id int64 1 10.6k | text stringlengths 21 32.1k |
|---|---|
701 | شىنجاڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر قايسى تىللاردىكى قاناللاردا تەڭرىتاغقا مۇھەببەت. قار-مۇز رىشتىسى. جۇڭگو ئارزۇسى ـــ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن خاتىرىلەر ئاساسىي تېما قىلىنغان ئاخبارات مەخسۇس فىلىمىنى كۆرسىتىدۇ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاند... |
702 | شىنجاڭ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھاۋا ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولىدۇ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 19-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھاۋانىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىس... |
703 | ئۈرۈمچى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياخشى ساھىبخانلاردىن بولۇش ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بەس- مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىلاردىن بولۇپ قالدى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياخشى ساھىبخانلاردىن بولۇش يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىلاردىن بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك... |
704 | شىنجاڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تەشكىلىي كومىتېتقا سوۋغا تەييارلىدى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تەشكىلىي كومىتېتقا سوۋغا تەييارلىغان بولۇپ، بۇ سو... |
705 | شىنجاڭ ئالتاي كوماندىسىدىكىلەر يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي مەشىق قىلدى يېقىنقى بىر مەزگىلدە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش تۈرىگە قاتنىشىدىغان ئالتاي كوماندىسىدىكىلەر يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇت... |
706 | پەن مائارىپ ئاپتونوم رايونلۇق 2016-يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 19-يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 2016-يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا كەنتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تى... |
707 | خەلقئارا ئىران بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى ئەگرى توقاي يول غا كىردى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 16- يانۋار دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىكى زۆرۈر تەييارلىق باسقۇچلارنى تاماملاپ بولغانلىقىنى دەلىللىدى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ ... |
708 | خەلقئارا جۇڭگو ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىق كارخانىسى زاھىد كەلگۈسى ئېنېرگىيە چوڭ كارخانىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 9-نۆۋەتلىك دۇنيا كەلگۈسى ئېنېرگىيە باشلىقلار يىغىنى يەنى ئەبۇزەبى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەپتىلىكىدە، جۇڭگو ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىق كارخانىسى بىيادى زاھىد كەلگۈسى ئېنېرگىيە چوڭ مۇكاپاتىنىڭ چوڭ كارخانىلار مۇك... |
709 | تېمىلىق خەۋەر ئالتاي كوماندىسىدىكىلەر يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي مەشىق قىلدى يېقىنقى بىر مەزگىلدە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش تۈرىگە قاتنىشىدىغان ئالتاي كوماندىسىدىكىلەر يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ۋاقىتنى ... |
710 | مەملىكەت چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي ئوبلاستىنىڭ مېنيۈەن ناھىيەسىدە 6 بال يەر تەۋرىدى جۇڭگو يەر تەۋەرەشنى كۈزىتىش ئىستانسىسى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 21-يانۋار سائەت 1:13 دە چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي ئوبلاستىنىڭ مېنيۈەن ناھىيەسى شىمالىي كەڭلىك 37 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 101 گىرادۇس دە 6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇ... |
711 | مەملىكەت كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن خاڭجۇدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىلدى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان. |
712 | مەملىكەت خاڭجۇدا تاللا بازىرىدىكى مال جازىلىرى قۇرۇقدىلىپ قالدى 20-يانۋار خاڭجۇ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق قاردىن مۇداپئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان. قاتتىق قاردا سىرتقا چىقالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن شەھەر ئاھالىلىرى تاللا بازارلىرىدىن بەس-بەستە يېمەكلىك قاتارلىق كېرەكلىك تۇرمۇش لا... |
713 | شىنجاڭ تۇرپاندا ئۇدا نەچچە كۈن قار ياغدى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 20-يانۋار، مۇخبىرنىڭ تۇرپان ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 19-يانۋار تۇرپان ئىدىقۇت رايونى 2016-يىلدىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالغان. توختىماي تۆكۈلگەن قار گۈللىرى پۈتۈن شەھەرگە كۈمۈش رەڭلىك تون كىيگۈزۈپ، قار ئاستىدا قالغان تاشيوللاردا ... |
