id int64 1 10.6k | text stringlengths 21 32.1k |
|---|---|
301 | خەلقئارا ئىران سۆزلىشىش سىگنالى تارقاتتى رايون مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد زەلىف 6-يانۋار ئىراننىڭ رايون مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، قوشنىلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زەلىف ئىران پايتەختى تېھراندا ئاخبارات ئېلان ق... |
302 | شىنجاڭ شەھەر ئاھالىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىرىش بېلىتىنى قىزغىن سېتىۋالماقتا 7-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتى رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى 40 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە بېكىتىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە ئېتىب... |
303 | شىنجاڭ قار ئويما چاغانلىق ئالتۇن مايمۇن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باغراش قار-مۇز بايرىمىدا نامايەن قىلىنىدۇ 6- يانۋار شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى باغراش مەنزىرە رايونىدا ھۈنەرۋەنلەر ئۇزۇنلۇقى 18مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر كېلىدىغان، 648 كىۋادرات مېتىر قاردىن ياسالغان غايەت زور قار ئويما ئالتۇن مايمۇننى... |
304 | پەن مائارىپ ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك روزىھاجى نەزەر مەۋسۇملۇق ئىمتىھان يېقىنلىشىشى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى 4- سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىمىزغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق. ـ دادا، ماتېماتىكىنىڭ تەقلىدى سوئالىنى مۇئەللىم ماڭا بەرمىدى، ساۋاقدىشىمدىن ئېلىپ كەلدىم كۆپەيتىپ بەرسىڭىزكەن. بالام جىددىيلىش... |
305 | تېمىلىق خەۋەر شەھەر ئاھالىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كىرىش بېلىتىنى قىزغىن سېتىۋالماقتا 7-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتى رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى 40 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە بېكىتىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىد... |
306 | خەلقئارا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سىنگېن دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمە بىلەن چېگرا باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇساپىرلار، ئىچكى ئىشلار ۋە ئاممىۋى ئىشلار مەسئۇل ئەزاسى ئافىرامۇپۇروس 6-يانۋار، سىنگېن رايونىدا ئەركىن يۆتكىلىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، سىنگېن دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن... |
307 | خەلقئارا ب د ت چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 6-يانۋار تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇ ئىش توغرىسىدا يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارارنى تۈ... |
308 | خەلقئارا ياپونىيەدە 73 ياشلىق ئايال پارلامېنت ئەزاسى جىنسىي پاراكەنچىلىككە ئۇچرىدى ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ناگاساكى ناھىيەسى تسۇشىما شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئايال ئەزاسى رۇجياڭ يوۋيى يېقىندا ساقچى تەرەپكە بىر ئەر خىزمەتدىشىنىڭ ئۆزىگە جىنسىي پاراكەنچىلىك سالغانلىقىدىن شى... |
309 | ئۈرۈمچى 2015-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆك ئاسمان كۈن سانى 313 كۈنگە يەتتى 2015-يىلى پۈتۈن يىلدا ئۈرۈمچىنىڭ كۆك ئاسمان كۈن سانى 313 كۈنگە يېتىپ،2011- يىلدىكىدىن 37 كۈن ئېشىپ، يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىدا ئۈرۈمچىنى... |
310 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 150 نى ۋە 65 رايوننىڭ سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تاماملىدى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 150 نى ۋە 65 رايونن... |
311 | مەملىكەت شەندۇڭنىڭ بىنجوۋدا بەش بۇرجەكلىك بىنا پەيدا بولدى 2016-يىلى 7-يانۋار، شەڭدۇڭنىڭ بىنجوۋدىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ كۆرۈنۈشى، بۇ بىنا بىر قارىماققا ئامېرىكىدىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا غا ئوخشاپ قالغان. |
312 | شىنجاڭ شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەر مىللەت ئىستۇدېنتلىرى مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە زاپاس قان تەييارلاش پائالىيىتىگە پائال قاتناشتى شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەر مىللەت ئىستۇدېنتلىرى مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە زاپاس قان تەييارلاش پائالىيىتىگە پائال قاتن... |
313 | شىنجاڭ شىنجاڭ مۇز ئۈستى ھەرىكىتى مەركىزى ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىغان مۇز مەيدانى بەرپا قىلىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ شىنجاڭ مۇز ئۈستى ھەرىكىتى مەركىزىدە تېز سۈرئەتتە كانكى تېيىلىش سارىيى، مۇز توپ سارىيى، قىسقا ئارىلىق فگورا چىقىرىپ كانكى تېيىلىش سارىيى، مۇز چەينەك س... |
314 | شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 7-يانۋار تۇنجى قېتىم بىرلەشمە رىپىتېتسىيە قىلىندى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىىلىش مۇراسىمى قار-مۇزنى كېسىپ ئۆتۈش ، قار - مۇزغا باغلانغان رىشتە ، تەڭرىتاغغا مۇھەببەت ۋە قۇياش نۇرىغا چۈمۈلگەن يىپەك يولى قاتارل... |
315 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنشىن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىر قاتار يەرلىك نىز... |
316 | خەلقئارا ئامېرىكا ئوكلاخوما ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 4 بال يەر تەۋرىدى ئامېرىكا گىئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تور بىكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 7-يانۋار سائەت 12 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئوكلاخوما ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 4 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن ... |
317 | خەلقئارا ياپونىيەدىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى ياپونىيە كىيۇتۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە خروسىمادىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار شۇ كۈنى خروسىما تىنچلىقنى خاتىرلەش باغچىسىغا يىغىلىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ ئىنسان... |
318 | خەلقئارا تۈركىيە ساقچى تەرەپ 1263 قۇر ساختا، سۈپىتى ناچار قۇتقۇزۇش كىيىمىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ساقچى تەرەپ: بىز تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پورت شەھەر ئىزمىردا كۆچمەنلەرنىڭ ئېگەي دېڭىزىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ گرېتىسىيىگە بېرىشتا ئىشلىتىدىغان 1263 ق... |
319 | خەلقئارا سۈرىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى ئاي ئاخىرى جەنۋدە ئۆتكۈزىلىدۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، سۈرىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۋدە ئۆتكۈزىلىدۇ. سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇھلار ئۆتكۈزگەن تىنچلىق سۆھ... |
320 | خەلقئارا ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ھاسىل قىلغان ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسى ئۈستىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7-يانۋار ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، ياپونىيە بىلەن... |
321 | خەلقئارا كورىيە، ئامېرىكا ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ 4- قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن، ئىككى تەرەپ چا... |
322 | مەملىكەت شىمالىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تۆۋەن تېمپىراتۇرالىق ھاۋارايى كۆرۈلدى مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 7-يانۋار تۆۋەن تېمپىراتۇرالىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن رايونلارنىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك كېڭەيگەن، شىمالىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەنشى، خۇاڭخې- خۈەيخې ... |
323 | مەملىكەت سىچۈەن ئۆلكىسى نىيجياڭ شەھىرىنىڭ ۋېييۈەن ناھىيەسىدە 3 بال يەر تەۋرىدى جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە قارىغاندا، 7-يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەن ئۆلكىسى نىيجياڭ شەھىرىنىڭ ۋېييۈەن ناھىيەسىدە 3 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى... |
324 | مەملىكەت بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كاتىبات باشقارمىسى يېقىندا بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كاتىبات باشقارمىسى يېقىندا بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. باش كاتىپ جۇ ۋىنجوڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تو... |
325 | مەملىكەت سەنشيا گۇرۇھى شىركىتى گېنېراتورلار ئومۇمى سىغىمچانلىقى 1 مىليون 110 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدىغان پاكىستان كوخالا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى 7-يانۋار ، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، سەنشيا گۇرۇھى شىركىتى يېقىندا گېنىراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 1 مىليون 110 م... |
326 | مەملىكەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 2016-يىلى چاغان مەزگىلىدە پوجاڭزا ئېتىشنى چەكلەش ۋە چەك قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئالاقە نى ئېلان قىلدى ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا 2016- يىلى چاغان مەزگىلىدە پوجاڭزا ئېتىشنى چەكلەش ۋە چەك قوي... |
327 | شىنجاڭ فەن لىچۈەن: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى قار تېيىلىش بايلىقىغا ئىگە فەن لىچۈەن: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى قار تېيىلىش بايلىقىغا ئىگە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 12 كۈن قالغانلىقى شىنجاڭ قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى ئاز قالغانلى... |
328 | خەلقئارا پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك ياپونچە چېلىشىش كوماندىسىنى كۆزدىن كەچۈردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 8-يانۋار، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سوچىغا جايلاشقان رۇسىيە دۆلەتلىك ياپونچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ جەنۇبتىكى مەشق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆزدىن كەچۈرۈش مەزگىلىدە، ئوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياپونچە چېلىشىشن تۈرىن... |
329 | شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاراتقۇلارنى تەربىيەلەش سىنىپى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى 9-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاراتقۇلارنى تەربىيەلەش سىنىپى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات تەشۋىقاتى ۋە ۋاسىتىلەر خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، ۋاسىت... |
330 | مەملىكەت خۇنەن لېڭشۈيجياڭدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى شىنخۇا تورى. چاڭشا. 9-يانۋار تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-يانۋار خۇنەن ئۆلكىسى لېڭشۈيجياڭ شەھىرىدىن ئىگىلىشىچە، 9-يانۋار كەچ سائەت 8:20 ئەتراپىدا لېڭشۈيجياڭ شەھىرىدىكى بىر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان خۇسۇسىيلار زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز... |
331 | خەلقئارا موسكۋادا قىش پەسىللىك ۋېلىسپىتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى 9-يانۋار، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا شەھەر ئاھالىلىرى ۋېلىسپىتلىك نامايىشقا قاتناشتى. شۇ كۈنى موسكۋا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋېلىسپىت تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، موسكۋادا 1-نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك ۋېلىسپىتىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ق... |
332 | مەملىكەت تۇ يوۋيوۋ قاتارلىق ئالىملارغا كىچىك سەييارە دەپ نام بېرىلدى ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ گەۋدىلىك نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتلىك رەسەتخانىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەملىكىتىمىزدىن 2015-يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسېنا مۇكاپاتىغا ... |
333 | مەملىكەت مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قېتىملىق قىش پەسىللىك سۇ قۇشلىرىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەتلىك قىش پەسىللىك سۇ قۇشلىرىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش خىزمىتى 8-يانۋاردىن 17-يانۋارغىچە ھەر قايسى ئۆلكە، بى... |
334 | خەلقئارا ئايال ئۇچقۇچى كونا ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئەنگلىيەدىن سىدنېيغا باردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 9-يانۋار، ئەنگلىيەلىك ئايال ئۇچقۇچى تېمسى كېتس تالى رىۋايەتسىمان ئۇچقۇچى ئەمى جونسوننىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئوچۇق شەكىللىك كابىنىكىلىك كونا ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئۈچ ئايدەك يول يۈرۈش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ فارنبوروۋدىن... |
335 | خەلقئارا گېرمانىيەدە كولوندىكى بۇلاڭچىلىق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىق دېلولىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى 9-يانۋار، نەچچە مىڭلىغان كىشى كولوندا يۈز بەرگەن بۇلاقچىلىق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك دېلولىرىغا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى. 2015-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى شەھەر ـــ كولوندا چوڭ كۆلەملىك ب... |
336 | مەملىكەت چۇڭچىڭدا ياۋايى ھايۋانلار سەيلە ئاپتوموبىلىغا يامىشىپ ئوزۇقلۇق تالاشتى 8-يانۋار، چۇڭچىڭ يوڭچۈەندىكى بىر باغچىدا يېڭى شەكىلدىكى يېمەكلىك تاشلاپ بېرىش سەيلە ئاپتوموبىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئەتراپى تور بىلەن قورشالغان ئاپتوموبىلدا تۇرۇپ يولۋاس، شىر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارغا گۆش ۋە ئالاھىدە ياسالغ... |
337 | خەلقئارا نۇرغۇن دۆلەت كىشىلىرى مېترودىكى ئىشتانسىز كۈن نى كۈتۈۋالدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 10-يانۋار، چېخنىڭ پىراگادا كىشىلەر مېترودىكى ئىشتانسىز كۈن نى كۈتۈۋالدى ھەمدە كالتە ئىشتان بىلەن مېتروغا ئولتۇردى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 10-يانۋار، ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنادا كىشىلەر مېترودىكى ئىشتانسىز كۈن نى كۈتۈۋالدى ھەمدە كالتە ئىش... |
338 | خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ -52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى كورېيەدىن ئۇچۇپ ئۆتتى ئامېرىكا ئاجراتقان -52 تىپلىق بىر بومباردىمانچى ئايروپىلان 10-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن كورېيە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بولۇپ، كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر باياناتتا بۇ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئېغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا بولغ... |
339 | خەلقئارا مېكسىكىدا ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلدى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋېراكرۇز ئىشتاتىدا 10-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بىر ئاپتوبۇس كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلىپ، 15 ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوبۇس كوردوبا شەھىرىگە ب... |
340 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ھەپتە ھاۋا ئانچە سوغۇق بولمايدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بەشىگىچە ئاۋۋالقىدەكلا ھېچقانداق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ھاۋا ئوچۇق بەزىدە تۇمانلىق بولىدىكەن. ئىگىلىنىشچە، بىر... |
341 | خەلقئارا ھىندونېزىيە سىنابۇڭ يانارتېغى يەنە پارتلىدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 10-يانۋار، ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلىدىكى سىنابۇڭ يانارتېغى يەنە پارتلىدى، يانارتاغدىن نۇرغۇن ماگما ۋە يانارتاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقىپ جاھاننى بىر ئالدى. |
342 | خەلقئارا كورېيەدە چوڭ تىپتىكى مۇزدا بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 10-يانۋار، كورېيەنىڭ خۋاچوندا نەچچە مىڭلىغان مۇزدا بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارلىرى يىغىلىپ، شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزدا بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. |
343 | خەلقئارا شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا موتوسىكلىت كۆرگەزمىسى تورونتودا ئۆتكۈزۈلدى 8-يانۋاردىن 10-يانۋارغىچە، 2016-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا موتوسىكلىت كۆرگەزمىسى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن دۇنيادىكى 500 دىن ئارتۇق شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى موتوسىكلىتلىرى، ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان موتوسىكلى... |
344 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە گۆش قويى باقمىچىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى ئابدۇسالام نىياز، ئۆمەرجان ساۋۇت خەۋىرى: ئۈچتۇرپان ناھىيەسى باقمىچىلىقتا چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش ئاساسىدا، گۆش قويى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى. بۇ ناھىيە گۆش قويى باقمىچىلىقىدا، نەسىل ... |
345 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر 12 بەش يىل دا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېز ائىگىلىك تەرەققىياتى تېز بولدى پولات نىياز خەۋىرى: بايىنغولىن ئوبلاستى 12 بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمى، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك... |
346 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئامما ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن... بۇ كەنتتىكى قاتار، رەتلىك ۋە كۆركەم سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر، ئاسفالت يوللار، يول بويلىرىدىكى يېشىللىق بەلباغلىرى كەنت قىياپىتىگە ئالاھىدە ھۆسن قوشتى. كەنتتىكى خەيرلىك ئىشلار كەنت قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىلا ئەمەس، دېھقانلار تۇرمۇشىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ ئۆزگىر... |
347 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى نەسىردىن ھاپىز خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى گۆش قويى باقمىچىلىق ئائىلىسى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق رايونلىرىنى باشقۇرۇش، يەم خەشەك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چارۋىچىلىق ... |
348 | پەن مائارىپ شىنجاڭ ئىنتىل قەشقەر تارماق مەكتىپى قۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، پەرىدە مەخەت خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئىنتىل قەشقەر تارماق مەكتىپىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 7-يانۋار قەشقەر يىن رۈيلىن بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارىيى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم ئىنتىلدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئورۇندىغان ئىنتى... |
349 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ يېقىندا دوستۇم ئاشخانا ئېچىش ئۈچۈن دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ بىر مۇنچە ئىقتىسادىي زىيان ۋە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدى. ئەسلىي ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: دوستۇم يىللىق ئىجارىسى 40 مىڭ يۈەنگە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولىدىن بىر ئاشخانىنى ئىجارىگە ئېلىپ، 10 مىڭ يۈ... |
350 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ يۈكى يېنىكلىدى مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ... |
351 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى 110 قىززىق لىنىيەسى بۇلتۇر 1 مىليون 130 مىڭ قېتىم ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى: 110 ما؟ مەن ئاشخانىدا گۆش كۇملىچى شورپىسى ئىچىۋاتقانتىم، بۇرۇن بىر چاقا شورپىدىكى گۆش كۇمىلىچى 10 تال ئىدى ھازىر 7 تال بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى... |
352 | پەن مائارىپ يېڭىسار ناھىيەسىدە ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى نى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن، ئابلەت مەمەت خەۋىرى، فوتوسى:يېڭىسار ناھىيەلىك مائارىپ، پەن تېخنىكا ئىدارىسى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش يۈزىس... |
353 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئوچار يېزىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك-ئىنتىزامچان بولۇش نىزامى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 8-يانۋار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك-ئىنتىزامچان بولۇش ... |
354 | مەملىكەت گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇدا قارا يامغۇر ياغدى گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇ شەھىرىدە 9-يانۋار كەچتىن 10-يانۋار چۈشكىچە ئۇدا يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ ليۇنەن رايونىدىكى جەنۇبىي ۋوگزال يولىدا ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بەرگەن، بىنالار سۇغا چىلىشىپ، ئەڭ چوڭقۇر جايدىكى سۇنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىر مېتىردىن ئاشقان. |
355 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تەزكىرىسى نەشردىن چىقتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى: باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۈزگەن باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تەزكىرىسى يېقىندا نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى. باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تەزكىرىسى دە، باي ناھىيەل... |
356 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بايىنغولىن ئوبلاستى گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تىزگىنلەشكە 24 مىليون 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014 -، 2015 يىللىرى بايىنغولىن ئوبلاستى كانلارنىڭ گېئولوگىيەلىك م... |
357 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، گۈلنار تۇداجى خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈردىن 56 نى يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 25 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %28 ئاشتى. بۇ... |
358 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەن ناھىيەسىدە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى: چەرچەن ناھىيەسى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ... |
359 | شىنجاڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ئۆز مۇخبىرىمىز قۇربانجان يۇنۇس، ۋاڭ ۋېي، جۇ يى خەۋىرى، فوتوسى: ئادەتتىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 29-قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1-ئاۋغۇست كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ 97 گە قارشى 118 نومۇر بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈ... |
360 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئەۋج ئالدى شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، نىشانلىق تەنھەرىكەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت روھىنى تەشەببۇس قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان قىشلىق نىشانلىق ئاشكارا مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھ... |
361 | خەلقئارا پيوڭياڭنىڭ يېڭىدىن ياسالغان پويىزىنى زىيارەت چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن جىنجۇڭتەي ئېلېكتىروۋۇز بىرلەشمە كارخانىسى ياسىغان يېڭى تىپتىكى مېترو 1-يانۋار سىناق قاتناشنى رەسمىي باشلىغان. نۆۋەتتە، پيۇڭياڭ تۆمۈريولى پەقەت بىرلا يېڭى پويىزنى ئالماشتۇرغان بولۇپ، ھەر كۈنى چەكلىك ۋاقى... |
362 | شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپىدىكى 300 ئاھالە خالىسانە قار يۆتكەشكە قاتناشتى 9-يانۋار، فۇكاڭ شەھىرى تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، ئاپئاق قارلىق تاغ ئېتىكىدە 300 گە يېقىن ئادەم 200 مېتىردىن ئارتۇق قار يولىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىن قوللىرىدا 4 5 ... |
363 | شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئەلئىچى سەنئەتكارلىرى ناخشا ئىجاد قىلىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەقدىم قىلدى 11-يانۋار شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئەلئىچى سەنئەتكارلىرى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ناخشا تېكىستى ئىجاد قىلىۋاتاتتى. توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق ... |
364 | مەملىكەت مەملىكىتىمىزدىكى مۇقىم قاناتلىق تۇنجى قۇتۇپ ئايروپىلانى جەنۇبىي قۇتۇپ كۇنلۇن بېكىتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇپ ئۆتتى مەملىكىتىمىزدىكى مۇقىم قاناتلىق قار بۈركۈتى 601 ناملىق تۇنجى قۇتۇپ ئايروپىلانى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەڭ ئېگىز رايونىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇپ ئۆتكەن. بۇ ئېگىز رايون دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 40... |
365 | شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرىدىن 80 ساياھەت ئاپتوموبىلى بۇغدا كۆلى مۇسابىقە مەيدانىغا بىۋاسىتە قاتنايدۇ ئۆز خەۋىرىمىز: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، فۇكاڭ شەھىرى ئاجراتقان 80 ساياھەت ئاپتوموبىلى فۇكاڭ شەھىرى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن يولغا چىقىپ، مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرنى تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار ت... |
366 | شىنجاڭ مايتاس شامال رايونى توققۇز بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 11-يانۋار ئەتىگەن، شىنجاڭ مايتاس شامال رايونى توققۇز بال شەرق بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، دۆلەت يولى 3015-لىنىيەسى، ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىدىكى مايتاس بۆلىكىدە 109 نەپەر يولۇچى ۋە 39 ئاپتوموبىل قاپسىلىپ قالغان. مايتاس جىددىي ئەھۋالغا ت... |
367 | خەلقئارا سىدنېيدا ھاۋارايى كاۋاپ ئەندىزىسى گە كىردى يەر شارى تورى خەۋىرى: سىدنېيغا نىسىبەتەن ياز بىر مەھەل يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ . 11-يانۋاردىن باشلاپ، سىدنېينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدۇ، بولۇپمۇ، شەھەرنىڭ غەربىي قىسىملىرىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى... |
368 | مەملىكەت تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو كونا رايونلارنىڭ نامراتلىقىنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى جۇڭگو تورى خەۋىرى: 9-يانۋار، جۇڭگونىڭ كونا رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك كونا رايونلارنىڭ نامراتلىقىنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتك... |
369 | خەلقئارا بىر مۇساپىرلار كېمىسى ئېگېي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كەتتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، بىر مۇساپىرلار كېمىسى تۈركىيەنىڭ ئېگېي دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 18 كىشى تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە بالا بار ئىكەن. |
370 | مەملىكەت جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 21- تۈركۈمدىكى قاتناشنى قوغداش ئەترىتى پاكىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى شۇ يەر ۋاقتى 11- يانۋار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغدىغۇچى ليۇجۇ پاراخوتى، سەنيا پاراخوتى ۋە ئۇنىۋېرسال تەمىنات چىڭخەي كۆلى پاراخوتىدىن تەركىب تاپقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 21-تۈركۈمدىكى قاتناشنى قوغداش ئەترىتى ... |
371 | خەلقئارا ھىندىستاندا توپچى ئەسكەرلەر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلا... |
372 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى شۇيبەن كۆۋرۈكى مۇشۇ ھەپتە كۆپچىلىكىنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى شۇيبەن كۆۋرۈكىدە 200 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش شەرتىنى ھازىرلىد... |
373 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە يېڭى يىل ۋە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن 30 نەچچە مەيدان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇلىدۇ يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل ۋە مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 30 نەچچە مەيدان ئەلگە نەپ ي... |
374 | مەملىكەت تەييۈەندە كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدىكى كۆپ يىلدىن بېرى 950 مىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس ئولتۇرۇشلۇق 173 كەنتنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلاندى. 2015-يىلى 3-ئايدا تەييۈەن شەھىرىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2015-ۋە 2016... |
375 | خەلقئارا فىلىپپىندا كىشىلەر سايلام كومىتېتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى فىلىپپىن مەملىكەتلىك سايلىمىنىڭ سايلام باسقۇچى 10-يانۋار رەسمىي باشلاندى. نۇرغۇن تەشكىلاتلار ئۇدا نەچچە كۈندىن بېرى سايلام كومىتېتىنىڭ ئالدىدا تۈرلۈك شەكىللەردىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سايلام كۈرىشى كەيپ... |
376 | شىنجاڭ قۇربانجان سەمەت: بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىپ ئەمەلىي تەكلىپ بېرىمەن تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 10-يانۋار باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا جەم بولدى، ئۇلار گەرچە يىلدا بىر قېتىم بۇ يە... |
377 | شىنجاڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەر شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىياغا بىۋاستە ئۇچۇپ بارالايدۇ شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 11-يانۋار، مۇخبىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 342 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىدىك... |
378 | خەلقئارا گېرمانىيەدە كىشىلەر مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى چەت ئەللىكلەرنى يەكلەش تەشكىلاتى ـــ ياۋروپا ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى 9-يانۋار كوللېكتىپ جىنسىي پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەن كولوندا مۇساپىرلارغا قارشى ناما... |
379 | شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى قار-مۇز پەسلىنى كۈتۈۋالدى 8-يانۋار 10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ چاغانتوقاي تاغ گۈلى بايرىمى . شاد-خۇرام قار-مۇز پەسلى ھەمدە چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق قار-مۇز مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى گۈزەل چاغانتوقايدا جەم بولۇپ، قالتىس قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئورتاق ... |
380 | خەلقئارا ئۇكرائىنادا قۇربان بولغان جەڭچى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى جۇڭگو تورى، 12-يانۋار خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11-يانۋار ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىدا شەرقىي فىرونتىدا قۇربان بولغان جەڭچى ئالېكساندىر ئىلىنىسكىنى جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈ... |
381 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى سىجىل ئاشتى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى 12 بەش يىل دا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا كۈچەپ، نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتقانلىقتىن، ناھىيەنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى سىجىل ئاشتى. ئىگىلىشىمچە، بۇ ناھىيە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنم... |
382 | شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئېلىش ئۈچۈن، يېقىند... |
383 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قاۋۇللۇقلارنىڭ كۆڭلى يورىدى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ، شەھەر يېزا قۇرۇلۇش نازارىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى قاۋۇل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇڭتاۋ كەنت يولىغا ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك چىراغلارنى تە... |
384 | پەن مائارىپ گەيشاڭ 2-باشلانغۇچ مەكتەپ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى، فوتوسى: يەكەن ناھىيەلىك گەيشاڭ 2-باشلانغۇچ مەكتەپ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 8-يانۋار سىنىپلار ئارا ئەنئەنى... |
385 | خەلقئارا لوندوندا قوش قەۋەتلىك ئۈچ ئاپتوبۇس ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، 13 ئادەم يارىلاندى 11-يانۋار، قوش قەۋەتلىك ئۈچ ئاپتوبۇس ئەنگلىيە لوندۇندىكى پارلامېنت مەيدانى ئەتراپىدا ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، 13 ئادەم يارىلانغان. سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قىزىل رەڭلىك قوش قەۋەتلىك ئۈچ ئاپتوبۇس ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. يەر... |
386 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەندىكى كادىر، ئامما ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پولات نىياز، تۇرسۇنجان ئوبۇل خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەندىكى ھەرمىللەت كادىر، ئامما ئىككى يىغىن باشلانغاندىن بۇيان، تۈرلۈك تاراتقۇلار ئارقىلىق يىغىن خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلدى. |
387 | خەلقئارا تايلاندتا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كەتتى 2016-يىلى 11-يانۋار، 18 نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسى تايلاند پاڭنگادا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچى ۋە تايلاندلىق ساياھەت يېتەكچى بولۇپ، جەمئىي 19 كىشى يارىلانغان، يارىدارلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىر... |
388 | خەلقئارا ئاڭسەن سۇكيى بىرما فېدېراتسىيەسىنىڭ تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 12-يانۋار، بىرما نايپيېداۋدا فېدېراتسىيە تىنچلىق يىغىنى باشلاندى. ئاڭسەن سۇكيى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە بىرما زۇڭتۇڭى زېين سېين بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. |
389 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى ئېلېكتىروۋۇز يېڭى بېكىتىدە يېرىم يىلغىچە قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 2015-يىلنىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان ئۈرۈمچى ئېلېكتىروۋۇز يېڭى بېكىتى قۇرۇلۇشى تاشيول ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدىن كېچىكىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىد... |
390 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پوسكامنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتى تېز بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى:پوسكام ناھىيەسى بۇلتۇر ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ناھىيە بويىچە چارۋىلارنىڭ قوتان قالدۇقىنى 415 مىڭ تۇياققا، قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋىنى 484... |
391 | خەلقئارا تۈركىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر ئاپتوموبىل قارغا كۆمۈلۈپ قالدى جۇڭگو رادىيو تورى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، تۈركىيە - يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىدە قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، بىر زەنجىر تاپانلىق ئاپتوموبىل قار ئاستىدا قالدى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتپ بېرىپ، قۇتقۇز... |
392 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيلىرى دىنىي ئەسەبىيلىك نى تۈگىتىشنىڭ بازىسىغا ئايلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: توققۇزتارا ناھىيەسى بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەممە كەنتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەد... |
393 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندىغان ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش تۈرى كورلا شاڭخۇ چەرچى سانائەت رايونىغا ماكانلاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: 6-يانۋار، كورلا شاڭخۇ چەرچى سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ خاۋجوۋ بىناكارلىق قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.... |
394 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى باغراش ناھىيەسى مۇكاپات تولۇقلىمىسى تارقىتىپ يېزا ساياھەتچىلىكىنى قوللىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: 6-يانۋار، باغراش ناھىيەسى چوڭكۆل سەيلىگاھى يېنىغا جايلاشقان قەدىمىي بېلىقچى سەھراھ ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى لى يىڭ ئىنتايىن خوشال بولدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سەيلىگاھىنىڭ دەرىجىسى ئۈ... |
395 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بورتالا ئوبلاستى بۇلتۇر تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى، ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق ئىگىلىك ت... |
396 | مەملىكەت مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى جياڭشى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونى لىچۈەن ناھىيەسىدە ھال سوراش ئويۇنى قويدى 12-يانۋار، مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى جياڭشى ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونى لىچۈەن ناھىيەسىدە يەرلىكتىكى ئاممىغا بىر مەيدان ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ بەردى. |
397 | خەلقئارا ئىسپانىيە مەلىكىسى باجدىن قاچقانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى شۇ يەر ۋاقتى 11- يانۋار، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ نىڭ ئاچىسى كرىستىنا مەلىكە باجدىن قېچىش دېلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈنى سوتلىنىپ، ئىسپانىيەدە 1975-يىلى پادىشاھلىق تۈزۈم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيانقى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگەن ھەمدە قاراپ ... |
398 | خەلقئارا باغدادتىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 18 كىشى قازا قىلدى يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 2016-يىلى 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇر ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شەرقىدىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن ك... |
399 | مەملىكەت گۇاڭدۇڭدىكى بىر باينىڭ ھەشەمەتلىك توي مەرىكىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭسەن دېگەن جايىدا 12-يانۋار بىر ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قىز يۆتكەشكە فارارى، پورچېس قاتارلىق ئېسىل مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى ئىشلىتىلگەن. يىگىت پادىشاھلاردەك ياسانغان بولۇپ، سان-ساناقسىز ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ۋە پۇللارنى تويلۇق ق... |
400 | خەلقئارا كىم جۇڭئۇننىڭ قارلىق تاغنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلاندى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، چاۋشيەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن ئىنقىلابنىڭ خۇشاللىق يىلى ـــ 2015-يىل ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ۋە چاۋشيەننىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پ... |
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.