id int64 1 10.6k | text stringlengths 21 32.1k |
|---|---|
901 | خەلقئارا 2015-يىلى رۇسىيەنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 2 پىرسەنت بولدى رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى ئۈلۈشكۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى رۇسىيەنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى تەخمىنەن 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، رۇسىيەنىڭ شۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. رۇس... |
902 | تېمىلىق خەۋەر ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى بىر ھەپتىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 24-يانۋار، ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 20 -قا چۈشۈپ، قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بولۇپ قالدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىم... |
903 | شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىردىنبىر بېكىتىلگەن سۈيى بولغان كارىز ماركىلىق مىنررال سۇنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشىلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىردىنبىر بېكىتىلگەن سۈيى بولغان كارىز ماركىلىق مىنېرال سۇنىڭ يېڭى م... |
904 | شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئىلغار تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىش بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىككى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ــ ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بىلەن تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى چاڭغا تېيىلىش يو... |
905 | شىنجاڭ ئەرلەر ياشلار گۇرۇپپىسى 500 مېتىر، ئەرلەر گۇرۇپپىسى 500 مېتىر، ئاياللار ياشلار گۇرۇپپىسى 500 مېتىر، ئاياللار 500 مېتىر تۈرىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى 24-يانۋار، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش زالىدا ئەرلەر ياشلار گۇرۇپپىسى 500 مېتىر، ئەرلەر گ... |
906 | شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش تۈرىدىكى مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشتى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش تۈرىدىكى مۇسابىقىلەر 24-يانۋار پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. بۇ مۇسابىقە تۈردە جەمئىي سەككىز ئالتۇن مېدال تارقىتىلىدى. 24-يانۋار تەڭرىتا... |
907 | شىنجاڭ ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ تېز سۈرئەتتە كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى يەڭدى 24-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ تېز سۈرئەتتە كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئۇلارغا باش بارمىقىنى كۆرسىتىشىپ ئالقىش ياڭرىتىشتى. دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ... |
908 | شىنجاڭ ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ تېز سۈرئەتتە كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن خاربىن كوماندىسىنى يەڭدى 24-يانۋار ئاخىرلاشقان 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ تېز سۈرئەتتە كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 3 مىنۇت 49 سىكۇنت 19 دەقىقىلىق نەت... |
909 | مەملىكەت شياڭگاڭنىڭ قىسمەن ئېگىزلىكلىرىدە توڭ يامغۇر يېغىپ، مۇز تۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى شىياڭگاڭلىق بىر كىشى ھەمراھلىرى بىلەن 24-يانۋار داماۋشەن تېغىدىكى باغچىدا كېتىۋاتقاندا، توڭ يامغۇر ياغقانلىقتىن كىيىم-كېچەكلىرىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەن. شياڭگاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەس... |
910 | مەملىكەت ئەنخۇيدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى ئىسلاھ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش 1-مەيدان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى 25-يانۋار خۇەينەن شەھەرلىك ئاممىۋى بايلىق مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش بىلەن ... |
911 | مەملىكەت نەنجىڭ شەھىرى قەھرىتان سوغۇقتا كوچىدا قالغان سەرگەردانلارغا ياردەم بەردى خەلق تورى، نەنجىڭ، 25-يانۋار تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نەنجىڭ شەھىرى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كوچىلاردا قونۇپ يۈرگەن سەرگەردانلارنىڭ تۇرمۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نەنجىڭ شەھەرلىك قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىشنى ب... |
912 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا چىققان شىۋىرغان بۈگۈن كېچىكىگىچە داۋاملىشىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 26-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 23-يانۋاردىن باشلاپ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدا شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىپ، پەيتلىك بوران كۈچى 8 9 بالغا يەتكەن. قار ئەمدىلا يېغىپ توخ... |
