question
stringlengths 15
159
| answer
stringlengths 56
862
|
|---|---|
ياسالما رەۋىش دېگەن نېمە؟
|
تۈپ سۆزلەرگە تۇرلۇك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسالغان رەۋىشلەر - ياسالما رەۋىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئاساس + ەن، چۈش + كىچە، كەچ + لەپ.
|
رەۋىشلەر مەنىسىگە ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟
|
رەۋىشلەر بىلدۈرىدىغان مەنىسى ۋە جۇملىدىكى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، ھالەت رەۋىشلىرى، ئورۇن رەۋىشلىرى، ۋاقىت رەۋىشلىرى، دەرىجە رەۋىشلىرى، مەقسەت رەۋىشلىرى دېگەن بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
ھالەت رەۋىشى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۇرلۇك ھالىتىنى بىلدۇرىدىغان رەۋىشلەر - ھالەت رەۋىشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، چاپسان، ئاستا، ئاران، ھارام-ھالال.
|
ئورۇن رەۋىشلىرى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى ياكى يۆنىلىشىنى بىلدۇرىدىغان رەۋىشلەر - ئورۇن رەۋىشى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، نېرى، بېرى، ئالدى، كەينى، يۇقىرىدا، تۆۋەندە.
|
ۋاقىت رەۋىشلىرى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنى بىلدۇرۇپ كېلىدىغان رەۋىشلەر - ۋاقىت رەۋىشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ھازىر، بۇرۇن، ھازىرغىچە، قىشقىچە.
|
دەرىجە رەۋىشى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ دەرىجىسى، مىقدارىنى، ئۆلچىمىنى بىلدۇرىدىغان رەۋىشلەر - دەرىجە رەۋىشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ناھايىتى، ئىنتايىن، خېلىمۇ، پۈتۈنلەي.
|
مەقسەت رەۋىشى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىدىكى مەقسىتىنى بىلدۇرىدىغان رەۋىشلەر - مەقسەت رەۋىشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
|
ياردەمچى سۆزلەر دېگەن نېمە؟ ياردەمچى سۆزلەر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ قايسىلار؟
|
ئۆز ئالدىغا لېكسىكىلىق مەنە بىلدۈرمەيدىغان، سۆز ۋە جۇملىلەرنى ئۆزئارا باغلاش، ئۇلارنىڭ مەنىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۆزلەر - ياردەمچى سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. ياردەمچى سۆزلەر تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: 1) تىركەلمىلەر: (بىلەن، ئۈچۈن، ئارقىلىق، توغرىسىدا، توغرۇلۇق قاتارلىقلار)؛ 2) باغلىغۇچىلار: (ۋە، ھەم، بىلەن، ھەمدە، يەنە، يا، ياكى، نە، ياكى، بەلكى، شۇڭلاشقا، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمما، لېكىن، بىراق)؛ 3) يۈكلىمىلەر: (دۇ، يۇ، چۇ، مۇ، غۇ......).
|
جۇملە دېگەن نېمە؟
|
تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى بىلدۈرگەن بىر سۆز ياكى بىرقانچە سۆزنىڭ ئۆزئارا بىرىكمىسى - جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ.
|
جۇملە يېزىلغاندا ئاخىرىغا قانداق تىنىش بەلگىلىرى قويۇلىدۇ؟
|
جۇملىنى يازغاندا، ھەربىر جۇملە ئاخىرىغا مۇشۇ جۇملىنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، چېكىت (.)، پەش (!)، سوئال (؟)، ئۈندەش (!) بەلگىلىرى قويۇلىدۇ.
|
جۇملە مەزمۇنىغا قاراپ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
|
جۇملىلەر مەزمۇنى ۋە ئېيتىلىش ئاھىڭىغا قاراپ، ① خەۋەر جۇملە، ② سوئال جۇملە، ③ بۇيرۇق جۇملە، ④ ئۈندەش جۇملە دېگەن تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
خەۋەر جۇملە دېگەن نېمە؟
|
بىرەر شىئى-ھادىسە، ئىش-ھەرىكەت ھەققىدىكى ئوي-پىكىرنى خەۋەر ياكى بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلەپ بېرىدىغان جۇملىلەر - خەۋەر جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تاڭ ئاتتى، ئوقۇغۇچىلار گىمناستىكا ئوينىماقتا.
