىشىدىن ئاشقان. |
26 | مەملىكەت جايلاردا قايتىش سەپىرىدىكى بېسىق مەزگىل كۆرۈلدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-يانۋار يېڭى يىللىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، بۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قايتىش سەپىرىنىڭ بېسىق مەزگىلى كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈر يول تارماقلىرى 8 مىليون 200 مىڭ يولۇچى قېتىم توشۇشنى مۆلچەرلىدى. |
27 | خەلقئارا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى شىنخۇا تورى، رىياد، 3-يانۋار تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە ۋەزىرى زۇبەيىر 3-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەم ئىران دىپلوماتىيە خادىملىرىنى 48 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. |
28 | خەلقئارا ياۋروپا لاتارىيە بېلىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيە لاتارىيە بېلىتى باشقۇرۇش ئورگىنى ئەمەلدارىنىڭ 2-يانۋار ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا لاتارىيە بېلىتى دىن كاتتا مۇكاپات چىققان بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 50 مىليون ياۋرو تەخمىنەن 54 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر غا ئىگە بولغان. نۆۋەتتە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان، لېكىن لاتارىيە بېلىتى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ ئامەتلىك ئادەم گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى شىمالىي رېين-ۋېستفالېن ئىشتاتىدىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ مۇكاپات ئالغۇچىنىڭ موشۇ رايوندىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتنىڭ نومۇرلىرى 11، 14، 35، 44، 45 بولۇپ، 1 50 كىچە بولغان سانلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە نومۇر 5 ۋە 6 بولۇپ، 1 10غىچە بولغان سانلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان. |
29 | شىنجاڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى ـــــ ئاققۇ شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان پويىزغا يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق ۋاگون قوشۇلدى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئۈچ جۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى ــ ئاققۇ شەھەرلەر ئارا پويىزىنىڭ ھەر بىرىگە يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندىن ئىككىسى سەپلەندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 20-دېكابىردىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى ــــ ئاققۇ شەھەرلەر ئارا پويىزى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاستا- ئاستا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەن. بۇ قېتىمقى يېڭىدىن قوشۇلغان ۋاگونلارنىڭ ھەر بىرىدە 72 ئورۇن بار، ئورۇندۇقلار كەڭرى ھەم يۇمشاق بولغاچقا، يولۇچىلار ئازادىلىك ھېس قىلىدىكەن. ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنگۈچىنى تەڭشىگىلى، ئورۇندۇقنى 360 گىرادۇس ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. |
30 | ئۈرۈمچى بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق ئۈچۈن 100 ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدۇ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2016-يىلى داپۇگۇ ئەخلەت تىندۇرۇش مەيدانى تاقىلىپ، قىبلىتاغ ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرگەن سېسىق پۇراقلار يوقىتىلىدۇ؛ 2016-يىلى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يۇقارقى تاغ رايونىغا قاتنايدىغان ئوتتۇرا، تۆۋەن سۈرئەتلىك لەيلىمە پويىز ۋە ئۈرۈمچى بىلەن سانجى ئارىسىدا قاتنايدىغان يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشدا ئىش باشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شەھەر ئۇنىۋېرىسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ؛ 2016-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالتىنچى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى بولۇپ، بۇ يىلدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر 100 ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ 3-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى قەدەممۇ قەدەم ياخشىلاش خىزمەت نىشانى قىلىندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن مونۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل داۋاملىق كاپالەتنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلايدىكەن. |
31 | خەلقئارا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى ئىشچى ئەسكەرلىرى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى:جۇڭگو 2006-يىلى سۇداننىڭ ۋائۇغا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان 1-ئىشچى ئەسكەرلەر چوڭ ئەترىتىنى ئەۋەتكەن. ھەش-پەش دېگۈچە 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندىكى ۋائۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولدى، بىراق، شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا تازا مۇقىم ئەمەس. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇخبىر جەنۇبىي سۇدان ۋائۇغا، يەنى جۇڭگونىڭ 14-تۈركۈمدىكى جەنۇبىي سۇداننىڭ ۋائۇدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغۇچى ئىشچى ئەسكەرلەر ئەترىتىگە كەلدى. مۇخبىر جەنۇبىي سۇداننىڭ ۋائۇ شەھىرىدىكى سان مارى پەرۋىش ئىنىستىتۇتىغا كىرگەندە، چۈش مەھەل بولۇپ قالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرىنى كۆردى، تېخى ئۆيىگە قايتمىغان شۇ يەرلىك ئوقۇغۇچىلار ناخشا ئېيتىپ، يېڭى مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەكتەپنىڭ مەسئۇلى شۇ يەردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇناخ گېلس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇرۇش ھىدى پۇراپ تۇرغان سۇداننىڭ جەنۇبى، يەنى ھازىرقى جەنۇبىي سۇداندا ئاچارچىلىق بىلەن كېسەللىك ئۇرۇش بىلەن تەڭلا يامراپ كېلىۋاتاتتى، شۇ جايدىكى دوختۇرلار كەمچىل بولغاچقا، كىشىلەر ئاسانلا تۈرلۈك كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ، گېلس ئاغرىققا سەۋەب، ئۆلۈمگە ئامال قىلىشتەك غايە بىلەن ھىندىستاندىن جەنۇبىي سۇدانغا كەلگەن. ئەمما شۇنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەسكى، ھازىرقى شارائىت تەسەۋۋۇردىكىدەك ناچارمۇ ئەمەس. 2006-يىلى، جۇڭگو سۇدان ۋائۇغا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان 1-ئىشچى ئەسكەرلەر چوڭ ئەترىتىنى ئەۋەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش، تىنچ قۇرۇش تەلىپى بويىچە، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى ئەترىتى خىزمەتتىن سىرت، يەنە شۇ جايدا بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە ياردەم بەرگەن. ئاشۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرى بىلەن سان مارى پەرۋىش ئىنىستىتۇتىنىڭ رىشتى مۇستەھكەم باغلانغان. 2012-يىلى، ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىدىمۇ جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش قىمىنىڭ تۆھپىسى زور. |
32 | مەملىكەت قارا بويۇنلۇق تۇرنىلار يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسىدا قىشلىدى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىش پەسلىدە ھاۋانىڭ ئىللىپ كەتكەنلىكى ھەمدە يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسى بويىدىكى چېچىلىپ ياتقان ئارپا، بۇغداي ۋە ئوت- چۆپ يىلتىزلىرى قارا بويۇن تۇرنىلارنى ناھايىتى مول يېمەكلىككە ئىگە قىلغان. يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون پەيدىنپەي قارا بويۇنلۇق تۇرنىنىڭ قىشلايدىغان ماكانىغا ئايلانغان. |
33 | شىنجاڭ دۆربىلجىن قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى 1-يانۋار 2015-يىللىق غەربىي دىيار قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ھەمدە دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى دۆربىلجىندە باشلاندى. بايرام مەزگىلىدە دۆربىلجىن ناھىيەسى قار-مۇز ساياھىتى بايلىقى، رايون مەدەنىيىتى، ئادىمىيلىك سالاپىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى، تەنتەربىيەسى، سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لىجۈننىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىشلىق ساياھەت ماركىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىدىكەن، ساياھەت كەسپىنىڭ ھەممە پەسىلدە روناق تېپىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنى تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت بايلىقى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بايلىقى بىر گەۋدىلەشكەن مەملىكەت بويىچە داڭلىق ئىستىراھەت، ئارامگاھ ساياھەت ئورنى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نى ئالقىشلايدىكەن. |
