id
int64
1
10.6k
text
stringlengths
21
32.1k
501
خەلقئارا جۇڭگو-ھىندىستان ساياھەت يىلى يېڭى دېھلىدا باشلاندى جۇڭگو رادىيو تورى خەۋىرى: 14-يانۋار، ئەنخۇي خۇاڭمېي دىراما ئۆمىكى ئارتىسلىرى يېڭى دېھلىدا ئويۇن قويماقتا. بۇ كۈنى، 2016-يىللىق جۇڭگو-ھىندىستان ساياھەت يىلى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا باشلاندى. 14-يانۋار، ھىندىستان ساياھەت مىنىستىرى شارما ھىندىستان يېڭى دې...
502
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پەيزىۋات ناھىيەسى باغۋەنلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەخەت ھامۇللا، ئوسمانجان ئابدۇكېرىم خەۋىرى: پەيزاۋات ناھىيەسى 2016-يىللىق باغ-ئورمانچىلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر 1-دېكاب...
503
پەن مائارىپ خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىدىن نەپ ئالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى، فوتوسى: خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار شەرققە قايتىش كۇ...
504
خەلقئارا 2015-يىلى ياپونىيەدە 20 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 15-يانۋار تېلېگراممىسى: ياپونىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ 15-يانۋاردىكى دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2015-يىلى ياپونىيەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن 1456 ئادەم ئازلىغ...
505
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىرا ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتى تېز بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، ئىمىنجان ئېلى خەۋىرى: چىرا ناھىيەسى بۇلتۇردىن باشلاپ، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى ناھىيە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان تۈۋرۈك كەسىپ قاتارىدا تۇتتى. چىرا نا...
506
مەملىكەت مايمۇن يىلىدىكى پوچتا ماركىسىنىڭ باھاسى 38 يۈەندىن 820 يۈەنگە ئۆستى 4-قېتىملىق مۆچەل پوچتا ماركىسى بولغان مايمۇن يىلىنىڭ پوچتا ماركىسى 2016-يىلى 5-يانۋار رەسمىي تارقىتىلدى، ئەسلىدە 38 يۈەن قىممىتىدىكى بۇ پوچتا ماركىسى تۇنجى كۈنى 420 يۈەنگە، ئەڭ قىممەت بولغاندا 820 يۈەنگە ئۆسكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا بېلەت ...
507
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يېڭىسار 3-كەنتىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىت...
508
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى مەملىكەتلىك ئارخىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ شەرىپىگە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى: يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئارخىپ خىزمىتى ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىدا كۇچا ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىق ئىجتىمائىي كاپالەت مى...
509
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: سۇ بايلىقى قىس، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاجىز، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش پىچان ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى باش قېتىقچىلىقى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. پىچان ناھىيەسى 12-بەش يىل ...
510
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايىدا ئۇچىدىغان، قونىدىغان ھاۋا لىنىيەسىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلىدۇ ماتېرىيال سۈرەت شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 20-يانۋاردىن 5-مارتقىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ دۆلەت ئىچى لىنىيەسى بېيجىڭ-ئۈرۈمچى-قەشقەر، بېيىجىڭ-ئۈرۈمچى-خوتەن ئىككى لىنىيەدە سىستېمىسى سەپلەنگەن بوئېن 373-800 ئايروپىلانى ئۇچۇش...
511
پەن مائارىپ ئاتلان يېزا بالىلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئاتلان مائارىپ، پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى قاسىمجان ئابدۇرېھىم 15-يانۋار خوتەن ناھىيە تەۋەككۇل يېزا قارادۆڭ كەنتىدىكى جۈنباڭ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، بۇ مەكتەپتىكى 120 نەپەر ئوق...
512
شىنجاڭ 2015-يىللىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى ئۆز خەۋرىمىز: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2015-يىللىق ئۇيغۇر خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى ، قازاق، قىرغىز دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە موڭغۇل ئالتۇن ئۆزەڭگە ئە...