913 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، 30 مىليون 990 مىڭ يۈەن چىقىم تېجەپ قېلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خىزمىتىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خ... |
914 | خەلقئارا ئەنگلىيەلىك پۈركىمە رەسىم سەنئەتكارى يېڭى رەسىمىنى سىزىپ چىقتى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 25-يانۋار، پۈركىمە رەسىم سەنئەتكارى بانكسى ئەنگلىيە لوندوندىكى فىرانسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر دۇكان دېرىزىسىنىڭ سىرتىغا يېڭى ئەسىرىنى سىزىپ چىقتى. ئۇ بۇ ئەسەرنى ھىيۇگونىڭ ھەسرەتلىك دۇنيا ناملىق ئەسىرىدىكى يېتىم قىز ك... |
915 | شىنجاڭ زۇكامداپ قالغىنىغا 20 كۈن بولغان پېشقەدەم ماھىر رېن لۇڭ قەتئىي ۋاز كەچمەي، ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى ياڭ يىڭچۈن رېن لۇڭ روھلاندۇرۇش دورىسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ زۇكام دورىسى ئىچمىدى. ئۇ ئاخىرقى نۇقتىغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ بارغاندىن كېيىن خۇشاللىقىدا: زۇكامداپ قالغىنىمغا 20 كۈندىن ئاشتى، نەشپۈ... |
916 | شىنجاڭ بەنگۇڭتىڭ ئىشخانا لار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى ۋە بەنگۇڭتىڭ ئىشخانا مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى ۋە بەنگۇڭتىڭ ئىشخانا مۇدىرلىرى يىغىنى 25 يانۋار ئۈرۈ... |
917 | شىنجاڭ 12 بەش يىل دا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 4120 يۈەن ئاشتى مۆلچەرلىنىشىچە، بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 8850 يۈەنگە يەتكەن دۇڭ شاۋخۇانىڭ 25 يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا... |
918 | شىنجاڭ مەسئۇلىيەتچان ساقچىلار خالىدە ئوبۇل مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە تەنھەرىكەتچى، مۇخبىر، تاماشىبىنلار مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئامانلىق قوغداش ھالقىسىدىن ئۆتىدۇ. زېمىستان قىشتا ئامانلىق قوغداش خادىملىرى خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە قىزغىن مۇلازىمىتى بىلەن تۈرلۈك... |
919 | شىنجاڭ قىشلىق ئىككى تۈر مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى كوماندىسى ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى شىنجاڭ 10 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى 25 يانۋار بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە قىشلىق ئىككى تۈر چاڭغا تېيىلىپ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى... |
920 | پەن مائارىپ قىشلىق تەتىللىك كۇرس ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت خەۋىرى، فوتوسى: كەلپىن ناھىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيى 26-يانۋاردىن باشلاپ گۈزەل سەنئەت، ئېلېكتىرونلۇق رويال، ئۇسسۇل، گىتار كۇرسلىرىدا رەسمىي دەرس باشلاپ، 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەشكە باشلىدى. |
921 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر يوپۇغا ناھىيەسى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر سېلىنمىسىنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ... |
922 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كەلپىندە يۇلغۇن ئاخبارات تارقىتىش ئىشخانىسى قۇرۇلدى پاتىگۈل غېنى، غەيرەت جاسارەت خەۋەر قىلىدۇ: كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان يەنە بىر يارقىن نۇقتا يۇلغۇن ئاخبارات تارقىتىش ئىشخانىسى غا يېقىندا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئۇقۇشىمىزچە، يۇلغۇن ئاخبارات تارقىتىش ئىشخان... |
923 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى مەخەت ھاموللا، ئوسمانجان ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: پەيزاۋات ناھىيەسى بۇلتۇر ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشقا دائىر ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، يېزا بازارلاردىكى ... |
924 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەسى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ياخشى چېنىقىش سورىنى ھازىرلاپ بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم، مەمەت ھېيىت خەۋىرى: گۇما ناھىيەسى بۇلتۇر 240 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 16 يېزا- بازاردا چېنىقىش مەيدانى ياساپ، چېنىقىش ئۈسكىنىلىرىنى ئورنىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ياخشى چېنىقىش سورى... |
925 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر توقسۇ ئاياللىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى مۇھەممەد تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ: قىشتىكى ئارىسال ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ يېزىدا ئېچىلغان كەشتىچىلىك كۇرسىغا قاتنىشىپ كەشتىچىلىك ھۈنىرىمنى پۇختىلىدىم، ھازىر ئۆيۈمدە دەستۇرخان ۋە ياستۇق قېپى كەشتىلەۋاتىمەن، چاغاندىن بۇرۇن سېتىپ خېلى ئوبدان كىرىم قى... |
