id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
1,301
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى تاللا بازارلىرى ئادەم دېڭىزغا ئايلاندى شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چاغانلىق مال سېتىۋېلىش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى گە ئايلاندى. 2-فېۋرال مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايل...
1,302
خەلقئارا 10 مىڭ مۇساپىر بالا ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىن يۈتۈپ كەتتى ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ مۇساپىر بالىنىڭ ياۋوپاغا كەلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئىسپاتلاردىن قارىغاندا، يۈتۈپ كەتكەن بىر قىسىم بالىلار جىنايەت شايكىلىرىنىڭ قولىغا...
1,303
خەلقئارا ھىندونېزىيە ساقچىلىرى ئەتكەس قىلىنغان تېرىلەرنى كۆيدۈردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-فېۋرال، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈشتە قولغا چۈشۈرگەن ئەتكەس قىلىنغان كەم ئۇچرايدىغان ھايۋانات تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ياۋايى ھايۋاناتلار ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى.
1,304
مەملىكەت چىڭدۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى يىلپىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى چىڭدۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى يىلپىزنىڭ ئۆي ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەچكە، يىلپىزنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن باغچىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يېڭى ئۆي ياساپ بەردى. خىزمەتچى خادىملار يىلپىزنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈشتە يىلپىزنى مەس قىلىپ كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قول...
1,305
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ساقچىلىرى توپ تارقىتىش بازارلىرى ئەتراپىدا قاتناشقا يېتەكچىلىك قىلدى شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا كىشىلەر چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ توپ تارقىتىش بازىرى ئەتراپىدىكى يوللاردا ئاپتوموبىللار ئېقىمى ك...
1,306
شىنجاڭ جۇڭخۇاغا مۇھەببەت . جۇڭگو ئارزۇسى 2016-يىللىق چاغانلىق مۇزىكا كېچىلىكى 4-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدۇ مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭخۇاغا مۇھەببەت . جۇڭگو ئارزۇسى تېمىسىدىكى 2016-يىللىق چاغانلىق مۇزىكا كېچىلىكى 4-فېۋرال كەچ سائەت 21:00 دە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇزىكا كېچىلىكى ئىككى مەيداندا بۆلۈنىدىغان بو...
1,307
خەلقئارا فىرانسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى توپ ئوقلىرى بايقالدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-فېۋرال، فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غەۋۋاسلىرى جەنۇبتىكى شەھەر ـــ مارسېل ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىلىپ قالغان 50 تىن ئارتۇق توپ ئوقىنى بايقىدى. بۇ توپ ئوقلىرى نۆۋەتتە چۇۋۇلماقتا.
1,308
خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ياتىقىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ۋاقتى 2-فېۋرال چۈش سائەت 12دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە توكيودىكى ئامېرىكىنىڭ ياپونيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سەككىز قەۋەتلىك خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدە ئوت ئاپىتى كۆرۈلگ...
1,309
خەلقئارا بىر مۇساپىرلار كېمىىسى تۈركىيەگە يېقىن دېڭىزدا چۆكۈپ كېتىپ ئالتە ئادەم قازا قىلدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-فېۋرال تېلېگراممىسى: مەركەز ئاگېنتلىقى نىڭ 2-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى 2-فېۋرال دېڭىز بويىدىن توققۇز مۇساپىرنىڭ جەسىتىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىسى بوۋاق ئىكەن. ب...
1,310
مەملىكەت سەي مىڭجاۋ كۇبانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سەي مىڭجاۋ 2-فېۋرال بېيجىڭدا كۇبانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەشىد بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن كۇبا تاراتقۇلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ...
1,311
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇغا بارىدىغان پويىزنىڭ بېلەتلىرى يەنە سېتىلىۋاتىدۇ مۇخبىرنىڭ 2-فېۋرال ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇغا قاتنايدىغان پويىز بېلىتىنىڭ سېتىلمىغىنى يەنە بار بولۇپ، يولۇچىلار پويىز قوزغىلىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بېلەت سېتىۋالسا بو...
1,312
مەملىكەت سەي مىڭجاۋ ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى سەي مىڭجاۋ 2-فېۋرال بېيجىڭدا ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇكەيج بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەم...
