Dataset Viewer
Auto-converted to Parquet Duplicate
text
stringlengths
36
1.04k
until_last
stringlengths
27
1.03k
last_word
stringlengths
2
15
بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن موماي ئۈزىنىڭ ئۈچ-تۈت يېتىم نەۋرىلىرىنى بېقىپ، بىر دەريانىڭ بويىدا ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەقەت بىر تۈپلا قاغا جىگدىسى بار ئىكەن. ئۇلار تولىسى شۇ جىگدە بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن. ئەمما بۇ جىگدىگە قاغىلار ئۈگىنىۋاپتۇ. بىرى كەتسە، بىرى كېلىپ جىگدىگە ئارام بەرمەپتۇ. بوۋاي جىگدىنى قاغىلاردىن ساقلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپتۇ. ئويلا-ئويلا ئاخىر چارە تېپىپتۇ
بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن موماي ئۈزىنىڭ ئۈچ-تۈت يېتىم نەۋرىلىرىنى بېقىپ، بىر دەريانىڭ بويىدا ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەقەت بىر تۈپلا قاغا جىگدىسى بار ئىكەن. ئۇلار تولىسى شۇ جىگدە بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن. ئەمما بۇ جىگدىگە قاغىلار ئۈگىنىۋاپتۇ. بىرى كەتسە، بىرى كېلىپ جىگدىگە ئارام بەرمەپتۇ. بوۋاي جىگدىنى قاغىلاردىن ساقلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپتۇ. ئويلا-ئويلا ئاخىر چارە
تېپىپتۇ
بىر كەپتەرنىڭ باچكىسىنى ئۈلتۈرۈپ، قېنىنى پۇتلىرىغا، كىندىكلىرىگە، باشلىرىغا سۇۋاپتۇ-دە، جىگدىنىڭ ئاستىغا كېلىپ، ئۈلۈپ قالغاندەك بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بىر چاغلاردىن كېيىن بىر قاغا جىگدىگە كېلىپ قونۇپ، كانىيىنى سوزۇپ قاقىلداپتۇ، بوۋاينىڭ يۈزىگە جىگدىلەردىن بىر نەچچىنى چوقۇلاپ چۈشۈرۈپ سىناپتۇ. قارىسا جىم. "ھە، بۇ بىر تاپ ئوخشايدۇ" دەپ پەسكە چۈشۈپتۇ
بىر كەپتەرنىڭ باچكىسىنى ئۈلتۈرۈپ، قېنىنى پۇتلىرىغا، كىندىكلىرىگە، باشلىرىغا سۇۋاپتۇ-دە، جىگدىنىڭ ئاستىغا كېلىپ، ئۈلۈپ قالغاندەك بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بىر چاغلاردىن كېيىن بىر قاغا جىگدىگە كېلىپ قونۇپ، كانىيىنى سوزۇپ قاقىلداپتۇ، بوۋاينىڭ يۈزىگە جىگدىلەردىن بىر نەچچىنى چوقۇلاپ چۈشۈرۈپ سىناپتۇ. قارىسا جىم. "ھە، بۇ بىر تاپ ئوخشايدۇ" دەپ پەسكە
چۈشۈپتۇ
ئاستا ئالچاڭلاپ كېلىپ، بوۋاينىڭ قورسىقى ئۈستىگە چىقىپ، كىندىكىدىكى قېتىپ قالغان قانلارنى ئېلىپ يەپتۇ. ئۈغزىنى تەمشىپ شۇنداق قارىسا، راستلا خۇدا بەرگەن بىر ئولجا. شۇ يەردىن قاغا ئاۋۋال "ئۈلۈك"نىڭ كۈزىنى چوقۇپ يەي دەپ بىر سەكرەپ بوۋاينىڭ ئېچىلىپ قالغان ئېغزىغا قونۇپتۇ
ئاستا ئالچاڭلاپ كېلىپ، بوۋاينىڭ قورسىقى ئۈستىگە چىقىپ، كىندىكىدىكى قېتىپ قالغان قانلارنى ئېلىپ يەپتۇ. ئۈغزىنى تەمشىپ شۇنداق قارىسا، راستلا خۇدا بەرگەن بىر ئولجا. شۇ يەردىن قاغا ئاۋۋال "ئۈلۈك"نىڭ كۈزىنى چوقۇپ يەي دەپ بىر سەكرەپ بوۋاينىڭ ئېچىلىپ قالغان ئېغزىغا
قونۇپتۇ
كۈزىنى چوقۇش نەدە تۇرسۇن... قاغا ئۈز كويىدا قاپتۇ. قارىسا بارماقلىرى بوۋاينىڭ ئاغزىدا قىسىلىپ قاپتۇ. قاغا دەررۇ بىر ھىيلە ئويلاپ: "مۇبارەك بولسۇن تىرىلىپ قالغانلىرىغا بوۋاي!" دەپتۇ. بوۋاي "ھىم" دەپ ئېغزىنى شۇنداق ئېچىشىغا قاچماقچى بولغان قاغا ئەمدى ئۈزىنى بوۋاينىڭ چاڭگىلىدا كۈرۈپتۇ
كۈزىنى چوقۇش نەدە تۇرسۇن... قاغا ئۈز كويىدا قاپتۇ. قارىسا بارماقلىرى بوۋاينىڭ ئاغزىدا قىسىلىپ قاپتۇ. قاغا دەررۇ بىر ھىيلە ئويلاپ: "مۇبارەك بولسۇن تىرىلىپ قالغانلىرىغا بوۋاي!" دەپتۇ. بوۋاي "ھىم" دەپ ئېغزىنى شۇنداق ئېچىشىغا قاچماقچى بولغان قاغا ئەمدى ئۈزىنى بوۋاينىڭ چاڭگىلىدا
كۈرۈپتۇ
ئاخىر قاغا: __ باش-كۈزىڭىزنىڭ سادىغىسى بولاي، مېنى قويۇپ بەرسىڭىز! __ دەپ يالۋۇرۇپتۇ. __ تاس قالدىم كۈزۈمنىمۇ ساڭا سادىغا قىلغىلى، ئەمدى سېنى قويۇپ بېرىش دېگەن نەدىكى گەپ، __ دەپ ئۇنىماپتۇ بوۋاي. __ مەن سىزنى تۈگىمەس دۇنياغا يەتكۈزۈپ قوياي... __ دەپ يەنە يالۋۇرۇپتۇ قاغا. __ مەن چىرايلىق سۈزلەرگە ئالدىنىپ، قېرىغاندا مۇشۇ كۈنلەرگە قالغان، ئەمدى ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ساڭا ئالدىنىپ نەگە باراي، __ دەپتۇ بوۋاي
ئاخىر قاغا: __ باش-كۈزىڭىزنىڭ سادىغىسى بولاي، مېنى قويۇپ بەرسىڭىز! __ دەپ يالۋۇرۇپتۇ. __ تاس قالدىم كۈزۈمنىمۇ ساڭا سادىغا قىلغىلى، ئەمدى سېنى قويۇپ بېرىش دېگەن نەدىكى گەپ، __ دەپ ئۇنىماپتۇ بوۋاي. __ مەن سىزنى تۈگىمەس دۇنياغا يەتكۈزۈپ قوياي... __ دەپ يەنە يالۋۇرۇپتۇ قاغا. __ مەن چىرايلىق سۈزلەرگە ئالدىنىپ، قېرىغاندا مۇشۇ كۈنلەرگە قالغان، ئەمدى ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ساڭا ئالدىنىپ نەگە باراي، __ دەپتۇ
بوۋاي
__ مەن بولسام قاغىلارنىڭ ئەڭ قېرىسى، يېشىم بولسا مىڭدىن ئاشتى. ئاخىرقى ئۈمرۈمدە ۋەدەمگە شۇنداق بىر ۋاپا قىلىپ ئۈتەيكى، ئادەم بالىسى مېنى بىر بىلىپ قالسۇن... __ دەپ كوسا ئېڭەكلىرىنى بوۋاينىڭ ئوتۇندەك بارماقلىرىغا سۈركەپ يىغلاپتۇ. "قېرى قېرىنىڭ قاياشى" دەپ قاغىنى قويۇپ بېرىپتۇ. قاغا ئىنتايىن خۇش بولۇپ تەزىم قىلىپ: __ قېنى، مېنىڭ ئارقامغا كىرىپ مېڭىڭ، __ دەپتۇ
__ مەن بولسام قاغىلارنىڭ ئەڭ قېرىسى، يېشىم بولسا مىڭدىن ئاشتى. ئاخىرقى ئۈمرۈمدە ۋەدەمگە شۇنداق بىر ۋاپا قىلىپ ئۈتەيكى، ئادەم بالىسى مېنى بىر بىلىپ قالسۇن... __ دەپ كوسا ئېڭەكلىرىنى بوۋاينىڭ ئوتۇندەك بارماقلىرىغا سۈركەپ يىغلاپتۇ. "قېرى قېرىنىڭ قاياشى" دەپ قاغىنى قويۇپ بېرىپتۇ. قاغا ئىنتايىن خۇش بولۇپ تەزىم قىلىپ: __ قېنى، مېنىڭ ئارقامغا كىرىپ مېڭىڭ، __
دەپتۇ
قاغا بىردەم ئۇ دەرەخكە، بىردەم بۇ دەرەخكە قونۇپ، ئاخىر بىر جاڭگالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ يوغان قېرى بىر توغراققا كېلىپ قونۇپتۇ. بوۋاي ھاسىسى بىلەن دوڭغاقلاپ كېلىپ، ئەتراپقا شۇنداق قارىسا، مال-چارۋا دېگەن مىغىلداپ يايلىغان. قويلارنىڭ ئۈستىدە تورغايلار ئۇۋىلىغان، سۇلۇق، ئوتلۇق... شۇنداق چىرايلىق بىر جاڭگال. قاغا توغراقنىڭ تۈۋىدىكى كامارنىڭ يېنىغا چۈشۈپ: __ خوش، بوۋاي، قېنى ئىلتىپات قىلسىلا، __ دەپ ئۈيىگە تەكلىپ قىپتۇ
قاغا بىردەم ئۇ دەرەخكە، بىردەم بۇ دەرەخكە قونۇپ، ئاخىر بىر جاڭگالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ يوغان قېرى بىر توغراققا كېلىپ قونۇپتۇ. بوۋاي ھاسىسى بىلەن دوڭغاقلاپ كېلىپ، ئەتراپقا شۇنداق قارىسا، مال-چارۋا دېگەن مىغىلداپ يايلىغان. قويلارنىڭ ئۈستىدە تورغايلار ئۇۋىلىغان، سۇلۇق، ئوتلۇق... شۇنداق چىرايلىق بىر جاڭگال. قاغا توغراقنىڭ تۈۋىدىكى كامارنىڭ يېنىغا چۈشۈپ: __ خوش، بوۋاي، قېنى ئىلتىپات قىلسىلا، __ دەپ ئۈيىگە تەكلىپ
قىپتۇ
بوۋاي: __ بۇ كامارغا قانداق پاتىمەن؟ __ دەپتۇ. قاغا: __ قېنى، قەدەملىرىنى قويسىلا، بىر گەپ بولار، __ دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ شۇنداق قەدەم تاشلىغاننى بىلىپتۇ، قالغىنىنى بىلمەپتۇ. كۈزلىرىگە ھەر خىل يورۇقلۇق كۈرۈنۈپتۇ، قۇلاقلىرىغا خىلمۇخىل يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ، ئالدىغا ئۈنچىلەر چېچىلىپ، قۇلۇپلار جاراڭلاپ، چوڭ ئىشىكلەر ئېچىلىپتۇ
