id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
1,101
شىنجاڭ شىنجاڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قار مۇز تەنھەرىكىتى چوڭ رايونى، كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا يۈرۈش قىلىدۇ شى شىن، يۈەن لېي مۇقەددەس ئوت كاتتا مەرىكىنى نۇرلاندۇردى مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلىرى جىددىي، كەسكىن، تىنچ، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتى، مۇقەددەس ئوت كاتتا مەرىكىن...
1,102
ئۈرۈمچى چاغانلىق ماللار كۆرگەزمىسى ھەپتە ئاخىرىدا ئىستېمالچىلار بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 16 كۈن داۋاملىشىدىغان 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ چاغانلىق مال كۆرگەزمىسى 22-يانۋار شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. 30-، 31-يانۋار چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەپتە ئاخىرىلىق دەم ئ...
1,103
پەن مائارىپ يەھياجان ئابلىز ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تەربىيەلىدى يەھياجان ئابلىز ئوقۇغۇچىلارغا راۋاپ چېلىشنى ئۆگەتمەكتە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، تالانتلىق مۇزىكانتى يەھياجان ئابلىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن راۋاپ، پىئانىنۇ ق...
1,104
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم، مەمەت ھېيىت خەۋىرى، فوتوسى: گۇما ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 28-يانۋار ناھىيە تەۋەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 334 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىگ...
1,105
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۇدۇڭخابا رايونى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى باشقۇرۇش كومىتېتى چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەرىدە ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۇدۇڭخابا رايونى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى باشقۇرۇش كومىتېت...
1,106
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى 28-يانۋار توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا توما كەنتىدە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىش، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بەھىرلىنىش تېمىسىدا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، 900دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى تەنھەرىكەتچى ۋە 20 مىڭدىن ئار...
1,107
خەلقئارا گرېتسىيەدە نەچچە يۈز دېھقان مالىيەنى قىسقارتىشقا قارشى تۇردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 28-يانۋار، گرېتسىيە سېسسالونىكادا دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەنى جىددىي قىسقارتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دېھقانچىلىق تارماقلىرىنىڭ باج يىغىشىنى ئاشۇرغانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. تەخمىنەن 500دەك دېھقان دېھ...
1,108
خەلقئارا كورېيە-ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قارلىق دالىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى 28-يانۋار، كورېيەنىڭ گاڭۋون ئۆلكىسىدىكى پىڭچاڭ رايونىدا كورېيە-ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ خادىملىرى قارلىق دالىدا مەشق قىلدى.
1,109
خەلقئارا ۋېنسۇئېلادا ئىسلانغان زەھەر ئارقىلىق زەيكا ۋىروسى كونترول قىلىندى ۋېنسۇئېلا كارىباكاسدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچىلىرى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 28-يانۋار ئىسلانغان زەھەر ئارقىلىق زەيكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىتىلىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بەردى.
1,110
مەملىكەت شەرقىي شىمالدىكى ئەڭ گۈزەل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۇنجى قېتىملىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى جىلىن-تۇمېن-خۇيچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى 2015-يىلى سېنتەبىردە ئېچىلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ شەرقىي شىمالدىكى ئەڭ گۈزەل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول سۇڭخۇاجياڭ، لافاشەن، تۇمېن...
1,111
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باي ناھىيەسىدە ئاپتونوم رايون مىقياسىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويىچە، 2016-يىل يانۋاردىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە داۋالىنىش...
1,112
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى 12-بەش يىل دا خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: 12-بەش يىل دا خېجىڭ ناھىيەسى خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت ئىستراتىگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئىجتىما...
1,113
خەلقئارا ياپونىيەدە تۇنجى يوشۇرۇنالايدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان كۆرگەزمە قىلىندى ياپونىيەنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يوشۇرۇنالايدىغان كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ سىناق نۇسخىسى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 28-يانۋار ياپونىيەنىڭ ئايچى ناھىيەسىدە ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ ئايروپىلاننىڭ دۈشمەندىن يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى خەلقئارا سەۋىيەگە...
1,114
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسىدە ئىشقا ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 2015-يىلى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىشقا ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى...
1,115
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى ئۆتكەن بەش يىل داۋامىدا داۋا كۆل قۇملۇق مەنزىرە سەيلىگاھىنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى ساياھەت نوقتىلىرىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكى، خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان ساياھەتچى...
