id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
1,001
شىنجاڭ لى خۇڭيەن: ئوماق بالام چوڭ بولغاندىن كېيىن ئانىسىنى چۈشىنىدۇ لى ياڭ، سۈي يۈنيەن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرگۈچىلەر ئىچىدە، لى خۇڭيەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئۇ بالىسىنى تېخى ئەمچەكتىن ئايرىمىغانىدى. ئۇ بىر يېرىم ياشلىق بالىنىڭ ئانىسى، ئۇ ئوغلىنى ھەپتىدە بىر قېتىم باغرى...
1,002
شىنجاڭ ئوسمان ئۆمەر: ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى قىيىنچىلىق ئەمەس لى ياڭ، سۈي يۈنيەن يولدا تۇرغان ئوسمان ئۆمەر سۇۋادان تېرەكتەك مەزمۇت تۇراتتى، توققۇز بال بوراندىمۇ قىلچە تەۋرەپ قويمىدى. بىز 1 ئاينىڭ 25 كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 116 لىنىيەسىنىڭ سەككىز كىلومېتىرلىق نۇقتىسىدا ئوسماننى كۆرگىنىمىزدە، ئۇ ئۇچىسىغا نۇر قايتۇرىدىغان، شام...
1,003
شىنجاڭ چوكتۇ: قېنىپ بىر ئۇخلىۋالغۇم بار لى ياڭ، سۈي يۈنيەن، لو مىڭ 1 ئاينىڭ 23 كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاسىيا كىندىكى جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان 4 تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا خەلق ساقچىسى چوكتۇنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ بىللە ئىشلەيدىغان ساقچى ياردەمچىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇش ...
1,004
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چاغانلىق ھال سوراش ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تارقاتقان 12 مىڭ 500 يۈەن قىممىتىدىكى 25 دانە ئانامنىڭ ئىللىق بوغچىسى 26-يانۋار ئونسۇ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەش...
1,005
خەلقئارا ھىندونېزىيەدىكى بىر نامراتلار رايونىغا ئوت كەتتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-يانۋار، ھىندونېزىيە جاكارتانىڭ كامپۇڭ باندان دېگەن يېرىدىكى تۆمۈريول لىنىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان بىر نامراتلار رايونىغا ئوت كېتىپ، 100دىن ئارتۇق ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆي كۆيۈپ كەتتى.
1,006
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12- بەش يىل دا كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: 12- بەش يىل دا كۇچا ناھىيەسى جەمئىي 166 مۇھىم تۈرنى يولغا قويۇپ، 30 مىليارد 485 مىليون يۈەن سېلىنما مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈر...
1,007
شىنجاڭ ئانىلار ئىللىقلىق سومكىسى مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈردى ئۆز مۇخبىرىمىز ئەھەد مىجىت خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى قانات يايدۇرغان ئانىلار ئىللىقلىق سومكىسى-ئايال مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىلىرىگە مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش تېمىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتى 26-يانۋار چۈ...
1,008
خەلقئارا ئىران زۇڭتۇڭى ئىتالىيە زىيارىتىدە نۇرغۇن زاكاز تالون ئالغاچ باردى 25-يانۋار، ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانىي رىمغا يېتىپ بېرىپ، غەربنىڭ ئىرانغا بولغان جازا چارىلىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا سەپىرىنى باشلىدى. بۇ قېتىم روھانىي ئىتالىيەگە نۇرغۇن زاكاز تالون ئالغاچ باردى. روھانى بىلەن ئىتالىيە ...
1,009
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسى3-تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلامغا چۈشىدىغان كادىرلارنى تەربىيەلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى: ئونسۇ ناھىيەسى 18-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش خىزمىتى بويىچە 3-تۈركۈمدە ئاساسىي قاتلاملارغا بارىدىغان كادىرلارنى تەرب...
1,010
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12 بەش يىل مەزگىلىدە خېنەن ئۆلكىسى قومۇلغا 1 مىليارد 764 مىليون يۈەن ياردەم بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابلىز خەۋىرى: يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىمچە، خېنەن ئۆلكىسى 12 بەش يىل مەزگىلىدە قومۇل ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۇەن 13 دېۋىزىيەسىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەرنى ...