34 | شىنجاڭ شىنجاڭ باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تېز بېيىشتا،كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكلەشكە،كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىش كېرەك . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جايلارنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، نامرات رايونلاردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، باغۋەنچىلىك،چارۋىچىلىق قاتارلىق خاس كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانىلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە نامرات ئاممىنىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. 2015 يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانا 236گە يەتتى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالە ئەڭ مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ بىرى، ئەمما يەرلىكتىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلار قولىدا توقۇغان گىلەمنىڭ دۆلەت ئىچى سىرتىدا داڭقى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،بىر تۈركۈم زامانىۋى گىلەم زاۋۇتلىرى قۇرۈلۈپ، يەرلىكتىكى ئائىلىۋى كىچىك دۇكانلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. كارخانىلاشقان تىجارەتنىڭ تۈرتكىسىدە، خوتەن گىلىمىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، ھۈنىرى تېخىمۇ نەپىسلەشتى، سېتىلىش يولى تېخىمۇ كېڭىيىپ،يەرلىكتىكىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. خوتەن شەھىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانا خوتەن گىلىمى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېخىدا، يېشى 50تىن ئاشقان خەيرىنىساخان سادىر ئىشچىلار بىلەن بىللە گىلەم توقۇۋاتاتتى. يۆلەش ئوبيېكتى بولغان خەيرىنىساخان سادىرنىڭ 1 مو يېرى بولۇپ، يىللىق كىرىمى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ جان بېقىشىغا ئاران يېتەتتى. 2014 يىلى ئۇ شىركەتنىڭ ھەقسىز گىلەم توقۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىغا ئايلىنىپ، ئايدا ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. خوتەن گىلىمى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى 400دىن كۆپرەك ئىشچى خىزمەتچى ئىچىدە خەيرىنىساخان سادىرغا ئوخشاش ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار 350تىن ئاشىدۇ. كارخانا ئىشقا قاراپ مائاش بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىشچى خىزمەتچىلەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت شىركەت بازا دېھقان كەسىپلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ،تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، گىلەم توقۇش قاتارلىق ھالقىلارغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2015 يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا 236 باشلامچى كارخانا يېتىشتۈرۈلگەن،بۇ كارخانىلار ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. ھازىر، شىنجاڭدىكى نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 32 مىليارد 412 مىليون يۈەنگە، تاپشۇرغان بېجى 488 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 74 ناھىيە شەھەر نى قاپلىدى، نامرات ئائىلىلەر بىلەن 72 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توختامى، 16 مىڭدىن كۆپرەك كىشى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توختامى ئىمزالاندى، نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانىلار شىنجاڭنىڭ ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. |
35 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كۇچا توك تارقىتىش شىركىتى 3 مىليارد كىلوۋات سائەت توك تارقاتتى زەينۇرە ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھى كۇچا توك تارقىتىش شىركىتى بۇلتۇر 3 مىليارد كىلوۋات سائەت توك تارقىتىش ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھى كۇچا توك تارقىتىش شىركىتى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ ئاسراش، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، 3 ، 4 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى چوڭ رېمونت قىلىپ، ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇقىم، ئىشەنچلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۇچا ناھىيەسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كېرەكلىك توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، 100گە يېقىن ئېشىنچا ئەمگەكچىنى كارخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھى كۇچا توك تارقىتىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ دۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: بىز توك تارقىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ج ك پ 18 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق، بۇ يىل بىز يەنە سېلىنمىنى زورايتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە جىددىي توك تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاھالىنى زاۋۇتىمىزغا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز. |
36 | شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى 31-دېكابىر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن قارشى ئېلىش، تەنھەرىكەت شەھىرى بەرپا قىلىش تېمىسىدىكى شەھەرنى ئايلىنىش مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى رۇيى ئېكولوگىيە باغچىسىدا باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نى قارشى ئېلىپ، 13-بەش يىللىق پىلان غا يۈرۈش قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 10 كىلومېتىر بولۇپ، مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەرنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قويۇق مەدەنىيەت زاپىسى، مول ساياھەتچىلىكى ۋە قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى تەشۋىق قىلىپ، يىل بويى گۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدىغان، تەنھەرىكەت گۈللەنگەن، ياشانغانلارغا ۋاپادار شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. پىراكتىكانت زورىگۈل يۈسۈپ تەرجىمىسى |
37 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن چىڭدۇ، كۈنمىڭغا قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 4-يانۋاردىن باشلاپ 24-يانۋار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن چىڭدۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 454 1، 452 3 ، 2060 57 ۋە 2058 9 قېتىملىق ۋە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن كۈنمىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 1504 1 ، 1502 3 قېتىملىق پويىزلار بېلىتىنىڭ سېتىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پويىز بېلىتى ۋاقىتقا بۆلۈپ سېتىلىشقا باشلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 24-يانۋاردىن 7-فېۋرالغىچە بولغان ۋاقىتتا قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتى4-يانۋار سېتىلىدىغان بولۇپ، 8-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە بولغان ۋاقىتتا قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتى 5-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن؛ 18-يانۋاردىن 5-مارتقىچە بولغان ۋاقىتتا قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتى 6-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن. |
38 | مەملىكەت بېيجىڭ يېڭى يىلدىكى تۇنجى كۆك ئاسماننى كۈتۈۋالدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: بېيجىڭدا ئۇدا ئۈچ كۈن تۇمانلىق ھاۋا كۆرۈلگەندىن كېيىن 4-يانۋار ئاخىرى ھاۋا ئېچىلىپ، بېيجىڭ يېڭى يىلدىكى تۇنجى كۆك ئاسماننى كۈتۈۋالدى. |
39 | شىنجاڭ كورلىدا يېڭى يىلدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى ئۆز خەۋىرىمىز : يېڭى يىلنىڭ 2 كۈنى، شىنجاڭ كورلا شەھىرىنى ئاز كۆرۈلىدىغان تۇمان قاپلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن باشلاپ، پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان تۇماندا كۆرۈش ئارىلىقى 10 مېتىرغىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، تۇمان ئۈچ سائەتكىچە داۋاملاشقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ رايوندا يېڭى يىلدىن بۇرۇنلا قار ياغقان بولۇپ، قارنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىرغا يەتكەن، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 بولغان. يېقىندىن بۇيان تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، قار- مۇزلار ئېرىپ، تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. |
40 | مەملىكەت يۈننەندىكى ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدا بەش ئاق يولۋاس ئەنۈكى ساياھەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 3-يانۋار ئاق يولۋاس ئەنۈكلىرى ئاپتاپ سىنماقتا. بۇلتۇر 26-ئۆكتەبىر، يۈننەن ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدا بىر ئاق يولۋاس بەشنى ئارسلانلىغان. باققۇچىلارنىڭ ئىككى ئايدىن كۆپ قېتىرقىنىپ بېقىشى ئاستىدا نۆۋەتتە، بۇ بەش ئەنۈكنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 10 نەچچە كىلوگرامغا يەتكەن ۋە ھايۋانات باغچىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . ئاق يولۋاس بېنگال يولۋىسىنىڭ ئاق تۈرى، ياۋا ئاق يولۋاس ئاللىقاچان يوقالغان، ھازىرقى ئاق يولۋاسلار بولسا سۈنئىي كۆپەيتىلگەن، ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئاق يولۋاستىن پەقەت 200 نەچچىسىلا قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە يۈننەن ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدا 40 نەچچىسى بار. |
41 | خەلقئارا تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك يېڭى يىلنى ئاپتاپپەرەسلىكتە ئۆتكۈزدى تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ 2016-يلى 3-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك ئامراق ئوغلىنى ئېلىپ لوپبۇرى ئىبادەتخانىسىغا بارغان. ئۇ يول ئۈستىدە ئاپتاپپەرەسلىكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇ يەرگە كىرىپ كىشىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. |
42 | خەلقئارا ئارگېنتىنادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-يانۋار ئارگېنتىنا چاكودىكى ئاپەت ئەھۋالى. ئارگېنتىنادا ئۇدا بىر قانچە كۈن ياغقان قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە يېقىندا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ قاتتىق كەلكۈن ئاپىتى بولدى. |
43 | مەملىكەت خاربىن خەلقئارا بىرلەشمە مۇز ئويما مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خاربىن خەلقئارا بىرلەشمە مۇز ئويما مۇسابىقىسى 4- يانۋار خاربىن قار-مۇز دۇنياسىدا ئاياغلاشقان بولۇپ، مۇڭغولىيە دارخان كوماندىسىنىڭ ئانا دېگەن ئەسىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە جۇڭگو، ئىتالىيە، تۈركىيە، ۋېنگرىيە، رۇسىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن 15 تارماق كوماندا قاتناشقان. |
44 | پەن مائارىپ پوسكامدىكى مەكتەپلەر يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسىدىكى 40 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ 30-، 31-دېكابىر كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى. |