1,116
خەلقئارا رۇسىيەدە يۈز نەچچە كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 28-يانۋار، رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرى ۋېرونىكا سىلكۋالرزوۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27-يانۋارغىچە، رۇسىيەدە 100دىن ئارتۇق كىشى تىپلىق 1 1 يۇقۇمى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە،...
1,117
مەملىكەت گەنسۇدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىپ 5000 كىلوگرام ئاپېلسىن ۋەيران بولدى گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھىرىدىكى دىڭبيەن-ۋۇۋېي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىدە كېتىۋاتقان بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا 28-يانۋار ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاپتوموبىل بىردەمدىلا ئوت ئاپتوموبىلى غا ئايلانغان، ئاپتوموبىلغا بېسىلغان 5000 كىلوگرام ئاپ...
1,118
شىنجاڭ فىگورا چىقىرىپ مۇز تېيلىش تۈرىدە خاربىن، چاڭچۈن كوماندىلىرىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 28-يانۋار فىگورا چىقىرىپ، مۇز تېيلىش تۈرىدە ئۈچ ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى. خاربىن، چاڭچۈن كوماندىلىرىنىڭ ئىپادىس...
1,119
شىنجاڭ ئولېمپىك چېمپيونى شېن شۆ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا پەيدا بولدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىن، ئولىمپىك چېمپيونى شېن شۆ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا پەيدا بولدى. شېن شۆ مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل ق...
1,120
شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ناھايىتى قىزىپ كەتتى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ناھايىتى قىزىپ كەتتى. مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، ئىلگىرى يارىلانغان ۋە كېسەل بولغان بەزى تەنھەرىكەتچىلەر قەي...
1,121
شىنجاڭ ئەرلەرنىڭ 20 كىلومېتىرغا چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ۋە ئاياللارنىڭ 15 كىلومېتىرغا چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىشلىق ئىككى تۈرىنىڭ ئەرلەرنىڭ 20 كىلومېتىرغا چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ۋە ئاياللارنىڭ 15 كىلومېتىرغا چ...
1,122
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا قارىتا چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ 28-يانۋار، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتىنى تەكشۈرۈش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى كومىتېتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئۈر...
1,123
خەلقئارا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىلى ياۋايى ھايۋان نىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تاراتقۇلاردا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ نامى ياۋايى ھايۋان بو...
1,124
شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ چوڭ-كىچىك رەستىلىرى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كوچىلارنىڭ ئىككى يېقىغا ئوتقاشتەك قىزىل پانۇسلار ئېسىلىپ، يول بويىدىكى دەل-دەرەخلەردە ئېسىل تىلەكلەرگە سىمۋول قىلىنغان قىزىل ياپراقچىلار لەپىلدەپ، بايرام كەيپىيات...
1,125
خەلقئارا جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشتى، دېدى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھىلال ئاي نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى مىجىت جاپپار يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ناھايىتى زۆرۈر، شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسى ئىجابىي، جۇڭگو بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ت...
1,126
مەملىكەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يەتكۈزۈلدى 21 -يانۋار يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەش ۋە سوغۇق ئېقىم چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مېن يۈەن ناھىيەسىدىكى قىسمەن ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى، جۇڭگو قىزىل كىرىس فوند جەمئىيىتى پەرىشتىلەر سەپىرى-چىڭخەي ھەرىكىتى نى باشلاپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئ...
1,127
خەلقئارا شىۋېتسىيە 80 مىڭ مۇساپىرنى قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن كەلگۈسى نەچچە يىلدا 2015-يىلى شىۋېتسىيەگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان 80 مىڭ مۇساپىرنى قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىۋېتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ئاندېرس يېمان شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ساقچى تەرەپنى م...
1,128
خەلقئارا سۇدان زۇڭتۇڭى جەنۇبىي سۇدان بىلەن شىمالىي سۇدان چېگرىسىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنى قارار قىلدى سۇدان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 28-يانۋار سۇدان زۇڭتۇڭى ئۆمەر بەشىرنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىدىن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي سۇدان چېگراسىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرسىدىكى نورمال چېگرا سودا ئالاقىس...
1,129
خەلقئارا رۇسىيە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلاتنى ئازايتىپ باھانى ئۆرلىتىش ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندر نوۋاك 28-يانۋار، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن مەھسۇلاتن...