بوۋاي: __ بۇ كامارغا قانداق پاتىمەن؟ __ دەپتۇ. قاغا: __ قېنى، قەدەملىرىنى قويسىلا، بىر گەپ بولار، __ دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ شۇنداق قەدەم تاشلىغاننى بىلىپتۇ، قالغىنىنى بىلمەپتۇ. كۈزلىرىگە ھەر خىل يورۇقلۇق كۈرۈنۈپتۇ، قۇلاقلىرىغا خىلمۇخىل يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ، ئالدىغا ئۈنچىلەر چېچىلىپ، قۇلۇپلار جاراڭلاپ، چوڭ ئىشىكلەر
ئېچىلىپتۇ
قارىسا بوۋاي بىر بوستانلىقتىكى سۇپىغا كېلىپ قاپتۇ. قاغا بوۋاينى سۇپىنىڭ ئۈستىگە تەكلىپ قىپتۇ، ئۈزى سۇپىنىڭ بىر چېتىدىكى پۇتلىرىغا رەڭمۇرەڭ گۈللەر يامىشىپ كەتكەن بىر كۇرسا (ئورۇندۇق)نىڭ ئۈستىگە قونۇپ: __ مەن بولسام قاغىلارنىڭ خىزىرى، شۇنداق بولسىمۇ ئادىتىمىز ئارقىسىغا كىرىپ، سىزگە يولۇقۇپ قالدىم... خەير، ۋەدىگە ۋاپا، قىرراق! __ دەپتىكەن، سۇپىنىڭ ئالدىغا بىر قارا ئېشەك پەيدا بوپتۇ
قارىسا بوۋاي بىر بوستانلىقتىكى سۇپىغا كېلىپ قاپتۇ. قاغا بوۋاينى سۇپىنىڭ ئۈستىگە تەكلىپ قىپتۇ، ئۈزى سۇپىنىڭ بىر چېتىدىكى پۇتلىرىغا رەڭمۇرەڭ گۈللەر يامىشىپ كەتكەن بىر كۇرسا (ئورۇندۇق)نىڭ ئۈستىگە قونۇپ: __ مەن بولسام قاغىلارنىڭ خىزىرى، شۇنداق بولسىمۇ ئادىتىمىز ئارقىسىغا كىرىپ، سىزگە يولۇقۇپ قالدىم... خەير، ۋەدىگە ۋاپا، قىرراق! __ دەپتىكەن، سۇپىنىڭ ئالدىغا بىر قارا ئېشەك پەيدا
بوپتۇ
قاغا: __ مانا بۇ ئېشەك سىزگە ۋاپالىق سوۋغىسى. سىز بۇ ئېشەككە شۇنداق مىنگەندە ئۈزىڭىزنى بىر يول ئۈستىدە كۈرىسىز؛ شۇ يول بىلەن مېڭىپ، كەچ قالسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭكىدە قونماي، ئۈيىڭىزگە بېرىڭ. ئەگەر دۇنيا لازىم بولسا مۇشۇ ئېشەكنى بىر كۈرپىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ: "ساڭقاڭ (تېزەكلەڭ) ئېشىكىم، ساڭقاڭ، ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاڭ!" دېسىڭىز، سىزگە ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاپ بېرىدۇ، لېكىن بۇ سىرنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ، __ دەپتۇ
قاغا: __ مانا بۇ ئېشەك سىزگە ۋاپالىق سوۋغىسى. سىز بۇ ئېشەككە شۇنداق مىنگەندە ئۈزىڭىزنى بىر يول ئۈستىدە كۈرىسىز؛ شۇ يول بىلەن مېڭىپ، كەچ قالسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭكىدە قونماي، ئۈيىڭىزگە بېرىڭ. ئەگەر دۇنيا لازىم بولسا مۇشۇ ئېشەكنى بىر كۈرپىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ: "ساڭقاڭ (تېزەكلەڭ) ئېشىكىم، ساڭقاڭ، ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاڭ!" دېسىڭىز، سىزگە ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاپ بېرىدۇ، لېكىن بۇ سىرنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ، __
دەپتۇ
بوۋاي "خوپ" دەپ ئېشەككە شۇنداق مىنىشىگە، راست دېگەندەك، ئۈزىنى يول ئۈستىدە كۈرۈپتۇ. ماڭا-ماڭا كەچ بوپتۇ. ئالدىغا بىر تۈگمەن ئۇچراپتۇ. تۈگمەنچى چىقىپ "ۋاي قونۇپ كەتسىلە..." دەپ ئۈيىگە باشلاپتۇ. ئاخشىمى ياتاردا بوۋاي تۈگمەنچىگە: __ ئۈشىكىمگە ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاڭ دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ
بوۋاي "خوپ" دەپ ئېشەككە شۇنداق مىنىشىگە، راست دېگەندەك، ئۈزىنى يول ئۈستىدە كۈرۈپتۇ. ماڭا-ماڭا كەچ بوپتۇ. ئالدىغا بىر تۈگمەن ئۇچراپتۇ. تۈگمەنچى چىقىپ "ۋاي قونۇپ كەتسىلە..." دەپ ئۈيىگە باشلاپتۇ. ئاخشىمى ياتاردا بوۋاي تۈگمەنچىگە: __ ئۈشىكىمگە ئالتۇن-كۈمۈش ساڭقاڭ دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، دەپ ئۇخلاپ
قاپتۇ
تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا چىقىپ، ئېشەككە ھېلىقى گەپنى دەپتىكەن، بىرمۇنچە تەڭگە تېزەكلەپ بېرىپتۇ. تۈگمەنچى ئېشەكنى تېگىشىۋېلىپ، چاندۇرماي ئۈيىگە كىرىپ ئۇخلىۋاپتۇ
تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا چىقىپ، ئېشەككە ھېلىقى گەپنى دەپتىكەن، بىرمۇنچە تەڭگە تېزەكلەپ بېرىپتۇ. تۈگمەنچى ئېشەكنى تېگىشىۋېلىپ، چاندۇرماي ئۈيىگە كىرىپ
ئۇخلىۋاپتۇ
بوۋاي سەھەر تۇرۇپ، ئېشەكنىڭ ئالماشتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى سەزمەي، مىنىپ يولغا راۋان بوپتۇ، ئۈيىگە بېرىپ بولغان ۋەقەنى مومىيىغا ۋە نەۋرىلىرىگە سۈزلەپ بېرىپتۇ
بوۋاي سەھەر تۇرۇپ، ئېشەكنىڭ ئالماشتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى سەزمەي، مىنىپ يولغا راۋان بوپتۇ، ئۈيىگە بېرىپ بولغان ۋەقەنى مومىيىغا ۋە نەۋرىلىرىگە سۈزلەپ
بېرىپتۇ
يىراق-يېقىندىكى تونۇش-بىلىشلىرىدىن زىلچا-گىلەم سوراپ كېلىپ، ئۈيىگە ساپتۇ ۋە پادىشاھنىمۇ بۇ كارامەتنى كۈرۈشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئۈشەكنى كۈرپىگە چىقىرىپ قاغا ئۈگىتىپ قويغان ھېلىقى سۈزلەرنى دەپتۇ. ئۈشەك جىم تۇرۇپتۇ، ئىككىنچى قېتىم دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم تۇرۇپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم تۇرۇپتۇ
يىراق-يېقىندىكى تونۇش-بىلىشلىرىدىن زىلچا-گىلەم سوراپ كېلىپ، ئۈيىگە ساپتۇ ۋە پادىشاھنىمۇ بۇ كارامەتنى كۈرۈشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئۈشەكنى كۈرپىگە چىقىرىپ قاغا ئۈگىتىپ قويغان ھېلىقى سۈزلەرنى دەپتۇ. ئۈشەك جىم تۇرۇپتۇ، ئىككىنچى قېتىم دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم تۇرۇپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم
تۇرۇپتۇ
ئاخىر كالتەك بىلەن راسا بىرنى ئۇرۇپ، ۋارقىراپ دەپتۇ، ئېشەك تاياققا چىدىماي بىر ئىنجىقلاپتىكەن، ئالتۇن-كۈمۈشكە تىكىلىپ ئولتۇرغان پادىشاھ تېزەك ئاستىدا قاپتۇ
ئاخىر كالتەك بىلەن راسا بىرنى ئۇرۇپ، ۋارقىراپ دەپتۇ، ئېشەك تاياققا چىدىماي بىر ئىنجىقلاپتىكەن، ئالتۇن-كۈمۈشكە تىكىلىپ ئولتۇرغان پادىشاھ تېزەك ئاستىدا
قاپتۇ
پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ "جاللات!" دەپ ۋارقىراپتۇ، بىراق ئەتراپىغا قارىسا جاللات يوق. "كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن-ھە!" دەپ بوۋاينى تازا ئۇرۇپ يەرگە چاپلىتىۋېتىپ كېتىپتۇ
پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ "جاللات!" دەپ ۋارقىراپتۇ، بىراق ئەتراپىغا قارىسا جاللات يوق. "كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن-ھە!" دەپ بوۋاينى تازا ئۇرۇپ يەرگە چاپلىتىۋېتىپ
كېتىپتۇ
بىچارە بوۋاي ئەتىسى كۈزىنى ئاچسا، موماي ھەم يىغلاپ، ھەم تاپا-تەنە قىلىپ بېشىدا ئولتۇرغۇدەك. بوۋاي چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېشەككە مىنىپ جاڭگالغا يول ساپتۇ. قاغىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بولغان ئىشلارنى بايان قىپتۇ. قاغا بوۋاينىڭ گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن "قىرراق" دەپتىكەن، دەررۇ بىر سۇپرا پەيدا بوپتۇ. قاغا: __ مانا بۇ سۇپرىنى ئېلىڭ! قاچانكى غىزا-تاماق لازىم بولسا، "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل" دېسىڭىز، دەررۇ ئېچىلىپ، ئۈستىدە خىلمۇخىل تائاملار ھازىر بولىدۇ. يولدا ھېچ يەردە قونماڭ، سۇپرىنىڭ سىرىنىمۇ ھېچكىمگە ئېيتماڭ، __ دەپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ، سۇپرىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ماڭا-ماڭا كۈن كەچ بوپتۇ، يەنە ھېلىقى تۈگمەنچىنىڭكىگە چۈشۈپتۇ
