id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
801
پەن مائارىپ كۇچا ناھىيەسىنىڭ قىشلىق تەتىللىك ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ قىشلىق تەتىللىك ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرۇسىدا 21- يانۋار دەرس باشلاندى . ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش كۇرسىنى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان...
802
پەن مائارىپ ئاپتونوم رايونىمىز بەش چوڭ قۇرۇلۇش نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: 19 يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، بۇ يىل ئاساسىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، ھازىرقى زامان كەسپىي مائارىپ، ئالىي...
803
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئاچتى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 18 يانۋار پارتگۇرۇپپا كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۈچتە تە...
804
شىنجاڭ ئاقنار ئارداق: ئەپسۇس، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىدىم 21-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش 1 4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قاراماي شەھىرى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئاقنار ئارداق ئاخىرقى...
805
پەن مائارىپ قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك دادا بولغىلى بولىدۇ ؟ ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ 21-يانۋار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىلىرىغا قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك دادا بولغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
806
خەلقئارا گرېتسىيە خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئىسلاھاتىغا قارشى تۇردى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 21-يانۋار، گرېتسىيەنىڭ ئافېنادا نەچچە مىڭلىغان ئالىم، دوختۇر، ئادۋۇكات، ئىنژېنېر ۋە ئەركىن ئىشچىلار نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئىسلاھاتى پىلانىغا قارشى تۇردى.
807
شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدا ھاۋا قاتتىق سوۋۇپ كەتتى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزغا ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. بۈگۈن 22-يانۋار ئەتىگەن نىلقا ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا 23-قا چۈشۈپ، قىش كىرگە...
808
مەملىكەت بېيجىڭ شەھىرى 2016-يىلى دائىمىي نوپۇس سانىنى 22 مىليون ئىچىدە كونترول قىلىشنى پىلانلىدى جۇڭگو ئاخبارات تورى بېيجىڭ 22-يانۋار تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە بېيجىڭنىڭ دائىمىي نوپۇسى 21 مىليون 705 مىڭ بولۇپ، 2016-يىلى بۇ ساننى 22 مىليون ئىچىدە كونترول قىلىش پىلانلاندى. بۇنى مۇخبىر بېيجىڭ شەھەرلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتى...
809
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەلىك خەلق بانكىسى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ياخشى پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بەرپا قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋىرى: كۇچا ناھىيەلىك خەلق بانكىسى تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئامما ئىشىنىدىغان ، پاك-دىيانەتل...
810
خەلقئارا كېنىيە خەلقى ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى 21-يانۋار، كېنىيە پايتەختى نايروبىدا نەچچە يۈزلىگەن كىشى ئۇخۇلۇ باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، سومالى ياشلار پارتىيەسى نىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان كېنىيەلىك ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى. ئەسەبىي تەشكىلات ياشلار پارتىيەسى 15-يانۋار ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاس...
811
ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئىككىپورتتىن 106 مىڭ 200 توننا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى ئىمپورت ئېكسپورت قىلىندى شەمشىدىن خەپتىمھاجىمنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، ئەركەشتام، تورغات پورتىدىن بۇلتۇر ئىمپورت ئېكسپورت قىلىنغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى 106 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، 2014 يىلىدىكىدىن %7 ئاشقان، ئىمپورت ئېكسپورت سوممىسى 166...
812
ئىقتىساد خەۋەرلىرى 12 بەش يىل دا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى سىجىل ئاشتى ئەنۋەرجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمچە، 12 بەش يىل دا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 59 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 11 بەش يىل دىكىگە سېلىشتۇرغاندا 8 مىليارد 100 مىلي...
813
ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ناھىيە 2508 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە مەم...
814
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توققۇزتارا ناھىيەسىدە مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيلىرى دىن ئەسەبىيلىكى نى تۈگىتىش بازىسىغا ئايلاندى ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەممە كەنتتە مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قۇرۇپ، مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيت...