1,130
خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 28-يانۋار قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يېرىم يىل يەنى بۇ يىل 7-ئ...
1,131
خەلقئارا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى دەرھال ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند 28-يانۋار شىۋېيتسارىيە جەنۋەدە دەرھال يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھوللاند شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى روھ...
1,132
خەلقئارا بان كېمون پاكىز ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشنى مۇراجىئەت قىلدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 27-يانۋار يەرشارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى، كىل...
1,133
مەملىكەت شېنجىندا ئىككى بىنا چاپلىشىپ قالدى شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ قالغان. مىنجى كوچا ئىش باشقارمىسىدىكى ئ...
1,134
خەلقئارا ئۆزبېكىستاننىڭ قاردىن كېيىنكى ئوچۇق ھاۋاسى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۇدا نەچچە كۈن يامغۇر ئارىلاش قار ياغقاندىن كېيىن، 30-يانۋار قاردىن كېيىنكى ئوچۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى. سادەت فوتوسى
1,135
مەملىكەت يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن لۇشەن ناھىيەسىنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا مۇخبىر يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ 20-ئاپرېل كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن لۇشەن ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، 2015-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ...
1,136
مەملىكەت سوغۇق ئېقىم تەسىرىدە گۇاڭشىدا نۇرغۇن بېلىق توڭلاپ ئۆلدى يېقىندا كۆرۈلگەن سوغۇق ئېقىم تەسىرىدە گۇاڭشىنىڭ چىنجۇ، بېيخەي، فاڭچېڭگاڭ قاتارلىق جايلىرىدا نۇرغۇن بېلىق توڭلاپ ئۆلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 26-يانۋارغىچە چىنجۇدىلا 68 مىڭ 500 كىلوگرام تىلاپىيە بېلىقى توڭلاپ ئۆلگەن، گۇاڭشى بېلىقچىلىقى جەمئىي 1 مىليون 5...
1,137
مەملىكەت چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە گۇاڭجۇ ۋوگزالى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە 31-يانۋار 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئەڭ بېسىق مەزگىلى كۆرۈلۈپ، گۇاڭجۇ ۋوگزالى يۇرتىغا قايتىدىغان يولۇچىلار بىلەن لىق تولۇپ، ۋوگزال ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.
1,138
خەلقئارا مۇز تاغنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى مۇز تاغ جەنۇبىي قۇتۇپ بەلگىلىرىنىڭ بىرى، مۇز تاغ مۇزلۇقلار ھەرىكىتى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. مۇز تاغ جەنۇبىي قۇتۇپ ھاۋا كىلىماتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچتۇر.
1,139
مەملىكەت خۇاڭخې خۇكۇ بۆلىكىدە مۇز تاشقىنى كۆرۈلدى ئۇدا كۆرۈلگەن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، خۇاڭخې خۇكۇ بۆلىكىدە يېقىندا بۇ يىلقى ئەڭ كۈچلۈك مۇز تاشقىنى كۆرۈلگەن. 27-يانۋاردىن باشلاپ خۇكۇ شاقىراتمىسىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپلا قالماي، قىسمەن مەنزىرىلىك رايونلار مۇز بىلەن قاپلانغان. ھازىر مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ...
1,140
خەلقئارا يېڭى زېلاندىيە خەلقى تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قارشى تۇردى 30-يانۋار، يېڭى زېلاندىيە پايتەختى ۋېللىڭتوندا كىشىلەر يېڭى زېلاندىيە گوبېرناتور مەھكىمىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، يېڭى زېلاندىيىڭ تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى نى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېر...
1,141
شىنجاڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى 120 گە 126 نومۇر بىلەن بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىنى يەڭدى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى كېيىنكى قەدەمدە ھالقىلىق بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.
1,142
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە بازارغا سېلىنغان زاپاس گۆشلەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشتى شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى: ئۈرۈمچىدە زاپاس گۆشلەر بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا بىر قىسىم جايلاردا شەھەر ئاھالىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ گۆش سېتىۋالدى. مۇخبىر 31-يانۋار ...
1,143
خەلقئارا موسكۋادا بىر زاۋۇتقا ئوت كەتتى 30-يانۋار كەچتە موسكۋانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر زاۋۇتقا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئوت ئاپىتىدە سەككىز ئادەم قازا قىلدى.