513
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرىدىغان تاماشىبىنلار كىملىكىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ 15-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاچقان خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە كۆرگىلى كېلىدىغان تاماشىبىنلار بېلەت بىلەن كىملىكنى مەيدانغا بىللە ئېلى...
514
شىنجاڭ مايتاس شامال رايونى قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 16-يانۋار، شىنجاڭ ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ مايتاس يول بۆلىكى قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 417 نەپەر يولۇچى ۋە 101 ئاپتوموبىل قاپسىلىپ قالدى. مايتاس جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بازىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى...
515
شىنجاڭ مۇشۇ ھەپتە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قار ياغىدۇ تەڭرىتا تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 17-يانۋار كۈندۈز شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى، قارا شەھەر ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 17-يانۋار چ...
516
مەملىكەت جىلىندا كۆۋرۈك ئاستىدىكى يوغان مۇز تۈۋرۈك 90 گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا ئېرىتىپ چۈشۈرۈلدى جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھىرىدىكى چىڭيۈەن كۆۋرۈكى ئاستىدا شەكىللىنىپ قالغان يوغان مۇز تۈۋرۈكنى بىر قانچە خىزمەتچى خادىم 16-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن باشلاپ قاتتىق سوغۇققا قارىماي ئېرىتىشقا باشلىدى، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ...
517
مەملىكەت مۈشۈكئېيىق بالىسى بېي بېي ئامېرىكىدا نۇرغۇن مەستانىلەرنى جەلپ قىلدى ئامېرىكىدا ساياھەتتە بولۇۋاتقان مۈشۈكئېيىق بالىسى بېي بېي شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇنجى رەت ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۈشۈكئېيىق مەستانىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
518
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 18 مىڭ پارچە ئىشىك بېلىتى سېتىلىپ بولدى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ كۆلەملىك ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە مۇسابىقىسى. 17-يانۋار مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە ئۈچ كۈن قالغان بولۇپ، تەن...
519
شىنجاڭ 18-يانۋار قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش بۆلەكلەر بويىچە مۇسابىقىسى 18-يانۋار شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلىنىدۇ، شىنجاڭلىق 10دىن ئارتۇق ماھىر جۇ ياڭ، فەن كېشىن، ۋۇ داجىڭ قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ...
520
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر ھەپتىنى كۈتۈۋالىدۇ ئۆز خەۋىرىمىز. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، سىبېرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى ئۈچ كۈندە قار يېغىپ، قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر ھەپتىنى كۈتۈۋالىدىكەن. تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، 22-يان...
521
شىنجاڭ دارمېن بەيسېننىڭ ئەڭ ئاخىرقى جېڭى 13-يانۋار، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا دارمېن بەيسېن ئۇچىسىغا ئۈرۈمچى دېگەن خەت بېسىلغان ئاپېلسىن رەڭلىك چاپان كىيگەنىدى، ئۇ ھازىر شىنجاڭ شەكىللىك مەيداندا يەككە تاختىدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ...
522
شىنجاڭ كىرورەن قەدىمىي شەھىرىدىن تۇنجى قېتىم ۋېي، جىن بەگلىكىگە تەۋە ئەمەلدارلار تامغىسى بايقالدى ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات قىلىش ئورنىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ جاكارلىشىچە، ئارخېئولوگلار 2015-يىللىق قەدىمكى كىروران قاتنىشى بىلەن قەدىمكى ئادەملەر تۇرالغۇسىنىڭ ...
523
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئىككى قار تېيىلىش مەيدانى ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ 14-يانۋار مۇخبىرنىڭ يىپەك يولى قار تېيىلىش مەيدانى، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى قار تېيىلىش مەيدانى، بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانى، لەنتيەن قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلاردىن ئىگىلىشىچە، يىپەك يولى قار تېيىلىش مەيدانى ۋە تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى ...
524
مەملىكەت سىچۈەندە بىر ئەر قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەسىتىنى ساقلىغانلىقتىن قولغا ئېلىندى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 18-يانۋاردىكى خەۋەرگە قارىغاندا، سىچۈەن جياڭيوۋلۇق بىر ئەر ميەنياڭ، شەنشى قاتارلىقلار جايلاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قولىدىن 10 توننىغا يېقىن ياۋا چوشقا، يۇڭ تاجلىق بۇغا، جەيرە، بۇغا بالىسى قاتارلىق دۆل...
