id int64 1 10.6k | text stringlengths 21 32.1k |
|---|---|
201 | خەلقئارا تۈركىيە ئېگېي دېڭىز ساھىلىدا 21 مۇساپىرنىڭ جەسىتى بايقالدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-يانۋار، تۈركىيەنىڭ بالىقشىردا مۇساپىرلار ئولتۇرغان بىر كىچىك كېمە گرېتسىيەگە بېرىش سەپىرىدە چۆكۈپ كەتكەن، تۈركىيە ژاندارما ئەترىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 مۇساپىرنىڭ جەسىتى ئېگېي دېڭىز ساھىلىنىڭ ئىككى... |
202 | خەلقئارا لىۋىيەدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرى رادىكال تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى 7-يانۋار، لىۋىيەنىڭ - دا، رادىكال تەشكىلات لىۋىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى چىقىش ئېغىزىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان، نەتىجىدە قوراللىق ھۇجۇمدا بۇ يەردىكى ئاز دېگەندىمۇ تۆت نېفىت زاپاس باكىغا ئوت كەتكەن. |
203 | خەلقئارا ھىندىستان ئەسكەرلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-يانۋار، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قويۇق تۇمانغا قارىماي جۇمھۇرىيەت كۈنى دىكى پائالىيەتكە تەييارلىق قىلماقتا. |
204 | خەلقئارا ئىراقتا ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى تەبرىكلەندى شۇ يەر ۋاقتى 6- يانۋار ئىراقنىڭ دا ئىراق ئەسكەرلىرى ھەربىي مەكتەپتە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى - مۇراسىمغا قاتناشتى. |
205 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 23-يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 23-يانۋار ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 2016-يىللىق قىشلىق تەتىلنى كۈتۈۋالىدىكەن. 2-مەۋسۇملۇق ئوقۇشقا تىزىملاش خىزمىتى 21-فېۋرال ئېلىپ بېرىلىپ، 22-فېۋرال ئوقۇش باشلىنىدىكەن. 4-ئىيۇل يا... |
206 | مەملىكەت جياڭشى دېشىڭدىكى دېھقان 200 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ تىك ئۇچار ياسىدى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېشىڭ شەھىرى جاڭسۈن كەنتىدىكى 50 ياشتىن ئاشقان جياڭ چاڭگېن ئىسىملىك دېھقان ئۈچ يىل ۋاقىتتا 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 2 مېتىر ئېگىزلىكتە، 2 مېتىر كەڭلىكتە بىر كىچىك تىك ئۇچار ياساپ چىققان. بۇ تىك ئۇچارنىڭ پىرقىرىغۇچىن... |
207 | مەملىكەت جياڭسۇدا تۇنجى تۈركۈمدە 75 دانە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى كىمئارتۇق قىلىندى جياڭسۇدىكى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى ئىسلاھاتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاپتوموبىللارنىڭ تۇنجى مەيدان كىمئارتۇق يىغىنىنىڭ تەييارلىق كۆرگەزمىسى 6-يانۋار نەنجىڭنىڭ نەندۈەن يولىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 75دانە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىل... |
208 | خەلقئارا نيۇيوركتا 111- نۆۋەتلىك سەيلە كېمىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى 111-نۆۋەتلىك نيۇيورك سەيلە كېمىسى كۆرگەزمىسى 6-يانۋار باشلاندى. يېڭىچە شەكىلدە ياسالغان، نەپىس لايىھەلەنگەن، ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان 350 دىن ئارتۇق سەيلە كېمىسى ۋە موتورلۇق كېمە 40 مىڭدىن ئارتۇق سەيلە كېمىسى ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلغان. |
209 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى شىمالىي قۇتۇپ مېھمانلىرىنى بىلەمسىز؟ تۆمۈر تۇمشۇقلۇق سېرىق چۇمچۇق شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ناھايىتى ئالاھىدە قۇش تۈرلىرى بار. مەسىلەن، سېرىق چۇمچۇق، تۆمۈر تىرناقلىق سېرىق چۇمچۇق، قىزىل قورساق ئۇزۇن قۇيرۇق بوز تورغاي، تاغ تورغىيى، سۆسۈن قۇيرۇقلۇق چىتلاق قۇشقىچى، ئاق قۇرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى قاتارل... |
210 | خەلقئارا مالايشىيادا كېچىك پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى 158 ئادەمنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزىۋېلىندى شىنخۇا تورى خەۋىرى: قۇتقۇزۇش خادىملىرى 6-يانۋار مالايشىيانىڭ ساباھ ئىشتاتى سېمپورنا ناھىيەسىدە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا. بۇ كۈنى، بىر كېچىك پاراخوتى بىلەن باشقا بىر پاراخوت ساباھ ئىشتاتى سېمپورنا ناھىيەسىدە سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەن. كېچىك پا... |
211 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى ئاينۇر ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى يېقىندا ئۈچ... |
212 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى يېقىندا ئۈچ... |
213 | شىنجاڭ شىنجاڭ جىنفېڭ پەن تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 458 شامال گېنېراتورىنى ئالتە قىتئەگە ساتتى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقى... |
214 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىز 2015 يىلى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات تايانچلىرىدىن 1000 نى تەربىيەلىدى جاڭ زۇشۈەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات تايانچ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، 2014 يىلىدىن باشلاپ ... |