1,313
خەلقئارا ب د ت بالىلار تەرەققىيات فوندى دۆلەتلەرنى مۇساپىر بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىردى جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-فېۋرال تېلېگراممىسى: ب د ت تورىنىڭ 2-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت بالىلار تەرەققىيات فوندى 2-فېۋرال بىلدۈرۈپ، ياۋروپادا مۇساپىرلار كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلىنىپ ياۋروپا...
1,314
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا ئۆرلىشى مۇمكىن شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايى ئىلگىرىكىدەك پات-پات كۆرۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن 3-فېۋرال كۈندۈز ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تۈردە سۇس قار ياغىدىكەن. قاردىن كېيىن...
1,315
مەملىكەت سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار نەق مەيداندا 20 مىليون يۈەنگە يېقىن يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى شىنخۇا تورى خەۋىرى: سىچۈەن ئۆلكىسى زاڭزۇلار رايونىدىكى جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە دېھقانلار نەق مەيداندا 20 مىليون يۈەنگە يېقىن يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جيۇجەيگۇ ناھىيەسى لويى يېزىسىدىكى دېھقانلار پائالىيەت...
1,316
مەملىكەت يۈ جېڭشېڭ 2016-يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنى 2-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. يۈ جېڭشېڭ م...
1,317
مەملىكەت يۈ جېڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پۇقراۋى كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسە...
1,318
خەلقئارا ۋىيېتنامدا چاغان يېقىنلاشتى 2-فېۋرال، خانويدىكى گۈلچى دېھقانلار يېڭىدىن چېچەكلىگەن شاپتۇل گۈلى كۆچەتلىرىنى بازارغا ئېلىپ ماڭدى. گۈل بازىرى ۋىيېتنامنىڭ چاغانلىق مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، چاغانغا بىر قانچە كۈن قالغاندا خانويدىكى چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىىسى ۋاقىتلىق گۈل بازارلىرىغا ئايلىنىدۇ. ۋىيېتنامل...
1,319
شىنجاڭ يەكەندە بىز بىرگە چاغان ئۆتكۈزەيلى تېمىسىدا چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى ئۆز خەۋىرىمىز: يەكەن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن يەكەن ناھىيەلىك ھۆسنخەت جەمئىيتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بىز بىرگە چاغان ئۆتكۈزەيلى تېمىسىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى 2-فېۋرال ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ...
1,320
مەملىكەت جاڭ دېجياڭ قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: 2-فېۋرال، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بېيجىڭدىكى قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك ...
1,321
خەلقئارا ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى تاشيولدىن كېسىپ ئۆتتى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ جىبرالتار ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جىبرالتار دېڭىز بوغۇزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەنگلىيەگە قاراشلىق جىبرالتار رايونىدا بولۇپ، نۆۋەتتە، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بۇ يەرگە قىسقا مۇددەت...
1,322
شىنجاڭ شىنجاڭ مەركەزنىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 264 يۈەن تارقاتتى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىياز مەزگىلىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ قىش ۋە ئەتىيازلىق ...
1,323
شىنجاڭ كورلا كاككۇك دەرياسىدىكى ئاققۇلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى 31-يانۋار، كاككۇك دەرياسىدىكى ئاققۇلارنىڭ سانى 163كە يەتتى. كۆنچى دەرياسىنىڭ شەھەر رايونىدىكى بۆلىكى مۇز تۇتۇپ، ئاققۇ، ياۋا غاز، ئاق چايكىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى كاككۇك دەرياسىغا يۆتكىلىپ، كاككۇك دەرياسىدىكى ئاققۇلارنىڭ سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتى...
1,324
شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى شىنخۇا ئاگنېتلىقى 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: 1-فېۋرال، شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز چىقىرىش مىقدارى ئۇدا تۆت كۈن 102 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشتى، بۇ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ 100 مىليون لۇق دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدى...
1,325
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چاغانلىق بازار ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت خەۋىرى، فوتوسى: چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى بازارلاردا مال باھاسى مۇقىم، مال تۈرلىرى تولۇق بولدى.
1,326
شىنجاڭ كورلىدا چاغانلىق زاپاس گۆش، زاپاس كۆكتاتلار بازارغا سېلىندى شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 2-فېۋرال، كورلىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى كۆكتات ۋە كالا، قوي گۆشلىرىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدا ئەرزان باھالىق گۆش ۋە كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ئېتىبار باھالىق پائالىيەتتىن نەپ ئالدى.
1,327
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پوسكام ناھىيەسىدىكى ئامما دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قانۇن-نىزام ئۆگىنىشىگە قولايلىق ياراتتى 2-فېۋرال، ئايكۆل يېزىسىدىكى ئامما تەشۋىقات دوسكىسىدىكى كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى نى ئوقۇماقتا ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەتجان روزى خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى 140 كەنتنىڭ ھەممىسىدە تەشۋىقات د...
1,328
خەلقئارا سومالى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچقاندىن كېيىن يوغان تۆشۈك ئېچىلىپ قالدى ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سومالى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سومالى موقدىشۇدىن جىبۇتىغا ئۇچىدىغان 3159 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى قوزغىلىپ بەش مىنۇت ئۆتكەندە ھاۋادا پارتلاپ، ئايروپىلان گەۋدىسىدە تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان،...
1,329
خەلقئارا ئامېرىكىدا ئوت-چۆپ دۆۋىسىدىن 1969-يىلىدىكى دودگې ئاپتوموبىلى تېپىلدى يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالاباما ئىشتاتىدىكى بىر تاشلاندۇق ئوت-چۆپ دۆۋىسىدىن 1969-يىلىنىڭ داتلىشىپ كەتكەن دودگې ئاپتوموبىلى ى بايقالغان ۋە 90 مىڭ ئامېرىكا دو...
1,330
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇ يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدا بورتالا شەھىرىنىڭ باج كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى: بۇ يىل يانۋاردا بورتالا شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ باج كىرىمى 57 مىليون 220 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65 ئاشتى؛ يەرلىك باج كىرىمى 18 مىليون 270 مىڭ يۈەنگ...
1,331
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدىكى كەنت دەرىجىلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: يېقىندا، باي ناھىيە سايرام بازىرىدىكى 2015-يىللىق كەنت دەرىجىلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرى ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. ساي...
1,332
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى بۇلتۇريېڭىشەھەر شىمالىي يولىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېكىتىگىچە بولغان يولنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى؛ يېڭىشەھەر، كوناشەھەر رايونىدىكى 11 كىلومېتىر يولغا يول...
1,333
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چاپچال ناھىيەسىدە يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇقىم تەرەققىي قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: مۇخبىر 13-يانۋار چاپچال ناھىيە فوتوۋولتلۇق 1- ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا تېخنىكلارنىڭ ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى كۇ زۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئىست...
1,334
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسى 100 توننا زاپاس گۆشنى بازاردا سالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى 2-فېۋرالدىن 6-فېۋرالغىچە شەھەر رايونىدىكى ئالتە نۇقتىدا زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەرزان بولغان گۆش بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى خاتىرج...
1,335
شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەتلىك باغ-ئورمان ناھىيەسى بولدى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 1-فېۋرال خېجىڭ ناھىيەلىك باغ-ئورمان باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، خېجىڭ ناھىيەسى يېقىندا 2015-يىللىق دۆلەتلىك باغ ئورمان ناھىيەسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدى...
1,336
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باھار مەسنەۋىسى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغاندا كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلىق-رەسساملىق يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ ئىككى مىڭدىن پارچىدىن ئارتۇق باھار مەسنەۋىسىنى ناھىيەدىكى ھەر...
1,337
خەلقئارا چاۋشيەن فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: چاۋشيەن 2016-يىلى 2-فېۋرال ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانىنى ئۇقتۇرغان. خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى 2-فېۋرال چاۋشي...
1,338
مەملىكەت خېيلۇڭجياڭدىكى 31- لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا شەكىللەنگەن گۈزەل مەنزىرىلەر خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيخې شەھىرىدە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 31- بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا دېرىزە يوچۇقى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئىسسىق ھاۋا ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە دېرىزىلەردە چىرايلىق گۈل مەنزىرىلىرى شەكىللەندى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىپتىدائىي ئورما...