714 | خەلقئارا گىرېتسىيەدىكى دېھقانلار تىراكتورلىرى بىلەن يوللارنى توسۇپ ئېتىراز بىلدۈردى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 20-يانۋار، گىرېتسىيەدىكى دېھقانلار تىراكتورلىرى بىلەن يوللارنى توسۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا ئېتىراز بىلدۈردى. |
715 | مەملىكەت نەنجىڭدىكى تيەنئەنمېن بىناسى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 19-يانۋار كەچ، مەن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېننى سۆيىمەن تېمىسىدىكى چىراغلار گۇرۇپپىسى جياڭشى ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى رايونىدىكى باغچىدا يورۇتۇلدى. بۇ چىراغلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 نەچچە مېتىر، ئېگىزلىكى 20 مېتىر بولۇپ، بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېننى ئۆزگى... |
716 | مەملىكەت گەنسۇنىڭ غەربىدىكى شەھەرلەر قىشتىكى ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىردى دەلۋىدىۋانە ئاي كالېندارىدىكى 24 مەۋسۇمنىڭ بىرى مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشى بىلەن، گەنسۇنىڭ غەربىدىكى كىچىك شەھەر يۈمىن ھەيۋەت تۈسكە كىردى. يېقىندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە گەنسۇ يۈمىندا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قار، يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى. ھەممىلا يەردە... |
717 | شىنجاڭ 106 ياشلىق گۈلەنبەر موما تيەنئەنمېنغا چىقىپ شەرق قىزاردى نى ئېيتتى 19-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، 106 ياشلىق گۈلەنبەر موما تيەنئەنمېنغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. گۈلەنبەر مەمتىمىن خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزا خەلىپەئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، 1910-يىلى تۇغۇلغان، چىڭ سۇلالىسى، ... |
718 | شىنجاڭ ئادىل ھوشۇر: مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇر ئۆز خەۋىرىمىز: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى ئادىل ھوشۇر ئېگىز دارغا چىقىپ، قولىغا مەشئەل ئېلىپ ئاساسىي مەشئەلنى ياققان شۇ پەيتتە شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. مە... |
719 | خەلقئارا پاكىستان زۇڭلىسى ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 20-يانۋار تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 20-يانۋار، پاكىستاندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، يارىلاندى. بۇنىڭغا قارىتا، پاكىستان زۇڭلىسى شەرف بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىدى. پاكىستان زۇڭلى ئ... |
720 | مەملىكەت خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا مۇز پارچىلىرى ئېقىپ، ھەيۋتلىك مەنزىرە شەكىللەندى 20-يانۋار قاپاق ياردى مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆلىكىدە مۇز ئېقىش ئەھۋاللىرى ئېغىرلاپ، خۇاڭخې بىڭجۇ بۆلىكىدە ئاققان مۇزلارنىڭ زىچلىقى %50 %30 گىچە يەتكەن، ئەڭ چوڭ مۇز ... |
721 | مەملىكەت بېيجىڭدا شەنبە 30 يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ سوغۇق كۈن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ شەنبە 23-يانۋار سەھەر بېيجىڭنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 17- 16قا چۈشۈپ، بېيجىڭنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ي... |
722 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەققەززارلىق بىلەن كۆردى تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 20-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00دە ھەممەيلەن كۆز تىككەن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ مۇز ئۈستى مەركىزىدە گۇلدىرا... |
723 | خەلقئارا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا 2050-يىلى دېڭىز-ئوكياندىكى سۇلياۋ ئەخلەتلەر بېلىقلاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ سېنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ بىر مۇھىت ئاسراش فوندى دوكلات ئېلان قىلىپ: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىسا، 2050-يىلىغا بارغاندا دېڭىز-ئوكيانلاردىكى سۇليا... |
724 | خەلقئارا مولدوۋادا نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىغا بۆسۈپ كىردى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 20-يانۋار، مولدوۋانىڭ كىشىنېۋدا نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەزالىرى بىلەن بېلەت تاشلاشنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان قالايمىقانچىلىقتا، مولدوۋادا ياۋروپاپەرەس زۇڭلى باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت تەستىقلاندى. |
725 | پەن مائارىپ قاراقاش ناھىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى بالىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇلىتىپ ئېزىز خەۋىرى: ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىل كۈنلىرىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان قاراقاش ناھىيەلىك ياش-ئۆسمۈ... |
726 | مەملىكەت سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىشى بىلەن، سىچۈەن ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار سوغۇقتىن دالدىلاندى خەلق تورى، چىڭدۇ، 21-يانۋار تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يېقىندا سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالىنى تارقاتقان بولۇپ، قاتتىق سوغۇقتا كىشىلەر قېلىن كىيىنىۋالغان. ۋاھالەنكى چىڭدۇ ھايۋا... |