215 | پەن مائارىپ 2016 يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 6 يانۋار ئېلان قىلىندى. تولۇق كۇرس قاتلىمىنىڭ نومۇر چېكى 1... |
216 | شىنجاڭ ئۇچۇر يىپەك يولى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ۋە مەملىكەت بويىچە 100 تور تاراتقۇسى مۇھەررىرلىرىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتى باشلاندى خالىدە ئوبۇل، رازىيە ئابلەت خەۋەر قىلىدۇ: 5 يانۋار ئۇچۇر يىپەك يولى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ۋە مەملىكەت بويىچە 100 تور تاراتقۇسىدىن كەلگەن مۇھەررىرلەرنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتى ... |
217 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 ئورۇن مەملىكەتلىك 6 نۆۋەتلىك دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ شەرىپىگە ئېرىشتى شىن شۈەنۋېن خەۋەر قىلىدۇ: 2015 يىل 12 ئاينىڭ 14 كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەملىكەتلىك 6 نۆۋەتلىك دېھقانلارغا، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش م... |
218 | مەملىكەت قارلىق يايلاقتا ئۆتكۈزۈلگەن سالما سېلىش مۇسابىقىسى 5-يانۋار، 2016-يىللىق ئۇجۇمچىن ئات مەدەنىيىتى بايرىمى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇجۇمچىن چىرېنگاۋلى بازىدا ئۆتكۈزلدى. شۇ يەردىكى موڭغۇللار ئۇچىسىغا ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيىپ، تەرەپ-تەرەپتىن مۇسابىقە مەيدانىغا يىغىلىپ، ئات بەيگىسى، سالما س... |
219 | خەلقئارا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى تەبىئىي گاز چىقىپ كەتكەن رايوننىڭ جىددى ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى جېررىي بروۋېن بايانات ئېلان قىلىپ، لوس ئانژېلېس غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان تەبىئىي گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن پورتلاندچى رايونىنىڭ جىددى ھالەتك... |
220 | خەلقئارا بان كىمۇن چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى ب د ت نىڭ باش كاتىپ بان كىمۇن شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-يانۋار ئامېرىكا نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقى قىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. |
221 | مەملىكەت مىلتىقنى ساپانغا ئالماشتۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش شىنجاڭ 1949 يىلى تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى، كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت ھەممە ئىشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋەزىيىتىگە قارىتا، تارىختىن بۇيانقى بوز يەر ئېچىپ، چېگرانى قوغداش ئەنئەنىسىنى ئىجادىي ئۆرنەك قىلىپ ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەربىيلەرنى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا... |
222 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر پىچان ناھىيەسى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى قىشلىق ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە كۈچىدى. پىچان ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ... |
223 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توقسۇ ناھىيەسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتتى نىياز ساتتار خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسى پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئورۇندا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت ق... |
224 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قۇمۇل شەھىرىدە 12 بەش يىل مەزگىلىدە نامرات يېزا، كەنتلەردىكى 4968 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى ئابلىمىت ئابلىزنىڭ قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 12 بەش يىل مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون قۇمۇل شەھىرىدە نامراتلارنى يۆلەش ئېچىش تۈرى بويىچە ياردەم بېرىشنى بېكىتكەن نا... |
225 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى ئوبۇلقاسىم قادىر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى يېقىندا مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى... |
226 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر مەكىت ناھىيەسىدە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۈكسىلىشى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى ھاجىگۈل ھاشىم خەۋەر قىلىدۇ: مەكىت ناھىيەسى دولان دېھقانلار رەسىمى، دولان مەدەنىيىتى كەشتىچىلىكى، دولان نەققاشچىلىقى، دولان ساپالچىلىقى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق مەدەنىيەت ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدە... |
227 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر جىڭ ناھىيەسى قۇملۇقتا ئۈجمىزارلىق بىنا قىلدى ئانىگۈل مامۇتجان خەۋەر قىلىدۇ: جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجاخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇملۇقنى بۈك باراقسان ئۈجمىزارلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۈجمە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ كىرىم قىلغاندىن سىرت، ئىشلەمچىلەرنى ئىش... |
228 | خەلقئارا گېرمانىيەدە ئالدىنقى ئايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %6 بولدى گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى ئايدا 2015-يىلى دېكابىردا گېرمانىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى %6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0 ئاشقان. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-ي... |
229 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مارالبېشى ناھىيەسى تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيەسى مەخسۇس تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقات... |
230 | مەملىكەت گۇاڭشى نەننىڭ ساقچىلىرى 767 مىلتىق، 1043 كىلوگىرام ئوق دورىنى مەركەزلىك يوقاتتى گۇاڭشى نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋۇمېڭ ناھىيەسىدە 6-يانۋار 2015-يىلى ھاياتىي كۈچكە ئىگە خەنجەر1-نومۇر ناملىق قورال چەكلەپ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا بۇ... |
231 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئستىلىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان... |
232 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى لوپنۇر ناھىيەسى ئۇتۇقلۇق ئىگىلىك تىكلىگەن 93 ئايالنى مۇكاپاتلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: لوپنۇر ناھىيەسى يېقىندا ناھىيەدىكى 93 مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايالغا 250 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش مۇكاپاتى تارقاتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئىگىلىك ... |
233 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 2015-يىلى ئىلگىرىكى يىللاردىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، داڭلىق ماركا يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قو... |
234 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئىلى ئوبلاستىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: 2015-يىلى ئىلى ئوبلاستى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىدىن 70 نى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇ... |
235 | شىنجاڭ شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ قالدى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ نېفىتلىكتە يىللىق جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز 30 مىليارد 600مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 30 مىليارد كۇپ مېتىرلىق تەبىئىي گاز يىللىق مەھسۇ... |
236 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چاقىلىق ناھىيەسىدە چاغاندىن بۇرۇنقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پاتىگۈل غۇجىئابلا، تۇردى غۇجائەھمەد خەۋىرى: يېقىندا، چاقىلىق ناھىيەسىدە چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئىدا... |
237 | خەلقئارا ئوباما قورالنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى جاكارلىدى ھەمدە پارلامېنتىنى ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلدى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 5-يانۋار مەمۇرىي ۋاسىتىلار ئارقىلىق ئامېرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان قوراللىق زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن، قورالنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى جاكارلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلە... |
238 | خەلقئارا دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئامېرىكا تور بېتىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى باھالاش تورى يېقىندا خەلقئارا ئاۋام ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان چارىلەرگە ئاساسلىنىپ، ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ پاچا... |
239 | خەلقئارا گېرمانىيە زۇڭلى مەھكىمىسى گۇمانلىق پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇۋالدى 6-يانۋار، گېرمانىيە فدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ 6-يانۋار دەلىللىشىچە، فېدېراتسىيە زۇڭلى مەھكىمىسى شۇ كۈنى گۇمانلىق پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئاساسىي كىرىش ئېغىزى قامال قىلىنغان. بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن نۆۋەتتە قامال بىكار قىلى... |
240 | خەلقئارا شىمالىي ياۋروپادىكى ئون مىڭ شىمال بۇغىسى جەنۇبقا كۆچتى ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، مىلاد بايرىمىدىن كېيىن ئون مىڭغا يېقىن شىمال بۇغىسى كەڭ كۆلەملىك نورۇۋىگىيەدىن فىنلاندىيەگە كۆچۈش سەپىرىنى باشلىدى. |
