audio audioduration (s) 2.27 16.4 | sentence stringlengths 15 134 |
|---|---|
ساۋابلىق ئىش پەيغەمبىرىمىز ئۆزى ساۋاتلىق بولالمىغان ئەمما ساۋاتنىڭ قەدرىگە بەك يەتكەن | |
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغانلار بارمۇ | |
ئوغرىدىن ۋاپا كۈتمە ئوغىدىن شىپا | |
ئەقىل توزۇماس بىلىم خورىماس | |
ئاخشىمى كىشىلەر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى | |
رىياسەتچى بالا ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ۋە خۇشال ھېس قىلاتتى | |
مەشرەپ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى قويۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى پائالىيەت | |
ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا ئۆزىنى جازالىغانلىق | |
تەنەپپۇستا مەكتەپ ئىچى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى | |
ئەڭ ئۇلۇغ نەرسىلەردىن ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرگىچە نەزىرىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ | |
بۇ ئازابلىق كۈنلەر قاچانمۇ ئاخىرلىشار ھە | |
تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ ھاۋايغا دەم ئالغىلى كەتكەن مارشالغا تېلېفون ئۇرماقچى بولدى | |
نومۇر تاختىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆزگە چېلىقاتتى | |
ئېشىغا قاراپ تاۋىقى ھۈنىرىگە قاراپ سىمكىرى | |
بىزنىڭكىگە كەلسەك يەپلا سېنىڭكىگە بارسام گەپلا | |
مەيلى ئىشەنمە ھېچبولمىغاندا بىزنىڭ نەپرەتلىنەلەيدىغىنىمىزنى بىلىشىڭ كېرەك | |
كىمنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىسەڭ شۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيت | |
بۇ مەسىلە تەرەپ ئۇزۇنلۇقى مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقتىن بۇنى گېئومېتىرىيەدىكى ۋېكتورلار ئۇقۇمى بىلەن ھەل قىلىمىز | |
قۇلاق ئاڭلىغاننى كۆز كۆرەر | |
بۇ دۇنيادا جان كېرەك ئۇ دۇنيادا ئىمان | |
تۈگىدى قانداق قىزىقمىكەن | |
ئەزرائىل جان دېسە بەش بالا نان دەيدۇ | |
ماۋۇ ئىزلارنى يامغۇر تامچىلىرى قالدۇرغان ئۇلارنى يامغۇر ئىزى دەيمىز | |
كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆز رەقىبىڭنى قۇچاقلا | |
ياسىن دېرىزىنى ئېچىپ قويدى | |
يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېقىشى تەرتىپسىز بولغانسېرى توغراقلارمۇ شۇنچە شالاڭلاشقان | |
ياسىن بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى | |
بەلگىلىك مىقداردىكى سۇيۇق دورىلارنى ئالغاندا مېنزۇركا ئارقىلىق سۇيۇقلۇق ھەجمى ئۆلچىنىدۇ | |
سۇ كۆپۈكچىلىرى قىزىل سېرىق يېشىل سۆسۈن رەڭلەردە چاقنايدۇ | |
قەلب كۆزۈڭنى مال دۇنيا توسۇۋالسىلا سەن باشقىلارنى كۆرمەي ئۆزۈڭنىلا كۆرىدىغان بولۇپ قالىسەن | |
دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا تۆلەيدىغان ھەق شۇنچە كۆپ بولىدۇ | |
پاراخوتتىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنى چۈشۈرۈپ بالا قازاغا يولۇققان كىشىلەرنى توشۇۋاتاتتى | |
بولمىسا سەبىخە نېمە ئۈچۈن باشقا بىرىنى ئەمەس ئۇنى تاللىۋالىدۇ | |
دۈشمەنگە بىزنى قارىلاش ئۈچۈن ئازراقمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك بىر ئاقىلانىلىك | |
ساقاللىرى ئۆسۈك ئۇيقۇسىزلىقتىن كۆزلىرىنىڭ چۆرىلىرى قارايغان چىرايى تاتارغان | |
