audio audioduration (s) 2.34 16.4 | sentence stringlengths 15 131 |
|---|---|
گويا چۈشتەك گويا بىر گۈزەل ئارزۇدەك ئۇنىڭ خىيالى ۋە مۇھەببىتىگە ئايلاندى | |
كەنت يېنىدا سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئۆستەڭ بار ئىكەن | |
نەزىرىڭدىن يىراقلاشتۇرما پەزىلەت ۋە بىلىم ئۆگەت بىلىم ۋە پەزىلەت بىلەن ئەلدە ئىناۋەتكە ئېرىشسۇن | |
ئائىلە ئېلېكتر زەنجىرلىرى قايسى قىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ | |
يول بويىدىكى كۆچەتلەرنى سۇندۇرۇۋېتىپتۇ | |
بۇ يەر ئاستى سۈيى مول ۋە سۈپىتى ياخشى بولغان جايلاردا بەرپا قىلىنغان سۇ قۇرۇلۇشىدۇر | |
ئۇ زەررىچە بىخەستەلىك قىلمايتتى | |
قىسقىسى رەنانىڭ ماڭا بولغان ئەقىدىسىدىن دېرەك بەرگەن بۇ خەتلەرنى تاشلىۋەتكۈم كەلمىدى | |
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پادىشاھ ئوۋغا چىقىپتۇ | |
يامغۇر قەدرىنى تاش بىلمەس | |
مېھمان مېھماندىن قىزغىنار ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن | |
ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاداش مەن قەستەن قىلمىدىم دېدى | |
ئۇيغۇرچىڭىز جىق ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ دەپ پاراڭنى ئۆلتۈردۈم | |
رەڭگارەڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىسى شۇنداقلا دەۋر روھىنىڭ ۋە كىشىلەر ھېسسىياتىنىڭ جەۋھىرىدۇر | |
ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەيدۇ | |
سىنىپ ئىچى يەنە قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى | |
ئۇ خۇش بولۇپ ئۇياققا باردى دە يانچۇقىدىن بورنى چىقىرىپ دوسكىغا يېزىپ ھېسابلاشقا باشلىدى | |
تۇنجى ئېچىلغان گۈل چېچەكلەر تەبىئەتكە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى | |
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئىدىش ۋە قاچىلار سىلىندىر شەكلىدە بولىدۇ | |
چىراي تاللىماي مىجەز تاللا | |
ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش ۋە ئېغىرلىق يوقىتىش دېگەن نېمە | |
ياپون ئاياللىرى پاكىزلىقنى گويا پاكىزلىققا شەيدا بولۇپ قالغاندەك ياخشى كۆرىدۇ | |
ئۇلار ئاتلىرىنى يېتىلەپ ھويلىغا كىردى | |
ياسىن تەسىرلىك بىر كىنو كۆرگەندەك ھاياجانلاندى | |
كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم ئۇنى بېرىۋەتسەم قېيناتامنى تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن | |
ئاي نۇرى قانچىلىك يورۇق بولسىمۇ قۇياشنىڭكىگە يەتمەس | |
قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا قارىغاندا ئۈچ مىڭ ھەسسە يۇقىرى ئىكەن | |
پاراخوت بىر خىلدا ئىلگىرىلەۋاتاتتى | |
تېشىدىن قاتتىق كۆرۈنگەن بىلەن ئىچى كاۋاكلىشىپ يۇمشاپ كەتكەن پو كاللا | |
يۈگەن ئېگەر جابدۇقلىرىغا ساپ كۈمۈشتىن نەقىشلەر ئويۇلغان ئىدى | |
مەن بىلەن قۇرداش بىرىنى ئاكا دېگۈم كېلەتتى | |
سەن نۆكەرلىرىڭدىن بىر قانچىنى باشلاپ تاڭ يورۇغۇچە تۇمشۇق ئېغىزىغا بېرىپ بول | |
ناۋادا ئۇ بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققان بولسا مەن ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ يولىنى داۋاملاشتۇرىمەن | |
خورلاش شەكىللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋەھشىي يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا تەمسىل قىلىنىپتۇ | |
بۇ ماشىنا ئادەملەر ئەقىللىق ھەم قابىل | |
بۇ ئاقما لىنىيە ھەر يىلى كۆپ مىقداردا ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان ئوپتىك دىسكىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ | |
ۋاقىت توشقاندا گالىلېي ئىككى قوغۇشۇن شارەكچىنى مۇنار ئۈستىدىن بىرلا ۋاقىتتا پەسكە تاشلىدى | |
قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق قېرى ئۆلسە يىغا يوق | |
ساتىراش بولسا پۇلنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇراتتى | |
ئاتوم بىر شارسىمان ماددا بولۇپ مۇسبەت زەرەتلەر پۈتۈن شار ئىچىگە تەكشى تەقسىملەنگەن | |
ھېچ بولمىغاندا ئايالىڭىزنىڭ بولسىمۇ يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئىتى بار ئىكەن | |
ئەل قوزغالسا تەخت غۇلار | |
بۇنداقمۇ دەھشەت تەڭسىزلىك بولارمۇ جاھاندا | |
تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە قايتا قايتا سىنىغان ۋە بۈگۈنكىدەك مۇكەممەل ھالغا كەلتۈرگەن | |
سۈتسىز ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ | |
ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ | |
ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ | |
يېشىل خىمىيە خىمىيە سانائىتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بەخت ياراتقۇسى | |