|
خەۋەر جۇملىلەر سۆزلىگەندە قانداق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلىدۇ؟ يېزىقتا قانداق تىنىش بەلگىسى قويۇلىدۇ؟
|
خەۋەر جۇملىلەر سۆزلىگەندە ئىنتوناتسىيە جەھەتتىن بىر خىل ئاھاڭدا ئېيتىلىپ كېلىپ، جۇملىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تاۋۇش پەسىيىپ چۈشىدۇ. سۆزلىگەندە بىر جۇملە بىلەن ئىككىنچى جۇملىنىڭ چېكى تىنىش (پائۇزا) ئارقىلىق ئايرىلسە، يېزىقتا چېكىت ياكى پەش ۋە ياكى چېكىتلىك پەش ئارقىلىق ئايرىلىدۇ.
|
سوئال جۇملە دېگەن نېمە؟ قانداق ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ؟ قانداق تىنىش بەلگىسى قويۇلىدۇ؟
|
مەلۇم ئەھۋال، ھادىسە ياكى ئىش-ھەرىكەت توغرىسىدا سوئال مەزمۇنىدا ئېيتىلىدىغان جۇملە - سوئال جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. سوئال جۇملىلەردىكى سوئال مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر، شۇ جۇملىدىكى ئادەتتىكى سۆزلەرگە قارىغاندا كۆتۈرۈلگەن ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ. سوئال جۇملىلەرنىڭ ئاخىرىغا يېزىقتا سوئال بەلگىسى (؟) قويۇلىدۇ.
|
سوئال جۇملىلەر قانداق تۈزۈلىدۇ؟
|
تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن تۈزۈلىدۇ: 1) سوئال ئالماشلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، سىز كىم بولىسىز؟ سىز قەيەردە ئوقۇيسىز؟ 2) جۇملىدە خەۋەرنىڭ ئاخىرىغا «دۇ، مۇ، دا، دە» ئۇلانمىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، بۇ كىتابنى سەن ئوقۇغانمۇ؟ سەن كەيسەن، ئايگۈلچۇ؟ 3) جۇملىدە سوئال ئالماشلىرى، سوئال ئۇلانمىلىرى قاتناشمىسىمۇ، جۇملە ئاخىرىدىكى سۆزنى سوئال ئاھىڭىدا ئېيتىلىشى بىلەن سوئال جۇملە تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردىڭ دېگىن؟
|
بۇيرۇق جۇملە دېگەن نېمە؟
|
سۆزلىگۈچىنىڭ بۇيرۇق، ئۆتۈنۈش، تەلىك، شوئار، چاقىرىق، ئۈمىد، ئارزۇ مەزمۇنىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەيدىغان جۇملىلەر ـــ بۇيرۇق جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، پاتەمنى چاقىرغىلى سىز بېرىڭ. ئۇلار دەرھال كەلسۇن.
|
بۇيرۇق جۇملىلەر قانداق ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ؟ يېزىققا قانداق تىنىش بەلگىسى قويۇلىدۇ؟
|
بۇيرۇق جۇملىلەرنىڭ بەزىلىرى ئېغىزدا كۈچلۈك ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلسا، بەزىلىرى يۇمشاق ئاھاڭدا ئېيتىلىدۇ. يەنى بۇيرۇق، شوئار ۋە ئارزۇ، چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۇملىلەر كۈچلۈك، كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلىدۇ. يېزىقتا بولسا ئۈندەش (!) بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئۆتۈنۈش، تەلىك، مەسلىھەت مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۇملىلەر يۇمشاق ئاھاڭدا ئېيتىلىدۇ. يېزىقتا نۇقتا (.) قويۇلىدۇ. مەسىلەن، يارىمۇ ئۇلۇغ وەتىنىمىز! (شوئار) رۇخسەت قىلىڭ، مەن باراي. (ئۆتۈنۈش)
|
ئۈندەش جۇملە دېگەن نېمە؟
|
سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھىس-ھاياجانلىرىنى (خۇرسەنلىك، خۇشاللىق، قانائەتلىنىش، غەزەپلىنىش، ھايران بولۇش، پۇشايمان قىلىش، ئەجەبلىنىش، زوقلىنىش قاتارلىقلار) ئىپادىلەيدىغان جۇملىلەر ـــ ئۈندەش جۇملە دېيىلىدۇ. ئۈندەش جۇملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى (!) قويۇلىدۇ. مەسىلەن، ئاھ، ئۇلۇغ وەتەن! سەن نېمىدېگەن گۈزەلسەن!