727 | مەملىكەت گۇاڭدۇڭدا ساقچىلار زەھەرگە چېتىشلىق پەۋقۇلئاددە زور دېلونى پاش قىلدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 2015-يىلى 12-ئايدا گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭۋەن، شېنجىن، خۇيجۇ، جاۋچىڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى ساقچىلار زەھەرگە چېتىشلىق پەۋقۇلئاددە زور دېلونى پاش قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 32 جىنايەت گۇماندارىنى قول... |
728 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قەشقەر شەھىرى كادىرلار يىغىنى چاقىردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىنىڭ كادىرلار يىغىنى 19-يانۋار مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلدى. |
729 | شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسىدە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ۋە ئامما بىرلىكتە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆردى 2016-يىل 20-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:00 دە ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ليۇماۋۋەن بازىرى چىنجياچۈ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ليۇماۋۋەن يېڭى كەنتىنىڭ ئىككى كەنت كومىتېتى كادىرلىر... |
730 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇما ناھىيەسىدە نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىكىم مۇھەممەت خەۋىرى: گۇما ناھىيەسى 12-بەش يىل مەزگىلدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بىرىش... |
731 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە سوۋغا تەقدىم قىلدى جاڭ يەنلى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاساسىي تېمىلىق ئىجادىيەتلىرىنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى 18 - يان... |
732 | خەلقئارا ب د ت: ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئىراقتا 19 مىڭ ئاۋام پۇقرا قازا قىلدى جۇڭگو تورى 21-يانۋار تېلېگراممىسى: قاتار تاراتقۇلىرىنىڭ 20-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت سەيشەنبە بىلدۈرۈپ: ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئىراقتا جەمئىي 19 مىڭ ئاۋام پۇقرا ئۇرۇشتا قازا قىلغان، دېگەن ۋە بۇنى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق نوپۇس زىيىنى دەپ تەسۋىرلىگەن. |
733 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدا ئېچىلغانلىقىغا تەنتەنە قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 20-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. 20-نويابىر چۈشتىن ... |
734 | شىنجاڭ شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئەسىدىكى ئوفتسېر، جەڭچىلەر قارلىق دالىدا مەشىق قىلماقتا ئۆز خەۋىرىمىز : يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا چۈشتى. 20-يانۋار جۇڭگو-قازاقىستان چېگرىسىنى قوغداۋاتقان شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى جېمىنەي چېگرا مۇداپىئەسى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئ... |
735 | شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى 19-يانۋار چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كوم... |
736 | خەلقئارا ئامېرىكا دوكلاتى: 2015-يىلى تېمپېراتۇرا خاتىرىلەش بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يىل بولدى جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھيۇستون 20-يانۋار تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئاتموسفىراسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قاتارلىق ئىككى ئاپپارات 20-نويابىر ئايرىم-ئايرىم دوكلات ... |
737 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈم كۆرۈلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى بۇلتۇر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ياخشى، پۇختا ئىشلەش ئۈچۈن باغۇ-بوستانلىقنىڭ ئۆزى بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆكەرتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى پاكىز خېجى... |
738 | شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا 35-قا چۈشتى شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 20-يانۋار، 24-مەۋسۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەۋسۇمى قاپاق ياردى مەۋسۇمى ۋە سىبېرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 25-تىن 35-قا چۈشتى. ئىگىلىنىشىچە، تۆۋەن تېمپېرات... |
739 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى كۇچا ناھىيەسىدە كۇتۇپخانىلار كۆپلەپ قۇرۇلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى ھەر قايسى ئورۇنلاردا كۇتۇپخانا، قىرائەتخانا قۇرۇپ، كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ سانى ۋە تۈرىنى كۆپەيتتى. بۇلتۇر 25 يېزا-بازار ۋە كوچا باشقارمىلىرىدىكى 242 كەنت ۋە ئىجتىمائى... |