926 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىرا ناھىيەسى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ سوممىسىنى يىلسېرى زورايدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، بۈمەريەم مەتتۇرسۇن خەۋىرى: 2011-يىلىدىن بۇيان، چىرا ناھىيەسى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ سوممىسىنى يىلسېرى زورايتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چى... |
927 | خەلقئارا رۇسىيەدە لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى دىكى مەنزىرىلەر قايتا نامايان قىلىندى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ لېنىنگراد ئوبلاستى ۋولوسوۋو شەھىرىدە 23-يانۋار لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. نەچچە يۈز... |
928 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12- بەش يىل دا كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋرى: كۇچا ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى نى ئۇدا بەش يىل يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇ... |
929 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى توقسۇ ناھىيەسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز ساتتار خەۋىرى: توقسۇ ناھىيەسى بۇلتۇر كىچىك تىپتىكى ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىلىق ناھىيە قۇرۇش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ... |
930 | شىنجاڭ زور ئۆزگىرىش، جۇشقۇن كەيپىيات، خەلقئارا سەۋىيە خالىدە ئوبۇل قىش پەسلىدىكى ئۈرۈمچى ئاپئاق لىباسقا پۈركۈنۈپ، سېھرىي كۈچكە تولۇپ، كىشىگە ئاجايىپ زوق بېغىشلايدۇ. مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، زامانىۋى، مەدەنىي، گۈزەل مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جا... |
931 | شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىسىم كارتىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق تونۇلغۇسى لى چىڭچىن 10 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئالتايلىقلار، ئاپئاق، كۆز يەتكۈسىز مۇزلۇق ۋە قارلىق دالا، قار مۇزلاردىن ھالقىغان قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان زامانىۋى شىنجاڭ... 20 يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشل... |
932 | شىنجاڭ كەمتەر دۇنيا چېمپىيونى ۋاڭ بىڭيۈ دۇڭ شاۋخۇا، لۇ فېڭباۋ ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە مۇسابىقىگە قاتناشماي، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم! ۋاڭ بىڭيۈ 25 يانۋاردىكى ئاياللار مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولدى. ئۇ خاربىن كوماندىسىنىڭ زاپاس تەنھەرىكەتچىسى بولسىم... |
933 | شىنجاڭ مۇز چەينىكى مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى چۆچەك كوماندىسىدىكى 11 ياشلىق ماھىر ۋاڭ يىۋا ئاتا ئانىسى بىلەن مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇز چەينىكى مۇسابىقىسىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، دىققەتنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى. ۋاڭ يىۋا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ مۇز چەينىكى تەنھەرىكىت... |
934 | خەلقئارا جۇڭگونىڭ 2-تۈركۈمدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ماددىي ئەشياسى پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تەمىنلىگەن 2-تۈركۈمدىكى ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون يۈەنلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشياسى 25-يانۋار پاكىستان پايتەختى ئىسلام ئابادغا يەتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش... |
935 | شىنجاڭ شىنجاڭ 300 مىليون كىشىنى قار مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش تىكى ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ -خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گو مىڭيۈنى زىيارەت لى ياڭ شىنجاڭ قار مۇز تەنھەرىكىتىنى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇردى، دەپ قارايمەن. ئىشىنىمەنكى، بىر قانچە يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تىكى... |
936 | شىنجاڭ كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن پەخىرلەندىم خالىدە ئوبۇل يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن مۇھەممەتتۇرسۇن سادىق 25 يانۋار ئەتىگەندىلا خوتۇنى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىگە كەلدى، 24 يانۋار ئۇ تېز مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ 500 مېتىرغا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى ئەرل... |
937 | شىنجاڭ ئالتۇن مېدال ماھىرلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى جىڭ بو شىنجاڭلىق يىگىت رەقىمباي تالابقان، جۇ جيافەن، دەستۇر تۇرسۇنقان ئەرلەر كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە 3 مىنۇت 49 سېكۇنت 19 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى، بۇ شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز تېيىلىش تۈرى... |
938 | شىنجاڭ ئالتايدا مول مەزمۇنلۇق قار مۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بېرىلدى جاڭ تىڭ ئالتاي ئىنسانىيەتنىڭ چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكىتى باشلانغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قار مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق قار مۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قار مۇز... |