1,011
مەملىكەت كۈنمىڭدا ھاۋا ئىللىپ قىزىل تۇمشۇق چايكىلار ئاپتاپسىنىشقا باشلىدى 26-يانۋار، كۈنمىڭدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ديەنخۇ كۆلى كۈنمىڭ كۆلى بويىدا قىزىل تۇمشۇق چايكىلارغا يەم بەرمەكتە. 26-يانۋار كۈنمىڭدا ھاۋا ئوچۇق بولدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى سۇ بويىغا كېلىپ، كەم دىدار قۇياشنىڭ ھارارىتىدىن ھوزۇر ئالدى.
1,012
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر قومۇل شەھىرىدە شەھەر يېزىلارنىڭ سىغىمچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابلىز خەۋىرى: مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر قومۇل شەھىرى قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي ئەشيا ئوبۇرۇت رايونى لايىھەسى ، قومۇل شەھىرى ئاستانە بازىرىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمىسى ق...
1,013
خەلقئارا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: چاۋشيەننىڭ يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىمايمىز رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 26-يانۋار رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى. لاۋروۋ شۇ كۈنى رۇسىيە تەرەپنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى بىردىنبىر يول بولغان ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا ئېلىپ بېرىشنى ق...
1,014
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەننىڭ پايدىسىنى كۆردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسى بۇلتۇر ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەش، سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك تۈۋرۈكلۈك كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتقا...
1,015
مەملىكەت جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىسى كورېيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتتى كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى شۇ كۈنى كورېيەنىڭ جەنۇبىدىكى جۆلانام ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى كېجۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە تۆت ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، يەنە ئالتە ئادەم كېم...
1,016
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چوڭبۇغرا يېزىسى نامراتلارنى يۆلەشتە ئالتىدە دەل بولۇش نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: ئىلگىرىكى ئوڭغۇل- دوڭغۇل توپىلىق يوللار تۈپتۈز ئاسفالىت يولغا ئۆزگەردى؛ ئائىلە ئاياللىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىم قىلىدىغان بولدى؛ كونا تۇرالغۇلارنىڭ ئورنىنى رەتلىك، ئا...
1,017
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى:غۇلجا شەھەر كېپەكيۈز يېزا ئىتتىپاق كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى دادىل تەڭشەپ، خاس تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى يولغا قويۇپ، تۇخۇم توخۇ باقمىچىلىقى ۋە كۆكت...
1,018
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى پۇختا راۋاجلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: 12-بەش يىل مەزگىلىدە بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى ئۆلچەملىشىش، ئۇچۇرلىشىش، كەسپلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ...
1,019
شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 3-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدۇ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمنىڭ 2015 - 2016-يىللىق قىشلىق قار-مۇز ساياھەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو.شىنجاڭ.ئالتاي قار-مۇز ساياھىتى جىلۋىسى پائالىي...
1,020
خەلقئارا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمىدى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى سان دىيېگو بازىسىنىڭ قوماندانى كىرت جۇنىسنىڭ 26-يانۋار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن سان دىيېگو ساقچىلىرى ئېتىشىش يۈز بەرگەن قۇرۇلۇشنى ئىنچىكە كۆزىتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۇمانلىق ...
1,021
مەملىكەت تاماكا چەكلەنگەن ئۈچ يىل ئىچىدە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى ئازايماي ئەكسىچە كۆپەيدى يېڭىدىن قۇرۇلغان تاماكا چەكلەش ئاپپاراتى يېقىندا جۇڭگونىڭ 2015-يىللىق تاماكا چەكلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. 2012-يىلى دۆلەتلىك سەككىز مىنىستىرلىق تاماكىنى چەكلەش لايىھەسى 2015-2012 نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،...
1,022
مەملىكەت تۆمۈر يول تارماقلىرى يەنە 110 يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنى كۆپەيتىدۇ جىنخۇا گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 26-يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يولدا 7 مىليون 460 مىڭ يولۇچى قېتىم توشۇش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، يەنە 478 نۆۋەتچى پ...
1,023
خەلقئارا كالىفورنىيە ئىشتاتى دېڭىز قىرغىقى ئېل نىنو ناملىق قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-يانۋار، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى پاسسى پىكا شەھىرى ئېل نىنو ناملىق قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر تۇرالغۇ خەتەرلىك ھالغا چۈشپ قالغان، ئاھالىلار جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خ...
