id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
401
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىۋى قاتناش بىۋاسىتە تېز لىنىيەسى ئاچىدۇ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى مەملىكەتلى...
402
ئۈرۈمچى ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە 11-يانۋار، ئامما بىلەن كادىرلار بىرلكتە يول ئۈستىدە بۇزۇلۇپ قالغان 60-يول ئاپتوبۇسىنى ئىتتىرمەكتە شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: غەيرەت قىلايلى! يەنە ئازراق كۈچەيلى... 11-يانۋار سائەت 13:10دە ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولىدا سەككىز ئەر كىشى يول ئۈستىدە بۇزۇلۇپ قالغان 60-يول ئاپتوب...
403
خەلقئارا كانادادا جۇڭگونىڭ مايمۇن يىللىق مۈچەل پوچتا ماركىسى تارقىتىلدى كانادا پوچتا شىركىتى 11-يانۋاردىن باشلاپ جۇڭگو مۆچىلى بويىچە مايمۇن يىللىق پوچتا ماركىسىنى تارقاتقان، ئۇنىڭدىن باشقا مايمۇن يىللىق خاتىرە كونۋېرتى ۋە پۈتۈن يۈرۈشلۈك پوچتا ماركىسى قاتارلىق بويۇملارنىمۇ تارقاتقان. ئىگىلىنىشىچە، مايمۇن يىللىق خەلقئارا...
404
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسى ياشلارغا دۆلەتنىڭ قىشلىق پەن-تېخنىكىدا تەربىيەلىنىش ياردەم پۇلى تارقاتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ ناھىيەنىڭ قىزىل بازىرىدىكى ئىشسىزلىق كىنىشكىسى ئالغان 140 نەپەر 20 ياشتىن 30 ي...
405
خەلقئارا نيۇيورك شەھىرىدە ئاپتوموبىللار مۇز كىيىم كىيدى نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ غەربىدىكى بۇففالو شەھىرىدە 11-يانۋار قاتتىق ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈپ ۋە تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈستىنى قېلىن مۇز قاپلاپ كەتكەن.
406
خەلقئارا كىم جوڭئۇن چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقىغا قاتناشقان ئالىملارنى تەقدىرلىدى چاۋشيەن ئەمگەك خەۋەرلىرى نىڭ 2016-يىلى 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا مۇراسىمغا قاتنىشىپ، چاۋشيەننىڭ ۋودورود بومبىسى سىنىقىغا قاتناشقان خادىملار ۋە ئالىملارنى تەقدىرلىگەن.
407
خەلقئارا ئىران تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىنى ۋە 10 نەپەر خادىمنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى ھەربىي پاراخوت ئىران دېڭ...
408
مەملىكەت شاڭخەيدە سەرەڭگە ساتقۇچى قىز نامايان بولدى شەرق تورى مۇخبىرىنىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 12- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي ۋەيتەن كوچىلىرىدا كىچىك بىر قىزچاق ئۈستىگە ئەنئەنىۋى ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، بېشىغا قىزىل ياغلىق چىگىپ، لىق سەرەڭگە قاچىلانغان سېۋەتنى كۆتۈرۈپ، قەھرىتان سوغۇقتا يولدىن ئۆتكەنلەرگە سەرەڭگە تەقدىم...
409
مەملىكەت جاڭجياڭدا بىر كىشى يېرىم توننا پۇلغا ئاپتوموبىل سېتىۋالدى جاڭجياڭ شەھەر ئاھالىسى سەي ئەپەندى 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن لىق بىر ئاپتوموبىل پۇلنى ئاپتوموبىل سېتىش ئورنىغا كېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولغان. سېتىش بۆلۈمىدىكى خادىملار ئۆمرىدە بۇنداق كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. سەي ئەپەندى بىر قانچە سېتى...