1,144
مەملىكەت چاڭشادا قار ياغدى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە 1-فېۋرال خۇنەننىڭ چاڭشادا قار ياغدى، شەھەر رايونىدا كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جەنۇبقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چاڭشادا 1-فېۋرالدىن 2-فېۋرالغىچە ئوتتۇ...
1,145
خەلقئارا مالايشىيادا مايمۇن تېمىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن خەتتاتلىق، رەسساملىق ئەسىرى ئىجاد قىلىندى مالايشىيادىكى 50 خەتتات ۋە رەسسام مايمۇن يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 31-يانۋار يەتتە سائەت سەرپ قىلىپ مايمۇن تېمىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن خەتتاتلىق، رەسساملىق ئەسىرىنى ئىجاد قىدى، بۇ ئەسەر...
1,146
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە 3-فېۋرال ئازراق قار ياغىدۇ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئازراق قار ياغىدىكەن. ئالدىنقى بىر ھەپتىدە، ئۈرۈمچىدىكى تېمپېراتۇرا كىشىلەرگە ئۈچىنچى، تۆتىنچى چىللە نىڭ نەقەدەر سوغۇقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. تولۇق بىر ھە...
1,147
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى خۇلاسىلەش تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 29 يانۋار چۈشتىن كېيىن خۇلاسىلەش تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىيا...
1,148
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى مۇز چەينەك كوماندىسى بىر كۈمۈش، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى دۇڭ شاۋخۇا، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 29 يانۋار مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر، ئاياللار مۇز چەينەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى ئەرلەر، ئاياللار مۇز چەينەك كوماندىسى بىر كۈمۈش، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى ئايا...
1,149
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: 25 يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا د...
1,150
تەنتەربىيە خەۋەرلىرى مەملىكەتلىك 14 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى 29 يانۋار ئۈرۈمچىدە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەملىكەتلىك 14 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇس...
1,151
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توققۇزتارا ناھىيەسى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش، مەبلەغ سېلىش، تۈر قۇرۇلۇشى، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇ...
1,152
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نەتىجىلەر ۋە ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەر نىياز ساتتار توقسۇ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى يېزا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇت...
1,153
خەلقئارا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ پارتىيە ئىچى تەييارلىق سايلىمى بۈگۈن باشلىنىدۇ جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تۇنجى مەيدان تەييارلىق سايلىمى بۈگۈن 1-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئىئوۋا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئون نەچچە نەپەر زۇڭتۇڭ نامزاتى كەسكىن پارتىي...
1,154
خەلقئارا سۈرىيەدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 60 نەچچە كىشى قازا قىلدى رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە پايتەختى دەمەشقنىڭ جەنۇبىدا 2016-يىلى 31-يانۋار زەنجىرسىمان پارتلاش يۈز بېرىپ، 60 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق يارىلانغان. ئەسەبىي تەشكىلات ـــ شام ئىسلام دۆلىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى پەيدا قىلغانلىق...
1,155
ئۈرۈمچى شاڭشەن مەھەللىسى مەدەنىي ئائىلە لەرنى مۇكاپاتلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پەرىدە ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۇدۇڭخابا رايونى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى باشقۇرۇش كومىتېتى شاڭشەن مەھەللىسى 30-يانۋار مەدەنىي ئائىلە لەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياخشى ئىش قىلىپ ئۆ...
1,156
خەلقئارا شاھزادە چارلىز ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سەنئەتكار بولدى يېقىندا ئەنگلىيە خان جەمەتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز رەسىم سىزىش ئارقىلىق نەچچە مىليون فوندستېرلىڭ پۇل تاپقان. شۇنداق بولۇپلا قالماي، چالىز يەنە ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت ...
1,157
شىنجاڭ ئايرىلىش ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرىنىڭ دولتۈگمەن كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گو يىڭ يېزىلىق ئاياللار مۇدىرى توخنىيازخان نۇر بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ ئايرىلدى.
1,158
خەلقئارا كولۇمبىيەدە 2100دىن كۆپ ھامىلىدار ئايال زەيكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى شىنخۇا ئاگنېتلىقى خەۋىرى: زەيكا ۋىرۇسى ئامېرىكا قىتئەسىدە تارقالماقتا. كولۇمبىيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 30-يانۋار ئۇقتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتە 20 مىڭدىن كۆپ ئادەم زەيكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2100دىن كۆپى ھامىلىدار ئاي...