939 | شىنجاڭ ئەجەبا سىز بىلمەمسىز؟ جاڭ يەنلى يۇرتىمىز ئەڭ گۈزەل، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلار، گۈزەل يايلاقلار بار... ئەجەبا سىز بىلمەمسىز، مانا بۇ شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان سارايلىرىدىكى مۇسابىقە ئارىلىقلىرىدا، مانا بۇ شىنجاڭ ناملىق ناخشا دائىم ياڭراپ تۇراتتى، مەيداندىكى تاماشىبىنلا... |
940 | شىنجاڭ شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىككى كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: 1 ئاينىڭ 25 كۈنى مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شەكىللىك مەيداندا چاڭغا تېيىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاياللار گۇرۇ... |
941 | شىنجاڭ ماھىرلىرىمىزنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى جەمئىي بەش ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، بەش مىس مېدال ئالدى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز كانكى تېيىلىش مۇسابىقىسى تۆت كۈن داۋاملىشىپ، 1 ئاينىڭ 25 كۈنى ئاخىرلاشتى، ئاپتونوم راي... |
942 | شىنجاڭ ليۇ يەنفېي: قەھرىتان سوغۇقتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مەزمۇت قەد كۆتۈرىمىز چاۋ جىن، جىڭ بو بارلىق كوماندا ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدىن ھالقىپ كەتتى، بۇ دەل بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماڭا سوۋغا قىلغان ئەڭ مۇكەممەل سوۋغا . ئاخىرقى بىر كوماندا ئەزاسىنىڭ ئاياللارنىڭ 5000 مېتىرلىق تېز كانكى تېيىلىش م... |
943 | مەملىكەت جازا ئۆتەۋاتقان قىسمەن جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى مۇخبىرنىڭ مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 29-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار چىقىرىپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانى ئىمزالاپ، قى... |
944 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە 3- شىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلارە تۇرسۇن خەۋىرى: 2015-يىلى بىڭتۇەن 3-شىسى مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر... |
945 | مەملىكەت 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت مىقدارى %7 تۆۋەنلىگەن مۇخبىرنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلانغان، ئەرزىيەتنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە بېسىلىپ قېلىش مىقدارى بىردەك تۆۋەنلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى مەملىكە... |
946 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى غۇلجا ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام بازىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: غۇلجا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام بازىسى ئارقىلىق ئاممىۋى خاراكتېردىكى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى... |
947 | مەملىكەت 2015-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاندى مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلىكىدىكى ۋە پېيى كونترول قىلىنىدىغان دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلانغان، قىسمەن كۆرسەتكۈچلە... |
948 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى 2015-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاندى مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلىكىدىكى ۋە پېيى كونترول قىلىنىدىغان دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلانغان، قىسمەن ك... |
949 | مەملىكەت جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى پەلەستىندە زىيارەتتە بولدى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجې 24-، 25- يانۋار جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پەلەستىندە زىيارەتتە بولدى. 24-يانۋار چۈشتىن كىيىن، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس نىڭ جىجې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئابباس، رەئىس ... |
950 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئاساسىي قاتلام بازىلىرى كېڭەيتىپ ياسالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: قورغاس شەھىرى 2015-يىلى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات بازىسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 30 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 13كەنت بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۈچۈن سېلىنىدىغان 91 يۈرۈش ئوبۇرۇت ئۆي قۇرۇلۇش... |
951 | مەملىكەت جايلار قولايلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ چاغانلىق سەپەرگە چىققان يولۇچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا تىنچ ئامان قايتىشىغا ياردەم بەردى 24-يانۋار بۇ يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت باشلانغان تۇنجى كۈن. جايلار قولايلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، چاغانلىق سەپەرگە چىققان يولۇچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا تىنچ ئامان قايتىشىغا ياردە... |