|
جۇملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىش يوللىرى نەچچە خىل بولىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟
|
ئىككى خىل بولىدۇ. ① تەڭداش باغلىنىش. ② بېقىندى باغلىنىش.
|
تەڭداش باغلىنىش دېگەن نېمە؟
|
جۇملىدە ۋەزىپىسى ئوخشاش بولغان سۆزلەرنىڭ باغلىغۇچىلار ئارقىلىق (ۋاسىتىلىك) ياكى باغلىغۇچىلارسىز (ۋاسىتىسىز) ئۆزئارا باغلىنىپ كېلىشى تەڭداش باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بۇ باغدا ئالما، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر بار. باغدا ئالما ۋە نەشپۇتلەر پىشىپ كەتتى.
|
بېقىندى باغلىنىش دېگەن نېمە؟
|
جۇملە تەركىبىدىكى بىر سۆزنىڭ ئىككىنچى بىر سۆزگە بېقىنىپ = ئەگىشىپ كېلىشى ـــ بېقىندى باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.
|
بېقىندى باغلىنىش نەچچە خىل بولىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟
|
تۆت خىل بولىدۇ. ئۇلار: ① كېلىشىش باغلىنىش، ② چىرمىشىش باغلىنىش، ③ باشقۇرۇش باغلىنىش، ④ يانداش باغلىنىش.
|
كېلىشىش باغلىنىش دېگەن نېمە؟
|
بېقىندى سۆزنىڭ باش سۆزگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن سان ۋە شەخس جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىپ كېلىشى ـــ كېلىشىش باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىشىش باغلىنىش ئاساسەن، ئىگە بىلەن خەۋەر ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. مەسىلەن، مەن تىرىشىپ ئوقۇۋاتىمەن. بۇ جۇملىدىكى «مەن» بىنتىنچى سۆز «ئوقۇۋاتىمەن» دېگەن سۆز بىلەن سان ۋە شەخس جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىپ، كېلىشىش يولى بىلەن باغلىنىپ كەلگەن، يەنى ھەر ئىككى سۆز I شەخستە بىرلىك.
|
چىرمىشىش باغلىنىش دېگەن نېمە؟
|
بېقىنغۇچى سۆزنىڭ ئىگىلىك كېلىشتە، بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ ئىگىلىك (شەخس) قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، باغلىنىپ كېلىشى ـــ چىرمىشىش باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ ئۆگىنىش ئىرادەم كۈچلۈك (مېنىڭ ئىرادەم). مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ناھايىتى چوڭ ئىكەن (مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى).
|
باشقۇرۇش باغلىنىش دېگەن نېمە؟
|
بېقىنغۇچى سۆزنىڭ بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ تەلىپى بويىچە باش كېلىش ۋە ئىگىلىك كېلىشتىن باشقا كېلىشلەردە تۈرلىنىپ كېلىشى ـــ باشقۇرۇش باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپنى سۆيۈش، مەكتەپتە ئوقۇش، مەكتەپكە مېڭىش، مەكتەپتىن قايتىش.
|
يانداش باغلىنىش دېگەن نېمە؟
|
بېقىنغۇچى سۆز بىلەن بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ قوشۇمچىلار بىلەن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئورۇن تەرتىپى ئارقىلىق باغلىنىپ كېلىشى ـــ يانداش باغلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قىزىل قەغەز، چىرايلىق باغ، ئاق كۆڭۈللۈك ئادەم.
|
جۇملە بۆلەكلىرى دېگەن نېمە؟
|
جۇملىدە مەلۇم گرامماتىكىلىق ۋەزىپە ئۆتەپ، بەلگىلىك سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ـــ جۇملە بۆلەكى دەپ ئاتىلىدۇ.