45 | خەلقئارا قاتتىق جۇدۇندىكى سۈرىيە مۇساپىرلار لاگېرى شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىر قانچە مۇساپىر لىۋاننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سۈرىيە مۇساپىرلار لاگېرىدىكى قار باسقان يولدا ماڭماقتا. يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، لىۋاندا ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق جۇدۇن بولدى، نۇرغۇن جايدا، بولۇپمۇ، سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاغلىق رايوندا تېمپېراتۇرا خېلىلا تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىمۇ ئاچ-يالىڭاچنىڭ دەردىگە ئۇچراۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا نىسىبەتەن ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدى. |
46 | ئۈرۈمچى بۇ يىل يېڭى يىل مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا 10 يىلدىن بۇيان ئەڭ ئىللىق بولدى 2016-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېرا 0 دىن ئېشىپ، 2-يانۋار يۇقىرى تېمپېراتۇرا 5 قا چىقىپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىللىق يېڭى يىل بولۇپ قالغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىگە كۆرۈنەرلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىدىمۇ ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. 3-يانۋار ئاساسىي شەھەر رايونىدا ھاۋا يەنىلا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 1 بولدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى يىل كىرگەن ئۈچ كۈننىڭ ھەممىسىدە تېمپېراتۇرا 0 دىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 1-يانۋار ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 1 ، 2-يانۋار 5 بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى باش مەلۇماتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يانۋار ئايلىرىدا ھاۋا ئەڭ سوغۇق بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 10- دىن 14- قىچە بولىدىكەن، ۋاھالەنكى بۇ يىل يېڭى يىللىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھاۋا ئىلگىرىكىگە ئوخشىماي قالغان. بۇ 10 يىلدىن بۇيان ئەڭ ئىللىق يېڭى يىل بولۇپ قالغان. |
47 | خەلقئارا ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدا 10 مىڭدىن كۆپ ئادەم سوغۇق سۇغا سەكرەپ يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2016-يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدا 10 مىڭدىن كۆپ ئادەم قاتتىق سوغۇققا قارىماي سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى بىلەنلا سوغۇق سۇغا سەكرەپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ سۇغا سەكرىشى ناملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ سۇغا سەكرىشى ئامېرىكىدىكى ئالاھىدە ھەم ئەنئەنىۋى بولغان بىر تۈرلۈك يېڭى يىل پائالىيىتى. ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە يوھان روبېك ئىسىملىك بىر ئەر 1984-يىلى باشلىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا 10 دوستى بىلەن بىرلىكتە مۇزدەك سوغۇق كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ ئويناپ يېڭى يىلنى تەبرىكلىگەن، بىراق، كېيىنچە بۇ ئويۇننىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەشتىكى ئالاھىدە پائالىيەت تۈرىگە ئايلىنىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بۇلتۇر ئىيۇندا، 56 ياشلىق روبېك كېسەل بىلەن قازا قىلغان، بىراق، پائالىيەت بۇ يىلمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان. |
48 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇز تېيىلىش قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقتى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 16 كۈن قالدى. 4-يانۋار مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى خەلق باغچىسى ۋە قىزىتاغ باغچىسىنىڭ مۇز مەيدانىدا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇز تېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مۇز تېيىلىۋاتقانلارنىڭ ئەڭ چوڭى 60 ياش، ئەڭ كىچىكى ئارانلا بەش ياشتا ئىدى. مۇز مەيدانىدا 1-ئاۋغۇست تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى دىن كەلگەن ماھىر شەھەر ئاھالىلىرىغا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ماھارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. نەق مەيدانىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ بولۇپمۇ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارغا مەدەت تىلىدى. |
49 | پەن مائارىپ خۇا جۇڭچاڭ قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە قوش تىل ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى، فوتوسى: بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا قۇشلۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇا جۇڭچاڭ سايباغ يېزىسىنىڭ قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە قوش تىل ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى. 31-دېكابىر تۇنجى قوش تىل ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا خۇا جۇڭچاڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىپ، ۋەتەن، خەلققە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە قوش تىل ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بەش يىلغىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى، ھەر يىللىق مۇكاپات سوممىسىنىڭ 11 مىڭ يۈەن بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپات مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە تۇنجى قېتىملىق قوش تىل ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقاتتى. مەكتەپنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچى روزىنىسە تۇرانىياز 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۈچ مىڭ يۈەن، رىسالەت باقى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئىككى مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن؛ 12 سىنىپتىن تاللاپ چىقىلغان 24 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ 12سى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 300 يۈەندىن، 12 سى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 200 يۈەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. |
50 | مەملىكەت مايمۇن يىللىق پوچتا ماركىسى 5-يانۋاردىن باشلاپ تارقىتىلىدۇ جۇڭگو پوچتا ئىشلىرى ئىدارىسى 2016-يىلى 5-يانۋاردىن باشلاپ مايمۇننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئالاھىدە بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسىنى تارقاتقان بولۇپ، باھاسى 2 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ پوچتا ماركىسى دۆلىتىمىزنىڭ 4-قېتىملىق مۆچەل پوچتا ماركا ئەسىرى بولۇپ، بۇ، بۇ پوچتا ماركىسىنى لايىھەلىگۈچى خۇاڭ يۇڭيۈنىڭ 36 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم پوچتا ماركىسى لايىھەلىشى ئىكەن. |
51 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جايلاردا يېڭى يىل تەبرىكلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نىياز راخمان، تۇرسۇن راخمان، غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەر، يېزا-بازار، ناھىيەلەردىكى ئىدارە-ئورۇن، كان-كارخانا، مەكتەپ ۋە مەھەللىلەر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. |
52 | شىنجاڭ خۇسۇسىي زاكاز قىلىشقا بولىدىغان ئاممىۋى قاتناش سىزنى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە ئېلىپ بارىدۇ ئۈرۈمچى يۇقىرىقى تاغقا بېرىپ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نى كۆرۈشتە، ئۈندىدار ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق زاكاز قىلسىڭىز، مەخسۇس ئاممىۋى ئاپتوبۇسى سىزنى مۇسابىقە مەيدانىغا بىۋاسىتە ئاپىرىدۇ. 3-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 14-ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنى زاكاز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى . ليۇ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەخسۇس ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار ئاجرىتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يۇقىرىقى تاغ ساياھەت بازىسىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان مۇلازىمەت لىنىيەسى ئېچىلغان. لېكىن بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار بوش تۇرۇپ قالغان، كىشىلەر ئاپتوبۇسقا چىقمىغانلىقتىن بۇ ئاپتوبۇسلار بىكار قىلىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېت تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى خۇسۇسىي زاكاز قىلىش ئارقىلىق، مۇلازىمەت تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جېڭجۇ، جىنەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى خۇسۇسىي زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان ئىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى ئالدىن كېلىشىۋېلىپ، بەلگىلىك ئادەم سانى توشقاندا ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى خۇسۇسىي زاكاز قىلسا بولىدىكەن. پىراكتىكانت زورىگۈل يۈسۈپ تەرجىمىسى |
53 | خەلقئارا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ۋىزا كەچۈرۈم تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ جۇڭگو تورى 4-يانۋار خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 2-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ۋىزا كەچۈرۈم تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. توختىتىش قارارى 2015-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تۈركىيە-رۇسىيە چېگرىسىدا رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىنغان. |
54 | ئۈرۈمچى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش ئەۋج ئالدى مۇخبىرنىڭ 3-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىدىكى ئۈچ چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىللىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مېھمان كۈتۈش مىقدارى 30 مىڭ ئادەم قېتىم دىن ئاشقان. ئىگىلىنىشچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى ۋە ئەتراپتىكى ئاق بۇلۇت، قار لەيلىسى، ۋېست قار تېيىلىش مەيدانى قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان، ھەركۈنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىلغان ئاپتوموبىل لىقمۇ-لىق بولۇپ، قار تېيىلىش ئەسۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغان ساياھەتچىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋېست قار تېيىلىش مەيدانى 8000 ساياھەتچى ئادەم قېتىم نى، قارلەيلىسى قار تېيىلىش مەيدانى 9000 ساياھەتچى ئادەم قېتىم نى، ئاق بۇلۇت قار تېيىلىش مەيدانى 15 مىڭ ساياھەتچى ئادەم قېتىم نى كۈتۈۋالغان. |