952 | خەلقئارا ھىندىستان فىرانسىيەدىن 36 دانە قۇيۇن ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالدى ھىندىستان زۇڭلىسى مودى زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بىلەن 25-يانۋار يېڭى دېھلىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھىندىستاننىڭ فىرانسىيەدىن 36 دانە قۇيۇن ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مودى بىلەن... |
953 | خەلقئارا فىرانسىيە دېگول نىڭ شام ئىسلام دۆلىتى گە زەربە بەرگەنلىكىگە دائىر سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 25-يانۋار، فىرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئالاقە ئۈسن-سىن ئىشخانىسى ئېلان قىلغان سۈرەتلەردە 2016-يىلى 18-يانۋار فىرانسىيەنىڭ دېگول ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى ئايان بولغان. فىرانسىيە... |
954 | خەلقئارا جاسۇسنىڭ ئۆلۈشى توغرىسىدىكى دوكلات ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 23-يانۋار قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا ق... |
955 | خەلقئارا سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا 25-يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە، ئەسلىدە 25-يانۋار باشلىنىدىغان سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 29-يانۋارغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگ... |
956 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ئېچىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى 25-يانۋار قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېچىلدى. |
957 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 129 مىڭ دېھقان-چارۋىچى مەنپەئەتلەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلاردىكى بخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، بىخەتەر ئ... |
958 | شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىدە مىللىيچە كىيىم-كېچەك لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: يېقىندا، يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان م ىللىيچە كىيىم-كېچەك لايىھەلەش مۇسابىقىسى يەكەن ناھىيەسى مۇقام تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچىسىغا چىرايلىق مىللىيچە كىيىم-كېچەك كىيگەن قىز-ئوغۇللار لەرزان مۇ... |
959 | خەلقئارا كورېيەنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئايروپىلان سانى 700دىن ئاشتى جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-يانۋار تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە دۆلەت زېمىنى-قاتناش مىنىستىرلىقى 26-يانۋار ئېلان قىلغان بىر سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت زېمىنى-قاتناش مىنىستىرلىقىدا تىزىمغا ئالدۇر... |
960 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى 12-بەش يىل دا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كاتتا شەرەپلەرگە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 12-بەش يىل مەزگىلىدە، تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەچكە، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كاتتا شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 12-بەش يىل... |
961 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مىشا يېزىسى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەخەت ھامۇللا خەۋىرى:پەيزاۋات ناھىيە مىشا يېزىسى2016-يىللىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇلتۇر 10-دېكابىردىن باشلاپ يېزا تەۋەسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچل... |
962 | خەلقئارا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى لائۇستا زىيارەتتە بولدى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 24-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە لائۇستا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە كېررى لائۇس زۇڭلىسى توڭسىڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى توڭلۈن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. |
963 | خەلقئارا ئاۋسترالىيەدە يەرلىك ئاھالىلەر دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-يانۋار، ئاۋسترالىيە سىدنېيدا يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزگىچە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئاۋسترالىيە كۈنى نى تەبرىكلىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇراسىمىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى يەر ئىگىدارلىرىنى... |
964 | ئۈرۈمچى ئىككى كۈندە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا 80 مىڭ يولۇچى ئادەم قېتىم ئۇزىتىلدى شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 25-يانۋار ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئىككىنچى كۈنىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى يولۇچىلار بىلەن لىق تولدى. ئوغۇچىلارنىڭ قىشىلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش مەزگىلى باشل... |
965 | خەلقئارا مىسىرنىڭ قاھىرەدە كىشىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ سىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 25-يانۋار، مىسىرنىڭ 25-يانۋار ئىنقىلابى نىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى مىسىر زۇڭتۇڭى سىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانىغا يىغىلىپ، سىسى ۋە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. |
966 | شىنجاڭ چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭدا 36 مەيدان مەدەنىيەت پائالىيتى ئۆتكۈزۈلىدۇ ئۆز خەۋىرىمىز: چاغان مەزگىلىدە ئارام كۈنىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز ؟ شىنجاڭ مەدەنىيەت تارماقلىرى بۇ مەزگىلدە 36 خىل مەدەنىيەت پائالىيتىنى شەھەر ئاممىسىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مە... |
967 | پەن مائارىپ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى: يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، دەرسخانا تەربىيەسى، مەكتەپ مەدەنىيىتى پا... |
968 | خەلقئارا چەت ئەل تاراتقۇلىرى: سۈرىيەدە 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم مۇھاسىرە قىلىنغان ياكى بېرىش تەس جايلاردا تۇرماقتا جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-يانۋار تېلېگراممىسى: قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رايونلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەدە 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم مۇھاسىرە قىلىنغان ئاھالىلەر نۇقتىلىرىدا ياكى بېر... |
969 | شىنجاڭ بۇلتۇر دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 8850 يۈەنگە يەتتى شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 25-يانۋار تېلېگراممىسى : 25-يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭلىق دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 8850 يۈەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن بەش يىلدا يەرلىك دېھقانلار ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 4120 ... |
970 | شىنجاڭ شىنجاڭدا قىش پەسىللىك سۇ قۇشلىرىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 24-يانۋار، شىنجاڭدىكى قىش پەسىللىك سۇ قۇشلىرىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، بۇ، شىنجاڭ مىقياسىدا ئەل ئىچى قۇش تاماشا قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قىش پەسىللىك سۇ قۇشلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملى... |
971 | خەلقئارا سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتى 29-يانۋارغا كېچىكتۈرۈلدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇلا 25-يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە 25-يانۋار ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۈرىيەدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 29-يانۋارغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. |
972 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى كىيىم-كېچەك تىكىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: يېقىندا، مۇخبىر خېجىڭ ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىدە 200 گە يېقىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك تىكىش تېخنىكىسى بويى... |
973 | شىنجاڭ بەش يىل ئىچىدە شىنجاڭدا يېڭىدىن 10 ئايرودۇرۇم قۇرۇلىدۇ مۇخبىرنىڭ يېقىندا خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى يېڭىدىن 10 ئايرودۇرۇم قۇرۇپ، ئالتە تارماق ئايرودۇرۇمنى كېڭەيتىدىكەن، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا تىرانسىپورت ئاي... |
974 | خەلقئارا سۈرىيە ھىمستا ئىككى قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 19 ئادەم قازا قىلدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-يانۋار سۈرىيەنىڭ ھىمس شەھىرىدە ئىككى قېتىم ئادەمبومبا پارتلاپ، ئاز دېگەندىمۇ 19 ئادەم قازا قىلغان. ھىمس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بارازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاز د... |
975 | مەملىكەت بۇلتۇر دېكابىردا بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى جۇڭگو ئاخبارات تورى 25-يانۋار تېلېگىراممىسى: مۇھىت ئاسراش تارمىقى بۈگۈن 26-يانۋار 74 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپەت ئەھۋالى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپەت مەلۇماتى ئۆلچەمگە توشقان كۈن سانى %35 كە يېتىپ، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن سانى ئى... |
976 | خەلقئارا ئىران يېڭى دېپلوماتىيەنى قانات يايدۇرماقچى مۇشۇ ھەپتىدە، ئىران زۇڭتۇڭى روھانى ئىتالىيە، ۋاتىكان ۋە فىرانسىيەگە بولغان زىيارىتىنى باشلاپ، ئىران خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ياۋروپا قىتئەسى بىلەن بولغان يېڭى بىر بەتنى ئېچىشقا ئۇرۇنىدۇ. روھانى شۇ يەر ۋاقتى 25-يانۋار ئىتالىيەگە بېرىپ، ئىتالىيە زۇڭلىسى ر... |