|
جۇملە بۆلەكلىرى جۇملىدە ئۆتەيدىغان رولىغا قاراپ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟
|
جۇملە بۆلەكلىرىنىڭ بەزىلىرى جۇملىدە يېتەكچى (باش) رول ئوينىسا، بەزىلىرى قوشۇمچە (ئەگەشمە) رول ئوينايدۇ. جۇملە بۆلەكلىرى جۇملىدە ئۆتەيدىغان رولىغا قاراپ، باش بۆلەك ۋە ئەگەشمە بۆلەك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
|
باش بۆلەك دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
|
جۇملىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساس بولىدىغان، جۇملىدە تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرلەرنى ئىپادىلەشتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى ـــ جۇملىنىڭ باش بۆلەكى دېيىلىدۇ. باش بۆلەك ئىگە ۋە خەۋەر دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
ئەگەشمە بۆلەك دېگەن نېمە؟ ئەگەشمە بۆلەك قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟
|
جۇملىدە ئىگە بىلەن خەۋەرنى ياكى ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئېنىقلاپ، تولدۇرۇپ كېلىدىغان بۆلەكلەر ـــ جۇملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەشمە بۆلەكلەر: ئېنىقلىغۇچى، تولدۇرغۇچى، ھالەت دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
ئىگە دېگەن نېمە؟ ئىگىگە قانداق سوئاللار بېرىلىدۇ؟
|
جۇملىنىڭ كىم ياكى نېمە توغرىسىدا ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۇرىدىغان باش بۆلەكى ئىگە دېيىلىدۇ. ئىگىگە: كىم؟ نېمە؟ كىمى؟ نېمىسى؟ كىملەر؟ نېمىلەر؟ قانچە؟ قايسى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بۇلبۇل قىزغالداق ئىچىدە سايراۋاتىدۇ. مەن ـــ ئوقۇتقۇچى. بىزنىڭ مەكتىپىمىز مۇۋاپىق جايغا ئورۇنلاشقان.
|
خەۋەر دېگەن نېمە؟ خەۋەرگە قانداق سوئال بېرىلىدۇ؟
|
جۇملىدە ئىگىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى، سۇپىتىنى، كىم، نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە باشقا بەلگىلىرىنى بىلدۇرۇپ كېلىدىغان باش بۆلەك ـــ خەۋەر دەپ ئاتىلىدۇ. جۇملىنىڭ خەۋىرىگە، نېمە قىلدى؟ نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ نېمە قىلىدۇ؟ نېمە قىلماقتا؟ نېمە بولدى؟ نېمە قىلىندى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بالا كىتاپ ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ئادىل بولۇپ كېلىدۇ.
|
ئۇيغۇر تىلىدا خەۋەرسىز جۇملە تۈزگىلى بولامدۇ؟
|
ئۇيغۇر تىلىدا ئىگىسىز ياكى ئىگىسى يوشۇرۇن جۇملىلەرنى تۈزگىلى بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرسىز جۇملىلەرنى تۈزگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، گۈللەر بورانغا ئېچىلدى. ئاۋدىن چىقىپ، ئۇدۇل مەكتەپكە باردىم.
|
قانداق سۆزلەر خەۋەر بولالايدۇ؟
|
جۇملىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن مۇستەقىل سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ھەممىسى خەۋەر بولالايدۇ.
|
تولدۇرغۇچى دېگەن نېمە؟ قانداق سۆزلەر تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلەلەيدۇ؟
|
پېئاللىدىن تۈزۈلگەن، خەۋەر بىلەن باشقۇرۇش باغلىنىشتا كېلىپ، جۇملە مەزمۇنىنى تولدۇرۇپ، كېڭەيتىپ كېلىدىغان ئەگەشمە بۆلەك ـــ تولدۇرغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇستەقىل سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ھەممىسى تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلەلەيدۇ. مەسىلەن، تاپشۇرۇقنى ئىشلىدىڭمۇ؟ مەن بۇ خەۋەرنى رادىئودىن ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى ئەھمەتتىن ئاڭلىدىم. سەككىزنى ئۈچكە قوشساق ئون بىر بولىدۇ.