815
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئەڭ يېقىن ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسى ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا مۇلازىمەت قىلدى پولات نىياز خەۋەر قىلىدۇ: چەرچەن ئەڭ يېقىن ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى، تۈرلۈك پائالىيەت، قىزىق نۇقتا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ، ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا مۇلازىمەت قىلىدىغان قولاي سۇپىغا ئايلاندى. ئۈ...
816
ئىقتىساد خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا قەدەمنى چوڭ ئالدى مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇلتۇر سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئەۋزەل سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەنلىكتىن، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نا...
817
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا كەلپىن ناھىيەسىنىڭ مالىيە، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن قۇربان، روزى ئىمىن خەۋىرى: 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە، كەلپىن ناھىيەسى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىغا ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەستايىل ...
818
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭدىكى يېزا-بازارلارنىڭ قىياپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر يېزا-بازارلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتتى. مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇلتۇ...
819
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدە خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، مېھرىگۈل ياسىن خەۋىرى: ئونسۇ ناھىيەسىدە خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، بەخت كۆرسەتكۈچى يىلدىن-يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى داۋاملى...
820
مەملىكەت جۇڭگودا تور ئەھلى 688 مىليونغا، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %50كە يەتتى جۇڭگو ئاخبارات تورى بېيجىڭ 22-يانۋار تېلېگراممىسى: 22-يانۋار، جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى بېيجىڭدا ئېلان قىلغان 37-قېتىملىق جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى دىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى دېكابىرغىچە، جۇڭ...
821
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پەيزاۋاتتىكى دېھقان-چارۋىچىلار چارۋامال بورداش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەخەت ھامۇللا، مىجىت تۇرسۇن خەۋىرى: پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ يىللىق چارۋىچىلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس م...
822
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىرا ناھىيەسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، بۈمەريەم مەتتۇرسۇن خەۋىرى: چىرا ناھىيەسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقتىن ، بۇلتۇر سودىگەر ۋە مەبل...
823
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسى چاغانلىق ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: قاتناش بىخەتەرلىكىدە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك قاتناش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاندا بىخەت...
824
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر بورتالا شەھىرىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار تېزلىكتە راۋاجلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرى پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا جەمئىي 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پەن-تېخنىكا تۈرىدىن 317 نى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشكە...
825
شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ مېيىپلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۆت چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى 17 مىڭ نەپەر مېيىپقا مەنپەئەت يەتكۈزدى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى چاقىرغان 6-نۆۋەتلىك 3-قېتىملىق ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ۋە 2016-يىللىق خىزمەت يىغىنى 21-يانۋار ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا 12-بەش يىل ۋە 2015-يىللىق مېيىپلار خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ...
826
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 3-شىدا بۇلتۇر ئاساسىي قاتلاملارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا 12 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلارە تۇرسۇن خەۋىرى: دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تۇەن-مەيدانلاردىكى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى پائال كۈچەيتىپ، سەھىيە مۇلازىمىتى ئاساسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئ...
827
مەملىكەت شەندۇڭدا دېڭىز مۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلدى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بوخەي دېڭىزى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، دېڭىزدا مۇز تۇتقان كۆلەم بارغانسېرى كېڭەيگەن. دۆلەتلىك دېڭىز ئىشلىرىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىستانسىسى بۇ يىل ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق...
828
تېمىلىق خەۋەر يېڭى خىل پاختا قەنت كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغان ئېرىشتى ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋستىرالىيەلىك ئەر ناسان خانتىرى ئەنئەنىۋىي پاختا قەنت ياساش ھۈنىرى ئاساسىدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، تەمى ئۆزگىچە ئىجادىي پاختا قەنت ياسا...
829
تېمىلىق خەۋەر گېرمانىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر دۆلەت بولۇپ باھالاندى ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 20-يانۋار شۋېيتسارىيەنىڭ ۋوس كەنتىدە باشلانغان. ئامېرىكا ئاخباراتچىلىقى ۋە دۇنيا خەۋىرى ، گۇرۇھى ۋە ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋورتون س...