977 | خەلقئارا جەيكارد ۋىرۇسى ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلدى جەيكارد ۋىرۇسى ئادەتتە پاشا چېقىشتىن تارقىلىدىغان بولۇپ، ئالامەتلىرى دېنگې قىزىتمىسى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىكەن. نۆۋەتتە، جەيكارد ۋىرۇسى بىرازىلىيە، كولۇمبىيە قاتارلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە تارقىلىپ يۈرگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەسكەرتىپ، جەيكارد ۋىرۇسى ك... |
978 | مەملىكەت سوغۇق ئېقىمدا گۇاڭشىدا 100 مىڭ جىڭ تىلاپىيە بېلىقى ئۆلۈپ قالدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىشچىلار 26-يانۋار چىڭجوۋ شەھىرى كاڭشىلىڭ بازىرى بەيجى كەنتىدە سوغۇقتا ئۆلۈپ قالغان تىلاپىيە بېلىقلىرىنى سۈزمەكتە. سوغۇق ئېقىم ئېلىپ كەلگەن توڭدا گۇاڭشى ئۆلكىسى چىڭجوۋ شەھىرىدە 100 مىڭ جىڭدىن كۆپ تىلاپىيە بېلىقى ئۆلۈپ قالدى. |
979 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شىمالىي ئازادلىق يولى، مەدەنىيەت-سەنئەت يولىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئۈچ ئاي يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى 2018-يىلى يىل ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيەدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاپ، ئەسلىدىكى پىلاندىن بىر يىل بالدۇر قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ. قۇرۇلۇش ۋاقتى قىس... |
980 | مەملىكەت ئىچكى موڭغۇلنىڭ چوڭ ھىنگان ئورمىنى رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 49-قا چۈشتى يېقىندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ چوڭ ھىنگان ئورمىنى رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 49-قا چۈشۈپ، يەرلىكنىڭ بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا رېكورتىنى ياراتتى. قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغۇل چ... |
981 | شىنجاڭ شىنجاڭدا ھۆكۈمەت قارمىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەمدە ھەر خىل كۆلەمدىكى شىپاخانىلارنىڭ سانى 4000دىن ئاشتى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدا بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئويۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە 10-قېتىملىق شىنجاڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى دوختۇرخانىلار يىغىنى 26-يانۋار ئېچىلدى. بۇ ئويۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشى ش... |
982 | خەلقئارا 58- شىمالىي قۇتۇپ شەھىرى نورىلسكىدا ئەڭ ئاچچىق سوغۇق بولماقتا پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى خەۋىرى: رۇسىيە كراسنويارسكنىڭ چېگرا رايونىدىكى شەھەر نورىلسكىدا نۆۋەتتە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 58-قا چۈشتى. بۇ شەھەر شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ شىمالىغا 250 مىل كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئادەتتە بۇ يەردە بىر يىل ئىچىدىكى ئوتتۇر... |
983 | مەملىكەت باھارنىڭ قەدىمى يېقىنلاشقانسېرى چاغانلىق كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى |
984 | شىنجاڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى مەيدانىدا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى ئۆز خەۋىرىمىز: 26-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى. شۇ كۈنى فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مەيدانىدا تاماشىب... |
985 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قەشقەر شەھىرى نامراتلارغا يار يۆلەك بولۇش، ئېچىش خىزمىتى يىغىنى چاقىردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: 25-يانۋار، قەشقەر شەھىرى نامراتلارغا يار يۆلەك بولۇش، ئېچىش خىزمىتى يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ نامراتلارغا ي... |
986 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خىزمەت ئەترىتى ئىشچىلارغا ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى: ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىدىن بىڭتۇەن 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانىنىڭ 10-ليەنىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئۆتكەن بىر يىلدا يېزائىگىلىك ئىشچىلىرىغا ئۈن تۈرلۈك ئەمەلىي ئى... |
987 | مەملىكەت رىۋايەت تۈسىگە كىرگەن كىچىك شەھەر سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى تەسىرىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ئۇدا نەچچە كۈن قار يېغىپ گەنسۇ ئۆلكىسى يۈمىن شەھىرىنىڭ شەھەر يېزا ئارلىقىدىكى ئورمانلىقتا ھەيۋەتلىك تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى ھاسىل بولۇپ رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن گۈزەل مەنزىرىنى ئەكىس ئەتتۈردى. شۇنداق سوغۇق ھاۋارايى شارائىتىدا ... |
988 | شىنجاڭ 2015-يىلى شىنجاڭدا 8000غا يېقىن 2-پەرزەنت تۇغۇلدى مۇخبىرنىڭ 26-يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2-پەرزەنت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياخشى ئىشلىگەن بولۇپ، 15 مىڭ 469 ئائىلە ئىككىنچى پەرزەنتكە ئىلتىماس قىلغان،... |