|
تولدۇرغۇچى قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟
|
تولدۇرغۇچىلار ئۆتۈملۈك تولدۇرغۇچى ۋە ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچى دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يۆنىلىش كېلىش، ئىگىلىك كېلىش، تۈشۈم كېلىش، يۇقلۇق كېلىش بىلەن كەلگەن تولدۇرغۇچىلار ـــ ئۆتۈملۈك تولدۇرغۇچى بولىدۇ. «بىلەن، ھەققىدە، توغرۇلۇق، ئۈچۈن» دېگەنگە ئوخشاش ياردەمچى سۆزلەر ۋە ئورۇن كېلىش، چىقىش كېلىش، يۆنىلىش كېلىش بىلەن كەلگەن سۆزلەر (ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغانلىرىدىن باشقىسى) جۇملىدە ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن، مەن بۇ قەلەمنى پەرھاتتىن ئالدىم.
|
ئېنىقلىغۇچى دېگەن نېمە؟
|
جۇملىدە ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بەلگىسىنى (سۇپىتىنى، سانىنى، دەرىجىسىنى، ھەجمىنى، نېمىدىن ياسالغانلىقىنى)، كىمگە، نېمىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدىغان ئەگەشمە بۆلەك ـــ ئېنىقلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنىقلىغۇچىلار قانداق؟ قايسى؟ كىمنىڭ؟ نېمىنىڭ؟ قانچە؟ نەچچىنچى؟ نېمىدىكى؟ قەيەرنىڭ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاپ بولۇپ كېلىدۇ.
|
يىغىق ئاددىي جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش بۆلەكلەر (ئىگە بىلەن خەۋەر)دىنلا تۈزۈلگەن ئاددىي جۇملە ـــ يىغىق ئاددىي جۇملە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، يامغۇر ياغدى، مۇسابىقە باشلاندى.
|
يېيىق ئاددىي جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش ھەم ئەگەشمە بۆلەكلەردىن تۈزۈلۈپ، بىرلا ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى بىلدۇرگەن ئاددىي جۇملىلەر ـــ يېيىق ئاددىي جۇملە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، تۈنۈگۈن قار كېچىچە ياغدى.
|
ئىگىلىك جۇملە دېگەن نېمە؟
|
ئىگىسى بەزىدە ئېيتىلىپ، بەزىدە ئېيتىلمايدىغان، لېكىن ئېيتىلمىسىمۇ ئىگىسىنىڭ كىم ياكى نېمە ئىكەنلىكى خەۋەردىن ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان ئاددىي جۇملە ـــ ئىگىلىك جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بىز بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىمىز. مەن تۈنۈگۈن كىتابخانىغا باردىم.
|
ئىگىسىز جۇملە دېگەن نېمە؟
|
ئىگىسى يوق، خەۋىرى ھېچكىمگە باغلىق بولمىغان ئاددىي جۇملە ـــ ئىگىسىز ئاددىي جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قىيىنچىلىق ئالدىدا تەۋرەنمەسلىك لازىم.
|
تولۇق ئاددىي جۇملە دېگەن نېمە؟
|
مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلغان ئاددىي جۇملىلەر ـــ تولۇق ئاددىي جۇملە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، بىز توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.
|
تولۇقسىز جۇملە دېگەن نېمە؟
|
مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلمىغان ياكى مەلۇم بۆلەكلىرى چۈشۈپ قالغان ئاددىي جۇملىلەر ـــ تولۇقسىز ئاددىي جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قايدىن كېلىۋاتىسەن؟ ـــ بازاردىن. قۇرباننى كۆردۈڭمۇ؟ ـــ كۆرمىدىم.
|
ھالەت دېگەن نېمە؟ ھالەتكە قانداق سوئاللار بېرىلىدۇ؟
|
جۇملىدە ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق ھالدا، قانداق يولبىلەن، قاچان، قەيەردە ئورۇنداشقانلىقىنى ۋە باشقا بىلەن باغلىق بولغان ھالىتىنى، ئورنىنى، ۋاقتىنى بىلدۇرىدىغان ئەگەشمە بۆلەك ـــ ھالەت دېيىلىدۇ. ھالەتكە قانداق؟ قانداق قىلىپ؟ قاچان؟ قەيەردە؟ نېمە ئۈچۈن؟ نېمە قىلغىلى؟ كىم ئۈچۈن؟ كىمنى دەپ؟ نېمە قىلماي؟ كىم ئارقىلىق؟ قايدىقتىن قاراپ؟ نېمە ئارقىلىق؟ قەيەردىن؟ قاچانغىچە؟ نەچچىگىچە؟ نەچچە قېتىم؟ دېگەن سوئاللار بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بىز ئاستا ماڭدۇق. سىنىپ پاكىز تازىلاندى. مەن كىتاپ ئالغىلى باردىم.
