id int64 1 10.6k | text stringlengths 21 32.1k |
|---|---|
601 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەممە كەنتلىرىدە مەدەنىيەت بازىسى بەرپا قىلىندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى كەنت مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى يىلسېرى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋ... |
602 | شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى قىشلىق بېلىق تۇتۇشنى تاماشا قىلىدىغانلار 110 مىڭ ئادەم قېتىم غا يەتتى شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى 11-نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشىلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى 16-يانۋار باشلاندى. بۇ بايرام باشلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى 110 مىڭ ئادەم قېتىم گە يەت... |
603 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى جايلاردىن تەرمىلەر ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەن ئىمىن خەۋىرى: لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ بۇلتۇرقى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 110 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، 363 مىليون يۈەنلىك سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15ئۆستۈرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەن ئىم... |
604 | مەملىكەت جياڭشىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى جياڭشى ئۆلكىسى فېڭشىن ناھىيەسىنىڭ شىشەنشى يولىدا 19-يانۋار سائەت 7:15 ئەتراپىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىپ، 18 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارى خۇ پىكاپنى ھەيدەپ پىيادىلەر ئارىسىغا بۆسۈپ ... |
605 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى تەربىيەسى ئۇچتۇرپان ئاياللىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ناھىيە بازىرىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ۋە قىيىنچىلىقى بار 62 ... |
606 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تېمپېراتۇرا جىددىي تۆۋەنلەپ قار ياغدى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ھاۋا رايى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ دائىرىدە يەنە بىر قېتىم تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ قار ياغقان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭدا تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىر... |
607 | مەملىكەت سىچۈەن ساقچىلىرى 78 نەپەر ئادەم بىدىكىنى قولغا چۈشۈرۈپ، 15 نەپەر بوۋاقنى قۇتقۇزۇۋالدى شىچاڭ ۋوگزالىدا 18-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ساقچىلار 36 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى لياڭشەن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى خۇاشى شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 18-ئىيۇن بالا ... |
608 | خەلقئارا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى كالايس ئورمانلىقى مۇساپىرلار لاگىرىنى چېقىۋەتتى چېقىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، كالايس ئورمانلىقى لاگىرىنىڭ ئافغانىستان رايونى كۆيدۈرۈۋېتىلدى. خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 18-يانۋار سەھەردىن باشلاپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى كا... |
609 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئالتۇن باياۋان ماركىلىق چىلان مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات تىزىملىكىگە كىردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن 11-يانۋار ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەر... |
610 | شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى: 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 440 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ... |
611 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭدىن ھەق... |
612 | مەملىكەت ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 18-يانۋار سائەت 18:00 دە تارقاتقان ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شەرقتىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە جەنۇبتىكى ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 19-يانۋار... |
613 | مەملىكەت 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 370 مىليونغا يەتتى خەلق تورى، بېيجىڭ، 19-يانۋار تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-يانۋار 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نوپ... |
614 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى نامرات نوپۇسلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نامراتلارنى تۈجۈپىلىك يۆلەش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامرات نوپۇسلارنى بىر-بىرلەپ ر... |
615 | ئۈرۈمچى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ مۇسابىقە تەلىپىگە يېتىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇھىت ۋە ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قى... |
616 | خەلقئارا پولشانىڭ ۋوروكلاۋ 2016-يىللىق ياۋروپا مەدەنىيەت ئاستانىسى بولۇپ باھالاندى شۇ يەر ۋاقتى 17-يانۋار، پولشانىڭ ۋوروكلاۋدا كىشىلەر ۋوروكلاۋنىڭ 2016 -يىللىق ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت ئاستانىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ياۋروپا مەدەنىيەت ئاستانىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان ي... |
