audio audioduration (s) 2.2 10.6 | sentence stringlengths 15 134 |
|---|---|
مەنمۇ گەپ قىلماي جىمجىت ئولتۇرۇۋەردىم | |
تامامەن تاختاي بىلەن قاشادالغان يوغان ھويلىنىڭ ئىتلىرى بەكمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەن | |
ئەقىل ئىدراك ساڭا ياخشى ۋە ئىشەنچلىك ئاداشتۇر | |
مانا شۇنداق قىلىپ تاغ باغرىدا تاقىر يەرلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ | |
ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى قىزىم يەپ قىرغا | |
چاچ ئالدۇرغۇچى بولسا ھە دەپ ئۇنىڭ قولىنى قايتۇرۇپ كەينىگە داجىيتتى | |
مايمۇن بالىسى ئىلاجسىز ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپتۇ | |
ئۇ مەكتەپ سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە تىزگىننى يەڭگىل تارتتى | |
تېجەشلىك ئادەم قېيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر | |
بىر يۈز ئاتمىش نەچچە يىل ئىلگىرى فىرانسىيەدە ئامپېر ئىسىملىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئۆتكەن | |
قارىغاي ئوق يىلتىزلىق ياغاچ غوللۇق سوغۇققا چىداملىق ئېگىز ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك | |
ئاۋۇ يۇمۇرنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن ھازىرقى بالىلارنى دېمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ | |
مۇئەللىم ماڭا يېرىم كۈن رۇخسەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن | |
تۇغۇلغان كۈنىنى ئاتا ئانىسى بىلىدىغانلار ئاتا ئانىسى تەبرىكلەيدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار | |
ئادەم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك | |
دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا تۆلەيدىغان ھەق شۇنچە كۆپ بولىدۇ | |
قەلبىمىزدىكى كۈزگە بولغان تۇيغۇنى تەسۋىرلەپ باقايلى | |
ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە | |
ئانىلارنى قانچە سۈپەتلىسەك يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ | |
ئېتىنى ئۇتتۇرۇپ ياياق قالدى خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇپ بويتاق | |
كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ ئادەم ياماندىن | |
لۇتپۇللا دادىسى بىلەن ئېتىزلىققا بارسىمۇ ياكى بالىلار بىلەن ئوينىغىلى بارسىمۇ يەرگە سىزىپ تەكرارلايتتى | |
مەن باغچىدا بۇغا كۆردۈم | |
دۆلەت ئەرنى يىقىتار شامال يەرنى قۇرۇتار | |
ھاۋا بىردىنلا ئۆزگىرىپ يامغۇر شارقىراپ يېغىپ كەتتى | |
مانا شۇنداق قىلىپ تاغ باغرىدا تاقىر يەرلەر كۆپىيىشكە باشلاپتۇ | |
بوزەكنى بوزەك ئەتسەڭ ئۇۋالىغا قالىسەن | |
كۈنلۈك يولغا چىقساڭ ئايلىق ئوزۇق ئال | |
ياسىن ھەر قېتىم كەلگۈسى ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دېگەندە گۈلشەن ئۇنىڭغا كۆڭۈللۈك مەسلىھەتلەرنى بەردى | |
مۇئەللىم نۇرىغا ئۆينىڭ بىر ئاچقۇچىنى بەردى | |
ئوخشاش كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىغا قاراپ يۈگۈرۈشمەكتە | |
نەشپۈت بەش يىلدا ئۆرۈك تۆت يىلدا مېۋە بېرىدۇ دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ | |
ئىنساپ قالمىدى چوڭدا ئىشتان قالمىدى قوڭدا | |
ئەتە قۇياش قايتا چىقسىمۇ بىراق بۈگۈنكى قۇياشنىڭ مەڭگۈ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم | |
تۆمۈر يول ياساش ئۈچۈن بولغان كۈرەش بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا ئىدى | |
سېنىڭ تولىمۇ ئاددىي بىراق بالىلىق جاراھەت ئىزلىرى بىلەن كۆل سۈيىدەك داۋالغۇپ تۇرغان | |
ئىشىڭ تۈزەلمىسە چۈشۈڭ تۈزەلمەس | |
مېنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىكى ساختا شەكلىم ئورنىدىن دەست تۇرۇشى مۇمكىن | |
بىنادا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەم مېڭىۋاتقان پەشتاقنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ | |
دېمىگەننى دېگۈچى چىقار يېمىگەننى يېگۈچى | |
سۇغا قانغان مايسىلار خۇشاللىقىدىن باشلىرىنى لىڭشىتىپتۇ | |
گوركىي يۈزىنى يانچە قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى | |
ئۆز رەقىبىنى قۇچاقلىيالىغان ئادەم تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلەپ باشقىلارنى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ | |
بوشلۇقتىكى ھەرقانداق پەيتتە ھامان تىزىلىپ پارابولا ھاسىل قىلىدۇ | |
بۇ يەردە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى | |
كۆزۈم ئىككى كۆزۈڭنىڭ سۈزۈك كۆكسىدە لىغىلداپ تۇرغان ياش تۇمانلىرىنى بىرگە كۆرۈپ ئۈلگۈرەتتى | |
ئانا دېگەن بىر ئاجايىپ مېھرى ئىسسىق پەرىشتە ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن | |
تىل ئۆگىنىشتە ئىزچىللىق بەك مۇھىم | |
كاپىتال شۇنداق دېگەچ يېنىدىكىلەرگە ئىشارەت قىلدى | |
ئاخشىمى بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەتتى | |
نېمە ئۈچۈن نۇرنى توغرا دولقۇن دەپ ئېيتىمىز | |
ئادەملەر بۇ يەرنى بۆرىلەر قاۋانلار بىلەن تالىشىپ نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلدى ئىنسان غالىب كەلدى | |
تۆت تەرىپىدە تۆت ئەسكەر مىلتىقلارنىڭ تۆت قارا تۆشۈكى ئۇنىڭغا توغرىلانغان | |
ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەشپىياتلىرى ئون خىلغا يېتىدۇ | |
ھۈنەر چىقارغىلى تۇرۇپتۇ دە غودۇڭشىدى ئۇ ئىتتىك كىيىمىنى كىيىۋېتىپ | |
ئۇ يول بويىدا بىر بورسۇقنىڭ ئورۇندۇق ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ | |
بۇ مەسىلە ھېچقانچە قىيىن ئەمەس | |
ئالتە تەڭگەم بار ئات ئالىمەن يەتتە تەڭگەم بار قىز ئالىمەن | |
ئۇنىڭ ماختانغانلىقىنى كۆرگەنمىدىڭ | |
ئۇ ئۈستەلگە ئېگىلىپ ئولتۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن خەت يېزىۋاتقان قىزىنىڭ ئۈستىدىن خەتكە قارىدى | |
بۇ مەھسۇلات خىزمەتچىلەرگە ئۈچ پىرسەنت ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ | |
كەچ كۈز كېلىپ قالغاچقا ئايىقى كۆرۈنمەيدىغان ئورماندا دەرەخلەر تامامەن يالىڭاچلانغان ئىدى | |
ئاچكۆز ئادەملەرنىڭ قۇلىدىن ھەر بالا كېلىدۇ جۇمۇ | |
ۋايجان بۆرە ئېچىنىشلىق بىر توۋلاپتۇ دە خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك قاڭقىپ ئوڭدىسىغا چۈشۈپتۇ | |
قوڭغۇراق ساداسىدىن ھاياجانلانغان ئايخان ئانىنىڭ ۋۇجۇدى ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كەتتى | |
تىرناق كەلگەن ئىپادىلەرنى ھېسابلاشتا ئاۋۋال تىرناقنى ھېسابلاپ ئاندىن قالغان ئەمەللەر ھېسابلىنىدۇ | |
تەجرىبىخانىدا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاسان يانىدۇ ئاسان پارتلايدۇ ۋە چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە | |
ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سۈرئىتى سائىتىگە قىرىق ئىنگلىز مىلى | |
ئۇرۇق تۇغقان دوست ساۋاقداشلار بىلەن بولۇپ ئۇنى ئانچە مۇنچە ئۇنتۇغاندەكمۇ بولدۇم | |
مەن كۆز قىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا چاپىنىنىڭ مۈرىسىنىڭ تىكىچى سۆكۈلۈپ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم | |
ئۇلارنىڭ ئوماقلىقى دەل خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان چاغدىكىدەك چىراي ئىپادىسىدە بىلىنىپ تۇراتتى | |
ئەمىسە شۇ قىز بولسۇن مەن ئەتىلا ئىشنى توغرىلاپ ئۇنى قېشىڭغا ئېلىپ باراي | |
ۋەھالەنكى بەزىدە قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتسىمۇ قۇياش پارلاپ تۇرىدۇ | |
بىر كۈنى چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە تەرلەپ پىشىپ قالاي دېدىم | |
ئانا تىلىم سېنىڭ ھەر بىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھېسسىياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار | |
ئۇلار ئۆزلىرىنى پەۋقۇلئاددە چىرايلىق دەپ بىلىپ قېتىۋالىدۇ | |
ئەتىسى ئەتىگەن يولغا چىقىدىغان كۈنۈم ئۆينى دوستلىرىم بېسىۋالدى | |
يۈرىكى دۈپۈلدىگەن ھالدا ئانىسىنىڭ قېشىغا ئاستا كەلدى دە يۈزىنى ئۇنىڭ باغرىغا يېقىپ يىغلىدى | |
ۋاقىت يەتكۈدەك دېدى كاپىتان | |
بالا باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىش مەقسىتىنى ئېيتقاندىن كېيىن سوراپتۇ | |
ئۇ ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغاندىن كېيىن تەقدىرنى تەن ئېلىشنى ئۆگىنىۋالدىم | |
خاتىرجەم ئويۇنۇڭنى ئويناپ يۈرۈۋەر كاللا قاتۇرۇپ ئولتۇرۇشۇڭنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق | |
سەن ئۈستى بېشىڭ توپا ھارغىن ھالەتتە ئىشتىن يانىسەن | |
ئارام ئېلىش ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ | |
يۈگەن ئېگەر جابدۇقلىرىغا ساپ كۈمۈشتىن نەقىشلەر ئويۇلغان ئىدى | |
گۈلشەن چىرايىنى ئۈمچەيتىپ كۆزىگە ياش ئالدى | |
بىراق بۇ قول تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىپتۇ بىردەمدىن كېيىن يەنە كۆتۈرۈلۈپتۇ | |
مۇشۇنداقراق بىر گەپنى دېگەندەك قىلاتتىم | |
سەن ھېيتتا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپسەنۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەپسەنغۇ | |
ئالدى بىلەن بۇ نۇقتىغا ئىشىنىش كېرەك | |
توك قەلەمنى ئىشلەتكەندە ئادەم بەدىنىدىن ئۆتىدىغان توك يىگىرمە بەش مىللىئامپېر بولىدۇ | |
ئۇنىڭ ئاشۇ قايغۇلۇق كۈنلىرىدە مەن مەدەت بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ | |
چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن مۇكەممەل ئىشەنچ ئىدىم | |
قىزىمنىڭ بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك بىر جۈپ ھالقا بىر تال ئالتۇن سائەت تاقىغۇسى باركەن | |
ئۇ بۇ جاندىن تويدۇم دەپ قولىدىكى بەتىنكىنى يەرگە ئاتتى | |
سۆزۈمگە ئىشەنسىڭىز بۇ يىل كاۋىلىرىم بەك تاتلىق بولدى | |
سەن بىراۋنى كالا ئوغرىلىدى دەپ پەرەز قىلساڭ ئۇ كۆزۈڭگە راستتىنلا ئوغرىدەك كۆرۈنىدۇ | |
ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە ئىچىدە كۆي | |
ئۇ بەكمۇ چىرايلىق رومانتىك خەتلەرنى يازىدۇ | |
مەن بىر ئوقۇغۇچى سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى تارتىپ تام گېزىتىمىزگە چىقارماقچى ئىدىم |
End of preview. Expand in Data Studio
README.md exists but content is empty.
- Downloads last month
- 9