|
ھالەتلەر مەزمۇنىغا قاراپ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ قايسىلار؟
|
سۇپەت-ھەرىكەت ھالىتى، ئورۇن ھالىتى، ۋاقىت ھالىتى، سەۋەب ھالىتى ۋە مەقسەت ھالىتى دەپ بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ.
|
سۇپەت-ھەرىكەت ھالىتى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق ھالدا ئورۇندالغانلىقىنى، ئورۇندالىۋاتقانلىقىنى، ئورۇندىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدىغان ھالەت ـــ سۇپەت-ھەرىكەت ھالىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەھمەت چاپسان يۈگۈردى. يامغۇر قاتتىق ياغماقچى بولدى.
|
ئورۇن ھالىتى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى بىلدۇرىدىغان ھالەت ـــ ئورۇن ھالىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مەن خوتەندە بىر يىل تۇردۇم. دادام زاۋۇتقا كەتتى.
|
ۋاقىت ھالىتى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنى بىلدۇرىدىغان ھالەت ـــ ۋاقىت ھالىتى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ھازىر چىقىپ كەتتى. بۇ ئىشنى ئەتىگىچە ئىشلەپ تۈگەتتىم.
|
سەۋەب ھالىتى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىنى بىلدۇرىدىغان ھالەت ـــ سەۋەب ھالىتى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىقتىن، تېز ئالغا باستى. غۇنچەم ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، مۇكاپاتلاندى.
|
مەقسەت ھالىتى دېگەن نېمە؟
|
ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىنى بىلدۇرىدىغان ھالەت ـــ مەقسەت ھالىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بىز كىنو كۆرگىلى باردۇق.
|
جۇملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى دېگەن نېمە؟
|
جۇملىدە بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان، ئوخشاش سىنتاكسلىق تۈزۈلۈش ۋە ئوخشاش ۋەزىپىدە كەلگەن بۆلەكلەر ـــ جۇملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. جۇملىنىڭ بەش خىل بۆلىكىنىڭ ھەممىسى تەڭداش بۆلەك بولۇپ كېلىۋېرىدۇ. مەسىلەن، كوچىلار، ئېتىزلار، دالالار، تاغلار، باغلار ياپيېشىل باھار لىباسىنى كىيدى (تەڭداش ئىگە). ئۇ ئەقىللىق، كەمتەر، چېچەن، مۇلايىم كىشى ئىدى (تەڭداش ئېنىقلىغۇچى). ئادەم ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا سۇ، قان، كرامال، ئاقسىل، مايلارنى ئىستېمال قىلىدۇ (تەڭداش تولدۇرغۇچى). بىزنىڭ سىنىپىمىز يورۇق، پاكىز (تەڭداش خەۋەر). مەكتەپتە، كوچىدا، جامائەت سورۇنلىرىدا ئىنتىزامنى قاتتىق ساقلاش كېرەك (تەڭداش ھالەت).
|
جۇملىلەر تۈزۈلۈشىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
|
جۇملىلەر تۈزۈلۈشىگە قاراپ ئاددىي جۇملە ۋە قوشما جۇملە دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
قوشما جۇملە دېگەن نېمە؟ ئۇ تۈزۈلۈشىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
|
مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاددىي جۇملىلەردىن تۈزۈلۈپ، مۇرەككەپ ئوي-پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۇملىلەر ـــ قوشما جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. قوشما جۇملە تەڭداش قوشما جۇملە، بېقىندىلىق قوشما جۇملە ۋە ئارىلاش قوشما جۇملە دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
تەڭداش قوشما جۇملە دېگەن نېمە؟
|
تەڭ ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل، بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان ئاددىي جۇملىلەردىن تۈزۈلگەن قوشما جۇملە ـــ تەڭداش قوشما جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئادەم مەڭگۈ ياشىمايدۇ، ئۇنىڭ ياخشى نامى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇ تېز ئوقۇيدۇ لېكىن تېز يازالمايدۇ.