بىچارە بوۋاي ئەتىسى كۈزىنى ئاچسا، موماي ھەم يىغلاپ، ھەم تاپا-تەنە قىلىپ بېشىدا ئولتۇرغۇدەك. بوۋاي چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېشەككە مىنىپ جاڭگالغا يول ساپتۇ. قاغىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بولغان ئىشلارنى بايان قىپتۇ. قاغا بوۋاينىڭ گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن "قىرراق" دەپتىكەن، دەررۇ بىر سۇپرا پەيدا بوپتۇ. قاغا: __ مانا بۇ سۇپرىنى ئېلىڭ! قاچانكى غىزا-تاماق لازىم بولسا، "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل" دېسىڭىز، دەررۇ ئېچىلىپ، ئۈستىدە خىلمۇخىل تائاملار ھازىر بولىدۇ. يولدا ھېچ يەردە قونماڭ، سۇپرىنىڭ سىرىنىمۇ ھېچكىمگە ئېيتماڭ، __ دەپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ، سۇپرىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ماڭا-ماڭا كۈن كەچ بوپتۇ، يەنە ھېلىقى تۈگمەنچىنىڭكىگە
چۈشۈپتۇ
يېتىش ئالدىدا: __ ماۋۇ سۇپرىغا "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل!" دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، __ دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ
يېتىش ئالدىدا: __ ماۋۇ سۇپرىغا "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل!" دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، __ دەپ ئۇخلاپ
قاپتۇ
تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا قوپۇپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن گەپنى بىر قىلىپ، "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل!" دېگەنىكەن، سۇپرىدىن خىلمۇخىل غىزالار چىقىپ كېتىپتۇ
تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا قوپۇپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن گەپنى بىر قىلىپ، "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل!" دېگەنىكەن، سۇپرىدىن خىلمۇخىل غىزالار چىقىپ
كېتىپتۇ
تۈگمەنچى باي ئۇ غىزالارنى بالىلىرى بىلەن ھاپىلا-شاپىلا يېيىشىپ، قالغىنىنى جىمىقتۇرۇپ، سۇپرىنىمۇ تېگىشىۋاپتۇ. بوۋاي ئەتىگىنى سۇپرىغا زەن قويمايلا قولتۇقىغا قىسىپ، يولغا چۈشۈپتۇ. ئۈيىگە كىرە-كىرمەيلا مومايغا سۇپرىنىڭ سىرىنى سۈزلەپ، موماينىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۈي راسلىتىپ، پادىشاھقا خەۋەر بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ قېتىم ئۈزى كەلمەي ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپتۇ
تۈگمەنچى باي ئۇ غىزالارنى بالىلىرى بىلەن ھاپىلا-شاپىلا يېيىشىپ، قالغىنىنى جىمىقتۇرۇپ، سۇپرىنىمۇ تېگىشىۋاپتۇ. بوۋاي ئەتىگىنى سۇپرىغا زەن قويمايلا قولتۇقىغا قىسىپ، يولغا چۈشۈپتۇ. ئۈيىگە كىرە-كىرمەيلا مومايغا سۇپرىنىڭ سىرىنى سۈزلەپ، موماينىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۈي راسلىتىپ، پادىشاھقا خەۋەر بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ قېتىم ئۈزى كەلمەي ۋەزىرلىرىنى
ئەۋەتىپتۇ
ۋەزىرلەر سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاچ قالغان نەۋرىلەرمۇ قوللىرىنى يۇيۇشۇپ، ئىشىكتە تەلمۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. ھەممە تەييار بولغاندىن كېيىن، بوۋاي: "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل" دەپتۇ... ئىككى قېتىم دەپتۇ، ئۈچ قېتىم دەپتۇ، سۇپرىدىن ھېچ سادا چىقماپتۇ. ۋەزىرلەر كايىپ، بوۋاينى ئۇرۇپ يۇمىلىتىۋېتىپ، ئوردىغا قايتىپتۇ
ۋەزىرلەر سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاچ قالغان نەۋرىلەرمۇ قوللىرىنى يۇيۇشۇپ، ئىشىكتە تەلمۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. ھەممە تەييار بولغاندىن كېيىن، بوۋاي: "ئۈچىل سۇپرام، ئېچىل" دەپتۇ... ئىككى قېتىم دەپتۇ، ئۈچ قېتىم دەپتۇ، سۇپرىدىن ھېچ سادا چىقماپتۇ. ۋەزىرلەر كايىپ، بوۋاينى ئۇرۇپ يۇمىلىتىۋېتىپ، ئوردىغا
قايتىپتۇ
موماي يىغلاپ تۇرۇپ بوۋاينى يەنە تاپا-تەنە ئاستىغا ئاپتۇ. بوۋاي قانداق قىلىشنى بىلمەي، مەرتەم، مەرتەم، ئۈچ مەرتەم، دەپ يەنە جاڭگالغا يول ساپتۇ. بېرىپ قاغىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ۋەقەنى يەنە بايان ئەيلەپتۇ
موماي يىغلاپ تۇرۇپ بوۋاينى يەنە تاپا-تەنە ئاستىغا ئاپتۇ. بوۋاي قانداق قىلىشنى بىلمەي، مەرتەم، مەرتەم، ئۈچ مەرتەم، دەپ يەنە جاڭگالغا يول ساپتۇ. بېرىپ قاغىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ۋەقەنى يەنە بايان
ئەيلەپتۇ
قاغا: __ خەير، بۇ ئاخىرقىسى بولغاي، قىرراق...! __ دەپتۇ. بوۋاينىڭ ئالدىغا بىر تۇلۇم پەيدا بوپتۇ. قاغا: __ مانا بۇ تۇلۇم ئىچىدە بىر توقماق بار. قاچانكى بېشىڭىزغا كۈن چۈشىدىكەن، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!" دېسىڭىز، ھەر قانداق مۈشكۈل ئىشىڭىز ئاسان بولىدۇ، __ دەپ يەنە باشتا ئېيتقان گەپلەرنى جېكىپ، بوۋاينى يولغا ساپتۇ
قاغا: __ خەير، بۇ ئاخىرقىسى بولغاي، قىرراق...! __ دەپتۇ. بوۋاينىڭ ئالدىغا بىر تۇلۇم پەيدا بوپتۇ. قاغا: __ مانا بۇ تۇلۇم ئىچىدە بىر توقماق بار. قاچانكى بېشىڭىزغا كۈن چۈشىدىكەن، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!" دېسىڭىز، ھەر قانداق مۈشكۈل ئىشىڭىز ئاسان بولىدۇ، __ دەپ يەنە باشتا ئېيتقان گەپلەرنى جېكىپ، بوۋاينى يولغا
ساپتۇ
بوۋاي يەنە ھېلىقى تۈگمەن ئالدىغا كېلىشىگە تۈگمەنچى چىقىپ: __ ۋاي ئاكا، قونۇپ كەتسىلە... __ دەپ توسۇپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ ئېشەكتىن چۈشۈپتۇ. يېتىش ئالدىدا: __ ماۋۇ تۇلۇمنىڭ ئىچىدە بىر توقماق بار، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر" دېمەي، ئوبدان قاراپ قويۇشسىلا، __ دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ
بوۋاي يەنە ھېلىقى تۈگمەن ئالدىغا كېلىشىگە تۈگمەنچى چىقىپ: __ ۋاي ئاكا، قونۇپ كەتسىلە... __ دەپ توسۇپتۇ. بوۋاي "خەير" دەپ ئېشەكتىن چۈشۈپتۇ. يېتىش ئالدىدا: __ ماۋۇ تۇلۇمنىڭ ئىچىدە بىر توقماق بار، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر" دېمەي، ئوبدان قاراپ قويۇشسىلا، __ دەپ ئۇخلاپ
قاپتۇ
تۈگمەنچى خوتۇنى بىلەن تۇلۇمنى ئاستا باشقا ئۈيگە ئوغرىلاپ ئاچىقىپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!" دېگەنىكەن، تۇلۇمدىن توقماق چاچراپ چىقىپ، تۈگمەنچى ۋە ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى شۇنداق ئۇرغىلى تۇرۇپتىكى، ئاللا-توۋىنىڭ دەستىدىن جاھاندا تۇرۇپ بولغىلى بولماپتۇ