1,339
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە بولغان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىدە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇ...
1,340
خەلقئارا كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا ئىمپورت برونېۋىكنى سىناپ باقتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 1-فېۋرال، كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى قوراللىق ساقچى باش ئىشتابىدا كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا يېڭىدىن ئىمپورت قىلىنغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان برونېۋىكنى سىناق باقتى.
1,341
شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە 3-تۈركۈمدە تۆۋەنگە چۈشكەن 368 كادىرى بەلگىلەنگەن كەنتلەرگە يېتىپ باردى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2016-يىل 3-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 08:00 دە، قوبۇقسار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە 3-تۈركۈمدە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر سۈن فۇگاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئ...
1,342
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا خۇسۇسىي كارخانىلار تېزلىكتە يۈكسەلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: سودا-سانائەت تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سودا-سانائەت تىزىملاش ئىسلا...
1,343
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستى بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق بەرپا قىلىشتا تۆت تۈر يولغا قويۇلۇپ، بۇ تۈرلەر ئاساسلىقى بورتالا شەھ...
1,344
خەلقئارا كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى 8-كوللېكتىپ ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە ھۆكۈمىتى 1-فېۋرال پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى 8-كوللېكتىپ ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بېرنارد چامپقا دۆل...
1,345
پەن مائارىپ تەتىللىك كۇرستا تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دوكلات ئويۇنى قويدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيى بىلەن گۈزەل-سەنئەت سارىيى تەشكىللىگەن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئۇسسۇل، ئىسكىرىپكا چېلىش قاتارلىق كۇرسلاردا تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 3-فېۋرال دوكلات ...
1,346
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىدىن 2-تۈركۈمدە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار يۇرتداشلار بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە سايباغ يېزا قازاقلار كەنت كومىتېتى ھويلىسىدا 1-فېۋرال سەھەر يۈك-تاق باسقان ئالتە ئاپتوموبىل قاتار تىزىلىپ يولغا چىقىشقا تەييار تۇراتتى. ئاپتوموبىلنىڭ ئەتراپىغا يىغىل...
1,347
شىنجاڭ شىنجاڭ تاموژنىسى ئىمپورت قىلىنغان لاياقەتسىز ياغاچ پولنى قايتۇرىۋەتتى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 28-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئالاتاۋ تاموژنىسى 247 مىڭ 500 يۈەن قىممىتىدىكى 60 توننا مۇستەھكەم بىرىكتۈرۈلگەن ياغاچ پولنى قايتۇرىۋەتكەن. بۇ بىر تۈركۈم ياغاچ پول...
1,348
شىنجاڭ باغراش ناھىيەسىدە چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى ئۆز خەۋىرىمىز : باغراش ناھىيەلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى زالىدا 2-فېۋرال داقا-دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، 2000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت دېھقان، چارۋىچى، ئارتىس بىر يەرگە يىغىلىپ چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىدىن ھوزۇرلاندى. مول مەزمۇنلۇق نومۇرل...
1,349
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاممىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك زال ئىچى ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى 8-يانۋار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بۇ يەردە پۇتبول، ۋاسكېتبول ئويناۋات...
1,350
خەلقئارا رۇسىيە ئارمىيەسى ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ يېڭى باشلىقى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى جۇڭگو تورى، 3-فېۋرال خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 2-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، لېيتېنانت گېنېرال ئىگور ۋالېنتىنوۋىچ كوروبوۋنىڭ رۇسىيە باش ئىشتابى ئاخبارات ...
1,351
مەملىكەت شاڭخەي دىسنىي باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى 28-مارتتىن باشلاپ سېتىلىدۇ شاڭخەي دىسنىي باغچىسى ئىستىراھەت رايونىنىڭ 2-فېۋرال جاكارلىشىچە، شاڭخەي دىسنىي باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى 28-مارتتىن باشلاپ سېتىلىدىغان بولۇپ، بېلەت باھاسى 370 يۈەن قىلىپ بەلگىلەنگەن، لېكىن ساياھەتچىلەرنىڭ بېسىق مەزگىلىدە ئىشىك بېلىتى 499 يۈەندىن سې...