ئىش ۋاقتىدا ھەييار ئاش ۋاقتىدا تەييار | |
قوشناڭ يىغلىغاندا سەن كۈلمە | |
كامال سەن تاياق يەپ باققانمۇ | |
لېكىن مەن قىلغان يامان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس | |
ياخشى بالام ياخشى ئىشلە پۇلۇم يوق ئەتىگەنلىك ئىسسىق گىردە بىلەن چاي بېرىمەن | |
ياخشى يوغىنىغان توغراق جاڭگالنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ | |
دەرۋەقە پادىشاھنىڭ كىيىملىرى ئەزەلدىن مۇنداق ماختاشقا سازاۋەر بولمىغانىكەن | |
ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەنمۇ بىر سۆيۈملۈك ساراڭ ئىدىم | |
غوجام خاپا بولدى ئەلچىلەر نائىلاج قايتىشتى | |
مەن ئۇنىڭغا بىر پەس تىكىلىپ قاراپ قالدىم ھەمدە تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم | |
كېپەك دەرۋىش بىلەن نىياز ھېكىمبەگ ئوبرازلىرى ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرغىچە قەلەمگە ئېلىنمىغان | |
تىلىنىڭ تېگىدە تىلى بار | |
پىلە قۇرتىنىڭ جاھىللىق ۋە ئىجتىھات بىلەن تىنىمسىز ئىشلىگىنىگە قاراپ تۇرۇپ كېتەتتىم | |
يەنە ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ياخشى كۆزىتىپ باقايلى | |
شۇنىڭ بىلەن بۆرە بىر ھايۋاننى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېرىنىنى پۈۋلەپ تۇلۇمدەك كۆپتۈرۈپتۇ | |
ئاتا ئانام سېنىڭ پەرۋىشكار گۈلچىڭ ئىدى | |
كۆلنىڭ يارىشىقى تال قىزنىڭ يارىشىقى خال | |
سەركە ھوشيار بولسا مالغا ئاپەت كەلمەس | |
خۇشياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ ئالتىنچى ئايدا قولى توڭۇپتۇ | |
مانا ئۇلاردىن ئايرىلغىلى توپتوغرا ئون بەش يىل بوپتۇ | |
كۆپچىلىك ۋاقتىدا كېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار | |
بىر مىڭ يۈەنلىك باھاغا كاپالەتلىك قىلىڭ | |
چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا كەچلىككە ئوزۇق تاپ | |
قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى نەزەرىيىۋى فىزىكىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم | |
كاللامغا كەلگەن چاقماق تېزلىكىدىكى پىكىر بىلەن مۇراتقا تېلېفون قىلدىم | |
ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ | |
ئۇ بالدۇرلا چوڭ بولۇپ كەتكەن ئوغۇل بالىنىڭ ئىپتىخار كۈلكىسى ئىكەن | |
كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىكەن | |
مېۋىلىك باغ شۇنچە چوڭ ھەممىلا يېرىدە مېۋىلىك دەرەخلەر بار | |
بۇ دەل خىزمەتچى خادىملارنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرگەن يەنە بىر ئىش | |
ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار | |
بۇ بورانلار ھەر قانداق توسالغۇلارنى چېقىپ تاشلايدىكەن | |
ئۇلارنى بىر قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىن تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىيە قىلاتتى | |
رېئال دۇنيادا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەم تەڭ بولۇش مۇناسىۋىتى ھەم تەڭ بولماسلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت | |
يەڭگەم بولمىغاندىكىن ئۆيىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ بولالمايسىز بۇنداق ئىشقا مېنى چاقىرسىڭىزمۇ بولىدۇ | |
ئۇنىڭ قولى تەككەن يەر بىر كېچە كۈيۈشۈپ چىقتى | |
ئالدىرىغاندا قارىغۇدىن يول سوراپتۇ | |
بۇ مۆجىزىنى مۇشۇ مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك غۇلجا ئەمگەكچىلىرى ياراتقان | |
قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال | |
ماۋۇ گىياھسىز قاقاسلىقنى كۆرۈڭ | |
چىرايلىق يۈزىگە چوڭقۇر قورۇقلار چۈشۈپ كۆزلىرىنىڭ چۆرىسى تورلاشقان | |
بۇ بىزنىڭ باش شىركەتتىن تارقاتقان ئېتىبار باھالىق كارتا | |
بۇ گېئومېتىرىيەلىك جىسىملار ئاددىي بىرىكمە جىسىملار دەپ ئاتىلىدۇ | |
دوتەينىڭ بۇياققا قانداق قىلىپ قەدىمى يەتتىكىنە | |
ئۇ يەردە ياۋا گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەنىدى | |
ئاتاڭ كىم بولسا سەن شۇنىڭ ئوغلى | |
بىر چاغدا ئايالىم يىغىسىدىن توختاپ ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز كۆزىنى يۇدى | |
ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغانىكەن | |
قاراڭ ئۇلار تىزىق تىزىق رەڭدار مارجانلارغا نەقەدەر ئوخشايدۇ ھە | |
ئۇ بىز بىلەن بىللە ئۇخلايدىغان بىللە ئورنىدىن تۇرىدىغان بولدى | |
غېنى ئوغرى بولسا كۈچلۈك غەزىپى قاراملىقى بىلەنلا نۇرىغا ياقاتتى | |
كۆزىتىش چوقۇم مەقسەتلىك بولۇشى كېرەك |
End of preview. Expand in Data Studio
README.md exists but content is empty.
- Downloads last month
- 8