410
مەملىكەت شىجياجۇاڭ شەھىرىدە يوللارنى سۇ بېسىپ كەتتى 11-يانۋار، خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ جيەنخۇا شىمالىي چوڭ كوچىسى بىلەن فېڭشوۋ يولى كېسىشكەن يول ئېغىزى دېڭىز غا ئايلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00لەر ئەتراپىدا، يوللارغا ئېغىر دەرىجىدە سۇ يىغىلىپ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 30 سانتىمېتىرغا يەتتى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلا...
411
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەن ناھىيەسى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەن ناھىيەسى 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى؛ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا مۇكاپاتلىق ياردەم مەبلىغىدىن ...
412
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر شايارلىقلار يىراقتىن دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى پەرھاد مىجىت، مېھرىئاي تالىپ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا شايار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يىراقتىن بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش مەركىزىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن شايارلىقلار يىراقتىن بىرلەشمە دىياگنوز قويۇشتىن ئىبارەت قولايل...
413
شىنجاڭ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تولۇق تەييارلىنىپ بولدى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 1 ئاينىڭ 6 كۈنى تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان ق...
414
شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتى ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ۋە پوچتا مۇلازىمىتى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1 ئاينىڭ 5 كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشل...
415
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر غۇلجا شەھىرىدە ۋەدە قىلىنغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇندالدى ئەخەت ئېلاخۇن خەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر غۇلجا شەھىرى 7 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش قاتارلىق 423 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغانىدى. ھازىر بۇ نۇقتىلىق خەل...
416
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تاغلىق كەنتتە بېيىش يولى ياسالدى شەمشىدىن خەپتىم خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتو يېزىسى ئارىلىق كەنتىدە ئاسفالت يول ياسىلىپ، قاتناش راۋانلىشىپ، خەلقنىڭ بېيىش يولى ئېچىلدى. باقمىچى مۇھەممەد توختى قەشقەرگە ئاپىرىپ سېتىشقا تەييارلىغان 12 قوينى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ مېڭىش ئالدىدا خۇشال ھالدا مۇند...
417
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تاغلىق كەنتتە بېيىش يولى ياسالدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن شۆھرەت تۆمۈر 1995 يىلى 10 ئايدا باي ناھىيەسىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ ئارىسىغا جايلاشقان نەسىللىك قوي فېرمىسىغا ئىشقا چۈشتى. ئۇ خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى، ئەستايىدىللىقى بىلەن 1998 يىلى 11 ئايدا...
418
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كورلا شەھىرىدە بۇلتۇر 4176 كىشى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-يانۋار كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، كورلا شەھىرىنىڭ 2015 يىلى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا...
419
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى پاكىز ئېنېرگىيەنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىياتتا بۆسۈش ھاسىل قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئولتۇراقلىشىش ۋە سانائەتلىشىش جەريانىدىكى ئېنېرگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىپ مۇھىتنى ئاسراش ئا...
420
مەملىكەت چېڭدۇدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ۋاسكېتبول گارى ئۆرۈلۈپ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بېشىغا چىقتى خۇاشى شەھەر گېزىتى خەۋىرى : 9-يانۋار چۈشتىن كېيىن، چېڭدۇ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسى ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ۋاسكېتبول ئويناۋاتقاندا ۋاسكېتبول گارى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ، بۇ ئوقۇغ...
421
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر سەككىز ئادەم كەنتىگە باغلانغان رىشتە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات يېزىسى سەككىز ئادەم كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئالىم كېرىم كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش، دېھقانلارنى قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلەشتىكى گەۋدىلىك نەتىجىلى...
422
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توقسۇ ناھىيەسى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى نىياز ساتتار خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ناھىيە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەر ...
423
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئۈچتۇرپان ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم قازاندى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۈچتۇرپان ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يا...
424
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر يوپۇغا ناھىيەسى 12 بەش يىل دا 5000 دىن ئارتۇق كىشىنى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسى 2010 يىلىدىن بۇيان شەھەر يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، 5000دىن ئارتۇق كىشىنى كارخانىلارغا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ...
