id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
1,701
شىنجاڭ نىڭ مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى باشلاندى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، دەسلەپكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: 2015 -، 2016 - يىللىق جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى نىڭ مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى 15 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن باشلىنىپ، شىن...
1,702
شىنجاڭ يالقۇنتاغ باغرىدا شاپتۇل چېچەكلىدى 14-دېكابىر، ساياھەتچىلەر شاپتۇلزارلىقتا سۈرەتكە چۈشمەكتە. بۇ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇرپان شەھىرىنىڭ شاپتۇل چېچىكى پەسلى پائالىيىتى ئىدىقۇت رايونى ئاستانا يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتىدىكى شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش بازىسىدا باشلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىچ...
1,703
مەملىكەت جۇڭگونىڭ مالايشىيادىكى ئەلچىسى يۈز يىللىق بازاردىكى چاغانلىق پائالىيەتكە قاتناشتى 14-فېۋرال جۇڭگونىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ خۇيكاڭ مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېسامىدىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۈز يىللىق كىچىك بازاردە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتتىن كېيىن، خۇاڭ خۇيكاڭ...
1,704
مەملىكەت چاغان مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تازىلىقى قانداق بولدى ؟ يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە يوللار توسۇلۇپ كەتكەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا قىسمەن شوپۇرلارنىڭ مەدەنىيەتسىزلىك قىلىپ، يول بويىغا ئەخلەت تاشلاپ، چاغانلىق ق...
1,705
شىنجاڭ ئېرىگە قېيىداپ ھاراق ئىچىپ ئۆلۈپ قالغان ئايال تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: غۇلجىدىكى ئايال ئېرىگە قېيىداپ بىر نەپەستە 500 گىرام ئاق ھاراق ئىچىپ ئاقىۋەتتە ئىسپرتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان. 8-فېۋرال سەھەردە، شياۋ پىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ئائىلىسىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلى ئېرى بىلەن قېيىدىشىپ قالغان. شياۋ پىڭ چاغان...
1,706
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا شەھىرى چاغانلىق ئالتۇن ھەپتىلىكتە 42 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى: 2016-يىللىق چاغانلىق ئالتۇن ھەپتە مەزگىلىدە، بورتالا شەھىرى بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 42 مىڭ 843 ئادەم قېتىمغا، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 17 مىليون 24 مىڭ ...
1,707
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسى 1500 دىن ئارتۇق ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلار مالىيە چىقىمىنى 2014-يىلدىكىدىن %66 كۆپەيتىش ئارقىلىق خەل...
1,708
خەلقئارا 2016-يىلى خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى كېلەر ئايدا ياپونىيەدە باشلىنىدۇ ياپونىيە رىد كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتى 2-مارتتىن 4-مارتقىچە ياپونىيە توكيودىكى بىگ سايت خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ياپونىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شۇنداقلا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە كۆرگەزمىسى ـــ 2016-يى...
1,709
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى شاپتۇللۇق بازىرى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايىمقىز مۆمىن خەۋىرى: پەيزاۋات ناھىيە شاپتۇل بازىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بازار تەۋەسىدىكى2000دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى تامچىلىق، رېمونتچلىق، باغ-ئورمانچىلىق قاتارلىق كەسپى تېخنىكا بىلىم...
1,710
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى نامراتلارنى يۆلەش تۈرى نامراتلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن قۇربان، روزى ئىمىن خەۋىرى: ناھىيە ۋە يېزىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ياردىمىدە 2012 يىلى ئۈچ پارنىك ھۆددىگە ئېلىپ ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشتۇق. بۇلتۇر كۈزدە بۇ كىرىملەر ئارقىلىق ناھىيە ب...
1,711
خەلقئارا رۇسىيە چەكلەنگەن قوراللار بىلەن سۈرىيەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى 2016-يىلى 16-فېۋرالدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە تەرەپ توپلانما بومبىدىن پايدىلىنىپ سۈرىيەنىڭ ھەلەبتىكى بەش دوختۇرخانا ۋە ئىككى مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ، 50 كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان. بومباردىماننىڭ پۈتۈن جەريانى سۈرەتكە تارتىۋېلى...
1,712
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىرا ناھىيەسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، مەتروزى مەتغازى خەۋىرى: چىرا ناھىيەسى بۇلتۇر پارتىيە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئورۇندا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇ قاتلام ئ...
1,713
خەلقئارا رىم پاپاسىنى مېكسىكىدا 400 مىڭ كىشى يولغا چىقىپ كۈتۈۋالدى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رىم پاپاسى فىرانسىسكو 13-فېۋرال كەچتە مېكسىكىغا يېتىپ بېرىپ، مېكسىكىدىكى بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. مېكسىكا دۇنيادىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھەمدە ئەڭ خەتەرلىك ج...
1,714
شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئەسىدىكى باتۇر ئەزىمەتلەر 12-فېۋرال، ئۆتكۈر شەمشەر زەربىدارلار ئەترىتى دىكى ئالاھىدە جەڭ قىسمىنىڭ خادىملىرى ئۆزگىچە شەكىل بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرۈلگەن سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە قەشقەر ۋىلايىتىدىمۇ تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ 10-قا چۈشتى. قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ چېگرا ...
1,715
خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ناملىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بۇسانغا يېتىپ باردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 16-فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ناملىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە سۇ ئاستى پاراخوت مانېۋىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن كورېيەنىڭ بۇسانغا يېتىپ باردى.
1,716
پەن مائارىپ مازارباغدىكى تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان تۇردى خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيە ياقا بازار مازارباغ كەنتىدىكى تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئىستۇدېنتلار ھەقسىز خەنزۇتىلى ئۆگىنىش سىنىپى ئېچىپ، مەھەللىدىكى ياشلار ۋە بالىلارغا خەنزۇتىلى ئۆگەتتى.
1,717
خەلقئارا كورېيەلىكلەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 16-فېۋرال، كورېيەلىكلەر ئامېرىكىنىڭ كورېيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشىغا...
1,718
ئۈرۈمچى بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بۇرچىمىزدۇر تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، پويىز ۋاگونغا كىرگەندىن كېيىن بىز شۇ ھامان سەپ تۈزۈپ يولغا چىقىمىز ، بۇ جۇدۇنلۇق كۈنلەردە پويىز تېخنىكىسىنى تەكشۈرگۈچى ئەزىمەتلەر نىڭ دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى. كېچە ياكى كۈندۈز ۋە ياكى قار-بورانلىق جۇد...
1,719
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش، ئالاھىدە تېرىقچىلىق ۋە ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە باغۋەنچىلىك سورتى ، چارۋا...
1,720
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسى جەلپكار يوپۇغا، سېھىرلىك داۋا كۆل ساياھەتچىلىك كىرىمىنى%213 ئاشۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت، ئەنئەنە، خاسلىق، ئەۋزەللىك نامايان قىلىنغان جەلپكار يوپۇغا، سېھىرلىك داۋا كۆل ساياھەتچىلىكنى ئۈزلۈكس...
1,721
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئىتمىھانىنىڭ 1-تەقلىدىي ئىمتىھانىدا 600 نومۇردىن يۇقىرى ئالغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشتى ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش-تەتقىقات مەركىزى ئۈرۈمچى رايونىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ 1-قېتىملىق تەقلىدىي ئىمتىھانىنىڭ تەھلىل-ئىنكاس يىغى...
1,722
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا 124 مىليون 180 مىڭ يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىلىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى، فوتوسى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىشتا باشتىن-ئاخىر ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ...
1,723
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى ئۆتكەن 12-بەش يىل لىق پىلان داۋامىدا، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىنى ئۇدا بەش يىل يولغا قويۇپ، ھەر يىلى ناھىيە مالىيەسى ئاممىۋى خ...
1,724
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تولى ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە ئورۇنلار خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە ئاتلاندى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مۇخبىر 15-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 09:50 دە تولى ناھىيەسى تولى بازىرىدىكى فۇشىڭ يولى مەھەللە باشقارمىسىغا كەلگەندە، ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت زالى ئىچىدە خىزمەتچى خادىملار ئاللىبۇرۇن خى...
1,725
مەملىكەت شاڭخەي ئاكسىيەسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە ئۆستى 16-فېۋرال شاڭخەي ئاكسىيەسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىنىڭ ئاخىرقى باھاسى 2836 پوئىنت بولۇپ، 90 پوئىنت ئۆرلىگەن، ئۆرلەش ئامپلىتۇدىسى %3 بولغان.