740 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چىمەن بازىرى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەت ئىسمائىل خەۋىرى: كۇچا ناھيەسىنىڭ چىمەن بازىرى بۇلتۇر تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلەمنى كېڭەيتىش، تۇپراقنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، مېۋىلىك باغلارنىڭ سورتىنى ياخشىلاش، زىيانداش ھاشارات ۋە كېس... |
741 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى پەن-تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئائىلە ئاياللىرىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋىرى: 20-يانۋار، ئونسۇ ناھىيەلىك ئۇلۇغ ئاتا كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە نەچچە ئونلىغان ئاياللار كەسپى ئۇستامنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ غەرىپچە تورت ياساش تېخنىكىسنى ئۆ... |
742 | خەلقئارا يەتتە دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رادېكال تەشكىلات كە زەربە بېرىشكە كېلىشتى سېنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى نىڭ 20-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 20-يانۋار، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پارىژدا يىغىن ئاچقان، ھەر... |
743 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مىنۇس قىممەتتە ئاشتى شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2015-يىل ئۈرۈمچىدە 105 مىڭ 357 يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئازايغان. بۇ 2010-يىلدىن بۇيان مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە سېتىلغان ئاپتومول مىقدارىنىڭ تۇنجى قېتىم مىنۇس قىممەتتە ئېشىشى... |
744 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى گۇلاخما بازىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ قان تولۇقلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان توختىسۇلايمان، مەتساۋۇر مەتغازى خەۋىرى: چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما بازىرى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ... |
745 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى: قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بۇلتۇرقى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 4 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 4 مىليارد 108 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 12-بەش يى... |
746 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى 12-بەش يىل دا بورتالا شەھىرىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىدى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرى مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەستىقلايدىغان ئىشلار بىلەن ئىش بېجىرىش تەرتىپلىرىنى قىسقارتىپ، ئۈچ كېن... |
747 | شىنجاڭ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى شىنجاڭ قۇملۇقىدا مانېۋىر ئېلىپ باردى جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى يېقىندا شىنجاڭنىڭ سوغۇق باياۋان قۇملۇقلىرىدا كۆپ خىل ئارمىيە ماسلاشما مانېۋىرى ئېلىپ باردى. مانېۋىر نەق مەيداندا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ ... |
748 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى بۇلتۇر بورتالا شەھىرىدە ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسى يەنىمۇ ئۆزگىرىپ، مەمۇرىي ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئۇچقۇن نۇراخۇن، مېھراي قادىر خەۋىرى: بۇلتۇر بورتالا شەھىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىكى بىلەن سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ... |
749 | مەملىكەت يەر شارىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە كارخانا تىزىملىكىگە خۇاۋېي ، ليەنشاڭ ، تېڭشۈن لەر كىردى ئامېرىكا بوستۇن مەسلىھەت سوراش ئىدارىسى 2015 يىلىدىكى يەر شارىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە 50 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. باھالاشتا يەر شارىدىكى 1500 كارخانا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەكشۈر... |
750 | شىنجاڭ مايمۇن يىللىق خاتىرە پۇل تارقىتىلىشقا باشلىدى مايمۇن يىللىق خاتىرە پۇلنىڭ ئالدى يۈزىگە خەنزۇچە جۇڭگو خەلق بانكىسى ، پۇل سوممىسى 10 يۈەن ۋە 2016 دېگەن يىل نامى بېسىلغان. ئارقا يۈزىگە مايمۇننىڭ قولىنى سايە قىلىپ يىراققا قاراۋاتقان سىمۋولى ۋە گۈللۈك شاپتۇل پانۇس، شاپتۇل چېچىكى نەقىشى چۈشۈرۈلگەن. مايمۇن يىللىق خاتىر... |
751 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى 2 كەسپى ئىستىقباللىق كەسىپ كارخانىلار 2 كەسپىنى كېڭەيتىشتە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈر تۇرغۇزۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىشى ھەم تۈرنىڭ خەۋپ خەتىرىنى كونترول قىلغان ئاساسىدا رىقابەت كۈچى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى يارىتىشى؛ خەۋپ خەتەرنى كونترول قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەۋ... |