1,024
تېمىلىق خەۋەر تايلاندتا قورچاققا ئېتىقاد قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى تەيۋەن مەركەز ئاگېنتلىقى نىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند خەلقى ئىچىدە يېقىندا قورچاققا ئېتىقاد قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئادەم سىياقىدىكى قورچاقنىڭ تايلاندچە ئىسمى بولۇپ، قورچاق پەرىشتە دېگەن مەنىدە ئىكەن. بىر قورچاقنىڭ با...
1,025
خەلقئارا ھىندىستاننىڭ ئارمىيە كۈچى ھەققىدە ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا 26-يانۋار، تەنتەنىلىك پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆگە ئەترىتى ۋە موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ سېرىك ماھارىتىدىن باشقا يەنە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مۇت...
1,026
خەلقئارا پۇتىن ئۆزىنىڭ سوۋېت كومپارتىيەسى ئەزالىق كىنىشكىسىنى ساقلاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-يانۋار ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىنىڭ ئەسلىمىسى بولغان سوۋېت كومپارتىيەسى ئەزالىق كىنىشكىسىنى ھېلىھەم ساقلاپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خەلقئارا تېلېگرامما ئاگېنتلىقى پۇتىننىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا سۆزلىگەن مەن ...
1,027
مەملىكەت تۆمۈريول ساقچىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك سەككىز ئىشنى ئەسكەرتتى يىلدا بىر كېلىدىغان چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە قانداق دېلولار كۆپ يۈز بېرىدۇ؟ قايسى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يېقىندا ۋۇخەن تۆمۈر يول ج خ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، 2014-، 2015-يى...
1,028
مەملىكەت مەڭگۈلۈك شەھەر قەدىمكى رىمنىڭ شۆھرىتى تېمىسىدىكى كۆرگەزمە چېڭدۇدا باشلاندى 26-يانۋار، مەڭگۈلۈك شەھەر قەدىمكى رىمنىڭ شۆھرىتى تېمىسىدىكى كۆرگەزمە چېڭدۇ جىنشا خارابىسى مۇزىيىدا باشلاندى، كۆرگەزمىگە ئىتالىيە رىم ئارخېئولوگىيىلىك مىراسلىرىنى ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، تۇسكان ئارخېئولوگىيىلىك مىراسلار...
1,029
خەلقئارا 2015-يىلى مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يىل بولدى دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى 25-يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ھاۋا رايى سانلىق مەلۇماتىدا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كۈچلۈك ئېل نىنو ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش تەسىرىدە...
1,030
خەلقئارا گېرمانىيەدىكى 12 ئىشتاتتا كولۇن ۋەقەسى يۈز بەردى گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، كولۇندىكى يېڭى يىل كېچىسىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك، بۇلاڭچىلىققا ئوخشاش جىنايى ئىشلار قىلمىشلىرى گېرمانىيەنىڭ 12 ئىشتاتىنىڭ ھەممىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، گېرمانىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش ...
1,031
خەلقئارا رۇسىيەدە ئاھالىلەر ئۆيلىرىدە تۇرۇپلا ئالاھىدە مۇز مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى رۇسىيەنىڭ رىيازان شۇ جاي ۋاقتى 25-يانۋار تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ سىرتىدا چوڭ دائىرىدە مۇزدىن شەكىللەنگەن ئالاھىدە مەنزىرە شەكىللەنگەن.
1,032
مەملىكەت تۆمۈر ئاتلىقلار نىڭ يۇرتىغا قايتىش سەپىرى باشلاندى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋۇجۇ شەھىرىدە 26-يانۋار ھاۋا سوۋۇپ يامغۇر ياغقان بولۇپ، تېمپېراتۇرا 6 ئەتراپىدا بولغان. ئاچچىق سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان بۇ ھاۋادا تۆمۈر ئاتلىقلار نىڭ يۇرتىغا قايتىش سەپىرى باشلانغان بولۇپ، ئۇلار سوغۇق ھاۋاغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن...