تۈگمەنچى خوتۇنى بىلەن تۇلۇمنى ئاستا باشقا ئۈيگە ئوغرىلاپ ئاچىقىپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، "ئۇر توقمىقىم، ئۇر!" دېگەنىكەن، تۇلۇمدىن توقماق چاچراپ چىقىپ، تۈگمەنچى ۋە ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى شۇنداق ئۇرغىلى تۇرۇپتىكى، ئاللا-توۋىنىڭ دەستىدىن جاھاندا تۇرۇپ بولغىلى
بولماپتۇ
بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقسا، ئىش باشقىچە... شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا تېخىمۇ چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ. تۈگمەنچى: "ۋاي ئېشەكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرەي" دەپ ئېشەكنى تېپىپ كەپتۇ. توقماق توختىماي خوتۇنىنى سېلىۋېرىپتۇ. تۈگمەنچىنىڭ خوتۇنى مىڭ بىر توۋا ئوقۇپ، سۇپرىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. توقماق يەنە توختىماپتۇ. ئۇلار: "بالىمىزدىن بالىمىزغا پەندىيات، يۈز مىڭ توۋا، توقماقنى توختىتىڭ بوۋا!" دەپ نالە قىپتۇ
بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقسا، ئىش باشقىچە... شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا تېخىمۇ چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ. تۈگمەنچى: "ۋاي ئېشەكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرەي" دەپ ئېشەكنى تېپىپ كەپتۇ. توقماق توختىماي خوتۇنىنى سېلىۋېرىپتۇ. تۈگمەنچىنىڭ خوتۇنى مىڭ بىر توۋا ئوقۇپ، سۇپرىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. توقماق يەنە توختىماپتۇ. ئۇلار: "بالىمىزدىن بالىمىزغا پەندىيات، يۈز مىڭ توۋا، توقماقنى توختىتىڭ بوۋا!" دەپ نالە
قىپتۇ
بوۋاي:__ "تۇر توقمىقىم، تۇر!" دەپتۇ. توقماق توختاپتۇ. بوۋاي ھەممە نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۈزىنىڭ ئاۋۋالقى ئېشىكىگە مىنىپ، ناخشىسىنى دۈڭ ئېيتىپ، يولغا راۋان بوپتۇ
بوۋاي:__ "تۇر توقمىقىم، تۇر!" دەپتۇ. توقماق توختاپتۇ. بوۋاي ھەممە نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۈزىنىڭ ئاۋۋالقى ئېشىكىگە مىنىپ، ناخشىسىنى دۈڭ ئېيتىپ، يولغا راۋان
بوپتۇ
تەلەي كەلسە بېشىمغا، يارىم كېلەر قېشىمغا. توقماق يەيدۇ ئالدامچى، توپا سالسا ئېشىمغا
تەلەي كەلسە بېشىمغا، يارىم كېلەر قېشىمغا. توقماق يەيدۇ ئالدامچى، توپا سالسا
ئېشىمغا
بوۋاي ئۈيىگە كېلىپ، موماينى قايىل قىلىپ، تونۇش-بىلىشلەرنى قىچقارتىپ يەنە پادىشاھقا يۈگۈرۈپتۇ. پادىشاھ "نېمە بالاغا قالدىم بۇ ئەخمەق گادايدىن" دەپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ تەمەگە ئۈگىنىپ قالغان كۈڭلى بېسىلماي، "يەنە بېرىپ بېقىڭلار!" دەپ نەچچە ياساۋۇلىنى ئەۋەتىپتۇ
بوۋاي ئۈيىگە كېلىپ، موماينى قايىل قىلىپ، تونۇش-بىلىشلەرنى قىچقارتىپ يەنە پادىشاھقا يۈگۈرۈپتۇ. پادىشاھ "نېمە بالاغا قالدىم بۇ ئەخمەق گادايدىن" دەپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ تەمەگە ئۈگىنىپ قالغان كۈڭلى بېسىلماي، "يەنە بېرىپ بېقىڭلار!" دەپ نەچچە ياساۋۇلىنى
ئەۋەتىپتۇ
غىزادىن كېيىن ئېشەكنىڭ كارامىتىنى كۈرسىتىپ، ياساۋۇللاردىن پادىشاھقا نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سوۋغا قىپتۇ
غىزادىن كېيىن ئېشەكنىڭ كارامىتىنى كۈرسىتىپ، ياساۋۇللاردىن پادىشاھقا نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سوۋغا
قىپتۇ
پادىشاھ سوۋغىلارغا قانائەت قىلماي، نىيىتىنى بۇزۇپتۇ؛ بوۋاينىڭ ئۈيىنى قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزغاندەك بۇزدۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى خەزىنىگە ئالماق بوپتۇ. بۇنى ئوردىدىكى باغۋەن قېرى ئاڭلاپ قېلىپ، بوۋايغا خەۋەر قىپتۇ. بوۋاي ئۈگزىگە چىقىپ تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ. قارىسا، راست دېگەندەك بىر مۇنچە لەشكەر كېلىۋاتقۇدەك. لەشكەرلەر يېقىنراق كەلگەندە بوۋاي توۋلاپتۇ: __ ھەي! لەشكەرلەر، ئارقاڭلارغا قايتىڭلار. ئالتۇن كېرەك بولسا ئەۋەتىپ تۇراي، بىزنى ئارامخۇدا كۈن كۈرگىلى قويۇڭلار، __ دەپتۇ. لەشكەرلەر ئۇنىماي باستۇرۇپ كەپتۇ
پادىشاھ سوۋغىلارغا قانائەت قىلماي، نىيىتىنى بۇزۇپتۇ؛ بوۋاينىڭ ئۈيىنى قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزغاندەك بۇزدۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى خەزىنىگە ئالماق بوپتۇ. بۇنى ئوردىدىكى باغۋەن قېرى ئاڭلاپ قېلىپ، بوۋايغا خەۋەر قىپتۇ. بوۋاي ئۈگزىگە چىقىپ تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ. قارىسا، راست دېگەندەك بىر مۇنچە لەشكەر كېلىۋاتقۇدەك. لەشكەرلەر يېقىنراق كەلگەندە بوۋاي توۋلاپتۇ: __ ھەي! لەشكەرلەر، ئارقاڭلارغا قايتىڭلار. ئالتۇن كېرەك بولسا ئەۋەتىپ تۇراي، بىزنى ئارامخۇدا كۈن كۈرگىلى قويۇڭلار، __ دەپتۇ. لەشكەرلەر ئۇنىماي باستۇرۇپ
كەپتۇ
بوۋاي "خەير" دەپ توقماققا ئەمىر بېرىپتۇ: __ "ئۇر توقمىقىم، ئۇر
بوۋاي "خەير" دەپ توقماققا ئەمىر بېرىپتۇ: __ "ئۇر توقمىقىم،
ئۇر
توقماق لەشكەرلەرنى شۇنداق سالغىلى تۇرۇپتىكى، توپا-چاڭغا ئايلىنىپ، ئاران ئۈچ كىشى ئوردىغا قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ، ھەممە لەشكەرلىرىنى چىقىرىپتۇ. توقماقمۇ ھەممە كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. خەلقلەر توقماقنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ساينىڭ تېشىدەك قىرىلىپتۇ. ئوردا ئېلىنىپ، جەڭ تامام بوپتۇ. ئەل ئامان قاپتۇ. خەلقلەر ئۈز ئىچىدىن ئادىل بىر كىشىنى تېپىپ، پادىشاھ سايلاپتۇ. بوۋاي بىلەن مومايمۇ مۇرادىغا يېتىپ، ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ
توقماق لەشكەرلەرنى شۇنداق سالغىلى تۇرۇپتىكى، توپا-چاڭغا ئايلىنىپ، ئاران ئۈچ كىشى ئوردىغا قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ، ھەممە لەشكەرلىرىنى چىقىرىپتۇ. توقماقمۇ ھەممە كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. خەلقلەر توقماقنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ساينىڭ تېشىدەك قىرىلىپتۇ. ئوردا ئېلىنىپ، جەڭ تامام بوپتۇ. ئەل ئامان قاپتۇ. خەلقلەر ئۈز ئىچىدىن ئادىل بىر كىشىنى تېپىپ، پادىشاھ سايلاپتۇ. بوۋاي بىلەن مومايمۇ مۇرادىغا يېتىپ، ئالەمدىن
ئۈتۈپتۇ
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر دۆلەتتە تازىمۇ ياسانچۇق بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى كىيىملەرنى كەيمىسە ئاچچىقلاپلا قالىدىكەن. مۇلازىملىرى بىرەر قېتىم ئالدىنقى كۈنلىرى كىيىپ بولغان كىيىم ئەكىلىپ قالغۇدەك بولسا «نېمە بۇ كىيىم؟! يېڭى كىيىم ئەكىلىش!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدىكەن
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر دۆلەتتە تازىمۇ ياسانچۇق بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى كىيىملەرنى كەيمىسە ئاچچىقلاپلا قالىدىكەن. مۇلازىملىرى بىرەر قېتىم ئالدىنقى كۈنلىرى كىيىپ بولغان كىيىم ئەكىلىپ قالغۇدەك بولسا «نېمە بۇ كىيىم؟! يېڭى كىيىم ئەكىلىش!» دەپ بۇيرۇق
چۈشۈرىدىكەن