525
مەملىكەت نەنچاڭ غەربىي خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ دىياگنوز ئۆيى گە نەزەر يېقىندا، نەنچاڭ غەربىي خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىنىڭ ئاساسىي جەسەتدانى قاپلىنىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۆيىگە ئاپىرىلدى، ئارخېئولوگلار بۇ يەردە تەجرىبىخانا ئىچىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىن...
526
شىنجاڭ ئەركىن قار تېيىلىپ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى شىنجاڭنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشتىكى ئاساسىي كۈچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن جۇڭگو ئەركىن قار تېيىلىپ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جى دۇڭ: كوماندىمىزدىكى ماھىرلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى م...
527
شىنجاڭ پوسكام ناھىيەسىدە ئامما قار-مۇز ھۇزۇرىنى سۈردى 16-يانۋار جۇشقۇن مۇزىكا ۋە شادىيانە ئۇسسۇلغا ئەگىشىپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن توغراق قار-مۇز پائالىيىتى باشلاندى. شۇ كۈنى پوسكام ناھىيەسىنىڭ 10 يېزا-بازىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئامما ئالتۇن توغراق خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار ئۈستىدە ئارغامچا تارتىشىش، كوللې...
528
خەلقئارا ئامېرىكا شىركىتى دېڭىز ئۈستىدە راكېتا قايتۇرۇۋېلىشتا مەغلۇب بولدى بېيجىڭ ۋاقتى 2016-يىلى 18-يانۋار سەھەر سائەت 2:42دە، ئامېرىكىنىڭ -3 دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋاندېنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى نىڭ بۈركۈت 9-نومۇر 1 راكېتاسى...
529
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاھالىلەرگە قولاي بەش تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويىدۇ مۇخبىرنىڭ 14-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى بۇ يىل ئاپتوموبىل تىزىملىتىش، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىنى تەكشۈرتۈش، موتو...
530
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر بورتالا شەھىرىدە 3-كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرىدە 3-كەسىپ تېز تەرەققىي قىلىپ، قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010-يىلىدىكىنىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. ساياھەتچىلىكتە ئۇنىۋېرسال كۈتۈۋېلىش ...
531
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى تۆت دەرىجىلىك خوجىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ شەھەر، رايون، مەھەللە باشقارمىسى، مەھەللىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئورۇن ئورتاق باشقۇرىدىغان خوجىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھىرىمىزدىكى خوجىلىق مۇلازىمەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىدۇ. 800...
532
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتىن سودىگەر چاقىرىدۇ مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ج ك پ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تۇدۇڭخابا رايونى لىق 1-نۆۋەتلىك كومېتىتىنىڭ 6-ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىشقا ۋە تىجا...
533
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر بورتالا شەھىرىنىڭ شەھەر-يېزا قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، گۈلنار تۇداجى خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تېزلىكتە ئىلگىرىلەپ، قۇرۇلۇپ بولغان شەھەر كۆلىمى 20 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ساپ ھاۋالىق، گۈزەل، ئازادە، كۆركەم، ...
534
ئۈرۈمچى سەيلىگاھلاردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە قانداقلىكى سەيلىگاھ ياكى قار تېيىلىش مەيدانى بولسۇن، باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالسا ياكى مال سېتىشتا قاقتى-سوقتى قىلسا قاتتىق جازالىنىدىكەن، قىلمىشى ئېغىررا...
535
شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىش تەسلىشىشكە باشلىدى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 5-يانۋار سېتىلىشقا باشلىدى، 10 نەچچە كۈندىن بۇيان مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بېلەت سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. 17-يانۋارغىچە كۆپ قىسىم بېلەت سېتىلىپ بولدى. نۆۋەتتە، ...
536
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئائىلىۋى باقمىچىلىق مەيدانلىرى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى گۈزەلنۇر ئۆمەر خەۋەر قىلىدۇ: توققۇزتارا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنى ئائىلىۋى باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلىۋى باقمىچىلىق مەيدانلىر...