1,726
خەلقئارا دانىيەلىك خەيرىيەت ئىشلىرى خىزمەتچىسى كوچىدا قالغان ئىچىگە جىن كىرىۋالغان بالا نى قۇتقۇزدى ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى نىڭ 15-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 31-يانۋار ئافرىقىدا تۇرۇۋاتقان دانىيەلىك خەيرىيەت ئىشلىرى خىزمەتچىسى ئەنجا رىڭگىن لوۋىن كوچىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئائىلىسىدىكىلەر تاش...
1,727
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسى ئاھالىلەرنىڭ قىشتىكى كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى:كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش ئورنى تولۇقلىما تۈرىگە تايىنىپ، كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلە...
1,728
مەملىكەت سىچۇەننىڭ لياڭشەندە ئورماندا ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلدى 16-فېۋرال قوراللىق ساقچى قىسىم لياڭشەن تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر شىچاڭ شەھىرى شىشياڭلىن رايونىدا ئەمەلىي ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئېلىپ باردى. مانېۋىردا ئۇنىۋېرسال مېتېئورولوگىيە، ئورمان رايونى فېنولوگىيەسى ۋە سۈنئىي ھەمراھتا ئورمان ئوت ئا...
1,729
مەملىكەت دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى: بۇ يىل كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكرى چىقىرىلىدۇ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا، 2016- يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بېسىپ تارقاتتى، مۇھىم نۇقتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل كوللېكتىپ...
1,730
مەملىكەت 1-ئايدا ئېلىمىز جەلپ قىلغان چەتئەل مەبلىغى 3 % كۆپەيدى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 16- فېۋرال سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئايدا ئېلىمىز ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 88 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%3 كۆپەيگەن. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مە...
1,731
مەملىكەت 2015-يىلى جۇڭگونىڭ كىتاب نەشر ھوقۇقىنىڭ چەتكە چىقىرىلىشى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلغان جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئىمپورت باشقۇرۇش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ كىتاب نەشر ھوقۇقىنىڭ چەتكە چىقىرىلىشى جەھەتتە...
1,732
مەملىكەت بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 7 نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان سەي شىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، قا...
1,733
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 15-فېۋرال سائەت 12:00 لەردە، ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ئەسىر ئالتۇن گۈلى بىناسى ئالدىدا شۇنفىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمى جاڭ شىنلى مال ئىگىلىرىنى ساقلىماقتا ئىدى. شۇنفىڭ تېز توشۇش ئورنى چاغان مەزگىلىدە نورمال خىزمەت قىلغان ...
1,734
مەملىكەت 2016-يىلى دۆلىتىمىزدە 25مىڭ ھاجەتخانا يېڭىدىن سېلىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-فېۋرال دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنزاۋ ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق مەملىكەتلىك ساياھەت ھاجەتخانا خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنىدا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە...
1,735
مەملىكەت گوۋۇيۈەن شياۋ ياچىڭنى دۆلەت مۈلۈك كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنى خىزمەتكە تەيىنلىدى. شياۋ ياچىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. شياۋ ياچىڭ ...
1,736
مەملىكەت شياڭگاڭ دىسنىي باغچىسى بۇلتۇر 148 مىليون يۈەن شياڭگاڭ پۇلى زىيان تارتتى جۇڭگو ئاخبارات تورى، 15-فېۋرال تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشچە، شياڭگاڭ دىسنىي باغچىسىنىڭ تىجارىتى بۇلتۇر ئومۇميۈزلۈك چېكىنگەن بولۇپ، كەسپىي كىرىم جەھەتتە %6، ساياھەتچىلەرنىڭ كىرگەن قېتىم سانى جەھەتتە %9 تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادىي...
1,737
خەلقئارا تۈركىيە زۇڭلىسى: نۆۋەتتە تۈركىيەدە 2 مىليون 500 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىر بار يەر شارى تورى خەۋىرى: گېزىت خەۋەرلىرى نىڭ 15-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەھمەد داۋۇت ئوغلى: نۆۋەتتە تۈركىيەدە 2 مىليون 500 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىر بار، دېگەن. ئەھمەد داۋۇت ئوغلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: سىلەرگە شۇنى...
1,738
مەملىكەت خۇببېل تېلېسكوپى يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ بىرىكىش جەريانىنى سۈرەتكە تارتتى يۇقىرىدىكى خۇببېل تېلېسكوپى تارتىۋالغان سۈرەت بولۇپ، سۈرەتتە يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ بىرىكىش جەريانى ئىپادىلەنگەن. بىزدىن تەخمىنەن 30 مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى 1487 يۇلتۇز سىستېمىسىدا، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يۇلتۇز سىستېمىسى بىر يەرگ...
1,739
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى شويىڭپەن بازىرى قىشلىق پەن-تېخنىكا پائالىيىتى ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇ يىل قىش كىرىشى بىلەن بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى قىشلىق ئارىسالدا ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش، پەن-تېخنى...
1,740
خەلقئارا ئافغانىستان پۇقرالىرى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتماقتا ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم ئۆمىكى 14-فېۋرال ئېلان قىلغان 2015-يىلى قوراللىق توقۇنۇشتا پۇقرالارنى قوغداش يىللىق دوكلاتى دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئافغانىستا...
1,741
خەلقئارا ئانگولادا سېرىق قىزىتما كېسىلى تارقىلىپ 51 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى ئانگولا سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش خامچوتىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك سېرىق قىزىتما كېسىلى تارقىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ 51 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانگولا سەھىيە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ دۆلەتتە س...
1,742
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئالاتاۋ تاشيول چېگرا ئېغىزىدا تۇنجى ئايدىلا ياخشى باشلىنىش قولغا كەلتۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى: بۇ يىل 1-ئايدا ئالاتاۋ تاشيول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن يۈك 18 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪60 ئاشقان ئاساستا، بۇ يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدىلا ياخشى با...
1,743
خەلقئارا فىرانسىيە: ئەنگلىيەنىڭ ياۋرو ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن كېڭىشىش ئېلىپ بېرىش كېرەك فىرانسىيە ئەمەلدارى 15-فېۋرال كەچتە پارىژدا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، فىرانسىيە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن بولۇپمۇ ئىقتى...
1,744
خەلقئارا تۇسىك: ياۋروپا ئىتتىپاقى كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك 15-فېۋرال كەچتە رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر جىددىي پەيتكە دۇچ كەلمەكتە، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ...
1,745
شىنجاڭ تۆمۈريول خىزمەتچىسى جاپپار خوجا ئۆز كەسپىنى سۆيۈپ ئىشلىدى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: جاپپار خوجا-ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى كورلا ئوچاستىكىسىنىڭ ئىقتىدارلىق تېخنىكى، ئۇ يېتەكلەپ تەتقىق قىلغان ۋاگون سىيرىلىپ كېتىشتىن سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئىككى تۈر دۆلەت پاتېنتىغا ئېرىشىپ، كىشىلە...
1,746
خەلقئارا خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى 15-فېۋرال مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى يەنىلا ھاياتى كۈچكە ۋە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي ھ...
1,747
خەلقئارا يەمەن زۇڭتۇڭى: جۇڭگونىڭ يەمەننىڭ ئىقتىسادىنى قايتا يۈكسەلدۈرۈش مۇساپىسىغا پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى 15-فېۋرال رىيادتا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يەمەننىڭ ئىقتىسادىنى قايتا يۈكسەلدۈرۈش مۇساپىسىغا پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو بىلەن بىر بەل...
1,748
خەلقئارا ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلارۇسىيەگە يۈرگۈزگەن قىسمەن جازالىرىنى بوشاتتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈنۈگۈن بېلارۇسىيەگە يۈرگۈزگەن قىسمەن جازالىرىنى بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشىنكونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چىقىشى ۋە كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن شۇنىڭ ب...
1,749
خەلقئارا رۇسىيە تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىە ئاھالە رايونىنى توپقا تۇتۇپ نۇرغۇن بىگۇناھ خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، رۇسىيە تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ ھەمدە بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن د...
1,750
خەلقئارا تۈسىك ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىداقېلىشىنى ئۈمىد قىلدى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۈسىك تۈنۈگۈن پارىژدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار يىغىنىدا بىر تۈرلۈك كېلىشىم ماقۇللىنىپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش...
1,751
خەلقئارا باشار ئەسەد سۈرىيەنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئازاد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە بەشار ئەسەدنىڭ داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرىيە زۇڭتۇڭى ...
1,752
ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 260 مىليارد 596 مىليون يۈەنگە يەتتى بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 260 مىليارد 596 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014- يىلدىكىدىن %7 ئاشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر، ئىستېمال بويۇملى...
1,753
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات رايونى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئاز دېگەندىمۇ 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى ئىستانسىمىز خەۋىرى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات رايونى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ...
1,754
ئىقتىساد خەۋەرلىرى شىنجاڭ رايونىدىكى بانكا بىرلەشمە كارتىسىدا بانكا ھالقىپ سودىلىشىشتا يەنە بىر قېتىم يۇقىرى، يېڭى نۇقتا يارىتىلدى جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ سودا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ رايونىدىكى بانكا بىرلەشمە كارتىسىدا بانكا ھالقىپ سودىلىشىشتا يەنە بىر قې...
1,755
خەلقئارا كورېيە جۇڭگو بوئاۋ مۇنبەر يىغىنىغا قاتنىشىشنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرمەكچى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە زۇڭلىسى خۇاڭ جياۋئەن ئەسلى پىلان بويىچە قاتناشماقچى بولغان جۇڭگو بوئاۋ مۇنبەر يىغىنىغا قاتنىشىشنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرمەكچى بولغان. جۇڭگو بوئاۋ خەلقئارا مۇنبەر يىغىنى كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچ...
1,756
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى قار- مۇز تەنھەرىكىتى مەشىق بازىسى ۋە ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا غالىپ مەمىتىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى قار- مۇز تەنھەرىكىتى مەشىق بازىسى ۋە ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا. ئۈرۈمچى شەھىرى يېقى...
1,757
شىنجاڭ شىنجاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا ئىش باشلىدى شىنجاڭ دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئىش باشلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچ...
1,758
خەلقئارا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئاز دېگەندە شام ئىسلام دۆلىتى نىڭ 100 ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى سۈرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەتتە شەرقىي دەير ئەز زەۋر ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە ئەسەبىي تەشكىلات شام ئىسلام دۆلىتى نىڭ 100 ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈ...
1,759
خەلقئارا ئېرلاندىيەدە قارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى داغدۇغىلىق دەپنە قىلىندى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-فېۋرال، ئېرلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ياۋروپا يىنىك ئېغىرلىقتىكى بوكس مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدىكى مۇراسىمىدا، ساقچى فورمىسى كىيگەن ئۈچ نەپەر ئەر تۇيۇقس...
1,760
خەلقئارا ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى 15-فېۋرال چۈشتىن ئىلگىرى توكيودىكى ئىئىگورا سارىيىدا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈپ، توختاپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولغان شىمالدىكى تۆ...
1,761
خەلقئارا ياپونىيەنىڭ ئىزى تاقىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 5 بال يەر تەۋرىدى ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 15-فېۋرال سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ياپونىيەنىڭ ئىزى تاقىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 412 كىلوم...
1,762
خەلقئارا ئاۋسترالىيەدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تېئىنبور ھۆكۈمىتىنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئىچكى كابىنېت كىرىزىسى شۇنىڭدەك ئىستېمال بېجىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن...
1,763
خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ناملىق يادرو ئېنېرگىيەلىك چۆكمە پاراخوتى بىرلەشمە مانىۋېرغا قاتناشتى كورېيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دېڭىز ئارمىيەسى 15-فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ناملىق يادرو ئېنېرگىيەلىك چۆكمە پاراخوتى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈندىن 15-فېۋرالغىچە كورېيەنىڭ شەرقىي قىسىم د...
1,764
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر دېھقانلار مۇتەخەسسىسلەردىن تەلىم ئالدى قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىغا چۈشكەن كادىرلار دېھقان چارۋىچىلارنىڭ قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق بىلىمىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، دېھقان چارۋىچى...
1,765
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئارا مەھەللىلىكلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئاشتى نىياز راھمان، ئابدۇسالام ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارا مەھەللە كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار تۈر مەبلەغلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ...
1,766
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ھەل قىلىندى مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ: بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى جۆلۈن تۈرگىن كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار تۈر مەبلىغىدىن 100مىڭ يۈەن قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتىكىلەرگە ئويۇن قويۇش كىيىمى، تېلې...
1,767
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كادىرلار قايتىش ئالدىدىمۇ كەنتتىكىلەرنىڭ غېمىنى يېدى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسىغا چۈشكەن كادىرلار ئاخىرقى مىنۇتلاردىمۇ كەنتتىكىلەرنىڭ غېمىنى يېدى ، كەنتتىكىلەرگە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن لازىم...
1,768
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر لەۋھەگە مۇجەسسەملەنگەن مىننەتدارلىق ئابلىمىت ئابلىز قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزىسى قاراڭلا كەنتىدىكىلەر يېقىندا قۇمۇل ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە قاراڭلا كەنتىگە چۈشكەن كادىرلارغا لەۋھە تەقدىم قىلدى. بۇ لەۋھەگە كەنتتىكىلەرنىڭ كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا بولغان چوڭقۇر مىن...
1,769
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر سىلەرگە قىيالمايمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ غۇلجا شەھىرىنىڭ چوڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى خەلچەمنىڭ ئۆيى 23 يانۋار قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى، خەلچەم خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ چىندىن مەھەللىگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قىيمىغان ھالدا: سىلەرنى يەنە كۆرەلەمدۇق، دەپ سو...
1,770
بىر يول بىر بەلباغ شىنجاڭنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول دىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك راخمان مامۇت ج ك پ 18 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 ئومۇمىي يىغىنىدا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. ھەممىگە مەلۇم، شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ شىنجاڭنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول دىكى ھەممە بىلىدىغا...
1,771
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قۇمۇل شەھىرى سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويدى يۈسۈپ ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: قۇمۇل شەھىرى بۇلتۇر سانائەتتە كۈچلۈك شەھەر قۇرۇش ، سانائەتكە تايىنىپ شەھەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەبلەغ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ...
1,772
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تېكەس ناھىيەسىدە ئىناۋەتلىك ئائىلە لەر كۆپەيدى پولات ئامانيار خەۋەر قىلىدۇ: تېكەس ناھىيەسىدىكى دېھقان چارۋىچىلار يېزا بازارلىق ئامانەت قەرز كوپىراتىپلىرىدىن ئالغان قەرزلەرنى يېقىنقى كۈنلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ناھىيەلىك يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپلار بىرلەشمىسىنىڭ دېھق...
1,773
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چاقىلىق ناھىيەسىدە قىشلىق پەن تېخنىكا ئۆگىنىش پائالىيىتى جانلاندى ئايگۈل مۇھەممەتئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: چاقىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقان چارۋىچىلار قىشتىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار تارماقلار ئۇيۇشتۇرغان قىشلىق پەن تېخنىكا ئۆگىنىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەسقاتىدىغان ...
1,774
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى تاھىرجان نىياز، ئامىنە ئابلەت خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەسى بۇلتۇر ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر باز...
1,775
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئىماملىرىم بازىرىدا شەخسلەر بىلەن كوللېكتىپ ئارىسىدىكى قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى تۈگىتىلدى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدا ئېلىم بېرىمنى تۈگىتىش كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىلا ئېلىپ بېرىلماستىن، يەنە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كوللېكتىپ ئارىسىدىكى ئېلىم بېرىممۇ تۈگى...
1,776
خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى گارى ۋاپات بولدى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 16-فۋرال تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى بوتروس گارى 16-فېۋرال 93 يېشىدا ۋاپات بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىن...
1,777
مەملىكەت سەنشيا توسمىسى ئالدىغا ناسوسلۇق كېمە شەكلىدىكى تۇنجى سۇ ئېلىش پومپا پونكىتى ياسالدى سەنشيا توسمىسى ئالدىدىكى ناسوسلۇق كېمە شەكلىدە ياسالغان تۇنجى سۇ ئېلىش پومپا پونكىتى قۇرۇلۇشى 16-فېۋرال تاماملاندى. بۇ خىل سۇ ئېلىش پومپا بېكىتى كېمە ۋە ئەركىن يۆتكىلىشچان سۇ يەتكۈزۈش دەستىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، سەنشيا ئامبا...
1,778
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر22-فېۋرال ئوقۇش باشلايدۇ ماتېرىيال سۈرەت شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆڭۈللۈك قىشىلىق تەتىلىنى ئاياغلاشتۇرۇپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىغا قەدەم قويىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە...
1,779
مەملىكەت سەنشى داتۇڭدىكى چىراغ بايرىمى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى خەلق تورى، داتۇڭ، 16-فېۋرال تېلېگراممىسى: چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 2016-يىللىق جۇڭگودىكى قەدىمىي پايتەخت داتۇڭدا چىراغ بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەنشىلىق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ ق...
1,780
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى يۇقىرىقى تاغ چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلەت باھاسى ئايدىڭلاشتى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەينى-كەينىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ۋ...
1,781
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يەككە تىجارەتچىلەر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كۆمۈر تارقىتىپ بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيە خانىقاتام يېزا نۇباشلام كەنتىدىكى يەككە تىجارەتچىلەردىن كېبىر قاسىم بىلەن رۇستەم سوپى 4000 يۈەن قىممىتىدە كۆمۈر سېتىۋېلىپ، 16-فېۋرال كەنت تەۋەسىدىكى قىيىنچى...
1,782
خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى كورېيەگە كىرىپ، چاۋشيەنگە مۇسكۇل كۆز-كۆز قىلىدۇ جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-فېۋرال خەۋىرى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پات ئارىدا كورېيەگە -22 تىپلىق يىرتقۇچ قۇش ناملىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاندىن تۆتنى ئەۋتىدىكەن، بۇ چاۋشيەن يېقىندا ياد...
1,783
خەلقئارا پارك گىيۇنخاي كورېيە پارلامېنتىدىكى نۇتۇقىدا چاۋشيەننى كۈچلۈك ئەيىبلىدى كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گىيۇنخاي 16-فېۋرال كورېيە پارلامېنتىدا دۆلەت ئەھۋالى نۇتۇقى سۆزلىگەن. كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گىيۇنخاي 16-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن كورېيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىغا...
1,784
مەملىكەت نەنجىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى غايەت زور سېرىق بېلىق 16-فېۋرال خەۋەر قىلىنىشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا بىر غايەت زور سېرىق بېلىق بازارغا سېلىنغان، بۇ بېلىق ئادەتتە مىس باش بېلىق، سۇ يولۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن، بۇ بېلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر كېلىدىكەن، قاسرىقىنى ئېلىۋەتك...
1,785
شىنجاڭ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلار ئېقمىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 16-فېۋرال چاغاننىڭ 9-كۈنى، نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر يۇرتلىرىدا چاغانلىق دەم ئېلىشنى تۈگىتىپ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەش سەپىرىنى باشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئالدىن مەكتەپلىرىگە قايتىش سەپىرىنى باشلاپ، چاغاندىن كېي...
1,786
شىنجاڭ 2016-يىلى شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا 26 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى قاتناش تۈر قۇرۇلۇش پىلانى ئىچىگە 5000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا تاشيولى، 3300 كىلومېتىردىن ئارتۇق دۆلەت، ئۆلكە يولى، 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە دۆلەتلىك چېگرا مۇداپىئەسى، پورت، ساياھەت تاشيولى ھەمدە يولۇچى، يۈ...
1,787
خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياپونىيەنىڭ ھال سورىغۇچى ئاياللار ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى مۇھاكىمە قىلدى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 16-فېۋرال تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاياللارغا بولغان كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى 16-فېۋرال جەنۋەدە ياپونىيەنىڭ ئاياللارغا بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى تۈ...
1,788
مەملىكەت شاڭخەي سودا سارىيىدىكى غايەت زور سېيرىلما تۇنېل يېقىندا شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى پۇجيەن يولىدىكى بىر سودا ساراي ئىچىگە غايەت زور سېيرىلما تۇنېل ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ سېيرىلما تۇنېل داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، 5-قەۋەتتىن تۆۋەنگە ئايلانما ھالەتتە چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئەگمە ھالىتىنى ياندىن قارىغاندا خۇددىي ئەج...
1,789
شىنجاڭ شىنجاڭدىكى سەككىز ناھىيە شەھەر تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك تولۇق ساھەلىك ئۈلگىلىك ساياھەت رايونى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى 5-فېۋرال تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك تولۇق ساھەلىك ساياھەت ئۈلگىلىك رايونى بەرپا قىلغان ئورۇنلارنىڭ تىزىملىك...
1,790
خەلقئارا چاۋشيەندە كىم جوڭئىل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلدى چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 16-فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلەردە ئايان بولۇشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال، چاۋشيەننىڭ پيۇڭياڭ تەنتەربىيە سارىيىدا مەركەزنىڭ دوكلات يىغىنى ئېچىلىپ، مەرھۇم ئالىي رەھبەر كىم جوڭئىل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى خات...
1,791
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارىسى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چۈشتى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاياغلىشىشغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەلەر ئارقا-ئارقىدىن خىزمەتكە كىرىشتى. ئۈرۈمچىدىكى ئۆي ئىجارە بازارلىرى چاغاندىن كېيىنكى تىجارەتنىڭ جۇش ئۇرغان مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. تۇرمۇش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ت...
1,792
خەلقئارا فوتوگراف پويىزغا يامىشىپ سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى سۈرەتكە تارتتى كانادالىق فوتوگراف جودى رۇدا توشۇيدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ، سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتتى ۋە ئاپپاراتى بىلەن چەكسىز سوزۇلغان، جىمجىتلىققا چۆككەن بۇ قۇملۇقنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى خاتىرىلىدى.
1,793
مەملىكەت گەنجىياڭ دەرياسىدا سۇ ئورنى پەسىيىپ تاش كۆرۈنۈپ كىشىلەر سۇ ئۈستى سەيلىسى قىلدى 16-فېۋرال، جياڭشى نەنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا خېلىلا ئۆرلەپ، گەنجىياڭ دەرياسىدىكى مۇزلار ئېرىپ، كىشلەرگە باھاردىن بىشارەت بەردى. كىشىلەر تاش توغاننى بويلاپ سۇ يۈزىدە سەيلە قىلىپ ئۆزگىچە خۇشاللىق تاپتى. تاش توغانلار سۇدىن ...
1,794
خەلقئارا فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساركوزىغا دېلو تۇرغۇزۇلدى خەلق تورى 17-فېۋرال تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ساركوزىغا 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىدە خىراجەتنى ئاشۇرىۋەتكەن دەپ 16-فېۋرال دېلو تۇرغۇزۇلغا...
1,795
خەلقئارا ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى تىموشېنكو يېڭى قىياپەتتە يىغىنغا قاتناشتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىل 16-فېۋرال ئۇكرائىنانىڭ ئالىي راداسى مۇھىم يىغىن ئېچىپ، زۇڭلى ياتسېنيۇك باش بولغان ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسلىسىنى قارار قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ۋەتەن پارتىيەس...
1,796
مەملىكەت 2016-يىللىق تەيبېي كىتاب يەرمەنكىسى باشلاندى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەيبېي، 16-فېۋرال تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق تەيبېي كىتاب يەرمەنكىسى 16-فېۋرال تەيۋەننىڭ تەيبېيدا باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تەيبېي كىتاب يەرمەنكىسى ئۇدا 4-قېتىم ئاددىي ساراي تەسىس قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 40 تىن ئارتۇق نەشرىياتنىڭ 8000 دىن ئارت...
1,797
شىنجاڭ 12-بەش يىل مەزگىلىدە مەركەز ۋە شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا 49 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12-بەش يىل مەزگىلىدە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا 49 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ 11-بەش يىل مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %161 ئاشق...
1,798
خەلقئارا 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇل ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فرانكفورت، 15-فېۋرال تېلېگراممىسى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دراجى 15-فېۋرال 500 ياۋرولۇق قىممەتتىكى قەغەز پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جىنايى ھەرىكەتلەرنى چەكلەش تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دراجى 15-فېۋرال ياۋروپا پارلامېنتىد...
1,799
شىنجاڭ قومۇلدىكى گۈل بازارلىرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: چاغانلىق ئالتۇن ھەپتىلكىدىكى يەتتە كۈندە، بىز 8000 تەشتەككە يېقىن گۈل ساتتۇق. 15-فېۋرال، مۇخبىر قومۇل شەھەرلىك تيەنشىن گۈل بازىرىدا تىجارەتچى چىن بىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. 15-فېۋرال، چاغاننىڭ 8-كۈنى بولسىمۇ گۈل بازىرى گۈل سېتىۋالغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر ...
1,800
خەلقئارا رۇسىيە يەسلىسىدىكى بالىلار قاتتىق سوغۇقتا مۇز چېلەك ئويۇنىغا جەڭ ئېلان قىلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 16-فېۋرال، رۇسىيە كراسنو يارسكى شەھىرىدىكى يەسلىسىدە بالىلار قاتتىق سوغۇقتا يالىڭاچ ھالدا ئاستا يۈگۈردى ۋە مۇز چېلەك ئويۇنىغا جەڭ ئېلان قىلدى.