241 | خەلقئارا پۇتىن يۇرتىغا قايتىپ، پىراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ مىلاد بايرىمىنى تەبرىكلىدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: رۇس گېزىتى نىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە 7-يانۋار پىراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ مىلاد بايرىمىنى كۈتۈۋالغان. ئەنئەنە بويىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يۇرتىدىكى چېركاۋغا بېرىپ مىلاد بايرىمىلىق پائالىيەتكە قاتناشقان... |
242 | شىنجاڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 31 غا يەتكۈزۈلىدۇ مۇخبىرنىڭ 6-يانۋار خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى يېڭىدىن 10 ئايرودۇرۇم سېلىپ، ئالتە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغا... |
243 | پەن مائارىپ ئەڭ گۈزەل ئاقسۇلۇق ياش قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى:2014-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مەنىۋىي مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ گۈزەل ئاقسۇلۇق ياش بولۇپ باھالانغان كۇچا ناھىيە چىمەن بازىرى دابوز 4-كەنتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ماھىرى ئابابەكرى كېرەم 6-يانۋا... |
244 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى:ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، سانائەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە سودىگەر چا... |
245 | شىنجاڭ ئەكبەر ئېلاخۇن رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىنىڭ 2016-يىلى 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، رۇسىيە موسكۋا تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىدا، رۇسىيە دۆلەتلىك ئاكادېمىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى كۇزنېسوب رۇ... |
246 | شىنجاڭ شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەلەش بازىسىدىن 17 سى بار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەلەش بازىسى ئاساسلىقى مائارىپ، پەن-تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى تايانچ قىلغان ئاپپارات بولۇپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن مۇئەييەن پەن-تېخنىكا مائارىپى، تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە سور... |
247 | تېمىلىق خەۋەر ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 23-يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 23-يانۋار ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 2016-يىللىق قىشلىق تەتىلنى كۈتۈۋالىدىكەن. 2-مەۋسۇملۇق ئوقۇشقا تىزىملاش خىزمىتى 21-فېۋرال ئېلىپ بېرىلىپ، 22-فېۋرال ئوقۇش باشلىنىدىكەن. 4-ئى... |
248 | تېمىلىق خەۋەر پۇتىن يۇرتىغا قايتىپ، پىراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ مىلاد بايرىمىنى تەبرىكلىدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: رۇس گېزىتى نىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە 7-يانۋار پىراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ مىلاد بايرىمىنى كۈتۈۋالغان. ئەنئەنە بويىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن يۇرتىدىكى چېركاۋغا بېرىپ مىلاد بايرىمىلىق پائالىيەتكە قاتن... |
249 | تېمىلىق خەۋەر سەنئەتكار پۈتۈن كائىناتنى بىر پارچە رەسىمگە سىغدۇرۇپ سىزدى ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا سەنئەتكار بابىلو كارۇس ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى ئاشكارا ئېلان قىلغان ماتېرىيال سۈرەتتىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن كائىناتنى بىر پارچە رەسىمگە سىغدۇرۇپ سىزىپ چى... |
250 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە تۆت تۈركۈم لاياقەتسىز يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاشكارلاندى شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 6-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 2015-يىلدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ 7-قارارلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىن... |
251 | شىنجاڭ سانجى مۇسابىقە رايونى ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى 6-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سانجى مۇسابىقە رايونىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، بۇ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا جايلاشقان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سانجى مۇسابىقە ... |
252 | خەلقئارا رۇسىيەدە 80 نەچچە ئادەم قاتتىق قاردا 15 سائەت قاپسىلىپ قالدى خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى : رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 2- يانۋار كەچتە رۇسىيە ئورۇنبۇرگ ئىشتاتىدا 84 ئادەم تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قاپسىلىپ قېلىپ، قۇتقۇزغۇچىلارنى 15 سائەتكە يېقىن... |
253 | شىنجاڭ باغراش ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار پىيادە يۈرۈپ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى 7-يانۋار باغراش ناھىيەسى تابانجۆكىن يېزىسى يولىدا دېھقان-چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن پىيادە يۈرۈش ئەترىتى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش، مەن ھەرىكەتتە، مەن خۇشال تېمىسىدا قىشلىق بەدەن چېن... |