1,352
ئۈرۈمچى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇز تېيىلىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولدى شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكەت قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئالدىنقى ...
1,353
خەلقئارا سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ كىشىلەرگە قىزىل بولاق تارقاتتى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ يېقىندا دېيى رايونىدا كىشىلەرگە قىزىل بولاق تارقىتىپ، قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، لى شيەنلۇڭ ئىلگىرى دېيى رايونى خۇڭمياۋ كۆۋ...
1,354
خەلقئارا ياپونىيەدە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن ئالدىدىن مۇداپىئە كۆرۈلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-فېۋرال، ياپونىيە توكيودا ۋەتەنپەرۋەر 3-نومۇر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن مۇداپىئە كۆرۈلدى.
1,355
مەملىكەت ئىككى ئەر 18- لۇق مۇز سۇ ئىچىدىن قارا بويۇنلۇق تۇرنىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئورگان مىكرو بىلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭگىرلادا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 18- بولدى. مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇقتا كېتىۋاتقان ئىككى ئەر قارا بويۇنلۇق بىر تۇرنىنىڭ مۇز كاۋىكى ئىچىدە تۇرغانلىقىنى ك...
1,356
خەلقئارا سۇ يۈزىدىن 12 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ياۋروپا دېڭىز ئاستى مۇزېيغا 400 ھەيكەل قويۇلدى ئەنگىلىيەلىك سەنئەتكار جېسىن دىكەيرىس ئىجاد قىلىپ ياسىغان 400 ھەيكەل ئىسپانىيە لانزاروت ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ياۋروپادىكى تۇنجى سۇ ئاستى مۇزېيىغا قويۇلدى. بۇ مۇزېي 12 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىدا بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆل...
1,357
خەلقئارا ئامېرىكىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان تۇنجى زەيكا بىمارى بايقالدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 4-فېۋرال تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقا...
1,358
مەملىكەت سىچۇەن زىگوڭ شەھىرىنىڭ كېچە ئاسمىنىغا ھۆسىن قوشقان چىراغ كۆرگەزمىسى 1-فېۋرال كەچ، سىچۇەن زىگوڭ شەھىرىدىكى 22-نۆۋەتلىك چىراغ كۆرگەزمىسى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. سىچۇەن ئۆلكىسى زىگوڭ شەھىرىدىكى رەڭلىك چىراغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چىراغ بايرىمىدا توققۇز چوڭ مەنزىرە رايوندىكى جەمئىي 128...
1,359
شىنجاڭ 13-بەش يىل دا شىنجاڭدا 11 مىليون يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 1-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭلىق 20 كىشى مەملىكەتلىك ئىلغار دېھقان ئىشلەمچى شەرىپىگە، ئىكك...
1,360
خەلقئارا لىۋاندا ئەخلەت كىرىزىسى يامرىدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-فېۋرال، بىر قېزىش ماشىنىسى لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ، ياندىكى كۆۋرۈكتىنمۇ ئېگىز بولۇپ كەتكەن ئەخلەتلەر ئارىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
1,361
خەلقئارا ئېرۇسالىمدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت كىشى قازا قىلدى 3-فېۋرال، ئېرۇسالىم كونا شەھىرى دەمەشق دەرۋازىسى ئەتراپىدا پەلەستىنلىكلەر قورال ۋە پىچاقلار بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا بىر ساقچى قازا قىلغان، بىر ساقچى ۋە بىر ئىسرائىلىيەلىك ئەر يارىلانغان، ئۈچ نەپەر پەلەستىنلىك ھۇجۇم قىلغۇچ...
1,362
شىنجاڭ چاغاندىن كېيىن شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى شەھەر ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلىدۇ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقىنىغا بىر ھەپتە بولاي دېدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى چاغاندىن كېيىن شەھەر ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە،مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك ...
1,363
مەملىكەت باھارنى چىللاپ باش باھارنى كۈتۈۋېلىش 4-فېۋرال باش باھار مەۋسۇمى بولغاچقا، ئەل ئارىسىدا تۇرۇپ، نېپىز قوتۇرماچ يەپ باھارنى چىللاش دېگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن كىشىلەر ھەر خىل شەكىلدە چاغاننى كۈتمەكتە.