1,159
مەملىكەت چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە نەنجىڭ ۋوگزالىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئەر-ئاياللار چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە نەنجىڭ ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ چاۋ بىلەن جاڭ جيالىن ئەر -ئايال بولۇپ، ئۇلار كۈنىگە 10 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدۇ. ۋاڭ چاۋ ۋوگزالنىڭ ئىچىدىلا 10 كىلومېتىردىن ئارتۇق ماڭىدۇ، جاڭ ج...
1,160
شىنجاڭ كورلىدىكى كىشىلەر چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2016-يىلى 31-يانۋار، كورلىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى يېغىۋاتقان قارغا قارىماي چاغانلىق تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى. 31-يانۋار چاغاننىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، چاغانلىق بازارلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، چاغانل...
1,161
شىنجاڭ ئالتاي چېگرا مۇداپىئەسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قارلىق دالىدا مەشىق ئېلىپ باردى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئالتاي جېمىنەي چېگرا مۇداپىئەسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا جاپالىق مەشىق ئېلىپ بېرىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايون بىخەتەرلىكىنى قوغدا...
1,162
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەن ناھىيەسىدە گۈل بازارلىرى قىزىپ كەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەڭلىك ئىمىن، پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، چەرچەن ناھىيەسىدىكى گۈل بازارلىرى باشقىچە ئاۋاتلىشىپ، گۈل سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
1,163
خەلقئارا ئەنگلىيە: 2016-يىلى پۈتۈن دۇنيادا يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتى يارىتىلىشى مۇمكىن شياڭگاڭ ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى نىڭ 1-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۆلچەرلەپ: پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا ئېلىئونېز ھادىسىسى قوشۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادا تېمپېراتۇرا داۋ...
1,164
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇدا يىغىن روھىنى ئۆگىنىش بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، شەكىلە خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىن روھى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغ...
1,165
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەن نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سورىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم، مەمەت ھېيىت خەۋىرى، فوتوسى: گۇما ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 30-يانۋار ناھىيە تەۋەسىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالتە نەپەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ چاغا...
1,166
شىنجاڭ چاغاندىن شەپە بەرگەن گۈللۈك پانۇسلار تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 1-فېۋرال، شەھەر ئاھالىلىرى قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى سەنخۇەن مەدەنىيەت مەيدانىدا گۈللۈك پانۇسلارنى تاماشا قىلدى. شۇ كۈنى قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونىنىڭ 2016-يىللىق يېڭى يىلىنى كۈتۈۋېلىش تېمىسىدىكى پانۇس كۆرگەزمىسى جەرەنبۇلاق رايونى سەنخۇەن مە...
1,167
شىنجاڭ چاغانلىق تىلەك جۇڭگو-قازاقىستان چېگرىسى جېمىنەي چېگرا ئېغىزى ئالدىدا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى جېمىنەي چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئوفىتسېر-جەڭچىلىرى چېگرىدىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك يولۇچىلارغا چاغانلىق سالام يوللىدى. ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال بۆلەك رايونى بىلەن ت...
1,168
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسىدە ئۈچ ئەل خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى زور، نەتىجىسى مول بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى كەنت، مەيدانلىرىغا بۇلتۇر 2-تۈركۈمدە ئەۋەتىلگەن ئۈچ ئەل خىزمەت ئەترەتلىرى تۈرلۈك شەكىل، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇ...
1,169
خەلقئارا ئاۋسترىيە 50 مىڭ نەپەر مۇساپىرنى قوغلاپ چىقارماقچى شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاۋسترىيە خەۋەرلەر گېزىتى تورىنىڭ 30-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بىر يازما باياناتتا ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 50 مىڭ نەپەر پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغۇچىنى قوغلاپ چىقىرىشنى پىلانلىدى دەپكۆر سىتىلگەن. پىلاننىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ...
1,170
خەلقئارا 33-نۆۋەتلىك ھيۇستون ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى باشلاندى 27-يانۋار، 33-نۆۋەتلىك ھيۇستون ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئامېرىكىنىڭ ھيۇستوندىكى مەركىزىدە باشلاندى. بۇ كۆرگەزمىگە 30 دىن ئارتوق ئاپتوموبىل شىركىتى قاتناشقان بولۇپ، 700 دىن ئارتۇق ھەرخىل پاسوندىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرگەزمە قىلغان.