ئوردىدا پادىشاھ ئۈچۈن كەيگۈدەك يېڭى كىيممۇ قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىگە يارلىق چۈشۈرۈپ كىمكى پادىشاھ ئۈچۈن ھىچكىممۇ كىيىپ باقمىغان ئۆزگىچە كىيىم ئەكىلىدىكەن، ئۇنى رازى بولغۇدەك مال – دۇنيا بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
ئوردىدا پادىشاھ ئۈچۈن كەيگۈدەك يېڭى كىيممۇ قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىگە يارلىق چۈشۈرۈپ كىمكى پادىشاھ ئۈچۈن ھىچكىممۇ كىيىپ باقمىغان ئۆزگىچە كىيىم ئەكىلىدىكەن، ئۇنى رازى بولغۇدەك مال – دۇنيا بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى
جاكارلاپتۇ
دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ھەر خىل كىيىملەرنى تىكىپ ئوردىغا ئەكىلىشكە باشلاپتۇ
دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ھەر خىل كىيىملەرنى تىكىپ ئوردىغا ئەكىلىشكە
باشلاپتۇ
-پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىيىم قانداقكەن؟ – بولمايدىكەن! ھەممىسى ئوخشاشلا تۇرمامدۇ، تايىنى يوقلا
-پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىيىم قانداقكەن؟ – بولمايدىكەن! ھەممىسى ئوخشاشلا تۇرمامدۇ، تايىنى
يوقلا
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قانداقلا كىيىم ئەكەلسىمۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىكەن
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قانداقلا كىيىم ئەكەلسىمۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە
ياقمايدىكەن
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى ساياھەتچى ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى ساياھەتچى ئوردىغا كىرىپ
كەپتۇ
-پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىزگە ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىگە كىيىم تىكىپ بەرمەكچىمىز
-پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىزگە ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىگە كىيىم تىكىپ
بەرمەكچىمىز
– ۋوي… ئۇ زادى قانداق كىيىم؟ -پادىشاھىم، ئۇ كىيىم شۇنداق سىھىرلىك كىيىمكى، ئەقىللىقلەر كۆرەلەيدىغان، كالۋالارغا كۆرۈنمەيدىغان
– ۋوي… ئۇ زادى قانداق كىيىم؟ -پادىشاھىم، ئۇ كىيىم شۇنداق سىھىرلىك كىيىمكى، ئەقىللىقلەر كۆرەلەيدىغان، كالۋالارغا
كۆرۈنمەيدىغان
-ھە،-بۇ بولىدىغان كىيىمكەن! ئۇنداقتا تىزراق تىكىپ تەييار قىلىڭلار
-ھە،-بۇ بولىدىغان كىيىمكەن! ئۇنداقتا تىزراق تىكىپ تەييار
قىلىڭلار
بۇ ئىككىسى رەخىت تىكىدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، ھەر كۈنى كەچكىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يالغاندىن كىيىم تىكىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ
بۇ ئىككىسى رەخىت تىكىدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، ھەر كۈنى كەچكىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يالغاندىن كىيىم تىكىۋاتقان قىياپەتكە
كىرىۋاپتۇ
يېڭى كىيىمىم پۈتكەندىمۇ،-ھە؟ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىپ تاقىتى تاق بوپتۇ
يېڭى كىيىمىم پۈتكەندىمۇ،-ھە؟ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىپ تاقىتى تاق
بوپتۇ
-ھە،-راست توختا! ئۇ پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا كۆرەلەيدىغان رەختمىشكەنتۇق، ئەگەردە مەن كۆرەلمەي قالسام نە – ئات، نە- نومۇس دەيمەن
-ھە،-راست توختا! ئۇ پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلا كۆرەلەيدىغان رەختمىشكەنتۇق، ئەگەردە مەن كۆرەلمەي قالسام نە – ئات، نە- نومۇس
دەيمەن
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ۋەزىرىنى چاقىرىپ رەخنى كۆرۈپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ۋەزىرىنى چاقىرىپ رەخنى كۆرۈپ كېلىشكە
بۇيرۇپتۇ
-ئاپلا! ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن،- يا؟!… لېكىن، مەن ئەقىللىق تۇرسام… رەخنى كۆرەلمىگەن ۋەزىر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. بىراق، كۆرگەن قىياپەتكە كىرىۋالمىسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى دۆت چاغلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇنداق دەپتۇ
-ئاپلا! ھېچنىمىنى كۆرەلمەيۋاتىمەن،- يا؟!… لېكىن، مەن ئەقىللىق تۇرسام… رەخنى كۆرەلمىگەن ۋەزىر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. بىراق، كۆرگەن قىياپەتكە كىرىۋالمىسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى دۆت چاغلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇنداق
دەپتۇ
-ۋاي نېمىدىگەن ئېسىل رەخت بۇ؟! بۇنداق چىرايلىق رەخنى كۆرۈشۈم تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم جۇما
-ۋاي نېمىدىگەن ئېسىل رەخت بۇ؟! بۇنداق چىرايلىق رەخنى كۆرۈشۈم تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم
جۇما
ۋەزىر ئالدىراپ – تىنەپ پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. بىراق، بىچارە ۋەزىر قانداقمۇ ھېچنىمە كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتالىسۇن؟ -پادشاھ ئالىيلىرى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قالتىس رەخكەن، - دەپتۇ
ۋەزىر ئالدىراپ – تىنەپ پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. بىراق، بىچارە ۋەزىر قانداقمۇ ھېچنىمە كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتالىسۇن؟ -پادشاھ ئالىيلىرى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قالتىس رەخكەن، -
دەپتۇ
-شۇنداقمۇ؟ بۇ كىيىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلايمەن،-دەپتۇ پادىشاھ ھەم بۇ رەخنى ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق كۆرگىسى كەپتۇ
-شۇنداقمۇ؟ بۇ كىيىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلايمەن،-دەپتۇ پادىشاھ ھەم بۇ رەخنى ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق كۆرگىسى
كەپتۇ
لېكىنزە، بۇ ئەقىللىق ۋەزىرگە كۆرۈنگەن بىلەن مەن كۆرەلىشىم ناتايىن،-دەپ ئويلىغان پادىشاھ قول ئاستىدىكى دۆترەك ۋەزىرنى رەخنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ
لېكىنزە، بۇ ئەقىللىق ۋەزىرگە كۆرۈنگەن بىلەن مەن كۆرەلىشىم ناتايىن،-دەپ ئويلىغان پادىشاھ قول ئاستىدىكى دۆترەك ۋەزىرنى رەخنى كۆرۈپ كېلىشكە
ئەۋەتىپتۇ
-بەكلا ئېسىل رەخت دىيىلگەن، بىراق، مەن ھېچنىمنى كۆرەلمەيۋاتىمەنغۇ؟! نەس باستىغۇ ئەمدى…. مۇلازىم ئۇزۇن ئۆتمەيلا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ، بىراق، ئۇمۇ راست گەپنى ئېيتالماپتۇ
-بەكلا ئېسىل رەخت دىيىلگەن، بىراق، مەن ھېچنىمنى كۆرەلمەيۋاتىمەنغۇ؟! نەس باستىغۇ ئەمدى…. مۇلازىم ئۇزۇن ئۆتمەيلا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ، بىراق، ئۇمۇ راست گەپنى
ئېيتالماپتۇ
-پادىشاھىم، ھەقىقەتەن قالتىس رەخكەن! -ۋوي، سەنمۇ كۆرەلىدىڭمۇ؟ سەن مۇشۇ ئەقلىڭ بىلەن كۆرەلىگەن يەردە كەمىنە پادىشاھمۇ ئەلۋەتتە كۆرەلىگۈدەكمەن