55 | خەلقئارا بولىۋىيەدە ئاياللار ئەنئەنىۋى كىيىنىپ تاغقا چىققۇچىلارغا ياردەم بەردى ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 2016-يىلى 3-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، بولىۋىيەدە بىر نەچچە ئايال ئېسىل ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، شۇ جايدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6088 مېتىر كېلىدىغان تاغدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ تاغقا چىقىشىغا ياردەم بەردى. |
56 | تېمىلىق خەۋەر دۆربىلجىن قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى 1-يانۋار 2015-يىللىق غەربىي دىيار قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ھەمدە دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى دۆربىلجىندە باشلاندى. بايرام مەزگىلىدە دۆربىلجىن ناھىيەسى قار-مۇز ساياھىتى بايلىقى، رايون مەدەنىيىتى، ئادىمىيلىك سالاپىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى، تەنتەربىيەسى، سەنئىتىنى نامايان قىلىپ، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لىجۈننىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىشلىق ساياھەت ماركىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىدىكەن، ساياھەت كەسپىنىڭ ھەممە پەسىلدە روناق تېپىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنى تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت بايلىقى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بايلىقى بىر گەۋدىلەشكەن مەملىكەت بويىچە داڭلىق ئىستىراھەت، ئارامگاھ ساياھەت ئورنى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نى ئالقىشلايدىكەن. |
57 | تېمىلىق خەۋەر شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئاپتوبۇسى قار كۆچكۈنىدە قاپسىلىپ قالدى ئالتاي ۋىلايىتى 3-يانۋار 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇدا 15 كۈن ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە نۇرچىن ناھىيەسىدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى 2 مېتىرغا يەتتى. 3-يانۋار سائەت 11:25 ئۆتكەندە، قاناس قىشلىق ساياھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوبۇسى قار كۆچكۈنىگە ئۇچراپ، قارغا كۆمۈلۈپ قالغان. ئوفىتسېر-جەڭچىلەر ساياھەتچىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ ئاپتوبۇسنىڭ قارغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى، پەقەت بىرلا ئىشىكىدىن كىرىپ-چىققىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا 21 ئاپتوموبىلدىكى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ۋە تېزلىكتە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئىككى مېتىر قېلىنلىقتىكى قارنى تازىلىغان. ئۇلار نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلتسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، قارلانى تازىلاپ، تۆت سائەتتىن كېيىن قاپسىلىپ قالغانلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋالغان. |
58 | تېمىلىق خەۋەر ئەنگىلىيەلىك ئەر -خوتۇن 670 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئامراق ئىتىنى كىلون قىلدى ئەنگلىيەلىك ئەر-خوتۇن رېچارد بىلەن لاۋرا ئىت بېقىشقا بەكمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئۆيىدە ھەرخىل قىممەت باھادىكى يۇقىرى سورتلۇق ئىتلار بار. شۇنچە كۆپ ئىتلارنىڭ ئىچىدە ئەر- ئايال ئىككىيلەننىڭ ئەڭ ئامراق ئىتى يەنىلا چامباشچى ئىت دايلان. ئەمما، ئالدىنقى يىلى مايدا دوختۇرلار سەككىز ياشلىق دايلاننىڭ مېڭە ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئەر -خوتۇن ئىككىيلەن دايلاننىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالماي، كىلون تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىككى دايلان تۆرەلمىسىنى يېتىشتۈرۈپ، كورېيەدە كىچىك دايلاننىڭ دۇنياغا كېلىشىگە شاھىد بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئامراق ئىتىنى كىلون قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 67 مىڭ فوندىستېرلىڭ تەخمىنەن 670 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر . |
59 | مەملىكەت شاڭخەيدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ مودېل ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى شاڭخەي يېڭى يىللىق مودېل ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى 2007-يىلى ئىجاد قىلىنىپ باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغىچە خەلق ئۆزلىكىدىن تەشكىللىگەن مۇسابىقىدىن ھازىرقى شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى باش بولۇپ ئويۇشتۇرغان رەسمىي مۇسابىقىگىچە بولغان جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. 3-يانۋار باشلانغان بۇ يىللىق كۆرگەزمىدە يەنە شاڭخەي يېڭى يىللىق مودېل ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسىنىڭ 10 يىللىقىنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنى ئاددىي قوراشتۇرۇشتىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىپ ياساشقىچە بولغان جەريانلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى تور ئويۇنى، يانفون ئويۇنىنى تاشلاپ، بالىلار بىلەن بىرگە قول تۇتۇشۇپ مېڭە ئىشلىتىپ، بالىلىقتىكى خوشال ئەسلىمىنى ئەسلەشكە دەۋەت قىلغان. |
60 | مەملىكەت شياڭگاڭ 50-نۆۋەتلىك خەلقئارا سانائەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 4-يانۋار ئاياغلاشتى شياڭگاڭ 50-نۆۋەتلىك خەلقئارا سانائەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 4-يانۋار ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئېتىبار باھادا سېتىلىپ، نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. |
61 | ئۈرۈمچى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرى بازىرىنى قىزىتىۋەتتى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى بىلەن ئامما ئارىسىدا تۈرلۈك قار-مۇز تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كېڭەيتىلىپ، بىر تۈركۈم قار-مۇز تەنتەربىيەسى ھەۋەسكارلىرى يېتىشىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرى بازىرى قىزىپ كەتتى. يېڭى يىل مەزگىلىدە مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرى دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلدى، دۇكاندا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى، كىشىلەر بىر تەرەپتىن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرىنى سىنىسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇكاندار ۋە باشقا ھەۋەسكارلار بىلەن قار تېيىلىش تېخنىكىسى ۋە تەسىراتلىرى توغرىسىدا خۇشال كەيپىياتتا پىكىر ئالماشتۇرۇشاتتى. ئۈرۈمچىدە دالا بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان لياۋ يۈەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ يىل قىشتا بۇ دۇكاندا دالا بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىن %50 گە يېقىن ئاشقان. لياۋ يۈەننىڭ قارىشىچە، بۇنداق زور دەرىجىدە ئېشىش ئاساسلىقى شىنجاڭدا مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىدىغانلىقتىن بولۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىنىڭ قار-مۇز تېيىلىش ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قار تېيىلىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پىراكتىكانت زورىگۈل يۈسۈپ تەرجىمىسى |
62 | مەملىكەت دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 5-يانۋاردىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، يېقىندا دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى يەتتە ئۆلكە، رايون مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى خەينەن ئۆلكىلىك مۇزېيدا باشلاندى. دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى بويلىغان خەينەن، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، رايون بىرلىكتە 250 يۈرۈش مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. |
63 | خەلقئارا چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى غا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-يانۋار، فىرانسىيەدىكى ھەجۋى ژۇرنال ـــ چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئالاھىدە سان ژۇرنال ئىشلىدى. مۇقاۋىغا بىر يىل بولدى، قاتىل يەنە فىرانسىيەنىڭ سىرتىدا قېچىپ يۈرمەكتە دېپ يېزىلغانىدى. |
64 | مەملىكەت گۇاڭشىدىكى بىر ئۇقۇتۇش بىناسى پۈتۈپ ئۇزۇن بولمايلا چېقىلدى گۇاڭشى نەننىڭدىكى تيەنتاۋ تەجرىبە مەكتەپ رۇڭخې ئوقۇتۇش رايونىدا 4-يانۋار ئىككى چوڭ قۇرۇلۇش ماشىنىسى ئوقۇتۇش بىناسىنى چېقىشقا باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، چېقىۋېتىلگەن بۇ ئوقۇتۇش بىناسى ئەمدىلا پۈتكەن بولۇپ، تېخى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلمىغان، مەكتەپ ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ چېقىلىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان. |
65 | خەلقئارا لىۋىيەدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىگە شام ئىسلام دۆلىتى ئوت قويۇۋەتتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-يانۋار، لىۋىيەدىكى بىر پورتتىكى نېفىت زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىككى نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە ئون نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى قازا قىلغان. |
66 | خەلقئارا زىدانې خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىقىغا تەيىنلەندى 4-يانۋار خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى مادرىدتىكى بېرنابېئۇ پۇتبول مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فىرانسىيە پۇتبول چولپىنى زىدانېنىڭ يېرىم يىلغا يېقىن تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بېنىتېزنىڭ ئورنىغا چىقىپ، پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. |