|
تەڭداش قوشما جۇملە قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟
|
تەڭداش قوشما جۇملىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاددىي جۇملىلەر مەلۇم ئىنتوناتسىيە ياكى باغلىغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار: ① باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان تەڭداش قوشما جۇملە، ② باغلىغۇچىلارسىز باغلانغان تەڭداش قوشما جۇملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
|
باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان تەڭداش قوشما جۇملە دېگەن نېمە؟
|
مەلۇم باغلىغۇچىلار ئارقىلىق، ئۆزئارا تەڭ دەرىجىدە باغلىنىپ كەلگەن ئاددىي جۇملىلەردىن تۈزۈلگەن قوشما جۇملە ـــ باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانغان تەڭداش قوشما جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ياخشى نام قالدۇرۇش ئۇلۇغ سائادەتتۇر. مۇئەللىم ئاۋۋال سۆزلىدى، ئاندىن كېيىن مەشىق قىلدۇردى.
|
باغلىغۇچىلارسىز باغلانغان تەڭداش قوشما جۇملە دېگەن نېمە؟
|
تەركىبىدىكى ئاددىي جۇملىلەر باغلىغۇچىلارنىڭ ياردىمىسىز باغلانغان قوشما جۇملىلەر ـــ باغلىغۇچىلارسىز باغلانغان تەڭداش قوشما جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مەن ماقالە يېزىۋاتىمەن، مۇنىرە رەسىم سىزىۋاتىدۇ. ئاسمان بۇلۇتقا قېيىلدى، يامغۇر ياغمىدى.
|
بېقىندىلىق قوشما جۇملە دېگەن نېمە؟
|
ئۆزئارا بېقىنىش ۋە بېقىندۇرۇش يولى بىلەن باغلانغان بىرنەچچە ئاددىي جۇملىدىن تۈزۈلگەن، قوشما ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۇملە ـــ بېقىندىلىق قوشما جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ.
|
بېقىندىلىق قوشما جۇملە تەركىبىدە قانچە تەركىب بولىدۇ؟
|
بېقىندىلىق قوشما جۇملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۇملىلەر بېقىنىش ۋە بېقىندۇرۇش يولى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىپ كەلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ بىرى باش جۇملە، يەنە بىرى بېقىندى جۇملىدىن ئىبارەت ئىككى تەركىب بولىدۇ.
|
باش جۇملە دېگەن نېمە؟
|
بېقىندىلىق قوشما جۇملە تەركىبىدىكى ئىككىنچى بىر ئاددىي جۇملىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كەلگەن جۇملە ـــ باش جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈن كۈن ئوچۇق بولغاچقا، بالىلار كۆڭۈللۈك ئوينىدى. ھەر بېقىندى جۇملە باش جۇملە: قىزىلگۈللەر ئېچىلغاندا، بىز سالەرنىڭ باغقا بارىمىز. ئەگەشمە جۇملە باش جۇملە
|
بېقىندى جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش جۇملىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىرەر بۆلىكىنى ياكى پۈتۈن جۇملىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، ئېنىقلاپ كەلگەن ئاددىي جۇملە ـــ بېقىندى جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئالدىنقى سوئالنىڭ جاۋابىدىكى «قىزىلگۈللەر ئېچىلغاندا»، «بۈگۈن كۈن ئوچۇق بولغاچقا» دېگەن جۇملىلەر بېقىندى جۇملىدۇر.