830
ئىقتىساد خەۋەرلىرى مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى يىلسېرى ئاشماقتا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش-تۈزەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەن 21-يانۋار، 2013-يىلى گوۋۇيۈەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش ھەرىكىتى پىلانى نى بېسىپ تارقاتقاندىن...
831
پەن مائارىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 7 قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلان خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 19 يانۋار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 7 قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلان خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىل...
832
خەلقئارا ئىسرائىلىيە قانداق قىلىپ كىچىك دۆلەتتىن ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى؟ ئىسرائىلىيە يەر مەيدانى ئاران ئىككى تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى سەككىز مىليوندىن كۆپرەك بولغان ئوتتۇرا شەرقتىكى كىچىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان بۇ رايوندا قىسىلىپ يۈرۈپ جېنىنى بېقىپ كەلگەن، ئېغىر ھايات-ماما...
833
مەملىكەت جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قاتناشنى قوغداش ئەترىتى ھىندونېزىيەدىكى دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قاتناشنى قوغداش 152-ئەترىتى شۇ يەر ۋاقتى 24-يانۋار جاكارتا پورتىدا توختاپ، يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىدىكى ئاخىرقى بېكەت بولغان ھېندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بەش كۈنلۈك دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى.
834
مەملىكەت چىڭداۋ شەھىرىدە 55 يىلدىن بۇيان بولمىغان قاتتىق سوغۇق بولدى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى 24-يانۋار ئەڭ سوغۇق بىر كۈننى كۈتۈۋالدى، غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى دېڭىز يۈزىدە چوڭ كۆلەمدە مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. چىڭداۋ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كۈنى چىڭداۋدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 15...
835
مەملىكەت شاڭخەي تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلدى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىشەنچلىك بولۇش شاڭخەي تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى تۆمۈريول غول لىنىيەلىرىدە قاتناش راۋان بولۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ ھەربىر ئاددىي خىزمەتچىسى...
836
شىنجاڭ مايتاس شامال رايونى كۈچلۈك جۇدۇنلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدى شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 24-يانۋار، شىنجاڭ ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ مايتاس يول بۆلىكى قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 155 نەپەر يولۇچى ۋە 49 ئاپتوموبىل قاپسىلىپ قالدى. مايتاس جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بازىسىدىكى خىزمەتچى خادىملا...
837
مەملىكەت چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈندىكى خۇش تەبەسسۇم چىرايلار 24-يانۋار، 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلاندى. ئۆيلىرىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت خۇشالىنارلىق كەيپىياتتىن ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا خۇش تەبەسسۇم ئەكس ئەتتى.
838
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى بىر ھەپتىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 24-يانۋار، ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 20 -قا چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بولۇپ قالدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ت...
839
شىنجاڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىر كۈندە تۆت ئالتۇن مېدال ئالدى دۇڭ لياڭ، ياڭ زىيى خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن چاڭغا يېيىلىپ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقە مەيدانىدا 22 يانۋار ماھىرىمىز چۈەن خۈيلىن بىلەن سۈن جياشۈ ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئىكك...
840
شىنجاڭ 13 بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ يۈەن لېينىڭ 22 يانۋار ئېچىلغان 2016 يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 13 بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى پىلانىغا 180 مىليارد يۈەندىن ك...
841
ئىقتىساد خەۋەرلىرى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى دېگەن كىتاب نەشردىن چىقتى جۇڭ مىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يەشمىسى دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخىسى يېقىندا شىنجا...
842
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرى تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 22 يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە قىزلارنىڭ 1500 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن خەن مېي،...
843
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشى ئۈزۈلمىدى گۈلمىرە مۇھەممەدنىڭ ئىگىلىشىچە، ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013 يىلى 1 ئايدا بىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئەمم...