67 | مەملىكەت خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشۈ ناھىيەسىدە ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشۈي ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتە، يەرلىك ئاھالىلەر مەبلەغ توپلاپ نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتە ماۋ جۇشىنىڭ ھەيكىلىنى ياسىدى، بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. مۇخبىر 4-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن ئاشقاندا تۇڭشۈي ناھىيەسى جۇشىگاڭ كەنتىگە كېلىپ، كەنتنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى پۈتەي دەپ قالغان ماۋ جۇشىنىڭ ھەيكىلىنى كۆرگەن. ھەيكەل پولات-تۆمۈر ۋە سېمونتتىن ياسالغان بولۇپ، سىرتى ئالتۇن رەڭدە سىرلانغان. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماۋ جۇشىنىڭ بۇ ھەيكىلىنى ياساشقا بىر قانچە كارخانىچى كۆپرەك مەبلەغ چىقارغان بولۇپ، كەنتتىكى بىر قىسىم كىشلەرمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان. بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 36 مېتىر بولۇپ، جەمئىي 3 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنغان. |
68 | خەلقئارا ئالەم بوشلۇقىدىن ئالىپ تاغ تىزمىسىغا نەزەر ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى تىم پىك 2015-يىلى 27-دېكابىر خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئالىپ تاغ تىزمىسىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتقان. ئۇ توردا بۇ سۈرەتنى ھەمبەھرلىگەن ھەمدە بۇ قىشتىكى ئالىپ تېغىدا ئۇنچە كۆپ قار بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا بۇ ئېگىزلىكتىن قارىغاندا يەنىلا كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ دەپ يازغان. |
69 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ھەپتىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ھەپتىدە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن. ھاۋا بەزىدە ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدىكەن. تۆۋەن تېمپېراتۇرا 12-ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، ئۆزگىرىش ئامپلىتۇدىسى چوڭ بولمايدىكەن. 4-يانۋار، ئۈرۈمچىنى تۇمان قاپلاپ پۈتۈن بىر كۈندە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، شەھەر ئاھالىلىرى سوغۇق ھېس قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتىكى ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمى شارائىتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى كۆرۈلۈپ، يۇقىرى بوشلۇق ئىسسىق، يەر يۈزى سوغۇق بولغان. ھاۋادىكى سۇ ھورى كۆپەيگەن ۋاقىتتا ئاسانلا تۇمانلىق ھاۋارايى پەيدا بولغان. دېمەك مۇشۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 4-يانۋار سائەت 11:00 دە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا كۆرۈش ئارلىقى 700 مېتىر بولغان. ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ھەپتىدە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5-يانۋار ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 14-، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 5-بولىدىكەن. |
70 | خەلقئارا ياپونىيەدە ئايال پارلامېنت ئەزالىرى كىمونو كىيىپ يىغىنغا قاتناشتى ياپونىيە سانكېي خەۋەرلىرى نىڭ 2016-يىلى 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-يانۋار ئېچىلغان ياپونىيەنىڭ 190-قېتىملىق دائىمىي پارلامېنت يىغىنىدا، پارتىيەدىن ھالقىغان زاتلاردىن تەشكىللەنگەن كىمونونى جۇلالاندۇرۇش پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى نىڭ ئەزالىرى كىمونو كىيىپ پارلامېنت ھويلىسىغا كىرگەن. |
71 | شىنجاڭ دامىكۇ قەدىمكى تام سىزمىلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 4-يانۋار تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىككى يېرىم يىل ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نەتىجىسىدە، قەدىمقى ئودۇن مەدەنىيتى خاتىرىسىغا ئائىت 62 پارچە تام سىزمىلىرى يېقىندا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇ تام سىزما ئەسەرلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى دامىكۇ يېزىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 2013-يىلى 20-ماي دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ 1 مىليون 730 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي 100 دىن ئارتۇق تام سىزمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇنىڭ بىلەن خوتەن دامىكۇ بۇددا ئىبادەتخانىسى تام سىزمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دامىكۇ يېزىسىدىن تېپىلغان تام سىزمىلىرى 98 پارچە بولۇپ، ھازىرغىچە 62 پارچە سىزما ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. چىرا ناھىيەسىنىڭ دامىكۇ يېزىسى كېرىيە ناھىيەسى بىلەن خوتەن شەھىرىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ جايدىن ۋېي، جىن سۇلالىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلگە تەۋە نۇرغۇن بۇددا دىنىغا ئائىت خارابىلەر تېپىلغان. |
72 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى 0 يۈەن تۆۋەنلەتتى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى ئۈرۈمچى شەھىرى سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى 0 يۈەن تۆۋەنلەتتى يۈەن تۆۋەنلەتتى، بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەش ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىغا چېتىلمايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ كومىتېت سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش نى تارقىتىپ، 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ھازىرقى ھەر كۇب مېتىرى 3 يۈەندىن 2 يۈەنگە چۈشۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنجيې يېقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق يېقىلغۇ گاز تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلاردىن سانائەت ۋە سودىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز باھا سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 2015 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمتۈرتكە مېخانىزمىغا ئاساسەن، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى ئىككى قېتىم تەڭشىگەن. 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسى 4 يۈەندىن 3 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلگەن، 2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە بىر قېتىم ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ھەر كۇب مېتىرىنىڭ باھاسىنى 0 يۈەن تۆۋەنلەتكەن، باھا تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسى 3 يۈەن بولغان. |
73 | شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قار - مۇز ساياھىتى جانلاندى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەمدىلا ئاياغلاشقان يىڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قار - مۇز ساياھىتى جانلاندى. ئۇقۇشىمچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن. ئالتايدىكى جياڭجۈنشەن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ھەر كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2000دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسە ئەتراپىدا كۆپەيگەن؛ ئۈرۈمچى ئاق بۇلۇت خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان؛ ئۈرۈمچى ۋېستى چىراغلىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5000دىن ئاشقان. بەزى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردا چاغان مەزگىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا يەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بېسىق مەزگىلى بالدۇر يېتىپ كەلگەن. ئالتاي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى جىچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى يىل مەزگىلىدە، ئالتايغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن، جياڭجۈنشەن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ساياھەتچى 100دىن ئاشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، بېيجىڭ، تيەنجىندىن كەلگەنلەرمۇ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق قار - مۇز ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىكى تۇرمۇشىغا خۇشاللىق بەخش ئەتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، خوتەن شەھىرى، كۆكتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق جايلار يېڭى يىللىق ئېگىزگە چىقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار قار - مۇز ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 3 - نۆۋەتلىك بوغدىدا 1000 كىشى بەخت تىلەپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قار - مۇز ساياھىتى ئالاھىدە جانلاندى. ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل شىنجاڭنى سۆيۈپ، يۇرتىمىزنى ساياھەت قىلايلى قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت باش تېمىسىدىكى پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار 1 - ئايدىن باشلاپ يۈرۈشلۈك قار - مۇز ساياھىتى ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىپ، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. |
74 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئازايدى رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل 24 مىڭ 856 ئوقۇغۇچى 2016 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇ 2015 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئەمەلىي ئوقۇغۇچى سانىدىن 996 ئوقۇغۇچى ئاز ئىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ سىستېمىدا ئاساسلىقى باشقا جايدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرىنى تەكشۈرگەن. باشقا جايدىن كېلىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، يەنى شىنجاڭ نوپۇسىدا بولمىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان 12 يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بولسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قانۇنلۇق، مۇقىم خىزمىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى ياكى باج تۆلىگەنلىك ئىسپاتى بولسا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشقا بولىدىكەن، پەرزەنتلىرىنى شىنجاڭغا بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىللىق مۇكەممەل ئوقۇش تەۋەلىكى بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتالايدىكەن. |