-پادىشاھىم، ھەقىقەتەن قالتىس رەخكەن! -ۋوي، سەنمۇ كۆرەلىدىڭمۇ؟ سەن مۇشۇ ئەقلىڭ بىلەن كۆرەلىگەن يەردە كەمىنە پادىشاھمۇ ئەلۋەتتە
كۆرەلىگۈدەكمەن
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىپتۇ ھەم نۇرغۇنلىغان مۇلازىملارنى ئېلىپ كىيىم تىكىۋاتقان ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن مۇلازىملىرىنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ ئۇلار كۆرەلەمدۇ-يوق سىناپ بېقىپتۇ
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىپتۇ ھەم نۇرغۇنلىغان مۇلازىملارنى ئېلىپ كىيىم تىكىۋاتقان ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن مۇلازىملىرىنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ ئۇلار كۆرەلەمدۇ-يوق سىناپ
بېقىپتۇ
مۇلازىملار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا قاراپتۇ. بىراق، رەخت كۆرۈنمەپتۇ. راستىنى دىسە باشقىلارنىڭ دۆت دىيىشىدىن ئەنسىرەپ كۆرمىگەن رەخنى تازا ماختاشقا باشلاپتۇ
مۇلازىملار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا قاراپتۇ. بىراق، رەخت كۆرۈنمەپتۇ. راستىنى دىسە باشقىلارنىڭ دۆت دىيىشىدىن ئەنسىرەپ كۆرمىگەن رەخنى تازا ماختاشقا
باشلاپتۇ
-بەكلا ئېسىل رەخكەن! -ھەقىقەتەنمۇ قالتىسكەن! پادىشاھ شۇنچە قاراپمۇ رەخنى كۆرەلمەپتۇ…“ۋوي… نېمە ئىش بوپكەتتى؟ مەنلا كۆرەلمەيمەنغۇ؟! مېىنىڭ بۇ دۆتلۈكۈمنى باشقىلار بىلىپ قالسا چاتاق بولىدۇ“ دىگەنلەرنى ئويلاپتۇ
-بەكلا ئېسىل رەخكەن! -ھەقىقەتەنمۇ قالتىسكەن! پادىشاھ شۇنچە قاراپمۇ رەخنى كۆرەلمەپتۇ…“ۋوي… نېمە ئىش بوپكەتتى؟ مەنلا كۆرەلمەيمەنغۇ؟! مېىنىڭ بۇ دۆتلۈكۈمنى باشقىلار بىلىپ قالسا چاتاق بولىدۇ“ دىگەنلەرنى
ئويلاپتۇ
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ رەخنى كۆرەلىگەن قىياپەتتە: ھەقىقەتەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېيتقىنىدەك قالتىس ئېسىل رەخكەن، بۇ ئىككىسىگە جىققىنە پۇل بېرىڭلار، - دەپتۇ
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ رەخنى كۆرەلىگەن قىياپەتتە: ھەقىقەتەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئېيتقىنىدەك قالتىس ئېسىل رەخكەن، بۇ ئىككىسىگە جىققىنە پۇل بېرىڭلار، -
دەپتۇ
بۇ ئىككىسى شۇنچىلىك خوش بوپ كېتىپتۇ
بۇ ئىككىسى شۇنچىلىك خوش بوپ
كېتىپتۇ
-ھى ھى ھى… بۇندىن كېيىن ھىچكىم رەخنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشقا پىتىنالمايدۇ
-ھى ھى ھى… بۇندىن كېيىن ھىچكىم رەخنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشقا
پىتىنالمايدۇ
بۇ ئىككىسى ئۆيگە نۇرغۇنلىغان شاملارنى ياندۇرۇپ، پۈتۈن بىر كېچە يالغان رەختە كىيىم تىككەن قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە: -ئاخىرى پۈتتى، قانداقراق بوپتۇ؟ قاتلىغان قىياپەتتە بەرسەك، نۇرغۇنلىغان مال – دۇنياغىمۇ ئېرىشەلەيمىز، دۆتلەر كۆرەلمەيدىغان بولغاندىكىن، ئەخمەق پادىشاھمۇ ئالدىنىدۇ… دىيىشكىنىچە بۇ ئالدامچى كاززاپلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇستىلىقلىرىنى تەنتەنە قىلىشىپتۇ
بۇ ئىككىسى ئۆيگە نۇرغۇنلىغان شاملارنى ياندۇرۇپ، پۈتۈن بىر كېچە يالغان رەختە كىيىم تىككەن قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە: -ئاخىرى پۈتتى، قانداقراق بوپتۇ؟ قاتلىغان قىياپەتتە بەرسەك، نۇرغۇنلىغان مال – دۇنياغىمۇ ئېرىشەلەيمىز، دۆتلەر كۆرەلمەيدىغان بولغاندىكىن، ئەخمەق پادىشاھمۇ ئالدىنىدۇ… دىيىشكىنىچە بۇ ئالدامچى كاززاپلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇستىلىقلىرىنى تەنتەنە
قىلىشىپتۇ
بۇ ئىككىسى ئالدىراپ – سالدىراپ كىيىم پۈتكەن قىياپەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ
بۇ ئىككىسى ئالدىراپ – سالدىراپ كىيىم پۈتكەن قىياپەتتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا
بېرىپتۇ
-پادىشاھىم، دانا كىشىلەرلا كۆرەلەيدىغان سېھىرلىك كىيىم پۈتتى
-پادىشاھىم، دانا كىشىلەرلا كۆرەلەيدىغان سېھىرلىك كىيىم
پۈتتى
پادىشاھ يەنىلا ھېچنىمە كۆرەلمەپتۇ. -ھىم… چاتاق بولدىغۇ… كىيىمنى كۆرەلمىگەنلىكىمنى ئېيتسام، ئەقىلسىزلىقىم خەلقى-ئالەمگە ئاشكارلىنىدۇ
پادىشاھ يەنىلا ھېچنىمە كۆرەلمەپتۇ. -ھىم… چاتاق بولدىغۇ… كىيىمنى كۆرەلمىگەنلىكىمنى ئېيتسام، ئەقىلسىزلىقىم خەلقى-ئالەمگە
ئاشكارلىنىدۇ
كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ تەييار بولغان پادىشاھ، ئۇ ئىككىسىگە مۇكاپات پۇلىنى بىرىپ، بارلىق مۇلازىملىرىنى يىغىپتۇ
كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ تەييار بولغان پادىشاھ، ئۇ ئىككىسىگە مۇكاپات پۇلىنى بىرىپ، بارلىق مۇلازىملىرىنى
يىغىپتۇ
-قانداق؟ كىيىمىم بەك ياراشتى شۇنداقمۇ؟! -چارىسىز قالغان ۋەزىر-ۋۇزرالار كىيىمنى خۇددى كۆرىۋاتقان قىياپەتتە مۇنداق دىيىشىپتۇ
-قانداق؟ كىيىمىم بەك ياراشتى شۇنداقمۇ؟! -چارىسىز قالغان ۋەزىر-ۋۇزرالار كىيىمنى خۇددى كۆرىۋاتقان قىياپەتتە مۇنداق
دىيىشىپتۇ
-نىمانچە چىرايلىق، مۇھتەشەم كىيىم بۇ؟! سىىلىگە شۇنچىلىك يارىشىپتۇ پادىشاھ ئالىيلىرى! پادىشاھ مەغرۇر ھالدا ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچا ئارىلاپتۇ. كىيىمسىز ھالەتتە كوچىدا مەغرۇر كېتىۋاتقان پادىشاھنى كۆرۈپ، كىشىلەر ھەيران قېلىشىپتۇ
-نىمانچە چىرايلىق، مۇھتەشەم كىيىم بۇ؟! سىىلىگە شۇنچىلىك يارىشىپتۇ پادىشاھ ئالىيلىرى! پادىشاھ مەغرۇر ھالدا ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچا ئارىلاپتۇ. كىيىمسىز ھالەتتە كوچىدا مەغرۇر كېتىۋاتقان پادىشاھنى كۆرۈپ، كىشىلەر ھەيران
قېلىشىپتۇ
“ ۋۇييۇ… پادىشاھ ھىچقانداق كېيىم كەيمەپتىغۇ؟!“ دىيىشكىنىچە بىر -بىرلىرىگە كۇسۇرلىشىپتۇ. دەل شۇ چاغدا، بىر ئوغۇلچاق پادىشاھقا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا «ۋوي، پادىشاھنىڭ كىيىمى يوقكەنغۇ؟! كىيىمسىز پادىشاھكەنغۇ!» دەپ توۋلاپ ساپتۇ. كىشىلەرمۇ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشىپتۇ
“ ۋۇييۇ… پادىشاھ ھىچقانداق كېيىم كەيمەپتىغۇ؟!“ دىيىشكىنىچە بىر -بىرلىرىگە كۇسۇرلىشىپتۇ. دەل شۇ چاغدا، بىر ئوغۇلچاق پادىشاھقا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا «ۋوي، پادىشاھنىڭ كىيىمى يوقكەنغۇ؟! كىيىمسىز پادىشاھكەنغۇ!» دەپ توۋلاپ ساپتۇ. كىشىلەرمۇ پاراققىدە كۈلۈشۈپ
كېتىشىپتۇ
پادىشاھ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئىككى ئالدامچى تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ
پادىشاھ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئىككى ئالدامچى تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىپ
يېتىپتۇ
مەن ئۆز گېپىمدە چىڭ تۇرىۋىلىپ ياخشى قىلماپتىمەن،- دەپ ئويلىغان پادىشاھ راست گەپ قىلغان ئوغۇلچاقنى نۇرغۇنلىغان مال -دۇنيا بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ
مەن ئۆز گېپىمدە چىڭ تۇرىۋىلىپ ياخشى قىلماپتىمەن،- دەپ ئويلىغان پادىشاھ راست گەپ قىلغان ئوغۇلچاقنى نۇرغۇنلىغان مال -دۇنيا بىلەن