1,364
شىنجاڭ شىنجاڭ قورغاس ناھىيەسىدىكى بىر دادا يۈتۈپ كەتكەن قىزىنى ئالتە يىلدىن كېيىن تېپىۋالدى دادىسى بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئالتە يىل بولغان كىچىك قىزچاق ناخۇا ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم، قازاق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى بىلەن توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىكى خ...
1,365
شىنجاڭ شىنجاڭدا ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى 2015-يىلى شىنجاڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىزچىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %11 ئېشىپ، ئېشىشى سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان. بۇلتۇر...
1,366
شىنجاڭ قابا ناھىيەسىدىكى بايرام كەيپىياتى 3-فېۋرال، قابا ناھىيەسىدىكى ئىككى نەپەر پىدائىي شەھەر قۇرۇلۇشى تارمىقىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ياردەملىشىپ يول بويلىرىغا پانۇس ئاسماقتا. تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا چاغانلىق كەيپىيات ئەۋجىگە چىققان كاتتا سورۇن ھازىرلاش ...
1,367
شىنجاڭ شىنجاڭدا كوللېكتىپ نوپۇسنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ نوپۇسىنى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى كوللېكتىپ نوپۇسىغا ئالدۇرغانلار بۇ يىلدىن باشلاپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ 2-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي ...
1,368
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق ئىسپاتى 3-فېۋرالدىن باشلاپ ھەقسىز بېجىرىلىدۇ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 3-فېۋرالدىن باشلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئايرودۇرۇمى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ساقچىخانىسىدا كىملىكى يۈتۈپ كېتىپ ئايروپىلانغا چىقالماي قالغان يولۇ...
1,369
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، ئاھالىلەرنىڭ قار-مۇز قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ قالمىدى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قاردا ماھارەت كۆرسىتىش، بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش، قارلىق دالىدا چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مۇسابىقىگە جاي ھازىرلىغان ...
1,370
شىنجاڭ سەنئەتكارلار مەھەللىلەرگە چۈشۈپ ئويۇن قويۇپ ئاھالىلەرگە چاغانلىق سالام يوللىدى ئۈرۈمچى شەھىرى باداۋان باشقۇرۇش كومىتېتى خىزمەت بىناسى 3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى رەيھانگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىيات فوندىدىكى ئارتىسلارنىڭ كېلىپ ...
1,371
خەلقئارا رۇسىيەدە ياسالغان كىروف دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ۋىيېتنامغا ئاپىرىلدى ۋىيېتنام رۇسىيەدىن زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان كىروف دەرىجىلىك 5-سۇ ئاستى پاراخوتى ــ كىچىك پورت نى بېسىپ ماڭغان يۈك پاراخوتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-فېۋرال يېرىم كېچىدە ۋىيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كانخو ئۆلكىسى كەمران قولتۇقىغا يېتىپ كەلدى...
1,372
شىنجاڭ چاغاندا بۇ خىل قىزىل بولاق لارنى ئالماڭ چاغان يېقىىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شەھەر ئاھالىلىرىنى ھەر خىل ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە، بولۇپمۇ، ئۈندىداردىكى قىزىل بولاق لارنى ئالغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىل بولاق لارنى ئالماسلىققا ئەسكەرتتى....
1,373
مەملىكەت خېيلۇڭجياڭنىڭ قارلىق دالا مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى قەھرىتان قىش پەسلىدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى تاغ تىزمىلىرى، دەريا-ئېقىنلار، يېزا-قىشلاقلار ۋە يوللار ئاپئاق قارغا قاپلىنىپ، سۈرەتتەك ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى.
1,374
مەملىكەت جىنەندە مىڭلىغان قۇش ئاسماندا ئۇچۇپ ئاجايىپ مەنزىرە شەكىللەندى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرى ئاسمىنىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل قۇشلار كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، ئۆزگىچە سايراپ ئالاھىدە مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل نۇرغۇن قۇشلارنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشىدەك بۇ مەنزىرە يىلدا بىر نۆۋەت ناھايىتى تەستە كۆرۈلىدى...