752 | ۋىلايەت ئوبلاست خەۋەرلىرى چۈجۇ شەھىرىنىڭ 12-بەش يىل دا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە سالغان نىشانلىق مەبلىغى ئىككى مىلياردتىن ئاشتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇسالام نىياز، رەناگۈل نىياز خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ چۈجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق باش ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 12-بەش يىل لىق پىلان مەزگىلىدە چۈجۇ شەھىرى ئۇچ... |
753 | خەلقئارا ئاۋسترىيە مۇساپىر قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ يۇقىرى چەكنى بېكىتتى گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرى: ئاۋسترىيە زۇڭلىسى فايمان 20-يانۋار جاكارلاپ، 2016-يىلى بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 37 مىڭ 500 مۇساپىرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، 2019-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن 130 مىڭ مۇساپى... |
754 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى تىجارەت تۈرىنى تاللاشتا... ئابلەت جۈمە تۇپراق تۇنجى قېتىم تىجارەت قىلماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن تىجارەت تۈرىنى تاللاش مۇھىم. ھەرقانداق تىجارەتچى تۇنجى تىجارەتكە كىرىشىشتىن ئىلگىرى يۈرەكلىك ھالدا بىرەر تۈر بويىچە تىجارەت باشلاشنى نىيەت قىلسىمۇ، قايسى تۈر بويىچە تىجارەت باشلاشنى دەماللىققا ھۆكۈم قىلالم... |
755 | شىنجاڭ مۇقەددەس ئوت جاھانغا نۇر چاچتى شى شىن، سادىق ئىمىر ۋاقىت ئاتقان ئوقتەك تېز ئۆتۈپ، ئاجايىپ دەقىقىلەر ھەش پەش دېگۈچە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ. 20 يانۋار، مەملىكەتلىك 13 نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلىگە ئوت يېقىلغان ئاشۇ پەيتتە، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن تەڭرىتاغدا قار مۇز تەنھەرىكى... |
756 | شىنجاڭ قاناتلانغان ئارزۇ ۋە ئۈمىد 1 مەشئەلچى: ۋاڭ جيې، ئابدۇشۈكۈر مىجىت 2008 يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگولۇقلارنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىسىگە ئايلىنىپلا قالماي، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. 24 ياشلىق ۋاڭ جيې شىنجاڭ ئۈچۈن تۇنجى كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ... |
757 | شىنجاڭ لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان مۇقەددەس ئوت بۈگۈن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە سارىيىدا داۋاملىق لاۋۇلداپ ياندى. بۈگۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقىلىرى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 15 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدۇ. |
758 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى مەركىزىي بانكا: رەقەملىك پۇلنى بالدۇرراق ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىمىز 20-يانۋار، جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى رەقەملىك پۇل تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى پائال قۇبۇل قىلىپ، مەركىزىي بانكا تارقىتىدىغان ... |
759 | مەملىكەت مەركىزىي بانكا: رەقەملىك پۇلنى بالدۇرراق ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىمىز 20-يانۋار، جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى رەقەملىك پۇل تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى پائال قۇبۇل قىلىپ، مەركىزىي بانكا تارقىتىدىغان رەقەملىك پ... |
760 | شىنجاڭ ئابدۇشۈكۈر مىجىت: مەن تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ـــ نەق مەيداندا تۇنجى مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ مەشئەلنى ئوڭ قولۇمدا ئېگىز كۆتۈرۈپ ناھايىتى مەزمۇت، مەيدەمنى تىك تۇتۇپ مۇز ئۈستىدە مەردانە ماڭغىنىم بىلەن 100 كلوگىرامدىن ئاشىدىغان بۇ بەدىنىم بىلەن مۇز ئۈستىدە تېيىلىپ يى... |
761 | شىنجاڭ 13 قەدەمدە مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد 20-يانۋار كەچتە پەلەك شاھزادىسى ئادىل ھوشۇر داردا مېڭىپ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئېلىگە ئوت تۇتاشتۇردى، بۇ شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ئوت تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلى تېزدىنلا ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى قىزىق پاراڭ... |
762 | شىنجاڭ 2015-يىلى مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغ 64 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يەتتى مۇخبىرنىڭ 19-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى پۈتۈن شىنجاڭ مائارىپىغا جەمئىي 64 مىليارد 620 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 9 مىليارد 800 مىليون يۈەن كۆپ ئىكەن. شىنجاڭ ئۇيغ... |
763 | ئىجتىمائىي خەۋەرلەر ئېلىمىز خەير-ساخاۋەت ھاۋالىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلماقچى جۇڭگو خەير-ساخاۋەت بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان خەير-ساخاۋەت كۈچى نى ئاساسىي تېما قىلغان 2015-يىللىق جۇڭگو خەير - ساخاۋەت يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى لىگو خەير-ساخاۋەت يىللىق يىغىنىدىكى تەبرىك سۆزىدە م... |