537
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر كۇچا دېھقانلىرى ئۈچ چوڭ كەسىپ كە تايىنىپ بېيىدى ئەھمەد ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر سىياسەتلىرىنى ئوبدان تەشۋىق قىلىپ، دېھقان چارۋىچىلارنى چىلانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلىگەچكە، دې...
538
پەن مائارىپ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش يېزا مائارىپىنى يۈكسەكلەندۈرۈشنىڭ كاپالىتى ۋاڭ شىچۈەن خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى 2015 2020 نى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا 300 يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى...
539
پەن مائارىپ مۇئەللىم، توردىن قانداق پايدىلىنىۋاتىسىز؟ ۋارىسجان ئەھمەد مۇئەللىم، ھەر قېتىم دەرس سورىغىلى ئىشخانىڭىزغا كىرگىنىمدە، توردىن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياكى كىيىم كېچەك كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە ياكى يان تېلېفوندا ئويۇن ئويناۋاتقىنىڭىزنى كۆرىمەن. ئىشخانىدىكى كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار توردىن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرىدىكەن، ...
540
پەن مائارىپ مائارىپ قەلب تەربىيەسىگە موھتاج ئەخمەتجان قاسىم ھازىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيە بېرىشى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇغۇچىنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرىش، يۈرەك تىۋىشلىرىغا قۇلاق سېلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر لا...
541
پەن مائارىپ بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار كۆپەيدى مەملىكەتلىك 2016 يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بۇلتۇر 26 دېكابىر ئېلىندى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016 يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا 1 مىليون 770 مىڭ كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %...
542
پەن مائارىپ مائارىپ نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچى خالىدە ئوبۇل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى مەلۇم دەرىجى...
543
شىنجاڭ قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدىن يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان لىنىيەدە 3 كۈندە 1700 كىشى توشۇلدى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارەت شىركىتى قىزىلتاغ ...
544
پەن مائارىپ خىزمەت ئەترىتى ئوقۇغۇچىلارغا سومكا سوۋغا قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى: جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارماق شىركىتىدىن قاغىلىق ناھىيە چوپان يېزا ئېلىنىش كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى 15-يانۋار كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 116 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 6500 يۈەن قىممىتىدىكى...
545
پەن مائارىپ شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قاراقاش تارماق مەكتىپى قۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قاراقاش تارماق مەكتىپىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 16-يانۋار ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، 1200 كىۋ...
546
خەلقئارا چىلىدا نەچچە نەچچە يۈز گېكتار ئورمانغا ئوت كەتتى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا تور بېتىنىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىدىكى رايونلاردا 11 مەيدان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. چىلى دائىرىلىرى 16-يانۋار نۇرغۇن رايونلاردا ئورمان ئوت ئاپىتى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقا...
547
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇدىكى قەلەمكەشلەر سۆھبەت ئۆتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان، ئابلەت ئابلىز، ئەزىزجان تۇردى، مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر 16-يانۋار ئاق مەرۋايىت رېستۇرانىغا جەم بولۇپ، ئونسۇدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ 2015-يلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خۇلاس...
548
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈردى جاۋ جۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئىككى يىغىن ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە...
549
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسىپورت نازارىتى يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئىككى مۇسابىقە رايونى ئارىلىقىدىكى دۆلەت تاشيولى، ئۆل...
550
شىنجاڭ مۇز چەينەك سارىيىغا دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇز ياتقۇزغۇچى ئۆز قولى بىلەن مۇز ياتقۇزدى 10 نەچچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق ئارقىلىق، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدىكى ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان، ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان مۇز چەينەك سارىيىنىڭ مۇز مەيدانى بارلىققا كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەملى...
551
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەندىكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ياشلار ياردەمگە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى: چەرچەن ناھىيەسى بۇلتۇر ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار، ئەمما مەبلەغ كەمچىل بولىۋاتقان 142 نەپەر ياشقا دۆلەتنىڭ 4 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇلىنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىدا...