425
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپى چەت ئەلدىن زاكاز قوبۇل قىلدى ئادالەت ئابدۇۋەلى، نۇرىمانگۈل ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى بوستان 2 كەنتى كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېقىندا كەنت زالىدا كىيىم كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەك مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ گ...
426
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ 12-بەش يىل لىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا زور يۈكسىلىش بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاشاگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسى 12-بەش يىل لىق پىلان داۋامىدا تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئەۋزەللىكىگە ئىگە سانائەت، يېزا ئىگىلىك كەسىپ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭە...
427
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باي ناھىيەسى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋىرى: باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ ۋېنجۇ ۋە بۇ ئىدارىدىكى تۆت نەپەر خادىم 11-يانۋار باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىس...
428
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسىدە دېھقانلارنىڭ 12-بەش يىل لىق داۋالىنىش تولۇقلىمىسى 218 مىليون يۈەندىن ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى ئۆتكەن 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 131...
429
خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئوغلىنىڭ كېسلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيىنى ساتماقچى بولغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن 11- ويابىر ئامېرىكا سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئوغلۇمنىڭ راك كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان مەزگىلدە ز...
430
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى سانائەتنى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرتكىگە ئايلاندۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 12-بەش يىل مەزگىلىدە سانائەت ئارقىلىق ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ...
431
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئەسلىھەلىك يېزائىگىلىكى ئاقتۇنى پەسىلسىز كۆكتات دەۋرىگە ئېلىپ كىردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى ئاقتۇ ناھىيەسىگە 20 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ياردەم قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزائىگىلىك باز...
432
شىنجاڭ كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭدا يېڭىدىن 11 ئايرودۇرۇم قۇرۇلىدۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى تۈگۈنلۈك ئايرودۇرۇم ھەمدە تارماق ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پۇقرالار ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 28 كە يەتكۈزۈلىدىكەن. سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىل، جۇڭگو جە...
433
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى يېڭى تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئۇدا ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ساياھە...
434
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم ئۆلچىمىنى 390 يۈەنگە، ئەڭ يۇقىرى چىقىم نورمىسىنى 60 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى. دا...
435
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ياخشى بولغان سىياسەت ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر بۇ ناھىيەدە ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىل بېشىدىن...
436
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكىلەرنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى كۆپچىلىكىنى ئىشىك ئالدىدىلا نەپكە ئېرىشتۈردى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مەھەللە كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ــ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنىڭ ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە سېتىلىش ...
437
شىنجاڭ روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى تەكشۈرۈش پىدائىيلىرى ئىشتىن بۇرۇنقى مەخسۇس تەربىيەنى قوبۇل قىلدى ئۆز خەۋىرىمىز: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك داۋالاش-سەھىيە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 12-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابى...
438
خەلقئارا ئامېرىكا توپى لاتارېيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات سوممىسى 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار، ئامېرىكا ئاممىسى ئۆچرەتتە تۇرۇپ توپى لاتارېيە بېلىتى سېتىۋالماقتا. ئۇدا كۆپ قېتىم لاتارىيىدە مۇكاپات چىقمىغانلىقتىن، سەيشەنبە 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇنغىچە، بۇ خىل لاتارېيە بېلىتىنىڭ 1-دەرىجىلىك ...
439
مەملىكەت جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم پار پويىزلىرىنىڭ گۈزەل سۈرەتلىرى كان، قارلىق تاغ، كەچكى شەپەقتىكى دالا، ئۇزاققا سوزۇلغان گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ھەيۋەتلىك پار پويىزى ئاپئاق قارلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ـــ قومۇل ۋىلايىتى سەنداۋالىڭ كۆمۈر كېنىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يېڭ...