75 | خەلقئارا شىۋېتسىيە شىۋېتسىيە-دانىيە چېگرىسىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى شىۋېتسىيە 4-يانۋار چېگرىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، مۇساپىرلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى چەكلىدى.ئىگىلىنىشىچە، 4- يانۋاردىن باشلاپ، دانىيەدىن شىۋېتسىيەگە پويىز بىلەن بارىدىغان بارلىق يولۇچىلار چوقۇم دانىيەنىڭ كوپېنھاگېندا سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملىق سەپەرگە چىقسا بولىدىكەن. |
76 | شىنجاڭ 2015-يىلى شىنجاڭدا 150 تۈرلۈك يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى تاماملاندى مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭدا 150 تۈرلۈك يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ۋە 65 رايوندىكى سۇ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 603 مىڭ 400 دېھقان، چارۋىچى ۋە 52 مىڭ 300 ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. 2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ئاكتىپ ھالدا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 739 مىليون يۈەنلىك يىللىق قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى %100 ئىشقا ئاشۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى نى ئىمزالاپ، جايلارنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېنىق بېكىتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتى بۇلتۇر 2-ئايدا 2015-يىللىق يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىگە دائىر خىزمەتنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشى نى بېسىپ تارقىتىپ، 2015-يىللىق يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ يىللىق نىشانىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئېنىق بېكىتىپ، كونكرېت ئەمەلگە ئاشۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. |
77 | خەلقئارا 2015-يىلى گېرمانىيە قوبۇل قىلغان مۇساپىرلار سانى 1 مىليون 100 مىڭغا يېقىنلاشتى جۇڭگو ئاخبارات تورى 5-يانۋار تېلېگراممىسى: گېرمانىيە دېرېزدېندا چىقىدىغان ساكسون گېزىتى نىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنى دەسلەپكى تەقسىملەش ئۇچۇرىنى تىزىملايدىغان سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىشىچە، 2015-يىلى جەمئىي 1 مىليون 91 مىڭ 894 نەپەر مۇساپىر گېرمانىيەدە پاناھلىق ئىلتىماسىغا تىزىملاتقان. |
78 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەزر ئۆسۈم نىسبىتى يانۋاردىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى 2015-يىل 26-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزى ئالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېڭى ئۆلچەمدىكى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرسا بولىدىكەن. تەڭشەلگەندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزىنى قايتۇرۇش مۇددىتى بەش يىلدىن تۆۋەن بەش يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ بولسا ئۆسۈم نىسبىتى %2 كە چۈشىدىكەن؛ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزى قايتۇرۇش مۇددىتى بەش يىلدىن يۇقىرى بولسا ئۆسۈم نىسبىتى %3 كە چۈشىدىكەن. مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىل، تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى 4-قېتىم چۈشكەن. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە 2015-يىل 26-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تارقىتىلغان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزى ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجىرا قىلىنىدىكەن. ئەمما 2015-يىل 26-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن تارقىتىلغان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرزى بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىل 1-مارت، 11-ماي، 28-ئىيۇن، 26-ئاۋغۇست دۆلىتىمىز ئايرىم ھالدا تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارغان. |
79 | خەلقئارا تايلاندتا يېڭى يىللىق ئالتە كۈن دەم ئېلىشتا 3000 قېتىمدىن كۆپ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 340 ئادەم قازا قىلدى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 5-يانۋار خەۋىرى: تايلاند ھۆكۈمىتى 4-يانۋار ئەپسۇسلانغان ھالدا تايلادنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېڭى يىللىق ئالتە كۈن دەم ئېلىش 2015-يىلى 29-دېكابىردىن 2016-يىلى 3-يانۋارغىچە مەزگىلىدە جەمئىي 3000 قېتىمدىن كۆپ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 340 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى 302دىن 38 ئادەم كۆپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر پارچە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشچىمۇ، تايلاندنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ 36 سى قاتناش ھادىسىسىىدە قازا قىلىدىكەن، ھەر يىلى 24 مىڭ ئادەم قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە لىۋىيەدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىكەن. |
80 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن،گۇلنار تۇداجى خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستى 2015-يىلى 969 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر رايون ئۈچ سانائەت باغچىسى نىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. سانائەت رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىش شارائىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. سانائەت رايونلىرىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوبلاست بويىچە %93 نى ئىگەللىدى. ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك سانائەت رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا يەتتىگە، ماكانلاشقان كارخانا 17 گە يەتتى. ئۇتەي سانائەت رايونىغا 19 كارخانا يېڭىدىن ماكانلىشىپ، جەمئىي 71 گە يەتتى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش مەبلىغى 14 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىنغان، ئۈنۈم ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى. |
81 | ئۈرۈمچى 2015-يىل ئۈرۈمچىدە 313 كۈننىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2015-يىل پۈتۈن بىر يىل ئۈرۈمچىدە 313 كۈننىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولدى. 2011-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 37 كۈن ئېشىپ، يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى. مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىل ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى %85 كە يەتكەن. ھاۋادىكى ئاساسلىق بۇلغىغۇچى ماددا گۈڭگۈرد تۆت ئوكسىد، ئازوت كىسلورود ۋە سۈمۈرگىلى بولىدىغان دانىچىلەر ئوموميۈزلۈك ئازىيىپ، 2015-يىلى پۈتۈن بىر يىل ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش دەرىجىسىنى %85 تىن ئاشۇرۇش نىشانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغان. |
82 | شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تور مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىلدى شىنجاڭ يىپەك يولى ئىجادكارلار تور ئىتتىپاقى قۇرۇلدى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - يانۋار شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن تەرەققىيات ئوچۇق بولۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش شىنجاڭ يىپەك يولى ئىجادكارلار تور ئىتتىپاقى پائالىيىتى جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا باشلاندى. بۇ ئىتتىپاق مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلارغا ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق ياشنى ئىلغار ئالاقە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بايلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت سىڭدۈرۈلگەن، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان سەھنە بەرپا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. بۇ ئىتتىپاق تور دۇنياسىدىكى كارۋان يېڭى يىپەك يولىدىكى ئىجادكارلار كارۋىنى ئاساسىدا قۇرۇلغان. جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مىرئادىل مەمەتئابلا قۇرغان بۇ ئىجادكارلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كوللېكتىپىغا بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى 150تىن كۆپرەك مۇنەۋۋەر شىنجاڭلىق ئىجادكار ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا 47 تارماق پونكىت تەسىس قىلىپ، يۈزدىن ئارتۇق شىركەت ۋە دۇكانغا ئىگە بولدى. پائالىيەتنى باشلاش مۇراسىمىدا، يېڭى يىپەك يولى ئىجادكارلار كارۋىنى نىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، چاڭچۈن قاتارلىق جايلاردىكى ئون تارماق پونكىتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئىجادكارلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىدىن بەھرىمەن بولدى. ئىجادكارلارنىڭ ھەقىقىي، جانلىق بايانلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. فۇجيەنلىك ياش سودىگەر خۇاڭ چاڭخۇي تورنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، شىنجاڭدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىنى غەربتىكى تاۋباۋ 1 - كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى؛ 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا تۇغۇلغان ياش نەقىش لايىھەلىگۈچى ئابدۇرىشىت ئابدۇرېھىم ئەتلەستىكى گۈل نەقىشلىرىنى قايتا رەتلەپ ھەم ئۇنىڭغا زامانىۋى ئامىللارنى قوشۇپ، ئەنئەنىۋى سانائەتنى دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەندۈرمەكچى بولدى... شىنجاڭدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئىجادكارلار ۋەكىللىرىمۇ بۇ جايدا جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۈندىن - كۈنگە زورىيىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى نامايان قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىجادكارلار تور ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى يېڭى يىپەك يولى ئىجادكارلار كارۋىنى ، شىنجاڭ يېڭى يىپەك يولى ئىجادكارلار بوشلۇقى ، قەشقەر ئىجادكارلار بوشلۇقى قاتارلىق 255 ئۆمەكنى قوبۇل قىلغان. جياڭشىدىكى جياڭشى پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىجادكارلار بوشلۇقى قاتارلىق 20 ئىنستىتۇتنىڭ ئىجادكارلار ئۆمىكى، بېيجىڭ چېكۇ قەھۋەسى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بەش ئىجادكارلار بوشلۇقى ۋە 30 كۆپەيتىش بازىسى تۇنجى تۈركۈمدە بۇ ئىتتىپاققا جەلپ قىلىنغان. |