1,171
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مەملىكەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكى خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە شەرىپىگە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى تىنچ ئۇچتۇرپان قۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارىدا چىڭ تۇتۇ...
1,172
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تۈۋەت يېزىسى ئەڭ گۈزەل ئايال لارنى شەرەپ سەھنىسىگە چىقاردى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسىدىكى تۈۋەت يېزىسى بۇلتۇردىن بۇيان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مۇھىم نىشان قىلغان ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشى نى پىلانلىق، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ كۆ...
1,173
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئاقتۇ ناھىيەسى شەھەر يېزىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسى مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۇرالغۇ، مائارىپ ۋە سەھىيەنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. ن...
1,174
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر ناھىيەنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى. پىچان ناھىيەل...
1,175
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر لوپ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى نۇرمۇھەممەد مەخمۇت، نازىگۈل نۇرمۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: لوپ ناھىيەسى بۇلتۇر ئاشلىق، پاختا، باغ ئورمانچىلىق بازا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ناھىيە بۇلتۇر زامانىۋى يېزا ئى...
1,176
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى يۈسۈپ ئىسمائىل، قېيىم قادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تايانچ كۈچكە ئايلىنىپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ...
1,177
پەن مائارىپ باي ناھىيەسىدە 25 نەپەر ئوقۇغۇچى مېھرى-شەپقەت ئوقۇش ياردەم پۇلى غا ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: 29-يانۋار، باي ناھىيە قاراباغ يېزىسىدىكى 25 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار ئارقىلىق 7500 يۈەن مېھرى-شەپقەت ئوقۇش ياردەم پۇلى غا ئ...
1,178
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جايلاردىن تەرمىلەر ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى:بۇ يىل 1-ئايدا ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 26 مىليون 290 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشتى؛ قوشۇلما قىممىتى 4 مىليون 460 مىڭ يۈەنگە، ئومۇمىي ...
1,179
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستى پاختا تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقاتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستى بۇ يىل 26-يانۋارغىچە 2015-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى پاختا باھا ئىسلاھاتى ياردەم مەبلىغى بولغان 298 مىليون يۈەننى قولاي كارتا ئارقىلىق پاختىكارلارغا تارقىتىپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ...
1,180
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تۇمشۇق شەھىرىدە ئىجتىمائىي ئىشلار پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد مۇھەممەد خەۋىرى: يېقىندا تۇمشۇق شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىلى كىرگەندىن بۇيان تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي ئىشلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش...
1,181
شىنجاڭ مەن زاغرا تىل دا لېكسىيە سۆزلەيمەن ! -ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا دۇ ۋېنجىڭ، ياۋ تۇڭ 4 يانۋار 2016 يىلىدىكى تۇنجى خىزمەت كۈنى، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، كوئېنلون مېھمانخانىسى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. ئاپتونوم رايوننى...
1,182
شىنجاڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز -قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇقېيۇم روزى كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇقېيۇم روزى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرىدىكى بىر ئاددىي دېھقان، مەن چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى قىلالمايمەن، مول مەز...
1,183
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل بازىرى ئاياللارنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاساس سالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايىمقىز مۆمىن خەۋىرى: پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل بازىرى مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان جەنۇب...
1,184
شىنجاڭ لېكسىيە سۆزلەش يولىدىكى جەڭچىمەن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالبىيەت يولى تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى مىرشات تۇرسۇن كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! مېنىڭ ئىسمىم مىرشات تۇرسۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەھە...
1,185
شىنجاڭ زاغرا تىلدا سۆزلەش ۋە كۇمىلاچ يېگۈزۈش ئۇسۇلىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزىمەن خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى ئازنابازار كەنتىدىكى دېھقان جېلىل مەتنىياز كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! مېنىڭ ئىسمىم جېلىل مەتنىياز، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى ئازنابازار كەنتىدىكى يەرلىك تەشۋىقا...
1,186
شىنجاڭ ھەقىقىي مۇھەببەت، چىن ئىخلاس بىلەن ئەل قەلبىنى مايىل قىلىمەن قەشقەر ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى 5 كەنتىگە چۈشكەن ئۈچ ئەل خىزمەت گۇرۇپپىسنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيې كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! مەن قەشقەر ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسىدى...