1,033
مەملىكەت جاڭجياجې چوڭ جىلغىسىغا ياسىلىۋاتقان كۆۋرۈك يۈزىگە ئەينەك ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى ھەممە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جاڭجياجې چوڭ جىلغىسىدىكى ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ كۆۋرۈك يۈزىگە ئەينەك سېلىش قۇرۇلۇشى 27-يانۋار باشلاندى. مۆلچەرلىنىشچە، ئەينەك سېلىش خىزمىتى ئىككى ھەپتىدە داۋاملىشىدىكەن. جاڭجياجې چوڭ جىلغىسىدىكى ئەينەك كۆۋرۈككە...
1,034
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىش مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكى مەزكەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈلدى شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىقىدىغان چوڭ، ئېغىر تىپتىكى يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرى بىر قەدەر كۆپەيدى. ئەتراپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىش مەيدانىغا ھەر خىل تىپتىكى ئاپتومو...
1,035
شىنجاڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى لېفىت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ مۇخبىرنىڭ 27-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت نازارەتچىلىك ئىدارىسى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاپتونوم رايوننىڭ لىفىت بىخەتەرلىكىنى نازارەت ق...
1,036
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىدە ئوقۇغۇچىلار پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا چاغانتوقاي ناھىيەسىدە ئوقۇغۇچىلار قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، قار ئۈستى پۇتبول مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇردى، ئۇلار قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى...
1,037
شىنجاڭ شىنجاڭدىكى قار-مۇز بايلىقى مول تۆت رايون ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە قار-مۇز بايلىقىنى تونۇشتۇردى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىل كومىتېتى 27-يانۋار چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى ئۆزلىر...
1,038
خەلقئارا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند پاراتنى كۆردى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-يانۋار، ھىندىستان يېڭى دېھلىدا جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، ھىندىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى تەبرىكلەنگەن. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند تەكلىپكە بىنائەن مۇرا...
1,039
خەلقئارا ب د ت: سۈرىيە توقۇنۇشىدا 250 مىڭ ئادەم قازا قىلدى، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىماقتا جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-يانۋار تېلېگراممىسى: ب د ت تورىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئوبراين 27-يانۋار خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا ...
1,040
خەلقئارا فىلىپپىندىكى ھال سورىغۇچى ئاياللار ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى فىلىپپىننىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھال سورىغۇچى ئاياللار ۋە باشقا كىشىلەر شۇ يەر ۋاقتى 27-يانۋار فىلىپپىن مانىلادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مالاكاناڭ ئوردىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورىشىنى ھەمدە تۆلەم بېرىشن...
1,041
خەلقئارا گرېتسىيەدە دېھقانلار بىلەن باققاللار كىشىلەرگە ھەقسىز مېۋە ۋە كۆكتات تارقاتتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 27-يانۋار، گرېتسىيە ئافېنادا دېھقانلار ۋە باققاللار ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇپ، كىشىلەرگە ھەقسىز مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات تارقىتىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. خەلقئارا ھەقدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن...
1,042
مەملىكەت خىيالىي دۇنيادىكى مۇز ئارال سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، نىڭبودىكى دۇڭچيەن كۆلى بويىدا چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەندەك كۆركەم ۋە ئاجايىپ-غارايىپ مۇز مەنزىرىسى ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تاماشا قىلىشقا قىزىقتۇردى.
1,043
خەلقئارا نگۇيەن پۇ تروڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلاندى 27-يانۋار، ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، 11-نۆۋەتلىك ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ يەنە بىر ق...
1,044
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېيىپلەر ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى ئاينۇر ئابلىمىتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش، كۆزىگە ئاق چۈشكەنلەرگە يورۇقل...
1,045
شىنجاڭ يۇلتۇز قۇندۇز خەير ساخاۋەت فوندى قۇرۇلدى گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: يۇلتۇز قۇندۇز خەير ساخاۋەت فوندى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلدى. ئۇقۇشىمچە، يۇلتۇز قۇندۇز خەير ساخاۋەت فوندى نىڭ قۇرغۇچىلىرى قوشكېزەك ئاچا سىڭىل يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق بولۇپ، ئۇلار جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىران...
1,046
پەن مائارىپ ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى تارىم بالىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىللىك مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيە مەركىزىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تارىم يېزىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلانغ...
1,047
شىنجاڭ لى ياپېڭ: جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن لى خەن 1989 يىلى شىنجاڭ دراما ئۆمىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دراما ئۆمىكىنىڭ ئاساسى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭلىق ئون نەچچە ياشنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگ...