83 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يېڭىئاۋاتتا يەتتە جۈپ قىز-يىگىت كوللېكتىپ توي قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەخەت ھامۇللا خەۋىرى:پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە يېزا يېڭىئاۋات كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئاددىي-ساددا، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، نامراتلىقنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئىشلەپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېقىندا، يېڭىئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 6000 يۈەن ياردەم قىلىشى بىلەن بۇ كەنتتىكى يەتتە جۈپ قىز-يىگىت كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېزا ياشلىرىغا ئۈلگە بولدى. |
84 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەندىكى مېيىپلار ئېتىبار سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى: چەرچەن ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار 1775 نەپەر مېيىپنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلەندۈردى. يېزا-بازارلاردىكى مېيىپلارنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %100 گە، مېيىپلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتىنى %100گە يەتكۈزدى. مېيىپلارغا يەنە مېيىپلار ھارۋىسى، ھاسا، ئاۋدىفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. 11 نەپەر مېيىپ كىشىگە سۈنئىي پۇل-قول سالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. كۆزىگە ئاق چۈشكەن 58 نەپەر مېيىپ كىشىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مېيىپ كىشىلەرنىڭ چارۋىچىلىق، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. |
85 | مەملىكەت يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىر بەلباغ، بىر يول بانكىلار ئارا نەق پۇلنى دۆلەت ھالقىپ يۆتكەشنى باشلىدى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى 4- يانۋار تۇنجى قېتىم ۋېيتنامنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا تەرەققىيات بانكىسى لاۋسەي تارماق بانكىسىدىن 1 مىليارد ۋېيتنام دوڭىنى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يۈننەن تارماق بانكىسىغا يۆتكەپ كەلدى. بۇ، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بانكىلار ئارا نەق پۇلنى دۆلەت ھالقىپ يۆتكەشنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەت بانكىلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ تېز بولغان نەق پۇل ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق. |
86 | خەلقئارا تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىىسى يىڭلاك ئاممىنى يوقلىدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلاك شۇ يەر ۋاقتى 4-يانۋار تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كخون كائېنغا بېرىپ ئاممىدىن ھال-ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارغا يېڭى يىللىق سوۋغا بەردى. تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىڭلاڭ ئەسلىدە ئاممىغا تارقىتىپ بەرمەكچى بولغان 10 نەچچە كالېندارنى خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ ئەسكەر-ساقچىلىرى مۇسادىرە قىلىۋالغان. بەزى تاراتقۇلار: يىڭلاكنىڭ ئاممىغا بەرمەكچى بولغان كالېندارىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىش بىر قاملاشمىغان ئىش، يىڭلاك پەقەت يېڭى يىللىق قائىدە-رەسىم ئۈچۈن كالېندار تارقاتماقچى بولغان، بۇ ئىشنىڭ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگەن. |
87 | خەلقئارا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئارام كۈنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ئامېرىكىدىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت مەمۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىمۇ دەم ئالىدۇ. 1908-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ تافتتىن تارتىپ ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباماغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ دەم ئېلىش ئۇسۇللىرىمۇ دەۋرگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەلدى، ئەمما بىردىنبىر ئۆزگەزمىگىنى ئۇلارنىڭ شادىمان ئائىلىۋى يىغىلىشى بولدى. |
88 | خەلقئارا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراننى دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 4-يانۋار كەچتە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىراننى دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ۋەزىيەتنى پەسەيتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رايون تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. |
89 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كادىرلار دېھقان چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق قىلىپ بېيىشىغا ئۇل سېلىپ بەردى ئابدۇسالام نىياز، ئايگۈل ئىسلام خەۋەر قىلىدۇ: ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇلتۇز بۇلاق كەنتىدىكى 109 دېھقان چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ھەر بىرى يېقىندا بىردىن سىمېنتال كالىسىغا ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق قىلىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەنتنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىندى. ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز مىللىي يېزىسى يۇلتۇز بۇلاق كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار كەنتتىكلەرنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئالاھىدە تەجرىبىسى بارلىقى، باقمىچىلىقنىڭ كەنتتىكىلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يېتەكلەشتىكى ئەڭ ياخشى چىقىش يول ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلدى ھەم باقمىچىلىق تۈر مەبلىغىدىن 1 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 109 تۇياق سىمېنتال كالىسى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى 109 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن تارقىتىپ بېرىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق قىلىپ بېيىشىغا ئۇل سېلىپ بەردى. |
90 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كەنتتىكىلەر ئۆي غېمىدىن قۇتۇلدى نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش شىركىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى سېغىن سۆگەت 2 كەنتىگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئۈچ ئائىلىلىك يېقىندا ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 71 ياشلىق ئىگە چاقىسىز مەترېھىم بوۋاي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ياشىنىپ قالدىم، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقىم بار، ئۆمرۈمدە بۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرۇپ باقمىغانىدىم. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ماڭا ئۆي سېلىپ بەردى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم. ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇزۇن بازىرىنىڭ سېغىن سۆگەت 2 كەنتىدىكى 401 ئائىلىلىكتىن 398 ئائىلىلىك ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. 65 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەمىن ئۆي سېلىشقا 50 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ كېتىدۇ. دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر يۆلەش مەبلىغىدىن 35 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن تەقدىردىمۇ، شەخسنىڭ چىقىرىدىغىنى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئۈچۈن تەس ئىدى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار قىيىنچىلىقى بار بۇ ئۈچ ئائىلىنىڭ پۇلى ھەم ئۆيلۈك يېرى يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنت كومىتېتى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، كەنتتىكىلەر ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، كەنت كوللېكتىپ يېرىدىن بۇ ئائىلىلەرگە ئۆيلۈك يەر ئاجرىتىپ، يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىشنى بېكىتكەنىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ لۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر بىر ئائىلىگە 25 مىڭ يۈەندىن پۇل چىقىرىپ، ئۆي جاھازىلىرى، ئاشخانا، ياتاق، تازىلىق بۇيۇملىرىنى سەپلەپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى خاتىرجەم يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇش شارائىتىغا ئىگە قىلدۇق. |
91 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى باش چارباغ كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار چارباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە 60 مىڭ يۈەن قىممىتىدە 190 يۈرۈش ئۈستەل ئورۇندۇق ياردەم قىلىپ، مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گاۋچياڭجۈن مۇنداق دېدى: مائارىپ 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئاساسى، مائارىپقا ياردەم بېرىش، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. كۈزدە مەكتەپنىڭ مەيدانىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بەرگەنىدۇق، بۇ قېتىم مەكتەپنىڭ ئۈستەل ئورۇندۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردۇق، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، قىلغان ئىشلىرىمىزدىن مىننەتدار بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەكتەپكە داۋاملىق ياردەم قىلىمىز. |