مۇكاپاتلاپتۇ
بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى، يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. كىشىلەر يېڭى يىل تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. – سەرەڭگە ئالامسىز؟ – سەرەڭگە لازىممۇ؟ قىزچاق ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى سەرەڭگە سېتىۋىلىشقا چاقىراتتى
بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى، يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. كىشىلەر يېڭى يىل تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. – سەرەڭگە ئالامسىز؟ – سەرەڭگە لازىممۇ؟ قىزچاق ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى سەرەڭگە سېتىۋىلىشقا
چاقىراتتى
قار يېغىۋاتقان مانا مۇشۇنداق شىۋىرغانلىق كۈندە پۇتلىرى يالاڭئاياق قىزچاقنىڭ پۇت – قوللىرى سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. – سەرەڭگە ئالامسىز؟ – سەرەڭگە لازىممۇ؟ قىزچاق بۇ ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى توختىماي چاقىراتتى، ئەمما، ھىچكىممۇ پەرۋا قىلمايتتى
قار يېغىۋاتقان مانا مۇشۇنداق شىۋىرغانلىق كۈندە پۇتلىرى يالاڭئاياق قىزچاقنىڭ پۇت – قوللىرى سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەنىدى. – سەرەڭگە ئالامسىز؟ – سەرەڭگە لازىممۇ؟ قىزچاق بۇ ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى توختىماي چاقىراتتى، ئەمما، ھىچكىممۇ پەرۋا
قىلمايتتى
ئۆي – ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى يېنىشقا باشلىدى، دەرىزىلەردىن كىملەرنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى، ئوخشىغان تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدلىرى كېلەتتى
ئۆي – ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى يېنىشقا باشلىدى، دەرىزىلەردىن كىملەرنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى، ئوخشىغان تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدلىرى
كېلەتتى
“ قورسىقىم ئاچتى…!“ قىزچاق ئەتىگەندىن بېرى ئاغزىغا گىياھمۇ سالمىغانىدى
“ قورسىقىم ئاچتى…!“ قىزچاق ئەتىگەندىن بېرى ئاغزىغا گىياھمۇ
سالمىغانىدى
كۈن ئولتۇرۇپ كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايىغى شالاڭلىشىشقا باشلىدى. خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ قىزچاق يەنىلا كوچىلاردا يۈرەتتى. چۈنكى، سەرەڭگىدىن بىرنىمۇ ساتالمىغانىدى. بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتسا، چوقۇم دادىسىدىن تاياق يەيتتى. شۇڭا، ئۇ ھارغىن پۇتلىرىنى سۆرەپ يەنە يول يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى. ئەمدى ماڭالمايمەن…ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى… قىزچاق يول بويىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ كەتكەنىدى
كۈن ئولتۇرۇپ كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايىغى شالاڭلىشىشقا باشلىدى. خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ قىزچاق يەنىلا كوچىلاردا يۈرەتتى. چۈنكى، سەرەڭگىدىن بىرنىمۇ ساتالمىغانىدى. بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتسا، چوقۇم دادىسىدىن تاياق يەيتتى. شۇڭا، ئۇ ھارغىن پۇتلىرىنى سۆرەپ يەنە يول يۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى. ئەمدى ماڭالمايمەن…ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى… قىزچاق يول بويىدىكى لەمپىنىڭ ئاستىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى مۇزلاپ
كەتكەنىدى
ھە – راست! سەرەڭگىگە ئوت ياقسام چوقۇم ئىسسىيمەن! ساتىدىغان سەرەڭگىنى ئىشلىتىۋالسا، دادىسىدىن چوقۇم دەشنام ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، قىزچاق شۇنچىلىك توڭلاپ كەتكەنكى ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتاتتى
ھە – راست! سەرەڭگىگە ئوت ياقسام چوقۇم ئىسسىيمەن! ساتىدىغان سەرەڭگىنى ئىشلىتىۋالسا، دادىسىدىن چوقۇم دەشنام ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىراق، قىزچاق شۇنچىلىك توڭلاپ كەتكەنكى ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەي
قېلىۋاتاتتى
“ پەقەت بىر تاللا …“ دەپ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگىنىچە سەرەڭگىگە ئوت تۇتاشتۇردى قىزچاق. “ ۋاششىدە“ قىلغان ئاۋاز بىلەن سەرەڭگە تىزلا ئوت ئالدى. “ ئاھ ! نېمىدىگەن ئىسسىق، نېمىدىگەن ئىسسىق! ” ئوت تېخىمۇ يالقۇنجاپ ئىچىدە مەش پەيدا بولدى. مەش قىپقىزىل يېنىۋاتاتتى. “ ۋاھ! ھەجەپ خۇش بولدۇم!“ قىزچاق ئەمدى قولىنى سوزۇپ ئىسسسىنىشقا تەمشەلدى
“ پەقەت بىر تاللا …“ دەپ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگىنىچە سەرەڭگىگە ئوت تۇتاشتۇردى قىزچاق. “ ۋاششىدە“ قىلغان ئاۋاز بىلەن سەرەڭگە تىزلا ئوت ئالدى. “ ئاھ ! نېمىدىگەن ئىسسىق، نېمىدىگەن ئىسسىق! ” ئوت تېخىمۇ يالقۇنجاپ ئىچىدە مەش پەيدا بولدى. مەش قىپقىزىل يېنىۋاتاتتى. “ ۋاھ! ھەجەپ خۇش بولدۇم!“ قىزچاق ئەمدى قولىنى سوزۇپ ئىسسسىنىشقا
تەمشەلدى
دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ، مەشمۇ غايىپ بولدى. ئەتراپ يەنىلا قار يېغىۋاتقان مۇزدەك ھالىتىگە قايتتى
دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ، مەشمۇ غايىپ بولدى. ئەتراپ يەنىلا قار يېغىۋاتقان مۇزدەك ھالىتىگە
قايتتى
“يەنە ئازراقلا يانغان بولسا، پۇت – قوللىرىممۇ ئىسسىپ قالاتتى…“ قىزچاقنىڭ يەنە بىر قېتىم مەشنى كۆرگۈسى بار ئىدى …“ پەقەت بىر تاللا…“ قىزچاق سەرەڭگىگە ئوت ياقتى
“يەنە ئازراقلا يانغان بولسا، پۇت – قوللىرىممۇ ئىسسىپ قالاتتى…“ قىزچاقنىڭ يەنە بىر قېتىم مەشنى كۆرگۈسى بار ئىدى …“ پەقەت بىر تاللا…“ قىزچاق سەرەڭگىگە ئوت
ياقتى
بۇ قېتىم يالقۇن ئىچىدىن ئۈستەل كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۈستىدە ئۈزۈم شەربىتى، قىزىرىپ پىشۇرۇلغان توخو گۆشىمۇ بار ئىدى
بۇ قېتىم يالقۇن ئىچىدىن ئۈستەل كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۈستىدە ئۈزۈم شەربىتى، قىزىرىپ پىشۇرۇلغان توخو گۆشىمۇ بار
ئىدى
“ ۋاھ ! نېمىدىگەن ئوخشىغان ! “ توخو ئارا – ۋىلكىلار سانجىلغان ھالدا قىزچاقنىڭ ئالدىغا كىلىشكە باشلىدى
“ ۋاھ ! نېمىدىگەن ئوخشىغان ! “ توخو ئارا – ۋىلكىلار سانجىلغان ھالدا قىزچاقنىڭ ئالدىغا كىلىشكە
باشلىدى
قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەن قىزچاقنىڭ شادلىقى ئىچىگە پاتمايتتى، ئۇ خوشلىقىدا توخو گۆشىگە قولىنى ئۇزارتتى
قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەن قىزچاقنىڭ شادلىقى ئىچىگە پاتمايتتى، ئۇ خوشلىقىدا توخو گۆشىگە قولىنى
ئۇزارتتى
دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ مەززىلىك توخو گۆشىمۇ، ئۈزۈم شەربىتىمۇ غايىپ بولدى. قىزچاق، يەنە سەرەڭگە ياقتى
دەل شۇ پەيتتە ئوت ئۆچۈپ مەززىلىك توخو گۆشىمۇ، ئۈزۈم شەربىتىمۇ غايىپ بولدى. قىزچاق، يەنە سەرەڭگە
ياقتى
بۇ قېتىم پەيدا بولغىنى شۇنچىلىك، شۇنچىلىك يوغان مىلاد دەرىخى بولدى
بۇ قېتىم پەيدا بولغىنى شۇنچىلىك، شۇنچىلىك يوغان مىلاد دەرىخى
بولدى
شاخلىرىغا نۇرغۇنلىغان شام قويۇلغان بولۇپ، نۇرلار چاقناپ تۇراتتى
شاخلىرىغا نۇرغۇنلىغان شام قويۇلغان بولۇپ، نۇرلار چاقناپ
تۇراتتى
“ پاھ، نېمىدىگەن گۈزەل! “ قىزچاق بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن بولغانىدى
“ پاھ، نېمىدىگەن گۈزەل! “ قىزچاق بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن
بولغانىدى
بىردىنلا، شام ئاسماننىڭ كۆكىگە تىزىلىپ كىچىك يۇلتۇزلارغا ئايلاندى
بىردىنلا، شام ئاسماننىڭ كۆكىگە تىزىلىپ كىچىك يۇلتۇزلارغا
ئايلاندى
ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى، ئىچىدىن بىرى ئۇزۇن نۇر سزغىنىچە ئېقىپ چۈشتى
ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى، ئىچىدىن بىرى ئۇزۇن نۇر سزغىنىچە ئېقىپ
چۈشتى
“ ئاقما يۇلتۇز!… بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ،- دە…“ قىزچاق ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلىدى
“ ئاقما يۇلتۇز!… بىرەرسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ،- دە…“ قىزچاق ئۆز – ئۆزىگە
پىچىرلىدى
خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن مومىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇلتۇزدىن بىرى ئېقىپ چۈشسە، بىر روھ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا قايتارمىشكەنتۇق
خېلى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن مومىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇلتۇزدىن بىرى ئېقىپ چۈشسە، بىر روھ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا
قايتارمىشكەنتۇق
مىھرىبان مومىسى قىزچاقنى تولىمۇ ئەتىۋارلايتتى
مىھرىبان مومىسى قىزچاقنى تولىمۇ
ئەتىۋارلايتتى
“ مومامنى سېغىندىم… شۇنچىلىك سېغىندىم …“ قىزچاق يەنە سەرەڭگىنى ياقتى
“ مومامنى سېغىندىم… شۇنچىلىك سېغىندىم …“ قىزچاق يەنە سەرەڭگىنى
ياقتى
پەيدا بولغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سېغنىغان مومىسى ئىدى
پەيدا بولغىنى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سېغنىغان مومىسى
ئىدى
“ موما، ئۆتۈنۈپ قالاي! مېنىمۇ ئالغاچ كەتكىن… بىلىمەن، ئوت ئۆچۈپ قالسا سەنمۇ غايىپ بولىسەن… موما، يوقاپ كەتمىگىن… يوقاپ كەتمىگىن…“ قىزچاق ئالدىراپ يەنە بىر سەرەڭگىنى تۇتاشتۇردى، ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى
“ موما، ئۆتۈنۈپ قالاي! مېنىمۇ ئالغاچ كەتكىن… بىلىمەن، ئوت ئۆچۈپ قالسا سەنمۇ غايىپ بولىسەن… موما، يوقاپ كەتمىگىن… يوقاپ كەتمىگىن…“ قىزچاق ئالدىراپ يەنە بىر سەرەڭگىنى تۇتاشتۇردى، ئەتراپ كۈندۈزدەك يورۇپ
كەتتى
مومىسى ”كېلە بالام!“ دىگىنىچە قىزچاقنى ئىللىق باغرىغا باسقىنىچە ئاستا – ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى
مومىسى ”كېلە بالام!“ دىگىنىچە قىزچاقنى ئىللىق باغرىغا باسقىنىچە ئاستا – ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلۈشكە
باشلىدى
“ موما، ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمىگىن، بولامدۇ؟“ “ ئەنسىرىمە قوزام، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ – مەڭگۈ بىللە بولىمىز جىنىم بالام! “ ئەمدى بۇ كىچىككىنە قىزچاق شىۋىرغان سوغۇقلاردىمۇ مۇزلىمايدۇ، قورسىقى ئاچمۇ قالمايدۇ، ھاياتنىڭ ئاچچىقلىرى، رەھمسىزلىكلىرى كىچىككىنە يۈرىكىنىمۇ پۇچىلىيالمايدۇ
“ موما، ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمىگىن، بولامدۇ؟“ “ ئەنسىرىمە قوزام، بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ – مەڭگۈ بىللە بولىمىز جىنىم بالام! “ ئەمدى بۇ كىچىككىنە قىزچاق شىۋىرغان سوغۇقلاردىمۇ مۇزلىمايدۇ، قورسىقى ئاچمۇ قالمايدۇ، ھاياتنىڭ ئاچچىقلىرى، رەھمسىزلىكلىرى كىچىككىنە يۈرىكىنىمۇ
پۇچىلىيالمايدۇ
ئەتىسى يېڭى يىل تاڭلىرى ئەتراپنى يورۇتۇشقا باشلىغىنىدا، قىزچاق ئاللىبۇرۇن كىچىكككىنە قوللىرىدا سەرەڭگە تېلىنى تۇتقىنىچە مۇزلاپ بولغانىدى
ئەتىسى يېڭى يىل تاڭلىرى ئەتراپنى يورۇتۇشقا باشلىغىنىدا، قىزچاق ئاللىبۇرۇن كىچىكككىنە قوللىرىدا سەرەڭگە تېلىنى تۇتقىنىچە مۇزلاپ
بولغانىدى
-تۈنۈگۈن سەرەڭگە ساتقان قىزچاققۇ بۇ ! -سەرەڭگە يېقىپ ئىسسىناي دەپتىكەندە! -ئاھ، بىچارە! قىزچاقنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەر توپى نېمىلەرنىدۇر دىيشەتتى. بىراق، ھىچكىممۇ قىزچاقنىڭ قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى
-تۈنۈگۈن سەرەڭگە ساتقان قىزچاققۇ بۇ ! -سەرەڭگە يېقىپ ئىسسىناي دەپتىكەندە! -ئاھ، بىچارە! قىزچاقنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەر توپى نېمىلەرنىدۇر دىيشەتتى. بىراق، ھىچكىممۇ قىزچاقنىڭ قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر
قىلالمايتتى
قەدىمكى زاماندا ئىلى ئىقلىمدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۈرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە ھەر دائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ، پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلىدار بوپتۇ
قەدىمكى زاماندا ئىلى ئىقلىمدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۈرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە ھەر دائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ، پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلىدار
بوپتۇ
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە، كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بىراق پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ، بالىنى كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئەكېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن يېنىپ كەلگەندە چوڭ خوتۇنى ئالدىغا چىقىپ
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە، كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بىراق پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ، بالىنى كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئەكېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن يېنىپ كەلگەندە چوڭ خوتۇنى ئالدىغا
چىقىپ
__ ئى پادىشاھىم، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى، __ دەپ خەۋەر قىپتۇ. دەر غەزەپ بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ
__ ئى پادىشاھىم، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى، __ دەپ خەۋەر قىپتۇ. دەر غەزەپ بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرمەكچى
بوپتۇ
End of preview. Expand in Data Studio

Introduction

This dataset is created to evaluate the pretrained model performance in Uyghur.

Links

Evaluate your favorite LLM with this dataset using this Colab Notebook.

Downloads last month
12