|
بېقىندى جۇملە قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟
|
بېقىندىلىق قوشما جۇملە تەركىبىدىكى بېقىندى جۇملىلەر ئاددىي جۇملىدىكى ئەگەشمە بۆلەكلەر سىماقلا جۇملىنىڭ مۇقىم بۆلەكلىرىگە يېقىنداش رول ئوينايدۇ ۋە شۇ ئەگەشمە بۆلەكلەرگە بېرىلىدىغان سوئاللارغا جاۋاپ بولۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېقىندىلىق قوشما جۇملە تەركىبىدىكى بېقىندى جۇملىلەر شۇ جۇملىدە ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسى ۋە ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنىغا قاراپ: ئىگە بېقىندى جۇملە، خەۋەر بېقىندى جۇملە، تولدۇرغۇچى بېقىندى جۇملە، ئېنىقلىغۇچى بېقىندى جۇملە، ھالەت بېقىندى جۇملىدىن ئىبارەت بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
|
ئىگە بېقىندى جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش جۇملىدىكى كۆرسىتىش ئالماشدىن كەلگەن ئىگىنى ئېنىقلاپ كېلىدىغان بېقىندى جۇملە ـــ ئىگە بېقىندى جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىگە بېقىندى جۇملە كىم؟ نېمە؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاپ بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن، كىم كەمتەر بولسا، شۇ ئالغا باسىدۇ. ئىگە بېقىندى جۇملە
|
خەۋەر بېقىندى جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش جۇملىدىكى كۆرسىتىش ئالماشنى ئېنىقلاپ كەلگەن خەۋەرنى ئېنىقلاپ كېلىدىغان بېقىندى جۇملە - خەۋەر بېقىندى جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، باغنىڭ چوڭلۇقى شۇنداقكى، بىرنەچچە سائەتتە ئاران ئايلىنىپ بولالايسەن. (خەۋەر بېقىندى جۇملە)
|
تولدۇرغۇچى بېقىندى جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش جۇملىدىكى كۆرسىتىش ئالماشنى كەلتۈرگەن تولدۇرغۇچىنى ئېنىقلاپ، روشەنلەشتۈرۈپ كېلىدىغان بېقىندى جۇملە - تولدۇرغۇچى بېقىندى جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار شۇنى بىلىدۇكى، كومىنداڭ ئەكسىرىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغان.
|
ئېنىقلىغۇچى بېقىندى جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش جۇملىدىكى كۆرسىتىش ئالماشنى كەلتۈرگەن ئېنىقلىغۇچىنى ئېنىقلاپ كېلىدىغان بېقىندى جۇملە - ئېنىقلىغۇچى بېقىندى جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بۇ گۈل شۇنداق چىرايلىقكى، قارىساڭ قارىغۇڭ كېلىدۇ. (ئېنىقلىغۇچى بېقىندى جۇملە)
|
ھالەت بېقىندى جۇملە دېگەن نېمە؟
|
باش جۇملىنىڭ خەۋىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۇرلۇك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ كېلىدىغان بېقىندى جۇملە - ھالەت بېقىندى جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ شۇنداق خۇشال بولدىكى، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. (ھالەت بېقىندى جۇملە)
|
كۆپ بېقىندىلىق قوشما جۇملە دېگەن نېمە؟
|
تەركىبىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېقىندى جۇملىلىرى بولغان قوشما جۇملىلەر - كۆپ بېقىندىلىق قوشما جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەتىياز كەلگەندە، بىزلەر دېڭىز ياغ سەيلىسىگە چىقىمىز، دېگەن باش جۇملىگە بىۋاسىتە ھالدا باغلانغان.
|
كۆچۈرمە جۇملە دېگەن نېمە؟
|
ئاپتور باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزىنى ھېچبىر ئۆزگەرتمەستىن، شۇ قېلىپتا ئۆز گېپى ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئىشلەتكەن بولسا، بۇنداق جۇملە كۆچۈرمە جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. كۆچۈرمە جۇملە ئاپتور سۆزىنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلۇغ شائىر نەۋائى: «ئىنساننىڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىدىن بىرى - ئاتا-ئانىنى ھۆرمەت قىلىش»، دېگەنىدى.
|
ئۆزلەشتۈرمە جۇملە دېگەن نېمە؟
|
ئاپتورنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىپ، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قوللىنىشى - ئۆزلەشتۈرمە جۇملە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلۇغ شائىر نەۋائى ئاپەت كۆرمەسلىك ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ھوشىيار بولۇش لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.
|
تىنىش بەلگىلىرى دېگەن نېمە؟
|
ئوي-پىكىرنى، ئوي-پىكىرنىڭ قىسىم ۋە بۆلەكلەرگە ئايرىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى يېزىقتا توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر - تىنىش بەلگىلىرى دەيىلىدۇ.
|
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.