764 | ئىقتىساد خەۋەرلىرى كۆپلىگەن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئۈمىدۋار قارايدىكەن جۇڭگو ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى 20-يانۋار ئېلان قىلغان 2016-يىللىق جۇڭگو سودا مۇھىتى تەكشۈرۈش دوكلاتى دا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپلىگەن چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئۈمىدۋ... |
765 | مەملىكەت ئېلىمىز 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئالتە چوڭ ھاۋا رايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ جۇڭگو ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ گوگۇاڭ 20-يانۋار مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئالتە چوڭ ھاۋا رايى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، 2020-يىلى ھاۋا رايىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشق... |
766 | مەملىكەت ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاھالىلارنىڭ كىرىم پەرقىنى... |
767 | مەملىكەت ئېلىمىزنىڭ بەش يىلدا كىرگۈزگەن چەت ئەل مۇتەخەسسىسى جەمئىي ئۈچ مىليون ئادەم قېتىم گە يەتتى دۆلەتلىك چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جەنگو 19-يانۋار 2016-يىللىق مەملىكەتلىك چەت ئەل ئەقلىي ئىقتىدار كىرگۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، چەت ئەللەردىن ئېلى... |
768 | مەملىكەت پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلىدۇ چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، نەق پۇل يۈرۈشتۈرۈش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە، يۈرۈشتۈرۈشچان داۋالغۇش بېسىمى زورايماقتا. جۇڭگو خەلق بانكىسى 19-يانۋار ئالدىن، ئىنچىكە تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدىكى يۈرۈشتۈرۈشچان... |
769 | مەملىكەت خاربىندا قاتتىق سوغۇق بولدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇز شەھىرى خاربىن بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق پەسىلنى كۈتۈۋالدى. مۇخبىر سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30-بولغان شارائىتتا ئىسسىق سۇنى ھاۋاغا چاچقاندا شىددەت بىلەن مۇز قاتتى. مۇشۇنىڭدەك ھاۋارايى شارائىتىدا سىرتلاردا يۈرگەنلەرنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى قىراۋ بېسىپ كەتتى. |
770 | مەملىكەت جۇڭگونىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىساد نەتىجىسىدىن كەلگۈسى يۈزلىنىشكە نەزەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2015-يىللىق دوكلاتى 19-يانۋار ئېلان قىلىندى، دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا ئىقتىساد %6 ئېشىپ، %7 ئەتراپىدىكى يىللىق ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىستېمال، ئاھالىلەر كىرىمى قاتارلىق ئا... |
771 | مەملىكەت دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇلتۇرقى خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 67 تىرىليون 670 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخش... |
772 | خەلقئارا يېڭى زېلاندىيە ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ يېڭى زېلاندىيە ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. يېڭى زېلاندىيەگە بارغان خەلقئارالىق ساياھەتچىلەر ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگ... |
773 | خەلقئارا رۇسىيە ئەمەلدارى: رىقابەت كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكى رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپ ياردەمچىسى ۋاخلۇكوف 19-يانۋار مۇنداق دېدى: رىقابەت كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە خام ماتېرىيال ئېكسپورتىنىڭ تەرەققىيات قېلىپى رۇسىيە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىن... |
774 | خەلقئارا لىۋىيەدە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى رەسمىي تەشكىللەندى لىۋىيە زۇڭلى كومىتېتى 19-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى رەسمىي تەشكىللەندى، زۇڭلى كومىتېتى شۇ كۈنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 32 مىنىستىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، نوپۇزلۇق... |
775 | شىنجاڭ شىنجاڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ 5-باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى دەۋرىگە قەدەم قويدى 18-يانۋار، ئۈرۈمچى نېفىت- خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان 974 توننا 95 - نومۇرلۇق دۆلىتىمىزنىڭ 5- باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى دىكى بېنزىن، تۇنجى قېتىم 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈ... |
776 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلماقچى بۇيىل ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى تارقىتىش ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇپ تىزىملاپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ. بۇ بازار ئىجازىتى شەرتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممى... |
777 | شىنجاڭ شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى شەرەپ بىلەن 2015-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى تىزىملىكى گە كىردى مۇخبىرنىڭ سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى شەرەپ بىلەن 2015-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى تىزىملىكى گە كىرگەن. جۇڭگو داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى تىزىملىكى ئۆز ئىچىگە ئې... |