1,375
مەملىكەت جۇڭگونىڭ پاراخوت ئەترىتى تسۇگارۇ دېڭىز بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتتى يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 3-فېۋرال ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىشىلىچە، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش ئەترىتى 2-فېۋرال جۇڭگونىڭ پاراخوت ئەترىتىنىڭ تسۇگارۇ دېڭىز قولتۇقىدىن ئۆتكەنلىكىنى بايقاپ، ئىز قوغلاپ كۆزى...
1,376
مەملىكەت چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ شىئەن تارماق مەيدانىدا نومۇر كۆرسىتىدىغان ئارتىسلارنىڭ سانى 1000 دىن ئاشتى چاغان ھارپىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2016-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىگە جايلار جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىك شەرق، جەنۇب، شىم...
1,377
شىنجاڭ تۇرپان-ئۈرۈمچى-تاقىرتاغ يولى تېيىلغاق بولغانلىقتىن تۆت ئاپتوموبىل سوقۇلدى ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 3-فېۋرال سائەت 9دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، تۇرپان-ئۈرۈمچى-تاقىرتاغ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تۇرپانغا ماڭغان يۆنىلىشتىكى تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتىغا 50 مېتىر قالغان جايدا تۆت ئاپتوموبىل ئارقىمۇئارقا سوقۇلۇشتەك ق...
1,378
خەلقئارا 12 دۆلەت تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، بىرۇنېي، كانادا، چىلى، مالايشىيا، مېكسىكا، يېڭى زېلاندىيە، پېرۇ، سىنگاپور ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق 12 دۆلەت 4-فېۋرال ئاۋكلاندتا تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى...
1,379
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە كۆكتاتنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئېشىپ باھاسى ئۆستى ئاسيە كىندىكى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى ئاشلىق ئىدارسى دىن ئىگىلىشىچە، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچىدە كۆكتات سودا مىقدارى ئۇدا ئېشىپ، باھاسىمۇ ماس قەدەمدە ئۆسكەن. ئىگىلىنىشىچە، 16-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە، ئۈ...
1,380
شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ تېز يوللانما مىقدارى بەش يىلدىن بۇيان 5 ھەسسە ئاشتى ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 12-بەش يىل مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ تېز يوللانما كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. تېز يوللانما مىقدارى ۋە كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 ھەسسە ۋە 3 ھەسسە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %39 ۋە %24 ئاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتو...
1,381
خەلقئارا گوللاندىيە چېڭدۇدا ۋىزا مەركىزى تەسىس قىلماقچى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 4-فېۋرال تېلېگراممىسى: گوللاندىيە بۇ يىل 4-ئايدا چېڭدۇدا ۋىزا مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى بىلەن گوللاندىيەنىڭ كۈنسايىن قويۇقلىشىۋاتقان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە مۇلازىمەت قىلماقچى بولدى. 3-فېۋرال، گوللاندىيە پادىشاھ ئوردىس...
1,382
مەملىكەت چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۇنىۋېرىسال توشۇش مىقدارى 740 مىليون ئادەم قېتىم غا يەتتى مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بولغان چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولىدا ئۇزىتىلغان يولۇچى مىقدارى...
1,383
پەن مائارىپ ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسى چاغانلىق ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ باردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى، فوتوسى: ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 10 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى ئاجرىتىپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پېشقەدەم كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابى...
1,384
مەملىكەت خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆلىكىدىكى 200 مىڭ كىلومېتىر دائىرىدە دەريا يۈزى مۇز تۇتۇپ كەتتى 3-فېۋرال، كىنلى خۇاڭخې دەرياسى دەريا ئىشلىرى ئىدارىسى مۇز تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى دەريا يۈزىدىكى مۇز تۇتۇش ئەھۋالىنى ئىچكىرلەپ تەكشۈرمەكتە. تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۇدا داۋاملىشىشى بىلەن، خۇاڭخې دەرياسى تۆ...
1,385
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان يېزىسىدا چاغان تەبرىكلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى، فوتوسى: پىچان ناھىيە پىچان يېزىسى 3-فېۋرال ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇانى سۆيىمەن ، 56 مىللەت 56 گۈل ، يۇرتۇمدا باھار قاتارلىق سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغانغا تەنتە...