552
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى توقسۇ ناھىيەسىدە شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز ساتتار خەۋىرى: 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ھالقىش تېزلىتىلگەن، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئەل مايىل قىلىنغان، شۇندا...
553
ئىجتىمائىي خەۋەرلەر بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدىن شىخوغا نەزەر 12 بەش يىل مەزگىلىدە شىخو شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 12 بەش يىل نىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %11 ئاشتى. ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىقى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش يېڭى بالداققا كۆتۈر...
554
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى پەن-تېخنىكىنى يۆلەك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىدە پەن-تېخنىكىنى يۆ...
555
مەملىكەت شەرقىي تىمورنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوت ئەترىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: 17-يانۋار، شەرقىي تىمور پايتەختى دىلىدا، شەرقىي تىمورنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شانانا گۇسماۋ جىنەن ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ پالوبىسىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان...
556
مەملىكەت 12-ئايدا 21 شەھەردە ئۆي باھاسى ئۆستى شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلى 12-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 ئوتتۇرا، چوڭ شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش تۇرالغۇ ئۆينىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىن مۇقىم بولغان، ئالدىنقى ئايدىكىدى...
557
ئۈرۈمچى تىيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تىيەنجىن 17-يانۋار تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تىيەنجىن ئاۋىياتىسىيەدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت 18-يانۋار ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن. مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 104 ئورۇندۇقلۇق، پۈتۈنلەي تې...
558
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر 236 تۈرنى يولغا قويدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 236 تۈرنى يولغا قويۇپ، 736مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى ئەمە...
559
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسىدىكى يېزائىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى 500دىن ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر يېزائىگىلىك ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنى كەسپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرغان دېھقانلارنى سىياسەت...
560
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 64-تۇەندە قىشلىق پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز بېكمۇرات قىدىرخان، ئايگۈل شېرىباي خەۋىرى: يېزا ئىگىلىك 4-شى 64-تۇەن پارتكومىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇەن ئورگان ۋە ئاساسىي قاتلاملاردا قىشلىق پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى. 64-تۇەن 17-ليەن پارتىيە ي...
561
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12 بەش يىلدا كەلپىن ناھىيەسىدە 6128 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن قۇربان، توختى ئابلەت خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 18 يانۋار كەلپىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 12 بەش يىل مەزگىلىدە كەلپىن ناھىيەسىدىكى 6128 ئىشسىز كىشى مۇقىم ئىش...
562
شىنجاڭ شىنجاڭ 2016-يىلى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىدۇ شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 17-يانۋار تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 500 نەپەر كىيىم-كېچەك كەسپىدە يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە...
563
خەلقئارا خەلقئارا جەمئىيەت ئىرانغا بولغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 17-يانۋار، ئىران تېھراندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف پارلامېنت بىناسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى شۇ كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىر...
564
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كورلا شەھىرىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 60 نەپەر مېيىپ ھەقسىز مېيىپلار ھارۋىسىغا ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: كورلا شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى 13-يانۋار كورلا شەھىرىگە قاراشلىق ھەرقايسى يېزا-بازار، مەيدان، كوچا باشقارمىسىدىن كەلگەن، قىيىنچىلىقى ئېغىر 60 نەپەر مېيىپقا ھە...
565
شىنجاڭ ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلىدىكى تۇنجى ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس تۈر پائالىيتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2016-يىلى ...
566
مەملىكەت شەندۇڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قاتتىق سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، جياۋجۇ قولتۇقىدىكى بېلىقچىلار كېمىسى مۇزدا توڭلاپ ماڭالماي قالدى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 18-يانۋار داۋاملىق شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قىسمەن جايلاردا سوغۇق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقى...
567
خەلقئارا ئىران قويۇپ بەرگەن ئامېرىكىلىق ئۈچ مەھبۇس دۆلىتىگە قايتتى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئىلگىرى ھاسىل قىلغان ئۆزئارا مەھبۇس قويۇپ بېرىش كېلىشىمى بويىچە، شۇ يەر ۋاقتى 17-يانۋار، ئىران قويۇپ بەرگەن بەش نەپەر ئامېرىكىلىق مەھبۇسن...