1,048
شىنجاڭ پىدائىيلار روھى تەڭرىتاغنى چاقناتتى مەي زى مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر ناھايىتى ئاكتىپ رول ئوينىدى، ئۇلار تەقدىم قىلىش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەش روھى بويىچە باشقىلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلدى؛ ئۇلار قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، باشتىن ئا...
1,049
شىنجاڭ ئەلا مۇلازىمەت، سەمىمىي پوزىتسىيە، گۈزەل ئارزۇ خالىدە ئوبۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى روگې مۇنداق دېگەنىدى: مۇسابىقە مەيدانىدا پىدائىيلار بولمىسا، ھەر قانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىدائىيلار تارىختىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ مۇسابىقىلەردە مۇھىم ر...
1,050
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ھەممەيلەن نەپ ئالدى -دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەتنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاممىۋى قار مۇز تەنھەرىكىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۇنلۇنى زىيارەت جاۋ چۈنخۇا، چاۋ جىن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە چاڭغىدا تېيىلىش پاراللىل تۈرى 27 يانۋار يىپەك...
1,051
شىنجاڭ چاڭچۈن كوماندىسى ئاياللارنىڭ قار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەركىن چاڭغا تېيىلىش تۈرىنىڭ قار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 27 يانۋار بو...
1,052
شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىر قېتىملىق كاتتا بايرام بولدى -دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تۇ شياۋدۇڭنى زىيارەت سادىق ئىمىر مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر مۇنچە رېكورت يارىتىلدى، جۈملىدىن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خەۋەر قىلىد...
1,053
شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى قار مۇز تەنھەرىكىتى مەشىق بازىسى ۋە ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىمىز - ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ئەيخۇانى زىيارەت شى شىن ئۈرۈمچى شەھىرى رايون ئەۋزەللىكىنى كۆزلەپ، خاس قار مۇز ساياھىتى بايلىقىنى قېزىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى قار مۇز تەنھەرىكىتى مەشىق بازى...
1,054
شىنجاڭ شىنجاڭ قار مۇز تەنھەرىكىتىدە جەزمەن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ -بېيجىڭ شەھەرلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چەي شىجۈننى زىيارەت دۇ ۋېنجىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ 2022 يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى تۇ...
1,055
شىنجاڭ كەسىپلەشكەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسابىقىنى بارلىققا كەلتۈردى جىڭ بو مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جىددىي، كەسكىن داۋاملاشتى، مۇز تەنھەرىكەت تۈرلىرى ناھايىتى ئېسىل، كەسكىن بولدى، قار تەنھەرىكەت تۈرلىرى خەتەرلىك بولۇپ، كىشىلەر بۇلارنى كۆرۈپ قانماي قالدى. ئالدىنقى قاتاردىكى م...
1,056
شىنجاڭ مەن خىزمەت ئورنۇمدا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتىمەن مۇساجان مۇھەممەد مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، تەنتەربىيە ئىدارىسى ...
1,057
خەلقئارا كورېيە جۇڭگوغا بولغان ۋىزا سىياسىتىنى كېڭەيتتى تۇنجى قېتىم ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولغان ۋىزا بېجىرىلىدۇ كورېيە گېزىتى نىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەگە كېلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر سانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقى 28-يانۋاردىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا تەلىپىنى ...
1,058
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدىكى تېز يەتكۈزگۈچلەر ئۆيلىرىگە قايتتى شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا توردىن مال سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارلار سەمىگە: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى 28-يانۋاردىن باشلاپ مال تاپشۇرۇپ ئالمايدىكەن. تېز يەتكۈزگۈچلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ ك...
1,059
پەن مائارىپ خاڭجۇدىن كەلگەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بوغچىسى خانىقاتامدىكى بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : خاڭجۇ شەھىرىدىكى ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان 18 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بوغچىسى كۇچا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ناھىيەلىك قۇياش نۇرى جەمئىيىتى ئارقىلى...
1,060
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى لوپ ناھىيەسى تەشۋىقات-مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرلارنى تەربىيەلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر خەۋىرى: لوپ ناھىيەسى يېزا-كەنت تەشۋىقات-مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش ئ...