844
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تېرىلغۇ يەرنى پاي شەكلىدە ئوبوروت قىلىش ئەندىزىسى كۆپنى نەپكە ئىگە قىلدى گۈزەلنۇر ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ياچېيكىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى دېھقان ئائىلىلىرى شەكلىدىكى يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش ئەندىزىسى ئۈس...
845
شىنجاڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەر لىق ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىردى ئۆز مۇخبىرىمىز ئەھەد مىجىت خەۋىرى، فوتوسى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ھەمدە مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى...
846
شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭلىقلارنىڭ قار مۇز تەنھەرىكىتى ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەتتى ۋاڭ يايۈن كىشىلەر مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى كاتتا نومۇرلارنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىۋاتقاندا، 21 يانۋار ھەر قايسى مۇسابىقە مەيدانلىرىدىن خۇش خەۋ...
847
شىنجاڭ ماھىرلىرىمىز ئالتۇن مېدالدىن داۋاملىق ھوسۇل ئالدى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: 22 يانۋار، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ 5000 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ۋە قىزلارنىڭ 1500 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئايرىم ئايرىم چېمپىيون بولغان شىخەنزە ك...
848
شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭدا قىشلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى قوزغىدى دۇڭ لياڭ تېز مۇز تېيىلىش سارىيىدا تاماشىبىن چېن مىڭسۇڭ ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، ئۇ ھېلىدىن ھېلىغا ئورنىدىن تۇرۇپ تەنھەرىكەتچىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا مەدەت بېرەتتى. ئۇ 23 يانۋار سەھەردىلا سانجىدىن ش...
849
مەملىكەت ئەنخۇي خۇاڭشەندە يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 40 سانتىمېترغا يەتتى جۇڭگو ئاخبارات تورى 24-يانۋار خەۋىرى: ئەنخۇي خۇاڭشەندە ئۇدا نەچچە كۈن قاتتىق قار يېغىپ، خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 40 سانتىمېتىرغا يەتتى. ئاپئاق قاردىن تون كىيگەن خۇاڭشەن تاغ تىزمىلىرى جىلغىسى ۋە داڭلىق قەدىمىي دەرەخلەر بۇل...
850
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ياسدۆڭ كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى دەپ باقاي پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى ياسدۆڭ كەنتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت كومىتېتى ۋە مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە بۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلار يېقىندا كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە كەنت ئەزالىرى ئارا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئ...
851
شىنجاڭ كەتمەيدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئاخبارات نەشرىيات، رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسى تە تۈي كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەتمەيدىغان ...
852
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر چاقمىغا مۇھەببەت دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتى بويىچە چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى چاقما كەنتىگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، دېھقانلارغا قىلىپ بەرگەن ئەمەلىي ئىشلىرى دىققىتىمنى تارتتى. كادىرلار ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە، كەنتكە چۈشك...
853
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ياشلار ئوغۇللار مۇز چەينەك كوماندىسى مىس مېدالغا ئېرىشتى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: 23 يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئوغۇللارنىڭ مۇز چەينەك مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسى 4:5 نەتىجە بىلەن ئېردوس كوماندىسىنى يېڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى. ...
854
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدا قاتتىق شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 23-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دۆلەت يولى 216-لىنىيەسى 6 7 بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بوراننىڭ پەيتلىك كۈچى توققۇز بالغا يېتىپ، تاشيوللارغا يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مې...
855
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تۈجۈپىلەپ يۆلەش تەدبىرىنىڭ تۈرتكىسىدە... نۇرئەخمەت نۇرامبەگ قورغاس ناھىيەسىنىڭ تەلكە چارۋىچىلىق فېرمىسى چارۋىچىلىق كەنتىدىكى 53 ياشلىق باقمىچى ئالىمجان مەمەتئىمىن دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە بانكىدىن قەرز ئېلىپ، 2 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتىدە ۋە ...
856
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر قۇمۇللۇقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى قېيۇم قادىر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي شىنجاڭ باھارى توپ سېتىش بازىرىدا قۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش مەركىزىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق دورى...