568
خەلقئارا چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرى ماڭيوڭدا ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۆز قىزىقىشى بويىچە مەشىق ئېلىپ باردى چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ 18-يانۋار تەمىنلىگەن سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرى پيوڭياڭدىكى ماڭيوڭدا ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۇسسۇل مەشىقى ئېلىپ بارغان. چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرى يېقىندا ئۆزگەرتىپ ياسالغان ماڭي...
569
مەملىكەت جۇ لىلۈن گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەردى شىنخۇا تورى، تەيبېي، 18-يانۋار تېلېگراممىسى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جۇ لىلۈن 18-يانۋار گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا رەسمىي ئىستېپانامە سۇندى ھەمدە مۇئاۋىن رەئىس خۇاڭ مىنخۇينىڭ پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈپ، كەلگۈسىدىكى نام...
570
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە 20-يانۋاردىن باشلاپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ 19-يانۋار ئۈرۈمچىدە داۋاملىق قار ياغىدۇ. 20-يانۋاردىن باشلاپ، ئاچچىق سوغۇقنىڭ قەدىمى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ تېمپېراتۇرا 18-قا چۈشىدىكەن. 21-يانۋاردىن ھەپتە ئاخىرىغىچە، ئاساسىي شەھەر رايونى قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ...
571
شىنجاڭ ئالاھىدە سوۋغا، ئالاھىدە تىلەك ئۆز خەۋىرىمىز: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تەشكىلىي كومىتېتقا سوۋغا تەييارلىغان بولۇپ، بۇ سوۋغىلار شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ 9-نومۇرلۇق بىناسى زالىغا توشۇپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆسن خەت ۋە رەسىم...
572
مەملىكەت خۇنەن چاڭشادا قىسمەن شەھەر ئاممىسى يولنىڭ ئوتتۇرىدىكى رىشاتكىغا يوتقان يېيىۋالدى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى جەنۇبىي شەھەر يولى ئوتتۇرسىدىكى قوغدىنىش رىشاتكىسى 18-يانۋار ئاممىنىڭ يوتقان يايىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى چاڭشادا ھاۋا ئالاھىدە ئوچۇق بولغان.
573
خەلقئارا ۋېنگىرىيەدە تاكسى شوپۇرلىرى نامايىش قىلدى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا شۇ يەر ۋاقتى 18-يانۋار تاكسى شوپۇرلىرى تاكسىلىرى بىلەن يوللارنى توسۇپ نامايىش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاكسىغا ئولتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ئۇبېر غا ئېتىراز بىلدۈردى. ئۇبېر نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا دېگۈدەك ئىش...
574
مەملىكەت جياڭسۇلۇق دېھقان ئۆزئارا ئوخشىشىپ قالىدىغان كونا، يېڭى، ئاخىرەتلىك 100 يۈەنلىكنى سېلىشتۇردى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچىڭ شەھىرى دافېڭ رايونى ۋەنيىڭ بازىرى شۇاڭزاۋ كەنتىدىكى دېھقان ما فېڭسەي 2015-يىلى بېسىلغان 5-يۈرۈش 100يۈەنلىك خەلق پۇلى، 2005-يىلى بېسىلغان 100 يۈەنلىك خەلق پۇلى ۋە راست پۇلغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان...
575
شىنجاڭ شىنجاڭ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى كادىلار تەڭرىتاغ تورى مېھىرلىك پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتناشتى ئۆز خەۋىرىمىز: 12-يانۋار تەڭرىتاغ تورى مەن مېھىرلىك پىدائىي، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەن بىلەن تېخىمۇ قالتىس بولغۇسى تېمىسىدىكى پائالىيەتنى يولغا قويغاندىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق زات ت...
576
مەملىكەت جېجياڭدىكى پومېشچىك شىركەت 3000 خىزمەتچىسىگە بىرلا ۋاقىتتا جەم بولۇش زىياپىتى بەردى جۇڭگو ياشلىرى تورى خەۋىرى: جېجياڭ تەيجۇدىكى لىئوۋ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى مول چاغانلىق تاماق ۋە كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن خىزمەتچىلىرىنىڭ كارخانىغا بېغىشلىغان تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە بىرلا ۋاقىتتا 298 ئۈستەلدە 3000دىن...
577
پەن مائارىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش تەربىيەسى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيەلىك مائارىپ، پەن تېخنىكا ئىدارىسى بىلەن ناھىيەلىك قىزىل كېرىست جەمئىيىتى 13-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل 10...
578
شىنجاڭ شىنجاڭدىكى توققۇز دۆلەتلىك سۇلۇ يەر باغچىسى يېڭىدىن سىناق نۇقتا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تەبىئىي قوغدىنىش رايونى ۋە سۇلۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن توققۇز دۆلەتلىك سۇلۇ يەر باغچىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مارالبېشى دۆلەتلىك...
579
پەن مائارىپ پەخرىم تىل تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەركىزى ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر چوڭ بازارغا جايلاشقان پەخرىم تىل تەربىيەلەش، يېتەكلەش مەركىزى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان ئەلا مۇلازىمىتى، ئىلغار دەرس ئۆتۈش ۋە يېتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوتتۇرا، باش...
580
مەملىكەت جۇڭگو 2015-يىلى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن 4 مىليارد 100 مىليون ساياھەتچى قېتىم نى كۈتۈۋالدى خەلق گېزىتى خەۋىرى: جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى 18-يانۋار بېيجىڭدا جۇڭگو ساياھەت ئىقتىسادى كۆك تاشلىق كىتابى 2015-يىللىق جۇڭگو ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش تەھلىلى ۋە 2016-يىللىق تەرەققىيات مۆلچەرى نى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭد...
581
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جايلاردىن تەرمىلەر ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى: چەرچەن ناھىيەسى بۇلتۇر مائارىپ-مەدەنىيەت تەرەققىيات يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. ئىككى كەچۈرۈم ، بىر ياردەم مەبلىغىدىن 7 مىليون 220 مىڭ ي...
582
خەلقئارا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-يانۋار تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 18-يانۋار، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاق...
583
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز ساتتار خەۋىرى: توقسۇ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە س...
584
ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە ئۈچ خىل يول بۆلىكىدە ئېھتىيات قىلىڭ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ھەپتىنىڭ بىرى ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ يول يۈزىگە يىغىلغان قار سەۋەبلىك يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتتى. 18-يانۋار، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچ...
585
مەملىكەت بېيجىڭ چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى پار تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتتى 2016-يىلى 18-يانۋار، بېيجىڭ چاڭئەن كوچىسى ئاخبارات سارىيى مېھمانخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى پار تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ، زور مىقداردىكى ئىسسىق سۇ 10 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە ئېتىلىپ چىقتى، ئاق تۇمان 10 نەچچە قەۋەتلىك بىنادىنمۇ ئېگىز يەرلەرنى قاپلاپ كەتتى.
586
شىنجاڭ جۇ ياڭ: ئۆزۈمگە بەك ئېغىر بېسىم چۈشۈرگۈم يوق ئۆز خەۋىرىمىز: 18-يانۋار چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللارنىڭ 1500 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇ ياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نىشان ب...
587
خەلقئارا سۈرىيەلىك تەلەيلىك مۇساپىرغا بىر مىليون ياۋرۇ كاتتا مۇكاپات چىقتى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: شياڭگاڭ مەجمۇئە گېزىتىنىڭ 17-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيەدىكى 30 ياشلىق سۈرىيەلىك مۇساپىر بۇلتۇر ئىيۇندا سېينې-مارن ئۆلكىسى سانيت دېنستىن لاتارېيە سېتىۋېلىپ، ئويلىمىغان يەردىن بىر مىليون ياۋرۇ كاتتا مۇكاپات چىقىپ،...
588
ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 4400 پارچە 118 يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى يولغا قويىدۇ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 18-يانۋار ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ قالدى، بۇ كۈنى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بىرلەشمە غەرب ئاۋىياتسىيەسى، شياڭپېڭ ئاۋىياتسىيەسى ۋە شياڭگاڭ تېز تىرانسپورتى بىلەن بىرلىكتە تۆۋەن تەننە...
589
پەن مائارىپ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قىشلىق تەتىللىك كۇرسلىرىدا دەرس باشلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيى بىلەن گۈزەل-سەنئەت سارىيى...
590
شىنجاڭ مۇز چەينەك مۇسابىقىسى بۈگۈن باشلاندى 19-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30 دا مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇز چەينەك مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە رەسمىي باشلاندى، بۇ مۇسابىقە تۈرىدە ئالدى بىلەن ئەرلەر ئاياللار ياشلار گۇرۇپپىسى ھەمدە ئارىلاشما گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقىسى ئېل...
591
پەن مائارىپ مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ئانا مەكتىپىگە 200يۈرۈش ئۈستەل-ئورۇندۇق ئىئانە قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، قەمەرنىساخان ئوبۇلھەسەن خەۋىرى، فوتوسى: چىرا ناھىيە گۇلاخما بازىرى ياپۇلاق كەنت 3-مەھەللىسىدىكى تۇرسۇنتوختى ئىسمايىل ئۇزۇن يىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باي بولۇپ 2013 يىلى گۇلاخ...
592
شىنجاڭ ئۈرۈمچى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەركىن شەكىلدە قار تېيىلىپ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تىرېنېرى جى دۇڭنى زىيارەت ئۆز خەۋىرىمىز: 21-يانۋار تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى قار تېيىلىش مەيدانىدا مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى فۇكاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ، 18-يانۋار مۇخبىر تەڭرىتاغ بۇغدا...
593
خەلقئارا كورېيەنىڭ چاغانلىق پويىز بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلىدى شۇ يەر ۋاقتى 19-يانۋار، كورېيە سېئۇلدا كورېيەنىڭ چاغانلىق پويىز بېلەتلىرى ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى، سېئۇل ۋوگزالى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەر ئۆچىرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋالدى. ئىگىلىنشىىچە، كوېيە ۋە جۇڭگونىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئەھۋالى ئوخشاش بولۇ...
594
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى ساياھەتچىلىكتە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئۈنۈمىنى كۆردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى:پىچان ناھىيەسى بۇلتۇر ئىلگىرىكى يىللاردىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ساياھەت رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ ساياھەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن، ساياھەتچىلىك ئىش...
595
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان نىياز، ئامىنە ئابلەت خەۋىرى: بۇلتۇر شايار ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدە...
596
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مۇلازىمەت ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋىرى: كۇچا ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى 15-يانۋار ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىكى داۋالاش خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئالاقاغۇ بازىرىغا بېرىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان پالەچ بولۇپ قېلىپ، ھەرىكىتى قولايسىز بولۇۋاتقان مېيىپلارنىڭ مېي...
597
ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خوتەن ئۆزپۈتۈك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى: ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى سىستېمىلىق تەربىيەلەش شارائىتىغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خوتەن ئۆزپۈتۈك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېقىندا لوپ ناھىيەسىدە ق...
598
شىنجاڭ شىنجاڭ قېتىقى بازار تاپتى شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى: 18-يانۋار، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى مال ترانسىپورت ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بازارلارنىڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلات تۈرىدىكى چاغانلىق ماللارغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقان. شۇنىڭدەك يېقىندا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىن...
599
مەملىكەت 58 ياشلىق مۇز توپ تەنھەرىكەتچىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى 18-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى مۇسابىقە كۈنى بولۇپ، بۇ نەچچە كۈندە شياڭگاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى چيەن پېيشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، 58 ياشلىق بۇ ماھىر بۇ نۆۋەتلىك م...
600
شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭدا 440 مىڭ نەپەر يېزا-بازار ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ مۇخبىرنىڭ 18-يانۋار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 440 مىڭ نەپەر يېزا-بازار ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، يېزا-بازاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4 ئىچىدە كونترول قىلىنىدى...