1,061
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچ سەرپ قىلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: 53 ياشلىق باقمىچى ئالىمجان مەمەتئېمىن قورغاس ناھىيە تەلكە چارۋىچىلىق فېرمىسى چارۋىچىلىق كەنتىدىن بولۇپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالىمجان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بانك...
1,062
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەسى ئاممىغا كۆپلەپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىكىم مۇھەممەت خەۋىرى: گۇما ناھىيەسى 12-بەش يىلدا مەركەزنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا، جايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئامما ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەرەققىيات نەتىجى...
1,063
خەلقئارا ئىنگىلاندنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ساھىلىدا بىر ھەپتىدە بەش ئىپار كىت ئۆلۈپ قالدى يەرلىك دېڭىز بويى ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنگىلاندنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ساھىلىدا يېقىنقى بىر ھەپتىدە بەش ئىپار كىتنىڭ جەسىتى بايقالغان. ئىگىلىنىشىچە، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە دېڭىز بويى رايونلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا...
1,064
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپاندا قىشلىق تەنھەركەت يىغىنى بىلەن تەڭ ئىگىرىلەش، چاغاننى تەبرىكلەش ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىش، يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى چاغان بايرىمى...
1,065
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە مايمۇن ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن قۇت بۇيۇملار بازار تاپتى چاغان يېتىپ كېلىشى بىلەن مايمۇن تېمىسىدىكى ھەر خىل تاۋارلار بەس-بەستە بازارغا سېلىندى. مۇخبىر 27-يانۋار، ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە سودا ئورنىدا دۇكاندارلارنىڭ مايمۇن ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن چاغانلىق بۇيۇملارنى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان ئورۇنلارغا قويۇپ، خېرىدارلار...
1,066
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەقسىز ئېچىۋىتىش ئۇچتۇرپاندىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، زامانىۋىي مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلقنى ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇشقا باشلاش پىكىر يولىدا ئىزچىل چىڭ ت...
1,067
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا كۇچا ناھىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى:كۇچا ناھىيەسى 12-بەش يىل دا پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ...
1,068
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 3-شى بۇلتۇر بۇلغانمىلارنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان داۋۇت خەۋىرى: بۇلتۇر 3 - شى قۇرۇلۇش مۇھىت قوغداش ئىدارىسى بۇلغانمىلارنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى شى پارتكومىنىڭ تۇەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىر...
1,069
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا ئوبلاستىدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ۋەزىپىسى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، گۇلنار تۇداجى خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىن...
1,070
خەلقئارا پولشا ئوسۋىتىز لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلىدى پولشا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئوسۋىتىز لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى ئوسۋىتىز لاگېرى خارابىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، كىرودىيە زۇڭتۇڭى گتاروۋىچ، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ پولشا...
1,071
خەلقئارا 4-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى 4-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئېكۋاتورنىڭ پايتەختى كىتودا ئېچىلدى، لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا 33 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ياكى ۋەكىللىرى يىغ...
1,072
شىنجاڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نۇرغۇن مۇخبىرلارنى جەلپ قىلدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ـــ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 104 ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن كەلگەن 1500دىن ئارتۇق مۇخبىرنى جەلپ قىلىپ، تارىختىكى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغ...
1,073
شىنجاڭ ئەركىن قار تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئاياللار شەخسلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن قار تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئاياللار شەخسلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئايا...
1,074
شىنجاڭ ئۈرۈمچى كوماندىسى بىلەن جامىس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇز توپ مۇسابىقىسى ئۈچ ئالاھىدە مىھماننى كۈتۈۋالدى 27-يانۋار كەچ شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسى بىلەن جامىس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇز توپ مۇسابىقىسى ئۈچ ئالاھىدە مېھماننى كۈتۈۋالدى. ئۇلار دەل شىنجاڭ مۇز توپ كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم ما...
1,075
مەملىكەت خۇاڭخې دەرياسىدا كەڭ كۆلەمدە مۇز تۇتۇپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى قاتتىق سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە يېقىندا خۇاڭخې دەرياسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭلۇ بۆلىكىدە چوڭ دائىرىدە مۇز تۇتتى. مۇز قاتلىمى ئېگىزدىن قارىغاندا كۈندۈزى دەريا يۈزىدە تولغىنىپ تۇرغان ئاق رەڭلىك يىپەك لېنتىغا ئوخشىسا، كەچكى شەپەقتە خۇددى ئاجا...