857
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئۇچتۇرپاندا دېھقان چارۋىچىلار تېخنىكا ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن دېھقان چارۋىچىلارنى ئەسقاتىدىغان يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتى يېقىندا بارلىق يېزا بازار...
858
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانا خادىمى بولدى ئابلىكىم شەمشى، ئەنۋەرجان ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا يېقىندا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تەتىلدىكى مەنىۋى تۇرمۇشى ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيىتىنى بېيىتىش مەقسىتىدە، مەن كىچىك كۇتۇپخانا خادىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەن كىچىك كۇتۇپخانا خادىمى...
859
پەن مائارىپ مائارىپنى قوللاش ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: مائارىپنى قوللاشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغان يېڭىسار ناھىيە كاڭفو دورىخانىسى 22-يانۋار سىيتلە يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، بۇ مەكتەپكە 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلى...
860
شىنجاڭ قاراماي قاتتىق سوغۇقتا چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 24-يانۋار، قاراماي شەھىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى ۋە يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر كۈننى كۈتۈۋالدى. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى قارامايدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 18-، ئەڭ تۆ...
861
خەلقئارا مولدوۋادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پارتلىدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-يانۋار، مولدوۋا كىشىنېۋدا، 15 مىڭدىن كۆپ ئادەم كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتنىشىپ، پارلامېنت سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
862
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى سەھىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيە كۇيباغ يېزىسىدىكى بىر قىسىم سەھىيە ئورۇنلىرىدىكى پىدائىيلار 10-يانۋاردىن بۇيان، كۇيباغ يېزىسى تەۋەسىدىكى 14 كەنتتە سەھىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، خالىسانە كېسەل كۆرۈش، ھەقسىز دورا تارقىتىش پائالىيىتىنى ...
863
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پەيزاۋات باش مەيدانى چاغاننى كۈتۈۋالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى، فوتوسى: ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانى 22-يانۋار خور ئېيتىش، ساما ئۇسسۇلى ئويناش، مودېل مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى...
864
خەلقئارا ھىندىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى نىڭ گىرىملىك رىپېتىتسىيەسى ئۆتكۈزۈلدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 23-يانۋار، ھىندىستان يېڭى دېھلىدا، ھىندىستان ئارمىيەسى جۇمھۇرىيەت كۈنى گىرىملىك رىپېتىتسىيەسى ئۆتكۈزدى.
865
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسى رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى: 2016-يىللىق ھەم 13-بەش يىل پىلانىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا ئاساس قىلىش ئۈچۈن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 7-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىدە رەھبىرىي...
866
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۆپ خىل تەدبىر ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: مۇخبىر 13-يانۋار غۇلجا شەھەر قازانچى مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى سانائەت بازىسىدىكى شىنجاڭ خاۋجۇاڭ كىيىم كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ھەر خىل ئەرەنچە، ئايالچە كىيىم كېچەكلەرنىڭ ...
867
خەلقئارا پورتۇگالىيەدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى 24-يانۋار، پورتۇگالىيە پايتەختى لىسبوندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 24-يانۋار، پورتۇگالىيە پايتەختى لىسبوندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.
868
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تاشقى سودا مۇقىم ئىلگىرلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايون شەھەر ى ئىقتىساد ۋە تاشقى سودىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات...
869
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى غۇلجا ناھىيەسى 4- نۆۋەتلىك ئۆرۈك يۇرتىنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس لەرنى تەقدىرلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: غۇلجا ناھىيەسى 15-يانۋار 4-نۆۋەتلىك ئۆرۈك يۇرتىنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس لەرنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 2015- يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە ئىلغار ئىش...
870
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا ئۇچتۇرپان ناھىيەسدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشى تېز بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكى مۇقىم ناھىيەسى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشىنى تېزلىتىپ، يېزا-قىشلا...