92 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مىچىغ يېزىسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئالتۇن قازدى قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىنىڭ مىچىغ يېزىسى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، بىر مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنى ۋە ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرىنى بۇ خىزمەتكە مەسئۇل قىلدى. ناھىيەدىكى يېزا بازارلار ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ بىر تۇتاش سىرتقا چىقىرىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەرگە تولۇقلىما بېرىش، تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىنى ئالدىنئالا بېجىرىپ بېرىشتەك ئەلا مۇلازىمەتنى يولغا قويغانلىقتىن، بۇلتۇر 3005 ئېشىنچا ئەمگەكچى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، 24 مىليون 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. |
93 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش تەربىيە پائالىيىتىدە ئۈنۈم كۆرۈلدى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى كادىرلار ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى ، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن بولۇش پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قائىدە تۈزۈم بېكىتىش ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئارقىلىق ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيە خىزمىتىدە ئۈنۈم ياراتتى. ناھىيەلىك پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك 45 رەھبىرىي كادىر ۋە ناھىيەدە تۇرۇشلۇق 16 خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئايدا ئىككى قېتىم مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ، ھەپتىدە بىر قېتىم كېڭەشمە يىغىن ئېچىپ، خىزمەت جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىپ، كېلەر ھەپتىلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى. رەھبىرىي كادىرلار ئايدا ئىككى كۈن ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، خىزمەتلەرگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەردى. مەخسۇس يىغىن، ھەپتە ئاخىردىكى دەرسخانا، پارتىيە دەرسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركەزلىك تەربىيەلەپ، ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش نىڭ روھىنى ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرلارغىچە يەتكۈزدى. رەھبىرىي كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردا ساقلانغان 522 مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ خىزمەتتە پاسسىپلىق، سۆرەلمىلىك قىلغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان كادىرلارغا تەنقىدىي تەربىيە بەردى. كەنت ئىككى كومىتېت لىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاۋامغا ياردەم بېرىش ۋە بېيىتىش مېخانىزمىنى بېكىتىپ، ئالاقىلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاۋامغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش نىڭ تەلىپىنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈردى. |
94 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۈچتۇرپان ناھىيەسى دېھقانلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە كۈچىدى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېچىشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بۇلتۇر 1 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، نامرات دېھقان چارۋىچىلارنى ياڭاق پەرۋىشى، باقمىچىلىق، تامچىلىق، شوپۇرلۇق قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەپ، نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. ياكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ ياكۆۋرۈك كەنتىدىكى ھەسەن تىلىۋالدى يېزا تەشكىللىگەن نامراتلارنى ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ تامچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن شۇ يەردىكى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە ئايلىنىپ، يىللىق كىرىمىنى 150 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. |
95 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچادا دېھقانلار قىرائەتخانىلىرىغا ھەقسىز سىمسىز تور ئورنىتىلىشقا باشلىدى ئادالەت ئابدۇۋەلى، نۇرىمانگۈل ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرىدىكى كەنت مەھەللىلەردىكى دېھقانلار قىرائەتخانىلىرىغا بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان سىمسىز تور ئورنىتىلىپ، دېھقانلار بۇ يەردە كىتاب كۆرۈپلا قالماي، يەنە يان تېلېفوندا تورغا چىقالايدىغان بولدى. ئۇچا بازارلىق پارتكومنىڭ ھەيئىتى مېڭ جيا مۇنداق دېدى: دېھقانلار قىرائەتخانىلىرىغا ھەقسىز سىمسىز تور ئورنىتىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ياش قىرائەتخانىدا كىتاب كۆرۈپ بىلىم ئالىدىغان، تورغا چىقىپ ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن قىرائەتخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىرائەتخانىلارنى ئاممىنىڭ 2 ئائىلىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. ئىگىلىشىمىزچە، كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل ناھىيە، يېزا بازار، كوچا باشقارمىلىرى، كەنتلەرنىڭ 3 دەرىجىلىك كۇتۇپخانا تور مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 10 مىڭ يۈرۈش كىتاب سوۋغا قىلىش بىلەن بىللە، ھەممە كەنت كۇتۇپخانىلىرىغا سىمسىز تور ئورنىتىپ، دېھقان ياشلارنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كەنت دەرىجىلىك بازىلارنىڭ ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن. |
96 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى لەمجىن بازىرى دېھقانلارنى قوشۇمچە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرى دېھقانلارنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ، قوشۇمچە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرگە چىقىش يولى تېپىپ بەردى. لەمجىن بازىرىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز بولغانلىقتىن، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بازار تەۋەسىدىكى يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا 10 مىليون 500 مىڭ يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. يۇقىرىنىڭ ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، بازار مالىيەسىدىن خىراجەت ئاجرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 347 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 452 ياشنى تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، رېمونتچىلىق، كەپشەرلەش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر بازار بويىچە تۈرلۈك ھۈنەر كەسىپلەر بويىچە شۇغۇللانغۇچىلار 987 كىشىگە يېتىپ، قوشۇمچە كەسىپتىن قىلغان كىرىمى 55 مىليون 432 مىڭ يۈەنگە يەتتى. |
97 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتتى مۇھەممەت ھېيت خەۋەر قىلىدۇ: گۇما ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقات تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. ناھىيە قوش تىل دا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئارىسىدا ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ناھىيەدىكى 15 يېزا بازاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇقىملىقنىڭ جان تومۇرى، ئېجىل ئىناقلىق، ئەمىنلىكنىڭ بەختىيار تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تورى قۇرۇلۇپ، تارماقلار ئورتاق تۇتۇش، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك يېڭىچە خىزمەت ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ جەلپ قىلىش، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا كۆيۈنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلدى. |
98 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالادىكى دېھقان چارۋىچىلار تاشيوللارنى كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇشتىن مەنپەئەتلەندى ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا ئوبلاستى بۇلتۇر تاشيوللارنى كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇدەتتىن بۇرۇن تاماملىدى. ئوبلاست بويىچە بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى سەككىز يېزا بازارنىڭ 14 مەمۇرىي كەنتىگە تۇتىشىدىغان 95 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاشيول قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن 9000دىن كۆپرەك دېھقان چارۋىچى مەنپەئەتلەندى. |
99 | پەن مائارىپ خوتەندىكى كارخانىچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن، ئوبۇلھاشىم ماخمۇت خەۋىرى، فوتوسى:خوتەن ۋىلايىتىدىكى 50 دىن ئارتۇق مىللىي كارخانىچىدىن تەشكىللەنگەن مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى 4-يانۋار قاراقاش ناھىيەسىگە كېلىپ، ماڭلاي ۋە ياۋا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچىلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، خوتەندىكى 50 دىن ئارتۇق مىللىي كارخانىچى بۇ قېتىم 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 2000 دانە قىشلىق چاپان ۋە مۇئەللىم ئېلېكتىرون لۇغىتى تەييارلىغان بولۇپ، بۇلارنى 7-يانۋارغىچە خوتەن شەھىرى، خوتەن، قاراقاش ۋە چىرا ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇر-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا 500 نەپەر ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. |
100 | شىنجاڭ بۇلتۇر ئۆكتەبىردىن ھازىرغىچە شىنجاڭدا 156 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل بېجى كېمەيتىلدى مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىل بېجىنى كېمەيتىش سىياسىتى 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان قىسقىغىنە ئىككى ئاي ۋاقىتتا، شىنجاڭلىقلار گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى 1 لىتىر ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئاپتوموبىلدىن 40 مىڭنى سېتىۋېلىپ، شىنجاڭدا گازنى ئاز قويۇپ بېرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئېشىپ، 156 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل بېجى كېمەيتىلگەن. |
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.