1,076
مەملىكەت مايمۇن ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن قۇت بۇيۇملار بازارغا كىردى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى ئۇششاق تاۋارلار بازىرىدا مايمۇن قونچاقلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. بۇ يەردىكى ئامما يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مايمۇن ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك قۇت بۇيۇملارنى بەس-بەستە سېتىۋالدى...
1,077
مەملىكەت تۆمۈريول ساقچىلىرى كېچىدە پويىزدا ئوغرىلىق قىلغانلارنى قولغا چۈشۈرۈپ يولۇچىلارنى خاتىرجەم قىلدى شاڭخەيدىن فۇياڭغا قاراپ ماڭغان 8386-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز نەنجىڭ ۋوگزالىدىن ئەمدىلا قوزغىلىشىغا، ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرگەن بىر قارا گەۋدە تۆمۈريول ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. گۇماندارنى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق...
1,078
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە ھەپتە ئاخىرىدا تۇمان تاراپ تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇشۇ بىر ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ئۇدا دېگۈدەك تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلىمىىدى. مۇخبىرنىڭ 28-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋار ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا 20 -ق...
1,079
شىنجاڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر شەخسلەر قىسقا نومۇر مۇسابىقىسىدە جىن بوياڭ چېمپىيۇن بولدى ئۆز خەۋىرىمىز: 28-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر شەخسلەر قىسقا نومۇر مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، خاربىن كوماندىسىدىن جىن بوياڭ 87 نومۇر بىلەن چېمپىيۇن بولدى، يەن خەن 84 نەت...
1,080
خەلقئارا رۇسىيەدە لېنىنگراد ئازاد بولغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرىلەندى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 28-يانۋار، رۇسىيە ساينت پېتېربۇرگدا لېنىنگراد ئازاد بولغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى خاتىرىلەندى، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ ساينت پېتېربۇرگدىكى قەھرىمانلار خاتىرە ئابىدىسىگە گۈل قويدى، كېيىن مېدۋېدېۋ يەنە شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانچىلى...
1,081
شىنجاڭ ئۈرۈمچى مۇز چەينەك كوماندىسى ئەرلەر ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ئۆز خەۋىرىمىز: مۇز چەينەك مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللار يەككە ئايلانما مۇسابىقىسى نەچچە كۈن كەسكىن ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، 28-يانۋار بۇ تۈر مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچى ئەرلەر، ئاياللار...
1,082
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە 30-يانۋاردىن باشلاپ زاپاس گۆشلەر بازارغا سېلىنىدۇ شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 28-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى ئاشلىق ئىدارىسى دىن ئىگىلىشىچە، 30-يانۋاردىن 3-فېۋرالغىچە، ئۈرۈمچىدىكى 72 سېتىش نۇقتىسىدا شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشلەر بازارغا سېلىنىدىكەن. بازارغا سېلىش نۇقتىلىرى ئ...
1,083
ئۈرۈمچى 1-مارتتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتراپىدىكى 50 مېتىر دائىرىدە تاماكا سېتىش چەكلىنىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرى 1-مارتتىن باشلاپ يېڭى نۇسخىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاماكا پارچە سېتىش نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى نى ئىجرا قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ياكى مەكتەپ دەرۋازىسى...
1,084
شىنجاڭ قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر شەخسلەر 20 كىلومېتىر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن رېن لۇڭ ئىككىنچى بولدى ئۆز خەۋىرىمىز: 28-يانۋار، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر شەخسلەر 20 كىلومېتىر مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى قار تېيىلىش مەيدانىدا...
1,085
خەلقئارا كىم جوڭئۇن پيوڭياڭ كىم جوڭسۇك توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى چاۋشيەن ئەمگەك خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ 28-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا چاۋشيەن كىم جوڭسۇك توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشچىلارنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. 2014-يىلى دېكابىردا كىم جوڭئۇن ...
1,086
شىنجاڭ ئەركىن چاڭغا تېيىلىش تۈرىنىڭ شەكىللىك مەيداندا قوش چاڭغىدا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ يەنە ئىككى ئالتۇن مېدال ئالدى ئاياللار گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ ماھىرلىرى قولغا كەلتۈردى نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: 28 يانۋار مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ...