871
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ 12-بەش يىل لىق خەلق تۇرمۇشى چىقىمى 6 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە، تۈرلۈك شەكىلدىكى خەلق تۇرمۇشى، ئاممىۋى ئىشلار چىقىمىنى 5 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ...
872
خەلقئارا چىلىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدا قارا بوران كۆتۈرۈلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 25-يانۋار، چىلىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى ـــ ئارىكادىن چىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان 10 چوڭ كۆل رايونىدا غايەت زور دولقۇن كۆتۈرۈلگەن، دېڭىز ئارمىيەسى يولۇچىلارنى دېڭىز قىرغىقىدىن يىراق ...
873
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر ئىجتىما كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر بۇ ناھىيە مال...
874
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىرا ناھىيەسىدە 619 كىلومېتىرلىق يېزا يولى ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، بۈمەريەم مەتتۇرسۇن خەۋىرى: چىرا ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا-بازار يوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش، ئاسراش، مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تۈرلەر س...
875
مەملىكەت جياڭشى يىخۇاڭ ناھىيەسىدە بېلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى يىخۇاڭ ناھىيەسى لۇڭخې سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانىدا كىشىلەر تالىشىپ يۈرۈپ توردا بېلىق تۇتتى. لۇڭخې كەنتىدىكى لۇڭخې سۇ ئامبىرى ئېكولوگىيەلىك ئۇنىۋېرىسال سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانى بولۇپ، يەرلىك ئامما چاغاندىن بۇرۇن ئامبار...
876
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى سىياسىي كېڭەش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى چاقىرىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: سىياسىي كېڭەش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 25-يانۋار قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مەركىزىدە چاقىرىلدى.
877
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر 3-شىدا 32 مىڭ 100 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي سېلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز دىلارە تۇرسۇن، جاڭ لى خەۋىرى: ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3 شى بۇلتۇر دۆلەت ۋە بىڭتۇەننىڭ سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىكى زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش...
878
شىنجاڭ شىنجاڭدا شەھەر ئاممىسى ئۆچرەتتە تۇرۇپ مۇسابىقە كۆردى شەھەر ئاممىسى 24-يانۋار مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرماقتا. شۇ كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 4-كۈنى بولۇپ، شەھەر ئاممىسى قاتتىق سوغۇققا قارىماي شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىگە كېلىپ نادىر مۇسابىقە ئەھۋا...
879
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتى دېھقانلىرىنىڭ يالقۇنلۇق كەنت ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋىرى:21-يانۋار، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدە بىر مەيدان ئاددىي ئىمزا قويۇش مۇراسىمى پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قى...
880
خەلقئارا ھىندىستاندا تۇمان سەۋەبلىك 50 ماشىنا ئارقىمۇ-ئارقا سوقۇلۇپ كەتتى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى نىڭ 25-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 24-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، تۇمان سەۋەبلىك ھىندىستاننىڭ يامۇنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 50كە يېقىن ماشىنا ئارقىمۇ-ئارقا سوقۇلۇپ كەتكەن. ۋەقەدە جەمئى...
881
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تۇمشۇق شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن يەرلىك باج سىستېمىسى بويىچە پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان داۋۇت خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ 20- يانۋار تۇمشۇق شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە يېقىندا ئاپتونوم ...
882
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى تۇمشۇق شەھىرى مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان داۋۇت خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا تۇمشۇق شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر تۇمشۇق شەھىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى ئ...
883
پەن مائارىپ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ 22-يانۋار، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆججەت چىقىرىپ، 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەنتەربىيە كوماندىلىرىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتا تەنتەربىي...
884
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر تائام رىسالىسى پىروگراممىسى بەش ياشقا كىردى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻧﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧ...
885
خەلقئارا ياپونىيەنىڭ مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى %1كىمۇ يەتمەيدۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى 23-يانۋار ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى 7000دىن ئېشىپ، يېڭى تارىخىي يۇقىرى ساننى ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلتىماسى مۇۋەپپ...