قايتا توي قىلىشىمنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن بىراق سېنى قايىل قىلىش نىيىتىممۇ يوق | |
ئۆيۈم يىراق يېزىدا سائەت توققۇزلاردا كېلەي دېدى بوۋاي مۇلايىم ھالدا | |
مەن خېلى كۈچىنىپ ئىشلىدىم | |
ئىككى باش بىر يەرگە جىم بولغۇچە خېلى ئىشلار ئۆتىدىغان گەپ | |
ياخشى يازمىلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە تىلەكداشمەن بۇمۇ ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى | |
باشتا سۆز بولسا ئايىغىدا گەپ بولىدۇ | |
ئەڭ مۈلۈكسىز ئىنساننىڭمۇ چەكسىز ئارزۇلىرى بولىدۇ بۇ ئارزۇ ئۇنى توختاۋسىز قىمىرلىتىپ تۇرىدۇ | |
ئۇ كەچ تەرەپتە مەن بىلەن خوشلاشقىلى كېلىپ ئۇچۇر قىلىپ قويۇپ تۆت سائەت ماشىنىدا ساقلاپتۇ | |
قەيەردە رەزىل شەخسىيەتچىلەر بار بولسا مەرد مەردانىلەرمۇ بار | |
بىز يۈگۈرگىنىمىزچە كۆل بويىغا باردۇق | |
قاناسنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئاجايىپلىقى كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكى ئەتراپنىڭ جىمجىت تىنچ ۋە خىلۋەتلىكى | |
ئۇلار توڭلىمىغان قارا سۇنى بويلاپ تۈگمەنلەردىن ئۆتۈپ جەنۇبقا قارىغان چوڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلدى | |
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يەنە بەش كىشى قېچىپ كەتتى | |
قاراڭلار ئۇ شۇنداق چىرايلىق غوزەك ئۆي ياسىۋالدى | |
زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن چۈشىدە نان | |
قوڭغۇراق ئاۋازى مەھەللە ئىچىدە ئاجايىپ ئوچۇق مۇڭلۇق ئاڭلىنىپ تۇراتتى | |
كىمكى سەن بىلەن دوست بولۇشنى ئارزۇ قىلسا قەلبىڭنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇنىڭغا كەڭرى ئېچىپ بېرىسەن | |
ھەمدە ئۆزىنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى يوشۇرماقچى بولغاندەك يەنە يۈزىنى توسۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ | |
تۇنجى ئېچىلغان گۈل چېچەكلەر تەبىئەتكە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى | |
قاسساپ پاكىز قولىدىكى پىچاق بىلەن تىرىك جاننىڭ جېنىنى ئالىدۇ | |
قوڭغۇراق ئاۋازى بارغانچە ئېنىق ئاڭلانماقتا ئىدى | |
ئادەتتە مەن توقسان مىنۇت يۈگۈرەلەيمەن | |
ئۇمۇ ۋەزىرگە ئوخشاشلا دەستىگاھتا ھېچنەرسە كۆرەلمەپتۇ | |
پالاقشىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئۆردەك ئارقىغا بۇرۇلۇپتۇ | |
ئۇ توك بىلەن توك مەنبەسى ۋە ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان | |
ئاخىرىدا ئۆزگىرىشچان ئېلېمېنتنىڭ مەنپىي بولماسلىق شەرتىنى كىرگۈزىمىز | |
ۋەتىنىگە مېھرى يوق ئوغلان بولالماس دۈشمىنىگە قەھرى يوق پالۋان بولالماس | |
ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ | |
قۇياش نېمە ئۈچۈن ھامان شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربتە ئولتۇرىدۇ | |
تويماس كۆزنى گۆرنىڭ توپىسى تويدۇرار | |
يۇقىرىقى ئۈلگە كۆرسىتىشلەر قىزىقارلىقمىكەن | |
قانچىلىك مەھكەم تۇتساڭمۇ تىرىكلىك سەندىن قاچىدۇ | |
خېلىدىن كېيىن ھويلا جىمىپ ئۆي ئىگىسى دەرۋازىنى ئەتتى نۇرى باغدىن ھويلىغا چىقتى | |
ھەربىر بايقاش ۋە ھەربىر كەشپىيات كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشىدىن بارلىققا كەلگەن | |
مايكامنىڭ يېڭى يىرتىلىپ كەتتى | |
يۈز كۆزلىرىگە توپىلىق يولنىڭ ئاچچىق شور توپىسىنىڭ قونۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى | |
ئارقىدىن ئۇنىڭ بۇقۇلدىشى پەس ئاۋازدا يىغلاشقا ئايلىنىپتۇ | |
شەنبە كۈنى مەن يېزا ئىگىلىكى پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى باردىم | |
بىردەمدىن كېيىن يەنە يېيىلىپ يىراق يىراقلارغا ئۈزۈپ كەتتى | |
ئۇ قايتىپ كېلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى | |
مۇكاپات لوڭقىسى بەك چوڭ بەك ئېغىر ئىكەن قۇلۇلە ئۇنى يۈدۈۋالغاچقا ئۇچقۇدەك ھالى قالماپتۇ | |
ئاچچىقسۇدا چۈچۈمەل تەم بار چۈنكى ئاچچىقسۇ تەركىبىدە سىركە كىسلاتاسى بار | |
ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاداش مەن قەستەن قىلمىدىم دېدى | |
ئۆم ئەمگەكتە ئۈنۈم بار | |
ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەڭ ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان | |
ئۇ تالاي مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ نەچچە ئاي يول يۈرۈپ ئاخىرى تۈركىيەگە يېتىپ بېرىپتۇ | |
ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان | |
نۇرى خىجىل بولۇپ يېنىدا ئېقىۋاتقان ئۆستەڭگە قارىۋالدى | |
ئەڭ قىيىن ۋاقىتلىرىمىزدىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق | |
مىڭبېگىنىڭ باغلار بىلەن قورشالغان مەھەللىسى تۆت تەرەپكە كېتىدىغان ھارۋا يوللىرى ئارقىدا قالدى | |
ئۇ قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرىدۇ | |
سۇ دولقۇنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا نۇر دولقۇنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ | |
يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۇيۇشمىنىڭ ياردىمى بىلەن نىلقا ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى | |
قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر ئەتىگىنى گوركىي كىتاب ئوقۇۋاتاتتى | |
ئەتىگەندىن بېرى سېتىپ شاللىنىپ قالغان كاۋىلار ماڭا ئانچە ياقمىدى | |
ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە تىل ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن بولۇپ كىشىگە كۈچلۈك ئېستېتىكىلىق زوق بېغىشلايدۇ | |
مەن چوڭ ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خېلى ۋاقىتلارغىچە دادامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالماي ئەنسىرەپ يۈردۈم | |
سادىقنىڭ ئايالى ئېغىزىنى تۇتقىنىچە چەكچىيىپ قاراپ قالدى | |
بىر كىچىك مايمۇن قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئويناۋېتىپ قۇدۇق ئىچىدىكى ئاينىڭ شولىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ | |
بۇ ئېسىل رەخت توغرىسىدا شەھەردىكى خالايىق ئىچىدە سۆز چۆچەك تارقىلىپتۇ | |
ئەقلى بارغا بىرلا سۆز كۇپايە | |
بۇ كۈنى يىغىندىن يېنىپ مېھمانخانىغا ماڭغان ۋاقتىم سىم سىم يامغۇرغا توغرا كېلىپ قالدى | |
تۈنۈگۈن كۆكتات بازىرىدىن بالدۇرلا قايتىپ كەلدىم | |
چېلىكىمىز تېشىلىپ قاپتۇ سېۋەتتە سۇ ئەكىرسەڭ | |
ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشى بالىلارنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدۇ |
End of preview. Expand in Data Studio
README.md exists but content is empty.
- Downloads last month
- 4