778 | تېمىلىق خەۋەر مىيلان ئەرەنچە كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلدى 18-يانۋار، ئىتالىيەنىڭ مىيلان شەھىرىدە ماركىسىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ئاندىرىيا پىنپىلىئو ماركىسى 2016-2017 كۈز ۋە قىش پەسلى ئەرەنچە كىيىم -كېچەك ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئېلگىرى ئارقا سەھنىدە تەييارلىق قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، مىيلان ئەرەنچە كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكى 15... |
779 | شىنجاڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تاماشىبىنلار ۋە تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى قىزىقارلىق نومۇرلار ۋە دېكراتسىيەلەردىن تەسىرلەندى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەيلى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بولسۇن ياكى تەنتەربىيە خىزمەتچ... |
780 | مەملىكەت جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 21- تۈركۈمدىكى قاتناشنى قوغداش ئەترىتى سىرىلانكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى شۇ يەر ۋاقتى 21-يانۋار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغدىغۇچى ليۇجۇ پاراخوتى، سەنيا پاراخوتى ۋە ئۇنىۋېرسال تەمىنات چىڭخەي كۆلى پاراخوتىدىن تەركىب تاپقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 21-تۈركۈمدىكى قاتناشنى قوغداش ئەترىتى ... |
781 | مەملىكەت ئىچكى موڭغۇلنىڭ گېنخې شەھىرىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا 47 - بولدى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى گېنخې شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 21-يانۋار گېنخې شەھىرىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا 47 -بولۇپ، قاتتىق سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتەتتى. ئىچكى موڭغۇلدىكى گېنخې شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىر ئېگ... |
782 | خەلقئارا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئىشتات جىددىي ھالەتكە كىردى جۇڭگو ئاخبارات تورى 22-يانۋار تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 21-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رايونلاردا كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە جۇدۇن بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇدۇندا ئىشتات تاشيولىنىڭ توسۇلۇشى، ئايروپى... |
783 | مەملىكەت مايمۇن يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ قۇت قونچىقى كاڭ كاڭ رەسمىي ئېلان قىلىندى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق كېچىلىك ئورگان مىكرو بىلوگىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2016-يىللىق مايمۇن يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ قۇت قونچىقى كاڭ كاڭ رەسمىي ئېلان قىلىندى. تارىختىن بۇيانقى چاغانلىق ... |
784 | خەلقئارا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ دائۇستا باشلاندى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنى 20-يانۋار شىۋېيتسارىيەدىكى كىچىك بازار ـــ دائۇستېا باشلاندى. بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىن 20-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنى قانداق كونترول قىلىش ت... |
785 | مەملىكەت شېنياڭ ساقچىلىرى قانۇن بويىچە 4288 دانە قارا تاكسى نى تۇتۇپ قالدى شېنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 21-يانۋار 2016-يىلى يىل بېشىدا قارا تاكسى غا زەربە بېرىش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 20-يانۋارغىچە قانۇن بويىچە 4288 قارا تاكسى نى تۇتۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە قارا تاكسى دىن 884 ى، جەسەت توشۇش قارا ئاپتوموبى... |
786 | خەلقئارا رۇسىيەدە كىشىلەر لېنىن ۋاپاتىنىڭ 92 يىللىقىنى خاتىرىلىدى خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 21-يانۋار، رۇسىيەنىڭ موسكۋادا كىشىلەر قىزىل مەيداندا يىغىلىپ لېنىن ۋاپاتىنىڭ 92 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 1924-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 6:50 تە، لېنىن موسكۋا ئەتراپىدىكى گوركى كەنتىدە 54 يېشىدا ۋاپات بولغان... |
787 | مەملىكەت قەھرىتاندىكى ئىللىقلىق خەلق تورى، فۇجۇ، 21-يانۋار تېلېگراممىسى: تېمپېراتۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن سوغۇق ھاۋا ھەرمىللەت كىشىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو نېفىتچىلىك گۇرۇھى جەنۇبتىكى تۆت ئۆلكىدىكى تۆمۈر ئات قا مىنىدىغانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى... |
788 | خەلقئارا فىرانسىيە 130 يىل بۇرۇن ئوغرىلانغان ھەيكەلنى كامبودژاغا قايتۇرۇپ بەردى شۇ يەر ۋاقتى 21-يانۋار، كامبوژانىڭ فنومپېندا فىرانسىيە گۇيمېت دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيى 130 يىللار بۇرۇنقى ئوغرىلانغان شاھزادە خاررى خارانىڭ ھەيكىلىنى كامبودژا دۆلەتلىك مۇزېيغا قايتۇرۇپ بەردى. |
789 | خەلقئارا بىرازىلىيەدە كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى جۇڭگو ئاخبارات تورى 22-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-يانۋار، بىرازىلىيەدە بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئالتە ئادەم قازا قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھادىسە بىرازىلىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بولۇپ،... |
790 | مەملىكەت يەنبيەندىكى گۈزەل قىش مەنزىرىسى مۇخبىر 21-يانۋار جىلىن يەنبيەن ئەۋلىيا چوققىسى دۆلەتلىك ئېكولوگىيە باغچىسى تۆرەم چوققىسىدىكى تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى. جىلىن يەنبيەن ئەۋلىيا چوققىسى دۆلەتلىك ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى تۆرەم چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 1400 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ھەر يىلى 10-ئايدىن 4-ئايغىچە، ... |
791 | خەلقئارا يەر شارىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى جۇڭگودا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىغىمۇ زومىگەر دەرىجىلىك جۇدۇننىڭ شەپىسى كەلدى. ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش سوغۇق ئېقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبتا تېرىغان بالاسى . ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بىر ق... |
792 | شىنجاڭ 2016-يىللىق شىنجاڭ تور چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 29-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدۇ ئۆز خەۋىرىمىز: 2016-يىللىق 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 29-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 520 زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كېچىلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى دې... |
793 | خەلقئارا ئۇكرائىنادا ئاياللار ئارمىيەگە كىرىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 21-يانۋار، ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدا ئاياللار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئاياللارنىڭ ئارمىيەگە كىرىشىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ جىنسىي كەمسىتىشىگە قارشى تۇردى. |
794 | شىنجاڭ بۇ يىل شىنجاڭدا 12385 مەملىكەتلىك مېيىپلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئېچىلىدۇ مۇخبىرنىڭ 21-يانۋار 2016-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا بۇ يىل 12385 مەملىكەتلىك مېيىپلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا مېيىپلار ئالاقىدار سىياسەتلەردىن خەۋەردار بول... |
795 | شىنجاڭ ئاياللارنىڭ بوشلۇقتا ئەركىن چاڭغا تېيىلىش ماھارىتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جاڭ شىن ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى 21-يانۋار ئۈرۈمچى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ شىن مۇسابىقىدە. زو يى فوتوسى مۇخبىرىمىز دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 21 - يانۋار مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت... |
796 | شىنجاڭ خاربىن كوماندىسى ئالتۇن مېدالغا، ئۈرۈمچى كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسىدە خاربىن كوماندىسى ئالتۇن مېدالغا، ئۈرۈمچى كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى خالىدە ئوبۇل خەۋەر قىلىدۇ: 21 - يانۋار چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار مۇز توپ مۇسابىقىسى... |
797 | ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ئاققۇۋۇق، تۆگەدەڭ يول بۆلەكلىرىدە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئاق قۇۋۇق، تۆگە دەڭدىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا كاپاكەتلىك قىلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-... |
798 | خەلقئارا 2015-يىلدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار مەخپىي نومۇرلار رەت تەرتىپى: 123456 بىرىنچى رەتتە ئامېرىكا مەخپىي نومۇر باشقۇرۇش ئەمەلىي پىروگرامما تەمىنلەش تارمىقى بىر قانچە كۈن بۇرۇن 2015-يىللىق ئەڭ ناچار مەخپىي نومۇرلار نى باھالاپ چىققان، ئالدىنقى يىللارغا ئوخشاشلا 123456 ۋە يەنىلا تور ئەھلى كۆپ قوللىنىدىغان، ناھايىتى ... |
799 | شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى بىلەن تۇنجى قېتىم غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىسلاھاتنى يولغا قويدى مايىنىڭ، جاڭ جۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا جۇڭگو نېفىت خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بايىنغولىن موڭغ... |
800 | شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 7 قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلان خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 2020 يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 10مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: 9 يانۋار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 7 قېتىملىق شىنجاڭغا ... |
Subsets and Splits
No community queries yet
The top public SQL queries from the community will appear here once available.