617 | شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى يېڭى دەۋرنى كۈتۈۋالدى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، 20 ئالتايلىق چارۋىچىدىن تەشكىللەنگەن مويلۇق تېرىدا چاڭغا تېيىلىش بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش ئەترىتى 13 نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. 61 ياشلىق ئىسلامبېك شاقشېن ئەترەت يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇ... |
618 | شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا 66 خىل كەسىپ كۆپەيتىلىدۇ مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىل بو... |
619 | شىنجاڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رەسمىي باشلىنىدىغان... |
620 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتىدە تۈزۈمنىڭ تولۇق قاپلىشىدىن قانۇندا بېكىتىلگەن خادىملارنى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ مۇخبىرنىڭ 18-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىن... |
621 | مەملىكەت 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر دېھقاننى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر دېھقاننى باھالاش نەتىجىسى 17-يانۋار بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. قۇتۇبى ناھىيەسى چۆرگۈل بازىرى چۆرگۈل كەنتىدىكى دېھقان باقىتقان قازىز ئاپتونوم رايونىمىزدىن باھالاشقا كىرگەن بىردىنبىر دېھقان سۈپىتى... |
622 | شىنجاڭ شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى تەنھەركەتچىلەر ياتىقىدىكى خىزمەتچى خادىملار تەنھەركەتچىلەرنى ئازادە مۇھىت، مۇۋاپىق يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشماقتا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزى تەنھەرىكەتچىلەر ياتىقىدىكى... |
623 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدىكى 100 پوجاڭزا سېتىش تور نۇقتىسى شەھەر ئاھالىلىرىگە پوجاڭزا سېتىشنى باشلايدۇ 23-يانۋاردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدىكى 100 پوجاڭزا سېتىش تور نۇقتىسى شەھەر ئاھالىلىرىگە پوجاڭزا سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك باشلايدۇ. |
624 | شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى تاغدا قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئۇيۇشتۇردى 18-يانۋار سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى تاغدا قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئ... |
625 | شىنجاڭ دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى 8 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى 8 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تارباغاتاي ۋىلا... |
626 | ئۈرۈمچى 1-فېۋرالدىن 26-مارتقىچە ئېتىبار بېلەتلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ 18-يانۋاردىن باشلاپ مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر، غۇلجا، خوتەن، لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان 118 يۈەنلىك ئالاھىدە ئېتىبار باھالىق بېلەتنىڭ ھەر قايسىسىدىن 550نى؛ ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، غۇلجا، خوتەن، لەنجۇغا بارىدىغان 118 يۈ... |
627 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 24-يانۋار ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ۋوگزالىدىن لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىغا بارىدىغان بىر جۈپ تېز پويىزنى كۆپەيتىدۇ چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى يەنى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ۋوگزالىدىن لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىغا با... |
628 | شىنجاڭ شىنجاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ئىش باشلىدى شىنجاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئىش باشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق- چارۋىچ... |
629 | مەملىكەت 11-نۆۋەتلىك جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى مەدەنىيەت بايرىمى، جۇغراپىيىلىك بەلگە مەدەنىيەت بايرىمى ۋە كەسپ مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى 11-نۆۋەتلىك جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى مەدەنىيەت بايرىمى، شۇنىڭدەك جۇغراپىيىلىك بەلگە مەدەنىيەت بايرىمى ۋە كەسپ مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 18-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئىگى... |
630 | شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى يىغىلغان قارلار ۋاقتىدا تازىلاندى 19-يانۋار، چاغانتوقاي ناھىيەسىدە قار تازىلاش ماشىنلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسىدە ئۇدا بىر قانچە كۈن قار يېغىپ، تاشيول قاتنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر قىلدى. مەزكۇر ناھىيە ... |
631 | مەملىكەت ئېلىمىزنىڭ مېيىپلار ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە رىقابەت ئۈستىدە نەزەرىيە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇردى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېيىپلار تەشكىلاتلىردىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ۋەكىل، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ... |
632 | مەملىكەت ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 370 مىليونغا يەتتى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-يانۋار 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليارد 370 مىليونغا يېتىپ... |
633 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، شاللاشنىڭ پۈتۈن جەريانى تېخىمۇ نازارەت قىلىنىدۇ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا 2015-يىللىق جۇڭگو ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىشىدىن ساقلىنىش، تۈزەش دوكلاتى ، 2014-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئەھۋ... |
634 | مەملىكەت دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنى شاللاپ چېكىندۈرۈش مېخانىزمى يولغا قويۇلدى دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا ئايرىم-ئايرىم مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىپ، فۇجيەن لوڭخۇ تېغى، گۇاڭدۇڭ دوڭخەي ئارىلى، خېبېي شىفۇ قاتارلىق ئۈچ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنى بىكار قىلدى. بۇ ــ دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىنى ش... |
635 | خەلقئارا 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى تانزانىيەدە زىيارەتتە بولدى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پەن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ خەيلياڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى تانزانىيە ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 15-يا... |
636 | مەملىكەت لى يۈەنچاۋ: مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ 19-يانۋار جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ ك... |
637 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى تۆت تارماق پۇل مۇئامىلە ئۆز ئارا ياردەم مەھەللىسى قانۇنسىز ئورگانغا تەۋە، دېدى بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 18-يانۋار خېيىم-خەتەر ئەسكەرتىشى ئېلان قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئۆز ئارا ياردەم مەھەللىسى ۋە شۇنىڭغا ئ... |
638 | مەملىكەت بېيجىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ پۇتبول تۈرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى تۈرى قىلىپ بېكىتىدىكەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەر مەكتەپ ئىچىدە پۇتبولنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ پۇتبول تۈرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى تە... |
639 | خەلقئارا مىسىر بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە مىسىرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى نامۇنا يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مىسىردىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭ... |
640 | خەلقئارا ب د ت: سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ھازىر ئالاقىدار تەرەپلەر سۇرىيەدىكى قايسى ئۆكتىچىلەرنى كېلەر ھەپتىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشتۇرۇش ئۈستىدە تېخى بىرلىككە كېلەلمىدى، بىرل... |
641 | خەلقئارا ب د ت ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى: جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدە ئاچارچىلىق پەيدا بولدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ: جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسىدە بۇ يىل قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن ئاشلىق ھوسۇلى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ئاچارچىلىق پەيدا بولۇپ، 14 مىليون ئادەم بۇنى... |
642 | خەلقئارا ئىران: ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازاسى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن جابىر ئەنسارى تۈنۈگۈن تېھراندا: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قورال-ياراق سودىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قاراتقان يېڭى جازاسى قانۇنغا ئۇي... |
643 | مەملىكەت مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا جۇدۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 21-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى شىمالدىن جەنۇبقا بويلىغان رايونلاردا بورانلىق ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئېلىمىزنىڭ... |
644 | مەملىكەت جىلىندا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جىلىن ئۆلكىسى 16-يانۋاردىن باشلاپ قاتتىق سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كەڭ كۆلەمدە جۇدۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. 19-يانۋار، چاڭچۈندىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىدا 20 مېتىردىن ئارتۇق كېلدىغان غايەت زور مۇز شارقىر... |
645 | خەلقئارا ئىتالىيە كاگلىيارىدا ئىككى مېترو پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئىتالىيە كاگلىيارىدا شۇ يەر ۋاقتى 19-يانۋار ئىككى مېترو سوقۇلۇپ، 30 ئادەم يارىلاندى. |
646 | خەلقئارا ياپونىيەنىڭ شەرقىدە جۇدۇنلۇق ھاۋارايى بولدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 18-يانۋار، ياپونىيەنىڭ شەرقى ۋە شىمالىدا قاتتىق قار ياغقان، توكيونىڭ شەھەر رايونىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ئالتە سانتىمېتىر قار ياغقان. ناچار ھاۋارايىدا 204 ئادەم يارىلانغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قاردا تېيىلىپ يىقىلغان بولۇپ، پەقەت توك... |
647 | مەملىكەت نەنجىڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى باشلاندى 19-يانۋار، نەنجىڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 2016-يىللىق سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىنو ۋە تېلېۋىزىيەدە رول ئېلىش قاتارلىق سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى باشلاندى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياشلار قاتتىق سوغۇققا قارىم... |
648 | مەملىكەت بۇلتۇر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياپونىيەدە 80 مىليارد يۈەننى خەجلىۋەتتى بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى خەۋىرى: ياپونىيە زېمىن-قاتناش ۋەزىرىنىڭ 19-يانۋار ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە، 2015-يىلى چەت ئەللەردىن ياپونىيەگە جەمئىي 19 مىليون 737 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ساياھەتكە كەلگەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئومۇمى... |
649 | شىنجاڭ 2000 غا يېقىن كىشى قار تازىلاپ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مەدەت بەردى ئۆز خەۋىرىمىز: 19-يانۋار ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن بولۇپ 1500 كىشىنى تەشكىللەپ، ناھىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى 300 دىن ئارتۇق ئوفېتسىر-ئەسكەرنى سەپەرۋەر... |
650 | شىنجاڭ شىنجاڭدا يېڭىدىن تۆت دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسى كۆپەيتىلىدۇ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا 22 دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق نۇقتا قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاپ ماقۇللىدى. شىنجاڭدىكى كۇچا كۈسەن دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسى، يوپۇغا داۋاكۆل دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسى، مەكىت دۆل... |
651 | خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر مارتىن لۇتېر جېرنى خاتىرىلىدى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى خەۋىرى: 18-يانۋار، مارتىن لۇتېر جېرنى خاتىرىلەش كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئالەمدىن ئۆتكەن بۇ قارا تەنلىك خەلق ھوقۇقى رەھبىرىنى ئەسلىدى. گەرچە مارتىن لۇ... |
652 | شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن خاتىرىلەر يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلىدۇ 19-يانۋار مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېلېۋىزى... |
653 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 18-يانۋار سائەت 15:25دە، تىيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر لىنىيەسىدىكى تۇنجى 7491 نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كورلا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. بۇ، ئۈرۈمچى-كور... |
654 | مەملىكەت ما يۈن، جاۋ ۋېي، لى ليەنجيې يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس ئۆتتى شىنخۇا تورى خەۋىرى: ما يۈن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى مۇكاپاتى غا ئېرىشكەن يۈز نەپەر ئوقۇتقۇچى خەينەن سەنيادا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىگە قايتىپ ، بىر قېتىم ما يۈن، لى ليەنجيې، جاۋ ۋېيلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدى. دوسكا تايىقىنى تاشلىغىنىغا 20 يىل بولغان ما يۈن ئۆزىنىڭ ئو... |
655 | پەن مائارىپ خاڭجۇدىن كەلگەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بوغچىسى كۇچاغا يېتىپ كەلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: خاڭجۇ شەھىرىدىكى ساخاۋەتچىلەر ئىئانە قىلغان 35 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بوغچىسى كۇچا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ناھىيەلىك قۇياش نۇرى جەمئىيىتى ئارقىلىق 19-يانۋار كۇچا ناھىيەس... |
656 | مەملىكەت شۇ يىللاردىكى قار-مۇز ئىشتىياقى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قىزىقىشقا باشلىدى. مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر ئارقىلىق دەۋر ھالقىپ، شۇ يىللاردىكى جۇڭگو ئاممىسىنىڭ قار-مۇز ئەس... |
657 | مەملىكەت ھەشەمەتلىك قىز كۆچۈرۈش تورداشلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېقىندا شەندۇڭدا ھەشەمەتلىك بىر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. قىز كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن مېرسىدېس بىننىس ، لامبورگىنى ، باۋما قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللار كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان. توي قىزى داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرماستىن، تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ... |
658 | شىنجاڭ شىنجاڭ تۆمۈريوللىرى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 3 مىليون 81 مىڭ يولۇچىنى توشۇيدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: چاغانغا ئازلا قالدى، چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى نۇرغۇن كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى، ئۇنداقتا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريوللىرى بۇ يىل چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە زادى قانچىلىك يولۇچىنى توشۇيدۇ؟ ئۈرۈم... |
659 | پەن مائارىپ يوپۇغا بالىلىرى تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكتە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى: يوپۇغا ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلنى كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قىشلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئاچتى. |
660 | شىنجاڭ سانجى شەھىرىدىكى 70 ياشتىن ئاشقان بوۋاي قەغەز قىيما ئەسىرى ئارقىلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا سانجى شەھىرى بېيجىڭ جەنۇبىي يولى گىئولىك ئاھالە كومىتېتىدىكى خاۋ شيەنيى بوۋاي ۋە ئايالى لى جىنخۇا ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قىزغى... |
661 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 27-قېتىملىق قىشلىق پەن-تېخنىكا پائالىيىتى باشلاندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ 27-قېتىملىق قىشلىق پەن-تېخنىكا پائالىيىتى بويىچە كۆكتاتچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش كۇرسى 19-يانۋار ھەرقايسى يېزا-بازارلار... |
662 | مەملىكەت 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 11 مىليون ئادەم پويىزغا ئولتۇرۇپ شاڭخەيدىن ئايرىلىدۇ شىنخۇا تورى خەۋىرى: 19-يانۋار، يولۇچىلار شاڭخەي ۋوگزالىدا بېلەت تەكشۈرتمەكتە. 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 24-يانۋار رەسمىي باشلىنىدۇ، شاڭخەي تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 40 كۈن ئىچىدە 11 مىليو... |
663 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كورلا شەھىرى 4 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم مەبلىغى تارقاتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر ئىدارە خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە باشتىن ئاخ... |
664 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسى 12-بەش يىل دا مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك تۈر مەبلىغىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، تۈر ئارقىلىق يېتەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەۋ... |
665 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى فوشەن شەھىرى قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك ياردەم قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەخەت ھامۇللا، ئوسمانجان ئابدۇكېرىم خەۋىرى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەر شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى قانات يايدۇرغان زېمىستاندا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتى... |
666 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كەنت-بازار بانكىسى باقمىچى ئائىلىلەرگە باش پاناھ بولدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى: كۇچا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كەنت-بازار بانكىسى بۇلتۇر ئاقئۆستەڭ يېزىسىدىكى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 260 دېھقان ئائىلىسىگە10مىليون 280مىڭ يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ھەل ق... |
667 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسى زامانىۋىي يېزائىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئەسلىھەلىك يېزائىگىلىك ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، زامانىۋى... |
668 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدە ئىنتىزامچان بولۇش، قائىدىگە رىئايە قىلىش، نەمۇنىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنىياز، ئامانگۈل خەۋىرى:ئونسۇ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللىگەن ئىنتىزامچان بولۇش، قائىدىگە رىئايە قىلىش، نەمۇنىلىقن... |
669 | خەلقئارا ھىندۇنېزىيە يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان كۈن تولۇق تۇتۇلۇشتىن پايدىلىنىپ ساياھەتنى جانلاندۇرماقچى شىنخۇا ئاگېنتلىقى جاكارتا 19-يانۋار تېلېگراممىسى: ھىندۇنېزىيەدە بۇ يىل 9-مارت كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ، بۇ ھىندۇنېزىيەدە يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان ئاسترونومىيە ھادىسىسى بولۇپ، ھىندۇنېزىيە ساياھەت مىنىستىرلىقى بۇ كۈننى كۈتۈ... |
670 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان گاز پونكىتى دوڭقوتانلىقلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمايىل خەۋىرى: كۇچا ناھىيە دۆڭقوتان بازىرى 9 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان، 3560 كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە زامانىۋىي گاز قاچىلاش پونكىتى بۇلتۇر 12-دېكابىردىن باشلاپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەند... |
671 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پىچان ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى 2015-يىلى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى دەل ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەنلىكتىن، سودىگەر ... |
672 | شىنجاڭ دۆلەتلىك خوتەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەركىزى شىنجاڭدا قۇرۇلدى 17-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلاتلارنى نارارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بۇ تەتقىقات ئورنىغا تەسىس قىلىنغان دۆلەتلىك خوتەن قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈر... |
673 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەسى 13-بەش يىل لىق پىلاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئۇل سالدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىكىم مۇھەممەت خەۋىرى: گۇما ناھىيەسى 12-بەش يىل لىق پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى غەلبىلىك تاماملاپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئىگە قىلدى. بۇ، ناھىيەنىڭ 2015-يىلى ناھىيە بويىچە ئ... |
674 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قۇمۇل شەھىرى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت بازىسى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى يۈسۈپ ئىسمائىل، ياسىمەنئاي ئالىم خەۋەر قىلىدۇ: قۇمۇل شەھىرى رايون ۋە قاتناش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروت بازىسى ئامبىرى، يەتكۈزۈش مەركىزى، سودا مەركىزى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىن ئەشي... |
675 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى لوپنۇر ناھىيەسى دېھقانلارغا ھەقسىز يەم خەشەك تارقاتتى ھەسەن ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: لوپنۇر ناھىيەسى ناھىيە مالىيەسىدىن 400 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، 200 توننا يەم خەشەك سېتىۋېلىپ، 1024 باقمىچى ئائىلىسىگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بەردى. شىڭپىڭ يېزىسىنىڭ كۆنچى ك... |
676 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى مىشا يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ زامانىۋى ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى مەخەت ھاموللا، ئوسمانجان ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىش بويىچە دې... |
677 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چەرچەن ناھىيەسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەننىڭ پايدىسىنى كۆردى مەڭلىك ئىمىننىڭ چەرچەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چەرچەن ناھىيەسى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەر... |
678 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈم كۆرۈلدى شەمشىدىن خەپتىمھاجىم خەۋەر قىلىدۇ: ئۇلۇغچات ناھىيەسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، خاس باغ ئورمانچىلىق، خاس تېرىقچىلىقنى يۈ... |
679 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ... |
680 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى سىجىل ئاشتى ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پىششىقلاش، ياسىمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقتىن، ناھ... |
681 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بورتالا شەھىرىدە تۈرلۈك ئىشلار گۈللىنىپ، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرىنىڭ شەھەر مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىم جەمئىي 7 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمى مالىيە چىقىمىنىڭ %80... |
682 | شىنجاڭ ئەڭ ياخشى ئەتلەس قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھەدىيە قىلىندى ئۆز خەۋىرىمىز: باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىدىكى ئەتلەس قول ھۈنەر توقۇمىچىلىق ۋارىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن توقىغان سوۋغىسى ــــ ئەتلەس لېنتىنى قوب... |
683 | خەلقئارا رۇسىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق قار ياغدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 19-يانۋار، رۇسىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق قار ياغدى. قىزىل مەيداندا يىغىندى قارلار تاغدەك دۆۋىلەندى. |
684 | شىنجاڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ياخشى تىلەكلەر تىلەندى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: يېقىندا، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئېمىل قار تېيىلىش مەيدانىدا مول مەزمۇندىكى ئانا-بالىلار قار ئويما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قا... |
685 | خەلقئارا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: 40 توننىدىن كۆپ ماددىي ئەشيا سۈرىيەنىڭ تېررورچىلار كونتروللۇقىدىكى رايونلىرىغا ھاۋادىن تاشلاندى يەر شارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ مايور گېنېرال 40 توننىدىن كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردى... |
686 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى قاپاق ياردى مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى 18-يانۋار سەھەردىن باشلاپ ياغقان قار تاكى 19 -يانۋارغىچە داۋاملىشىپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق مەزگىل قاپاق ياردى مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى. قاپاق ياردى كىرىشى بىلەن، بۈگۈن 20-يانۋار ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ قېتىمقى سوغ... |
687 | خەلقئارا بۇلتۇر ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچى ئازلىدى شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارىژ 19-يانۋار تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنى باشقۇرۇش شىركىتى 19-يانۋار ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلى پارىژدىكى ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جەمئىي 6 مىليون ... |
688 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قەشقەر ۋىلايىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، ئاينۇر ئابدۇغېنى خەۋىرى: بۇلتۇردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سال... |
689 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قەشقەر شەھىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 14 مىڭ كىشى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن خوشلاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاينۇر ئابدۇغېنى خەۋىرى: قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازىرىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى تۇنساخان مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ھازىر بىر تىككۈچىلىك كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتىم،... |
690 | مەملىكەت چوڭ ئاققۇنىڭ قىشىتىكى مۇھەببەت ناخشىسى شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىگە توغرا كېلىدىغان شەندۇڭ ئۆلكىسى روڭچىڭ شەھىرىنىڭ سايلىق يەر كۆلىمى كەڭ ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، ھەر يىلى نويابىر ئايلىرىدىن كېلەر يىلى مارتقىچە ئون مىڭغا يېقىن چوڭ ئاققۇ ۋە ھەر خىل ئەتىۋارلىق قۇشلار سىبېرىيە قاتارلىق ... |
691 | پەن مائارىپ خىزمەت ئەترىتى مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى: ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسىدىن بىڭتۇەن 3-شى پەيزاۋات باش مەيدان 9-ليەنىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، باش مەيدان 3-تارماق مەكتىپىگە سېلىپ ... |
692 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى توردىكى مالنىڭ باھاسىنى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ، ئاندىن تۆۋەنلىتىپ سېتىش ئەھۋالىنىڭ جازالىنىشى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۈندىن كۈنگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بەزى سودىگەرلەر پايدىنى كۆزلەپ باھانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاندىن تۆۋەنلىتىش ئويۇننى ئوينىماقتا. باھانى ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاند... |
693 | شىنجاڭ شىنجاڭلىق كىچىك ماھىر قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئۆز تالانتىنى تولۇق نامايان قىلدى 19-يانۋار مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1000 مېتىرغا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭلىق 18 ياشلىق ماھىر ۋاڭ خۇڭلى مۇۋەپپ... |
694 | مەملىكەت دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدۇ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر ئېلان قىلدى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پىكىر دېيىلىدۇ نى ئېلان قىلدى. پىكىر دە مۇنۇلار تە... |
695 | خەلقئارا يەر شارى باي-نامراتلىق پەرقى دوكلاتى ئېلان قىلىندى باش ئىشتابى ئەنگلىيەگە جايلاشقان خەلقئارا خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى ــ ئوكسفوم نىڭ 18 -يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ھازىر يەر شارى بويىچە ئەڭ باي 62 ئادەمنىڭ ئومۇمىي مۈلكى بىر تىرىليون 760 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ پۈتۈن دۇنيا 3 مىليارد 6... |
696 | شىنجاڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 20-يانۋار باشلىنىدۇ قار-مۇزلۇق تەڭرىتاغ، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن يىپەك يولىدا قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل كېلەچەكنى كۈتۈۋالايلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 19 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئ... |
697 | پەن مائارىپ 2016-يىلى يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 19-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016 - يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا 12 - بەش يىل مەزگىلىدىكى مائارىپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، 13-بەش يىلدىكى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇ... |
698 | مەملىكەت 2016-يىللىق تۆمۈريولدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش 24-يانۋاردىن باشلىنىپ 3-مارت ئاياغلىشىدۇ 2016-يىللىق تۆمۈريولدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاياغلىشىدۇ، يەنى 40 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ يىل چاغان بۇلتۇرقىدىن بالدۇر كېلىدۇ. چاغاندىن ئىلگىرى يولۇچىلار ئېقىمى نىسبەتەن مەركەزلىشىپ، چ... |
699 | شىنجاڭ 1300 دانە ئەتلەس شايىدىن توقۇلغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدال لېنتىسى 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى يېقىندا 1300 دانە ئەتلەس شايىدىن توقۇلغان مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مېدال لېنتىسى 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىس... |
700 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 19-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خانىبات سابۇكەي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 2015-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز سودا-سانائەت مەمۇ... |
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.