989 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جياشىڭ شەھىرى شايار ناھىيەسىگە بەش يىلدا 14 مىليون يۈەنلىك ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت زالى ئەسلىھەلىرىنى ياردەم قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەرھات مىجىت، رىزۋانگۈل راخمان خەۋىرى: 25-يانۋار، شايارناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ، رادىيو-كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت زالى ئ... |
990 | خەلقئارا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 26-يانۋار، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، پاسفىكادىكى بىر ياتاق بىناسىدا ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپى كۆۈلۈپ، كىشىلەر جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى. |
991 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بايدا 15 مىڭ 430 نوپۇسنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەسى بۇلتۇر 14 مىليون 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توققۇز كۆلچەك ياساپ، يېڭىدىن بىر دانە سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇدۇقى قېزىپ، 134 كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە كونترول قىلىش ئۆيى سېلىپ، تۆ... |
992 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جايلاردىن تەرمىلەر ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى بۇلتۇر مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، پاراۋانلىق، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا 1 مىليارد 293 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبرا... |
993 | خەلقئارا كورېيە تاراتقۇلىرى: پارك گيۇنخاي ئىرانغا زىيارەتكە بارغان تۇنجى كورېيە زۇڭتۇڭى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار تېلېگراممىسى: كورىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ 27-يانۋار مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي نۆۋەتتە ئىرانغا زىيارەتكە بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ۋاقىتنى تېخى... |
994 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىدا 2016-يىلى يېڭىدىن سەككىز مەكتەپ سېلىنىدۇ ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلىدۇ ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونى 2016-يىلى 140 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، گۇەنيۈەن يولى ئوتتۇرا مەكتىپى، باداۋان يەسلىسى ۋە كۆرگەزمە مەركىزى بۆلەك رايونىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 77-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ... |
995 | شىنجاڭ تەڭرىتاغ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتى قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى سادىق ئىمىر خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرى قانات يايدۇرغان قار مۇز مەنزىرىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان قار مۇز ھەرىكىتىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتى 25 ، 26 يانۋار ئۈر... |
996 | ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا يېڭى مەسىلىلەر نى بايقىدى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغىنىغا ئۈچ كۈن بولغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 24 سائەتلىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى. ئالدىنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن كېيى... |
997 | شىنجاڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى باشلاندى يۈ شياۋيۈ بىلەن جىن ياڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە قوش كىشىلىك تېيىلىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى خالىدە ئوبۇل خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى 26 يانۋار چۈشتىن كېيىن باشلاندى. شىنجاڭ كو... |
998 | مەملىكەت ئېلېكتروۋوز دوختۇرخانىسى دىكى ئۇيقۇسىز كېچىلەر 26-يانۋار سەھەر 0 سېلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا چاڭشا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى چاڭشا ئېلېكتروۋوز رېمونت قىلىش سېخىدا چىراق نۇرى پارلاپ تۇرغان بولۇپ، ئېلېكتروۋوزلار توختىماي تەكشۈرۈشكە كېلىپ تۇراتتى. بۇ، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىردىنبىر ئېلېكتروۋوز تەك... |
999 | شىنجاڭ شىنجاڭلىق ماھىر جاۋياڭ قار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىپ چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئەركىن چاڭغا تېيىلىش تۈرىنىڭ قار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 26 يانۋار بوغدا كۆلى خەلقئار... |
1,000 | شىنجاڭ بوغدا كۆلىدە تەنتەنە نىجات ئىمىن 25 يانۋار فۇكاڭ شەھىرىنىڭ بوغدا يولى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى رىسالەت ئىمىن قىزى بىلەن بوغدا كۆلى خەلقئارالىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ 257 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تەنھەر... |
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.