1,087
شىنجاڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن 2...
1,088
شىنجاڭ ۋاڭ شىيۆ بىلەن ليۇ شىنيۈ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چاڭچۈن كوماندىسى ماھىرى ۋاڭ شىيۆ بىلەن ليۇ شىنيۈ 157 نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى.
1,089
شىنجاڭ 5 نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى چېن چياڭۋېينىڭ ئىگىلىشىچە، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش يىپەك يولى : پۇرسەت ۋە كەلگۈسى باش تېمىسىدىكى 5 نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 27 يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلغان. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئاسى...
1,090
پەن مائارىپ يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى باغراش كۆلى قار-مۇز ساياھەت رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭە...
1,091
مەملىكەت شىنخۇا تورى تايلاند قانىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باڭكۇكتا ئۆتكۈزۈلدى شىنخۇا تورى، باڭكوك، 29-يانۋار تېلېگراممىسى: شىنخۇا تورى تايلاند قانىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 28-يانۋار باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلدى. تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋىشانۇ مۇراسىمدا شىنخۇا تورى تايلاند قانىلىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە شىنخۇا ت...
1,092
شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ تېز مۇز تېيىلىش تەنھەرىكىتى قايتا جانلاندى جىڭ بو، چاۋ جىن تۆت كۈن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى 25 يانۋار ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭ جەمئىي بەش ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال ۋە بەش مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ...
1,093
پەن مائارىپ ئاراتۈرۈك ناھىيەسى تەتىللىق ھەقسىز كۇرس ئاچتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غوپۇر گالى خەۋىرى، فوتوسى: ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە سورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن، مۇزىكا، رەسىم، ئۇسسۇل، ھۆسنخەت كۇرۇسلىرىنى ھەقسىز ئېچىپ، 18-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي دەرس باشلىدى.
1,094
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆزنىكى بولدى سادىق ئىمىر ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئالتۇن قۇياش پارلاپ، ئاسمان كۆپكۆك ئىدى. 25 ، 26 يانۋار بۇ يەردە قىشلىق تەنھەرىكەت بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتى ۋە رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتكۈل مەنزىرە رايونى قار مۇز...
1,095
شىنجاڭ قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن رېن لۇڭ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە قىشلىق ئىككى تۈر چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى 28 يانۋار بوغدا كۆلى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا داۋاملىق ئۆتكۈ...
1,096
شىنجاڭ قاردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەر ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەركىن چاڭغا تېيىلىش تۈرىنىڭ كوللېكتىپ قاردا ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 28 يانۋار بوغدا كۆلى خەلقئارالىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. كەس...
1,097
شىنجاڭ قار مۇز تەنھەرىكىتىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشتا يول ئالدىمىزدا فەن خوڭيى مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈگىمەي تۇرۇپلا نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشتۇق. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەتنى باشقۇرۇش مەركىزى تېز مۇز تېيىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياڭ شىسەي: دۆلىتىمىزدە ئاخىرى ئېگىزلىكتىكى يېڭى ...
1,098
شىنجاڭ شىنجاڭلىقلار بەك ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست ئىكەن خالىدە ئوبۇل مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ مۇز توپ سارىيىدا، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ياشقا چوڭ بولۇپ قالغان بىر توپ مەستانىسى دىققىتىمنى ئالاھىدە ت...
1,099
شىنجاڭ ئىنسانلار چاڭغا تېيىلىشنى باشلىغان جايدىكى يېڭىچە قار مۇز پائالىيەتلىرى - ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئاقجول ئەنىسنى زىيارەت شى شىن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتى 27 يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ ...
1,100
شىنجاڭ يېڭى ئۈمىد چاقلىق كانكىدىن باشلاندى خې جىن بۇ ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن، ئارقىلىق، شىنجاڭدا ۋاڭ مېڭ، جۇ ياڭغا ئوخشاش دۇنياغا داڭلىق ماھىرلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ! دېدى شىنجاڭ يېڭى ئۈمىد چاقلىق كانكى ۋە كانكى تېيىلىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى شاۋ كې ھاياجانلانغان ھالدا. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىك...