id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
1,901
شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئەلنى مايىل قىلدى ئاپتونوم رايون 12-بەش يىل دىن بۇيان 212 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن 15 مىڭ 300 كەنتكە رادىيو-تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى 500 مىڭ...
1,902
شىنجاڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغنى مېھىر-مۇھەببەتكە تولدۇردى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلدى، تەڭرىتاغ مېھىر-مۇھەببەتكە تولدى 2015-يىلى 9-ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 104 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 116 مەدەنىيەت سارىيى، 78 مۇزېي، ئۈچ گۈزەل سەنئەت سارىيى سېلىندى. 137 كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى...
1,903
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا توڭ تۇمان كۆرۈلدى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا 18-فېۋرال سەھەر توڭ تۇمان كۆرۈلۈپ، ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ كۆرۈنۈش مۇساپىسى شەرقتىن غەربكە مېتىر 75 100 175 بولۇپ، ئۇچۇش، كۆتۈرۈلۈش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولدى. يەر يۈزىدە كۆرۈلگەن تۇماندا ئايرودۇرۇم يولى رىۋايەتتىكىدەك گۈزەل تۈسكە كى...
1,904
خەلقئارا ئىسرائىلىيەدە 7000 يىللار بۇرۇنقى ئىنسانلار قەبىلىسىنىڭ خارابىلىكى بايقالدى جۇڭگو ئاخبارات تورى، 18-فېۋرال تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارخېئولوگلار ئېرۇسالىمدىن 7000 يىللار بۇرۇنقى ئىنسانلار قەبىلىسىنى بايقىغان. ئىسرائىلىيە ئىشچىلىرى ئېرۇسالىمنىڭ ئەتراپىدا يول ياساۋاتقاندا، بۇ قەدىمىي...
1,905
خەلقئارا رۇسىيە ئارمىيەسى بىر ھەپتە ئىچىدە سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى 1593 تېررورچى تەشكىلات نىشانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مايور گېنېرال ئىگور كوناشېنكوۋ مۇخبىرلارغا رۇسىيە جەڭ ئايروپىلانى بىر ھەپتە ئىچىدە سۇرىيەدە 444 قېتىم ئۇرۇش ۋ...
1,906
مەملىكەت توردا چىقىم قىلغاندا ئۇچۇر ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي بانكىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ كۆرسەتمىسى: پائالىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىش، ئالبومنى كۆرۈشنى تەكلىپ قىلىش، جۇغلانما نومۇر نەقلەشتۈرۈش قاتارلىق زەنجىرسىمان تۈرلۈك ئۇچۇرنى خال...
1,907
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خانىقاتام يېزىسىدا ۋالېبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى 17-فېۋرال، ۋالېبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى:كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە خانىقاتام يېزىسىنىڭ نوباشلام كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئە...
1,908
مەملىكەت سۇلياۋ خالتىنى چەكلەش بۇيرۇقى يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغىچە يەتتە يىل ئىچىدە 1 مىليون 400 مىڭ توننا سۇلياۋ خالتا ئاز ئىشلىتىلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 16-فېۋرال دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2008-يىلى 6-ئاينىڭ ...
1,909
شىنجاڭ شىنجاڭدا ئالاھىدە پۇتبول مەكتىپىدىن 900 ى قۇرۇلىدۇ كەلگۈسى بەش يىلدا، ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتى پۈتۈن شىنجاڭدا يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىغىچە شىنجاڭدا ئالاھىدە پۇتبول مەكتىپىدىن 900 ى قۇرۇل...
1,910
خەلقئارا رۇسىيەدە دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىپ ياسالدى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدە يېقىندا دەرىجىدىن تاشقىرى ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى يىراقتىن كونترول قىلىپ بەئەينى ئادەمگە ئوخشاش مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. دەرىجىدىن تاشقىرى ما...
1,911
خەلقئارا ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى: كۆچمەنلەر ئاۋسترالىيەنى ئۈچىنچى دۇنيا ئەندىزىسى بويىچە نوپۇس كۆپىيىش پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويدى ئەنگلىيە مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى نىڭ 17-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوب كار شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال سىدنېيدا مۇخبىرلارغا: زور تۈركۈم مۇساپى...
1,912
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت-قەرز قالدۇق سوممىسى تېز ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى 1-ئايدا ئامانەت-قەرز قالدۇق سوممىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. نەتىجىدە 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۇل مۇئا...
1,913
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە مەبلەغ سالغۇچى ئۆيىدىن چىقمايلا توردا تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلالايدىغان بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى يېقىندا رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇچتۇرپان ن...
1,914
مەملىكەت نەنجىڭدىكى كىشىنى ئازدۇرىدىغان پىيادىلەر يولى 17-فېۋرال، شەندۇڭ جىنەندىكى 2-ئايلانما جەنۇبىي يولى جىنەن ئۇنىۋېرسىتىتى جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى يول بويىدا خۇددى سىرلىق ئوردىدەك كىشىنى ئازدۇرىدىغان پىيادىلەر يولى شەكىللەندى. 300 مېتىر دائىرىدىكى پىيادىلەر يولىغا نەچچە يۈز چوڭ دەرەخ تىكىلىگەن بولۇپ، پ...
1,915
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا شەھىرىدە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن،گۈلنار تۇداجى خەۋىرى: جامائەتچىلىكنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بورتالا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت كەسپىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، مەدەنىيە...
1,916
مەملىكەت سودا مىنىستىرلىقى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى 9-، 10-ئىيۇل شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، 18-فېۋرال، بېيجىڭ خەۋىرى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 17-فېۋرال مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى 9-، 10 -ئىيۇل شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، سودا...
1,917
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت ئىسمائىل خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى قىش كىرگەندىن بۇيان، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە، ئۆز-ئارا كىتاب سوۋغا قىلىپ، ئويۇن قويۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى شەھەرگە كىرىپ مەدەنىيەتتىن بەھرىلىنىشكە تەكلىپ...
1,918
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسى سودا ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى سودا ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز، مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كۇچا ناھىيەسى ناھىيە ...
1,919
مەملىكەت شەھەرلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىستراتىگىيەسى نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېلىمىز شەھەرلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدا...
1,920
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى جىددىي ئىشلەنمەكتە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، مەيدانلىرىدىكى دېھقانلار بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، پائال تۈردە خېمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇق، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىل...
1,921
مەملىكەت ئېلىمىز 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قۇتۇپ ئىلمىدە قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسايدۇ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ 16-فېۋرالدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ قۇتۇپ ئىلمىدە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئومۇمىي ...
1,922
خەلقئارا تۇرالغۇ مۇھىتى كىشىلەرنىڭ سېمىزلىك دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-فېۋرال خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇرالغۇ مۇھىتى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھەرىكەت ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشى...
1,923
شىنجاڭ خۇنەن 12-بەش يىل مەزگىلىدە شىنجاڭغا 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن ياردەم قىلدى 16-فېۋرال ئېچىلغان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا، شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە خۇنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ سەككىز چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، 1 مىليارد 324 مىليون يۈەن يارد...
1,924
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يەكەن ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىش تۈر مەبلىغىنى%12 ئاشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاشاگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسى بۇلتۇر سانائەت ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلىپ يولغا قويغان 30 تۇرلۈك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنى 3 مىليارد 600 مىليو...
1,925
خەلقئارا سىنگاپوردا ماشىنىسىز يەكشەنبە پىلانى سىناق يولغا قويۇلماقچى سىنگاپور تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى 28-فېۋرالدىن باشلاپ سىنگاپوردا ئالتە ئايلىق مۇددەتتە ماشىنىسىز يەكشەنبە پىلانىنى سىناق يولغا قويۇپ، ھەر ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى ماشىنىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چىملىقنىڭ ئەتراپىدىكى يولل...
1,926
مەملىكەت مەملىكەت بويىچە يىللىق ئورمان كېسىش چېكى 254 مىليون 36 مىڭ كۇپ مېتىر بولۇش تەستىقلاندى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، 17-فېۋرال، بېيجىڭ خەۋىرى: گوۋۇيۈەن يېقىندا دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى قاراپ چىقىپ بېكىتكەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى يىللىق ئورمان كېسىش چېكىنىڭ مەملىكەت بويىچە 254 مىلي...
1,927
شىنجاڭ شىنجاڭ ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ شىنجاڭ ئېنېرگىيە تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 17 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سىستېمىلار بويىچە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر ئىستېمالى نى چۆرىدەپ تەكلىپ، پىكىرلەرنى ب...
1,928
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كەلپىندە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر تەلەپلىرى كۈچىنى كۆرسەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن قۇربان، پاتىگۈل سالى خەۋىرى:كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي كېڭەش ھەيئەتلىرىنىڭ تەكلىپ لاھىيەسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئامما كۆڭۈ...
1,929
خەلقئارا ھىندىستان 24 يۈەنلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقاردى جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-فېۋرال تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندىكى بىر شىركەت دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەرزان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئىشلەپچىقارغان، ئۇنىڭ يەككە باھاسى تۆت ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى م...
1,930
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن ھەقىقى مەنپەئەتلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىكىم مۇھەممەت، ئابلىمىت داۋۇت خەۋىرى: گۇما ناھىيەسى بۇلتۇر دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك...
1,931
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنىڭ كىرىمى كۆپەيدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى تېخنىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقانلىقتىن، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە سىرتقا يۆتك...
1,932
مەملىكەت 2015-يىلى جۇڭگودا يېڭىدىن زەھەر چىكىدىغان 531 مىڭ ئادەم بايقالدى جۇڭگو ئاخبارات تورى، بېيجىڭ، 18-فېۋرال خەۋىرى: جۇڭگو دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى 18-فېۋرال بېيجىڭدا ئېلان قىلغان 2015-يىللىق جۇڭگو زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى دوكلاتى دا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي زەھەر چېك...
1,933
شىنجاڭ مىكروفىلىم ئادىشىش مەملىكەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى 4-فېۋرال 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قانۇن كارتونى مىكروفىلىم مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن مىكروفىلىم ئادىشىش مۇسابىقىدە بىرىنچى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن مىكروفىلىم...
1,934
ئۈرۈمچى چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى مۇزېيخانىلار ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئالتاي يولىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيخانىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە مۇزېيخانىدىكى ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئازلاپ كە...
1,935
خەلقئارا رۇسىيە ئۇكرائىنانى ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزنى قايتۇرمىدى، دەپ خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇندى جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-فېۋرال تېلېگراممىسى: رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مالىيە مىنىستىرى ئانتون سىلانوۋ 17-فېۋرال بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزىنى تۆلىت...
1,936
مەملىكەت ۋاڭ يى: نەنخەي دېڭىزىنى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا مۇھتاج شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-فېۋرال تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى 17-فېۋرال بېيجىڭدا ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشوپ بىلەن 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە ۋە ئىستراتېگىيە سۆھبى...
1,937
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مىشا يېزىسى بۇ يىللىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بالدۇر تۇتۇش قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەخەت ھامۇللا، تۇرسۇنجان ئابدىرېھىم خەۋىرى: پەيزاۋات ناھىيە مىشا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى، يېزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىشخانىسى پارتىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سوتسىيالىستىك يېڭىچە يېزا قۇرۇش...
1,938
مەملىكەت بوۋام بىلەن 25ياشقا قايتىمەن دېگەن رۇخسەت سوراش خېتى توردا داڭق چىقاردى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پانۇس بايرىمىدا بوۋام بىلەن بىللە ئۇنىڭ 25يېشىغا قايتىپ، بوۋامغا ھەمراھ بولۇپ يەنە بىر قېتىم ياشىرىمەن . ئالدىنقى كۈنى، خاڭجۇدىكى بىر تورداش بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتىن...
1,939
خەلقئارا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند ماراكەش پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى 17-فېۋرال، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند پارىژدىكى ئېلىسې سارىيىدا فىرانسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ۋە رايونلار بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشت...
1,940
شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 22 كۈندە 338 مىڭ يولۇچى توشۇلدى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئاياغلىشاي دەپ قالدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزدى. مۇخبىرنىڭ 15-فېۋرال تارباغاتاي ۋىلايەتلىك قاتناش -تىرانسىپورتنى باشقۇرۇش ئىدارى...
1,941
خەلقئارا ب د ت نىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پاناھ جايى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ئادەم قازا قىلدى شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى: چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراف خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مالاكال رايونىدا يەرلىك ئامما ئۈچۈن تەسىس قىلغان پاناھ جايى 18-فېۋرال سالاھيىتى ...
1,942
مەملىكەت دۆلەت سۇچىلىق ئارقىلىق نۇرغۇن نامرات نوپۇسنى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى ھەل قىلدى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، 18-فېۋرال، بېيجىڭ خەۋىرى: سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق تۈرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىلىق نام...
1,943
مەملىكەت يانۋاردا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %1 ئاشقان جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، 18-فېۋرال، بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 18-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇ...
1,944
شىنجاڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 13-فېۋرال تېلېگراممىسى : 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، يىلىغا 22...
1,945
مەملىكەت جۇڭگودىكى نۇرغۇن پەن-تېخنىكا تېپىدىكى كارخانىلارنىڭ 2015-يىلى نەتىجىسى ياخشى بولدى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، 18-فېۋرال، بېيجىڭ خەۋىرى: يېڭى يىلنىڭ بېشىدا گۇاڭجۇ شىتوۋزاۋ مۇھىت ئاسراش پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زىڭ سۇڭنىڭ بېشى قاتقانىدى، باشقا كارخانىلار تالوننىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ ئىشلەپچى...
1,946
خەلقئارا پاكىستاندىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەكتەپ قايتا ئېچىلدى يەر شارى تورى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى ئالدىنقى ئايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 15-فېۋرال ئوقۇش باشلىغان. ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى، مەكتەپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلى...
1,947
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كەلپىن ناھىيەسىدە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد توختى خەۋىرى: كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئورمان ساقچىخانىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياۋايى ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلارنى قانۇنسىز تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش، سېتىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئال...
1,948
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 247 مىڭ 300 ئادەم قېتىم غا يەتتى ئىستانسىمىز خەۋىرى: چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىزىلتاغ باغچىسى، خەلق باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋانات باغچىسى قاتارلىق جايلار كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 247 مىڭ 300 ئادەم قېتىم غا يېت...
1,949
ئۈرۈمچى چاغاندا شەھىرىمىزدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقى كۈچەيتىلدى گۈلرۇخ يالقۇن خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7- فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 0:00 دىن 13- فېۋرال سائەت 12:00 گىچە شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەر...
1,950
مەملىكەت باش باھاردىكى يېڭى ھىدلار چاغان بىلەن تەڭ ھاۋا ئىسسىپ باھارنىڭ قەدىمى كىشىلەرگە يېقىنلاشتى. ھەممىلا جايدا باش باھار ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، ئۇيقۇدىكى كائىنات باھارنىڭ تىۋىشىدىن ئويغاندى. پەسىل قۇشلىرى باغچىلارنى پەتىلىسە، ھەرىجانلار يېڭىلا ئېچىلغان مېۋە چېچەكلىرىدىن باھارنىڭ ھوزۇرىنى سۈردى. يىل بېشىدا ئېتىزنى...
1,951
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى سەككىز قەۋەت يەر ئاستى مېترو بېكىتىدە ۋاقتىنچە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلمايدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: كەڭ شەھەر ئاھالىسى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ سەككىز قەۋەت بېكىتىدە 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ۋاقتىنچە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن. پىلان ۋە كۆپ خىل ئۇن...
1,952
خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تور ھۇجۇمى قىلىش مەخپىي پىلانى ئاشكارىلاندى ئامېرىكا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 16-فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى پىلان تۈزۈپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا، ئىراننىڭ يادرو ۋە ھەربىي ئېھتىياج بىلەن خەلق ئېھتىياجى ئەسلىھەلىرىگە تور ھۇجۇمى قوزغاشقا تەييارلان...
1,953
خەلقئارا ئالما شىركىتى ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا تېلفۇن شىفىرلاشتۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلەشكە قارشى تۇردى ئالما شىركىتى 17-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا كالىفونىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى قاتىل ئىشلەتگەن تېلېفوننىڭ شىفىرلاشتۇرۇلغان ...
1,954
خەلقئارا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسىمدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار سۆزلىشىشكە شەرتسىز قاتناشسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىدى سۈرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىم 16-فېۋرال پايتەخت دەمەشقتە مۇنداق دېگەن: سۈرىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ...
1,955
خەلقئارا بىرازىلىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى: زەيكا ۋىرۇسى رىئودې ژانېيرودىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ بىرازىلىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى كاستىرو 16- فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەم ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇلارغا ھازىر كۆرۈلگەن زەيكا ۋىرۇسىنىڭ رىئودې ژانېيرودىكى ئولىمپىك ...
1,956
خەلقئارا ئۇگاندا زۇڭتۇڭى: دۆلەت سايلىمىنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز شەرقىي ئافرىقىدىكى ئۇگاندادا پات يېقىندا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسېۋېنى 16-فېۋرال مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتتە تىنچ، زوراۋانلىق بولمىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇسېۋېنى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: سايلامدا ...
1,957
خەلقئارا كورېيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش سادالىرى كۈچەيدى كورېيە ھۆكۈمىتى يېقىندا چاۋشيەننىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورېيەگە ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ...
1,958
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بازىرى كاسات ئۈزۈمنىڭ خېرىدارى چىقتى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا بۇلتۇر ئۈزۈم بازىرى كاسات بولۇپ، بەزىدە ھەر كىلوگىرام ئۈزۈمنىڭ توپ تارقىتىش باھاسى بىر يۈەنگە چۈشۈپ قالدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا قورغاس شەھىرىدىكى ئۈزۈمچىلىك ئائىلىلىرى ئۈزۈمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 5 يۈەندىن...
1,959
خەلقئارا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ماڭمىدى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 16-فېۋرال ئاياغلاشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنۇلارنى ئا...
1,960
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يىلتىزلىقلار سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالمىدى ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى يىلتىزلىق كەنتىدىكى دېھقانلار يېقىندا يىلتىزلىق كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار بۇلتۇر 11 ئايدا ياساپ بەرگەن تاش ئېرىق ئۆستەڭلەردىن قىشلىق سۇنى راۋان ئاققۇزۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يەرلى...
1,961
پەن مائارىپ خۇا جۇڭچاڭ قوش تىل ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق پەن تېخنىكا نازارىتى پەن تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى ئېچىش گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن تېخنىكا نازارىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايب...
1,962
خەلقئارا ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئەلرايىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت فاڭجېنى لايىھەسى 16-فېۋرال ئاشكارىلاندى، بۇ پارتىيە لايىھەدە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يازلىق كېڭەش پالاتا سايلىمىنىڭ مۇھىم نۇ...
1,963
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ساي مەھەللىلىكلەرنى سۆيۈندۈرگەن ئىشلار ئوسمانجان ئىسمائىل، ئۆمەر ئوسمان خوتۇنى ۋە ئوغلى بىلەن ھويلىسىدا قار تازىلاۋاتقان مەخمۇت ئابلەت دەرۋازىدىن كىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى كۆرۈپ ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، بىر بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. ـ سىلىنى مۇھىم بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلد...
1,964
خەلقئارا فىرانسىيەنىڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە پۇرسىتىگە كۆزى چۈشتى فىرانسىيەنىڭ سودا سانائەت ساھەسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەربابلار يېقىندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يەنىلا ساغلام بولۇپ، كەلگۈسى جۇڭگو بازىرى يەنىلا غايەت زور سودا پۇرسىتىگە ئىگە. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو فىران...
1,965
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توقسۇ ناھىيەسى يېشىل ناھىيە بەرپا قىلىشقا كۈچىدى نىياز ساتتار خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسى 12 بەش يىل دا مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈش...
1,966
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر پىچان ناھىيەسىدىكى 35 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى رادىيو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن بەھرىلەندى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسىدە 2013 يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ رادىيو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ناھىيەدىكى 35 ...
1,967
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر دېھقانلار خاس يېزا ئىگىلىكىدىن قاناتلاندى ئابدۇسالام قادىر غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈز يېزىسى ئىتتىپاق كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى دادىل تەڭشەپ، خاس تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى يولغا قويۇپ، توخۇ باقمىچىلىقى ۋە كۆكتاتچىلىقنى تۈۋرۈك كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، كۆلە...
1,968
خەلقئارا بان كېمون ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 17-فېۋرال مۇنداق دېدى: مەن، ھەر قايسى دۆلەتلەرگە پارىژ كېلىشىمى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش توغرىسىدا تەكلىپ ئەۋەتتىم، مەن ھەر قايسى ...
1,969
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قاراشەھەردە يۇرتداشلار لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلدى مۇخپۇلجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: قاراشەھەر ناھىيەسى ج ك پ 18 نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ئومۇمىي يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق...
1,970
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر شادلان دا پەرۋاز ئايشەمگۈل پەرىشاھنىڭ قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى يۇقىرى ئاقيەر كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى بىناسىغا جايلاشقان شادلان قول ھۈنەرۋەنچىلىك شىركىتىگە يېقىندا بارغىنىمدا، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۇ بىرنەچچە ئايالنىڭ داستىخان، يوتقان تېشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن. ...
1,971
خەلقئارا سۈرىيە زۇڭتۇڭى يەنە بىر قېتىم چوڭ كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى كەچۈرۈم قىلدى سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەت 17-فېۋرال كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، 17-فېۋرالدىن ئىلگىرى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش قانۇنى بىلەن ھەربىي جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىقلار خىلاپلىق قىلىپ تۈ...
1,972
خەلقئارا فىرانسىيە زۇڭلىسى يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلدى فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس 17- فېۋرال مۇنداق دېدى: مەن، 18-، 19- فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەتىيازلىق باشلىقلار يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللى...
1,973
خەلقئارا ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ سۆھبىتى ئاخىرلاشتى ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ سۆھبىتى 17-فېۋرال بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مېنىسكىدا ئاخىرلاشتى. ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سائىدىك سۆھبەتتىن كىيىن مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇكرائىنا ۋەكىلى كۇچىمانى...
1,974
خەلقئارا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى خەتەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى 17- فېۋرال ئېلان قىلغان 1- ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىن خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى يېقىنقى ...
1,975
خەلقئارا پۇتىن: رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 17-فېۋرال مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۇكرائىناغا باغلىق، شۇڭا رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ئ...
1,976
خەلقئارا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئوباما كېلەر ئايدا كۇبانى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىدى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 17-فېۋرال كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 21-، 22-مارت كۇبانى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان، بۇ 80 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم كۇبانى زىيارەت قىلىشى بو...
1,977
خەلقئارا جۇڭگو ب د ت سابىق باش كاتىپى بوتروس غالىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ئىشخانىسى 16-فېۋرال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى بوتروس غالىنىڭ 93 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لې 17...
1,978
خەلقئارا ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرەسمىي يىغىن ئۆتكۈزدى ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى 15-، 16- فېۋرال ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى...
1,979
خەلقئارا رۇسىيە بىلەن ئىران يىل ئىچىدە سۇ 30 -بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش توختامىنى ئىمزالايدۇ رۇسىيە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى ھەمكارلىق سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەربابىنىڭ 17- فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، ئىران رۇسىيەدىن كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بولغان سۇ30 - بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش تو...
1,980
خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئاپتوموبىلى سۈرىيەدىكى قامىلىپ قالغان بەش كەنتكە كىردى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى 17-فېۋرال سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان بەش كېچىك بازارغا كىردى. سۈرىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات...
1,981
خەلقئارا تېموشىنكو ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى تېموشىنكو رەھبەرلىكىدىكى ۋەتەن پارتىيەسى 17- فېۋرال پارلامېنتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن پارلامېنتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتى...
1,982
مەملىكەت بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ 500دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلى ئىككى يىغىن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ ئاسىيا ئولىمپىك كەنتىدىكى سىناق قىلىش مەيدانىدا بېيجىڭ ئاپتوموبىل گورۇھىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غا ئىشلىتىدىغان 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلى 18-فېۋرال تەكشۈرۈش ئۆتكىلىگە قەدەم قويدى. ئادەتتىكى تەكشۈرۈشكە ئوخشىمايدىغان يېر...
1,983
خەلقئارا ئافغانىستان شام ئىسلام دۆلىتى گە زەربە بەردى خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى: ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر كوماندىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمى يەرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، كەم دېگەندە شام ئىسلام دۆلىتى نىڭ 46 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىۋەتكەن.
1,984
مەملىكەت مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى تەكشۈرۈلۈپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىگە تەييارلاندى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرى دۇڭخەي ناھىيەسىدە 18-فېۋرال مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، ئالاقىدار تېخنىك خادىملار مەركەزلىك تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. ئۇلا...
1,985
خەلقئارا گىرېتسىيەدە دېھقانلار يوللارنى توسۇپ، قالايمىقانچىلىق چىقاردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 18-فېۋرال، گىرېتسىيەدىكى دېھقانلار بۇلغارىيە-گىرېتسىيە چېگرا ئېغىزىدا نامايىش قىلىپ يوللارنى توسۇۋالغانلىقتىن، 20 كىلومېتىردەك مۇساپىدە نەچچە مىڭ يۈك ماشىنىسى توسۇلۇپ قالدى.
1,986
خەلقئارا رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگدا يەر ئاستى گاز تۇرۇبىسى پارتلاپ كەتتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 18-فېۋرال، رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگدىكى بىر يەر ئاستى گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى پارتلاپ كەتتى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 18-فېۋرال، رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگدىكى بىر يەر ئاستى گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى پارتلاپ كەتتى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 18-فېۋرال، ...
1,987
خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى پاناھلاندۇرۇش ئورنى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 18-فېۋرال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم بازار مالاكالدا شۇ يەردىكى كىشىلەرگە قۇرۇپ بەرگەن پاناھلاندۇرۇش ئورنى سالاھىيىتى نامەلۇم قور...
1,988
مەملىكەت يۈەننەندە 75 ياشلىق بوۋاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 10 مىڭ خەتلىك سۆزىنى قولىدا يېزىپ چىقتى خەلق تورى، كۈنمىڭ 18-فېۋرال تېلېگراممىسى : 75 ياشلىق بوۋاي چيۇ يوۋمىڭ كۈنمىڭدە مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ كىچىك باسما ھەرىپ بويىچە قولىدا يازغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى نى كۆرسەتتى....
1,989
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى بىرھەپتىدە تۇمانلىق ھاۋارايى دەۋر سۈرىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 18-فېۋرال، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ قۇياش كۈچلۈك نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن ئەتراپقا چاچتى. ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى ئىسسىق ھېس قىلىپ مامۇق چاپانلىرىنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى ئېيتىشىتى. 18-فېۋرال مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ...
1,990
مەملىكەت تېز يەتكۈزگۈچى ئوت ئاپىتىدە قاپسىلىپ قالغان ئايالنى قۇتقۇزۇۋالدى يېقىندا خۇبېيدىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، بىر ئايال ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش رىشاتكىسىغا قاپسىلىپ قالغان، قارشى تەرەپتىكى ئولتۇراق رايوندا يوللانمىلارنى رەتلەۋاتقان تېز يەتكۈزگۈچى جاڭ شياڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ بالكونغا يامىشىپ چ...
1,991
مەملىكەت شەندۇڭنىڭ ليۇچىڭدىكى غايەت زور يېسىۋېلەك 18-فېۋرال خەۋەر قىلىنىشىچە، شەندۇڭنىڭ ليۇچېڭغا غايەت زور يېسىۋېلەك ھەيكىلى ياسالغان، بۇنىڭ ئېگىزلىكى 9 مېتىر، كەڭلىكى 5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ ئەينەك پولات بىلەن ياسالغان بولۇپ، خۇددىي راستتەكلا كۆرۈنىدىكەن.
1,992
مەملىكەت گەنسۇ خېشى رايونىدا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى 18-فېۋرال مايمۇن يىلىدىكى تۇنجى قۇم بورانلىق ھاۋارايى گەنسۇنىڭ خېشى رايونىغا ھۇجۇم قىلدى، لەنجۇ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى گەنسۇ ئۆلكىسىدە بورانلىق ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش كۆك رەڭلىك مۇداپىئە سىگنالى چىقاردى.
1,993
شىنجاڭ 12-بەش يىل دا، شىنجاڭدىكى 980 مىڭ ئادەم توكسىز دەۋر بىلەن خوشلاشتى شىنجاڭ توك ئىشلىرى شىركىتىنىڭ 18-فېۋرال تارقاتقان ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ شىنجاڭ توك ئىشلىرى شىركىتى جەمئىي 17 مىليارد 82 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت 77 ناھىيەدىكى 25...
1,994
خەلقئارا ئوباما چاۋشيەننى جازالاش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋاشىنگىتون 18-فېۋرال تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 18-فېۋرال چاۋشيەننى جازالايدىغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، چاۋشيەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنا...
1,995
خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سابىق باش كاتىپ گارى ئۈچۈن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى 18-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 16-فېۋرال ئالەمدىن ئۆتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى بوتروس گارى ئۈچۈن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى ۋە جايلاردىكى ئا...
1,996
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە قولدا ئىشلەنگەن قىيمىلىق نومى كومىلىچىنىڭ بازىرى قىزىپ كەتتى 18-فېۋرال، ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر يولىغا جايلاشقان 2-ئاشخانا پىششىقلاپ ئىشلەش دۇكىنى دا خىزمەتچى خادىملار قىيمىلىق نومى كومىلىچى ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ دۇكان كۈنىگە مىڭ كىلوگرامدىن ئارتۇق قىيمىلىق نومى كومىلىچىنى قولدا ئىشلەپچىقىرى...
1,997
شىنجاڭ بۇ يىل 4000 نەپەر ئىستۇدېنت شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەردە تەربىيەلىنىدۇ مۇخبىرنىڭ 18-فېۋرال چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2016-يىللىق ...
1,998
خەلقئارا ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 19-فېۋرال تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 19-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى خەۋەرچى زات ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئېلىپ بارغان سىياسەت ئىسلاھاتى سۆھبىتىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەنل...
1,999
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى 2015-يىلى 6 مىليارد 877 مىليون يۈەن ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرزى تارقاتتى مۇخبىرنىڭ 18-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى 25 مىڭ 590 ئاھالىگە ئولتۇراق ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلىدىن 6 مىليارد 877 مىليون يۈەننى تارقاتتى...
2,000
خەلقئارا ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى تىموشېنكو ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىدىكەن ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭلىسى يۇلىيا تىموشېنكو 17-فېۋرال ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقتىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇ يەنە بۇ ئىتتىپاقتىكى بۇ دۆلەتكە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغان پارتىيەلەرنىڭمۇ ...