1,187
شىنجاڭ لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى سەمىمىي ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى يولى كوچا باشقارمىسى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى مېھرىنىسا توختى كۆپچىلىك، ياخشىمۇ سىلەر! مەن مېھرىنىسا توختى، ئىلى دەرياسى يولى كوچا باشقارمىسى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ باشلىقى، يەرلىك تەشۋىقاتچى. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ، م...
1,188
خەلقئارا مىسىردا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى يەر شارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر تورىنىڭ 31-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، مىسىردىن قاھىرەگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 21 ئادەم قازا قىلغان، 16 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقە قاھىرەگە 95 كىلومېتىر كېلىدىغان بەنى سۇئەيف ئۆلكىسى ت...
1,189
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا قاراقاش ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا %15 تىن ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: ئۆتكەن بەش يىلدا قاراقاش ناھىيەسى مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇر...
1,190
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسى مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق رايوننى تىكلەش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بايلىقلارنى ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلى...
1,191
پەن مائارىپ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا كىچىك ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا 1-فېۋرال ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تېمىسىدا كىچىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. كۇتۇپخانا خادىملىرى بىلەن كىچىك ئوقۇرمەنلەر ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئى...
1,192
شىنجاڭ قوبۇقسار ناھىيەسىدە چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى 31-يانۋار، شىنجاڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا 2016-يىللىق چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىكتە مەيلى سەھنە چىراغلىرى بولسۇن ياكى ناخشا-ئۇسسۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بولسۇن، تاماشىبىنلارغا يېڭىچە تۇي...
1,193
خەلقئارا پارك گيۇنخاينىڭ مەستانىلىرى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى يەرشارى تورى خەۋىرى: كورىيە شەرقىي ئاسىيا گېزىتى نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە پارك گيۇنخاي 30-يانۋار تورىدا خەت يېزىپ، جۇڭگولۇق مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە مۇھەببىتىگە رەھمەت ئېيتتى. پارك گيۇنخاي يەنە جۇڭگولۇق مەستانىلى...
1,194
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستى بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى بېكىتتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، گۈلنار تۇداجى خەۋىرى: بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشنى بېكىتتى: ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 6400 يۈرۈش ئەمىن...
1,195
خەلقئارا ب د ت نىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلەشتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا تۈنۈگۈن جەنۋەدە سۈرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بىرەسمىي سۆھبەتلەشتى، ھەمدە ئەمدىلا باشلانغان...
1,196
خەلقئارا رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ تەۋەللۇتىغا 85 يىل بولدى يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىلى 1-فېۋرال رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بورىس يېلتسىن تەۋەللۇتىنىڭ 85 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەن. رۇسىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇش سۈپىتى بىلە...
1,197
خەلقئارا رۇسىيە ئەمەلدارى ئاق ساراينى پۇتىنغا قارا چاپلىدى، دەپ ئەيىبلىدى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ بىر ئاخبارات تەكشۈرۈش زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىندا چىرىكلىشىش ھەرىكىتى بار ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن يىل بولدى، دېگەن. ئارقىدىن، ئ...
1,198
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى توقسۇ-باي تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا 2016-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدۇ 28-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاقسۇ فۇخېڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭدا توقسۇ-باي تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇش ۋە تىجارەت ...
1,199
شىنجاڭ توقسۇ-باي تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا 2016-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدۇ 28-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاقسۇ فۇخېڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭدا توقسۇ-باي تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇش ۋە تىجارەت ئىمزا قويۇش مۇراسىم...
1,200
تېمىلىق خەۋەر خۇاڭخې خۇكۇ بۆلىكىدە مۇز تاشقىنى كۆرۈلدى ئۇدا كۆرۈلگەن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، خۇاڭخې خۇكۇ بۆلىكىدە يېقىندا بۇ يىلقى ئەڭ كۈچلۈك مۇز تاشقىنى كۆرۈلگەن. 27-يانۋاردىن باشلاپ خۇكۇ شاقىراتمىسىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپلا قالماي، قىسمەن مەنزىرىلىك رايونلار مۇز بىلەن قاپلانغان. ھازىر مەنزىرىلىك رايونل...