440
مەملىكەت شاڭخەي دىسنىي باغچىسىدا 16-ئىيۇن رەسمىي تىجارەت باشلىنىدۇ شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 13-يانۋار تېلېگراممىسى : خۇاتې دىسنىي شىركىتى بىلەن شاڭخەي شىندى گورۇھىنىڭ 13-يانۋار جاكارلىشىچە، شاڭخەي دىسنىي ئىستىراھەت رايونى 2016-يىلى 16-ئىيۇن رەسمىي خېرىدار كۈتۈۋېلىشقا باشلايدىكەن ھەمدە شۇ چاغدا بىر قانچە كۈن دەبدەبىلىك ئې...
441
مەملىكەت بېيجىڭدىكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2016-يىلى 8-يانۋار، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ 16-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ...
442
شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى قارلىق دالىدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى ۋە ئات بەيگىسى ئۆتكۈزدى 11-يانۋار، شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات قار تېيىلىش مەيدانىدا جۇڭگو. نارات 2016-يىللىق قار-مۇز ساياھەت- مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ دالىدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى ۋە ئات بەيگە مۇسابىقىسى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسا...
443
مەملىكەت جېجياڭ ئۆلكىسىدە گىيولوگىيەلىك چوڭ ئەترەتنىڭ ئاپتوموبىلى سۇ ئىسكىلاتىغا چۈشۈپ كېتىپ، بەش ئادەم قازا قىلدى جېجياڭ ئۆلكىلىك 3-گىيولوگىيەلىك چوڭ ئەترەتنىڭ بىر ئاپتوموبىلى قېزىلما بايلىقلارنى گىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا لىشۈي شەھىرى جۇچاڭ ناھىيەسى ئەنكۇ يېزىسى داشەن كەنتىدىكى سۇ ئىسكىلاتىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقە...
444
مەملىكەت گۇاڭشىدا ھەق ئېلىندىغان 2-دەرىجىلىك تاشيولىدىكى 49 ھەق ئېلىش پونكىتى چېقىۋېتىلدى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 2016-يىلى 1-يانۋار سائەت 0:00 دىن باشلاپ پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەق ئېلىندىغان 2-دەرىجىلىك تاشيولدىكى 49 ھەق ئېلىش پونكىتى چېقىلىدىكەن. ئىگىلىنىش...
445
خەلقئارا پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نەنگارخار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ـــ جالالئابادتا تۇرۇشلۇق پاكىستاننىڭ كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا 13-يانۋار پارتلاش ۋە قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن، نۆۋەتتە تۆت كىشى قازا قىلىپ، ئىككىيلەن يارىلانغان. ئافغانىستانلىق ...
446
خەلقئارا پاك گيۇنخاي: كورېيە بارلىق دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ چاۋشيەننى جازالايدۇ شىنخۇا تورى خەۋىرى: كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي 13-يانۋار كورېيە سېئۇلدىكى چوڭۋادى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسدە خەلققە سۆھبەت نى بايان قىلىپ، بارلىق دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان شەكى...
447
خەلقئارا موسكۋادا تۇيۇقسىز قاتتىق قار ياغدى شۇ يەر ۋاقتى 12- يانۋار چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا تۇيۇقسىز قاتتىق قار يېغىپ، بىر كېچىدىلا قارنىڭ قېلىنلىقى 24 سانتىمېتىرغا يەتكەن. قاتتىق قاردا 68 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 17 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، موسكۋا كوچىلىرىدا ت...
448
خەلقئارا ئالىپ تېغىدىكى قار كۆچكۈنىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يوقاپ كەتتى ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە شەرقىي قىسىم ۋاقتى 13-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە، قار كۆچكۈنى فىرانسىيەنىڭ ئالىپ تېغىدىكى قار تېيىلىش مەنزىرە رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. لىئوندىن كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كول...
449
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېلىتىش باھاسى 0 يۈەن چۈشىدۇ شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 14-يانۋار يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. 2016-يىل 14-يانۋار سائەت 00:00 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى 93-نومۇرلۇق بېنزىنن...
450
خەلقئارا ھىندونېزىيە برومو يانارتېغىدا ئېتىلىپ چىققان يانارتاغ كۈلى 2000 مېتىرغا يېقىنلاشتى شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 10-يانۋار، ھىندۇنېزىيەدىكى برومو يانارتېغى ھەرىكىتىنى توختاتمىدى، يانارتاغ كۈلى 1500 1800 مېتىرغا ئېتىلىپ چىقتى.
451
خەلقئارا ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 10 نەپەر ئەسكىرىنى قويۇپ بەردى شىنخۇا تورى تېھران 13-يانۋار تېلېگراممىسى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغداش ئەترىتى شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىران تەرەپ تۇتۇۋالغان 10 نەپەر ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەن ھەمدە بۇ ئەسكەرلەر ...
452
خەلقئارا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر ئادەم قازا قىلىپ، ئۈچ ئادەم يارىلاندى پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 13-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا بىر پەلەستىنلىك قازا قىلغان، ئۈچ ئادەم يارىلانغان.
453
مەملىكەت خېشى كارىدورى 2016-يىلدىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 11-يانۋار كەچتىن 12-يانۋارغىچە گەنسۇدىكى خېشى كارىدورىنىڭ كۆپ جايلىرى 2016-يىلدىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى.
454
خەلقئارا پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان سائەت قاۋاقخانىسىدا قايتىدىن تىجارەت باشلاندى 13- يانۋار كەچ، كىشىلەر پارىژ 10-رايوندىكى سائەت قاۋاقخانىسى ئالدىدا، بۇ قاۋاقخانىنىڭ قايتىدىن تىجارەت باشلىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئىككى ئاي بۇرۇن 2015-يىل 13-نويابىر پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 130 ئادەم ق...
455
مەملىكەت گۇاڭشىدا تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان بىر قىز تۇتۇلدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: تيەنجىن 12-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان ياڭ سەيلەن 13-يانۋار گۇاڭشى فاڭچېڭگاڭ شەھىرى فاڭچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىدە ئوچۇق سوت قىلىندى. ئىگىلىنى...
456
خەلقئارا 36-نۆۋەتلىك تايلاند ساياھەت بايرىمى باڭكوكتا باشلاندى 13-يانۋار، تايلاند دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 36-نۆۋەتلىك تايلاند ساياھەت بايرىمى باڭكوكتىكى رونرون باغچىسىدا باشلانغان بولۇپ، بەش كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتتە تايلاندتىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى،...
457
شىنجاڭ ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسى 15-يانۋار باشلىنىدۇ 15-يانۋار شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نىڭ ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى، خاربىن، چىچىخار، شاڭخەيدىن ئىبارەت تۆت ئاياللار مۇز توپ كوماندىسى ئۈر...
458
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۈزەل ئايال.بەختلىك ئائىلە تېمىسىدىكى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئاياللارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا گۈزەل ئايال.بەخىتلىك ئائىلە تېمىسىدا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر مىللەت ئاي...
459
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى دېھقانچىلىق ئىشچىلىرىنى بېيىتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد مۇھەممەد خەۋىرى: بىڭتۇەن 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانى پارتكومىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا: 2015- يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 496 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلد...
460
مەملىكەت شاڭخەيدىكى بىر ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، تۆتەيلەن قازا قىلدى 13-يانۋار، شاڭخەي شەھىرى باۋشەن رايونىدىكى بىر ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى، نۆۋەتتە پارتلاشتا تۆت كىشى قازا قىلىپ، ئىككى كىشى يارىلاندى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
461
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر خەندەكجىران كەنتىدە ياخشىلار بازىرى قۇرۇلدى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى خەندەكجىران كەنتىدە يېقىندا ياخشىلار بازىرى قۇرۇلۇپ، تىجارەت باشلاندى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە بۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ كەنتتىكىلەرگە...
462
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بۇ ئىزناكنى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمىمگە سوۋغا قىلىمەن قاراقاش ناھىيەلىك قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە كاۋاك يېزىسىنىڭ بوستان كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل مۇھەممەتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى يېشىل مەرۋايىت دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتى...
463
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى سايباغ يېزىسى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئىلغار ئېلىمەردان خەۋىرى: قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزىسى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتك...
464
خەلقئارا فىرانسىيە ئىسېر ئۆلكىسىنىڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا قار كۆچكۈنى سەۋەبلىك ئۈچ ئادەم قازا قىلدى يەر شارى تورى خەۋىرى: فىرانسىيە خەلقئارا رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە ئىسېر ئۆلكىسىنىڭ بېلكومبې قار تېيىلىش مەيدانىدا شۇ يەر ۋاقتى 13-يانۋار سائەت 16:00لەر ئەتراپىدا قار كۆچكۈنى يۈز...
465
شىنجاڭ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭدا 990 مىڭ يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي سېلىنىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى : 13-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ 990 مىڭ يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %35كە يېتىدۇ. مۇخبىرنىڭ نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن دىن ...
466
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ تەربىيەلەشنى باشلىۋەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى: كۇچا ناھىيە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى 6-يانۋار تۈمەن كىشىلىك ئەمگەكچىلەرگە قارىتا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى باشلىۋەتتى. ئىگىلىنىشىچ...
467
شىنجاڭ چارۋىچىلارنىڭ قوتانلىرىدىكى شادلىق ئەلچىلىرى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 23-يانۋار ئەتىگەن، مۇخبىر باغراش ناھىيەسى چاغاننۇر يېزىسى ئوتىن غول كەنتى 6-گۇرۇپپىسىدىكى چارۋىچى جاڭ سۇنچۇەننىڭ ئائىلىسىدە زىيارەتتە بولغاندا، بىرىدىن-بىرى ئوماق قوزىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن تېپىچەكلەپ ئانىسىنىڭ كەينىدە ئويناقشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. ...
468
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە تېخنىكا مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلدى 13-يانۋار مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى تور تېخنىكىسى بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى...
469
خەلقئارا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىران ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولغان سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كىچىك تىپتىكى پاراخوتى بىلەن 10 نەپەر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى پارس قولتۇقى تەۋەلىكىدە ئىران تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغداش ئەترىتىنىڭ ...
470
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستى بۇلتۇرسايرام كۆلى ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىدا ئۈچ ئېھتىياد سىزىقى نى پۇختا ساقلاپ، قۇدۇق ۋە توكنى تىزگىنلەپ، يەر ئاستى...
471
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا شەھىرىدە كەسپ قاتلىمى زور دەرىجىدە ئۆستى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، گۇلنار تۇداجى خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرىدە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمى يەنىمۇ تېز بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا ك...
472
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 12-بەش يىل مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە پائالىيىتى ۋە ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش نى پائالىيەتلىرىنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈم...
473
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسى 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى غەلبىلىك تاماملىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، مېھرىگۈل ياسىنلار خەۋىرى: ئونسۇ ناھىيەسى 12-بەش يىل لىق پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى غەلبىلىك تاماملاپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئىگە قىلدى. ئ...
474
پەن مائارىپ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جيەنۋۇ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى 8-يانۋار ئونسۇ ناھ...
475
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئىسسىق لاپاستا ئېلىپ بېرىلىدۇ 13-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدان-سارايلىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، مەيدان-سارايغا كىرگىچە تۆت بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇخبىر چۈشتىن بۇرۇن...
476
شىنجاڭ شىنجاڭدىكى ساخاۋەتلىك كارخانا مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 4000 جۈپ قار تېيىلىش پەلىيى ياردەم قىلدى 13-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر جۇڭشىڭ پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ 4000 جۈپ قار تېيىلىش پەلىيى 2500 نەپەر خىزمەتچىنىڭ كۆڭلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قىشلىق تەنھەرىكەت ...
477
خەلقئارا رۇسىيە تاراتقۇلىرى : جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىئونلۇق گاز پۈركۈمە موتورنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىئونلۇق گاز پۈركۈمە موتورنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 14- يانۋار...
478
شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى ئاھالىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى مۇز تېيىلىش ئالتايلىقلار ياخشى كۆرىدىغان قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرى. مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا ئالتاي شەھىرى ئاھالىلىرىمۇ مۇز تېيىلىشقا ئاتلىنىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى. 13-يانۋار مۇخبى...
479
خەلقئارا جاكارتادىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، 17 ئادەم يارىلاندى ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپنىڭ 14-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جاكارتا شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، 17 ئادەم يارىلانغان.
480
مەملىكەت خېنەندىكى پوجاڭزا ياساش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 10 ئادەم قازا قىلدى خېنەن ئۆلكىسى تۇڭشۈ ناھىيەسىنىڭ چاڭجى كەنتىدىكى بىر پوجاڭزا ياساش زاۋۇتىدا 14-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:48 ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى. مۇخبىرنىڭ تۇڭشۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 14-يانۋار سائەت 19:00 غىچە ۋەقەدە ق...
481
شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدە قىش پەسىللىك سۇ قۇشلىرىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باينغۇلىن موڭغۇل ئوبلاستىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 13-يانۋار، ياۋا ئاققۇلار كورلا شەھىرىدىكى كاككۇك دەرياسىدا شوخ بەزمىگە چۈشكەندى. شۇ كۈنى مۇخبىر بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئىيلى...
482
خەلقئارا ياپونىيەدە بىر ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 13 كىشى قازا قىلدى تەيۋەن مەركەز ئاگېنتلىقى نىڭ ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياپونىيەدە قار تېيىلغىلى ماڭغان يولۇچىلار ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس ناگانو ناھىيەسىدىكى مەنزىرە رايونىغا بېرىش يولىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ۋەقەدە 13 يولۇچى ...
483
خەلقئارا ئامېرىكىدا 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات چىققان نومۇرلىرى ئېلان قىلىندى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 13-يانۋار، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتى تاللاخاسى شەھىرىدە، ئامېرىكا توپى لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپات چىققان نومۇرلىرى ئېلان قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، سېتىلغان بىر ...
484
مەملىكەت خاڭجوۋدا كۆمۈر گاز باكى توشۇش ماشىنىسى پارتلاپ كەتتى 14-يانۋار سائەت 19:00 لاردا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى يۈخاڭ رايونى لياڭجۇ يولىدا لىققىدە كۆمۈر گازى باكى بېسىپ ماڭغان بىر ماشىنىغا ئوت كەتكەن، ئوت كېتىشى بىلەن تەڭ پارتلاش يۈز بېرىپ، ياندىكى ئىككى زاۋۇت ئۆيىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. ئوت كەتكەن كۆلەم 200...
485
مەملىكەت سىچۈەندە ئالاھىدە ساقچى چارلاش ئاپتوموبىلى بىلەن بىر پىكاپ سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككى نەپەر ئالاھىدە ساقچى قازا قىلدى 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىسى زىيۈەن شەھىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر ساقچى ئاپتوموبىلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بىر پىكاپ بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، چارلاش ئاپتوموبىلىدىكى ئىككى نەپەر ئالاھىدە ساقچى ...
486
خەلقئارا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى شام ئىسلام دۆلىتى گە زەربە بەردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 14-يانۋار، رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە رۇسىيەنىڭ سۇخوي-25 ناملىق جەڭ ئايروپىلانلىرى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ، سۈرىيەنىڭ لاتاكىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ـــ شام ئىسلام دۆلىتى گە زەربە بېرىش ۋەزىپىسى...
487
مەملىكەت 85 ياشلىق بوۋاي 140 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى كېسىپ پارچە- پارچە قىلىۋەتتى يېقىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەندىكى 85 ياشلىق چېن بوۋاي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆيىنى ساتقان 140 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى قايچا بىلەن كېسىپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ۋە كېلىنى ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران 108 مىڭ يۈەننى چاپلاپ چىققان.
488
خەلقئارا گېرمانىيەدە ئوبلاست باشلىقى مېركېلنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە قارشى تۇردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 14-يانۋار، گېرمانىيە باۋارىيا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى پېتېر درېيېر 31 مۇساپىر ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنى پايتەخت بېرلېندىكى مېركېلنىڭ ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ، گېرمانىيەنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە قارشى تۇردى.
489
ئۈرۈمچى مەھەللىلەردە كونا كىيىم-كېچەك، كىتابلارنى يىغىۋېلىش ساندۇقى بار بولدى مۇخبىرىمىز سۇڭ جيەنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان مەھەللىلەردە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىشنى يولغا قويدى. بۇ خىل ساندۇقنى ئاپتونو...
490
ئۈرۈمچى بۇ يىل قىش ئۈرۈمچى بازارلىرىدىكى گۆش باھاسىدا زور ئۆزگىرىش بولمىدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2015-يىل ئۈرۈمچى بازارلىرىدىكى كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن. 12-ئايغا كەلگەندە قوي ۋە كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامى 33 يۈەن ۋە 46 يۈەنگە چۈشۈپ، ئۆتكەنكى يىلغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئەرزان بولغان. ئالدىنقى ئايغا س...
491
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8-نۆۋەتلىك خەلق سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى مۇخبىرىمىز گۈلنۇر تۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 8-نۆۋەتلىك خەلق سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9-يانۋار شەھىرىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1...
492
ئۈرۈمچى سۇلۇق ساي-ئېقىندالا چوڭ كۆۋرۈكىدە ھەپتە ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناشقا يول قويۇلىدۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ لىنا خەۋەر قىلىدۇ: 200 كۈندىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىنغان، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىش يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى سۇلۇق ساي شۈيشىگۇ - ئېقىندالا...
493
ئۈرۈمچى يېڭى ئەخلەت مەيدانى قاراغولغا كۆچۈرۈلىدۇ مۇخبىرىمىز جاڭ لى خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ئىيۇلدا چوڭساي داپۇگوۋ ئەخلەت مەيدانى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى قاراغولغا كۆچۈرۈلىدۇ. مىچۈەن - كۆكتاغ رايونىدىكى قاتتىق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا 19 مىليون كۇپ مېتىر ئەخلەت تىندۇرغىلى بولىدىغان رايو...
494
پەن مائارىپ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قەشقەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇشىن ئوتتۇرىدا يېتەكچىلىكىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېڭىسار ناھىيە شەھەر يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە ئىختىيارىي ...
495
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى 1000 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلار ئەترىتىگە ئەزا بولدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تور...
496
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىرا يېزىسى دېھقانلارغا چىلان چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى، فوتوسى: چىلانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى كېلەر يىللىق مول ھوسۇلغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، د...
497
خەلقئارا تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك گۈرۈچ ۋەقەسى توغرىسىدا سوتقا چىقتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 15-يانۋار، تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك باڭكوكتا گۈرۈچ دېلوسى توغرىسىدا سوتقا چىقتى.
498
خەلقئارا قاتاردا بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتتى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 14-يانۋار قاتار ھۆكۈمىتى توساتتىن 15-يانۋار سائەت 12:00 دىن باشلاپ قىسمەن ھۆكۈمەت بېنزىن تولۇقلىمىسىنى ئازايتىپ، مەملىكەت ئىچىدە يېڭى بېنزىن باھاسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 90 نومۇرلۇق بې...
499
شىنجاڭ قۇبۇقساردا كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، تېخىمۇ قويۇق بولغان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، يېقىندا چاغانكۆل يېزىسىدا پىيادە مېڭىش ۋە ئارغام...
500
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر بورتالا شەھىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 10 مىليارد 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 11-بەش يىل نىڭ ئاخىردىكىسىنىڭ 2 ھەسسىسىگە ت...