254 | شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار قان تەقدىم قىلىش ئارقىلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى 7-يانۋار ئۈرۈمچى قان مەركىزى بىلەن شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قان تەييارلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىشتابىدىن 205 ئوقۇغۇچى جەمئىي 42 مىڭ م... |
255 | شىنجاڭ كورلىدا خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكار قەغەز قىيما ئارقىلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى 6-يانۋار كورلا شەھىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى قەغەز قىيما سەنئەتكارى ياڭ ئەيفىڭ سولدا ۋە ئۇنىڭ قىزى شادلىققا چۆمگەن 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نامىدىكى ئەسىرىنى نامايان قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسەرنى 10 كۈندە تامامل... |
256 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە 9-يانۋار ئازراق قار ياغىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 7-يانۋار ئويلىمىغان يەردىن قارنىڭ قەدىمى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ھەر يىل كۆرۈلىدىغان قىراۋلۇق ھاۋارايى بۇ يىل ھەددىن زىيادە كۆپ بولغان. شۇنىڭدەك 2-يانۋار ئۈچىنچى چىللە كىرگەن بولسىمۇ ھاۋا سوۋۇماي ئەكسىچە ئىللىپ كەتكەن. 7-يان... |
257 | مەملىكەت يەنتەيدە قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن 3000 دانە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى قولغا چۈشۈرۈلدى يېقىندا، يەنتەي چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى بىر ساياھەت سومكىسىدىن قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن 3000 دانە بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن ياسالغان 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى گىرىم بۇيۇمىنى ب... |
258 | خەلقئارا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون ۋېنگرىيەدە زىيارەتتە بولدى ۋېنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن ۋېنگرىيە زۇڭلىسى ئوربان پارلامېنت بىناسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. |
259 | خەلقئارا ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان سۈرىيە بازىرىدا 40 مىڭ كىشى ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى ساقلاپ تۇرماقتا شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا توردا سۈرىيەلىك مۇساپىرنىڭ بىر پارچە سۈرىتى كەڭ كۆلەمدە تارقالدى، سۈرەت تارتىلغان جاي سۈرىيەنىڭ مادايا رايونى بولۇپ، سۈرەتتىكى ئەر ئەخلەت دۆۋىلىرى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ تاشلىۋېتىلگەن نەرسىلەرنى يېمە... |
260 | خەلقئارا لىۋىيەدىكى بىر ساقچى مەكتىپى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 65 ئادەم قازا قىلدى شۇ يەر ۋاقتى 7- يانۋار لىۋىيەنىڭ زىلىتەندە، يەرلىكتىكى بىر ساقچىلارنى تەربىيەلەش مەشىق مەركىزى ئاپتوموبىل بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 65 ئادەم قازا قىلغان. |
261 | شىنجاڭ كورلىلىق شوپۇر ناخشا يېزىپ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نى كۈيلىدى يېقىندا تىڭشۈن ۋىدىيوسىغا ئېلان قىلىنغان يولغا چىقىش ناملىق ۋىدىيونىڭ چېكىلىش سانى قىسقىغىنە نەچچە كۈندىلا 5000 ئادەم قېتىم غا يەتتى. بۇ ۋىدىيونىڭ ناخشا تېكستىنى 2-شى كورلا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرى گۇ شۆۋېن يازغان بولۇپ، ناخشىس... |
262 | مەملىكەت شەندۇڭدا زور سوممىلىق ساختا پۇل دېلوسى پاش قىلىندى جىنەندىن جۇچېڭغا قاراپ يولغا چىققان پوچتا بوغچىسىدىن بىر دانە يۈتكەن مال تالونى تېپىلىپ، بۇ بوغچا ئارقىلىق ئون مىليون يۈەنلىك ساختا پۇل دېلوسى پاش قىلىنغان. بوغچىدىن بىر يەشىك 20 يۈەن قىممىتىدىكى ساختا پۇل تېپىلغاندىن كېيىن ساقچىلار تەكشۈرۈشنى باشلاپ، شەندۇڭ، ... |
263 | خەلقئارا ۋاشىنگتون دۆلەتلىك باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىق بېيبېي نىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى 7-يانۋار ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، چوڭ مۈشۈكئېيىق بېيبېي نىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى ۋاشىنگتون دۆلەتلىك باغچىسىدىكى تۆت ئايلىق بولغان مۈشۈكئېيىق بېيبېي نىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈلدى. |
264 | خەلقئارا پارىژدا ساقچىلار ساقچى ئىدارىسىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان بىر ئەرنى ئېتىۋەتتى شۇ يەر ۋاقتى 7-يانۋار، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى ساقچى ئىدارىسىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان بىر ئەرنى ئېتىۋەتكەن. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىن 2 3 قېتىم ... |
265 | مەملىكەت ئارالدىكى قىزىتمىسى ئۆرلەپ تارتىشىپ قالغان بىر بالا شىمالىي دېڭىز قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى 7- يانۋار، دالىيەن ئايرودۇرۇمىنىڭ شەرقىگە 76 دېڭىز مىلى كېلىدىغان چاڭخەي ناھىيەسى دېڭىز-ئوكيان ئارىلىدا، بىر ياشلىق بىر بالا قىزىتمىسى ئۆرلەپ تارتىشىپ، نەپەسلىنىشى قىيىنلاشقان. ئارالنىڭ داۋالاش شارائىتى ... |
266 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى يېڭى رايوندا 11 تارماق يول ياسىلىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 6-يانۋار، ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى پەن-تېخنىكا رايونى يېڭى شەھەر رايونى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى يېڭى رايوننىڭ 2016-يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2016-يىلى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى يېڭى رايوندا 11 تارماق يول ياسىلىدىكەن ھەمدە ئا... |
267 | خەلقئارا كونگودا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، 15 كىشى قازا قىلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 7-يانۋار، كونگودىكى گومانىڭ شىمالىدىكى مىرىكىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۋاندادىكى خۇتۇ مىللىتى بولغان ھۆكۈمەت خادىملىرى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 15 كىشى قازا قىلغان. |
268 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى 16 مەززىلىك تائاملار كوچىسى شەھەر دەرىجىلىك ئالاھىدە مەززىلىك تائاملار رەستىسى شەرىپىگە ئېرىشتى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى 16 مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئالاھىدە مەززىلىك تائاملار رەستىسى دېگەن نام بېرىلدى. 6-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالاھىدە يېمەك-... |
269 | شىنجاڭ سۇپىدىن سەكرەپ قار تېيىلىش مۇسابىقىسى 9-يانۋار خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يابۇلىدا باشلىنىدۇ 9-، 10-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇپىدىن سەكرەپ قار تېيىلىش مۇسابىقىسى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يابۇلى تەنتەربىيە مەشىق بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، 5 نەپەر سۇپىدىن سەكرەپ قار تېيىلىش ماھىرى ئۈرۈ... |
270 | پەن مائارىپ بېيجىڭلىق مېھرىبان ئانىلار ئەۋەتكەن پوپايكىلار قاراقاشلىق بالىلارغا يەتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، مەتساۋۇر مەمەتئابدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: بېيجىڭ شەھىرى دوڭچېڭ رايونىدىكى كەشتىچى ئانىلار ئۆز قولى بىلەن توقۇغان 78 دانە پوپايكا، 50 دانە پوسما 7-، 8-يانۋار كۈنلىرى قاراقاش ناھىيەلىك ب... |
271 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قورغاس ناھىيەسى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى روشەنباغ كەنتىدىكى 21 ياشلىق ئىبادەت ئەيساجان ناھىيەنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش رايونىدىكى شىئوۋكېۋېي كىيىم كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئۇستى... |
272 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر شايار ناھىيەسى كاپالەتلىك ئۆيلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ئابدۇۋەلى ئۆمەر، مۇكەررەم ئالاۋۇدۇن خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسى كاپالەتلىك ئۆيلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ كاپالەتلىك ئۆيگە ئىگە بولۇۋېلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. بۇ ... |
273 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر گۇما ناھىيەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيدى مۇھەممەت ھېيت خەۋەر قىلىدۇ: گۇما ناھىيەسى بۇلتۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن كىشىنى ئ... |
274 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى مېيىپلەر تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولدى ئەبەيدۇللا مۇھەممەتنىياز، ئابدۇكېرىم ئابلا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بايىنغولىن ئوبلاستى مېيىپلەر خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلدى. بۇ ئوبلاستتا 67 مىڭ 827 مېيىپ با... |
275 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلدى تۇرسۇنجان ھەسەن، ئايتۇرەم مامۇت خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندىن بۇيان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، كېسەللىك ئەھۋالىغا ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش ئەھۋ... |
276 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسى دېھقانلار جىددىي ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سالدى ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر دېھقانلار جىددىي ئېھتىياجلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 550 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ياراتتى. بۇ ناھىيە بۇل... |
277 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كۇچا ناھىيەسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى قوغدالدى راھىلە توختى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىدىكى سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇلتۇر قانۇن ئىجراسىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بازار مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك نازارەتچىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قو... |
278 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى قىزىلسۇ ئوبلاستى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى شەمشىدىن خەپتىمھاجىم خەۋەر قىلىدۇ: قىزىلسۇ ئوبلاستى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقتىن، بۇلتۇر سودىگەر ۋە مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدىن 124ى يولغا قويۇلۇپ، 8 مى... |
279 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توققۇزتارا ناھىيەسى مەدەنىي ناھىيە بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى مۇيەسسەر خېلىل خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى 12 بەش يىل مەزگىلىدە مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك كەنتتىن بىرنى، ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىي يېزا بازاردىن بىرنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىي ناھىي... |
280 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قورغاس ناھىيەسىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپى يۈكسەلدى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: قورغاس ناھىيەسى مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى ئاساس، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۇقتا قىلىپ، بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك، خېيىم خەتىرى ئاز، ئىش ئورنى كۆپ توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈردى. بۇ ناھىيە ت... |
281 | مەملىكەت جېڭجۇدا بىر دوختۇرخانا مەجبۇرىي چېقىۋېتىلدى شىنخۇا تورى جېڭجۇ 7-يانۋار تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 4- دوختۇرخانىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ قىسمەن قۇرۇلۇشلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز چېقىلىپ، بىر قىسىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن، جەسەت ساقلاش ئۆيى ئۆرۈۋې... |
282 | مەملىكەت 2- توپچى قىسىم باش دوختۇرخانىسىنىڭ نامى رەسمىي ھالدا راكېتا ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى 8- يانۋاردىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، 2- توپچى قىسىم باش دوختۇرخانىسىنىڭ نامى 2016-يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا راكېتا ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2-توپچى قىسىم باش دوختۇرخانىسى ئەسلىدىكى ب... |
283 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كورلا شەھىرى بۇلتۇر 20 مىليون 900 مىڭ يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تولۇقلىمىسى تارقاتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: كورلا شەھىرى بۇلتۇر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تولۇق باھاسى بىلەن سېتىۋېلىش، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار ھېسابلاش، تولۇقلىمىنى كارتىغا بىۋاستە ئۇرۇپ بېرىش تەك ت... |
284 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇ... |
285 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى 343 ئادەمگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى تارقاتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى يېقىندا، ناھىيەدىكى 343 ئادەمگە 1 مىليون 29 مىڭ يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، بۇ ناھىيەدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى ... |
286 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2015-يىللىق بەش چوڭ ئېشىش ئەھۋالى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەت ئىسمائىل خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردىمى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى نىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىدى. كۇچا ناھىيەسى ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيە ، ... |
287 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسىدە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر تەكشى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى ئوتتۇ... |
288 | شىنجاڭ شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پۈتۈن يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 25 مىليون 360 مىڭ ئادەم قېتىم غا يەتتى ئىگىلىنىشچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 18 مىليون 510 مىڭ ئادەم قېتىم غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە 15 تارماق ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 6 مىليون 850 م... |
289 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: ئىلى ئوبلاستىدا ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تېما تەربىيەسى پۇختا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك بويىچە تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، ئىستىل سىجىل يا... |
290 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى مېيىپلار دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەخەت ھامۇللا، مېھرىگۈل ئابدۇكېرىم خەۋىرى:پەيزاۋات ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى 2010-يىلدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ مېيىپلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلارنى يۆلەپ نامراتلى... |
291 | مەملىكەت جۇڭگو سوت مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ يېڭى مۇزېيى ئېچىلدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: مەملىكىتىمىزنىڭ سوت مەھكىمىلىرى تارىخىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي كىتابلار ساقلانغان جۇڭگو سوت مەھكىمىسى مۇزېيى 2016-يىلى 6-يانۋەر رەسمىي ئېچىلدى. جۇڭگو سوت مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ يېڭى مۇزېيى بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونى... |
292 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئىلى ئوبلاستىدا خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: ئىلى ئوبلاستى 2015-يىلىدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 26 خىلدىكى 98 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى نەقلەشتۈردى. 29 مىڭ ئائىلىگە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تۇرالغ... |
293 | خەلقئارا كورېيە ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ئۈسكۈنىلىرىنى قايتا قوزغاتتى خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى: كورېيە كۈندىلىك ئىقتىساد نىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە 8-يانۋار ئومۇميۈزلۈك ھالدا چاۋشيەن-كورېيە ھەربىي ئىشلار چېگرىسى ئەتراپىدىكى ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ئۈسكۈنىلىرىنى قايتىدىن قوزغاتقان ھەمدە چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئاگاھلاندۇرۇش... |
294 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەغەز قىيما ئىجادىيىتى ئارقىلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قارشى ئالدى 7-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 121-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 30 پارچە قەغەز قىيما ئەسىرى ئىجاد قىلىپ، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قارشى ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەكتەپ گۈزە... |
295 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا بازارلارنىڭ ھاياتى كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى:بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا 763 كە، رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال 4 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %14 ۋە %66 ئاشتى. يېڭىدىن گۈللىنى... |
296 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنىڭ يېڭى ئۆلچىمى يولغا قويۇلغىلى بىر ھەپتە بولدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 7-يانۋارغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتى ھەققى ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئۈرۈمچىدە ئەمەلىيلەشكىلى بىر ھەپتە بولدى... |
297 | شىنجاڭ كورلا، قەشقەردە يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش پىلانلاندى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار كورلا ۋە قەشقەردىن ئىبارەت ئىكككى شەھەردە يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ... |
298 | شىنجاڭ 150 نەپەر پىدائىي مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ 2015-يىل 1-دېكابىر ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن پىدائىيلار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 50 كۈن قالغاندا پىدائىيلار بايراق تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ مەكتەپتىن 150 پىدائىي قى... |
299 | شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنى ياساش پىلانلاندى ئىلگىرى خوتەندىن ئىچكى رايونلارغا بېرىشتا ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. بۇندىن كېيىن، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يول بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇش باشلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ھالەتكە خاتىمە بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەر... |
300 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا سەككىز مىڭغا يېقىن يولۇچى سوغۇق تۇمان سەۋەبىدىن تۇرۇپ قالدى سوغۇق تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 6-يانۋار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىغان ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئومۇميۈزلۈك كېچىكىپ، سەككىز مىڭغا يېقىن يولۇچى تۇرۇپ قالدى. مۇخبىرنىڭ 6-يانۋا... |
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.