886
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسىدە بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش مالىيە تولۇقلىما سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسى كەنت ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك ئىشلاردا دۆلەتنىڭ بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش بويىچە مالىيە ت...
887
ئۈرۈمچى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى ئىللىقلىق بىلەن تولدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى خادىملىرى يولۇچىلارغا ئالما، نان ۋە قۇرۇق يەل يىمىشلەرنى تارقىتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى: 24-يانۋار ـــ 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى، بۇ...
888
شىنجاڭ دارمىن بېيسېن: مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرگۈم بار شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد 23-ئۆكتەبىر چۈشتە فۇكاڭ تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مۇسابىقە رايونى شەكىللىك تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تاختىدا تېيىلىش تۈرىدە شىنجاڭلىق ماھىر، ئ...
889
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يەكەن ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاشاگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى: يەكەن ناھىيەسى ئۆتكەن 12-بەش يىل لىق پىلان داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىنى ئۇدا بەش يىل يولغا قويۇپ، ھەر يىلى ناھىيە مالىيەسى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى...
890
پەن مائارىپ بورتالا ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئالتە تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى:بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك...
891
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا شەھىرىدە ئىشلەمچىلەرنىڭ 87 مىليون 530 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى نەقلەشتۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇردىن بۇيان، بورتالا شەھىرى ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى ئىش ھەققىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر چارە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قىلىش قىل...
892
شىنجاڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە كورلا پويىز ئىستانسىسىدا 5300 ئادەم،قېتىم يولۇچى ئۇزىتىلدى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 24-يانۋار سائەت 14:27 دە، كورلىدىن شىئەنگە بارىدىغان 170 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز كورلا پويىز ئىستانسىسىدىن يولغا چىقتى. بۇ 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كورلا پويىز ئىستانسىسىدىن يو...
893
شىنجاڭ قارلىق تاغ باغرىدىكى پۇتبولچى ئەزىمەتلەر تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سارقوبۇ يېزىسىنىڭ ناھىيە بازىرىغىچە بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر، بۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى سۇۋىقتوقاي مەكتىپى تەڭرىتاغ ئېتىكىگە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ جاي ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ قىشتىكى ئەڭ گۈزەل ت...
894
شىنجاڭ شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا شېنجېن كوماندىسىنى يەڭدى 24-يانۋار كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ 33-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 81 گە قارشى 97 نومۇر بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا يېڭىلىشدەك ۋەزىيەتنى ئوڭشىدى. ئالدىنقى ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرقى مىنۇتلاردا ...
895
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر چەت-ياقا، ئاساسىي قاتلامغا قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا بولغان تەلەپ چۈشۈرۈلسە بولىدۇ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا بىرلىشىپ تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق س...
896
شىنجاڭ جۇڭگو-پاكىستان چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تۇرۇپ قالغان ماللارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى 20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن پاكىستان چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىرلىكتە پاكىستان تەرەپنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇرۇپ قالغان يېڭى بۇيۇم، قىشتىن...
897
خەلقئارا يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىرانغا قاراتقان مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم 16-يانۋاردىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىندى، يېقىندا يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىرانغا قاراتقان مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئ...
898
خەلقئارا رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇنازىرىلەشتى. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىست...
899
خەلقئارا ياۋرو ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئا تىپلىق 1 1 زۇكۇمىدا نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلدى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2016-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە، رۇسىيە، ئەرمىنىيە، گېروزىيە قاتارلىق ياۋرو-ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئا تىپلىق 1 1 زۇكۇمى يامراپ كېتىپ، نەچچە يۈز ئادەم ئۆلگەن. 2009-يىل...
900
خەلقئارا ئابباس: پەلەستىن فىرانسىيە بىلەن خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى مەسىلىسىنى كېڭەشمەكتە پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 23-يانۋار كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب ئەللىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا پەلەستىن ھۆكۈمىتى فىرانسىيە بىلەن خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى كېڭەشمەكتە. ئابباس زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار...