Dataset Viewer
Auto-converted to Parquet Duplicate
path
audioduration (s)
1.2
65.6
sentence
stringlengths
11
748
بىز نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق بۇ قاقاس يەرنى ئاخىرى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇردۇق
بۇ دورىنى ھېلىلا قايناتقان چاققان بول ئىسسىقىدا ئىچىۋالغىن
ئەدەبىيات مۇئەللىم كىشگەھامان يېقىملىق تۇيۇلىدۇ
سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭ خۇددى چاڭقىغانغا سۇ بەرگەندەك ئىش بولدى كۆپتىن كۆپ رەھمەت
يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋا خۇددى سۈزۈپ تازىلانغاندەك ئىنتايىن ساپ بولىدۇ
قار بارغانچە قاتتىق ياغدى يولدىكى پىيادىلەر تېخىمۇ شالاڭلاپ كەتتى
بۇ قېتىمقى ئىلغارلارنى باھالاش ئادىل بولغاچقا كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى
نەتىجىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ يېتەرسىزلىكىمۇ ئاز ئەمەس بۇ باھا ئادىل بولغاندۇ
مەدەنىي سىنىپ بولۇپ باھالىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئورتاق كۆرەش نىشانى بولۇپ قالدى
چەتكە چىقىپ بىلىم ئىگىلىگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىمەن تەشكىلنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن
ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى پەرىزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى
ئۇ ياشانغان تەنھا ئادەم دائىم چايخانىدىن چىقماي باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراشقا ئامراق
ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يات ئادەملەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بىردىنلا يالغۇزلۇق ھېس قىلدى
ئەيىبلەش كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ ئىلھاملاندۇرۇش كىشىنى روھلاندۇرىدۇ
بىز يېزىقچىلىققا ماتېرىيال توپلاشتا تۇرمۇشىنى كۆپ كۆزىتىشىمىز لازىم
مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملىرى ھەقىقىي تۈردە ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشى شەرت
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەش ھەرىكىتى قوزغىتىلدى
بالىلارنىڭ گۆدەكلىكتىن يېتىلگەنگىچە بولغان ئۆتكۈنچى دەۋرىدە ئاتا ئانىلار كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم
ياشانغانلار ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە ياشلار كەلگۈسىنى ئويلاشقا ئامراق
بۇ كىتابقا يېزىلغىنى ساپلا جىن شەيتانلارنىڭ ھېكايىسى بولغاچقا ئۇ ئوقۇغانسېرى قورقتى
سېنىڭ ئىلگىرىلىشىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى قانچىلىك زېھنىنى سەرپ قىلدى ھە
كۆپچىلىك كۆزىلىرىنى چەكچەيتىپ ئوقۇتقۇچى ئىشلەۋەتقان تەجرىبىنى قىزىقىپ كۆرمەكتە ئىدى
سېنىڭ بىر ئىشنى ئاخىرغىچە چىداپ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىي ئىرادەڭ كىشىنى قايىل قىلىدۇ
كەينىگە داجىغان ئادەملەر يول ياقىسىدىكى يايمىلارنى ئۆرۈۋەتتى
ئوخشاشمايدىغان پىكىر بولسا كۆپچىلىك ئۆزئارا مۇزاكىرىلەشسە بولىدۇ
ئاساسىمىز بولمىسا باشقىلاردىن خالىغانچە گۇمانلانساق بولمايدۇ
باھار كەلدى دەرەخ شاخلىرىدىكى قۇشلار خۇشاللىقىدىن سايراشماقتا
شاد خۇراملىق ناخشا ساداسى مەكتەپ ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى
ئاي يەرشارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ھەمراھدۇر
مەغلۇبىيەت قورقۇنچلۇق ئەمەس قورقۇنچلۇقى مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى روھسىزلىنىش
دوختۇر ھېلىقى بىھۇش ئادەمنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ
ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى بولغاچقا بۇ خىل جىددىي ھەرىكەتكە ماسلىشالايدۇ
ئۇ ئۆزى يېڭى ئىجاد قىلغان ناخشا تېكستىنى ماڭا قايناق ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى
ئۇ مەخسۇس خاتىرە تۇتۇپ پاساھەتلىك جۈملىلەرنى توپلىدى
مەكتەپ يازلىق تەتىلگە قويۇپ بەردى دادام ئاپام مېنى مومامنىڭكىگە قويۇپ قويدى
ياشلار ئۆسمۈرلەر جاپا مۇشەققەتلىك شارائىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇشى لازىم
تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشى بولغاندا جاپا مۇشەققەتكە چىداپ ئاددىي ساددا ئۆتۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز لازىم
دالىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈنلەردە تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن جاپالىق بولدى
ھەرقايسى تۈر مۇسابىقىسىدە يېڭىپ چىققانلار مۇكاپاتلاندى
بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق
ئۇلار ئىككىسى بەك قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتىپ دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقىنىڭ چېلىنغانلىقىنىمۇ ئاڭلىماي قاپتۇ
تېلىفوندىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تېز دېگەن تاقەتسىزلەنگەن ئاۋاز كەلدى
تېخنىك خادىم بۇ ئەسۋابنىڭ ئېغىش ئەھۋالىنى چېرتيوژدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە ئوڭشىدى
خاتالىق ۋەئوڭۇشسىزلىقلار بىزگە ساۋاق بولدى شۇنداقلا بىزنى زېرەكلەشتۈرۈۋەتتى
ئويۇن قالتىس ئوينالغاچقا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى
ئاكام كومپيۇتېرغا پۇختا
مىڭ بىر جاپا مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇ ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى
بىز ئۆزىمىزنى كوللېكتىپقا پايدىسىز ئىشنى قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرشىمىز لازىم
جىسىملارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى مۇتلەق بولىدۇ تۇرغۇن ھالىتى بولسا نىسپىي ۋاقىتلىق بولىدۇ
خەلق ئۆز داھىيسىنى سۆيىدۇ
ئۇنى تەپ تارتماي مۇشۇنداق ئىشنى قىلىدۇ دەپ ھەرگىز ئويلىماپتىكەنمەن
سىڭلىم ئويلىمىغان يەردىن ئاپامنىڭ سوئالىغا جاۋابمۇ بەرمەستىن ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كېتىپ قالدى
مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا نۇرغۇن ئادەم توپلاشقانىدى
مەن سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىدە ياشاشنى ئىنتايىن بەختلىك ئىش دەپ بىلىمەن
ئاپام مېنى بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە ئاپارماقچى بولدى
دېڭىز يۈزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكىنى ئۆلچەم قىلغان ئېگىزلىك مۇتلەق ئېگىزلىكتۇر
سائەت ماياتنىكى تەكشى ئاۋاز چىقارماقتا
سەن بۇ ئىشنى ياخشىراق ئويلانغىن
ئۆيىمىزدە بىر ئوماق مۈشۈك باقتۇق
بىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىتتىپاقلىشىش ئىمكانىيىتى بولغانلىكى كۈچلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىمىز لازىم
ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلمىغان ئادەم تولىمۇ يىرگىنچلىكتۇر
ئوقۇتقۇچىنىڭ قولى بوشىغاندا ئاندىن سورايلى
بۇ قوراللىق ساقچى جەڭچىسى تازىمۇ بەستلىك ئىكەن
بىز پارتىيە خەلققە سەمىمىي ساداقەتمەن بولۇشىمىز لازىم
ئۇ ئىنتايىن ياۋاش ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن جېدەللەشمەيدۇ
سەن رازى بولساڭلا بولدى مەن ئازراق رىيازەت چەكسەممۇ كارى چاغلىق
بىلىم ئاز ئازدىن توپلىنىدۇ
ئۇ ماڭا سوغۇققىنا بىر قاراپ قويدى
تېكىستنى باغلاشتۇرۇپ ئوقۇش ئۈزۈلدۈرمەسلىك كېرەك
نەنپۇ چوڭ كۆۋرۈكى خۇاڭپۇجياڭنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ
بۇ دەز تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن
زېمىننى قويۇق تۇمان قاپلاپ ھېچنىمىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى
ئۆزۈڭ قىلالايدىغان ئىشنى ئىمكانقەدەر ئۆزۈڭ ئىشلە باشقىلارنى ئاۋارە قىلما
گۈمۈرۈلگەن لاي تۇپراق تاغ ئېتىكىدىكى تاشيولنى كۆمۈۋەتتى
مەن يازلىق تەتىلدە ماتېماتىكىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەكچىمەن
باشقىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشمۇ كۆڭۈللۈك ئىشتۇر
خېرىدارلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاتالمىش ئېسىل مەھسۇلاتلار ئەسلىي ئېسىل دەپ كۆرسىتىلگەن ساختا مەھسۇلاتلار ئىكەن
ئىلىم پەن خىزمىتى بويىچە قېدىرىپ تەكشۈرگۈچىلەر ئىنسان ئايىغى باسمىغان قۇملۇققا خەتەرگە قارىماي ئىچكىرىلەپ كىردى
ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپچىلىكنى گاڭگىراشتىن خالاس قىلدى
جىنايەتچىلەرنىڭ چىرايلىق گەپلىرى سالماق زېرەك جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنى قايمۇقتۇرالمايدۇ
دەريا يۈزىنى تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە كېمىلەر توختاشقا مەجبۇر بولدى
بىردەمنىڭ ئىچىدە جاھاننى قارا بۇلۇت قاپلاپ يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك تۆكۈۋەتتى
ھۆسن تۈزەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى
يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ قىياپىتىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىشلەر بولدى
جاپالىق مۇھىتتا چېنىقتۇرۇشمۇ تالانت ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرۈشىنىڭ بىر خىل يولى
ئېلاندىكى خەتلەر تۇتۇقلىشىپ كېتىپتۇ
ھەق ناھاقنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك
ئۇنىڭ ئوقى نىشانغا تەگدى
بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشىڭ ئاسان ئەمەس ئىككىمىز بۈگۈن ئوبدان پاراڭلىشايلى
ئۇ ئادەتتە تىرىشىپ ئۆگىنىدىكەن نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك
كونا جەمئىيەتتە ئەمگەكچى خەلقنىڭ كۈن ئالمىقى تەس ئىدى
بۇ قېتىمقى ساياھەتتە كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغىنى ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى بولدى
ئۇ سۆزىدە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەزمۇنغا بېرىپ تاقالدى
بۇ خىزمەتنى ئوسمانغا تاپشۇرايلى ئۇ سالماق قابىلىيەتلىك بۇ خىزمەتنى چوقۇم ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ
جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى جۇڭگو خەلقنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى غەزەپ ئوتىنى تۇتاشتۇردى
ساقچى كالتىكى ئېسىۋالغان چارلاش ساقچىلىرى چوڭ كوچىنى كېچە كۈندۈز چارلاپ يۈرىدۇ
مېنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش ئىلتىماسىم ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى
بۇ زاۋۇت بەك چەتتە بولغاچقا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا بېرىپ كېلىشىگە تولىمۇ قۇلايسىز ئىكەن
بىردەم ساقلاڭ قورۇما ھازىرلا تەييار بولىدۇ
كەلكۈندىن كېيىن دەريادا دەرەخ شاخلىرى لاۋا لاتقا ۋە تاختايلار لەيلەپ يۈرەتتى
End of preview. Expand in Data Studio
README.md exists but content is empty.
Downloads last month
1