1,386
خەلقئارا سۈرىيەنىڭ ھىمس شەھىرى ئالۋاستى شەھىرى گە ئايلىنىپ قالدى شىنخۇا تورى 24-فېۋرال تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھىمس شەھىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن بۇ شەھەرنى سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، ئۇرۇش ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان بۇ شەھەر بەئەينى ئالۋاستى شەھىرى ...
1,387
خەلقئارا نيۇ يوركتا چاغانلىق بايرام كەيپىياتى جانلاندى مايمۇن يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل چاغانلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملار ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى نيۇيوركتىكى جۇڭگو شەھەرچىسىنىڭ چوڭ-كىچىك رەستىلىرىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن نيۇيورك شەھىرىدە ساياھەت، كۆرگەزم...
1,388
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جىڭ ناھىيەسى تاكسىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى: جىڭ ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسى چاغان مەزگىلىدىكى تاكسى قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 25-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە پۈتۈن ناھىيەدىكى 260 تاكسىغا قارىتا بىر قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈ...
1,389
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خىزمەت ئەترىتى ئاممىغا 200 دانە تېلېۋىزور ياردەم قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيەسى 47-تۇەنىدىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قويچى يېزا چاڭگو كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدېھقان-چارۋىچىلا...
1,390
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۈلباغ بازىرى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى پۇختا باستى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز خەۋىرى: شايار ناھىيەسى بۇ يىلنى 13-بەش يىل لىق پىلاندىكى تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا، ياخشى تاماملاشتىكى ئەھمىيىتى زور بولغان تۇنجى، ئاچقۇچلۇق يىل دەپ قاراپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەۋزەلل...
1,391
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر پىچان ناھىيەسى زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلەتتى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇلتۇر باقمىچىلىق رايونلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈش، قوتان قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، چارۋا نەسلىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىقتىن قىلغان كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قى...
1,392
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كەلپىن ناھىيەسى دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا كۈچىدى غەيرەت جاسارەت، مۇھەممەت مامۇت خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەسى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەر...
1,393
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر خېجىڭ ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتتى مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر بۇ ناھىيە ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن ...
1,394
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ھالال تەردىن ھاللانغان نۇرنىسا ئالتۇنگۈل ھاشىم، ئابلىكىم شەمشى قۇربان ھېيتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە يەنە ئىككى كۈنلا قالغاچقا، نۇرنىسا بەكرىنىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندە سۈت ساتقۇسى كەلمىدى. چۈنكى ئۆي تازىلاش، ھېيتلىق داستىخان تەييارلاشتەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى. -ھېيت بولۇۋاتقاندا سۈت ساتمىساقمۇ ...
1,395
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر چەرچەن ناھىيەسى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى مەڭلىك ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: چەرچەن ناھىيەسى بۇلتۇر ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچ...
1,396
ئىقتىساد خەۋەرلىرى بۇ يىل تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئون چوڭ ئىقتىسادىي تەدبىر لى جىنلېي مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بۇلتۇر 18 دېكابىردىن 21 دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا 2016 يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىن روھىدىن قارىغاندا، بۇ يىل مۇنداق ئون تەدبىر پۇقرالارنىڭ خىزمىت...
1,397
ئىقتىساد خەۋەرلىرى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى داۋاملىق چۈشەمدۇ ؟ خوجائەخمەت نىياز يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان كۇرسى ئۇدا تۆۋەنلەپ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئەل ئارىسىدا خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن بانكىلاردىن...
1,398
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ھويلا-ئارام ئىگىلىكى كۇچا دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەت ئىسمايىل خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ھويلا-ئارام ئىگىلىكى، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى. بۇ ناھىيەنىڭ ئىش...
1,399
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئىشخىلا بازىرى شەھەر-بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەت ئىسمايىل خەۋىرى: كۇچا ناھىيە ئىشخىلا بازىرى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزگەندە، ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلىپ، سانائەت رايونى، ئاھالىلار رايونى، تېرىقچىلىق رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئۇل ئەسلىھ...
1,400
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باي ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇربان سايىم، ھاپىز مۇسا خەۋىرى: 2016-يىلى باي ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە بولغان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا بولغان باشق...